«11-سىنتەبىر ۋەقەسى» ۋە 11
ئابدۇقەييۇم ئوبۇلقاسىم تەرجىمىسى
كىشىلەر خېلى بىر مەزگىل ئىچىدە «9.11» تېرورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ماتېماتىكىلىق سان11 بىلەن باغلاپ چۈشۈنۈشكە ھېرىسمەن بولدى. تېرورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈزبەرگەن ئاي ۋە كۈنلەردىكى «9، 1،1» قاتارلىق ئۈچ ساننى ئۆزئارا قوشساق يېغىندى 11 كېلىپ چىقىدۇ. ئەگەر بىز 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ تەرتىپ بۇيىچە سانىساق 9-ئاينىڭ 11-كۈنى دەل 254-كۈنى ھېسابلىنىدۇ. سان 254 دىكى ھەرقايسى خانە «2،5،4» لەرنى ئۆز-ئارا قوشساقمۇ يېغىندى 11 گە تەڭ بۇلىدۇ. بازا تەشكىلاتى ھۇجۇم نىشانى قىلغان سودا بىناسى ئىككى كورپۇس 110 قەۋەتلىك ئېگىز قۇرۇلۇش بولۇپ، ئەگەر سان «110»دىن 0 نى چىقىرىۋەتسەك، ئۇ سان11 گە ئۆزگىرەيدۇ. شۇنداق بۇلىشىغا قارىماي قوش كورپۇسلۇق بۇ بىنانىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىمۇ خۇددى 11 دىگەن سانغا ئوخشاپ كېتىدۇ. تېرورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرگەن ۋاقىتتا، بۇلانغان ئىككى ئايرۇپىلاننىڭ بىرىنىڭ رەت نومۇرى AA11،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايرۇپىلان خادىملىرىنىڭ ئومۇمىي سانىمۇ 11 نەپەر ئىدى. تېرورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرگەن شۇ كۈنى، دۇنيا سودا مەركىزىنىڭ ئايروپىلان سوقۇلۇپ غۇلاپ چۈشكەن ۋاقتى سائەت 10 دىن 28 مىنوت ئۆتكەن چاغ بولۇپ، ئەگەر بۇ ۋاقىت بىلدۈرگەن ساننىڭ ھەر قايسى خانىلىرى 2،8،1،0 قاتارلىقلارنى ئۆز-ئارا قوشساق، 11 دىگەن سانغا ئېرىشەلەيمىز. ئەگەر بۇلارنى تاسادىپىيلىق دەيدىغان بولساق، بۇنى تېخىمۇ مۇتلەقلەشتۈرۈپ تاسادىپىيلىق ئىچىدىكى تاسادىپىيلىق دىمەي بولمايدۇ. تىرورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان نىيۇرك شىتاتى ئامرېكىنىڭ 11-شىتاتى شۇنداقلا نىيۇرك (NewYork City)، ئامېرىكا دولەت مۇداپىئە بەش بۈرجەكلىك بىناسى (ThePentagon)، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى جۇرجى بوش (George W.Bush)،بېن لادىن يۇشۇرۇنۇپ ياتقان ئافغانىستان (Afghanistan)قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئادەم ئىسىملىرى ۋە يەر ناملىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى 11ھەرپتىن تەركىب تاپقان. ئۇنىڭدىن باشقا، تىرورلۇق ھۇجۇمىدىن كىيىن زۇڭتۇڭ بوش ماتەم كۈنىنى 11 كۈن قىلىپ بەلگىلىدى. ئامېرىكىدا، 911 دىگەن بۇ نومۇر كورىيەنىڭ ساقچىغا مەلۇمقىلىش نۇمۇرى 119 غا يېقىن كېلىدۇ. ئادەمگە مەسخىرىلىك تۇيغۇ بىرىدىغىنى دەل بۇ كۈنى تېرورلۇق ھۇجۇمى يۈزبەردى. شۇنىڭدىن قارىغاندا، 11 دىگەن بۇ سان «9.11»تېرورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى ئارىسىدىكى زىچ باغلىنىشلىقتىن ئەگىپ كېتەلمىگەندەك تۇرىدۇ.
مەنبە: پۇگۈيمېي تۈزگەن (كورىيە)، جېڭ بىڭنەن تەرجىمە قىلغان «ۋىتامىندەك ماتېماتىكا» ناملىق كىتاب، ھازىرقى زامان نەشرىياتى، 2012-يىلى 1-نەشىرى، 25-، 26- بەتلەر
|