قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2836|ئىنكاس: 13

«ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە»نىڭ گىرۋەكلىرىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

0

دوست

413

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   56.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26165
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 144
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 17:11:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


«ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە»نىڭ گىرۋەكلىرىدە

ئۇستاز، جەمئىيەتشۇناس زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ بىر يۈرۈش ماقالە-ئەسەرلىرىنى ۋە كىتابلىرىنى ئوقۇغاندىن كىيىن

(ئەبجەش يازما)




(ئاپتۇر: خوتەن ناھىيە خانئېرىق بازارلىق باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئابدۇقەييۇم ئوبۇلقاسىم)
(和田县罕艾日克镇小学 阿布都克依木.吾布力卡斯木
تېلىفۇن:13649945314           پوچتا نومۇرى: 848000


«ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە»نىڭ گىرۋەكلىرىدە

ھەقىقەتنى ئادەملەرگە قاراپ تۇنىما،بەلكى ئەۋۋەل ھەقىقەتنى تېپىپ ئال، شۇندىن ئۇنىڭ ئەھلىنى تۇنۇيسەن.
                               ـ ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ

   ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئىللەت ۋە مەنىۋىي كىسەللىكلەرگە تولغان ۋە كىشىلەر بۇنى دەرھال ھېس قىلالمايۋاتقان بىر پەيتتە، بىر پەھلىۋان بىر قولىدا تەنقىد شەمشىرىنى يەنە بىر قولىدا مەنىۋىيەت خەرىتىسىنى كۆتۈرۈپ سۈرەن سېلىپ يېتىپ كەلدى! ئۇ «ئۆلۈۋېلىش» پىسخىكىسىنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەندىن كىيىن، مەنىۋىيەتتە ئۆلۈش گىردابىغا بېرىپ قالغان بەزى قەۋم-قېرىنداشلىرىنىڭ ھالىغا يىتىپ ۋە ئېچىنىپ ۋاي دات! دېدىدە، ئۆزئالدىغا ئايرىم يول تۇتۇپ «ئۆزباش»ىمچىلىق بىلەن ماھىيەت ۋە مەنىۋىيەت سەپىرىگە ئاتلاندى! ئۇ «باج ئىدارىسىدىكى خىزمىتى»، «تىل تەربىيلەش مەكتىپى»...دىگەندەك چىرايلىق توساقلاردىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، باياندا ئىلمىيلىك، تەپەككۇردا چوڭقۇرلۇق، نەتىجىدە سەمەرىيلىك، مەنىۋىيەتتە «ئۆزلۈك» ئىزدەپ، جەمئىيەتشۇناسلىقتىن ئىبارەت ئېچىلمىغان بوز دالاغا قەدەم تاشلاپ،ھېكايە، پوۋېسىت، رومانلار ئارقىلىق ئېرىشكىلىى بولمايدىغان تۈگۈنلەرگە جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ھارماس قەدىمى، يانماس ئىرادىسى، چارچىماس مېڭىسى ۋە سۇباتلىق ئىمانى بىلەن ئۇلۇغلارنىڭ «ھېكمەت مۆئمىننىڭ يىتتۈرۈپ قويغان نەرسىسى، ئۇ قەيەردە بولسا تېپىۋېلىشقا ئەڭ ھەقلىق.»دىگەن كۆرسەتمىسى بويىچە قىتئە ئاتلاپ، ئامرېكا ھاۋاي ئۈنۋېرستىتىدىن تەكلىماكاننىڭ جىرا-جىرالىرىغىچە نەزەر تاشلىماقتا!
     ئەسسالام سىزگە ئەي ئۇستاز! سالامىمىز ۋە ئېھتىرامىمىزنى قوبۇل قىلىڭ! «مەن» دەپ ئۈنلۈك توۋلىماق نېمىدىگەن تەس ھە! «ھۈجەيرە- ھۈجەيرىلىرىمزگىچە تاراپ كەتكەن زەھەر»نى تازىلاش ۋە ئۇنىڭ بىلەن كۈرەش قىلىش نېمىدىگەن مۇھىم ھە! ئۆزىمىزگە ئىجتىمائىي ئاغرىق دەپ دىئاگنوز قويۇپ، ئۆزىمىز ھەققىدە ئانالىز يۈرگۈزۈپ، دادىللىق بىلەن ئۆزىمىزگە يۈزلىنىپ، خاتانى توغرىلاپ، ساپايىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈش نېمىدىگەن تەخىرسىز ھە!
     ھەي ئۇستاز، سەن «ئوقۇپلا قوپۇپ كەتمەي ئاۋۋال پىكىر، ئاندىن ھەرىكەت قىلىدىغان،مەن ئىزدەپ يۈرگەن ئوقۇرمەنلەر نەلەردە يۈرىدىكىن؟» [①]دەپ چوقان قىلغىنىڭدا، سەن ئىزدەپ يۈرگەن ئوقۇرمەن «مەن» بۇلالىسامچۇ دەپ نەقەدەر تەلپۇنگەنىدىم ھە؟ سەن ئىزدىگەن «مەن» بۇلالماي قېلىشىمدىن ئەنسىرەپ، شۇنچە لايغەزەللىكىمدىن يۈزۈم شەلپەرىدەك قىزارغانىدى ھە!  «بىز كىم؟ بىز كىمنىڭ پۇشتى؟ يىلتىزىمىزچۇ؟» دەپ سوئال قويۇش چاكىنىلىققا دىئاگنوز قويۇشنىڭ ئۆلچىمى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكىنىڭدە، بىز قانچىلىك چاكىنىلىشىپ، ئۆزلۈكىمىزدىن قانچىلىك ئاينىپ كەتكىنىمىزنى ھېس قىلىپ، «توۋا» دەپ ياقا چىشلىگەنىدۇق ھە!
     ھەي ئۇستاز، مەن سېنىڭ «مەكتىپىڭ»دە سەن بىلەن ئۈزۈلمەس رىشتە باغلاپ غايىبانە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان بىر تالىپ. بىز سەندىن «ئۆزلۈكىدىن ئۆگېنىش»نىڭ مۇھىملىقىنى تۇنۇپ يەتتۇق! بىز سەندىن ئىجتىمائىيەت ۋە ئادىمىيەت پەنلىرىنىڭ چەك-چىگراسىنى بىلدۇق، ئانا تىلنىڭ، پەلسەپىنىڭ، ئەقىدىنىڭ، ئىزدىنىشنىڭ مىللەت ھاياتىدىكى مۇھىملىقىنى سەندىن ئۆگەندۇق ئۇستاز! ھەي ئۇستاز، نېمىنىڭ ئىلمىي ماقالە، نېمىنىڭ ھېسسىي ماقالە ئىكەنلىكىنى سەن بىزگە ئۆگەتتىڭ؛ پاخال، ئەبجەش يازمىلارنىڭ، كۆچۈرمىكەشلىكنىڭ... مىللەتنىڭ تەقدىرىگە چۈشكەن مىتە ئىكەنلىكىنى سەن بىزگە چۈشەندۈردۈڭ؛ «ئادەت تۇرمىسى»دىن قېچىشقا، قىينچىلىقتىن قورقماسلىققا چاقىردىڭ؛ زىيالىيلىق ماقامىنىڭ نېمىلىكىنى بىزگە بىلدۈردۈڭ؛ قايسى بىر دانىشمەن: «ئوقۇتقۇچىدا مېھرىبان ئانىنىڭ مۇھەببىتى، ئاتىنىڭ ئىناۋىتى، پەيلاسوپنىڭ زاكونى ۋە ئەمەلىيەتچىنىڭ بەجانىدىللىقى بۇلىشى كىرەك»[②] دېگىنىدەك سەندە يۇقارقى بارلىق سۈپەتلەر تېپىلىدۇ ئۇستاز! سەن بىزلەرگە ئەڭ كىچىك دىتاللاردىن كىتاب كۆرۈش ۋاقتى، ئادىتى ۋە كىتاب ئوقۇشقا بولغان دىت قاتارلىقلاردىن تارتىپ مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى، كېلەچەكى قاتارلىق مەسىلىلەرگىچە بولغان ئۈگۈتلىرىڭدە يۇقارقى سۈپەتلەرگە خاس سۈپەتنى ھازىرلىدىڭ! سەن بىزگە «روھ ئۆلتۈرۈش»، «مىڭە يۇيۇش»، «ئوي كونتروللۇقى» قاتارلىق ئوقۇملارنى تەپسىلىي شەرھلەپ كاللىمىزنى سەگىتتىڭ ئۇستاز! سەن بىر «چۈش» كۆرۈپ زىيالىيلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان «ئەندىزە-مودىل» تەۋسىيە قىلىپ، ئىلىم ئىگىلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىدىغان تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، گۈزەل ئوتوپىيەگە باشلىدىڭ!
      ھەي ئۇستاز، سېنىڭ تەخەللۇسىڭ نېمىدىگەن چوڭقۇر مەنىلىك ھە! سەن ئۆزۈڭگە خاس بىر يول - «ئۆز باش» يول تۇتۇپ، ھېچكىمنىڭ نوپۇزىغا يۆلىنىۋالماي، ئاداتلەنگەن قاراشلاردىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، ھەقىقەتنى تاپتىڭ دە، ئاندىن بارلىق نوپۇز ئېگىلىرى ۋە ئادەتلەرگە ھەقىقەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ھەيۋەت ۋە چوڭقۇر نەزەر بىلەن گۇمانىي رەۋىشتە قاراپ چىقتىڭ؛ سەن شۇ روھ بىلەن ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تەتقىقات مىتودىغا نىسبەتەن تەنقىدىي پوزىتىسىيە بىلدۈرەلىدىڭ؛ دوكتۇر ئەسەت سۇلايماننىڭ «تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ» ناملىق ماقالىسىغا نىسبەتەن «قارارچىللىق، بىرتەرەپلىمىلىك» خاھىش بار دىيەلىدىڭ؛ شائىر ئادىل تۇننىيازنى ماختىيالىدىڭ! يازغۇچى داۋۇت ئوبۇلقاسىمنى «قولىغا قەلەم ئالسا بۇلاتتى» دىيەلىدىڭ؛ ھەممە يەردە ئۇچۇرنىڭ رولىنى، تېلېۋىزورنىڭ پايدىسىنى ھە دەپ كۆپتۈرىۋاتقاندا، بەس ! دىيەلىدىڭ.
ھەي ئۇستاز، سەن جەمئىيەتشۇناسلىقتىكى ئۇچ چوققا ـ كارل ماركىس، ماكس ۋېبىر ۋە  ئېمىل دۇركىم قاتارلىقلارنى تەپسىلىي تۇنۇشتۇرۇپ، كارل ماركىس ئىدىيىسىنىڭ زىتىغا توغرا كېلىپ قالغان بىزنىڭ نۇرغۇن قاراشلىرىمىزنى ياقىلاپ شەرھلەپ بىرەلەيدىغان جەمئىيەتشۇناسلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىدىيەلىرىنى بىزگە يەتكۈزۈپ، بىزگە تەسەللىي بەردىڭ، دىيارىمىزغا كەينىچىلەپ كىرگەن كارل ماركىسنىڭ ئىدىيە-نەزەرىيەلىرىدىن باشقا جەمئىيەتشۇناسلىق ساھەسىدە ماكس ۋېبىر ۋە ئېمىل دۇركىم كەبىي جەمئىيەتشۇناسلاردىن خەۋەرسىز قاپتۇق ئەمەسمۇ!
     ھەي ئۇستاز! بىز ئۈچۈن «نەزەرىيە» تولىمۇ بىر تۇترۇقسىز، زىرىكىشلىك نەرسە ئىدى، ھازىرچۇ، ئۇ ھازىر ئىنتايىن مۇھىم تەركىب بولۇپ قالدى؛ ھەي ئۇستاز! قىيىنچىلىق بىز ئۈچۈن تولىمۇ تەھدىت ھېسابلىناتتى، ئەمما سېنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىڭ بىزگە قىيىنچىلىقنى ئامەت، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ دەپ تەرجىمە قىلىپ بەردى. بىز «قەلەم تەۋرەتكىنىمىزنىڭ ھەممىسى ماقالە» دەپ ئويلاپ قالغان ئىكەنمىز، بەس ئەمدى ئېسىمىزنى تاپتۇق!
       بەس ئەمدى ئېسىمىزنى تاپتۇق! ھەم ئېسىمىزنى تاپايلى!
       سىنىڭ بىزلەرگە بېغىشلىغانلىرىڭ مىسالى دېڭىز بولسا، مەن پەقەت شۇ دېڭىزدىن بىر تامچە ئېلىپ، قۇياشنىڭ ئەكسىنى ئۇ ئارقىلىق كۆرىۋاتىمەن.
       ھەي ئۇستاز! جالالىددىن رۇمى: «توغرىلىق مۇسانىڭ ھاسىسىغا ئوخشايدۇ، ئەگرىيلىك بولسا سېھېرگەرلەرنىڭ سېھرىگە ئوخشايدۇ، توغرىلىق ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇتىدۇ.» [③] دېگەنىكەن، سەن توغرىلىق ئۈستىدە ئىزدەنگۈچى، بۇنىڭلىق بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى مەنىۋىي ئىللەتلەر، نوقسانلار، ئەگرىيلىكلەر تۈزەلگۈسى!
    «پىرئەۋننىڭ زۇلمىغا تەبىئىي كۆنۈپ كەتكەن خەلق مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇتۇلدۇرۇش يولىغا ناھايىتى تەستە ئەگىشىدۇ، مەھكۇملۇق تەبىئىتى ئۇلارنى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدىن يۈز ئۆرۈشكە، پىرئەۋننىڭ ھاكىمىيىتىگە پاناھ تارتىشقا ئۈندەپ تۇرىدۇ، ھەقىقەت ئاشكارا تۇرسىمۇ خەلق سۈكۈت قىلدى ۋە بۇ سۈكۈت ساقلىنىش تەس ھالاكەتنى ئاخىر ئېلىپ كەلدى، مۇسا ئەلەيھىسسالام توغرىسىدىكى قىسسىسىدىن مەلۇم بۇلىدۇكى، تەبىئىتى مەھكۇملۇققا كۆنۈپ كەتكەن خەلقنىڭ يول باشلىغۇچىلىرى ۋە سەگەك ئالىملىرى مىسلىسىز ئەرزىيەتلەرنى چىكىدۇ.»[④]
    سەن توغرىلىق ئىگىسى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشىغىنكى، بىز خاتالىق ئىگىسى پىرئەنگە ئەگەشكەن مەھكۇملۇق ئىگىلىرىگە ئوخشاپ قالمايلى! سىنىڭ  روھى قىقاس ۋە چوقانلىرىڭ توختىمىسۇن ۋە ئۇ ئەقىدە، ئىمان ئۈستىدە قارار تاپسۇن!


[①] زۇلپىقار بارات ئۆزباش، «ئۇيغۇرلاردا ئىجتىمائىيەت، ئادىمىيەت پەنلىرى مەسىلىسى»، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى، 2010-يىللىق 4-سان، 65-بەت.

[②] «باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار قوللانمىسى» ئاستىغا بېرىلگەن ھېكمەتلەردىن، (ئاپتۇرى ئەسكەرتىلمىگەن)

[③] «رۇمىي ھېكمەتلىرى» 11-بەت

[④] ئابدۇقادىر جالالىددىن، «مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى»، 335-بەت.


  

0

تېما

0

دوست

2734

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   24.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12494
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 179
تۆھپە : 705
توردىكى ۋاقتى: 82
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 20:48:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sindibad تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-20 20:54  

     «پىرئەۋننىڭ زۇلمىغا تەبىئىي كۆنۈپ كەتكەن خەلق مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇتۇلدۇرۇش يولىغا ناھايىتى تەستە ئەگىشىدۇ، مەھكۇملۇق تەبىئىتى ئۇلارنى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدىن يۈز ئۆرۈشكە، پىرئەۋننىڭ ھاكىمىيىتىگە پاناھ تارتىشقا ئۈندەپ تۇرىدۇ، ھەقىقەت ئاشكارا تۇرسىمۇ خەلق سۈكۈت قىلدى ۋە بۇ سۈكۈت ساقلىنىش تەس ھالاكەتنى ئاخىر ئېلىپ كەلدى، مۇسا ئەلەيھىسسالام توغرىسىدىكى قىسسىسىدىن مەلۇم بۇلىدۇكى، تەبىئىتى مەھكۇملۇققا كۆنۈپ كەتكەن خەلقنىڭ يول باشلىغۇچىلىرى ۋە سەگەك ئالىملىرى مىسلىسىز ئەرزىيەتلەرنى چىكىدۇ.»[④]
          رەخمەتلا دىيەلىدىم يازمىڭىزغا ....  رەخمەت..!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

----كىتابخۇمار----

9

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1360
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1035
تۆھپە : 3812
توردىكى ۋاقتى: 735
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 22:56:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ئەجرىڭىزنى زىيادە قىلسۇن بۇرادەر …

2

تېما

12

دوست

4235

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   74.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25041
يازما سانى: 334
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1284
توردىكى ۋاقتى: 323
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-21 00:14:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھىم ئەجرىڭىزنى زىيادە قىلسۇن بۇرادەر

1

تېما

7

دوست

4332

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22857
يازما سانى: 531
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 1266
توردىكى ۋاقتى: 216
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-21 14:52:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


`رەھمەت، ياخشى تىما يوللاپسىز

----كىتابخۇمار----

9

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1360
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1035
تۆھپە : 3812
توردىكى ۋاقتى: 735
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-21 15:20:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆز قەدىردانلىرىنى ساھىبسىز قويسا، شۇ كىشىنىڭ ئۆزىمۇ ساھىبسىز ھەتتا زۇلۇم ئاستىدا قىلىشتىن قۇتۇلالماس...

2

تېما

1

دوست

1211

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   21.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19005
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 394
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-21 15:39:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    راسقا دىلىدىن  چاۋاك چېلىپ  قوللىيالىغان  ، ساقتىغا  ۋۇجۇدىدىن قارشى تۇرالىغان ئادەمنىڭ رېئاللىقتىكى  ئوبرازىمۇ نۇرلانغۇسى. پىكىر ئاشقۇنلۇقى زىيادە ئېشىپ كەتكەن دەۋردە، دوگمىلىق پايانىدىن ئېنىقلىق دەرۋازىسىغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن ئۆزىنى چوڭقۇر قازالىغان بىرىنىڭ سەمەرىسى باشقىلارغىمۇ تىپىلغۇسىز ئۈلگىدۇر.
  

ئىتتىپاقلىق كۈچ.

11

تېما

0

دوست

9120

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   82.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8558
يازما سانى: 624
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1509
تۆھپە : 1730
توردىكى ۋاقتى: 267
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 00:18:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز. نىمە دىگەن پاساھەتلىك.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )