باھار
(مەمتىمىن ھوشۇر)
بۇ يېزىنىڭ يېنىدىكى تۆپىلىكتە يوغان ئىككى تۈپ تېرەك بار ئىدى . كىشىلەر : «ئاشۇ تۆپىلىككە باھارنىڭ قەدىمى چاپسان يېتىدۇ » دىيىشەتتى . تەبىئەت ئىللىشى بىلەنلا تۆپىلىكتىن قار ئەڭ بۇرۇن كېتەتتى ، دۆڭنىڭ تۆۋىنىدىكى ئېرىق بويلىرىدا يېشىل مايسىلار باش كۆتۈرۈپ ، سېرىقچېىچەكلەر بەس-بەستە ئېچىلىشاتتى .
قايسى زامانلاردا ، كىمنىڭ ياساپ قويغانلىقى نامەلۇم ، ھېلىقى قوشماق تېرەكنىڭ ئوتتۇرسىدا تېرەكنىڭ يېنىنى يوناپلا ئورنۇتۇپ قويغان بىر ياغاچ ئورۇندۇق بار ئىدى. يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇ ئورۇندۇق تېرەكلەرگە قوشۇلۇپ ، مۇستەھكەم بىر گەۋدە بولۇپ كەتكەنىدى .
ئاشۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ، باھار مەنزىرىسىدىن پەيزى ئالماق بولۇپ تۆپىلىككە چىقتىم . لىكىن ، ئۇرۇندۇق بوش ئەمەس ئىدى . ئۇ يەردە بىر بوۋاي ئولتۇراتتى . ئۇ قولىدىكى ھاسىسىنىڭ تۇتقۇچىغا مەيدىسىنى تىرەپ ، كۆزلىرىنى قىسىپ ، يىراقلارغا تىكىلگىنىچە خىياللارغا كەتكەن ئىدى . يىللارنىڭ مۇشەققىتىدىن قامىتى پۈكۈلگەن ، پېشانىسىگە چوڭقۇر قورۇقلار چۈشكەن ، ساقاللىرى قاردەك ئاقارغان بۇ بوۋاينىڭ يېشى سەكسەندىمۇ ، توقساندىمۇ ياكى ئۇ تولۇق بىر ئەسىرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ بولدىمۇ ؟ بۇنى پەرەز قىلماق تەس ئىدى.
بوۋاينىڭ دېققىتىنى بۇراش ئۈچۈن «ئۆھۈ» دەپ يۆتەلدىم –دە ، سالام بەردىم .
-بىرىنى كۈتۈۋاتامدىلا ، دېدىڭما ؟ - دېدى بوۋاي بۇرۇلۇپ قاراپ ، ئۇنىڭ قۇلىقى ئېغىرمىكىن ، جاۋابىمنى كۈتمەيلا سۆزلەپ كەتتى ،- قايغۇرۇپ ، خۇشال بولۇپ مۇشۇ ياشقا كەپتىمەن . ئەمدى نىمىنى كۈتىدۇ ، دەيسەن ؟ ئەجەلنى كۈتۈۋاتىمەن ، ئەجەلنى ! ئۇنىڭ قارارى يوق . يازدىمۇ ، قىشتىمۇ ، ئەتىگەندىمۇ ، كەچتىمۇ ئىشقىلىپ بىر ۋاقىتتا كېلىدۇ . ھەر يىلى باھاردا شۇ ئەتراپتىكى ئاغىنىلەر بۇ يەرگە كېلىپ ئەھۋاللىشاتتۇق ، يىلدىن –يىلغا تەڭتۇشلارمۇ ئازلاپ كەتتى .
قارا ،بۇ باھاردا بۇ يەردە ئۆزەم يالغۇز ئولتۇرۇپتىمەن ... نىمىشقا ئۆرە تۇرۇسەن ؟ كەل ، ئولتۇر . تىمەن، تولىمۇ ئوبدان بىر مومىيىم بار ئىدى . ئىككىمىز بەزىدە مۇشۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ياش ۋاقىتلىرىمىزنى ئەسلىشىپ كېتەتتۇق . مەن ئۇنىڭ ئورما ۋاقتىدا ماڭا تۇنجى قېتىم قاپاقتا چاي ئەكىلىپ بەرگەنلىكىنى ھېكايە قىلاتتىم ، ئۇ مىنىڭ مۇشۇ تۆپىلىكتىن سېغىز كولاپ بەرگەنلىكىمنى ئۇنۇتمايىتتى ... مۇھەببەت دەمسەن ؟ مۇھەببەت دېگىنى شۇمۇ ؟ بىلمەيمەن ، بىز ياش ۋاقىتلار ئەجەپ قىززىق يىللار ئىدى . قىز-يىگىتلەرنى بىر-بىرىگە كۆرسەتمەي چېتىپ قويۇشۇۋېرەتتى ، يەنىلا قەدىناسلاردەك ئۆي تۇتۇشۇپ كېتەتتى ... توي كېچىسى ئېسىمدىن چىقمايدۇ ، ھوجىرىغا كىرسەم ئۇزۇن چوچىلىق توي ياغلىقىنى بېشىغا پۈركەپ ، يوغانلا بىر قىز ئولتۇرىدۇ ، قورقۇپ كەتتىم . سەپسالسام ، شۇ ، ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئۆزۈم دۆڭدە سېغىز كولاپ بەرگەن قىز ئىكەن . قىز بالا دېگەن ۋاقتى كەلگەندە شۇنداق «لەڭڭىدە»ئۆسۈپ كېتىدىغان گەپكەن ...تېخى كۈزدىلا ئۇنى ئاۋۇ ئالدىمىزدىكى قەبرىستانلىققا كۆمۈپ قويدۇق . ئەمدى بۇ ئورۇندۇقتا ئۆزۇم يالغۇز ئولتۇرۇپتىمەن . باھارغۇ كەپتۇ ، باھار كەلمىدى...مومىيىمدىن ئايرىلىپلا كۆزۈممۇ ئاجىزلىشىپ كەتتى . ئوغلۇم ، مۇشۇ ئەتىراپتىن ئېچىلغان بىرەر تال گۈل تاپقىلى بولماسمۇ ؟ ھەببەللى ، ياخشى بولدى . چېكەمگە قىسىپ قوياي دەمسەن ؟ بولدى ، قولۇمغىلا بەرگىن . كېلەر باھارغىچە مەن بارمۇ ، يوق ؟ قارا ، كۆڭلۈم بۇزۇلىۋاتىدۇ ، يەنە بىر كەلگىنىڭدە مەن بولمىسام ، مۇشۇ ئورۇندۇققا بىر جۈپ گۈل تاشلاپ قويارسەن ...نەگە ماڭدىڭ ؟ «باھارغۇ كەپتۇ ، باھار كەلمەپتۇ » دېسەم ، ئالجىپ قالغان قېرى ئوخشايدۇ ، بۇ ، دەۋاتامسەن ؟ مېنىڭ ھېلىقى مومىيىمنىڭ ئىسمى «باھارگۈل» ئىدى ، مەھەللىدىكىلەر ئۇنى «باھارخان » دېيىشەتتى ، مەن ئۇنى «باھار» دەپلا چاقىراتتىم . رەھمەت ، ئوغلۇم ، بۈگۈن سەن بەرگەن بۇ باھار گۈلى بىلەن يەنە يوقاتقان نەرسەمنى تاپقاندەك بولدۇم ....
بوۋاي كۈلۈمسىرگەندەك قىلدى . لىكىن ، ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرىدا بولسا شەبنەمدەك سۈزۈك ياش تامچىلىرى يالتىراپ تۇراتتى . نېمىشقىدۇر مېنىمۇ يىغا تۇتتى . بوۋاينىڭ يېنىدىن ئۇزاپ ، يەنىمۇ يوقىرلاپ ماڭدىم . يىراقتىن قارىغىنىمدا ، تېرەكلەر ئارىسىدا ئولتۇرۇپ قالغان بوۋاي كۆزۈمگە ئەتراپتىكى باھار مەنزىرىسى بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەندەك كۆرۈندى ...
1987-يىلى 3-ئاي ،غۇلجا
|