دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ئۇچقۇ ياسىلىۋاتىدۇ
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئېنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلدى
BBC خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 2014- يىلى 28- فېۋرال خەۋىرى
1920 - يىللىرى غايەت زور ھاۋا شار ئۇچقۇسى (دىرىجىبل) قويۇپ بېرىلگەن ئەنگىلىيىنىڭ كاردىڭتون (Cardington) يېزىسى ھاۋا شار ئۇچقۇسى ئىشلەش بازىسىدا دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ھاۋا شار ئۇچقۇسىنىڭ ياسىلىۋاتقانلىغى ئېلان قىلدى.
بۇ ھاۋا شار ئۇچقۇسى ئەسلىدە ئامېرىكا ئارمىيىسى ئۇچۇن لاھىيىلەنگەن بولۇپ، ئۇزۇنلىقى 91 مېتىر، گېلي (helium 2He) ماددىسىنى يېقىلغۇ قىلىدىغان، ئېنېرگىيە كۆيدۈرۈپ ۋە كۆيگەن ئېنېرگىيىنى يەنە ئۆزىدە ساقلاپ قايتا ئىشلىتەلەيدىغان يېشىل ئېنېرگىيىلىك ئىقتىدارغا ئىگە بىر ئىش تۇرى بولۇپ، مەبلەغ يېتىشمىگەنلىك سەۋەپتىن بۇ ھاۋا ئۇچقۇسىنى ئىشلەپ پۇتتۇرۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىدى.
شۇ تۇر بويىچە ھازىر قايتىدىن لاھىيىلىنىپ ياسىلىۋاتقان بۇ ھاۋا ئۇچقۇسى 1225 كىلو گرام يۈكنى 21 كۇن ھاۋا بوشلۇقىدا ئېلىپ يۇرەلەيدىكەن ئەمما ئەگەر بۇ ئۇچقۇ قىسقا مۇساپىلەرگە ئۇچسا 5 توننىغا يېقىن يۈكنى ئېلىپ ماڭالايدىكەن. بۇ ھاۋا شار ئۇچقۇسى ھازىر لايىھىلىنىش باسقۇچىدا بولۇپ،بەلكىم پۇتۇپ چىققاندىن كېيىن 50 توننا ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق يۈكلەرنى ئېلىپ ئۇچىشى مۇمكىن ئىكەن.
BBC مۇخبىرى كاردىڭتوندىكى يېشىل ئېنېرگىيىلىك ترانسىپورت ئەسلىھەلىرىنى ياساش بازىسىدا ھاۋا تولدۇرۇلۇپ سىناق ئېلىپ بېرىۋاتقان ناھايىتىزور ھاۋا شارىنى كۆردى.
خەۋەر مەنبەسى:
http://www.bbc.co.uk/news/magazine-26372277
|