قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2596|ئىنكاس: 8

تاشكەنتتە ئۆتكەن كۈنلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

16

تېما

0

دوست

1548

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   54.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22327
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 37
تۆھپە : 472
توردىكى ۋاقتى: 74
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 21:20:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                               تاشكەنتتە ئۆتكەن كۈنلەر

  

                                              تەلئەت ناسىرى


     1999-يىل 19-ئاپرېل تاشكەنت شەھىرىگە تىنچ-ئامان يېتىپ كەلدىم. بۇ مېنىڭ تاشكەنت كېلىستىكى ھەدەم خالىدە سۇلتانوفلار ئائىلىسىگە ئۈچۈنچى قېتىم تۇغقان يوقلاپ كېلىشىم ئىدى. كەلگىنىمنى ئاڭلىغان ئۇرۇق-تۇغقان، ئەل-ئاغىنە، يۇرتداشلار ھەمدە ئالدىنقى ئىككى مەرتىۋە كەلگىنىمدە تونۇشقان يازغۇچى، ئەدىبلەرمۇ پەتە قىلىپ كېتىشتى. ئۆزبېكستان يازغۇچىلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئابدۇللا ئارىپوف 1991-يىلى ئۈرۈمچىگە كېلىپ كەتكەنىدى. ئۆزبېكستان ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئالدىنقى ۋەكىللىرىدىن بىرى، شۇنداقلا ئۆزبېكستان دۆلەت گېمى تېكىستىنىڭ ئاپتورى بولغان بۇ مەشھۇر شائىر ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىگە كەلگىنىدە ئۇچراشقان ئۇيغۇر يازغۇچى، شائىرلىرىنى ھەمدە ئۇلار بىلەن ئۆتكۈزگەن شېرىن سۆھبەتلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى.

     كېلىپ-كېتىشلەر بېسىققاندىن كېيىن، ئۇرۇق-تۇغقانلار ئائىلىسىنى يوقلىغاچ، تاشكەنت شەھىرىنى ئارىلىدىم. شەھەر قۇرۇلۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئادەمنى جەلب قىلارلىق دەرىجىدە زور ئىدى. يېڭىدىن سېلىنغان كۆركەم بىنالار، قايتىدىن كېڭەيتىپ قۇرۇلغان كوچا-مەيدانلار، قەدىمكى ۋە ھازىرقى نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن مىللىي قەھرىمانلار ھەيكەللىرى، كوچا-دوقمۇشلاردىكى ئۆزبېكىستان ۋە چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ تۈرلۈك ئېلانلىرى، ئاۋات بازارلار، ماگېزىنلاردىكى رەڭدار ۋېۋىسكىلار، چىراغلار، داۋاملىق ئۇزارتىپ سېلىنىۋاتقان تاشكەنت مېتروسى (يەر ئاستى تۆمۈر يولى)، چوڭ كوچىلاردا غۇيۇلداپ يۈرگەن چەت ئەللەرنىڭ ماشىنىلىرى، غەربلىكلەر مەدەنىيىتىگە ماسلىشىپ، ئۇلارچە كىيىنىپ يۈرگەن ياشلار... مانا بۇلار كۈنسېرى سىلجىۋاتقان ئۆزبېكستان ئىسلاھاتى تەرەققىياتىنىڭ مەركەزدىكى ئىخچام كۆرۈنۈشى ئىدى.

    ئۆزبېكستان ۋەزىيىتى قوشنىلىرىغا قارىغاندا بىر قەدەر مۇقىم ۋە تېنچ ئىدى. ئەتە كەچ كوچا-كويلاردا خاتىرجەم يۈرگىلى بولاتتى. سومكا ۋە يانلىرىڭىزغا خالىغانچە پۇل سېلىپ ئاپتوبۇس ياكى بازارلاردا، زىچ ئادەملەر ئارىسىدا يۈرسىڭىزمۇ، پۇلىڭىزغا كۆز قىرىنى تاشلايدىغانلار يوق دىيەرلىك ئىدى. كىشىلەر ھويلا-ئاراملىرىنى ئادەتتىكىدەك بېكىتىپ ئۇ يەر-بۇ يەرلەرگە خاتىرجەم بېرىپ كېلەلەيدىكەن. بۇ ھالنى دوستۇم ئەبدىرەشىت ماڭا: «بۇرۇن ماشىنىمىزنى دۇكان ياكى ھويلىدىكى ئىشىك ئالدىغا توختىتىپ، ئۆيدە ئون مىنۇت خاتىرجەم ئولتۇرالمايتتۇق، ھازىر كۈنلەپ تاشلاپ قويساقمۇ، ئۆز ئورنىدا تۇرىۋېرىدۇ» دەپ سۆيۈندى. ھەقىقەتەنمۇ ئۆزبېكستان ھۆكۈمىتى مۇقىملىق ۋە خاتىرجەملىكنى ھەممىدىن ئەلا بىلگەچكە، كەڭ خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىپ ئىسلاھاتتا كۆرۈنەرلىك ئۇتۇقلارغا ئېرىشىپتۇ.

    ئۆز نۆۋىتىدە شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، دۇنيا مىقياسىدا مەملىكىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەتلەردە بىر ئورتاقلىق بار، ئۇ بولسىمۇ، ئىلگىرلەش جەريانىدىكى ئەگرى-توقايلىق. ئۆبېكستانمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس، ئەلۋەتتە. بولۇپمۇ بەزى تۈزۈلمە قۇرۇلمىسىدىكى قاتماللىقلار، ئىقتىسادىي يۈكسىلىشنىڭ نورمالسىزلىقى، كۈنسېرى ئۆرلەۋاتقان مال باھاسى كەلتۈرۈپ چىقىرۋاتقان پۇل پاخاللىقى، دۆلەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ تۆۋەن مائاشى... ھەر بىر ئائىلە، ھەر بىر شەخسنىڭ روھىي دۇنياسىغىچە تاقىلىپ، بەزى ئىرادىسى ئاجىزلارنىڭ جەمئىيەتكە، تۈزۈمگە بولغان رايىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكەن. ئەمما، كۆپچىلىك خەلق يەنىلا ئىشەنچ ۋە ئۈمىدكە تولغان، قەتئىي ئىرادىدە ئىسلاھاتنىڭ بارغانچە كەڭ دائىرىدە قانات يېيىشىغا ماسلىشىپ، يېڭى، زامانىۋى، تەرەققىي تاپقان، گۈللەنگەن، باي مەملىكەتنى بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋېتىپتۇ.

    مېنى تەئەججۈپلەندۈرگىنى شۇ بولدىكى، ئۇلاردىكى تۈزۈم، ئىدېئولوگىيە-سىياسىي قارىشى بىز بىلەن تۈپتىن پەرقلەنسىمۇ، ئۆتكۈنچى دەۋردىكى تەدبىر، ئامال-چارىلەر بىزنىڭ ئۇسۇللرىمىزغا بەكمۇ ئوخشاپ كېتىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئاۋام خەلقىدىن تارتىپ كەڭ زىيالىي، ئەدىب-ئەربابلىرىغىچە بىزگە، بولۇپمۇ ئىلگىرىلەشتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمىزگە بالىدەك قىزىقسىنىدىكەن. مەن بىلەن ئۇچراشقان ھەم سۆھبەتتە بولغان زىيالىيلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مەملىكىتىمىزنى بىر كۆرۈش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى، تېلېۋىزوردا بىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى، بولۇپمۇ دېڭىز ياقىلىرىدىكى تەرەققىيات رايونى، ئېچىۋېتىلگەن شەھەر، ناھىيىلىرىمىزنى كۆرۈپ ئەقلى ھەيران قېلىشقانلىقىنى، بىزگە ئاپىرىن ئوقۇيدىغانلىقىنى ئېيتىشتى.

     

قەدىناسلار ھۇزۇرىدا


      1999-يىل11-ماي تەكلىپ بىلەن تاشكەنتتىكى ئۆزبېكستان يازغۇچىلار كېڭىشىگە باردىم. بۇ كۈن ئۆزبېك شائىرى، ئۆز زامىنىسىدىكى نۇرغۇن ئۆزبېك ناخشا تېكىستلىرىنىڭ ئاپتورى ئەكمەل پولاتوف تۇغۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىق خاتىرە كۈنى ئىكەن. ئۆزبېكستاننىڭ داڭلىق يازغۇچىلىرىنىڭ كۆپچىلىكى دېگۈدەك بۇ سورۇنغا يىغىلغانىدى. شائىر بۇنىڭدىن بىر نەچچە يىللار ئىلگىرى ۋاپات قىلغاچ، ئايالى باشلىق ئائىلە ئەزالىرىمۇ كەلگەنىدى. مەن 1989-يىلىدىن تونۇش يازغۇچىلاردىن ئادىل ياقۇبى، سەيىت ئەھمەد، مىرھۇخسىن...قاتارلىقلار بىلەن قىزغىن كۆرۈشتۈم.

    خاتىرىلەش يىغىنى ئۈچ سائەتكە يېقىن داۋام قىلدى. كېيىن يازغۇچىلار ئويۇشمىسىنىڭ ئارقا ھويلىسىدىكى باغدا ئويۇشتۇرۇلغان زىياپەتكە داخىل بولدۇم. سورۇندا ئادىل ياقۇبى ۋە سەيىت ئەھمەد ئاكىلار بىلەن بىللە ئولتۇردۇم. ئادىل ياقۇبى سۆزلەپ كېلىپ، يازغۇچى تۇردى سامساق ئاكىنىڭ ۋاپاتىدىن كېچىكىپ خەۋەر تاپقانلىقىنى، قايغۇرغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئۇيغۇر يازغۇچىسى مەرھۇم تۇردى سامساق ئاكىنىڭ ئادىل ياقۇبى بىلەن 80-يىللىرىدىن باشلاپ خەت ئارقىلىق تونۇشقانلىقىنى، 1989-يىلى تۇردى سامساق ئاكا ئادىل ياقۇبىنىڭ «ئاتامان» ناملىق داڭلىق ھېكايىسىنى ئويغۇرچىلاشتۇرۇپ، بىزنىڭ ژۇرنالدا ئېلان قىلدۇرغانلىقىنى بىلەتتىم.

    يازغۇچى سەيىت ئەھمەد ئاكا مەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكى ئويناپ چىققان، كېيىن «شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئىتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «كېلىنلەر قوزغىلىڭى» كومېدىيىسى ھەققىدە سۆزلەپ كېلىپ، 1989-يىلى ئۆزبېكستان دوستلۇق دېلىگاتسىيىسى بلەن بىرگە كېلىپ، ئۈرۈمچى، قەشقەرلەردە ئۆتكەن كۈنلىرىنى ھاياجاندا ئەسلەپ ئۆتتى. مەن ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى زەن قويۇپ ئاڭلاپ، سورىغان سوئاللىرىغا لايىقىدا جاۋاب بېرىپ ئولتۇردۇم.

    ئۆزبېكستان ئىسلاھاتىدىكى بەزى قىيىنچىلىقلار ھەممە ساھەگە گىرەلىشىپ كەتكەنىدى. يازغۇچى، شائىر، ئەدەبىياتشۇناس ئەدىبلەرنىڭ خەلق ئارىسىدا ئاۋۋالقىدەك ئىززەت-ئابرۇيى بولسىمۇ، كۆز ئالدىدىكى رېئال ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق، نائىلاج ئېتىبارسىزلىقلار ئۇلارنىڭ بۇرۇنقىدەك ئەركىن پائالىيەت، ئازادە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئىمكان بەرمەيتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇلار تىرىشىپ – تىرمىشىپ توسالغۇلارنى يىمىرىپ يول ئىچىشقا ئىزدىنىۋېتىپتۇ.

    مەن ئۆزبېكستان يازغۇچىلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئابدۇللا ئارىپوف بىلەن سۆزلەشكىنىمدە، يەكەندىكى فۇرقەت مەقبەرىسىنى ئۇلارنىڭ زىيارەت-تاۋاپ قىلىشىنى تەكلىپ قىلىپ ئېيتتىم: «ھۆكۈمىتىمىز ئۆزبېك جەمئىيىتىمىزنىڭ تەكلىپىنى ئالاھىدە ئېتىبارغا ئېلىپ بۇنىڭدىن ئون يىل مۇقەددەم قوقەندلىك ئۆزبېك كلاسسىك شائىرى زاكىرجان خالمۇھەممەد ئوغلى فۇرقەتنىڭ مەقبەرىسىنى قايتا ھەشەمەتلىك قىلىپ تىكلەپ بەردى. ھازىر فۇرقەتنى بىلىدىغان مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كىشىلەردىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزغا كەلگەنلىرى ئۇنىڭ مەقبەرىسىنى تاۋاب قىلىپ قايتماقتا. ئەسلىدە سىزلەر ھەممىدىن ئاۋۋال بېرىشىڭىزلەر لازىم ئىدى. بىز بولساق شۇ كەمگىچە كۈتۈۋاتىمىز». ئابدۇللا ئارىپوف جەۋابەن بارالماسلىقىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىقتىسادتا ئىكەنلىكىنى، يۇقىرىنىڭ يازغۇچىلار كېڭىشىنى بۇرۇنقىدەك خىراجەت بىلەن تەمىنلەشكە ئامال قىلالمايۋاتقانلىقىنى ئوچۇق-يورۇق ئېيتتى. مەن ئۇلارنى چۈشەنگەچكە، ئارتۇقچە گەپ قىلمىدىم. ئەھۋال راستىنلا قىيىن ئىدى. ئەدەبىيات-سەنئەت، نەشرىيات، كىتابخانىلارغىچە بۇرۇنقى ئاۋاتلىقلار سۇسلىشىپ، چۆللىشىپ قالغاندەك ئىدى.

    ئۆزبېكستاندا يېڭىدىن چىقىۋاتقان نوپۇزلۇق ژۇرنال«جاھان ئەدەبىياتى» نىڭ باش مۇھەررىر مۇئاۋىنى مىرپولات مىرزا بىلەن ئىشخانىسىدا پاراڭلاشقىنىمدا «تەلئەت ئاكا، ژۇرنىلىمىزنى ئىككى يىل ئالدىدا پرېزىدېنتىمىز ئۆز قولى بىلەن تەستىقلاپ، نەشر قىلدۇرغانىدى. ھازىر، بەزىدە تراژنىڭ ئازىيىپ كېتىشى، خراجەتنىڭ ۋاقتىدا كەلمەسلىكىدىن جىددىيلىشىپ كېتىمىز»، دەپ ئۆز ھالىنى چۈشەندۈردى.

    7-ئاينىڭ1-كۇنى ئۆزبېكستاننىڭ خەلقئاراغا مەشھۇر شائىرى ئېركىن ۋاھىدوف بىلەن پارلامېنت بىناسى ئالدىدا كۆرۈشتۈم. بۇ يەرگە مېنى مىرپولات مىرزا باشلاپ كەلدى. قەددى-قامىتى كېلىشكەن، خۇش پېئىل، كەمتەر، مۇلايىم، قۇرامىدىن ياشلىق بالقىپ تۇرغان جەزبىدار بۇ كىشى ماڭا كۈتكىنمدىنمۇ زور ئىللىقلىق ئاتا قىلدى. ئەركىن ۋاھىدوف ماڭا، ئۆزىنىڭ چەت ئەللەردە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۆزبېكلەرنى ئوبدان چۈشىنىدىغانلىقىنى، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن مەملىتىمىزدە ئۆزبېكلەر نوپوسى ئىنتايىن ئاز بولسىمۇ، قېرىنداش مىللەتلەر قاتارىدا باراۋەر تۇرىدىغانلىقىنى، ئۇلار ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان ئالىم، پروفېسسور، يازغۇچى، شائىلارنىڭ ھەممە ساھەدە ئورنى ۋە ئىناۋىتىنىڭ بارلىقىنى، بىزنىڭ ئۆزبېك جەمئىيىتى مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتىم. شائىر مۇلايىم كۈلۈپ، بىزدىكى ئۆزبېكلەر ھاياتىغا ئالايىتەن قىزىقىدىغانلىقىنى، مەملىكىتىمىز بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تارىختىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان دوستلۇقنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ گۈللەپ-ياشنىشىغا تىلەكداشلىقىنى بىلدۈردى.

    ئېركىن ۋاھىدوف بىلەن بىللە رەسىمگە چۈشكەندىن كېيىن، تاشكەنت«ئابدۇللا قادىرى نامىدىكى خەلق مىراسى نەشرىياتى» 1999-يىلى نەشر قىلغان «مەنىۋىيەت يۇلتۇزلىرى» ناملىق ئەدەبىي كىتابى تىتولىغا خاتىرە يېزىپ ماڭا تەقدىم قىلدى.



خاسىيەتلىك قەدەملەر

    قىزىم ئايتەكىن سۇلتانوۋا 1996-يىلى تاشگو ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ «خەلقئارا ئىقتىساد فاكۇلتېتى»نى پۈتتۈرگەندىن كېيىن تاشكەنتتە تۇرۇشلۇق «شياڭگاڭ باۋيۇ» شۆبە شىركىتىدە تەرجىمان ۋە ماگېزىن دىرېكتورى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتاتتى. ئۆزبېكستانغا مېڭىش ئالدىدا تېلىفون بەرگىنىمدە: تۇغقانلارغا ئالىدىغان سوۋغا-سالامنى تاشكەنتنىڭ ئۆزىدىن ئالىمىز، يولدا ئاۋارىچىلىق تارتىپ قالىسىز، ھىچ نەرسە ئالماڭ! دەپ ئېيتقانىدى، شۇنداقتىمۇ، كۆڭلۈم ئۇنىماي يېتەرلىك سوۋغىلار ئېلىۋالدىم.

    تاشكەنتكە بارغىنىمدىن كېيىن، ئەھۋال ھەقىقەتەنمۇ قىزىم ئېيتقاندەك بولۇپ چىقتى. قىزىق يېرى شۇكى، يولبويى مىڭ بىر جاپالاردا ئېلىپ بارغان ماللارنىڭ ئۇ يەردىكى باھاسى بىزدىن كۆپ ئەرزان ئىكەن. ئۈرۈمچى توپ ماللار بازىرىدىن شاڭخەيدە ئىشلەنگەن كارىۋات ياپقۇچنى 120 سومدىن بىر نەچچە تال ئالغانىدىم. خۇددى شۇنداقلىرىنىڭ ئۇ يەردىكى باھاسى بىزنىڭ پۇلغا 90 سوم ئەتراپىدا ئىكەن. باشقا كىيىم-كېچەكلەرمۇ ئوخشاشلا تۆۋەن باھادا.

    تاشكەنتتە چارسۇ، ئالايىسكى، ئىپادىروم، تېزىكوف...قاتارلىق دەرىجىدىن تاشقىرى بازارلار بولۇپ، ھەممىسىدە دېگۈدەك چەت ئەل ماللىرى سېتىلىدىكەن. ئىپادىرومدا جۇڭگولۇق سودىگەرلەر قۇرغان كاتتا رەخت توپ سېتىش بازىرى بار ئىكەن. بىر كۈنى بۇ بازارنى ئارىلاپ كۆردۈم. شىپىك دۇخاۋا، ۋىلور(سۈئىي دۇخاۋا) نىڭ ئۈرۈمچى بازارلىرىدا كۆرۈپ باقمىغان، ئاجايىپ رەڭدار ۋە گۈلدارلىرىنى ئۇچراتتىم. باشقا تۈرلۈك رەختلەرمۇ ئېشىپ-تېشىپ يېتىپتۇ، تەننەرخىمۇ ئەرزان. بۇ ماللارنى ئۆزبېكستاننىڭ ئەنجان، سەمەرقەند، پەرغانە، قوقان، نەمەنگەن، بۇخارا...قاتارلىق شەھەر، ۋىلايەتلىرىدىن كەلگەن سودىگەرلەر توپلاپ ئېلىپ كېتىدىكەن.

    رەخت بازىرىدىكى جۇڭگولۇق سودىگەرلەرنىڭ كۆپچىلىكى شۇ يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىغا، سودا-سېتىقتىكى قانۇن-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، ئۆزىنىڭ ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ ئىناۋىتىگە شەك كەلتۈرىدىغان بولمىغۇر ئىشلارنى مۇتلەق قىلمايدىكەن. ئۇلار بار كۈچى ۋە ئىقتىدارى بىلەن ئۆز ۋاقتىدا ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىگە بىر تەرەپلىمە يامان تەسىر پەيدا قىلغان، جۇڭگونىڭ «بىراك ماللىرى» مەسىلىسىنى تۈگىتىشكە تىرىشىۋېتىپتۇ.

    بازارنى ئارىلىغاچ ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئاتۇش، يەكەن، خوتەنلەردىن بارغان دۇكاندار ئۇيغۇر يىگىتلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئەھۋاللاشتىم. دۇكانغا لىق تولغان سەرخىل ماللىرى ئالدىدا مەغرۇر ئولتۇرغان ئۇيغۇر يىگىتلىرى بىلەن سۆزلەشكىنىمدە، ئۇلار بۇ ماللارنى ئىنتايىن قىيىن بولغان شارائىتتا، مىڭ بىر مۇشەققەتتە تاموژنىلاردىن ئۆتۈپ، چېگرا ئاتلاپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، تۇرمۇشمۇ جاپالىق ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ كېلىپ:

    «ئاكا بۇلار بىزنىڭ ماللارنى <ئۇنداق-مۇنداق> دېگىنى بىلەن ھازىر بىر ئۆرۈلۈپلا، يەنىلا جۇڭگو ماللىرى ئەرزان ھەم ياخشىكەن، دەپ ماختىغىلى تۇرىدى. تېشىمىزنى تېشەلىسەك، خۇدا بۇيرۇسا كەلگۈسىدە بازار ئۆزىمىزنىڭ بولىدۇ، دەڭا»دېيىشتى.

    «يارايسىلەر! تىرىشىڭلار! سىلەرگە ئامەت تىلەيمەن!» دېدىم.

   ھازىر بىزنىڭ چەت ئەللەردىكى بىر قىسىم سودىگەرلىرىمىز ياقا-يۇرتلاردىكى مۇساپىرلىق، ئۆزگىچە مۇئامىلە، يەكلىنىش تۈپەيلى، نوقۇل پۇل تېپىش غەرىزىدىن ھالقىپ، ۋەتەننىڭ غۇرۇرى، ئىزەت-ئابرۇيىنى قوغداشقا ئىنتىلگەن مۇقەددەس روھىنى ئۆزلىرىمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىغان تەبىئىي ھالدا جۇش ئۇرغۇزۇۋېتىپتۇ.

   مەن بۇخارادىكى ئەمىر ئالىمخاننىڭ ئانىسى ئۈچۈن سالدۇرغان چار باغدىكى ئاقساراي ھەمدە قوقاندىكى خۇدايارخان ئوردىسى قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلغىنىمدا، ئۇ يەرلەردە ساقلىنىۋاتقان جۇڭگونىڭ ئادەم بويى كېلىدىغان گۈلدار لوڭقىلىرى، نەقىشلەنگەن ۋازىلار، گۈللۈك چىنە-تاۋاقلار، ھەرخىل رەڭدار چىنە-قاچا، چەينەكلەرنىڭ بىباھا ئاسار-ئەتىقىلىق قىممىتى بىلەن كۆز چاقنىتىپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۆز زامانىسىدا يىپەك يولى كارۋانلىرى ئارقىلىق توشۇلغان بۇ ماللار، ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن مەملىكىتىمىز ئوتتۇرىسىدىكى سودا-سېتىق، ئۆزئارا بېرىپ –كېلىش ئىشلىرىنىڭ گۈللەنگەنلىكى، راۋاج تاپقانلىقىنىنىڭ مەھسۇلى ۋە شاھىدى ئىدى. ئاتا-بوۋىلارنىڭ ئەنە شۇ ئەنئەنىسىنى بۈگۈنكى ئەۋلادلار خۇددى يىپەك يىپىدەك پۇختا رىشتىسى بىلەن خاسىيەتلىك قەدەملىرىدە ئۇزارتىپ ۋە كېڭەيتىپ بارماقتا.



ئۇنتۇلغان ئادەتلەر


    ئۆزبېكىستان يېزا ئىگىلىكىدە پاختا ئاساسلىق مەھسۇلات. قالغان ئاشلىق، كۆكتات، مېۋە-چېۋىلرى قوشۇمچە تېرىلىپ، يەتمىگىنى چەتتىن كىرگۈزۈلۈپ كەلگەن.

    تارىختىن مېۋە-چېۋە كانى ئاتالغان بۇ دىيار، ئۆز زامانىسىدا ھەسسىلەپ ئارتىلغان پاختا نورمىسىنى تۇلدۇرۇش ئۈچۈن، ئاشلىق ئېتىزلىرى ھەتتا باغ-ۋارانلارنى تۈزلەپ پاختا ئېكىنزارلىقىغا ئايلاندۇرغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز ئەكسىگە ئاستا-ئاستا قايتىۋېتىپتۇ.

    نىمجانلىرى تىرىلىپ، تىرىلگەنلىرى زورىيىۋاتقان بولسىمۇ، يوقالغانلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يېقىن ئارىدا يار بەرمىسە كېرەك، چۈنكى ئادەملىرىمۇ كۆنۈك ئادەتكە قانائەتلىنىپ يۈرۈۋېرىدىكەن.

    بۈگۈنكى ئۆزبېكستاننىڭ مەن كۆرگەن يېزا-بازارلىرىدا يېمەكلىكلەر ئېشىپ-تېشىپ تۇرۇپتۇ. ئاشلىق، گۆش-ياغ، تۇخۇم، كۆكتاتتىن تارتىپ، تاتلىق-تۇرۇم، مېۋە چېۋىلەرگىچە نېمىنى خالىسىڭىز شۇ تېپىلىدۇ. بىراق، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىدىن ھالقىپ كەتكەن نورمالسىزلىق، ئۈزۈلۈكسىز ئۆرلەۋاتقان مال باھا نەرخى، بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىۋاقتان پۇل پاخاللىقى كۆپچىلىكنىڭ، بولۇپمۇ دۆلەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ بۇ بازارلاردىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرغىدەك نەرسە-كېرەكلەرنى داۋاملىق ئېلىشىغا ئىمكان بەرمەيدىكەن. ئادەتتە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىلىرى ياكى شۇ دەرىجىلىك خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق ئىش ھەققى(ئۆزبېكستان سوممىسىغا) 8-10مىڭ ئەتراپىدا. بۇنى خەلقئارا پۇلغا سۇندۇرغاندا 20 دوللار ئەتراپىدا. پېنسىيىدىكىلەرنىڭ بولسا، ئاران 3000دىن 5000 غىچە. خىزمەتچىلەر مائاشىنى ۋاقتىدا ئالغىنىغا قانائەتلىنىپ، تەشكىلگە ئارتۇقچە تەلەپمۇ قويمايدىكەن.

    ئەمدى يېمەكلىكلەرنىڭ باھاسىغا كەلسەك، ئۇننىڭ 5-ئايدىكى باھاسى بىر كىلوسى 70سوم، گۈرۈچنىڭ 180 سوم، چىگىت مېيىنىڭ 250 سوم، قوي گۆشىنىڭ 600 سوم ئىدى. ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتۈپ يەنى 7-ئاي ئىچىدە ئۇننىڭ كىلوسى 120 سوم، گۈرۈچنىڭ 300 سوم ئۆرلىدى، بۇنىڭغا ھەيران قالدىم.

    تاشكەنت بىلەن باشقا ۋىلايەت، شەھەرلەردىكى مال باھا پەرقى، بولۇپمۇ مېۋە-چېۋىلەرنىڭ ئالاھىدە ئىكەن. تاشكەنت يېزا-بازارلىرىدىكى ئۆرۈكنىڭ كىلوسى 150سوم، گىلاسنىڭ 250 سوم، مالىنانىڭ 400سوم ئىدى. مەرغىلان، قوقان، پەرغانە بازارلىرىدا بولسا، ئوخشاش مەزگىلدىكى ئۆرۈكنىڭ كىلوسى 50 سوم، گىلاسنىڭ 70 سوم، مالىنانىڭ 100 سوم ئىكەن. ئۆزبېكستاننىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك ئاسفالت يوللىرىدىكى قاتناش بەكمۇ قولايلىق بولۇپ، يۈك ئاپتوموبىللىرىدا قوقاندىن تاشكەنتكە تۆت سائەتتە كەلگىلى بولىدىكەن. باھادىكى چوڭ پەرق، قاتناش قولايلىقلىرى پايدىغا قۇچاق ئېچىپ تۇرسىمۇ، ئېلىپساتارلار ئېرەنسىز قاراپ، يىراققا بارمايدىكەن. بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ چوڭ سودىغا يۈرەكسىز ئىكەنلىكىنى، بىزنىڭ ئوقەتچىلەردەك توپ ئېلىپ، توپ سېتىشقا ئادەتلىنىپ كېتەلمەيۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

    ئۆزبېكلەر قېرىنداش مىللەتلەرگە ئوخشاش ناننى قەدىرلەيدۇ، ئۇلۇغلايدۇ. ئۆزبېك نېنى ھەقىقەتەنمۇ تەرىپلەشكە ئەرزىگۈدەك يېيىشلىك ھەم مەززىلىك. پەتىر، شىرمەن، توقاچ، قاتلىما، ئاق نان، چاۋان، دامان نان، چىگىردەك نان، جىرىس نان... دېگەندەك تۇرلىرىمۇ ھەر خىل.

    ھېلىمۇ ئېسىمدە، بالا چېغىمدا غۇلجا شەھىرى ئۆزبېك مەھەللىسىدىكى بوۋام كامىلجانلار ئائىلىسىگە تاشكەنتتىن يېقىن دوستى مېھمان بولۇپ كەلگەنىدى. ئۇ كىشى سەپەرگە ئېلىۋالغان شىرمەن ناننىڭ قالغان بىر نەچچىسىنى داستىخان ئۈشتىگە قويۇپ ئوشۇتتى-دە، ماڭا بىر پارچىسىنى بەردى. نان قېتىپ قالغىنىغا قارىماي مەززىلىك ۋە يېيىشلىك ئىدى. ئەسلىسەم ھازىرغىچە شۇ تەم ئېغىزىمدىن كەتمەيدۇ.

    تەشكەنتكە دەسلەپ بارغىنىمدا كۆرۈشكە قىزىقىدىغان يېڭىلىقلىرىم قاتارىدا، شىرمەن ناننى يېيىش ئىستىكىممۇ بار ئىدى. ئاغىنىلىرىمغا بۇ ھەقتە ئېيتقىنىمدا:

    «تاشكەنتتە شىرمەن نان تېپىلمايدۇ، سەمەرقەندتە بولۇشى مۇمكىن، ئۇ يەرنىڭ نانلىرى بەك ئېسىل بولىدۇ» دېيىشتى. سەمەرقەندكە بارغىنىمىزدا شىرمەن نان يوق بولۇپ چىقتى. بازاردىكى«ئېسىل» نانلىرىنىڭ ھەممىسى تاشكەنت نانلىرىدەك خېمىر تۇرۇچىدا ئېتىلىدىكەن. غۇلجا، قەشقەرلەردىكى ياشانغان ئۆزبېكلەرنىڭ ئېيتىشىچە شىرمەن ناننى ياساش مۇرەككەپ جەريان ئىكەن. پەقەت خېمىر تۇرۇچنى تەييارلاش ئۈچۈنلا بىر سوتكا ۋاقىت كېتىدىكەن. بىراق تاشكەنتتە، يەرلىك خېمىر تۇرۇچتا ياسىلىدىغان ئادەتتىكى نانلارمۇ يوقالغان، ئۇنىڭ ئورنىنى بىر كېچە قونسا ئەتىسى تارمۇچتەك قاتىدىغان تەمسىز، كۆپتۈرمە نانلار ئىگىلىگەن. يەرلىك نانلارنىڭ قاچان، قانداق يوقالغانلىقىنى ھېچكىم ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ. كېيىنكى ئەۋلادلار بولسا، كۆز ئېچىپ ئېغىز تەگكەن نېنىغا زور بېرىپ « ئۆزبېك نېنى دېگەن شۇنداق بولىدىكەن » دەپ يۈرۈۋەرگەن.

    ئۆز نۆۋىتىدە شۇنى ئەسكەرتىپ قويماقچىمەن، ھازىر بىزنىڭ ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردىكى ناۋايخانىلىرىمىزنىڭ ناۋايلىرىدىمۇ بۇ ھال بىخ ئۇرماقتا. ئۇلار بولكا ئېچىتقۇسىنىڭ تېز، ئاسان كۆپتۈرۈشى، قىزىرىپ «چىرايلىق» كرۈنۈشىگە قىزىقسىنىپ، ئاسان يول بىلەن كۆپ پايدىغا ئېرىشىشنى كۆزلەپ، نانلىرىمىزنىڭ سۈپىتىنى بۇزماقتا.

    شۇڭا، ناۋايلىرىمىزنىڭ خەقتىن ئىبرەت ئېلىپ، خېرىدارلارنى بىزار قىلىدىغان، ھەتتا ئاتا-بوۋىلارنىڭ قارغىشىغا قالىدىغان، ئاخىرقى ھېسابتا زىياننىڭ چوڭىنى ئۆزلىرى تارتىدىغان، بۇنداق قىلمىشلارغا خاتىمە بېرىشىنى ئۆتىنىمەن.



تىرىشچان خەلق


    بىزدىن 50-ۋە 60-يىللىرى قانۇنىي رەسمىيەت ئۆتەپ، ئۆزبېكىستانغا بېرىپ ئولتۇراقلاشقانلارنىڭ كۆپچىلىكى، خاتىرجەم، باياشات، پاراغەتلىك تۇرمۇشتا ياشاۋېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قورۇ-جايلىق، بىردىن پىكاپى، ئايرىملىرىنىڭ مەنزىرىلىك جايلاردا داچىلىرىمۇ بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ قايسى بىرى بىلەن پاراڭلاشماڭ، ئەھۋالىنى سورىسىڭىز، يېڭى كەلگەن پەيتلىرىدە ئىنتايىن جاپا-مۇشەققەتلىك كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، تىرىشىپ-ترىمىشىپ باش چۆكۈرۈپ ئىشلەپ، ھالال ئەمگىكى بىلەن بۇ كۈنگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتىشىدۇ.

    ھەقىقەتەنمۇ ئۇلار بىزنىڭ ئەمگەك سۆيەر ئېسىل خىسلىتىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان ھەرقايسى سەپلەردە كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. ئۇلار ئالدى بىلەن مۇھىتقا ماسلىشىۋېلىپ، ئاندىن يەرلىك خەلقتە بولمىغان ئۆزلىرىدىكى ئارتۇقچىلىقلاردىن پايدىلانغان. تاشكەنتتىكى مېنىڭ ھامماملار (دادامنىڭ ھەدىسى) دەسلەپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىدىكى قولۇم-قوشنىلىرى ئۆگزىگە تۇرخۇن چىقارماي، ئاشخانىدا ئىس-تۈتەك ئىچىدە تاماق ئېتىشىدىكەن. ھامماملارنىڭ ئۆگزىگە تۇرخۇن چىقىرىپ، ئاشخانىدا تۈتۈنسىز تاماق ئېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن پۈتۈن مەھەللىلىكلەر، ئۆزلىرىنىڭ ئاشۇنداق ئاددىي ئىشقا كۆڭۈلشىمىگەنلىكىدىن ئەپسۇسلىنىشىپتۇ. كېيىن ئۇلارنىڭ ياردىمىدە ئاشخانا ئۆگزىلىرىگە تۇرخۇن چىقىرىپتۇ.

    ھازىر تاشكەنتتە لەڭمەن، پېتىر مانتا، ساڭزا، گاڭفەن ۋە تۇنگانچە تۈرلۈك قورۇما سەيلەر ھەتتا ئاشلەڭپۇڭلار توي-تۆكۈن ۋە چاي-مەشرەپلەردە مېھمانلار ئالدىغا قويۇلىدىغان ئېسىل تائاملارغا ئايلانغان.

    مەن تاشكەنتتىكى ئايرىم رېستورانلاردا لەڭمەننى رۇس، يەھۇدىي، ئەرمەن...لەرنىڭ نان بىلەن ھۇزۇرلىنىپ يەپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆپ كۆردۈم. دېمەك، بۇ يېڭىلىقنى خەلقىمىزنىڭ ئۆزبېك تۇرمۇشىنى، تائاملىرىنى بېيىتقان ئىنئامى دېسەك تازا باب كەلگىدەك.

    ئۆز زامانىسىدا بىزدىن بارغان ياشلار ۋە زىيالىيلارنىڭ كۆپچىلىكى، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى ئوقۇش شارائىتلىرىنىڭ بەكمۇ قولايلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆزلىرى قىزىقىدىغان ھەرقايسى ئىلىم-پەن تارماقلىرى ھەمدە ئالىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بىلەن كىرىپ ئوقۇغان ۋە بىلىم ئاشۇرغان. ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى مەكتەپنى ئەلا دەرىجىدە پۈتتۈرۈپ، خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن، ئالىي مەكتەپلەر ۋە ئىلىم-پەن تەتقىقان ئورۇنلىرىدا ئىشلەپ، قېتىرقىنىپ ئىختىرا قىلىپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئۆزبېكستان ئالىملىرى قاتارىدا ئىمتىيازغا ئېرىشكەن. بۇلاردىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئۆزبېكستان ھازىرقى زامان فىزىكا-ماتېماتىكا پەنلىرىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى، خەلقئاراغا تونۇلغان مەشھۇر ئاكادېمىك ئالىم مۇھەممەد كەبىر باھادىرخانوف، ئۆزبېكستاننىڭ پاختا سورتىنى يېتىشتۈرۈشتە داڭق قازانغان ئاگرانوم. مۇزەپپەر ئەزىزوف، 60-يىللىرى لېنىنگرادتىكى ژۇرنىلىستلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئەلا پۈتتۈرۈپ، ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسى بويىچە دوكتور ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، تەسەۋۋۇپ ھەمدە ناۋايىشۇناسلىق ئىلمىنىڭ يېتۈك تەتقىقاتچىسى مالىك ئارىپۇف، يۈرەك كېسەللىكلەر مۇتەخسسىسى سۇلتان بوساقوف، ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئىنژېنېرى لەزىز ئىسھاقوف، يازغۇچى ياقۇپ قىلىچبېكوف، مۇقامشۇناس ئابلىز ھاشىموف، كومپوزىتور شاھىدە شايى مەردانىۋا،، ئەدەبىياتشۇناش ئامانبېك، ئەخەت شاكىروف، تاشگو (تاشگو-تاشكەنت دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېت) شەرقىي تىللار فاكۇلتېتى خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى شەمسىقەمەر قاتارلىقلار ئۈرۈمچى، قەشقەر، غۇلجا...قاتارلىق جايلاردىن بارغان بولۇپ ئۇلارنى مەدەنىيەتكە ھېرىسمەن يەرلىك خەلقلەر ئارىسىدا بىلمەيدىغانلىرى يوق دېيەرلىك.

    بۇ  يەردە ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغان يەنە بىر كىشى بار. ئۇ بولسىمۇ، 1958-يىلى ئۈرۈمچىدىن تاشكەنتكە ئائىلىسى بىلەن چىقىپ، ئولتۇراقلىشىپ قالغان مىجىت خوجايوف. ئۇزاقتىن بۇيان تاشگو شەرقىي تىللار فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرلىك خىزمىتىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان بۇ پېشقەدەم تىلشۇناسنىڭ ئاساسلىق تۇغقانلىرى ھازىرمۇ ئۈرۈمچىدە. ئۇنىڭ تاغىسى مۇراتجان ئاكا ئۆزبېك جەمئىيىتىمىزنىڭ سابىق دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى بولغان. مەن 1989-يىلى مىجىت خوجايوف بىلەن تونۇشقاندىن تارتىپ، تاشكەنتكە بارغان ھەمدە ئۇ ئۈرۈمچىگە كەلگەن پەيتلىرى، بىر نەچچە قېتىم ئۇچرىشىپ پاراڭلاشقان بولساممۇ، ئۇنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدىكى پاراڭلارنى باشقىلار ئېغىزىدىن كۆپ ئاڭلىغانىدىم.

    مىجىت خوجايوف ئۈرۈمچىدىكى بالا ۋاقتىدا ئوقۇغان خەنزۇ تىلىنى، كېىنكى پەيتلىرى داۋاملىق تىرىشىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ بارغان. نەتىجىدە خەنزۇ تىلى ۋە يېزىقىنى پۇختا بىلىپ قالماستىن، جۇڭگو تارىخنىمۇ مۇكەممەل ئىگىلىگەن تىلشۇناس ئالىمغا ئايلانغان. 90-يىلنىڭ باشلىرىدا ئۆزبېكستان پېرېزدېنتى ئابدىغەنىيېۋىچ ئىسلام كەرىموف ئۆزبېكستان دىلېگاتسىيىسنى باشلاپ مەملىكىتىمىزگە كەلگىنىدە، جاۋابەن لى پىڭ ۋېييۈەنجاڭ ۋە دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى ئىسمائىل ئەھمەدلەر باشچىلىقىدىكى جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۆزبېكستانغا بارغىنىدا، مىجىت خوجايوف ھەر ئىككى قېتىملىق دۆلەت رەھبەرلىرى سۆھبىتىگە تەرجىمانلىق قىلىپ، پېرېزدېنت ئىسلام كەرىموفنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن.

دۆلەت رەھبىرىنىڭ دىققەت-ئېتىبارىغا ئېرىشكەن، ھەمدە ئۇزاق يىل ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ فاكۇلتېت مۇدىرىلىق خىزمىتىنى ئىشلەپ كەلگەن بۇ كىشىنىڭ شەخسىي تۇرمۇشى بولسا، بەكمۇ ئاددىي-ساددا ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئۆزى ئولتۇرۇۋاتقان قەۋەت بىنادىكى ئۈچ ئېغىزلىق ئادەتتىكىدەك ئۆيىدىن باشقا ھېچقانداق قوشۇمچە مۈلكى بولمىغان. تاشكەنتتە كىشىلەر ئوغۇل ئۆيلەش ياكى قىز چىقارماقچى بولسا، ئالدى بىلەن ئوغۇل-قىزىغا ھويلا-جاي، كۈيئوغۇلغا پىكاپ سوۋغا قىلىشنى ئويلىشىدۇ. مىجىت خوجايوف چوڭ قىزىنى ياتلىق قىلغىنىدا مىڭ بىر مۇشەققەتتە قەۋەت بىنادىن كىچىك ئىككى ئېغىزلىق ئۆي تېپىپ ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ.

    مەن 1999-يىل 6-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا تاشكەنتتە مىجىت خوجايوف بىلەن كوچىدا توساتتىن ئۇچرىشىپ قالدىم، بىز يول چېتىدىكى مۇزقايماقخانىدا مۇز قايماق يېگەچ پاراڭلاشتۇق. مىجىت خوجايوف ھازىر پېنسىيىگە چىققان بولۇپ، 5000 سوم (ئۆزبېكستان سومى) ئەتراپىدا پېنسىيە پۇلى بىلەن كۈن كۆچۈرۈۋېتىپتۇ. چىرايىدىن ھېسداشلىقىمنى سەزگەن مىجىت ئەپەندى « ھە...تەرجىمانلىق قىلپ ئانچە-مۇنچە قوشۇمچە كىرىمگىمۇ ئېرىشىۋاتىمەن» دەپ قويدى. مەيلى ھەرقانداق تەرجىمە ياكى باشقا يېزىقچىلىقتا كىرىم قىلسۇن، بەرىبىر ئۇنىڭ نامراتلىق ئىسكەنجىسىگە مەھكۇملىقى بىر پاكىت ئىدى. ئەگەر ئۇ پېرېزدېنتقا تەرجىمانلىق قىلىپ يۈرگەن پەيتلىرى، ئۇ كىشىنى بىر –ئىككى ئېغىز سۆز بىلەن ئۆز ئەھۋالىدىن خەۋەرلەندۈرۈپ قويغىنىدا، باشقىلارغا ئوخشاش ئۇمۇ ھېچ بولمىغاندا «ژىگولى» ماشىنىسى، ئۆزىنىڭ باغلىق ھويلا-ئاراملىرى، ئۆمۈرلۈك ئىقتىسادىي كاپالىتى بولغان ھالدا يۈرمەسمىدى. بىراق ئۇ بۇنى قىلمىغان، ئەكسىچە ئۆز مەنپەئىتىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئۆزبېكستاندىكى ھازىرقى ئۆتكۈنچى جاپالىق تۇرمۇشىنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. مىجىت خوجايوفنىڭ شەخسلەر ئالدى بىلەن ئۆز مەنئەئىتىگە چوغ تارتىدىغان ئاشۇنداق بىر جەمئىيەتتە، ئار-نۇمۇسىنى ئۇپراتماي، ئۆزىنى ساغلام تۇتۇپ كېلىشى ئادەمنى ھەقىقەتەنمۇ تەسىرلەندۈرىدۇ.

    مەن قايسى بىر يىلى، رۇس پېداگوگ ئالىمىنىڭ بالىلار تەربىيىسى ھەققىدە يازغان كىتابىنى ئوقۇغانىدىم. ئېسىمدە مۇنداق بىر مەزمون قالغان: بالا ئالتە يېشىدىن 17 ياشقا كىرگىچە ئارىلىقتىكى كۆرگەن، بىلگەن، ئاڭلىغانلىرىنى مەڭگۈ ئەستىن چىقارماسمىش. شۇڭا ئاشۇ يېشىدا ئاتا-ئانا، مەكتەپ، جەمئىيەت بالىلارغا بولغان تەربىيىنى ئەستايىدىل تۇتۇشى لازىمكەن. ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولسا، مىجىت خوجايوفنىڭ ئالىيجاناب خىسلىتىنىڭ يىلتىزىنى ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرى ئۆتكەن ئۈرۈمچىدىكى كۈنلىرىدىن ئىزلىسەك باشقىلار ئەجەبلەنمەس.

    ھازىر ئۇ يەرگە بىزدىن بارغانلارنىڭ كۆپچىلىكى بولۇپمۇ ياشانغانلار، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرت-ماكانىنى بىر كۆرۈپ، ئاندىن خاتىرجەم كۆز يۇمۇش ئىستىكىدە ياشايدىكەن. مەن يوقلاپ بارغان بەزى ئائىلىلەردە ئۆگزىلىرىگە سۈنئىي ھەمراھتىن بىۋاستە تارتىدىغان قۇبۇللىغۇچلارنى ئورنىتىپ قويۇپتۇ، ئۇلار ماڭا «ھازىر ئۈرۈمچىنىڭ تېلېۋىزور خەۋەرلىرى ۋە كونسېرتلىرىنى كۈندە دېگۈدەك كۆرۈپ تۇرىمىز، سىلەردە ئاجايىپ ئۆزگىرىشلەر بولۇۋېتىپتۇ، ئادەم قايىل بولماي تۇرالمايدۇ. بەزىدە سۆيۈنۈپ، بەخىرلىنىپمۇ كېتىمىز.» دېيىشتى.

    چىن سۆزنى ئېيتقاندا يۈرىكىنىڭ قات-قېتىغا سىڭىپ كەتكەن ئۇلاردىكى ئانا يۇرت مۇھەببىتى، ھەرقانداق ئىمتىياز، ھەشەمەتلىك تۇرمۇشلار مەلھەم بولالماسلىق دەرىجىدە ھىجرانغا ئايلانغان. ئۇلار ئەنە شۇ مۇھەببەت تۈرتكىسىدە ۋۇجۇدىدىن ئۇرغۇپ تۇرغان غۇرۇرىنى نامايان قىلىپ، يەرلىك خەلق ئېغىزىدىن: «جۇڭگودىن كەلگەنلەر ئاجايىپ ئىشچان، تىرىشچان، تالانتلىق، قولىدىن ھەممە ئىش كېلىدىغان خەلقكەن»دېگەن ئالقىشنى ياڭرىتالىغان.



ياشىسۇن دوستلۇق


   -ئەمەكى(تاغا) تەلەپپۇزىڭىزدىن چەت ئەللىكتەك قىلىسىز، توغرا ئېيتتىممۇ؟

   - ھەئە، توغرا دېدىڭىز، جۇڭگولۇقمەن.

   - جۇڭگولۇقمەن، دەڭ، چىرايىڭىز زادىلا خەنزۇغا ئوخشىمايدىكەن، ھەيرانمەن.

   - يىگىت ئوقۇغانمۇ سىز؟

   - تېخنىكومنى پۈتتۈرگەنمەن. كۆپرەك پۇل تېپىش غەرىزىدە تاكسى شوپۇرلۇقنى قىلىۋاتىمەن.

   -ھە، مۇنداق دەڭ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدەك مىليارد خەلقى بار كاتتا مەملىكەتتە بىرلا مىللەت بار، دەپ قارىشىڭىزغا ھەيران قېلىۋاتىمەن، دېمەك مەكتەپتە جۇغراپىيە دەرسىنى «0» بىلەن پۈتتۈرۈپسىز-دە،-دېدىم مېنى تاشكەنت كوچىسىدا ئېلىپ كېتىۋاتقان تاكسى شوپۇرىغا.

   - ئەمەكى، مۇنداقلا سوراپ قويغانىدىم، كەچۈرىسىز،-دېدى ئۇ ئوڭايسىزلىنىپ.

   -نادانلىققا كەچۈرۈم سوراشنىڭ نېمە ھاجىتى،-دېدىم ئۇنىڭغا. ئاندىن مەنزىلگە يەتكىچە ئارىلىقتا مەملىكىتىمىزنى، ئۇنىڭدىكى 56 مىللەتنى، ئۆزبېكلەر ئۇنىڭ بىرى بولۇپ، ئۆزۈمنىڭ ئۆزبېك مىللىتى ئىكەنلىكىمنى، ئۇچرىغان ئادىمىگە سۆزلەپ بەرگۈدەك دەرىجىدە قۇلىقىغا قۇيۇپ قويدۇم.

   بۇنداق مىساللارنى كۆپلەپ كەلتۈرۈش مۇمكىن. بۇلارغا چۈشەندۈرۈش قىيىن بولغان بەزى ئامىللاردىن باشقا، ئاساسلىقى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى ئۇزاق يىللىق بېكىنمىچىلىك، تارىختىن داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بېرىپ-كېلىشلەرنىڭ بىر مەزگىل ئۈزۈلۈپ قېلىشى، كېيىنكى پەيتلەردە ئۇلارنىڭ بىزنى چۈشىنىشى زۆرۈر بولغان تەشۋىق-تەرغىبات، ئاخبارات ماتېرىياللىرىنىڭ بولماسلىقى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ تىل-يېزىقىدا ئۆزىمىزنى چۈشەندۈرىدىغان گېزىت-ژۇرنال، رادىئو ۋە باشقا تەشۋىقات قوراللىرىنىڭ يوقلۇقى، قىسقىسى بىز توغرىلىق ھەرقانداق ساۋاتقا ئېرىشىش ئىمكانىدىن مەھرۇم قالغانلىقىدىن بولغان. 1980-يىللىرىدىن باشلاپ، ھەر ئىككى تەرەپتىكى ئىشىكنىڭ ئېچىۋېتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئۆزئارا بېرىپ-كېلىشلەر كۆپەيدى. بىراق بۇ ئانچە-مۇنچە دېلىگاتسىيىلەرنىڭ كېلىشى، ساياھەت، سودا-سېتىق، تۇغقان يوقلاشلار بىلەنلا چەكلەنگەنلىكتىن، قاتمال ھالەت يەنىلا ئۆز پېتى قالماقتا.

   ئۆزبېكىستان رادىئو-تېلېۋىزىيە كومپانىيىسىنىڭ رەئىسى، يازغۇچى ئەبدىسەئىت كوچىموف بىلەن كۆرۈشكەن ۋاقتىمدا، پاراڭ ئارا ئىككى مەملىكەت خەلقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، بىز يازغۇچىلارنىڭ باشلامچىلىق رول ئوينىشىمىز ھەققىدىكى شەخسىي قارىشىمنى يۈزەكىلا چۈشەندۈردۈم.

   ئەبدىسەئىت كوچىموف ئايالى بىلەن 1992-يىلى «شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى»نىڭ باشلىقى ئابدۇراخمان ئەبەي ئائىلىسىگە مېھامان بولۇپ قايتقانىدى. كۆپتىن بېرى يازغۇچى ۋە شائىرلىقنى قولدىن بەرمەي كېلىۋاتقان كوچىموف، تاشكەنتكە قايتقىنىدىن كېيىن، ئۈرۈمچى ۋە تۇرپاننى زىيارەت قىلىپ ئالغان تەسىراتلىرىدىن يازغان شېئىرلىرىنى مەتبەئەدە، كېيىن «قىياپە»ناملىق شېئىر توپلىمىدا ئېلان قىلىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. يازغۇچىنىڭ «ھالقا»ناملىق ھېكايە ۋە پوۋېستلار توپلىمى بىزدە پېشقەدەم شائىر تۇرسۇن مۇھەممەد پەخرىدىن تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ، ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىدا 1993–يىلى نەشر قىلىنغانىدى.

   يۇقىرىدىكى تونۇشلۇقلار سەۋەبىدىن كوچىموف بىلەن بىر نەچچە قېتىم كۆرۈشۈپ، پاراڭلىشىشقا مۇيەسسەر بولدۇم. يازغۇچىنىڭ ئۆتكۈر پىكىرلىكى، ئەدەبىياتقا ھېرىسمەنلىكى، رەھبىرىي خىزمىتىنىڭ يۇقىرىلىقىغا قارىماي (مىنىستىر دەرىجىلىك) ئۆزىنى كەمتەر، مۇلايىم تۇتۇشى، ئۇنىڭ بىلەن ئوچۇق-يورۇق سۆزلىشىشىمىزگە ئىلھام بولدى. ئاخىرىدا ئىككىلىمىزدىكى ئورتاق قاراش: «دوستلۇق ھەممىدىن ئەلا. بىز يازغۇچى ئەدىبلەر ئۆز قەلىمىمىز ئارقىلىق ئىسلاھ، تەرەققىيات بەيگىسىدە ئۈزۈپ كېتىۋاتقان ئىككى مەملىكەت خەلقلىرىنىڭ بىر-بىرىنى چۈشىنىشى، ئۆزئارا ھەمكارلىشىشى، ئاتا-بوۋىلار بەرپا قىلغان يىپەك يولىنى تېخىمۇ داغداملاشتۇرۇشىغا ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن ئۆز ئىجادلىرىمىزنى يەنىمۇ يېڭى مەزمۇنلار بىلەن بېيىتىپ بېرىشىمىز لازىم» دېگەندىن ئىبارەت بولدى.

   ئۆز نۆۋىتىدە شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈشۈم لازىمكى، بۇ قېتىم تاشكەنتكە كېلىشىم، ئوخشاشلا شەخسىي ۋىيزا ئارقىلىق تۇغقان يوقلاش ئىدى. ئارتۇقچە ئىشلارغا داخىل بولۇشۇم يازغۇچى ۋە ئۆزبېك جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغانلىقىم سەۋەبىدىن ئىدى. بىراق، ئۆزبېكستان خەلقىگە ئۆزىمىزنى چۈشەندۈرىدىغان، دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بۇ بىر مۇھىم ئىشتا، مېنىڭ قانداق قارىشىمدىن قەتئىينەزەر، ئۆزئالدىغا ھېسسىيات بىلەن ئىش قىلىشقا زادى بولمايتتى.

   مەن 6-ئاينىڭ ئاخىرلىرى، تاشكەنتتىكى جۇڭگو ئەلچىخانىسىنىڭ باش ئەلچىسى لىي جىڭشەن ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ، بەزى قاراشلىرىمنى ئېيتتىم. باش ئەلچى پىكرىمنى دەرھال قوللىدى. ھەتتا خالىسام، «ئۆزبېكستان خارجى مەملىكەتلەر بىلەن دوستلۇق ۋە مەدەنىي-مەئارىغى ئالاقىلەر جەمئىيەتلىرى كېڭىشى»نىڭ رەئىسى جامالىدىن بوراناف بىلەن كۆرۈشتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنداق قىلىپ بىز 7-ئاينىڭ2-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تاشكەنت ۋاقتى سائەت 9 لاردا كېڭەشنىڭ چەت ئەللىك مېھمانلارنى قۇبۇل قىلىش زالىدا ئۇلار بىلەن كۆرۈشتۇق. بىز تەرەپتىن باش ئەلچى لى جىڭشەن، مەن ۋە تەرجىمان، ئۇلار تەرەپتىن جامالىدىن بورانوف، كېڭەشنىڭ سېكرىتارى نىغمەت مۇراتوف ھەمدە پۈتۈكچى قاتارلىقلار قاتناشتى. سۆھبىتىمىز سەمىمىي ۋە ئۈنۈملۈك بولدى. ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ، تاشكەنتكە كەلگىنىم شەرىپىگە باش ئەلچى لى جىڭشەن ئەپەندى شەھەر مەركىزىدىكى «زەرەپشان»رېستورانىدا كۈتۈۋېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزۈپ بەردى. زىياپەتكە جالالىدىن بورانوف، نىغمەن مۇراتوف، مالىك ئارىپوف، ئابلىز ھاشىموف قاتارلىق تاشكەنتتىكى ھەر ساھە ئەربابلىرى ھەمدە باش ئەلچىخانا خىزمەتچىلىرى قاتناشتى. ئىككى تەرەپنىڭ سۆزلىرىدىن كېيىن، ئىختىيارىي سۆزلەشلەر بولدى. ئالىم مالىك ئارىپوف ئۆز سۆزىدە، ئۆزبېكستانغا كەلگەن 40 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا ماكانىنى بىر كۈنمۇ ئەستىن چىقارمىغانلىقىنى ئېيتىپ كېلىپ، ئاخىرىدا خەنزۇ تىلىدا:

   «ياشىسۇن، جۇڭگو-ئۆزبېكستان ئىككى مەملىكتنىڭ دوستلۇقى!»دەپ ئۈنلۈك توۋلاپ، ئۆزبېكىستان خەلقىنىڭ قەلبىنى ئىزھار قىلدى. باش ئەلچى لى جىڭشەن ئەپەندى باشلىق ھەممىمىز ئورنىمىزدىن تۇرۇپ، ئالقىش ياڭراتتۇق.

   ۋاقىت تۇيدۇرماي ئۆتۈپ كەتتى. قايتىش تەييارلىقىنى پۈتكۈزۈش ئۈچۈن قىزىم ئىككىمىز تاكسىغا ئولتۇرۇپ، شەھەر مەركىزىدىكى ناۋايى كوچىسىدا كېتىپ باراتتۇق. بىز توغرا كەلگەن تاكسىنى توختىتىپ چىققاچقا، بەكمۇ كونا ماشىنىدا ئولتۇرۇپ قاپتۇق. ماشىنا جالاقشىپ باراتتى. شوپۇر 60 تىن ھالقىغان پېشقەدەم ئەمما تېتىك كىشى ئىدى. قىزىم ئۇنىڭغا «ئەمەكى پۇل تېپىۋاتقاندىن كېيىن، يېڭى ماشىنا ئالسىڭىز بولمامدۇ»دەپ قالدى. شوپۇر يولدىن كۆزىنى ئۈزمەي سۆزلىدى:

   - قىزىم، مەن ئەسلىدە ماشىنىسازلىق زاۋۇتىنىڭ ئىنژېنېرى ئىدىم. پېنسىيە پۇلى بىلەن جان بېقىش ئىمكانى بولمىغانلىقتىن، بۇ ماشىنىنى زاۋۇتىمىزدىكى تاشلاندۇق ماشىنا زاپچاسلىرىدىن قۇراشتۇرۇپ، «تاكسى» قىلىۋالدىم. كونىدەك بىلىنگىنى بىلەن بىمالال بەش-ئون يىل ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ھازىر بۇ «پولات سېغىن سىيىر» ئائىلەمدىكى سەككىز جاننى بېقىۋاتىدۇ، ئۇ ئارىدا ماڭا ئىتتىك بۇرۇلۇپ قارىدى-دە، سورىدى، -جۇڭگودىن كەلدىڭلارمۇ؟

   - شۇنداق، جۇڭگودىن كەلدۇق،-دېدىم ئۇنىڭغا.

-مەن جۇڭگوغا قىزىقىمەن،-دېدى ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، -سىلەردە مائاشنى يۇقىرى دەيدىغۇ؟ پېنسىيونىرلارمۇ خىزمەت قىلىۋاتقانلاردەك مائاش ئالىدىكەن. مىليارد خەلقنى تويدۇرۇپ، خاتىرجەم قىلىۋاتقان ھۆكۈمىتىڭلارغا ئاپىرىن ئوقۇسا بولغۇدەك. بەزىدە ئويلاپ قالىمەن، بازارلىرىمىزدا سىلەرنىڭ ئىشلىتىشكە قولاي، سۈپىتىمۇ يامان ئەمەس، ئەرزان باھالىق ماللىرىڭلار بولمىسا، قانداق قىلاتتۇق، سىز قانداق ئويلايسىز؟-سورىدى ئۇ.

   - نەدىكىنى، بىزنىڭ «بىراك» ماللىرىمىز سىلەرنى زېرىكتۈرگەن تۈرسا،- دېدىم قەستەنگە.

   - يوق گەپ، بىكار گەپ، سىز بازارلىرىمىزنى كۆرمەپسىز. ھەممىسى دېگۈدەك جۇڭگو ماللىرى. بىزنىڭ ئائىلىدىكى كىچىكلەردىن تارتىپ چوڭلارغىچە ھەممىسى جۇڭگونىڭ تەييار كىيىملىرىنى كىيىشىدۇ. بەكمۇ يارىشىملىق.

   - ئەمەكى سىز مۇنداق دېگىنىڭىز بىلەن ھازىر جۇڭگو سودىگەرلىرى، ھەتتا كاتتا شىركەتلىرىنىڭ بۇ يەردە تۇرمىقى تەس بولىۋاتىدۇ. بىزنىڭ شىركىتىمىزمۇ تاقىلىپ قايتىش تەييارلىقىنى قىلىۋاتىدۇ،-دېدى قىزىم سۆز ئارىلىقىدا.

   -ھىم...-دېدى شوپۇر ھەممە خوشلۇقنى يۇتۇۋەتكەندەك ئېسەنكىرەپ. كېيىن بىردىن جۈرئەتلىنىپ، -قېلىشنىڭ ئامالىنى قىلىش لازىم ئىدى، سىلەر بولسىمۇ بىزنى تاشلاپ كەتمىسەڭلار بولاتتى،-دېدى.

   بۇ سۆز ئۆزبېكستان خەلقى نامىدىن جۇڭگولۇقلارغا ئىلتىماس قىلىۋاتقاندەك مېنى ھاياجان ۋە ئويغا چۆمدۈردى. تاشكەنتكە ھەر قېتىم بېرىپ قايتقىنىمدا، ئۇرۇق-تۇغقانلاردىن ئايرىلىش ئادەمنى بەكمۇ بىئارام قىلاتتى. پېشقەدەم زاۋۇت ئىنژېنېرىنىڭ سۆزىدىن ئايرىلىش ھىجراننى بېسىپ چۈشىدىغان خۇرسىنىش يۈرەكنى چىرمىۋالدى.



2005-يىل، يانۋار، ئۈرۈمچى

  
                                                                                                 مىراس ژۇرنىلىدىن ئېلىندى .

1

تېما

8

دوست

3427

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   47.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24872
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1044
توردىكى ۋاقتى: 151
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 14:44:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانداقتا مەنمۇ بىرنى يوللاپ قويسام بولغىدەك-ھە!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

شــەكــەرىــم

0

تېما

0

دوست

1277

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   27.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25290
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 376
توردىكى ۋاقتى: 61
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 15:00:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەلئەت ناسىرى دىگەن كىشى ئۆزبىك ئىكەندە ؛

0

تېما

3

دوست

2179

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6201
يازما سانى: 195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 66
تۆھپە : 614
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 20:36:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق دوستلۇق ئۇرغۇپ تۇرغان ئەسەرلەرنى ئوقۇسام ھاياجانلىنىپ كىتىمەن،دوستلۇققا دەز بىرىدىغان ئەسەرلەرنى ئوقۇسام ىۇرسىنىپ قالىمەن.
ئۇيغۇر-ئۆزبىك ئەزەلدىن قىرىنداش.

1

تېما

8

دوست

3427

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   47.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24872
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1044
توردىكى ۋاقتى: 151
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 20:55:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alip يوللىغان ۋاقتى  2014-2-11 20:36
مۇشۇنداق دوستلۇق ئۇرغۇپ تۇرغان ئەسەرلەرنى ئوقۇسام ھاي ...

ماۋۇ يەردە بىر تېما باركەن، بىر ئوقۇپ ھاياجانلىنىۋېلىڭا بولسا

http://bbs.boztagh.com/forum.php?mod=viewthread&tid=2953

0

تېما

7

دوست

2683

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   22.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25116
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 828
توردىكى ۋاقتى: 272
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 21:16:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mamatimin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-21 00:27  


تارىخنى  ۋاراخلىساق  بىز  ئۇيغۇرلا ئەسلى دۇنياغا  ئۇلگە  بولغىدەك  ئىسل  مەدەنىيەتكە

ئسىل  ئورپە  ئادەتكە  ۋە  بىلىم  ھۇنەر  كەسىپكە  ھېرىسمەن  بىر  مىللەتكەنمىز

يېقىنقى200يىلدىن  بىرى  چۇشكۇنلىشىپ  بارغانچە  ئۇزىمىزدىن  يىراقلاپ

كەتتۇق  بۇلۇپمۇ  يېقىنقى  30يىلدىن  بىرى  تېخىمۇ  شۇنداق  80-90 يىللاردا ھىچكىم

بىزنى  مىللىيچە  كىيىنسەڭ  بولمايدۇ ئۇغۇللار  دوپپا  كىيسە  قىزلار  ياغلىق  چەگسە

ئۇغۇللار  ساقال-بۇرۇت  قويسا   بولمايدۇ  دىمىگەن لېكىن بىز  ئۇزىمىز  زامانىۋىلشلاشتۇق

  دەپ  مىللىلىكمىزنى چۇرىۋەتتۇق  دوپپا  كىيگەن   ياغلىق چەگكەنلەرنى  

سەھرالىق مەتوغا  ساقال-بۇرۇت  قويغانلارنى  خۇراپى  ئىدىيىسى

تەرەققى  قىلمىغان  دىدۇق  كىيىن  بىزنىڭ  ياراتمىغان  مىللىچە  كىيىملىرىمىز

چەتئەللىك  ۋە ئچكى  ئولكىلەردىن  كەلگەن  ئېزىز  مىھمانلارغا  قىلىدىغا

ن  سوۋغاتقا  ئايلاندى  ئەمدى  ئۇزىمىزنى  تۇنۇپ                 
مىللىلىكىمىزنى  تېپىۋىلىشقا

  ئۇرۇنساقمۇ  ھۇكۇمەت يولقويمايدۇ  بۇ ناھايتى توغرا  بۇ  خۇددى  پارتىيە  ئەزالىرى

   پارتىيگە كىرگىچە  ھىچقانداق دىنغا  ئىشەنمەيمەن  دەپ  كېيىن  دىنغا  ئىشەنسە

  يولقويمىغاندەك بىر ئىش  ھەر ئىككىلىسىدە  ھىچكىم  زورلىمىغان؛                 

3

تېما

3

دوست

1104

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   10.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9618
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 90
تۆھپە : 288
توردىكى ۋاقتى: 56
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 03:02:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مال باھاسى ھەممە جايدا ئوخشاش ئوخشايدۇ،مەن ماقالىدىكى ئۇنۋېرسىتىت ئۇقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئايلىق مائاشىنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرۇپ باقسام ئاران 120-130يۈەن ئەتراپىدا بۇلىدىكەن.شۇنىڭغا قارىغاندا ئۆزبىك ناخشىچىلار ئۈرۈمچىگە كېلىپ كېچىلىك ئۆتكۈزسە خېلى ياخشى بېلەت كىرىمىغا ئىگە بۇلالايدىكەن جۇمۇ.

2

تېما

1

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.02%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25326
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 4220
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 10:35:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ش ج  ت  ۋ ھۆججەتلىك فىلىم قىلىپ ئىشلىسە بولغۇدەك
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )