بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilimhumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-23 13:59
ئىماملار مۇسۇلمانلارنىڭ مارستا ياشىشىنى چەكلەيدىغان پەتۋا چىقاردى
بىلىمخۇمار
2014-يىلى 22-فېۋرال
مەن 2013-يىلى 12-ماي كۈنى «مارستا ياشاشقا ئىلتىماس قىلىش باشلاندى» دېگەن بىر پارچە قىسقا ماقالەمدە، گوللاندىيىدىكى «مارس بىر» ئىسىملىك بىر شىركەت مارسقا بېرىپ ياشاشنى ئىستەيدىغانلارنى تىزىملىتىشقا باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدىم. ئۇ ماقالە تۆۋەندىكى ئۇلىنىشلاردا بار:
http://bbs.misranim.com/thread-105742-1-1.html
./thread-18421-1-1.html
شۇنىڭدىن كېيىن دەسلىۋىدە بۇ ئىشقا قىزىقىدىغان ئۇيغۇر يىگىتلىرىدىن 3 كىشى چىققان بولسىمۇ، ئۇلار كېيىنچە پىلانلىرىنى ئۆزگەرتىپ، بۇ ئىشقا تىزىملاتمىدى.
2014-يىلى 21-فېۋرال كۈنى «ئاممىۋى ئىلىم-پەنلەر» (Popular Science) تور بېتىگە چىققان بىر پارچە ماقالە يۇقىرىدىكى ئىش توغرۇسىدا مۇنداق بىر قىزىقارلىق ئىشنى خەۋەر قىلدى:
يېقىندا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپلىكىدىكى بىر گۇرۇپپا ئىماملاردىن تەشكىل تاپقان بىر رەھبەرلىك ئورگىنى مۇسۇلمانلارنىڭ مارسقا چىقىش ئىشى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، ئاخىرىدا مۇسۇلمانلارنىڭ مارسقا بارماسلىقى توغرۇسىدا بىر دىنىي پەتۋا چىقارغان. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە مارسقا بېرىش ئوزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش بىلەن ئوخشاش بولۇپ، مارسقا بارغانلار كېيىنكى ھاياتتا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانلار بىلەن ئوخشاش تەقدىرگە ئۇچرايدىكەن. شۇنداقلا مارسقا كېتىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ھۆكۈمىدىن قۇتۇلماقچى بولغانلار ئۇنداق مەقسەتكە يېتەلمەيدىكەن. ئۇلار چىقارغان پەتۋادا مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ بىر قىلچە ئاساسى يوق ۋە قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان چۈشەنچە، چۈنكى بىرەر ئاتوممۇ ھەممىنىڭ ياراتقۇچىسى ئاللاھنىڭ كونتروللىقىدىن چىقىپ كېتەلمەيدۇ.»
21-فېۋرال كۈنى «مارس بىر» تەشكىلاتى ئىماملارنىڭ يۇقىرىقى قارارىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ مارسقا بېرىشى بىر ئەرزىيدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى قۇرئاندىن مىسال كەلتۈرۈپ تۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلارنىڭ جاۋابىدا قۇرئاندىكى 30-سۈرە 22-ئايەت نەقىل كەلتۈرۈلگەن:
«ئاللاھنىڭ ئاسمانلارنى، زىمىننى ياراتقانلىقى، تىللىرىڭلارنىڭ، رەڭگىلىرىڭلارنىڭ خىلمۇ-خىل بولۇشى ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، بۇنىڭدا بىلىملىك كىشىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئالامەتلەر بار.»
يۇقىرىقىدىكىسى مەزكۇر ئايەتنىڭ ئۇيغۇرچە قۇرئاندىكى يېزىلىشى بولۇپ، بۇ ئاياتنىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمىسىدە «ئاسمانلار» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا ئىنگلىزچە «heavens» دېگەن سۆز ئىشلىتىلگەن. بۇل ئىنگلىزچە سۆزنىڭ مەنىسىنىڭ بىرى قۇياش، ئاي ۋە بارلىق پلانېتىلار تۇرىدىغان رايونلاردىن ئىبارەت. يەنى، بۇ يەردىكى «ئاسمانلار» مارس تۇرىدىغان رايونلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
«مارس بىر» نىڭ جاۋابىدا مۇنداق دېيىلگەن: «مۇسۇلمانلار دۇنياسى بۇرۇن بېرىپ باقمىغان جايلارنى تەكشۈرۈش جەھەتتە مول ئەنئەنىگە ئىگە. قۇرئاندىكى يۇقىرىدا مىسال قىلىپ كۆرسىتىلگەن ئايەت مۇسۇلمانلارنى يىراقلارغا بېرىپ، «ئاسمانلار ۋە زىمىن» دىكى ئاللاھ ياراتقان نەرسىلەرنىڭ ئالامەتلىرىنى بايقاشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. بۇ جەھەتتە تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك بولغان بىر مىسال ماراكەشلىك مۇسۇلمان ئىبىن باتتۇتا (Ibn Battuta ) دۇر. ئۇ 1325-يىلىدىن 1355-يىلىغىچە 117 مىڭ كىلومېتىرلىق مۇساپىنى بېسىپ، ھازىرقى زاماندىكى 44 دۆلەتلەر بىلەن باراۋەر كېلىدىغان جايلارنى تەكشۈرگەن. ئۇ تەكشۈرگەن دۆلەتلەردىن روسىيە، ئافغانىستان، ھىندىستان، مالدىۋې ئەللىرى، ھىندۇنېزىيە، ۋېتنام، فىلىپىن ۋە جۇڭگولار بار.»
«مارس بىر» تەشكىلاتى ئىماملارنىڭ يۇقىرىدىكى پەتۋانى بىكار قىلىپ، ئىنسانلار تارىخىدىكى بۇ ئەڭ ئۇلۇغ سەپەرنىڭ ئىشىگىنى مۇسۇلمانلارغىمۇ ئېچىپ بېرىشنى سەمىمىيلىك بىلەن تەلەپ قىلغان.
پايدىلىنىش ماتېرىيالى:
[1] No Mars For Muslims? Mars One Asks Imams To Rescind Fatwa
http://www.popsci.com/article/sc ... atwa?dom=tw&src=SOC
1-رەسىم: ئادەملەرنىڭ مارستىكى ئۆيلىرى بىلەن قۇياش نۇرىدىن توك چىقىرىدىغان تاختايلار.
2-رەسىم: ئىبىن باتتۇتا
|