قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 12980|ئىنكاس: 44
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

خوجىنىياز ھاجىنىڭ فۇگۇەنتى يۈنۈس موللام

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

0

دوست

1108

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   10.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26579
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 58
تۆھپە : 462
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 17:55:37 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئاديۇتانت (فۇگۇەن) تى يۈنۈس موللام


ئابلىمىت ئابدۇللا

 ئاپتور: قومۇل تۆمۈريول ج خ باشقارمىسىدا



             يۈنۈس موللام 1931-يىلىدىكى قومۇل دېھقانلار ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى خوجىنىياز ھاجى (1889-1942) نىڭ ئاديۇتانت (فۇگۇەن-副官) لىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ ئىنقىلاب باشلانغاندىن تارتىپ تاكى خوجىنىياز ھاجى جاللات شېڭ  شىسەي (1897-1970) نىڭ سۈيقەستلىك پىلانى بويىچە ئۈرۈمچىدە قولغا ئېلىنغانغا قەدەر ھاجىنىڭ ئاديۇتانتتى بولغان. مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر (1923-1995) ئەپەندىنىڭ «ئويغانغان زېمىن» رومانى ۋە باشقا ماتېرىياللاردا يۈنۈس موللامنىڭ نامى تىلغا ئېلىنمىغان. شۇڭا مەن يۈنۈس موللامنىڭ تارىخىنى يورۇتۇپ بېرىش مەقسىتىدە، ئۇنىڭ ھاياتى ۋە كەچۈرمىشلىرىنى ئەينەن يېزىپ كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە تەقدىم قىلماقچىمەن. يېتەرسىز تەرەپلىرى بولسا ئوقۇمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئۈمىت قىلىمەن.
                                                                                                                                           -ئاپتور

          قومۇل دېھقانلار ئىنقىلابىنىڭ يېتەكچىسى خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئاديۇتانتتى نامى بىلەن تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئالغان ئاتاغلىق شەخىس يۈنۈس موللام، 1890-يىلى قومۇل شەھرىنىڭ پالۋانتۇر يېزا دۆربەجىن غولئېرىق كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق گالى ئىمام ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، ئۇ ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدا قومۇل ۋاڭلىق مەدرىسىدىكى مەشھۇر ئالىم، ئاتاغلىق دىنىي زات سەدەنشاھ ئەلەم ئاخۇنۇم (1853-1947) دىن دىنىي تەلىم ئېلىپ، «يۈنۈس موللام» دېگەن نام بىلەن يۇرتقا تونۇلغان. ئۇ نەۋقىران يىگىتلىك چاغلىرىدا ئەل ئىچىدە باھادىر پالۋان دەپ داڭ چىقارغان ئاتاغلىق شەخىس قاسىم پالۋان (1885-1931) نى ئۇستاز تۇتۇپ، مىلتىق ئېتىشنى ئۆگىنىپ، ماھىر مەرگەن بولۇپ يېتىشىپ چىققان.
         يۈنۈس موللامنىڭ زېھنى ئۆتكۈر، تۇرمۇشقا ئادىل باھا بېرەلەيدىغان، نەزەر دائىرىسى كەڭ، خەلقنىڭ ھال-ئەھۋالىغا يېتىدىغان، باتۇر، چېچەن كىشى ئىدى. كېيىنكى كۈنلەردە ئۇنىڭ بىر سەركەردىگە ئاديۇتانت بولۇپ تاللىنىشى شۇنىڭدىن بولسا كېرەك.
          يۈنۈس موللام شەھەر ئىچىگە كىرسە دائىم شەھەر ئىچى ساڭخېي مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق قاسىم پالۋاننى يوقلايتتى ۋە ئۇ ئائىلىسىدە ھەر ساھە كىشىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇراتتى. بۇ چاغلار قومۇل ۋاڭلىقىنىڭ زۇلمى خەلقنى، بولۇپمۇ تاغ خەلقلىرىنى كۈن كۆچۈرگىسىز ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغان ئىدى، نامرات پۇقرالار زۇلۇمدىن ئازاپ چېكىۋاتقان، بەگ-غوجىلار ئەيشى-ئىشرەتەت ئىچىدە كەيپ-ساپالىق تۇرمۇش كۆچۈرىۋاتقان، زۇلۇم، تەڭسىزلىك كىشىلەرنى زار-زار قاخشىتىۋاتقان بىر دەۋر بولۇپ، بۇ يۈنۈس موللامنىڭ ئېڭىغا تەسىر قىلىپ، ئۇنىڭدا تەڭسىزلىككە قارشى تۇرۇشتەك بىر خىل كۈچ پەيدا بولغان ئىدى. مانا مۇشۇ كۈچ ئۇنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە جەڭگىۋارلىق بىلەن قىلىشقا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان ئىدى.
         1931-يىلى ئەتىيازدا قومۇل خەلقىنىڭ زۇلۇمغا قارشى كەڭ-كۆلەملىك دېھقانلار ئىنقىلابىي پارتىلايدۇ. يۈنۈس موللام قولىغا قورال ئېلىپ قوزغىلاڭچىلار سېپىگە قوشۇلىدۇ. ئۇ قالغايتىدىكى «نىياز دېھقان» نامى بىلەن ئەلگە تونۇلغان نىياز پالۋان (1882-؟) ۋە قومۇل ۋاڭ ئوردىسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان قاسىم پالۋانلار بىلەن ئالاقە باغلاپ، ئىنقىلاب قوشۇنىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. قوزغىلاڭ كۈنسايىن ئۇلغىيىپ، قومۇلدىكى ھۆكۈمەت دائىرلىرىنى ۋەھىمىگە سالىدۇ. قومۇلدا تۇرۇشلۇق چېرىكلەر بىلەن قوزغىلاڭنى بېسىقتۇرۇشقا ئامالسىز قالغان ھۆكۈمەت سىرتتىن ئەسكەر يۆتكەشكە مەجبۇر بولىدۇ.
          1931-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى (جۈمە) قاسىم پالۋان 400 نەپەردىن ئارتۇق قوزغىلاڭچىدىن تەشكىللەنگەن قوشۇننى باشلاپ ئارايۇلتۇز (شىڭشىڭشيا-星星峡) دىن كېلىۋاتقان جاڭ يۈشيۇ (张毓秀) چېرىكلىرىنىڭ ئالدىنى توسۇپ زەربە بېرىش ئۈچۈن قارىمۇقچىغا ئاتلىنىدۇ. يۈنۈس موللام قالىغايتىدىن نىياز دېھقاننىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ ئۆيىدى قالىدۇ. نىياز دېھقان كەلگەندىن كېيىن، ئۇلار بىرلىكتە غولئېرىقتىكى بىر قىسىم پۇقرالارنى بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن ئاراتامغا كۆچۈرىدۇ. ئىككىنچى كۈنى بىر تۈركۈم قوزغىلاڭچى بىلەن قارىمۇقچىغا كېلىدۇ. ئۇلار جەڭ مەيدانىدا نەچچە يۈزلىگەن چېرىكنىڭ ئۆلىكىنى كۆرۈپ ھەيران بولۇپ تۇرغاندا، قاسىم پالۋاننىڭ جەڭدە قۇربان بولغانلىقىنى، قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ تاغ تەرەپكە چېكىنىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلايدۇ. قومۇلدىن كەلگەن شيۇڭ فايۇ (熊发友، 1893-1933) قاتارلىق جاللاتلار قاسىم پالۋاننىڭ كاللىسىنى كېسىپ ئېلىپ كەتكەنىدى. نىياز دېھقان، يۈنۈس موللام ۋە قومۇلدىن كەلگەن مۇختەر ئاخۇنۇم (1890-1963) قاتارلىق كىشىلەر جەڭدە قۇربان بولغان قاسىم پالۋان، ما فۇگۇەن (ما جۇڭيىڭنىڭ نەۋرە ئۇكىسى)، خۇيزۇ ئەسكەر (ئىسمى نامالۇم) ۋە شوپۇللۇق ئەلاخۇن قاتارلىق تۆت كىشىنىڭ جەسىدىنى چوڭ يولنىڭ شىمالىدىكى «نىياز قىز موماينىڭ ئوتلىقى» دەپ ئاتىلىدىغان ئىگىز قۇم دۆڭنىڭ كەينىگە دەپنە قىلغاندىن كېيىن ئاراتامغا چىقىپ كېتىدۇ.
  يۈنۈس موللام شۇنىڭدىن ئېتىبارەت نىياز دېھقان بىلەن بىرگە قالىغايتىدا تۇرۇپ، قومۇلدىن قالىغايتىغا ھۇجۇم قىلىپ چىققان چېرىكلەرگە قاتتىق زەربە بېرىپ نۇرغۇن چىقىمدار قىلىدۇ. بىر قېتىم رازۋېتچىكلار ئۇلارغا ئۈرۈمچى تەرەپتىن قومۇلدىكى چېرىكلەرگە گۈرۈچ، ماي، قەن-گېزەك قاتارلىق تۇرمۇش بويۇملىرىنى ئېلىپ كېلىۋاتقان قوشۇننىڭ خەۋەرىنى يەتكۈزىدۇ. ئۇلار دەرھال قوزغىلاڭچىلارنى باشلاپ بېرىپ، يول توساپ، چېرىكلەرنىڭ قولىدىكى بارلىق نەرسە- كېرەكلەرنى قولغا چۈشۈرۈپ پۇقرالارغا تارقىتىپ بېرىدۇ.
         1932-يىلى 6-ئايدا قومۇل دېھقانلار ئىنقىلابىي پارتىلىغاندىن كېيىنكى مۇھىم ھەل قىلغۇچ يىغىنلارنىڭ بىرى «تاراتى يىغىنى» چاقىرىلىدۇ. يىغىندا خوجىنىياز ھاجى (1989-1942) قومۇل دېھقانلار ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى ئىكەنلىكى بىردەك ئېتىراپ قىلىنىپ، قومۇل دېھقانلار ئىنقىلابنىڭ يېتەكچىلىكىگە سايلىنىدۇ. نىياز دېھقان خوجىنىياز ھاجىنىڭ مەسلىھەتچىلىكىگە، ئالتۇن سوپاخۇن (1904-1980) مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىنىڭ باشلىقلىقىغا، مېرۇل مەرگەن (1902-1974) ھاجىنىڭ بىرىنچى ئاديۇتانتلىقىغا، يۈنۈس موللام ئىككىنچى ئاديۇتانتتى ھەم ئىماملىقىغا تەيىنلىنىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ يۈنۈس موللام ئىنقىلاب رەھبىرىنى قوغداشتىن ئىبارەت شەرەپلىك ۋە مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
        1932-يىلى 8-ئايدا قومۇلدىكى چېرىكلەر باغداشقا ھۇجۇم قىلغاندا، قوزغىلاڭچى قوشۇن خوجىنىياز ھاجىنىڭ قوماندانلىقىدا چېرىكلەرگە ئەجەللىك زەربە بېرىدۇ. بۇ جەڭدە چېرىكلەر ئاراتامنىڭ ئاستىدىكى ۋە بامۇدۇندىكى سايلاردا نەچچە يۈزلىگەن ئۆلۈكلىرىنى قالدۇرۇپ قومۇلنىڭ جەنۇبىدىكى «چېچەك ئاۋات» قىچە قېچىپ بارىدۇ. بۇ جەڭدە جىن شۇرېن (金树仁، 1879-1941) جەنۇبىي شىنجاڭدىن مەجبۇرى ئەسكەرلىككە تۇتۇپ قومۇلغا ئەۋەتكەن ئۇيغۇر چېرىكلەرمۇ بار بولۇپ، ئۇلار قومۇلغا كېلىشتىن ئىلگىرى چېرىكلەرنىڭ باشلىقى ئۇلارغا:«قومۇلدىكى ئوغرىلار (زىيۋازىلار-贼娃子) نى يوقاتساڭلار سىلەرگە ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى ئېلىپ بېرىمىز» دەپ ئالداپ قومۇلغا ئەۋەتكەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن چېچەك ئاۋاتقا قېچىپ بارغانلاردىن بىرى: «ئوغرىلارنى يوقىتىپ قىزىنى ئېلىش تۇرماق، ئۆزىمىز ئۆلگىلى قىل قالدۇق» دەيدۇ ۋە كۆپىنچىسى كېيىن پۇرسەت تېپىپ قېچىپ كېتىدۇ. نىياز دېھقان،  يۈنۈس موللام، ئەمەت مېھرى<1> قاتارلىق كىشىلەر بىر قىسىم قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ چېرىكلەرنى قوغلاپ كېلىۋېتىپ بىر تۈپ قاراياغاچنىڭ يېنىغا كەلگەندە، چېرىكلەرنىڭ ليۇ جېسەن (刘杰三) ئىسىملىك بىر تۇەنجاڭىنىڭ ئاق بوز ئاتنى چاپتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن نىياز دېھقان يۈنۈس موللامغا، «ئۇكام ئاشۇ كېلىۋاتقان چېرىكلەرنىڭ باشلىقىدەك قىلىدۇ ئوبدان قارىغا ئېلىپ ئاتسىلا» دەپ بۇيرۇق بېرىدۇ. ليۇ تۇەنجاڭ دەل ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە مەرگەن يۈنۈس موللامنىڭ ئوقى بىلەن ليۇ تۇەنجاڭ ئاتتىن موللاق ئېتىپ چۈشۈپ ئۆلۈدۇ<2>.
       نىياز دېھقان ئادەم ئەۋەتىپ ليۇ جېسەننىڭ ئېتىنى تۇتتۇرۇپ كېلىدۇ. ئۇ مىنگەن ئاتنىڭ  ئۈستىدە بىر خۇرجۇن بار بولۇپ، ئىچىدە خەلقنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ توپلىغان ئالتۇن-كۈمۈش ۋە باشقا قىممەت باھالىق بۇيۇملار قاچىلانغان بىردانە كىچىك تۆمۈر ساندۇق<3> بار بولۇپ، نىياز دېھقان، يۈنۈس موللام، ئەمەت ئاخۇنلار بۇ بۇيۇملارنى ئىگىسى بارلىرىنى ئىگىلىرىگە قايتۇرۇدۇ. ئىگىسى يوقلىرىنى قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ خىراجىتى ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. مۇشۇ قېتىمقى جەڭدە قوزغىلاڭچى قوشۇن دۈشمەن ئۈستىگە ئات سېلىپ كىرىپ قىر-چاپ باشلىنىپ كېتىدۇ. خوجىنىياز ھاجىمۇ ئات سېلىپ دۈشمەن ئۈستىگە كىرىپ كېتىپ قوشۇندىن ئايرىلىپ قېلىپ، دۈشمەن بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىۋاتقاندا يۈنۈس موللام بىر قىسىم ئادەم كېلىپ ھاجىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالىدۇ.  
        يۈنۈس موللام قومۇلدىكى ھەر قايسى جەڭلەردە خوجىنىياز ھاجىنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇرچىنى ئادا قىلىش بىلەن بىرگە جەڭ مەيدانلىرىدا ئۆزۈنىڭ تالانتىنى نامايەن قىلىدۇ. شۇڭا خوجىنىياز ھاجى يۈنۈس مولامنى ھۆرمەتلەيتتى ۋە ئىشىنەتتى.
      1933-يىلى 3-ئاينىڭ بېشىدا خوجىنىياز ھاجى تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ رەھبىرى مەخسوت مۇھىتى (1885-1933) نىڭ تەكلىپى بىلەن قوشۇننى باشلاپ تۇرپانغا ماڭىدۇ. نىياز دېھقان بىلەن يۈنۈس موللاممۇ ھاجى بىلەن بىللە ماڭىدۇ <4>. قومۇلدىن چىققان قوشۇن پىچاننىڭ لۈكچۈن ۋاڭ ئوردىسىنىڭ سېپىلى ئىچىگە كىرگەندە شېڭ شىسەي قوشۇنىنىڭ مۇھاسىرىسى ئىچىدە قالىدۇ. قوشۇن خوجىنىياز ھاجىنىڭ قوماندانلىقىدا دۈشمەن بىلەن بىر-ئىككى كۈن ئېلىشقاندىن كېيىن مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىپ كەتمەكچى بولىدۇ. 3-ئاينىڭ 9-كۈنى (پەيشەنبە) كۈنى يۈنۈس موللام مۇھاپىزەتچىلەر بىلەن بىرگە خوجىنىياز ھاجىنى ھىمايە قىلىپ قورشاۋنى بۆسۈپ چىقىپ كېتىدۇ.
        قومۇل-تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرى بىرلەشكەندىن كېيىن يۈنۈس موللام يەنىلا خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئاديۇتانتتى بولۇپ تەيىنلىنىدۇ ۋە خوجىنىياز ھاجى، نىياز دېھقانلار بىلەن بىللە جىمىساردىكى ما لۈيجاڭ (马旅长)، لى شۇفۇ<5> (李寿福) چېرىكلىرىگە قورشاپ زەربە بېرىش ئۇرۇشىغا قاتنىشىدۇ. جىمىسار ئۇرۇشىدىن كېيىن شېڭ شىسەي بىلەن خوجىنىياز ھاجى ئوتتۇرىسىدا جىمىسار كىلىشىمى ئىمزالانغان<6>. شۇنىڭ بىلەن يۈنۈس موللام خوجىنىياز ھاجى ۋە مەھمۇت مۇھىتىىلار بىلەن بىللە جەنۇبىي شىنجاڭغا يۈرۈش قىلىدۇ.
     قوشۇن كۇچاغا بارغاندا يۈنۈس موللام ئىلگىرى سودا ئىشى بىلەن كۇچاغا بېرىپ، شۇ ياردە تۇرۇپ قالغان ئۇكىسى شېرىپ ئاخۇن (1895-1934) نى تاپىدۇ. شېرىپ ئاخۇنمۇ پىدائىي بولۇپ، قوشۇنغا قوشۇلىدۇ. كېيىن روتا كوماندىرى (ليەنجاڭ) لىقىغا ئۆستۈرۈلىدۇ. 1934-يىلى يازدا مارالبېشىنىڭ تۇمشۇق دېگەن يەردىكى تاغ ئېغىزىدا ما جۇڭيىڭ چېرىكلىرى بىلەن جەڭ بولىدۇ. جەڭدىن كېيىن شېرىپ ئاخۇن ئۆزۈنىڭ روتىسىدىكى ئىككى ئەسكەر بىلەن ئۆلگەن چېرىكلەرنىڭ قوراللىرىنى يىغىپ قايتىپ كېلىۋاتقاندا ئۆلمەي قالغان بىر چېرىك شېرىپ ئاخۇن باشلىق ئۈچ ئادەمنى ئېتىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قوزغىلاڭچى قوشۇن شېرىپ ئاخۇن ۋە ئىككى ئەسكەر قاتارلىق ئۈچ ئادەمنىڭ جەسىدى تاغ ئىچىگە دەپنە قىلىدۇ.
  يۈنۈس موللام جىمىساردىن تارتىپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بارلىق جەڭلەرگە قاتنىشىدۇ. 1934-يىلى 8-ئايدا خوجىنىياز ھاجى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كونسولىنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن شۇ ۋاقىتتىكى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلىنىپ ئۈرۈمچىگە ماڭىدۇ. ھامۇتخان لۈيجاڭ (1897-1979)، ئالتۇن سوپاخۇن، مېرۇل مەرگەن، يۈنۈس موللام... قاتارلىقلارمۇ خوجىنىياز ھاجى بىلەن بىرگە ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ.
          خوجىنىياز ھاجى ئۈرۈمچىگە كېلىپ مۇئاۋىن رەئىس بولغاندىن كېيىن ھەر قايسى ۋىلايەت، ناھىيەلەردىن ھاجىنىڭ ئىشخانىسىغا ۋە ئۆيىگە كېلىپ كۆرۈشىدىغان، ھال-ئەھۋال ئېيتىدىغان كىشىلەر كۆپىيىشكە باشلايدۇ. بۇ ئەھۋالدىن كۆڭلى ئارمىغا چۈشمىگەن گۇمانخور جاللات شېڭ شىسەي، ھاجىنىڭ يېنىدا خىزمەت قىلىۋاتقان كىشىلەرنى ھاجىدىن يۈز ئۆردۈرۈش سۈيقاستىنى پىلانلايدۇ. بىر كۈنى لى يىڭچى<7> (李英奇) بىلەن لۇ بېندى<8> (陆斌地) ئىككىسى يۈنۈس موللامنى ئىشخانىسىغا چاقىرتىپ مۇنداق دەيدۇ:«ھازىر شىنجاڭدا ئۇرۇش ئاياقلىشىپ تىنچلىق ئورنىتىلدى. سىلەرنىڭ خوجىنىياز ھاجى ئۆلكىگە مۇئاۋىن رەئىس بولدى. ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ كېتىدىغان ئادەملەر ناھايىتى كۆپ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە يامان نىيەتلىك ئادەملەرنى يوق دېگىلى بولمايدۇ. سەن خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئاديۇتانتتى ۋە ئىمامى، سەن بىزگە ھەمكارلىشىپ ھاجىنىڭ يېنىغا كىملەر كېلىپ كەتكەنلىكىنى، نىمىلەرنى دىيىشكەنلىكىنى بىزگە ۋاقتىدا دوكلات قىلىپ تۇرساڭ، مۇشۇ خىزمىتىڭ ئۈچۈن بۇ ئالتۇن (بىر كىلو گرام ئەتراپىدا پوكا ئالتۇن) لارنى ئۆيۈڭگە ئېلىپ بېرىپ بالىلىرىڭ بىلەن ئىشلەت» دەپ، ئالتۇننى ئۈستەلگە قويىدۇ. يۈنۈس موللام بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ خۇددى نىجاسەتتىن يىرگەندەك يىرگىنىپ كېتىدۇ. ئۇ ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن «بولىدۇ، ئاۋال مەن ئويلىنىپ ئاندىن سىلەرگە جاۋاب بېرەي» دەيدۇ. لى يىڭچى بىلەن لۇبىندى ئىككىسى يۈنۈس موللامدىن چوڭ ئۈمىت كۈتۈپ ئۇنى بىر ھەپتىدىن كېيىن كېلىشنى تاپىلاپ قايتۇرۇۋېتىدۇ. يۈنۈس موللام ئۆيىدە بىر ھەپتىنى ناھايىتى ئازاپ ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ ۋە خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئۈرۈمچىگە كەلگەنلىكىنىڭ خاتا بولغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ھەپتە كۈندىن كېيىن لى يىڭچى بىلەن لۇ بىندى يۈنۈس موللامنى يەنە چاقىرتىدۇ. لى يىڭچى يۈنۈس موللامدىن «قانداق ئىدىيەيىڭدىن ئۆتتىمۇ؟» دەپ سورايدۇ. يۈنۈس موللام «ئۆتتى» دېيىشىگە لى يىڭچى ھېلىقى ئالتۇنلارنى يەنە ئۈستەلگە ئالىدۇ. يۈنۈس موللام:«بالىلىرىممۇ قوشۇلدى، ئەمدى مەن بۇ ئىشنى خوجىنىياز ھاجىدىن سوراپ باقاي، ئەگەر ھاجى قوشۇلسا ئاندىن بۇ ئىشنى قىلاي» دەيدۇ.
       لى يىڭچى بىلەن لۇ بىندى بۇ گەپنى ئاڭلاپ چىرايى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ ۋە يۈنۈس موللامغا:«سەن بىزنىڭ گېپىمىزنى چۈشەنمىدىڭمۇ، بۇ ئىشنى خوجىنىياز ھاجىدىن سورىساڭ قانداق بولىدۇ؟» دېگەندە، يۈنۈس موللام:«كەچۈرۈڭلەر، مەن قومۇلدا ئىنقىلاب باشلانغاندىن تارتىپ تاكى ھازىرغا قەدەر خوجىنىياز ھاجىدىن يوشۇرۇن بىرەر ئىش قىلىپ باققىنىم يوق. مەن ھاجى ئاكامنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ بۇ ئىشنى قىلالمايمەن» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يۈنۈس موللامدىن خاپا بولۇپ:«سەن گەپ چىشلىمەيدىغان ئادەم ئىكەنسەن، چىقىپ كەت! ئەمما بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنمايسەن، ئەگەر بىرسىگە تىنساڭ كاللاڭ كېتىدۇ!» دەپ ئۇنى قايتۇرىۋېتىدۇ<9> .
          بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن شېڭ شىسەي يۈنۈس موللامنى ئىشخانىسىغا چاقىرتىپ مۇنداق دەيدۇ:«ھازىر بىز شىنجاڭنى خوجىنىياز ھاجى بىلەن ئىككىمىز سوراۋاتىمىز، لېكىن قەشقەردىكى 6-دىۋىزىيەنىڭ كوماندىرى مەھمۇت مۇھىتى (1887-1945) بىلەن قومۇلنىڭ كارنىزون قوماندانى يولۋاس (1889-1971) بىزنىڭ بۇيرۇق-يوليورۇقلىرىمىزنى ئىجرا قىلمايۋاتىدۇ. ئۈرۈمچىگە يىغىنغا چاقىرتساقمۇ كەلمەيۋاتىدۇ. ئەگەر سەن بىزگە ھەمكارلىشىپ قەشقەرگە بېرىپ مەھمۇت مۇھىتىنى يۇقىتىپ بەرسەڭ، بۇ خىزمىتىڭ ئۈچۈن بىز ساڭا چوڭ ئەمەل ۋە نۇرغۇن ئىنئام بېرىمىز» دېگەندە، يۈنۈس موللام شېڭ شىسەيگە:«سىلەر ھاجى بىلەن ئىككىڭلار شىنجاڭنى تەڭ سوراۋاتقاندىن كېيىن بۇ ئىشنى مەن ھاجىغا مەسلىھەت قىلىپ باقاي، ئۇ قوشۇلسا ئاندىن قىلاي» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شېڭ شىسەي يۈنۈس موللامنى بۇ ئىشىنى قىلىشقا زورلىمايدۇ. كېيىن شېڭ شىسەي ئىككى نەپەر مىللىي مۇناپىقنى سېتىۋېلىپ مەھمۇت مۇھىتىنى كۆزدىن يوقۇتۇش سۈيقەستىنى پىلانىنى تۈزۈپ، ئايروپىلان بىلەن قەشقەرگە ماڭغۇزىدۇ. ئۇلارغا:«مەھمۇت مۇھىتى ئالدىڭلارغا چىقىدۇ. سىلەر مەھمۇت مۇھىتى ئالدىڭلارغا كېلىشىگە ئېتىۋېتىپ، يەنە ئايروپىلانغا چىقىپ قايتىپ كېلىڭلار» دەيدۇ. شېڭ شىسەي سېتىۋالغان يەنە بىرسىنى خوجىنىياز ھاجىنىڭ نامىدا مەھمۇت مۇھىتىغا تېلېفۇن ئۇرغۇزۇدۇ. مەھمۇت مۇھىتى تېلېفۇندا:«مەن خوجىنىياز ھاجى، ياخشىمۇ سىز شىجاڭ؟ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتىن ئىككى نەپەر خادىمنى قەشقەرگە خىزمەتكە ئەۋەتتىم. ئايروپىلاندا ماڭدى، ئۆزىڭىز ئالدىغا چىقىپ كۈتىۋېلىڭ» دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلايدۇ. مەھمۇت مۇھىتى دائىم ھاجى بىلەن تېلېفۇندا سۆزلىشىپ تۇرغاچقا ھاجىنىڭ ئاۋازى ئۇنىڭغا تونۇش ئىدى.
      مەھمۇت مۇھىتى سەزگۈر ھەم چېچەن ئادەم بولغاچقا بۇ قېتىم تېلېفۇندا سۆزلەۋاتقان ئادەمنىڭ ئاۋازى ھاجىنىڭ ئاۋازىغا ئوخشىمايدىغانلىقنى سېزىپ گۇمانلىنىپ، بۇنىڭ بىر سۈيقەست ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ ۋە ئايرودورومغا ئۆزى چىقماي قول ئاستىدىكى ئوفىتسېردىن بىرنى چىقىرىپ ئايرودورومنى قاتتىق قامال قىلىشنى، ئۈرۈمچىدىن كېلىدىغان ھېلىقى ئىككى «خىزمەتچى» ئايروپىلاندىن چۈشىشىگە دەرھال قولغا ئېلىپ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشنى بۇيرۇيدۇ. مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئەسكەرلىرى ئايرودورومنى قاتتىق قامال قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئايروپىلان كېلىپ قونىدۇ. ھېلىقى ئىككى نەپەر «خىزمەتچى» يەرگە چۈشۈپ مەھمۇت مۇھىتىنىڭ يوقلىقىنى كۆرۈپ نىمە قىلارىنى بىلمەي تۇرۇپ قالىدۇ. شۇ ئارىدا ئىككى تەرەپتىن تولۇق قوراللانغان ئەسكەرلەر كېلىپ ئۇلارنى قولغا ئېلىپ، مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارىدۇ. مەھمۇت مۇھىتى ئۇلارنى سوراق قىلغاندىن ئۆزلىرىنىڭ مۇددىئاسىنى ئاشكارىلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن شېڭ شىسەينىڭ سۈيقەستى ئاشكارىلىنىدۇ. مەھمۇت مۇھىتى قول ئاستىدىكى ئوفىتسېرلارغا:«مۇناپىقتىن ھېچكىمگە ياخشىلىق كەلمەيدۇ، ئەگەر بىز بۇلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈپ قويۇپ بەرسەك، كېيىن ئۇلار يەنە باشقا كىشىلەرنىڭ بېشىغا چىقىدۇ. بۇنداق ئادەملەرنى رەھىم قىلماي يوقىتىش كېرەك» دەپ ئۇلارنىڭ «دات-پەريادى» غا پەرۋا قىلماي دەرھال ئاتقۇزۇۋېتىدۇ.
           شۇ كۈنلەردە شېڭ شىسەي مەھمۇت مۇھىتى بىلەن يولۋاسنى نەچچە قېتىم ئۈرۈمچىگە يىغىنغا چاقىرتسىمۇ كەلمىگەن. بۇيرۇق بەرسىمۇ ئىجرا قىلمىغان. شۇڭا بىر كۈنى شېڭ شىسەي، خوجىنىياز ھاجىنى يىغىنغا چاقىرتىپ كېلىدۇ. بۇ يىغىنغا شېڭ شىسەي ۋە ئۇنىڭ مۇھاپىزەتچىسى، خوجىنىياز ھاجى، يۈنۈس موللام، كاتىپ ۋە تەرجىمان قاتارلىق ئالتە ئادەم قاتنىشىدۇ. يىغىندا شېڭ شىسەي مەھمۇت مۇھىتى بىلەن يولۋاسنى تىلغا ئېلىپ «خو فۇجۇشۇ<10> شىنجاڭنى ئىككىمىز تەڭ سوراۋاتىمىز.بىراق قەشقەردىكى مەھمۇت شىجاڭ بىلەن قومۇلدىكى يولۋاس بىزنىڭ بۇيرۇق ۋە يوليورۇقلىرىمىزنى ئىجرا قىلمايلا قالماستىن، ئەكسىچە بىز بىلەن قارشىلىشىۋاتىدۇ. ئۈرۈمچىگە نەچچە قېتىم يىغىنغا چاقىرتساقمۇ كەلمىدى. سىزچە ئۇلارنى قانداق قىلساق بولىدۇ» دەپ سورىغاندا، خوجىنىياز ھاجى مۇنداق دەيدي:«بىز شېڭ دۇبەن (盛督办) بىلەن ئىككىمىز شىنجاڭنى تەڭ سورىغان ئىكەنمىز، ئۇلار بىزنىڭ بۇيرۇقلىرىمىزنى شەرتسىز ئىجرا قىلىشى، نىمىنى قىل دېسەك شۇنى  قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئۇلار بىزگە ئىتائەت قىلمىسا  ئۇلارنى قولغا ئالايلى<11> » دەيدۇ. شېڭ شىسەي يەنە «ئەگەر پىلانىمىز ئاشكارلىنىپ قالسا قانداق قىلىمىز، ئاشكارىلاپ قويغۇچىنى قانداق جازالايمىز؟» دەپ سورىغاندا، ھاجى:«بىز جەمئى ئالتە ئادەم، ئەگەردە كىم پىلانىمىزنى ئاشكارىلاپ قويسا، تىلىنى كېسىپ، ئاندىن  قوغۇشۇننى ئېرىتىپ ئاغزىغا قۇيىمىز» دەيدۇ. يۇقىرىدا بولۇنغان گەپ-سۆزلەرنىڭ ھەممىسى خاتىرىگە ئېلىنىپ، شېڭ شىسەي بىلەن خوجىنىياز ھاجى ئىمزالىرىنى قويۇپ، تامغىلىرىنى باسىدۇ.
       مۇشۇ يىغىندىن كېيىن يۈنۈس موللام قومۇلغا بېرىپ كېلىش ئۈچۈن ھاجىدىن رۇخسەت سوراپ مۇنداق دەيدۇ:«ھاجى ئاكا مەن يۇرتتىن ئايرىلغىلى 6-7 يىل بولدى. قومۇلغا بېرىپ ئائىلەمنى<12>يوقلاپ كەلسەم قانداق» دەپ رۇخسەت سورىغاندا، ھاجى «كېيىنرەك بېرىڭ» دەپ رۇخسەت بەرمەيدۇ<13> . كېيىن خوجىنىياز ھاجى ئىسمائىل ھاجى ئىسىملىك بىر ئادەمنى قومۇلغا بېرىشقا رۇخسەت قىلىدۇ.
       ئىسمائىل ھاجى يۈنۈس موللامغا مەسلىھەت بېرىپ:«ئىككىمىز بىللە قومۇلغا بېرىپ كەلسەك قانداق» دېگەندە، يۈنۈس موللام:«ھاجى ئاكام ماڭا رۇخسەت بەرمىدى» دەيدۇ. ئىسمائىل ھاجى يۈنۈس موللامغا:«ھاجىدىن يەنە بىر سوراپ باقايلى» دەپ، يۈنۈس موللام بىلەن بىرگە خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىدۇ. ھاجى ئىسمائىل ھاجىغا:«تىز بېرىپ، تېز قايتىپ چىقسىلا» دەيدۇ. ئىسمائىل ھاجى:«يۈنۈس موللاممۇ مەن بىلەن بىرگە قومۇلغا بېرىپ كەلسە، رۇخسەت بەرگەن بولسىلا» دېگەندە، خوجىنىياز ھاجى:«بولمايدۇ!» دەيدۇ. ئىسمائىل ھاجى: «نېمىشكە بولمايدۇ» دېيىشىگە ھاجى دەرغەزەپكە كېلىپ تامغا ئېسىقلىق تۇرغان قېلىچىنى ئېلىپ ئىسمائىل ھاجىغا قارىتىپ ئۇرۇدۇ. ئىسمائىل ھاجى تىزلىك بىلەن ئۆزىنى چەتكە ئالغاچقا، قېلىچنىڭ ئۇچى تامغا قادىلىپ قالىدۇ. يۈنۈس موللام باشلىق كىشىلەر خوجىنىياز ھاجىنى توسىۋالىدۇ.
         يۈنۈس موللام قومۇلغا كېلەلمىگەندىن كېيىن ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى نەسرۇللا ئاخۇن<14> دادىسىنى يوقلاپ كېلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقاندا ئالتۇن سوپاخۇن قومۇلغا كېلىپ قالىدۇ. نەسرۇللا ئاخۇن ئالتۇن سوپاخۇننىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى بارىدۇ ۋە دادىسىنى يوقلاپ ئۈرۈمچىگە بارماقچى بولىۋاتقانلىقنى ئېيتىدۇ. ئالتۇن سوپاخۇن نەسرۇللا ئاخۇنغا:«ئۇكام، ھازىرچە ئۈرۈمچىگە بارماي تۇرسىلا، كېيىنرەك بارسىلا» دەپ ئارتۇق گەپ قىلمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن نەسرۇللا ئاخۇن ئۈرۈمچىگە بېرىشتىن يالتىيىپ قالىدۇ.<15>
          سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرى ستالىن (1879-1953) نىڭ كۆزىنى بوياپ، ئۇنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىۋالغان جاللات شېڭ شىسەي 1937-يىلى 10-ئايدا ئۆزىنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن قان ئىچەر ئۈچ ھاجى<16> قاتارلىق قانخور جاللاتلارنىڭ ماسلىشىپ بېرىشى بىلەن خوجىنىياز ھاجى باشلىق كىشىلەنى قولغا ئېلىش سۈيقەستىنى پىلانلاپ، 10-ئاينىڭ 12-كۈنى يىغىنغا چاقىرىش نامى بىلەن قولغا ئالماقچى بولىدۇ. خوجىنىياز ھاجى «يىغىن» خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرھال ماڭماقچى بولىدۇ. ئالتۇن سوپاخۇن، مېرۇل مەرگەن، يۈنۈس موللام قاتارلىقلار مۇھاپىزەتچىلەردىن 30 نەپەرنى ئېلىۋېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھاجى 30 نەپەر مۇھاپىزەتچىنىڭ ھەمرالىقىدا دۇبەن مەھكىمىسىگە يىغىنغا ماڭىدۇ. ھەر بىر ئىشىكتە شېڭ شىسەينىڭ بىر نەپەر، ھاجىنىڭ بىر نەپەردىن مۇھاپىزەتچىسى قالدۇرۇلۇپ، ئاخىرقى ئىشىكتە يۈنۈس موللاممۇ قالىدۇ. ھاجى ئالتۇن سوپاخۇن بىلەن كىرىپ كېتىدۇ. بىر ئازدىن كېيىن بىر خىزمەتچى چىقىپ، يۈنۈس موللامغا:«سېنى ھاجى چاقىرىۋاتىدۇ» دەيدۇ. يۈنۈس موللام كىرسە ھاجى يالغۇز ئولتۇرغان بولۇپ، يۈنۈس موللامنى كۆرۈپ:«كېلىڭ بۇلار مېنى ئارىغا ئېلىۋالدى، قوراللارنى تاپشۇرۇڭلار دەپ قىستاۋاتىدۇ. ئۆزۈم بىر قارارغا كېلەلمەي سىزنى چاقىرتتىم. سىزنىڭچە قانداق قىلساق بولار؟» دەيدۇ. يۈنۈس موللام تۆت ئەتراپقا قارىسا بۇرۇن تونۇيدىغان شېڭ شىسەينىڭ چاپارمەنلىرى پۈتۈنلەي كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇۋالغان بولۇپ، قوراللارنى ھاجىغا تەڭلەپ تۇرغان ئىكەن. ئەھۋالنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى، قورال تاپشۇرماسلىققا ئىمكانىيەتنىڭ زادىلا يوقلىقىنى سەزگەن يۈنۈس موللام ئۆزىنى بېسىۋېلىپ مۇنداق دەيدۇ:«ھاجى ئاكا بىز مەمۇرىي خادىم تۇرساق قورالنى نىمە قىلىمىز، تاپشۇرۇڭلار دېگەندىكىن تاپشۇرايلى» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھاجى يۈنۈس موللامغا:«سىز چىقىپ مۇھاپىزەتچىلەرگە ئېيتىڭ، ئۇلار بىلەن قارشىلاشماي قوراللارنى تاپشۇرۇپ بەرسۇن» دەپ تۇرۇشىغا، سىرتتىن شېڭ شىسەينىڭ بىر مۇھاپىزەتچىسى كىرىپ ھاجىغا:«بىز مۇھاپىزەتچىلىرىڭگە قوراللىرىڭلارنى تاپشۇرۇڭلار دېسەك ئۇنىمىدى، تارتىپ ئالايلى دەپ ئېسىلساق بىر نەچچىمىزنى ئۇرۇپ تېپىپ يەرگە دۇمىلىتىۋەتتى» دەپ ئەھۋال ئەھلۇم قىلىدۇ. ھاجى يۈنۈس موللامغا:«تېز چىقىپ مۇھاپىزەتچىلەرگە ئېيتىڭ، ئۇلار بىلەن قارشىلاشماي قوراللارنى تاپشۇرۇپ بەرسۇن» دۇيدۇ. يۈنۈس موللام چىقىپ ھاجىنىڭ پەرمانىنى يەتكۈزگەندە، مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ ھەممىسى:«ئىنقىلاب قىلىمىز دەپ ئاخىر بولغان كۈنىمىز مۇشۇ بولدىمۇ، تەقدىر، تەقدىر دەيدۇ. تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇپ كەتسۇن مۇشۇنداق تەقدىر» دەپ، قوراللارنى پۈتۈنلەي يەرگە ئېتىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خوجىنىياز ھاجى ۋە مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ ھەممىسى قولغا ئېلىنىدۇ. يۈنۈس موللاممۇ قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلىنىدۇ. يۈنۈس موللام تۈرمىگە تۆت ئاي قامالغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلىدۇ. بىراق ئۈرۈمچىدىن كېتىشكە يول قويۇلمايدۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئىككىنچى قېتىم قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلىنىپ ئالتە ئاي ياتقاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلىدۇ.
          يۈنۈس موللام تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئۈرۈمچىدە بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ تۇرپان ئاستانىدىكى<17> ئائىلىسىگە قايتىپ كېلىدۇ. 1943-يىلى ئۇ ئائىلىسىنى ئېلىپ ئەسلى يۇرتى قومۇل شەھرىنىڭ پالۋانتۇر يېزىسى دۆربەجىن غولئېرىق كەنتىگە كۆچۈپ كېلىپ پەرزەنتلىرى بىلەن جەم بولىدۇ. 1947-يىلى 11-ئايدا ئۇ يەنە تۇرپان شەھرىنىڭ ئاستانە يېزىسىغا قايتىپ چىقىدۇ. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى «ھاياتىمدىكى كەچۈرمىشلىرىم» ناملىق ئەسلىمە يازغان بولۇپ، بۇ ئەسلىمە ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە ساقلانماقتا.
  يۈنۈس موللام 1949-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن 59 يېشىدا تۇرپان شەھرىنىڭ ئاستانە يېزىسىدا ۋاپات بولىدۇ.



ئىزاھاتلار:
       <1> ئەمەت مېھرى (ئەمەت ئاخۇندەپمۇ ئاتىلىدۇ)، قاسىم پالۋاننىڭ شاگىرتتى، داڭلىق مەرگەن، يۈنۈس موللامنىڭ نەۋرە ئۇكىسى ۋە قۇدىسى. ئۇ 1931-يىلى 10-ئايدا قومۇل كونا شەھەر (لوچىڭ-老城) دىكى چېرىكلەرگە قورشاپ زەربە بېرىش  ئۇرۇشىدا چېرىكلەرنىڭ پىلىموتچىسىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ۋە بېلىگە ئوق تىگىپ يارىلانغان. كېيىن باغداش بىلەن ئارتام ئارىلىقىدىكى جەڭدە 13 نەپەر چېرىكنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. بۇندىن باشقا قومۇلدىكى نۇرغۇن جەڭلەرگە قاتناشقان. ئۇ 1985-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى 86 يېشىدا كېسەل سەۋەبى بىلەن پالۋانتۇر يېزىسىنىڭ دۆربەجىن غولئېرىق كەنتىدە ۋاپات بولغان.
       <2> قومۇل ۋىلايەتلىك تارىخ-تەزكىرە ئىشخانىسى تۈزگەن:«قومۇل ۋاڭلىرى» (哈密回王) ناملىق كىتابنىڭ 346-بېتىدە ليۇ جېسەننى ئۆزىنىڭ تۇەنىدىكى ئۇيغۇر چېرىك ئېتىپ ئۆلتۈرگەن دەپ مەلۇمات بېرىلگەن.
       <3>بۇ تۆمۈر ساندۇق ھازىر يۈنۈس موللامنىڭ نەۋرىسى پاتام ئاخموللا (يۈنۈس موللامنىڭ چوڭ قىزى راھىلە ئاپپاق ‹1916-1987› نىڭ 3-قىزى) نىڭ قولىدا ساقلانماقتا.
       <4>ئەمەت ئاخۇننىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولمىغاچقا قومۇلدا قالغان ئىدى.
      <5> 1913-يىلى قومۇلغا بېرىپ تۆمۈر خەلپىنى ئالداپ قاپقانغا دەسسەتكەن جاللات.
      <6> يۈنۈس موللامنىڭ كېيىن بالىلىرى ۋە غولئېرىقتىكى جامائەتلەرگە سۆزلەپ بېرىشىچە، شېڭ شىسەي بىلەن بىتىم ئىمزالاش مەسىلىسىدە چوڭ ئىختىلاپ بولۇپ، ۋاقىت ناھايىتى ئۇزۇنغا سوزۇلغان، مەھمۇت مۇھىتى، نىياز دېھقان، سالى دورغا (1887- 1942)...قاتارلىق كىشىلەر شېڭ شىسەي بىلەن بىتىم ئىمزالانسا ئاقىۋەت ياخشى نەتىجە چىقمايدىغانلىقىنى، ئالدى بىلەن ما جۇڭيىڭنىڭ كۈچىدىن (شېڭ شىسەيگە قارشى مەيدانىدىن) پايدىلىنىپ ئالدى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى چوڭ دۈشمەن شېڭ شىسەينى يوقىتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن جىمىسار بىتىمى ئىمزالانغان. ئەينى ۋاقىتتا خوجىنىياز ھاجى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىگە شەكسىز ئىشەنگەن، مەھمۇت مۇھىتى بىلەن نىياز دېھقان سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتدىن گۇمانلانغان.جىمىسار بىتىمىدىن كېيىن مەھمۇت مۇھىتى خوجىنىياز ھاجىغا مەجبۇرى ئەگەشكەن، نىياز دېھقان:«ئەمدى مەن بۇندىن كېيىنكى ئىشلارغا ئارىلاشمايمان» دەپ قومۇلغا قايتىپ كەتكەن.
       <7> لى يىڭچى (1900-1951)، 1933-يىلىدىن 1944-يىلىغىچە شېڭ شىسەي شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە، شىنجاڭ ئۆلكىلىك مەخپى سوت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئۆلكىلىك ج خ باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، بولۇپ نەچچە ئون مىڭلىغان بىگۇنا كىشىنىڭ قېنىنى ئىچكەن قانخور جاللات. 1951-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۈرۈمچىدە خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان.
        <8>لۇ بىندى (1911-1944)، غۇلجىلىق خۇيزۇ، ئۇيغۇر تىلىنى راۋان بىلىدۇ، شېڭ شىسەي شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە  شىنجاڭ ئۆلكىلىك ج خ باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ، نەچچە ئون مىڭلىغان بىگۇنا كىشىنىڭ قېنىنى ئىچكەن قانخور جاللات. 1944-يىلى ئىلىدا پارتىلىغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنى باستۇرۇش ئۈچۈن غۇلجىغا بارغاندا، 11-ئاينىڭ 7-كۈنى پارتىزانلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
       <9> كېيىن بۇ خىزمەتنى مەھمۇت مۇھىتىنىڭ تۇغقىنى ھەم سەپدىشى قۇرباننىياز شاھىدى (1906-1940) ئىشلەيدۇ. يۈنۈس موللام ئۇنىڭ خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئىشخانىسى بىلەن ج خ باشقارمىسىنىڭ ئارىلىقىدا قاتراپ يۈرگەنلىكىنى كۆرىدۇ. قۇرباننىياز شاھىدىنىڭ بۇ خىزمەتلىرى ئۈچۈن لى يىڭچىدىن ھېلىقى يۈنۈس موللام ئالمىغان ئالتۇنلارنى ئالغان ۋە ماناستا يەر ئېلىپ ئۆي-جاي سالغان. كېيىن شېڭ شىسەي قۇربانىياز شاھىدىنى قولغا ئېلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىپ ماناستىكى ئۆي-جايلىرىنى مۇسادىرە قىلغان.
       <10> شېڭ شىسەي ھاجىنى شۇنداق دەپ ئاتايتتى.
       <11> خوجىنىياز ھاجى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ كېپىللىكى بىلەن ئۈرۈمچىگە كەلگەچكە شېڭ شىسەيدىن گۇمانلانمايتتى.
       <12> يۈنۈس موللامنىڭ قومۇلدا ئايالى ۋە بالىلىرى قالغاچقا، تۇرپان شەھرىنىڭ ئاستانە يېزىسىدىن نۇراخان (1905-1976) ئىسىملىك ئايالغا ئۆيلەنگەن ئىدى.
      <13> خوجىنىياز ھاجى، ئەگەر يۈنۈس موللام قومۇلغا بارسا ئالتە كىشىلىك يىغىننىڭ مەزمۇنىنى يولۋاس بىلەن نىياز دېھقانغا ئېيتىپ قويىدۇ، دەپ خاتىرىجەم بولالمىغان.
     <14> نەسرۇللا ئاخۇن (ئاخسوپا ئاخۇن) دەپمۇ ئاتىلىدۇ، 1988-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى 76 يېشىدا كېسەل سەۋەبىي بىلەن قومۇل شەھرىنىڭ پالۋانتۇر يېزىسى جىگدە بۇلاق كەنتىدە ۋاپات بولغان.
      <15>ئالتۇن سوپاخۇن نەسرۇللا ئاخۇننىڭ ئۈرۈمچىگە چىقىپ دادىسى بىلەن كۆرۈشسە كېلىپ چىقىدىغان خەۋپنى مۆلچەرلىگەن ئىدى.
      <16>قان ئىچەر ئۈچ ھاجى-سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى شېڭ شىسەيگە ياردەملىشىشكە ئەۋەتكەن ج خ رازۋېدچىكلىرى بولۇپ، سېيىت ھاجى شىنجاڭ (ئۈرۈمچى) ئۆلكىلىك ج خ باشقارمىسىدا پولكوۋنىك ئۇنۋانى بىلەن ئىشلىگەن.. قادىر ھاجى قەشقەر ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. ھاشىم ھاجى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ پولكوۋنىك دەرىجىلىك ئەمەلدارى بولۇپ، قومۇل ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. ئۇلارنىڭ ھەممىسى كېيىن دۆلىتىگە قايتىپ كەتكەن. كېيىن ھاشىم ھاجى ئالمۇتادا لەقۋا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، 1972-يىلى ئۆزىنىڭ پوقىنى يەپ ئۆزى ئۆلگەن (شېرىپ نىياز خۇشتار يازغان:«شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن شەخسلەر» ناملىق كېتابنىڭ 141-بېتىدە ھاشىم ھاجىنىڭ ئىسمى ھەسەن دىيىلگەن).
     <17>  يۈنۈس موللام قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئايالى نۇرەخان تۇرپان ئاستانىغا قايتىپ كەتكەن ئىدى.

    مەزكور ئەسەر باغداش تورىغا خاس ، رۇخسەتسىز ھەرقانداق ئورۇنغا كۆچۈرمەڭ           
.

0

تېما

0

دوست

108

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   36%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26580
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 20
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-6
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 18:25:22 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hojajahan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-2 18:27  

ھەي...ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان تارىخ...
ياخشى تېما يوللاپسىز ، قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

2

دوست

511

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   2.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22841
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 160
توردىكى ۋاقتى: 25
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-9
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 18:44:27 |ئايرىم كۆرۈش
يۇنۇس موللام خۇجىنىياز  ھاجىمغا قارىغاندا  يىراقنى كۈرەلەيدىغان  دوسىت دۈشمەننى ‏ئايرىيالايدىغان  ‏ئادەمكەنتۇق. ‏ئەپسۇس خۇجىنىياز ھاجىم  تارىخى خاتالىق ‏ئۆتكۈزگەنىكەن.جىرجىس ھاجىنىڭ نەسىھەتلىرىنى ‏ئاڭلىغان بولسا ‏ئىشلار باشقىچە بۇلىشى مۈمكىن ‏ئىدى.  

2

تېما

1

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   6.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25326
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 4200
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-5
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 19:10:47 |ئايرىم كۆرۈش
مەزكور ئەسەر باغداش تورىغا خاس ، رۇخسەتسىز ھەرقانداق ئورۇنغا كۆچۈرمەڭ 

كۆپرەك ئادەم ئوقۇسا ياخشى ئەمەسمۇ؟

0

تېما

0

دوست

450

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   75%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25284
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 132
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-19
5#
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 19:26:03 |ئايرىم كۆرۈش
ئادەم 4خىل بولىدۇ.1-ئەڭ يۇقۇرىنى قوغلىشىدۇ.2-يۇقۇرىغا يامىشىش كۇيىدىلا بولىدۇ.3-ئەڭ تۇۋىنىنى ياقتۇرىدۇ.4-تۇۋىنىگە يىقىن بولۇشنى ئۇمىت قىلىدۇ.

0

تېما

0

دوست

247

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   82.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24008
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -2
تۆھپە : 76
توردىكى ۋاقتى: 16
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-3
6#
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 19:30:53 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yamdaq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-2 19:32  

      <13> خوجىنىياز ھاجى، ئەگەر يۈنۈس موللام قومۇلغا بارسا ئالتە كىشىلىك يىغىننىڭ مەزمۇنىنى يولۋاس بىلەن نىياز دېھقانغا ئېيتىپ قويىدۇ، دەپ خاتىرىجەم بولالمىغان.

مەن بۇ چۈشەندۈرۈشكە قوشۇلمايمەن، يۈنۈس موللامغا ئىشەنمىگەن ئادەم ئۇنى ئۆزى جاللاتنىڭ ئۇۋىسىدا تۇرىۋاتقان ھاجى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتمىگەن بولاتتى. باشتىكى بايانلاردىنلا يۈنۈس موللامنىڭ خوجانىيازھاجىغا بولغان ساداقەتمەنلىكى چىقىپ تۇرۇپتۇ. يەنە كېلىپ يۈنۈس موللامنىڭ مۇناپىقلىق قىلغۇسى كەلسە، خەت يېزىپ، ئادەم ئەۋەتىپ بولسىمۇ بۇ مەقسىتىگە يېتەلىگۈدەك كۈچى بار.
مېنىڭچە، خوجانىياز ھاجى ئۆزىنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك ئادىمىنىڭ، قانخور، رەزىل، ئىپلاس، شەرمەندە جاللات شىڭ شىسەينىڭ قىلىتىقى تارىيىۋاتقان ئەڭ خەتەرلىك پەيتلەردە يېنىدىن يوقاپ كەتمەسلىكىنى، ئۇنىڭ ئۆزىنى شىددەتلىك جەڭلەردە قوغدىغاندەك قوغداپ قېلىشىنى ئىستىگەن. شۇڭا يۈنۈس موللامنىڭ ئۆيگە قايتىشىغا رۇخسەت بەرمىگەن...

نىمىشقىكىن ئابلىمىت ئابدۇللانىڭ ئېچىنىشلىق ھەم پاجىئەلىك ئەسلىمىلەر، مىللىتىمىزنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم ئەتكەنلەرنىڭ قان ياشلىرى بىلەن يۇغۇرۇلغان تارىخى يازمىلىرىنى ئوقىغىنىمدا خوجانىياز ھاجىنى تۆۋەن چۈشۈرىدىغان، خاتالىقلارنى ئامالىنىڭ يېتىشىچە ھاجى تەرەپكە ئاغدۇرىدىغان خاھىشنىڭ كۈچلۈكلىكىنى ھېس قىلىپ قالىمەن. ئەگەر ئاپتور ۋە ئاپتوردەك ئىدىيىدىكىلەر شۇچاغدا ھايات بولغان بولسا جەڭگە داھى بولۇش تۈگۈل قولىغا بىرەر تال كۆسەي ئېلىپ ئۇرۇشقا چىقالىشىمۇ ناتايىن. قاتناشقان تەقدىردىمۇ...شىڭ شىسەينىڭ تۈرمىسىگىمۇ كىرەلمىگەن بولاتتى.
بىراق، ئاپتورنىڭ يازمىلىرىدىكى ئەستايىدىلىققا ھەرقاچان قايىل بولماي تۇرالمايمەن، بولۇپمۇ كىشىلەرنىڭ ئىسىمى، تۇغۇلغان، ئۆلگەن يىل، ئاي، كۈنلىرى تولىمۇ تەپسىلى ئېلىنىدۇ. مانا بۇ نۇرغۇن يازغۇچىلار ئۆگىنىشكە تېگىشلىك ئىسىل ئەخلاقتۇر.

1

تېما

0

دوست

2100

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   3.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14533
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 205
تۆھپە : 516
توردىكى ۋاقتى: 117
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-22
7#
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 19:35:16 |ئايرىم كۆرۈش
سىز ماقالىنى خىلى كۈچ چىقىرىپ ،كۆپ ماتىرياللاردىن پايدىلنىپ يازغاندەك تۇرىسىز،لىكىن فۇگۇەن ،ئاديۇتانت دىگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى تاپالماي قىينالغىنىڭىزغا ھەيران قالدىم، ''مۇئاۋىنى''، ''ئورۇنباسارى'' دىگەندەك ئاتالغۇلارنى قوللانغان بولسىڭىز تىخمۇ ياخشى بولاتتى،   ئاتا بوۋىلىرىمىز كۆپلىگەن لەشكىرىي ئاتالغۇلارنى ئىشلەتكەن،كۆچۈرۈپ ئەكەلگەن ئاتالغۇلارنى ئىشلەتمىگىنىمىز تۈزۈك، تىمىسىدىكى ئاتالغۇلارغا قاراپ ماقالىڭىزدىكى مەزمۇنلارنىڭ چىنلىقىدىن گۇمانلىنىپ قالدىم.

2

تېما

12

دوست

4153

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25041
يازما سانى: 336
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1256
توردىكى ۋاقتى: 315
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-19
8#
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 20:41:12 |ئايرىم كۆرۈش
تىما ئىگىسىنىڭ بىز بىىلمەيدىغان قەھرىمانلىرىمىزنىڭ ھاياتىنى تەپسىلى تونۇشتۇرغىنىغا رەھمەت ئاللائەجرىڭىزنى بەرسۇن قىرىندىشىم.
مەرھۇم يازغۇچىمىز ئابدىرىھىم ئۆتكۈرنىڭ ‹‹ئويغانغان زىمىن›› رومانىدا يۈنۈس موللام نىمە ئۈچۈن تىلغا ئىلىنمىغان بىلىدىغانلارۋە ياكى تىما ئىگسى بىلسىڭىز سەۋەبىنى قوشۇپ يوللاپ قويساڭلارچۇ؟بىز(تورداشلار)مۇ بىلىۋالساق ياخشى بىر ئىش بولاتتى قىرىنداشلار!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )