ئا.جالالىدىننىڭ ھۆكۈمدارلار دەستۇرىنى ئوقۇغانمۇ ؟
بۇرۇن بىر خەنزۇ تەتقىقاتشۇناسنىڭ "ھۆكۈمدارلار دەستۇرى" ناملىق كىتاپ چىقارغانلىقى ۋە ئۇيغۇرتىلىغا تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغاندەك قىلغان ئىدىم. بىراق ئۇ كىتاپلار نەلەرگە كەتتىكىن، كىتاپخانىلاردا كۈرۈنمەي قويدى.
مېنىڭ شەھەرگە كىرسەملا ئەڭ ئاۋال كىتاپخانىنى ئاندىن ئاشخانىنى يوقلايدىغان ئادىتىم بولغاچقا، بۈگۈنمۇ ئادىتىم بويىچە كىتاپخانىغا كىرىپ، ھۆرمەتلىك ئۇستازىمىز، جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىنىڭ يېقىندا تەرجىمە قىلىپ نەشىردىن چىققان "ھۆكۈمدارلار دەستۇرى" ناملىق كىتاۋىغا كۈزۈم چۈشتى دە، سېتىۋېلىپ، ئۆزلۈكسىز تەربىيەدىكى مەزىسىز لېكسىيەدىكى بىھۇدە ئۆتكەن ۋاقتىمنى تولۇقلاپ بۇ كىتاپنى ئوقۇپ چىقتىم.
تۆۋەندە بۇ كىتاپتىن قىسقىچە كىتاپ ئوقۇش خاتىرىسى شەكلىدە، تورداشلارنى بۇ ئېسىل ئەسەر ۋە نادىر تەرجىمىدىن خەۋەردار قىلماقچىمەن.
ھۆكۈمدارلار دەستۇرى
ئاپتورى: نىكۇلۇ ماكياۋىللى (ئىتالىيە) تەرجىمە قىلغۇچى : ئابدۇقادىر جالالىدىن
ئوقۇ، كۆر، چۈشەن
كىشىلەر ماكياۋىللىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىسىلا، گويا ئالۋاستىنىڭ شەپىسىنى ئاڭلىغاندەك، رەزىللىك ئەلچىسىنى كۆرگەندەك بۇلۇپ، شۈركۈنۈپ كېتىدۇ. 15-16-ئەسىر ئارىلىقىدا ئىتالىيەنىڭ فىلورونسىيە دېگەن جايىدا ياشىغان بۇ بۈيۈك شەخىس رەزىل ئوبراز بىلەن باغلىنىپ كەتكەنىدى. رەزىل، ياۋۇز،ئىككى يۈزلۈمچى،گېپىدە تۇرمايدىغان، مەقسىتىگە يېتىشتە ۋاستە تاللىمايدىغان دېگەندەك بۇ خۇسۇسىيەتلەر ماكياۋىللى نامدا بىر سىموۋۇلغا ئايلاندى. ئۇ بولسىمۇ ماكياۋىللىزىم.
ئۇ مۇنداق دېگەن:
پىشقان ھۆكۈمدار ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىشى، ئۆزىنىڭ مەنپەتىگە زىيانلىق بولغان شارائىتتا ھەرگىزمۇ ۋەدىسىدە تۇرماسلىقى كېرەك؛ ۋەدىدە تۇرۇشنىڭ شەرت-شارائىتى يوقالغان چاغدا، ئۇ ۋەدىدە تۇرۇشتىن گەپ ئاچماسلىقى كېرەك.
كىشىلەرنىڭ مۈلكىگە تەگمە. چۈنكى كىشىلەر دادىسىنى ئۆلتۈرگەن قاتىلنى ئاسان ئۇنتۇپ كېتىدۇيۇ، مال-مۈلكىنى تارتىۋالغان ئادەمنى ھەرگىز ئۇنتۇمايدۇ.
مىراسخورلۇق ياكى قورال كۈچى ئارقىلىق زېمىنگە ئېرىشىش
بىراۋنىڭ تاجاۋۇز ئارقىلىق باشقىلارنىڭ زېمىنىنى ئىگەللىيەلىشىدىكى سەۋەپ، بىر بولسا ھۆكۈمرانلار باشقىلارنىڭ قورال كۈچىگە تاينىدۇ. بىر بولسا ئۆزىنىڭ قورال كۈچىگە تاينىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقىچە سەۋەپ بولسا، ئۇ ھۆكۈمراننىڭ تەلىيىى ۋە ئۆزگىچە ئىقتىدارىدىن كەلگەن.
مىزاندىن چەتنىمەسلىك: ھۆكۈمرانلىقنى ساقلاپ قېلىش سەنئىتى
مەلۇم نۇقتىدىن قارىغاندا، ئۇ ئادەتتىكى پادىشاھ بولغان تەقدىردىمۇ، ھاكىميەتنى ساقلاپ قېلىش مىزانىدىن چىقىپ كەتمىسىلا، ئۆز ئورنىنى ساقلاپ قالالايدۇ.
ئىستېلا قىلىنغان رايوننى قانداق باشقۇرۇش كېرەك؟
ئىستىلا قىلىنغان رايون خەلىقلىرىنى ئىمكانقەدەر پەپىلەش كېرەك. بۇمۇ كار قىلمىسا، ئۇلارنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇۋېتىش كېرەك. چۈنكى بىر ئادەم زىيان-زەخمەتكە يېنىكرەك ئۇچرىسا، ئۇنىڭ ھامان بىر كۈنى قىساس ئېلىشقا قۇربى يېتىدۇ. ئەگەر بىر ئادەمگە بېرىلگەن زەربە ئېغىر بولسا، ئۇ قىساس ئېلىشقا مەڭگۈ ئاجىز كېلىدۇ.
ئەبەدىي توغرا بولغان مۇنداق بىر ئومۇمىي پىرىنسىپ بار: كىم باشقىلارنى كۈچەيتىۋېتىدىكەن، ئۇ ئۆزىنى-ئۆزى ھالاك قىلغان بولىدۇ.
ئېلىش بىلەن تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ قايسىسى ئاسان، قايسىسى تەس؟
ئەركىنلىك ۋە تەرتىپ- ئىستىلاچىنىڭ دۈشمىنى !
ئەركىنلىك ۋە تەرتىپ تارىخنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىغا ۋە دىيانەت-شەپقەتلىرىنىڭ ئالدىمىغا دۇچ كەلسىمۇ، بەرىبىر ھۆر خەلقنىڭ قەلبىدىن ئۇنتۇلۇپ قالمايدۇ. بۇ خىل ئەھۋالغا نىسپەتەن ئەڭ ئىشەنچلىك ئۇسۇل شۇكى، ئۇلارنى تولۇق يوقىتىۋېتىش ياكى ھۆكۈمراننىڭ ئىستېلا رايونىدا تۇرۇشىدۇر؛
ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تاجاۋۇز قىلىش
قورال ئىشلەتكەن ئەۋلىيا ئەنبىيالار غەلىبە قىلدى. قورال ئىشلەتمىگەن ئەۋلىيا ئەنبىيالار مەغلۇپ بولدى. سەۋەپ شۇكى، ئادەتتە ئاۋامنىڭ خاھىشى ئاسان ئۆزگىرىدۇ. ئۇلارنىڭ مەۋقەيىنى ئۆزگەرتىشكە قايىل قىلىش ئوڭاي. ئەگەر ئۆزگەرتمىسە مانا بۇ ئىشنىڭ تەس بولغىنى. شۇڭا كىشىلەر مەلۇم نەرسىگە ئىشەنگىلى زادىلا ئۇنىمىسا، ئۇلارنى قورال كۈچى ئىشلىتىپ ئىسكەنجىگە ئېلىش لازىم.
مەلۇمكى ئىستېلاچى بىر ئەلنى بېسىۋالغان چاغدا، خەلىققە قىلغان ئەسكى قىلمىشىنى تېزدىن يىغىشتۇرۇپ ئۇنى سوزماسلىقى كېرەك. ئىستىلاچى ۋەھشىلىكنى قايتا سادىر قىلمىغاندىلا ، ئاندىن ئۇنىڭ خەلق ئىچىدىكى ئوبرازى يېڭىلىنىپ، خەلق ئۇنىڭ ھاكىمىىيىتى ئاستىدا، ئۆزىنى بېخەتەر ھېس قىلىدىغان بولىدۇ. ئىستىلاچى ئاندا مۇندا شەپقەتلىرى بىلەن خەلق كۆڭلىنى مايىل قىلىشى كېرەك.
ئەكسىچە ئىستېلاچى قورقۇنچاق بولسا ياكى ناچار تەكلىپلەرنى قۇبۇل كۈرۈپ، ئاۋامغا شەپقەت قولىنى سوزمىسا، ئۇ ھەر سائەت، ھەر دەقىقىدە، قىلىچ شەمشەرلەر بىلەن ئۆزىنى قوغداشقا مەجبۇر بولىدۇ. ھەمىشە جىددىيلەشكەن كەيپىياتتا ئۆتىدۇ. ئۇ ئۆز پۇقرالىرىغا مەڭگۈ تايىنالمايدىغان بولىدۇ. پۇقرالار ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋەرگەن بولغاچقا، ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدىغان بولىدۇ.
ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىنىڭ قىممەتلىك ئىلمى ئەمگەكلىرىدىن دوستلارنى خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن، شۇنداقلا بۇ كىتاپتا ھەر قايسى ئەللەر ھۆكۈمرانلىرى ۋە پادىشاھلىرىنىڭ ئەلنى ئىدارە قىلىش، باشقۇرۇش تەجرىبىلىرى خۇلاسە قىلىنغان بولغاچقا، مۇشۇنداق ئەسەرلەرگە قىزىقىدىغان تورداشلار بۇ كىتاپنى بىر ئوقۇپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
|