قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 6334|ئىنكاس: 78

قانخور سۈرىيە پىرىزدىنتى بەششار ئەسەد

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

0

دوست

1910

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   91%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25740
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 594
توردىكى ۋاقتى: 123
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 00:45:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەششار ئەسەد

     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! يازمىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، قانچە ئون مىڭ ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا، مىليونلارچە ئىنساننىڭ مۇساپىر بولۇپ قېلىشىغا، تول ئاياللار، يېتىم بالىلارنىڭ كۆز ياشلىرىنىڭ قان بولۇپ ئېقىشىغا سەۋەب بولغان سۇرىيە پىرېزىدېنتى بەششار ئەسەد بىلەن تونۇشۇپ چىقىشقا تىرىشىمىز.
     بەششار ئەسەد 1965- يىلى 11- سېنتەبىردە سۇرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقتە دۇنياغا كەلدى. باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1982- يىلى ھەربىي دوختۇر بولۇشقا بەل باغلاپ، دەمەشق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي پەنلەر فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىردى ۋە 1988- يىلى ئوقۇشىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ‹تىشرىن ھەربىي دوختۇرخانىسى› دا خىزمەتكە چۈشتى. 1992- يىلى كۆز دوختۇرلۇق ساھەسىدە مۇتەخەسسىسلىشىش ئۈچۈن ئەنگلىيەگە ئوقۇشقا بېرىپ، 1994- يىلى ئاكىسى باسىل ئەسەد قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن سۇرىيەگە قايتىپ كەلدى. ئاكىسىنىڭ ۋاپاتى ئۇنىڭ ھاياتىدا ناھايىتى زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى، چۈنكى، پىرېزىدېنتلىققا تەييارلىنىش نۆۋىتى ئۇنىڭغا كېلىپ قالغانىدى. ئانا تىلى ئەرەبچىدىن سىرت ئىنگلىز، فىرانسۇز ۋە ئىسپان تىللىرىنى بىلىدىغان ئەسەد شۇ يىلى سۇرىيەنىڭ ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ‹سۇرىيە ئۇچۇر – ئالاقە ئىلمىي جەمئىيىتى› نىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى.
       1994- يىلى سۇرىيە ئارمىيەسىنىڭ دوختۇرلۇق ساھەسىگە قەدەم باسقان چېغىدىكى ھەربىي ئۇنۋانى بىرىنچى لېيتېنانت بولغان بەششار ئەسەدكە شۇ يىلى ئىيۇل ئېيىغا كەلگەندە يۈز بېشىلىق، 1995- يىلى ئىيۇلغا كەلگەندە مىڭ بېشىلىق، 1997- يىلى ئىيۇلدا پولكوۋنىك ئۇنۋانى بېرىلدى. 1999- يىلى يانۋارغا كەلگەندە بەششار ئەسەدنىڭ ئۇنۋانى پولك كوماندىرلىقىغا ئۆستۈرۈلدى.
      ئاتىسىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى بىلەن 2000- يىلى 10 – ئىيۇن كۈنى 34 ياشلىق ئەسەدكە لېيتېنانت گېنېراللىق ئۇنۋانى بېرىلدى. سۇرىيە پارلامېنتى بەششار ئەسەدنىڭ پىرېزىدېنت بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن جىددىي يىغىن چاقىرىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ ‹پىرېزىدېنت بولۇش ئۈچۈن 40 ياشقا كىرگەن بولۇش› دېگەن ماددىسىنى 34 ياشقا تۆۋەنلەتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئەرەب كوممۇنىستىك بەئس (گۈللىنىش) پارتىيەسىنىڭ ياش لىدېرى 2000- يىلى 10- ئىيۇل كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن رېفېراندۇم نەتىجىسىدە پىرېزىدېنتلىققا سايلاندى. شۇنداق قىلىپ بەششار ئەسەد جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدە ئاتىسىغا ۋارىسلىق قىلغان ئەڭ ياش پىرېزىدېنت بولۇپ قالدى.
       بەششار ئەسەد 2000- يىلى ئەنگلىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئەسما ئەسەد بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ، ھافىز، زەين ۋە كەرىم ئىسىملىك ئۈچ پەرزەنت يۈزى كۆردى.
     2007- يىلى يەتتە يىللىق پىرېزىدېنتلىق مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا يەنە بىر قېتىم پىرېزىدېنت بولۇپ سايلاندى.
بەششار ئەسەد ئىككىنچى قېتىم پىرېزىدېنتلىققا ‹سايلانغان› دىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى نوپۇزىغا قارشى ئېقىملارغا ماس يۆنىلىشتە تاشقى سىياسەت شەكىللەندۈردى. ئىچكى سىياسەتتە ئاتىسىنىڭ دەۋرىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا نىسبەتەن ئەركىن مۇھىت ياراتقان بولسىمۇ، چوڭ سودا – سانائەتچىلەرنىڭ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ساھەسىدىكى نوپۇزى ئېشىپ كەتتى، چېرىكلىك ئۆز پېتى داۋام قىلدى.
بەششار ئەسەد ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ساھەلەردە بىر قىسىم ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ باردى. 500 دەك سىياسىي مەھبۇسنى قاماقتىن بوشىتىپ، تۈرمىنى تارىخ تەتقىقات مەركىزىگە ئايلاندۇردى. خەلقنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىرگە نېفىت باھاسىنى 20 لىرادىن 15 لىراغا چۈشۈردى. بەششار ئەسەد پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە باشلىغان دەسلەپكى دەۋرلەرنى ‹سۇرىيە باھارى› دەپ ئاتىغانلارمۇ بولدى. بولۇپمۇ غەربتە ئوقۇغان بولغانلىقى ئۈچۈن دېموكراتىيە چۈشەنچىسى چوڭقۇر، سۇرىيەگە ئەركىنلىك ئېلىپ كېلىدۇ، ئاتىسى ھافىز ئەسەد ياراتقان بېسىم تۈزۈمىگە خاتىمە بېرىدۇ، دېگەندەك قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بالا ئەسەد بەششار ئاتا ئەسەد ھافىزنىڭ يولىنى تۇتۇشقا باشلىدى. ‹سۇرىيە باھارى› ياز ۋە كۈز دەۋرلىرىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ھېچكىم تەسەۋۋۇر قىلىپمۇ باقمىغان قەھرىتان سوغۇق دەۋرىگە — قارا قىشقا قەدەم قويدى.
       2010- يىلىنىڭ ئاخىرلىرى ئەرەب ئەللىرىدە باشلانغان كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار، 2011 - يىلى 15- مارتقا كەلگەندە سۇرىيەنىڭ دەرئا ۋە دەمەشق شەھەرلىرىدە باش كۆتۈردى. سۇرىيە خەلقى تا بۈگۈنگىچە توختاۋسىز داۋاملىشىپ كەلگەن نامايىشلىرى ئارقىلىق باستۇرۇش، چىرىكلىك، ئەركىنلىكنى بوغۇشقا قارشى شوئارلارنى توۋلىماقتا، ئۆزلىرىنى ئېغىر تىپلىق قوراللارنى ئىشلىتىپ باستۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقان ھاكىمىيەتنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلماقتا. سۇرىيە ھاكىمىيىتى بولسا، مەيلى تىنچ ئۇسۇلدا نامايىش ئۆتكۈزگۈچىلەر ياكى قوراللىق قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر بولسۇن، ھەممىسىنى قارا – قويۇق ھالدا دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزمەكچى بولغان، دۆلەتنىڭ بەزى جايلىرىدا ئىسلامىي دۆلەت قۇرۇشنى پىلانلاۋاتقان ئاشقۇنلار ۋە  تېررورچىلار، دەپ جاكارلىدى. 3 يىلنى ئارقىدا قالدۇرۇشقا ئازلا قالغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ باستۇرۇشقا ئۇرۇنۇشلىرى نەتىجىسىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 10 مىڭدىن كۆپرەكى كىچىك بالىلار بولۇپ، 100 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى، نەچچە يۈز مىڭ ئادەم يارىلاندى، ئون مىليونغا يېقىن سۇرىيەلىك مۇساپىرغا ئايلاندى، شەھەرلەرنىڭ ئۈست قۇرۇلمىسى ۋەيران بولدى، ئوخشاشلا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى تەرەپمۇ ئېغىر يوقىتىشلارغا يولۇقتى؛ نۇرغۇن ئەسكەر ئۆلدى، ئەسكەرلەر ھەربىي سەپتىن توپ – توپ بولۇپ قېچىپ ‹ئەركىن سۇرىيە ئارمىيەسى› نى شەكىللەندۈردى. بەششار ئەسەد رەقىپلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن خەلقئارادا چەكلەنگەن خىمىيەلىك قوراللارنى ئىشلىتىش، ئاھالىلەر رايونلىرىغا ۋارىل بومبىلىرىنى تاشلاشتىن يالتايمىدى. نەتىجىدە مەدەنىيەتلەر بۆشۈكى سۇرىيە ئالدىمىزدىكى بىر ئەسىر بويىچىمۇ ئەسلىگە كېلەلمىگۈدەك دەرىجىدە خانىۋەيران قىلىپ تاشلاندى.
     ۋەقەلەرنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىشى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى بەششار ئەسەدنى يەنە بىر قېتىم ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا قىستىدى. ئەسەد ھاكىمىيىتى دۆلەتتە ئىجرا قىلىنىپ كېلىۋاتقان يېرىم ئەسىرلىك جىددىي ھالەتنىڭ بىكار قىلىنىشى، كوردلارغا پۇقرالىق ھوقۇقى بېرىش، سىياسىي مەھبۇسلارنى كەچۈرۈم قىلىش دېگەندەك بىر قاتار ئىسلاھات قارارلىرىنى چىقىرىپ، ئۇنى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، بۇ قارارلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىجرا قىلىنمىدى. ئىسلاھاتلارنىڭ يورۇق كۆرمەسلىكى ئەسەدنىڭ سەمىمىيەتسىزلىكىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلامدۇ ياكى قان رەڭگىگە بويالغان سۇرىيە ۋەزىيىتىمۇ؟ بۇنىڭغا كەلگۈسى تارىخ لىللا باھا بەرگۈسى.
       موسكۋا بىلەن بېيجىڭنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى سۇرىيە تەرەپدارى پوزىتسىيەلىرى ئەسەدنى بېسىم ئارقىلىق ئەيۋەشكە كەلتۈرۈش پىلانىنى سۇغا چىلاشتۇردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر تەرەپتە ھىزبۇللاھ مىلىتانلىرىنىڭ ئەسەد سېپىدە ئۇرۇش قىلىشى، ئۆكتىچىلەرنىڭ كۈچلۈك بىرلىك ھاسىل قىلالماسلىقى، ئۇنىڭدىن باشقا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرى بىلەن ئەننۇسرەنىڭ سۇرىيە زېمىنلىرىدا مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىشى، ھەتتا نۆۋىتى كەلگەندە سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشى قاتارلىقلار ئەسەدنىڭ قەتلىئامنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەردى.
       شۇنداق، بەششار ئەسەد پىرېزىدېنت بولغاندىن كېيىن ھەر خىل مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ ئۇنىڭ ياش ۋە ئىقتىدارلىق بىر لىدېر ئىكەنلىكىنى، سۇرىيەنىڭ كېلەچىكىگە زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلارمۇ، سىياسەت سەھنىسىدىكى تەجرىبىسىزلىكى يۈزىسىدىن سۇرىيەنى خەۋپكە ئىتتىرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئەسلىدە ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغان بولسا، ياخشى بىر دوختۇر بولۇپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقانلارمۇ بولدى. كىمنىڭ نېمە دېگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بەششار ئەسەد نە ياخشى بىر دوختۇر، نە ياخشى بىر لىدېر بولالمىدى. قانداقلا بولمىسۇن، مۇسۇلمان ئەللەرنىڭ تۇراقسىز تاشقى سىياسىتى، غەربنىڭ ‹سەنەمگە دەسسىتىش› ئۇسۇلى، ھەممىدىن مۇھىمى سۇرىيە خەلقىنىڭ ئۆزئارا كۈچلۈك بىرلىك ھاسىل قىلالماسلىقى بەششار ئەسەدكە يەنە خېلى ئۇزۇنغىچە تارىخىي شام تۇپراقلىرىدا قىلىچ ئوينىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغاندەك قىلىدۇ. مەن شۇنىڭغا چىن ئىشىنىمەنكى، تەقدىرىنىڭ لېيى تۇزلۇق سۇدا يۇغۇرۇلغان شۇ بىچارە ئانىلار، يېتىم بالىلارنىڭ ئاھى ھامان بىر كۈنى تۇتماي قالمايدۇ.
        بۈگۈن قانچە ئون مىڭ ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا، مىليونلارچە ئىنساننىڭ مۇساپىر بولۇپ قېلىشىغا، تول ئاياللار، يېتىم بالىلارنىڭ كۆز ياشلىرىنىڭ قان بولۇپ ئېقىشىغا سەۋەب بولغان سۇرىيە پىرېزىدېنتى بەششار ئەسەد بىلەن تونۇشۇپ چىقتۇق.


10

تېما

15

دوست

8448

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   68.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15861
يازما سانى: 843
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 69
تۆھپە : 2512
توردىكى ۋاقتى: 639
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 11:36:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىڭىزنى ئوقۇپ  بەشىرنىڭ تارىخى بىلەن تونۇشۇپ چىقتىم ، رەھمەت سىزگە  .

ئەمما  بۇ قىرغىنچىلىق، ئۆلۈم- يىتىم، مۇساپىرلىق ...ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە  شۇ بىرلا كىشى سەۋەب  بولۇدۇ  دىسەك،  ھەم بۇ مەسئۇلىيەتنى شۇ بىرلا كىشىگە ئارتىپ قويۇش مىنىڭچە  تازا  ئاقىلانىلىك ئەمەس ،  بۇنداق دىگىنىم،  بەشىرنى  ياخشى ئادەم  دىگەنلىك ئەمەس ، مەن بۇ ئادەمنىڭ قانداقلىقىغا  ھەرگىزمۇ باھا بىرەلمەيمەن ...

سادام بىلەن  كازافى ۋاپات  بولغىلى خىلى ئۇزۇن بولدى  ئەمما بۇ يەرلەردە ئۆلۈم- يىتىم ...ئىشلىرى  تۈگەپ كەتمىدى،  مىنىڭچە  بەشىر  مەيلى  ھاكىمىيەتنى  بەرسۇن ياكى بەرمىسۇن  بۇ ئىشلاردا ئالاھىدە ئۆزگۈرۈش بولۇپ كىتىشى ناتايىن،  چۈنكى بىزگە بۇنى  ئىراق بىلەن لىۋىيەنىڭ ھازىرقى ئەمەلى ئەھۋالى ئىسپاتلاپ بىرىدۇ ...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

15

تېما

25

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9220
يازما سانى: 1054
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1349
تۆھپە : 2188
توردىكى ۋاقتى: 1717
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 11:41:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنشائالا دۇنيا مىقياسىدا يەنە ئۆز دۆلەتلىرىدە- ئۆزىدىن باشقىنىڭ پىكىرىگە زەڭ سالمايدىغان مىلىتارىستلارنىڭ تارىخى بىلەنمۇ تونۇشۇپ چىقىشقا مۇشەررەپ بولغايمىز....

0

تېما

0

دوست

145

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   48.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26312
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 48
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 11:59:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

2

تېما

8

دوست

4371

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   79.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8381
يازما سانى: 264
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 131
تۆھپە : 1268
توردىكى ۋاقتى: 375
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 12:05:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aqturk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-9 12:58  

يۈز بېشى ، مىڭ بېشى دەپ قايسى ئۈنۋاننى كۆزدە تۇتقانلىقىڭىزنى بىلەلمىدىم ، بىلىشىمچە   少校 مايور -(营长 ) باتالىيون كوماندىرى ،  中校 كەنجى پولكوۋنىك - (团长  ) پولىك كوماندىرى  ، 上校 پولكوۋنىك - ( 旅长  ) بېرگادا كوماندىرى ،  大校 پودپولكوۋنىك - (师长  ) دىۋىزىيە كوماندىرى بولسا بولىدۇ . 中将 دىگىنى بولسا گىنرال لىتنانىتقۇ دەيمەن  .

0

تېما

0

دوست

177

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   59%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26804
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 56
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 12:34:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
aqturk يوللىغان ۋاقتى  2014-3-9 12:05
يۈز بېشى ، مىڭ بېشى دەپ قايسى ئۈنۋاننى كۆزدە تۇتقانلىق ...

بۇ ماقالىنى تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغان ئوخشايدۇ

1

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 1370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 3830
توردىكى ۋاقتى: 853
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 13:03:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ھەممە بولغۇلۇق شۇ بىچارە پۇخراغىلا بۇلىدىكەن.....

0

تېما

36

دوست

2910

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24884
يازما سانى: 328
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -5
تۆھپە : 844
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 13:25:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇرۇش بولغانكەن بارچە بولغۇلۇق پۇقرالارغا بولىدۇ شۇڭا پۇقرالارمۇ جەزمەن شۇ ئۇلۇم بىشغا كىلىشتىن ئىلگىرى مەۋقەسىنى بىكتىپ قويشى كىرەك بولمىسا ئۇنىڭ ئولۇمى مەنىسىز كىتىپ قالىدۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )