قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1909|ئىنكاس: 20

ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى ئىبراھىم باسىت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

3

دوست

4444

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   81.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9254
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 695
تۆھپە : 901
توردىكى ۋاقتى: 393
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-5 19:00:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى ئىبراھىم باسىت

مۇھەممەد باسىت  
                                                                                          

bbbbb.jpg
                                                                        



              ئىبراھىم باسىت دوتسېنىت ،1967-يىلى 5-ئاينىڭ10- كۈنى قۇمۇل شەھىرى شەھەر ئىچى يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1984-يىلى قۇمۇل ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ،شۇ يىلى شىنجاڭ مالىيە- ئىقتىساد ئىنىستوتىنىڭ ئوقۇتقۇچى يىتىشتۈرۈش كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان.1984-1986 يىلغىچە  شىنجاڭ مالىيە- ئىقتىساد ئىنىستوتىنىڭ خەنزۇ تىلى ۋە ئاساسى پەنلەرنى ئۆگۈنۈش ۋەزىپىسىنى تاماملىغاندىن كىيىن، 1986-يىلدىن 1990-يىلغىچە شەنشى مالىيە- ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتىنىڭ پۇل-مۇئامىلە كەسپىنى پۈتتۈرۈپ،باكلاۋۇرلىق ئۇنۋانى ئالغان. 1990-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ تا ھازىرغىچە شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتىتى پۇل-مۇئامىلە ئىنىستوتىدا ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ كىلىۋاتىدۇ. 2002-يىلدىن 2003-يىلغىچە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىدا ئېنگىلىس تىلى ئۆگەنگەن. 2005-يىلدىن2007-يىلغىچە شىنجاڭ مالىيە –ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتىنىڭ پۇل-مۇئامىلە كەسپىدە ئاسپىرانتلىقنى تاماملىغان.2008-يىلدىن2009-يىلغىچە بېيجىڭ تىل-مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسىتىدا ئېنگىلىس تىلى ئۆگەنگەن.2010-يىلى 9-ئايدا مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئېلىنغان دوكتور ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ياخشى نەتىجە بىلەن 2011-يىلدىن 2013-يىلغىچە مەركىزى مالىيە –ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتىدا دوكتور ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇغان.2013-يىلى 7-ئايدا << ئاز سانلىق مىللەت رايونى پۇل-مۇئامىلە ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا تەتقىقات>> ناملىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش دىسسېرتاتسىيىسىنى ياقلاپ، باھالىغۇچىلارنىڭ يۇقۇرى باھاسىغا ئېرىشىپ ئىقتىساد پەنلىرى بويىچە دوكتور ئاسپىرانىتلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، دىيارىمىز پۇل-مۇئامىلە كەسپى ساھەسىدە ئۇيغۇر دوكتور بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، مىللىتىمىزگە شان-شەرەپ ئېلىپ كەلدى.
       دوكتور ئىبراھىم باسىت ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شوغۇللىنىش جەريانىدا <<پۇل-مۇئامىلە ئىلمى>>،<<بانكا كىردېت  كەسپىنى باشقۇرۇش>>،<<سودا-بانكا ئىلمى>>،<<قەرز-پۇل تۈرلىرىنى باھالاش ئىلمى>>،<<پۇل-مۇئامىلە بازار ئىلمى >>،<<ئاكسىيەگە مەبلەغ سېلىش قائىدىسى>>ۋە <<پۇل-مۇئامىلە قۇرلۇش ئىلمى>> قاتارلىق كەسپى دەرسلەرنى ئۆتۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.ئۇندىن باشقا ئىنىسىتىتوت رەھبەرلىرى تەشكىللىگەن مىللى تىل-يېزىقتىكى دەرسلىك ماتىرياللىرىنى تۈزۈشكە قاتناشقان،يەنى<<بانكا كىردېتىنى باشقۇرۇش ئىلمى>>، <<سودا-بانكا ئىلمى>>قاتارلىق دەرسلىك ماتىرياللىرىنڭ مەسئول مۇھەررىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.يەنى<<باشقۇرۇش ئىلمىنىڭ قائىدىسى >>،<<تاشقى سودىنى باشقۇرۇش ئىلمى>>،<<پۇل-مۇئامىلە بازار ئىلمى>>ۋە <<مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىلمى>> قاتارلىق دەرسلىك ماتىرياللىرىنى تۈزۈشكە قاتناشقان.ئۇندىن باشقا<<سۇغۇرتا ئىلمى>>،<<بانكا بوغالتىرلىق ئىلمى>>،<<تاۋار-ئوبۇروت كارخانىلىرىنىڭ بوغالتىرلىقى>>،<<ماركىتىڭ ئىلمى>> قاتارلىق خەنزۇچە دەرسلىك ماتىرياللىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشقا قاتناشقان.
      دوكتور ئىبراھىم باسىت ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىدىن باشقا تۇرپان شەھەرلىك يېزا-ئىگىلىك بانكىسى،سودا-سانائەت بانكىسى،توقسۇ يېزا-ئىگىلىك ئامانەت قەرز –كوپىراتىپى قاتارلىق ئورۇنلاردا نەزىرىيە بىلەن ئەمىليەتنى بىرلەشتۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش بىلەن بىرگە،قەرز پۇلىنى بەش تۈرگە ئايرىش خىزمىتىگە يىتەكچىلىك قىلغان.يۇقۇرقى خىزمەتلەردىن باشقا،دۆلىتىمىزنىڭ پۇل-مۇئامىلە ئىسلاھاتى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى جەريانىدا ساقلىنىۋاتقان ئەمەلىي مەسىلىلەر ئۈستىدە كۈزىتىش ۋە تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىپ،رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى گىزىت ۋە كەسپىي ژورناللاردا 60 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسىنى ئېلان قىلغان.ھازىر دوكتورلۇق تەتقىقات تېمىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى بىلەن شوغۇللۇنۇپ،ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مىللىي رايونلارنىڭ پۇل-مۇئامىلە ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئائىىت تېمىلارنى ،بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى تەپەككۇرى،پۇل-مۇئامىلە ئېڭى،مىللىي كارخانىلارنى باشقۇرۇش، رىقابەت ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش،نامرات رايونلاردىكى پۇل-مۇئامىلە ئاپىراتلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى يوقۇرى كۆتۈرۈش،باي-نامراتلىق پەرقىنى كىچىكلىتىش قاتارلىق ئىقتىسادى مەسىللەرگە دائىر ئىلمىي تەتقىقات خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كىلىۋاتىدۇ.
     ئاخىرىدا قېرىندىشىمىزنىڭ تېنىگە سالامەتلىك،ئائىلىسىگە خاتىرجەملىك،بۇندىن كىيىنكى كەسپى خىزمەتلىرىگە زور ئۇتۇقلار تىلەيمىز.         
            2014-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى قۇمۇل

ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

167

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   63.15%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1758
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 6590
تۆھپە : 6581
توردىكى ۋاقتى: 1549
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-5 19:22:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىملىرىمىزنىڭ تېخىمۇ ككپىيىشىنى كېچە -كۈندۈز تىلەيمەن! ئالىملىرىمىزنىڭ يولىنى ئوچۇق قىلسۇن!ئۇلارنى تەتقىقاتلىرى تېخىمۇ يۈكسەلسۇن...

8

تېما

2

دوست

4602

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   86.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12612
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 287
تۆھپە : 1279
توردىكى ۋاقتى: 244
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-5 19:57:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئالىمنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇقلار يار بولسۇن !!!!!

0

تېما

3

دوست

1629

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   62.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22696
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 514
توردىكى ۋاقتى: 148
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-5 20:49:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرساھە ھەركەسىپلەردە ئالىملىرىمىزنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .

hasalharisi

8

تېما

1

دوست

2268

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13190
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 180
تۆھپە : 570
توردىكى ۋاقتى: 129
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-5 21:09:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئالىمىمىزنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق،تۇرمۇشىغا خاتىرجەملىك تىلەيمەن.

0

تېما

0

دوست

431

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   65.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25920
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 118
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-5 23:13:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىم، ئىنجىنىر،دوختۇر، تەتقىقاتچى، شۇنىڭغا ئوخشاش كەسپىدە نەتىجە قازانغان كىشلىرىمىزنىڭ كۆپلەپ يېتىشىپ چىقىپ خەلقىمىزگە،،خەلقىمىزگە، خەلقىمىزگە، ئاخىرىدا بارلىق دۇنيا ئەللەرىگە، چوڭ ياخشى ئىشلانى قىلىپ بېرىشىگە ئىشىنىمەن.

adimilik ayrilmas hamrahing&a

4

تېما

26

دوست

5660

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   13.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9336
يازما سانى: 447
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 451
تۆھپە : 1404
توردىكى ۋاقتى: 118
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-5 23:18:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر مىللەتكە نىسبەتەن  بىلىم ئىگىلىرىنىڭ قانچە كۆپ بولۇشى شۇنچە زور بەختتىن دېرەك بېرىدۇ .
لېكىن ئۇلارنى تونۇماسلىق ، ئۇلارنى ھۆرمەتلىمەسلىك ، قەدىرلىمەسلىك ئەڭ ئېچىنىشلىق ئىشتۇر .

مىللىتىمىزدىن تېخىمۇ كۆپ ئالىملارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا تەقەززامىز !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )