ئۇيغۇر بولساڭ ئۇيغۇرۇڭنى دەيدەيگە سالما !!!
پەزىلەتتىن <تون> تىككۈزۈپ كىيىپ مەردانە ، <دوختۇر>بولۇپ مىللىتىڭچۈن<رىتسىپ>يېزىپ تۇر. زەخمە يەتسە كۆكرىكىگە خەنجەر ئۇرۇلۇپ ، شىپا ئىزدەپ ئارىسىدا دائىم كېزىپ تۇر .
تەن يارىسى دورا بىلەن ساقىيىپ كېتۈر ، ئېلىپ كەلمەس قورقۇنچلۇق مۇدھىش قاباھەت . گەر سانجىلسا يۈرىكىگە بىرەر تال <تىكەن>، دىل ئازارى بولۇپ قالۇر مەڭگۈ جاراھەت .
ئويچان بولغىن پەرۋاسىزلىق ساڭا بىزگە يات ، مىللەت بولغاچ قەدىرلىكسەن نالىسىنى بىل . نالىسىدىن ئازاپلانماي يۈرەك جىم تۇرسا ، كېرەك ئەمەس بۇنداق يۈرەك پىچاق بىلەن تىل .
تېتىمايدۇ كاۋاپلىرىڭ تۇز ، مۇچ سەپمىسەڭ ، ھەم كام بولسا تەم كىرگۈزگۈچ دورا-دەرمانىڭ . باھار كەلمەي ئېچىلمايدۇ گۈللەر پورەكلەپ ، سەن قۇش بولساڭ ئۇيغۇر دېگەن گۈلۈڭ ئارمانىڭ .
چىن كۆيۈنگىن مىللىتىڭگە رىياخور بولما ، ياقتۇرمايدۇ ھېچبىر مىللەت مۇغەمبەرلىكنى . كاپىر بولدى ، كاززاپ ئەلچى مۇسەيلىمەمۇ ، دەۋا قىلغاچ تەپتارتماستىن پەيغەمبەرلىكنى .
تەشەببۇس قىل ھەر ساھەدە ئۆملىكىمىزنى ، سەركە بولغىن بايراقلارغا ، كەينىدە قالما . تۇيۇق يولغا قۇترىتىشنىڭ زىيىنىنى بىل ، ئۇيغۇر بولساڭ ئۇيغۇرۇڭنى دەيدەيگە سالما .
ھەم ئۇيغۇرسەن، ھەم مۇسۇلمان پەخىرلىك ياشا، يات مىللەتكە ھەۋەس قىلىش رەزگى ناچار خۇي ، بىلىم بىلەن قانات ياساپ ئۆرلە ئېگىزگە ، بەخت تىلە ئۇيغۇرۇڭغا بولۇپ دۇئاگۇي .
مەنبە :قەلىمىم .
|