بىر دۆلەتنىڭ مەخپى شىفىرى
يەھۇدىيلار ھاياتنى ئۇلۇغلايدۇ، ئىنسان تەبىئىتىنى ئىلاھىي ماقامغىچە كۆتۈرىدۇ.
بىركۈنى،ئائۇش ۋىتس جازا لاگىرىدىكى ئون مەھبۇستىن تەشكىل تاپقان بىر گۇرۇپپا، لاگىر سىرتىغا چىقىپ ئەمگەك قىلىدۇ، ئۇلار قايتىپ كەلگەندە بولسا ئارىسىدىن ئۈچى يوقاپ كېتىدۇ. جازا لاگىرىنىڭ تۈزىمى بويىچە، يوقاپ كەتكەن ئۈچ ئادەم ئۈچۈن ، يەنە ئۈچ ئادەم ئۆلتۈرىلەتتى. ئۈچىنچى قېتىم ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدىغان كىشنىڭ ئايالى ۋە بەش بالىسى بارئىدى، دىمەك ئۇنى ئۆلتۈرۈش ئەمەلىيەتتە يەتتە ئادەمنى ئۆلتۈرگەن بىلەن باراۋەر ئىدى. ئۇ يەھۇدىي پوپنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ھايات قىلىشنى تىلىدى، لېكىن ناتسسىتلار ئۇنىمىدى. پوپ ئۇلاردىن : «ئۇنىڭغا ئورنىغا مەن ئۆلتۈرۈلسەم بولامدۇ؟ » دەپ سورىدى. ناتسىستلار : « ئۇنداق بولسا، ئۇنىڭ ئورنىغا سەن ئۆلگىن !» دېيىشتى ۋە پوپنى ئۆلتۈرۈشتى.
ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، پاپا پاۋلو-2 يۇقۇرىقى پوپنى «دانىشمەن» دەپ باھالىدى ۋە ئۇنىڭ سۈرىتىنى چىركاۋ ئىچىگە سىزدۇردى. بۇ «دانىشمەن» نىڭ ئىسىم-شەرىپى كىلوب ئىدى.
2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئائۇش ۋىتس جازا لاگىرىدا يەھۇدىيلارنى ئىنسان قىلىپدىن چىققان ۋاستىلەر بىلەن خورلىغان، قىرغىن قىلغان گېرمانىيە پارتىيىسى قوغدىنىش قىسىمىنىڭ پودپولكوۋنىكى ئادولف ئەچمان (Adolf Eichmann) يوقاپ كەتتى. ئىسرائىلىيە 16 يىل سەۋىرچانلىق بىلەن ئىزدىرىكىنى قىلىش ئارقىسىدا ئاخىرى ئۇنى ئارگىنتىنادا قولغا چۈشۈردى ۋە ئۇنىڭغا ئۆز ئالدىغا جازا بەردى. بۇ ئىشقا نىسبەتەن خەلقئارا سوت: « بىر دۆلەتنىڭ ئۆزئالدىغا خەلقئارالىق جىنايەتكە ھۆكۈم چىقىرالمايدىغانلىقىنى» ئەسكەرتتى. بۇنىڭغا جاۋابەن ئىسرائىلىيە: « يەھۇدىيلارنى قىرغىن قىلغان جىنايەتچىگە ھۆكۈم چىقىرىشتا يەھۇدىيلاردىنمۇ ئارتۇق ھەقدارلار بولسۇنمۇ؟» دەپ كەسكىن مەيدانىنى بىلدۈردى.
ئىسرائىلىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغان ئەزالىق ئىلتىماسىنى سۇنۇپ تۇنجى قېتىمدا رەت قىلىشقا دۇچار بولدى. كېلىشىمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە ۋەكىلى؛ ئىسرائىلىيىنىڭ مەۋجۈت بولۇشىنى بىرپارچە قەغەز بەلگىلىيەلمەيدۇ، بەلكى ئىسررائىلىيىلىكلەرنىڭ ئىرادىسى بەلگىلەيدۇ –دىدى ۋە كېلىشىمنى پارچە-پارچە يىرتىپ تاشلىۋەتتى!
ئىسرائىلىيە ئاساسى قانۇنى بولمىغان بىر دۆلەت. ئىسرائىلىيىكلەر ؛ بىزگە ئاساسى قانۇننىڭ لازىمى يوق،« تەۋرات» دەل بىزنىڭ ئاساسى قانۇنىمىز دېيىشىدۇ.
بۇ بىرجۈملە سۆز مەزكۇر دۆلەتنىڭ ھاياتى كۈچىنىڭ ئۇزاققا داۋاملىشىدىغانلىقىدىن بىشارەت بىرىدۇ، ھاياتلىق قانداق قىلغاندا زەئىپلەشمەيدۇ؟
بۇنىڭ مەخپى شىفىرى دەل –ئىتىقادتۇر.
مەنبە : ئۇيغۇر سەئىدىيە مۇنبىرى |