قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3725|ئىنكاس: 37

ئەلكۈن لوندون: ئابىلايخان ۋە ئەل بىرلىگى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

15

تېما

18

دوست

4506

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   83.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14288
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 15
مۇنبەر پۇلى: 150
تۆھپە : 1802
توردىكى ۋاقتى: 227
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-26 16:59:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابىلايخان ۋە ئەل بىرلىگى

قاسىم مەسىمىي
شەرىقشۇناس تارىخچى (قازاقىستان)



ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن يوللانمىسى



     دۆلەت  رەھبىرى  نۇرسۇلتان نازاربائېۋ ئابلايخاننىڭ يۇبىلېيىغا  بېغىشلانغان سۆزىدە  خەلقىگە دانا، ئېلىگە  پانا بولغان ئۇلۇق خاننىڭ خەلقى ئۈچۈن سىڭەرگەن  ئەمگىگىنىڭ چەكسىز ئېكەنلىگىنى ئېيتىپ كېلىپ: " مەن خەلىققە  قارىتىلغان سۆزلىرىمدە  ئەل بىرلىگى،  مىللەت ئىتتىپاقى ئىزگۈلۈكنىڭ   كاپالىتى ئېكەنلىگىنى ئېيتىشىمدىن  يېلىققان ئەمەسمەن" دېگەن ئېدى. دۆلەت رەھبىرىنىڭ موشۇ سۆزىگە  تايىنىپ، كېلەچەك ئەۋلاتنىڭ بىرلىگىنى،   ئىتتىپاقىنى، مىللەتلەر ئارا  دوستلۇغىنى كۈچەيتىش مەخسىتىدە  ئابلايخاننىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ھەققىدە  ئۆز ئوي –پىكرىمنى تارىخىي  مەنبەلەرگە   ئاساسلىنىپ ئوقۇرمەنلەرگە  يەتكۈزۈشنى دۇرۇس كۆردۈم. ئەگەر  تارىخنى ئۆتمۈشنىڭ ئەينىگى دېسەك،  شۇ ئەينەككە پات-پات قاراپ تۇرغانغا نېمە يەتسۇن.
      1368- يىلى خان بالقتا (پېكىن- بېيجىڭ) چىنگىزخاننىڭ  تول ئوغلىدىن تارىغان خانزادىلەرنى  يۇقارقى  بەگلىكتىن كەلتۈرگەن مىن سۇلالىسى ئەندى  ئىمپېرىيەنىڭ  چېگىرىسىنى كەڭەيتىشكە  كىرىشتى. بۇنىڭغا قارشى بولغان ئۈگەدەينىڭ  ئەۋلاتلىرى  بىلەن  ئۇلارنىڭ  تەرەپدارلىرى  ئۆزلىرىگە ئورتاق "ئويرات" دېگەن نام ئېلىپ،  خالقىدىكى (مونغولىيا) خانلىقلار بىلەن بەگلىكلەرنى بىر مەركەزگە  يىغىپ، مىن  ئېمپىرىيىسى بىلەن  ئۇرۇشۇپ، ئۇلارنىڭ ئىمپېراتورىنى  قولغا  چۈشەردى. بىراق بۇ ئۇتۇق كۆپكە بارماي، ئوردا ئىچىدىن  مەنسەپ تالاش ئويراتلارنىڭ بۆلۈنۈشىگە سەۋەپ بولدى. ئويراتلارنىڭ سول قول ھاكىمدارى،  خوشوئۇت، تورغائۇت، ئۆلېت، دوربىت، بائىت يەنىمۇ باشقا قەبىلە  بىرلەشمىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ ئالتاينى ئېشىپ ئىرتыش ئەتراپىدا  ئوردا  قۇردى. بۇ بىرلەشمىنى مونغولچە "جوڭغار" ( سول قول -  ق.م.) دەپ ئاتىدى. ژوڭغارلار   گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ بىر مۇنچە يېرىنى بېسىۋېلىپ،  غەرىپكە  نەزەر سالدى. كۆپ ئۆتمەي يېتەكچى قەبىلە  بىرلەشمىلىرىنىڭ ئارىسىدا  توپىلاڭ  چىقىپ،  خوشوئۇت قەبىلە  بىرلەشمىسى تىبەت تېغىدىكى تۇققانلىرىغا،  ھە تورغائۇت قەبىلە بىرلەشمىسى ۋولگا دەرىياسىنىڭ تۆۋەن تەرىپىگە كەتتى. قېلىن قالانغانلار قالماق ئاتالدى. ئۇلار ئوردىنى ئالتاينىڭ جەنۇبىدىكى تەڭرىتاغ ئېتىگىگە  ئورۇنلاشتۇردى. كېيىن  قالماق ئاتالغۇسى بىزنىڭ يازما مەنبەلىرىمىزدە  ئېغىز ئەدەبىياتىمىزدا، چۆچەك -رىۋايەتلىرىمىزدە  كۆپلەپ قوللىنىشقا  باشلىغان. ئەمدى بىز ئويرات، ژوڭغار سۆزىنىڭ ئورنىغا قالماق ئاتالغۇسىنى  يازىمىز.
       ئەمىر تۆمۈرنىڭ  ئۆلۈمى ئۇنىڭ  ئەۋلاتلىرى  ئارىسىدىكى مەنسەپ  تالاش، موڭغول خاڭزادىلىرىنىڭ قايتىدىن بىرلىككە كېلىشىگە  شارائىت تۇغدۇردى. شۇلارنىڭ بىرى ئەبىلخائىر ئېدى. ئۇ 1428- يىلى خان تەختىگە ئولتۇرۇپ،  بىر مۇنچە يەرلەرنى ئۆزىگە قوشۇپ،  كۆچمەن ئۆزبەك  ئۇلۇسىنى قايتىدىن تىكلىدى. ئەبىلخائىرنىڭ كۈچىيىشىگە قارشى بولغان قالماقلار يۈرۈش قىلىپ، 1457- يىلى سىغاناق شەھىرىنىڭ  مەركىزىدە ئەبىلخائىرنى يەڭدى.        ئەبىلخائىرنىڭ  يېڭىلىشى ژوشىدىن تارايدىغان كېرېي سۇلتان بىلەن ئەبۇ سائىدنىڭ (ئەز ژەنىبېكنىڭ) كېتىشىگە  سەۋەپكار بولىدۇ. ئۇلار شەرقىي تۈركستاندىكى موغۇلستان خانلىقىنىڭ ھاكىمدارى ئېسېنبۇغانىڭ قېشىغا  كېلىپ، پانا سورايدۇ. تارىخچى ت. ئى. سۇلتانوۋ پارسلار موڭغول دېگەن سۆزدىكى  "ڭ" ھەرىپىنى قالدۇرۇپ موغول دەپ يازدى دەيدۇ. ("قازاق خانلىغىنىڭ  تارىخى"، ئالمۇتا،  2003- يىل. 39-ب.).  مۇسۇلمان خەلىپىلىگىنىڭ پايتەختى  باغدات شەھىرى بولۇپ، پارس تىلى خەلىق ئارا  تىل ئورنىدا  يۈرگەن. نەشىرلەرنىڭ  بېسىم كۆپچىلىگى پارس تىلىدا يېزىلغان. مەۋرىناھىردىن كابۇلغا، ئۇنىڭدىن كېيىن ھىندستانغا كەتكەن زاھىرىدىن مۇھەممەد بابۇر (1493—1530-ژ.) ئۆزى قۇرغان مەملىكەتنى ئۇلۇق موغولىستان دەپ  ئاتىغان.
      ئالىم غ.م.ئىسخاقوۋنىڭ ئەمگەكلىرىدە  بۇ ئۆلكە قەشقەرىيە، شەرقىي تۈركستان، كىچىك بۇخارا دەپمۇ يېزىلغان. شۇنداقلا باشقا ئالىملار بىلەن سەياھەتچىلەرنىڭ بىر مۇنچە ئەمگەكلىرىدە،  كۈندىلىكلىرىدە موشۇ  ئاتالغۇ نۇرغۇن ئۇچرىشىدۇ. ("ئىسسلېدوۋانىيا پو ئۇيگۇروۋېدېنىيۇ" ئالماتىي، 2005 -ي. 123-بەت).
     مەسىلەن: رۇسنىڭ كۆرنەكلىك تارىخچىسى ن.م.كارامزىن ئۆزىنىڭ "پرېدانىيا ۋېكوۋ"،  م.1988-ي. كىتابىنىڭ 256-بېتىدە "… سىلاۋنئې پروسۋېئېنىئېم  ئىگۇر  ئىلى  ئۇيگور،  ئوبىتاۋشىئې  نا گرانىئې  مالوي  بۇخارىئى، نازۋالىس پودداننمى چىنگىزخانا. سىئى ئىگور،  ئوبوژايا  ئىدولوۋ، تېرپېلى ئۇ سېبيا  ماگومېتان ئى خرىستىئان نېستورىئانسكىخ: ليۇبىلى  نائۇكى،  خۇدوژېستۋا ئى سوئوبئالى گراموتۇ ۋسېم نارودام تاتارسكىم" دەپ يازغان.
     موشۇ پەيتتە  مونۇ مەسىلىنى ئېيتىپ  ئۆتكەن توغرا:
     موڭغول — مڭغول — مۇڭغول — مىڭقول سۆزى ئىككى بوغۇمدىن تۇرىدۇ. موڭ — مڭ (مۇڭ) — ئۇيغۇرچىمۇ، موڭغولچىمۇ — مىڭ،  ھە غول دېگەن سۆزنىڭ ئۈچ مەناسى بار:
     غول — چوڭ ساي، بۇ سايدىن بىر دەرىيا ئېقىپ چىقىدۇ. مەسىلەن، چوڭ ئالمۇتا، كىچىك ئالمۇتا، تالغىر، ئىشىكتە ۋە ۋ.ب. بۇ سايلارنى ئۇيغۇرچىمۇ، موڭغولچىمۇ غول دەپ ئاتايدۇ.
     غول — دەپ ئۇيغۇرلارمۇ، موڭغوللارمۇ  بالىنىڭ    مۈرىسىدىكى ئىككى گۈجەكنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئاتايدۇ.
     ئۇيغۇرچىمۇ، مونغولچىمۇ كۆچەتنىڭ ئۆزىگىنى غول دەيدۇ. مانا موشۇنداق غوللار مونغولىيەدە ئىنتايىن كۆپ. ھەر  غولدا  چوڭ بىر ئاتىنىڭ  ئەۋلادى تۇرىدۇ. ئۇرۇش ۋاقتىدا  ھەر بىر غولدىن مىڭ  سەرۋاز ئاتقا مىنىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلارنى مىڭ قول دەپمۇ ئاتايدۇ.
      ئېسېنبۇغا ئۇلارغا موغولستاننىڭ غەربىدىكى چۇ بىلەن قوزыبېشى ئەتراپىدىن ماكان بېرىپ،  ئۇلارنى  قازاق،  ياكى ئەركىن ژۈرگەن ئادەملەر دەپ ئاتايدۇ. ئېسېنبۇغىنىڭ ئۆزى ئۆزبەك  ئۇلۇسىنىڭ خانى ئەبىلخائىر بىلەن ئاراز بولىدۇ. ئەبىلخائىر ئەسكەر ژىغىپ، كېرېي  ۋە  ئەز ژەنىبېككە قارشى ئاتلىنىدۇ. بىراق  يولدا ئاغرىپ كۆز ژۇمىدۇ. ئەسكەر ژۈرۈشنى توختىتىپ، خاننى دەپىن قىلىشقا  ئوردىغا قايتىدۇ.
      قەشقەرىيەدىن  ياردەم ئېلىپ ئەبىلخائىرنىڭ ئەسكىرىنى كۈتۈپ تۇرغان كېرېي بىلەن ئەز ژەنىبېك ئۇنىڭ كېيىن قايتقىنىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاپ، دەشتى قىپچاققا كېلىدۇ.  كۆپلىگەن قەبىلە باشلىقلىرى  (ئۇلارنىڭ ئىچىدە بۈرگې — بېرېكې سۇلتانمۇ بار) ئۇلارنى قوللاپ، ئەبىلخائىرنىڭ مىراسخورى  شېيخ-خايدارغا قارشى چىقىدۇ. توقۇنۇشتا خايدار ئۆلىدۇ. ئۇنىڭ  مۇھەممەت (1451-يىلى تۇغۇلغان)، ماخمۇد (1454-ي.) دېگەن ئىككى ئوغلى ئۆز تەرەپدارلىرى  بىلەن قېچىپ ئاستىراخانغا كېتىدۇ. ئۆزبەك  ئۇلۇسى تاراپ ۋولگا، نۇرا، ئېسىل دەرىيالىرىنىڭ بويى، ئارال ئەتراپى، ماڭغستاۋنى  ماكانلىغان مانغت، ئالشىن،  تاما، كېرېي، نايمان، قىپچاق يەنە باشقا  قەبىلىلەر بىرىكىپ، ماڭغت خانلىغىنى  قۇرىدۇ، كېيىن ئۇلار نوغاي خانلىغى دەپمۇ  ئاتىلىدۇ. نۇرا دەرىياسىنىڭ شىمالىي،  توبول، ئېسىل ھەم ئىرتش  دەرىياسىنىڭ تۆۋەنكى تەرىپىدە ماكانلىغان كېرېي،  نايمان،  ئۇئاق، قىپچاق باشقىمۇ قەبىلىلەر سىبىر خانلىغىغا  كىرىدۇ. يەتتىسۇنىڭ غەربى: سىر، سارسۇ ئەتراپىنى ماكانلىغان ئارغن، دۇلات، قانل، ژالاير ۋە باشقا قەبىلىلەر كېرېي بىلەن ئەز ژەنىبەكنى قوللاپ 1470—1471-يىللىرى قازاق خانلىغىنى  قۇرىدۇ. (ئا.كۈزېمباي، ئېكىن ئەبىل ئامانژول "ئىستورىيا رېسپۇبلىكى كازاخستان"، ئالماتىي 1998  -ي. 134-136-ب.).
      ئاتا قىساسىنى قايتۇرۇشنى ئۇنتۇمىغان ئەبىلخائىرنىڭ  نەۋرىسى مۇھەممەت ئىلىغا قايتىپ كېلىپ،يۇرتىنى يىغىدۇ. ئابرويى ئۆسۈپ، بىر مۇنچە ئەسكەر يىققان ئۇ  بۈرگې سۇلتان بىلەن  سىر دەرياسىنىڭ  تۆۋەنكى بويىدا قىشلاشنى خوپ كۆرىدۇ. بىر كۈنى ئۇ نەۋكەرلىرىگە ئوۋغا چىقىمىز،  بارلىغىڭ مېنىڭ  ئەتراپىمغا  يىغىلىڭلار دەپ بۇيرۇق بېرىدۇ. نەۋكەرلەر يىغىلغاندا،  ئۇ بۈرگې سۇلتاننىڭ ئوردىسىغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىغىنى  ئېيتىپ،  مال-مۈلۈككە قىزىقماڭلار، ئوردىنى  قورشاپ،  بۈرگېنى تۇتۇڭلار دەپ بۇيرۇيدۇ. تاڭ سەھەردە  ئاتلارنىڭ دۈكۈرلىشىدىن چۆچۈپ ئويغانغان بۈرگې ھودۇققىنىدىن يۇگىسىنى  يېپىنىپ، قېلىن قومۇچلۇقنىڭ ئىچىگە  كىرىپ كېتىدۇ. ئۆينى   ئاختۇرغان مۇھەممەتنىڭ ئادەملىرى  ئۇنى تاپالماي،  پىتىراپ قاچقان ئادەملەرنى قوغلاپ ماڭىدۇ. بىر قاچقۇن ئۆزىگە يېقىنلاپ كەلگەن سەرۋازنىڭ: — سەن كىمسەن، توختا،  — دېگەن سۆزىگە: —  مەن سىلەر ئىزدەپ ژۈرگەن ئادەممەن، دەپ  قېچىپ كېتىدۇ.  سەرۋازلار  ئۇنى تۇتۇپ سۇلتانغا  ئېلىپ كېلىدۇ. سۇلتان ئۇلارغا :
—  بۇ بۈرگې ئەمەس، ئۇنىڭ خىزمەتكارى ئۇيغۇر مۈنكې، دەپ  ئېيتقاندا، نۆكەرلەر  بۇ كىشى: "مەن سىلەر ئىزدەپ ژۈرگەن ئادەممەن"  دەپ بىزنى  ئالدىدى دەيدۇ. سۇلتان مۈنكېدىن:
— سەن نېمىشاقا نەۋكەرلەرگە يالغان ئېيتىڭ؟ — دەپ سورايدۇ.
— بۈرگې  ياخشى ئادەم ئىدى،  مەن بېشىمنى ئۆلۈمگە تىكىپ،  ئۇنى قۇتۇلدۇرۇشىغا  مۈمكىنچىلىك بەردىم. بۈرگې يىراقلاپ كەتتى، ئەمدى  سىلەر  تۇتالمايسىلەر،  — دەيدۇ مۈنكې.
     مۈنكېنىڭ جاۋابىغا رازى بولغان مۇھەممەت ئۇنىڭ  گۇناسىدىن كېچىپ،  سوغا بېرىپ قويۇۋېتىدۇ. سەرۋازلار قايتىدىن بۈرگېنى ئىزدەپ، ئۇنى تېپىپ، سۇلتاننىڭ ئالدىغا ئەكەلگەندە، مۇھەممەت بۈرگېنى ئۆلۈم جازاسىغا كېسىپ، ئۇنىڭ  ئۆلتۈرمەي ئۆزىگە قوشۇۋالىدۇ. مۇھەممەت سىر ۋە ئامۇ دەرىياسىنىڭ   ئارىلىقىدىكى شەھەرلەرنىڭ بىر قاتارىنى ئۆزىگە بېقىندۇرۇپ، مۇھەممەت  شەيبانى ئاتىلىدۇ. ئۇ  سەمەرقەنتنى پايتەختقىلىپ،   تۆمۈر   ئەۋلادىنى   ژۇقۇرى   بىيلىكتىن كەتتۈرىدۇ.
     ئەبىلخائىرنىڭ نەۋرىلىرى قازاق خانلىقى بىلەن بىر نەچچە رەت توقۇنۇشسىمۇ،  قېرىنداشلىق ئالاقىلىرىنى ئۈزمەيدۇ. مۇھەممەتنىڭ ئىنىسى ماخمۇت قازاق خانى بۇرۇندۇقنىڭ قىزىغا ئۆيلىنىدۇ،  ھە ئۇنىڭ بالىسى مۇھەممەت  تۆمۈرمۇ بۇرۇندۇققا كۈي- ئوغۇل بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ، قۇدىلىشىپ، ئارىلىشىپ ياشىغان بىر خەلىق ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. مۇھەممەت شەيبانىنى ياقلىغانلار،  يەنى چوڭ ئاتىدىن تارىغانلار ئۆزلىرىنى ئۆزبەك دېسە،  ئۇلاردىن بۆلۈنۈپ كېرېي بىلەن  ئەز ژەنىبېكنى ياقلىغانلار  قازاق ئاتىلىدۇ. بۇ بۆلۈنۈش كېيىنرەك قازاقلار ئىچىدە  "ئۆزبەك ئۆز ئاغام" دېگەن خەلىق سۆزىنىڭ  چىقىشىغا سەۋەپكار بولسا كېرەك.
قازاق خانلىقىنىڭ بىرىنچى خانى بولۇپ كېرېي سايلىنىدۇ. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن 1474-يىلى ئۇنىڭ مىراسخورى  بۇرۇندۇق تەختكە ئولتۇرۇپ ئەز ژەنىبېك بىلەن بىللە  ئەل باشقۇرىدۇ. خانزادىلارنىڭ ئىچىدە  ئەز ژەنىبەكنىڭ بالىسى  قاسىم خەلىق ئىچىدە  ئالاھىدە  ھۆرمەتكە ئېگە بولۇپ،  ئۇ  بارلىق  ئىچكى-سىرتقى سىياسەتتە،  مەملىكەتنى ھىمايە قىلىشتا  چوڭ كۈچ چىقىرىپ،  ئىرادىلىگىنى، دادىللىغىنى تونۇتىدۇ. ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن ئۇ ژۇقۇرى  بىيلىكتىن  ئۈمۈت قىلىپ،  بۇرۇندۇقنىڭ  تەرەپدارلىرى  بىلەن  جېدەللىشىدۇ. بۇنىڭدا قاسىم يېڭىپ،  بۇرۇندۇق ئۆزبەك ئۈلۈشىگە كېتىدۇ. قاسىمخاننىڭ  دەۋرىدە قازاق خانلىغىنىڭ چېگارىسى جەنۇپتا  سىرنىڭ ئوڭ قانىتى،  تۈركستان شەھىرى،  جەنۇبىي -شەرىقتە  يەتتىسۇ ئۆلكىسىنىڭ  بىر مۇنچە  يەرلىرى،  شىمالىي- شەرىقتە  ئۇلۇقتاغ  بىلەن بالقاش ئەتراپى،  شىمالىي- غەرىپتە  ئۇرال دەرىياسى بويىغىچە كەڭەيتىلدى. قاسىم ئۆلگەندىن كېيىن خانزادا،سۇلتانلارنىڭ   ئارىسىدا  مەنسەپ تالاش نەتىجىسىدە  قازاق خانلىغى بىر مۇنچە يەرلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى. ئەلنى تىنىچلاندۇرۇپ،  نوغاي خانلىغىغا،  سىبىر خانلىغىغا كەتكەن يەرلەرنى قايتۇرۇش قاسىمنىڭ ئوغلى  نازارنىڭ  ئۈلۈشىگە  تەگدى. نازار خاننىڭ يولىنى تۇتقان  ئۇنىڭ قېرىندىشى تاۋكېلخان،  ئىنىسى ئېسىمخان قازاق خانلىغىنى كۈچەيتتى. بىراق  نازارنىڭ ئاكىسى ژالىم سۇلتاننىڭ بالىسى تۇرسۇن ئېسىمنى تەختتىن مەھرۇم قىلدى. ئېسىم تەرەپدارلىرى بىلەن قېچىپ ئۇيغۇرلارغا (موغولستانغا) كېلىپ ئۇلاردىن ياردەم ئېلىپ،  شەرىقتىن كەلگەن قالماقلارغا  تاقابىل تۇرۇپ،  تۇرسۇندىن تەختنى تارتىۋالدى. ئېسىم ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ مىراسخورى ژانگىر (1628—1652 ي.) تەختكە  ئولتۇردى. قالماقلار قازاقلار بىلەن ھازىرقى ئىلى دەرىياسى بىلەن بالقاش كۆلىنى چېگرا قىلدى   ئەمدى شەرىقتە ئېنىسېي دەرىياسىغىچە بېرىپ، ھازىرقى موڭغولىيانىڭ غەربىي قىسمىنى، قەشقەرىيە (موغولىستان) خانلىغىنى،تىبەتنى ئۆزىگە بېقىندۇردى.  
      ئۇلار  قازاقلار بىلەن بولغان ئۇرۇشتا  ژانگىرخاننى ئەسىرگە ئېلىپ، بىر  يىلدىن كېيىن قايتۇرىدۇ. بۇنىڭغا رەنجىگەن قازاقلار قالماقلارغا ئۆچمەس،   پۈتمەس  دۈشمەن بولىدۇ. قالماقلار 1652-يىلى  ئىسسىقكۆل بويىدىكى قىرغىزلارنى بېقىندۇرۇپ،  قازاقلار بىلەن  قايتىدىن ئۇرۇشۇپ،  يەكمۇ -يەكتە   جانگىرخاننى ئۆلتۈرۈپ،  سايرام قامالىنى ۋەيران قىلىپ،  پەرغانىغا  قول سوزىدۇ. شەرىقتە قالماقلار  خانلىقىغا  ھۇجۇم قىلىپ،  ئۇنىڭدىكى ھاكىمدار توپنى  مانجۇرىيە ۋە خىتتايغا سۈرىدۇ. مىن ئەسكەرلىرىنىڭ يېڭىلىشى  ئەل ئارىسىدا نارازىلىق تۇغدۇرىدۇ.خەلىقنى تىنىچلاندۇرغان چۇرژېن بىرلەشمىسىنىڭ   باشچىسى ئاباخاي 1644-ژىلى ژۇقۇرى بىيلىكنى قولىغا ئېلىپ،  خىتتايدا  چىن سۇلالىسىنى ئورنىتىدۇ.
      قالماق خانى گالدان  ژۈرۈشتە ۋاقتىدا  ئۇنىڭ تۇققىنى ئېۋان رابتان  ئوردىدا  ھەربىي ئاغدۇرۇش ئۇيۇشتۇرۇپ، گالداننىڭ ئادەملىرىنى ئۆلتۈرىدۇ. ياقلىغۇچىلىرىدىن جۇدا بولغان گالدان ئوغا ئىچىپ ئۆلىدۇ. قالماقلار ئارىسىدىكى   تارتىشلار قازاقلارغا  ۋاقىتلىق  تېچلىق ئەكېلىپ، ئۇلار جانگىرنىڭ ئوغلى تەۋكېنى 1680-ژىلى  خان تەختىگە كۆتىرىپ، ئۇنىڭغا مەسلىھەتچى قىلىپ،  تۆلې، ئەيتېكې، قازىبېك بىيلەرنى سايلايدۇ. جانگىرنىڭ  چوڭ ئوغلى ئۇئەلىباقى بىيلىككە يېتەلمەي، تۇققانلىرىغا ئاچچىقلىنىپ، ئۆرگەنىشنى بىيلەپ تۇرغان تاغىسى قايىپخاننىڭ قولىغا بارىدۇ. ئۇئەلىباقىنىڭ بالىسى ئابلاي يەكمۇ-يەكتە  ھېچ كىم چاق كەلمەيدىغان باتۇر بولۇپ، قان ئىچەر ئابلاي ئاتىلىپتۇ. موشۇ ئابلايدىن كۆركەم ئۇئەلى تۇغۇلىدۇ. ئۇنىڭ بالىسى ئەبىلمەنسۈر (كېيىن قازاققا خان بولۇپ   ئابلايخان ئاتىلىدۇ). خان تەۋكې مەسلىھەتچىلىرى بىلەن كېڭىشىپ،  كۈلتۆبې "ژېتى ژارغ" قانۇنىنى قوبۇل قىلىدۇ. روسسىيا دۆلىتى بىلەن ئىتتىپاق، دوستلۇق ئالاقە ئورنىتىشقا تىرىشىدۇ. خان 1710-ژىلى مەسلىھەتچىلىرىنىڭ ياردىمى  بىلەن ئۈچ يۈزنىڭ كۆرنەكلىك ۋەكىللىرىنى ژىغىپ، قاراقۇمدا قۇرۇلتاي ئۆتكۈزۈپ،  قىرغىز، نوغاي  قەبىلىلىرى بىلەن كۈچ بىرىكتۈرۈپ، قالماقلارنى شەرىققە تامان سۈرىدۇ، بىراق 1714-ژىلى ھەل قىلغۇچى جەڭدە يېڭىلىپ،  كۆپ ئۆتمەي كۆز ژۇمىدۇ. تەۋكېنىڭ ئۆلۈمى سۇلتانلار ئارىسىدىكى مەنسەپ تالاشنى تۇققۇزىدۇ. ئەلنى تىنىچلاندۇرۇش ئۈچۈن كۆپچىلىك 1717-ژىلى خان تەختىگە  ئېسىمخاننىڭ  نەۋرىسى قايىپنى ئولتارغۇزىدۇ. قايىپ كىچىك يۈزنىڭ سۇلتانى ئەبىلخائىر بىلەن ئەسكەر ژىغىپ قالماققا قارشى ئاتلىنىدۇ.  ئاياگۆز دەرىياسىنىڭ بويىدىكى ئۇرۇشتا يېڭىلىپ،  كېيىن قايتىدۇ. قالماقلار  ئۇلارنى  قوغلاپ،  قازاق خانلىغىنىڭ جەنۇبىدىكى ماكانلارنى بېسىۋالىدۇ.
     1718-يىلى  غايىپ دۇنىيادىن ئۆتكەندە،  قازاق سۇلتانلىرىنىڭ  ئىچىدە  تەخت تالاش كۈچىيىدۇ. بەزى سۇلتانلار ياش، ئالغۇر،  جاسۇر ئەبىلخائىر سۇلتاننى خان تەختىگە كۆتەرمەي،  تەۋكېنىڭ  ئوغلى بولاتنى سايلايدۇ. بۇنىڭغا قارشى  بولغان  كىچىك يۈزلۈكلەر  ئەبىلخائىرنى ئۆز  خانىمىز دەپ تونۇيدۇ. ئوتتۇرا يۈزنىڭ  قەبىلىلىرى شاھ مۇھەممەت سەمېكېگە بېقىنىدۇ. بۇ تالاش-تارتىشتىن خەۋەر تاپقان قالماق خانى ئېۋان رابتان 1723-ژىلنىڭ  باھارىدا  قاراتاغدىن ئېشىپ،  تالاس ئەتراپىدا تۇرىدىغان خەلىقنى  قاتتىق  قىرغىنغا  ئۇچرىتىدۇ. 1724—1725-ژىللىرى قالماقلار تۈركستان بىلەن تاشكەنتنى ئېلىپ،  كىچىگىرەك  شەھەرلەر بىلەن يېزىلارنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ. ئامان قالغان خەلىق بېزىپ بۇخارا ۋە  سەمەرقەنتكە كېتىدۇ. بۇ ۋاقىئە قازاق تارىخىدا "ئاقتابان شۇبرند" دەپ ئاتىلىپ قالدى. خەلىق  ھوشىنى ژىغىپ تەخت تالاشنى توختىتىپ، 1726-ژىلى ئەبىلخائىرنى باش قوماندانلىققا تايىنلايدۇ. كېلەر ژىلى ئېۋان رابتان ئالەمدىن ئۆتۈپ،  ئورنىغا  بالىسى  گالدان ئېرېن ئولتىرىپ،  ئۇ  مانجۇرىياگە ئاتلىنىپ،  خىتاينىڭ  60 مىڭ  ئەسكىرىنى تالقانلاپ،  ئۇلارنىڭ باش  قوماندانىنى ئەسىرگە ئالىدۇ. قالماقلاردىن گۇمانلانغان چىن ئىمپېرىياسى روسسىيالىكلەر بىلەن بىرىكىپ،  قالماق خانلىغىنى يوقىتىپ،  ئۇنىڭ يېرىنى بۆلۈشۈپ ئالايلۇق دېگەن تەكلىپ بىلدۈرىدۇ. (بۇ تەكلىپ روسسىيالىك تەرەپتىن قوبۇل قىلىنسا كېرەك، بۇنىڭغا كېئىينكى ۋاقىتتىكى روسسىيە –خىتتاي ئالاقىلىرى گۇۋا بولىدۇ — ق.م.).
      قالماقنىڭ ئاساسىي كۈچى خىتايدا ژۈرگىنىنى بىلگەن  ئەبىلخائىر ئەسكەر ژىغىپ،  قالماققا قارشى ئاتلىنىپ،  ئۇلارغا بۇلانتы دەرىياسىنىڭ بويىدا  (قاراغاندا ۋىلايىتى) زەربە بېرىدۇ. قاچقانلىرىنى قوغلاپ، 1729-ژىلى بالقاش كۆلىنىڭ  يېنىدىكى ئاڭراقاي دالاسىدا  قالماقنىڭ  ئەسكەرلىرى بىلەن قايتا ئۇچرىشىپ،  غالىبىيەتكە يېتىدۇ. خوشاللىق بىلەن قايتقان ئەبىلخائىر خان تەختىگە  ئۈمۈتكار ئېكەنلىگىنى بىلدۈرىدۇ. بىراق كۆپچىلىك ئۇنى سايلىماي،  1730-ژىلى بولاتنىڭ بالىسى ئەبىلمامبېتنى خان تەختىگە كۆتىرىدۇ. بۇنىڭغا رەنجىگەن ئەبىلخائىر ئۇفا شەھىرى ئارقىلىق روسسىيا ئىمپېراتورىغا  قازاق خانلىغىنىڭ نامىدىن خەت يوللاپ، ئىمپېراتوردىن  قازاق خەلقىنى قارىمىغىغا ئېلىشنى ھەم ھىمايە قىلىشنى ئۆتۈنۈپ،  خان تەختىنى ئۆزىنىڭ نەسلىگە، ئاتىدىن بالىغا بېرىشنى سورايدۇ. ئەبىلخائىرنىڭ ئۆتۈنۈشى بويىچە پادىشا پەرمانى بىلەن قازاق دالاسىغا تاتار پەرزەندى  قۇتلۇ مۇھەممەت تېۋكېلېۋ (خرىستىئانچە ئىسمى ئالېكسېي ئىۋانوۋىچ) ئەلچى بولۇپ كېلىدۇ.  ئۇ ئۆز ياردەمچىلىرى ۋە ھىمايىچىلىرى بىلەن ئورۇنلىشىپ، ئىشنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىقلىغاندا،  ئەبىلخائىرنىڭ باشقا خانلىرى ۋە  سۇلتانلىرىنىڭ قارارىنى كۈتمەي، پادىشاغا خەت يوللىغىنىنى ئېنىقلايدۇ. ئۇ  ئەل ئارىلاپ قازاق خان، سۇلتان، قەبىلە باشلىقلىرىنى، باتۇر، بىيلىرىنى ژىغىدۇ. ژىغىلغانلارنىڭ بەزىلىرى ئەبىلخائىرنى ئەيىپلەپ،  روسسىياگە  بېقىندى ئەمەس،  ئۇ ئەل بىلەن دوستلۇق شەرتنامە تۈزۈشنى سورايدۇ. بۇنىڭغا ئەلچى ھەم ئۇنىڭ  ھەمرالىرى قارشى بولىدۇ. مۇھاكىمىگە پائال قاتناشقان بۆگېنباي،  ئېسېت باتۇرلار،  كۆدېي مىرزا ۋە  27 قەبىلە باشلىقلىرى بىلەن ئاكتىۋىستلار ئەبىلخائىرنى قوللايدۇ. كۆپ ئۆتمەي روسسىياگە بېقىندى بولۇشقا  ئوتتۇرا يۈز خانى سەمېكې،  ئۇلۇق يۈزدىن تۆلې،  قودار،  خانگېلدى بىيلەر،  ساتار ۋە  بۆلېك باتۇر ئۆز  پىكىرلىرىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، قازاق خەلقى 1731—1733-ژىللار ئارىسىدا  روسسىيا پادىشالىغىغا بېقىندى بولۇپ كىرىدۇ. قول قويۇلغان شەرتنامە ئەل ئارىسىدىكى ئىغۋاگەرچىلىك، سۇلتانلارنىڭ تەككەببۇرلىغى، رۇسلارغا بېقىندى بولۇپ بەزىلىرى  خرىستىئان دىنىغا كىرىپ، "كازاك" ئاتالغان بەزى  قېرىنداشلىرىنىڭ  قازاق يېرىگە  قېتىڭ-قېتىڭ ھۇجۇم قىلىپ،  ئۈنۈملۈك يەرلەر بىلەن يايلاقلارنى  ئېگىلەۋېلىشىغا  مۈمكىنچىلىك يارىتىدۇ.
      ئەمدى شەرىقتە  قالماقلار  ئەلنىڭ تىنىچلىغىنى بۇزىدۇ. بۇ قالايمىقانچىلىقنى رەتلەش ئۈچۈن قازاق زىيالىلىرىنىڭ  تەكلىۋى بىلەن   ئورنبور  ئۆلكىسىنىڭ   باشلىقى ۋ.ن.تاتىشېۋ 1740-يىلى كىچىك، ئوتتۇرا يۈز ئاقساقاللىرى بىلەن  سۇلتانلىرىنىڭ قۇرۇلتىيىنى ئۆتكۈزىدۇ. قۇرۇلتايغا قاتناشقان  ئەبىلمەمبېتخان، ئابلاي سۇلتان ۋە باشقىلار ۋ.ن.تاتىشېۋنىڭ  قازاقلارنى سىرتقى دۈشمەندىن ساقلاش ئۈچۈن بارلىق مۈمكىنچىلىكنى ياسايدىغان  ئىشەنچىسىگە ئېگە بولىدۇ. بۇ قارارغا  نارازى بولغان قالماقلار 1741-يىلى  ئەسكەر ژىغىپ،  قازاقلارغا  قارشى ئاتلىنىدۇ.  ئۇلار  توبول ۋە  ئىشىم دەرىيالىرىنىڭ  ئارىلىغىدا بولغان جەڭدە  ئابلاينىڭ ئەسكىرىنى يېڭىپ، سۇلتان بىلەن ئۇنىڭ 35 ئادىمىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئېسىمنىڭ بالىسى ژولبارسنىمۇ ئەسىرگە ئالىدۇ. ئورنبورغا كەلگەن قالماق  ئەلچىسىگە گۇبېرناتور ئى.ش.نېپليۇېۋ "سىلەر نېمىشكە  ئابلاينى تۇتۇپ تۇرىسىلەر" دېگەن سورىغىغا ئەلچى: "ئۇ قالماق خانىنىڭ يېقىن  تۇققىنىنى ئۆلتەردى، ئابلاي قالماقلاردىن ھېچ قانداق قىيىنچىلىق  كۆرۈۋاتمايدۇ" دەيدۇ. قالماق خۇنتايچىسى  ئابلاينىڭ جوش ئەۋلادىنىڭ  پەرزەندى ئېكەنلىگىنى بىلىپ،  ئۆز مەخسىتىگە پايدىلىنىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا تۇققىنى توقۇش خانىمنى ئۆيلەندۈرىدۇ.  (توقۇشتىن قاسىم تۇغۇلىدۇ. قاسىمنىڭ بالىسى كېنېسار) ئابلاي قالماقلارنىڭ ئىچىدە ژۈرۈپ، تىلنى، يېزىشنى ئۈگىنىپ، مەلۇم ئابرويغا ئېگە بولىدۇ. ئۇنىڭ قالماقلار بىلەن چىقىشىپ،  ئەبىلمەمبېت  بىلەن روسسىيا ئەلچىسى مايور  مىللېرنىڭ  ئارىلىشىشى ئىككى ژىلدىن كېيىن ئۇنىڭ ئامان-ئېسەن بارلىق ئادەملىرى بىلەن ئېلىگە قايتىشقا مۈمكىنچىلىك  يارىتىدۇ.  بۇ توغرىلىق 1743-ژىلى  ئەبىلمەمبېتنىڭ  ئوردىسىغا بېرىپ قايتقان ئورыنبور گۇبېرناتورىنىڭ ۋەكىلى ئى.لاپىن بىلەن  م.ئاسانوۋ  مۇنداق دەيدۇ:  "ئون،  ئابلاي ئوت ژيۇنگارئېۋ س ۋېلىكىم  ناگراژدېنىئېم  ئوتپۇئېن، ئا ئىمېننو: دانا  ئېمۇ پالاتكا،  ئىتايا زولوتوم щئۇبا، كرتايا پارچويۇ زولوتويۇ،  پالاتكا ژېلېزنايا سكلادنايا،  پانئېر پروچېئې" ( "ئېگېمېن قازاقستان" گېزىتى، 20-فېۋرال، 2013 - ژ.). ئابلاي قالماقلار ئارىسىدا ژۈرگەندە داۋائى، ئەمىرسانا دېگەن نويانلار بىلەن ياخشى ئالاقە ئورنىتىدۇ.
      ئابلاينىڭ تۇتقۇندا بولۇشى قازاق سۇلتانلىرىنىڭ ئارىسىدا  ھەر خىل پىكىرلەر پەيدا قىلىپ،  ئۇلارنىڭ  بېشىغا كۈن تۇغۇلغاندا، ئەبىلخائىرنىڭ ياردەم قىلمىغىنى دېلىكەي بولۇپ،  ئەبىلخائىر 1748-يىلى ئۆز قانداشلىرىنىڭ  قولىدىن قازا تاپىدۇ. خاننىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ بالىسى نۇرالى سايلىنىپ،  پادىشا ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانى بىلەن ئۇنىڭغا ھەر ئايدا بېرىلىدىغان مائاش بەكىتىلىدۇ. موشۇ چاغدا قالماق خانزادىلىرىنىڭ ئىچىدە تەخت تالاش باشلىنىپ،  ئۇلار بىر-بىرىنى ئۆلتۈرۈشكە كىرىشىدۇ. ژۇقۇرى  بىيلىكتىن تاما قىلغان ئەمىرسانا چىن ئىمپېراتورى چەنلۇنغا  ئەرىزە قىلىدۇ.
      1765-يىلى ئەمىرسانا  200 مىڭ مانجۇر-خىتاي ئەسكىرىنى  باشلاپ كېلىپ،  داۋائىنى ئەسىرگە ئالىدۇ. ئىمپېراتور داۋائىنى ئۆلۈم جازاسىغا كېسىپ،   ئەمىرساناغا بەرگەن ۋەدىسىدىن  يالتىيىپ،  ئۇنى قالماقلارنىڭ  ئەمىرچىسى بولۇپ سايلانغان مانجۇر باندىغا ياردەمچى قىلىپ  بەكىتىدۇ. ئالدانغىنىنى بىلگەن ئەمىرسانا چىن ئىمپېرىياسىنىڭ  جوڭغار دالاسىدىكى قالدۇرغان ئەسكىرىنى تالقانلاپ،  ئۆزىنى  قالماقلارنىڭ  خانى دەپ ئېلان قىلىدۇ. غەزەپلەنگەن چەنلۇن  دەررۇ ئەمىرساناغا قارشى  كۆپ ئەسكەر ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئادەملىرىنى ئايىماي قىرىدۇ. ئەمىرسانا  قېچىپ قازاقلارغا كەلگەندە،  ئابلاي سۇلتان، بۆگېنباي،  قوژابېرگېن باتۇر ياردەملىشىپ،  قوغلاپ كەلگەنلەرگە زەربە بېرىدۇ. كېلەر 1757-يىلى ئىمپېراتور يەنە ئەمىرساناغا  قارشى  جاۋخەي باشلىغان كۆپ ئەسكەر ئەۋەتىپ،  قالماقلار بىلەن ئۇنىڭ ياقلىغۇچىلىرىنى رەھىمسىز قىرىپ، شەمەيگە يېقىنلايدۇ. ئابلاي ژاۋخەيگە ئەلچى ئەۋەتىپ،  چىن ئىمپېرىياسىنىڭ ھاكىمدارلىغىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈرىدۇ.
     بۇنىڭدىن خەۋەر ئالغان روسسىيا پادىشاسى چىن ئىمپېراتورىغا  تۆۋەندىكى يوللانمىنى  ئەۋەتىدۇ. رۇسچىدىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلغان ق.مەسىمىي. "…سىلەر نېمىشكە بىزگە بېقىندى بولغان سۇلتان بىلەن  ئالاقە ياسايسىلەر…؟" چىن ئىمپېراتورى بۇ خەتكە تۆۋەندىكى جاۋاپنى بېرىپتۇ: "…نەدىن ئابلاي سىلەرنىڭ  بېقىندىڭلار؟ ئەگەر ئۇ باشقۇرغان خەلىق سىلەرگە بېقىندى بولسا،  سىلەر نېمىشكە ئۇلارغا  ياردەم بەرمىدىڭلار؟ ئابلاي خەلقىنى  قىرغىندىن ساقلاش ئۈچۈن بىزنىڭ  بىيلىگىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئەگەر ئۇلار سىلەرنىڭ  قارىمىغىڭلاردا بولغۇسى كەلسە، ئۇلارنىڭ ئۆز ئەركى…" (ئا.گ.ئولوۋىنئوۋ، گ.ژ.تابۇلدىن "چىنگىزىد. دىناستىئى ئى پوخا"،  ئاستانا، 2010-يىل، 73-75-ب.).  ئۇرۇش توختىتىلىپ،  ئەمىرسانا  ئۆز تەرەپدارلىرىنىڭ  قولىدىن قازا تاپىدۇ. قالماقلارنى يېڭىپ، ئۇلارنىڭ يېرىنى چىن ئىمپېرىياسى غەرىپ ئۆلكە،  يېڭى ئۆلكە،  يېڭى چېگارا  ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش مەنالارنى بېرىدىغان  شىنجاڭ دېگەن  تامغا بىلەن يازىدۇ. (ئا.توقتاباي. "تۈرك خەلىقلىرىنىڭ تنومەدەنىيىتى"،  ئالمۇتا، 2006-ژ.، 223-ب.). بۇ تامغا (ئىئېروگلىف) ھازىر پەقەت شىنجان ئۇيغۇر ئاۋتونوم رايونىدىلا  قوللىنىلىدۇ.
     چىن ئىمپېرىياسىگە بوي سۇنمىغان ئۇيغۇر سۇلتانلىرى بۇرخانىدىن بىلەن خانغوجا قەشقەر،  ياركەنت  شەھەرلىرىدە 1757- يىلى  مىللىي-ئازاتلىق ئىنقىلاپ كۆتىرىپ،  جەنۇپتىكى چىن ئارمىياسىنى چوڭ چىقىمغا ئۇچراتتى. جاۋخەي دەررۇ قازاق يېرىگە كىرگەن چىن ئەسكىرىنى كېيىن قايتۇرۇپ، قەشقەردىكى كۆتىرىلىشنى بېسىشقا  بۇيرۇق بەردى. چوڭ ئارمىياگە  تاقابىل تۇرالمىغان  بۇرخانىدىن بىلەن خانغوجا چېكىنىپ  بەدەخشان ۋە قوقەنتكە كەتتى.
    ( م.ياقۇپوۋ، "كۇلدژا — گورود تورگوۋي"، ئالماتي 2004،-يىل، 36-بەت.) بۇ كۆتىرىلىش  چىن ئىمپېرىياسىنىڭ  غەربىي ئۆلكىلەرگە: قازاق، قىرغىز،  ئۆزبەك يەرلىرىگە  ژۈرۈشىگە  توسالغۇ بولسا،  روسسىيا — پرۇسسىيا چېگارىلىرىدا بولغان قۇراللىق توقۇنۇش رۇسلارنىڭ شەرىققە قاراپ سىلجىشىنى تېجەيدۇ. قالايمىقانچىلىق دەۋىر مۇسۇلمان جامائىتىنى ئويغىتىپ،  ئۇلار 1763-يىلى  ئاۋغانستان شاخى ئەخمەتنىڭ يېتەكچىلىگىدە  خىتايغا قارشى ژۈرۈشكە چىقىشقا تەييارلىنىدۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر ئالغان خىتاي ئىمپېراتورى 1763-يىلى ئابلاينى پۈتكۈل قازاق ئېلىنىڭ خانى ئېكەنلىگىنى تەستىقلەيدىغان  ھۆججەت (گراموتا) ئەۋەتىدۇ.  ئابыلاي ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ  ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ، ئۇلار بىلەن كېلىشىلگەن شەرتنامىنى بۇزمايدۇ. چۇ، تالاس ئەتراپىدىكى قىرغىزلارنى  چېكىندۈرۈپ،  قوقەنت خانلىغىدىن تۈركستان، سايرام،  چىمكەنتنى  ئېلىپ،  ھازىرقى قازاقستاننىڭ  جەنۇبىي  چېگارىسىنى بەكىتىدۇ. ئابلاينىڭ تەدبىرچانلىغىنى،  باتۇرلىغىنى،  كوماندانلىق ماھارىتىنى چۈشەنگەن خەلىق ئۇنى 1772-يىلى غوجا ئەخمەت مېچىتىدا خان تەختىگە سايلايدۇ. قازاقنىڭ  ئۇش  يۈزىنى  بىرىكتىرگەن خان   ئابلاي  خوشنا دۆلەتلەر بىلەن تىل تېپىشىپ،  چېگارا ئەتراپىدا تېچلىق ئورنىتىپ،  ئەلنىڭ  تۇرمۇش ئەھۋالىنى كۆتەرگەندە ئاغرىپ،  1781-يىلى ۋاپات بولىدۇ. خاننىڭ مىراسخورى ۋەلى ئاتا يولىنى تۇتالمايدۇ. سۇلتانلار ئارىسىدىكى ئىختىلاپلار،  روسسىيا ئىمپېرىياسىنىڭ  قازاق يېرىگە كىرىپ، قورغان، بەكىنىشلىرىنى سېلىشقا  مۈمكىنچىلىك يارىتىدۇ. بۇنىڭغا قارشى بولغان قازاق باتۇرلىرى يەرلىك، ئۆلكىلىك كۆتىرىلىشلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ،  چوڭ غالىبىيەتكە يېتىشەلمەيدۇ. بۇنى  ياخشى چۈشەنگەن ئاباينىڭ نەۋرىسى كېنېسار ئۈچ يۈزنى بىرىكتۈرۈپ،  مىللىي ئازاتلىق كۆتىرىلىش ئۇيۇشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ.
     1841- يىلى ئۈچ يۈزنىڭ ۋەكىللىرى كېنېسار قاسىموۋنى  خان سايلايدۇ. كېنېسارنىڭ كۈچىيىشىدىن  گۇمانلانغان  روسسىيا پادىشاسى نىكولاي  I 1843- يىلى كېنېسارыغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش ئېچىشقا بۇيرۇق بېرىدۇ. ("قازاقستان تارىخ كۆنې زاماننان بۈگіنگې دېين"، ئالماتىي 1994، -ژ.228-231-ب). كېنېسارنى قوللىمىغان  قازاق سۇلتانلىرى بىلەن بىيلىرى ئۇنى رۇس ئەسكىرىنىڭ ياردىمى بىلەن  قىسىمغا ئېلىپ،  جەنۇپقا چېكىندۈرىدۇ. ئۇلۇق يۈز قەبىلىرىدىن ياردەم  ئالغان كېنېسار قوغلىغۇچىلارغا قارشى تۇرۇپ، ئوردىسىنى مېركې بەكىنىشىگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ. 1847-يىلى  روسسىيالىكلەرنى قوللىغان قىرغىز ئەسكىرى كېنېسارىنىڭ رەقىپلىرى بىلەن كۈچ بىرىكتۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئۈچ تەرەپتىن  ھۇجۇمغا چىقىدۇ. خاننىڭ ئەسكىرى جەنۇپقا چېكىنىپ، توقماق شەھىرىنىڭ  تۈۋىدىكى جەڭدە يېڭىلىپ،  كېنېسار 32 قازاق سۇلتانلىرى بىلەن  قازا تاپىدۇ. رۇسنىڭ چارلىغۇچى مەھكىمىسى كېنېسارىنىڭ ۋاپات بولغان ژىلى  12 ياشلىق چوقان ۋەلىخانوۋنى ئومسكىدىكى كادېت كورپۇسىغا ئوقۇشقا ئېلىپ،  ئۇنىڭ ئوقۇش پروگراممىسىغا مەخسۇس پەنلەرنى كىرگۈزىدۇ. (ب. قستاۋبائېۋ. "تاينا چوكانا ۋالىخانوۋا"، ئالماتىي 2009-ژ.، 26-ب.) 1853-ژىلى چوقان ئوقۇشنى پۈتىرىپ، دەسلەپ قاتاردىكى ئوفىئېر،  ئۇنىڭدىن كېيىن گېنېرال گ. گاسفورتنىڭ ئاديۇتانتى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. 1856-يىلى ئۇ  رۇس ئېكسپېدىسئىياسى بىلەن ئىسسىقكۆل بويىغا كېلىپ،  قىرغىزلارنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن تارىخىنى ئۈگىنىپ قايتىدۇ. روسسىيا ئىمپېرىياسىنىڭ  بىرىنچى چارلاش تاپشۇرمىسىنى ئويدىكىدەك ئورۇنلىغان چوقان 1856-يىلى مەخسۇس تاپشۇرما بىلەن غۇلجىغا كېلىپ،  ئۇ يەردە ئۈچ ئاي تۇرۇپ،  كۆپلىگەن مەلۇماتلارنى ژىغىپ، ئومسكىغا كېلىدۇ. چوقان ئەكەلگەن مەلۇماتلار ژۇقۇرى باھالىنىپ، ئۇ ئەندى ئەڭ قىيىن ھەم خوۋۇپلۇق قەشقەر سەپىرىگە تەييارلىنىدۇ. بۇ سەپەر توغرىلىق كۆپ يېزىلغانلىقتىن مەن ئۇنىڭغا توختالماي، پەقەت بىر ئەھۋال توغرىلىق ئېيتقۇم كېلىدۇ.  ئۇ موشۇ سەپەردە چوقانغا  تۇغۇلغان  خوۋۇپ.
     بۇ خوۋۇپ ئەڭ ئالدى بىلەن قىرغىز تەرەپتىن كەلگەن بىر جاسۇستىن تۇغۇلسا،  ئاندىن  "بۇ ئەلىمباي دېگەن ھېچ قانداق سودىگەر ئەمەس، رۇسنىڭ  جاسۇسى" دېگەن ئىككىنچى مەلۇمات يەنە بىر ئىشەشلىك ئادەمدىن چۈشىدۇ. بۇنى  چوقانغا يېقىن ژۈرگەن قەشقەرلىكلەر ئۆز ۋاقتىدا  خەۋەرلەپ ئۈلگىرىپ،  ئۇنىڭغا دەررۇ كېتىپ قېلىشقا  شارائىت يارىتىدۇ،  ئاخىرى تاغدىكى داۋاننى تازىلاپ،  نارىن دەرىياسىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلار توغرىلىق يېزىلغان ئۈچ كىتاپنى سوغا قىلىپ،  ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىدۇ. بۇ مەلۇماتلار چوقاننىڭ  قەشقەرگە سەپەر دېگەن كۈندىلىگىدە  يېزىلغان. موشۇ كۈندىلىك ئارقىلىق چوقان  قازاق خەلقىنى دۇنىياغا تونۇتۇپ،  پەن ساھاسىغا چوڭ ئۈلۈش قوشىدۇ.
     قەشقەر سەپىرىدىن كېيىن چوقانىڭ دۈشمەنلىرى  كۆپىيىدۇ. چۈنكى ئۇ  چوڭ مەخپىيەتنىڭ مەنبەسى ئېدى. بۇ مەخپىيەتنى تېز يوق  ئېتىشكە روسسىيامۇ، خىتايمۇ مەنپىيەتدار بولدى.  ئاخىرى ئۇ 1865-يىلى  10-مايدا ئالتۇن ئەمەلدە، تېزېك تۆرىنىڭ ئاۋۇلىدا  قايتىش بولدى. بۇ پەقەت رەسمىي مەلۇمات. بۇ ئۆلۈمنىڭ سىرى موشۇ كۈنگىچە تولۇق ئېچىلدى دەپ ئېيتىش قىيىن. مەسىلەن، ب.قستاۋبائېۋ "تاينا چوكانا ۋالىخانوۋا" دېگەن تەتقىقاتىدا  بىر مۇنچە تېپىشماقلارنىڭ  چېتىنى چىقارغان. 1865-يىلى پېتېربۇرگتىكى رۇس گېئوگرافىيالىك جەمىيىتىنىڭ ژىغىنىدا  پ. پ. سېمېنوۋ - تيانشانسكىي دوكلاد ئوقۇپ "قىرغىزنىڭ كەڭ دالاسىدا، روسسىيانىڭ خىتاي بىلەن چېگارىداش يېرىدە كۈچ-قۇۋىتى داۋالغۇپ تۇرغان چېغىدا،  ئىنتايىن قابىلىيەتلىك قىرغىز سۇلتانى چوقان ۋەلىخانوۋ ئۆلتۈرۈلدى. بۇ ئۆلۈم  ئارىمىزدىن ژىراقتا تۇرىدىغان  ئەڭ بىلىملىك ئادىمىمىزنى ئوتتۇز يېشىدا ئېلىپ كەتتى" دېگەن. روسسىيانىڭ زىيالى  جامائىتى ئارىسىدا كەڭ تونۇلغان،  ئابرويلۇق ئادەمنىڭ  چوقان توغرىلىق بۇ  مەلۇماتى تەسادىپى ئەمەسلىگى ئايدىن ئوچۇق. بۇنىڭغا تۆۋەندىكى مەلۇماتلارمۇ  گۇۋا بولالايدۇ.
     چوقان بىلەن يېقىن ئارىلاشقان روسسىيا ئارمىياسىنىڭ  پولكوۋنىگى تېزېك تۆرە 1870-يىلى قاپال بەكىنىشىگە ئاخچا ئېلىپ كېتىۋاتقان مايور زادورىنكانىڭ ئوتريادىنى يوق قىلىپ، قۇراللىرى بىلەن ئاخچىنى ئولجا ئېلىپ غۇلجىغا كېتىدۇ. ئىلى سۇلتانلىغىنىڭ  سۇلتانى ئەلەخان تۆرە  روسسىيادىن كەلگەن ئەلچىلەرگە: "بىز سىلەرگە  تېزېك تۆرە بىلەن ئۇنىڭ ئادەملىرىنى بېرەلمەيمىز..." دەپ قايتۇرۇۋېتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ قازاق قېرىنداشلىرىنى ھىمايە قىلىشى ئەل ئارىسىغا تېز تاراپ،  روسسىيا ئارمىياسىنىڭ پورۇچىگى (بەزى دېرەكلەردە پراپورئىگى) تازابېك بۇسۇرمانوۋ، ئېسائۇل گېراسىموۋنىڭ ئوتريادىگە  ھۇجۇم قىلىپ ئۇنىڭ مال مۈلكىنى ئولجا ئېلىپ 1000 يېقىن ئادىمى بىلەن غۇلجىغا كېتىدۇ. روسسىيا ئەلچىلىرى غۇلجىغا كېلىپ ئەلەخان  تۆرىدىن تېزەكنى، تازابېكنى،  ئۇلارنىڭ ئادەملىرىنى، ئولجا ئالغان مۈلۈكنى 1871-يىلى 3-مايغىچە قايتۇرۇپ بېرىشنى قەتئىي تەلەپ قىلىدۇ، بەرمىسە ئىشنىڭ چاتاققا ئايلىنىدىغانلىغىنى ئەسكەرتىدۇ. ئاق پادىشانىڭ قولىغا  چۈشسە،  ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ھالى قانداق بولارىنى بىلگەن ئەلەخان تۆرە ئۇلارنىڭ  تەلەۋىنى قوبۇل قىلمايدۇ. روسسىيا پادىشالىغى ئىلى سۇلتانلىغىغا ئۇرۇش ئېلان قىلىپ، 1871-يىلى ئىيۇن-ئاۋغۇست ئايلىرىدا ئىلى ئۆلكىسىنى بېسىۋېلىپ، سۇلتانلىقنى يوق قىلىدۇ.
    ئاق پادىشانىڭ باسقۇنچىلىق سەياسىتىگە  قارشى بولغان يەتتىسۇ خەلقى  1916-يىلى  قايتىدىن كۆتىرىلىدۇ. پادىشا ئەسكىرى ھۆكۈمەتكە قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرنى رەھىمسىز جازالاپ،  ئاددىي خەلىقنىمۇ  سۈرگۈنگە  چۈشىرىدۇ. زورلۇق-زومبىلىققا چىدالمىغان 300 مىڭدەك  قازاق، قىرغىزلار غۇلجا بىلەن قەشقەر ئۆلكىلىرىگە قاچىدۇ. (ئا. كۈزېمباي ل، ئې. ئەبىل،  "ئىستورىيا رك" ئالماتىي ، 1998-ژ. 293-بەت).
    1928—1932-يىللىرى ئېۋرازىياگە كەلگەن قۇرغاقچىلىق بىر مۇنچە ئەللەرنى گانگىرىتىپ قويدى. قازاق ئېلىنىڭ  ئاساسىي كەسپى مال چارۋىچىلىغى بولغانلىقتىن، مال قىرىلىپ،  ئادەملەر چوڭ ئاپەتكە ئۇچرايدۇ. ئامان قالغانلىرى جان قاچۇرۇپ ئۇيغۇر يېرىگە  كۆچۈپ، بۇرۇن كەتكەن  قانداشلىرى بىلەن تېپىشىدۇ. ئۇيغۇرلار كەلگەن قازاق قېرىنداشلىرىنى قۇچاق ئېچىپ قارشى ئېلىپ،  ئۇلارنى ئۆز  تۇققانلىرى بىلەن چېگارىداش ئۆلكىلەرگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بىر مۇنچە قازاقلار قازاقستاندا تىن ئېچىش مەزگىلىدۇ ئېلىگە قايتىپ كېلىپ، قېرىنداشلىرى بىلەن تېپىشىدۇ. تارىخچى ئا.توقتاباينىڭ  "تۈركى خالقتارنڭ ئېتنومەدېنىئېت "ئالماتي 2006  - ژ. ناملىق ئەسەرىدە  "ھازىر ئۇيغۇر ئۆلكىسىدە تۇرىدىغان قازاقلار  ئۆسۈپ سانى  1.257 مىڭغا يەتتى. ئۇلارنىڭ بېسىم كۆپچىلىگى 1871-يىلى رۇسلار يوق قىلىۋەتكەن ئىلى سۇلتانلىغىنىڭ يېرىگە ئورۇنلاشقان. قېلىن ئورۇنلاشقان ماكانى ئىلى — قازاق ئاپتونوم ۋىلايىتىنىڭ  مەركىزى غۇلجا شەھىرى. بۇ يەردە ئونغا يېقىن مەتبۇئات ۋاسىتە قۇراللىرى تارىتىلىدۇ، ئۈرۈمچىدىن  كۈنىگە  24 سائات قازاق تىلىدىكى تېلېكانال ئىشلەيدۇ " دەپ ئاتاپ كۆرسەتكەن.   
         قەدىرلىك جامائەت، موشۇ تارىخىي پاكىتلاردىن، ئۇنىڭ ئىچىدە  ئابلاي بىلەن ئۇنىڭ  ئەۋلاتلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرسەتكەن ياردىمىنى بايقىغان بولارسىلەر. مۇنداق ياردەملەر بىر ئاتىلىق، قانداش، قېرىنداش ئەلدىلا بولىدۇ. ھە، بىز نېمىشقا بۆلۈنۈپ قالدۇق دېسەك، ئۇنى ھەممىڭلار بىلىسىلەر. بىز، "بۆلۈۋالدى، بىيلىگىن" دېگەن سەياسەتنىڭ قۇرۋالىرىمىز. شۇڭلاشقا بىز ھازىر "شورتان، ئاققۇش، چايان"غا ئوخشاش تارىخنى ھەرتەرەپكە سۆرىگىچە،   كۈچۈمىزنى  بىرىكتۈرۈپ،  قازاق، ئۇيغۇر خەلىقلىرى بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن  قول چىقىرىپ، دۆلەت تەرىپىدىن  ئاتىلىپ ئۆتۈۋاتقان ئابلايخاننىڭ 300 ژىللىق يۇبىلېيى پەقەت قازاق قېرىنداشلىرىمىزنىڭلا تويى ئەمەس، ھەممىمىزگە ئورتاق توي. تويىمىز تويغا ئۇلاشسۇن.



كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق

13

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5015
يازما سانى: 529
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1981
تۆھپە : 2064
توردىكى ۋاقتى: 879
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-26 19:34:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1871- يىلى ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ ھالاك بولۇش ھېسابىغا، ئۇيغۇرلار ھازىرقى شىنجاڭ قازاقلىرىنىڭ ئاتا- بوۋىلىرىنى قۇتۇلدۇرۇپ قاپتىكەن.
بۇ تارىخنى قازاق، ئۇيغۇر ياشلىرى بىلىشى زۆرۈر. بولۇپمۇ بىر قىسىم ئاشقۇن قازاق ياشلىرى بىلىشى زۆرۈر. بىر قىسىم ئاشقۇن قازاق ياشلىرىچە بولسا، ئالتاي، ئىلى بىزنىڭ دەپ ئۇ يەرلەردىكى ئۇيغۇرلارنى قوغلىۋەتكۈسى بار.
بۇ تارىخنى ئىلگىرى بىر قىسىم قازاق ياشلىرىغا دېسەك، قەتئىي ئىشەنمەيتى. بۇ تارىخنى قازاق زىيالىلىرىنىڭ ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغىنى ياخشى بوپتۇ.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

8

0

تېما

6

دوست

2427

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   14.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25289
يازما سانى: 276
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 702
توردىكى ۋاقتى: 57
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-26 19:53:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت

1

تېما

7

دوست

6347

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   26.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8628
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 443
تۆھپە : 1662
توردىكى ۋاقتى: 725
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-26 20:31:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   apandim111 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-26 20:36  

《《تازابېك بۇسۇرمانوۋ، ئېسائۇل گېراسىموۋنىڭ ئوتريادىگە  ھۇجۇم قىلىپ ئۇنىڭ مال مۈلكىنى ئولجا ئېلىپ 1000 يېقىن ئادىمى بىلەن غۇلجىغا كېتىدۇ. روسسىيا ئەلچىلىرى غۇلجىغا كېلىپ ئەلەخان  تۆرىدىن تېزەكنى، تازابېكنى،  ئۇلارنىڭ ئادەملىرىنى، ئولجا ئالغان مۈلۈكنى 1871-يىلى 3-مايغىچە قايتۇرۇپ بېرىشنى قەتئىي تەلەپ قىلىدۇ، بەرمىسە ئىشنىڭ چاتاققا ئايلىنىدىغانلىغىنى ئەسكەرتىدۇ. ئاق پادىشانىڭ قولىغا  چۈشسە،  ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ھالى قانداق بولارىنى بىلگەن ئەلەخان تۆرە ئۇلارنىڭ  تەلەۋىنى قوبۇل قىلمايدۇ. روسسىيا پادىشالىغى ئىلى سۇلتانلىغىغا ئۇرۇش ئېلان قىلىپ، 1871-يىلى ئىيۇن-ئاۋغۇست ئايلىرىدا ئىلى ئۆلكىسىنى بېسىۋېلىپ، سۇلتانلىقنى يوق قىلىدۇ.》》-ئۇيغۇر -قازاق تۈركلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ياشىسۇن! ئىتتىپاقلىق_ئۇ كۈچ دىمەكتۇر.

تۈمەن ئۆركىشى

14

تېما

59

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   21.28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4025
يازما سانى: 1597
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1636
تۆھپە : 4472
توردىكى ۋاقتى: 813
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-26 22:27:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
a.kaxkiriy يوللىغان ۋاقتى  2014-2-26 19:34
1871- يىلى ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ ھالاك بولۇش ھېسابىغا، ئۇيغ ...

دۇرۇس ئېيتىپسىز قېرىندىشىم .

0

تېما

4

دوست

2494

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   16.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9094
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 157
تۆھپە : 683
توردىكى ۋاقتى: 409
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-26 23:32:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشىنىش ياشىسۇن.ئۆزىنىڭ كىملىكىنى،تارىخىنى بىلىدىغان قازاق بۇرادەرلەرمۇ بار مۇنداق.ئۇيغۇر قازاق مۇنبەرلىرىدە بىر-بىرىنىڭ كۆتىنى ئاچىدىغان تالاش تارتىشلاردىن كۆرە ئەجدات ئىزىدىن ماڭىدىغان،ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تىمىلارنىڭ كۆپىيىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
تىمىلىرىڭىز ھەر قايسى قازاق مۇنبەرلىرىگىمۇ يوللانغاي.ئەتىدىن كەچكىچە ئۇيغۇرنى تىللاپ ئۆتىدىغان بالىلارنىڭ ھوشىنى تېپىشىغا ياردىمى بولار.

0

تېما

4

دوست

2494

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   16.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9094
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 157
تۆھپە : 683
توردىكى ۋاقتى: 409
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-26 23:35:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر ئىش،گەرچە تىما ئۇيغۇرچە يېزىقتا يېزىلغان بولسىمۇ،ئاتالغۇ ۋە پىكىر قىلىش ئۇسۇلى قازاقچە بولۇپ قاپتۇ.شۇڭا قازاقچىغا پىششىق ئۇيغۇر باللا يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇر تىلىغا ئاغدۇرۇپ قويساڭلار،بۇ قېرىندىشىمىزمۇ كۈچىنىڭ يىتىشىچە ئۇيغۇرچە قىلىشقا تىرىشىپ بېقىپتۇ.ئازراق ئىش قېتىش زۆرۈركەن.

0

تېما

2

دوست

5445

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   8.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9200
يازما سانى: 378
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 63
تۆھپە : 1648
توردىكى ۋاقتى: 240
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-27 00:08:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تارىخى تېمىكەن ،دوست بىلەن دۆشمەننى ئايرىپ ياشاش كېرەك............
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )