قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1695|ئىنكاس: 7

ئەزىز نەسىن :زۈبۈر تاغا قانچە قېتىم دەپنە قىلىندى؟ __ ئوغلانى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

6

دوست

1450

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   45%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24506
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 556
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 13:38:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

زۈبۈر تاغا قانچە  قېتىم دەپنە قىلىندى؟
ئەزىز نەسىن (تۈركىيە)
ئوغلانى يوللانمىسى

             كىچىكلىكىمدە  "زۈبەير" دىيىشكە تىلىم كەلمەي " زۈبۈر تاغا " دەيدىكەنمەن . شۇنىڭ بىلەن ئائىلە ئىچىدە ئىسمى زۈبۈر بولۇپ قالغان ئىدى .
  يىللىق دەم ئېلىشىمنى زۈبۈر تاغىنىڭ يېنىدا ئۆتكۈزمەكچى ئىدىم . پويىز ئىستانسسىدىن پەيتۇنغا ئولتۇرۇپ زۈبۈر تاغىنىڭ ئۆيىگە يىتىپ بېرىشقا بەش مىنۇت قالغاندا ، ئۇ يەردىن نالە -پەريادلارنى ئاڭلىدىم .
         زۈبۈر تاغا تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ يەر ئاستى سىخىدا ئىشلەيتتى . شۇ كۈنى كەچقۇرۇن سىختا يىقىلىپ ئۆلۈپ كىتىپتۇ ، تۆمۈر يول دوختۇرى جەسەتنى تەكشۈرۈپ ، يۈرەك كىسىلى بىلەن ئۆلگەن دەپ مەلۇمات بېرىپتۇ .
        زۈبۈر تاغىنىڭ مىېراسخورلىرى بىر-بىرى بىلەن چىقىشالمايدىغان ئىنتايىن مۇرەككەپ بەش كىشى ، يەنى ، ۋاپات بولغان دەسلەپكى خوتۇنىدىن بولغان قىزى بېرسىن بىلەن ئوغلى ئوغۇز ، ئىككىنجى خوتۇنى جەمىلە خانىم ، بۇ ئايالنىڭ باشقا ئەردىن بولغان قىزى ئاينۇر ۋە ئون ئالتە ياشلىق كەنجى ئوغلى مەتىنلەر بار ئىدى . بۇلارنى باغلاپ تۇرغان زۈبۈر تاغىنىڭ كۆزى يۇمۇلا -يۇمۇلماي . بۇ بەشەيلەن ئۆز- ئارا تۇتۇشتى . بىراق ، بۇ باشقىچە تالاش-تاتىش ئىدى . بەشىلىسى زۈبۈر تاغىنى ئۆزىنىڭ ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئۆز -ئارا بەستلىشىۋاتاتتى .
      زۈبۈر تاغىدىن بىر ئۆي بىلەن بىر ئار ئۆي بىساتلىرىدىن باشقا ، بىر تىيىنمۇ پۇل قالمىغان ئىدى . بەش كىشىنىڭ ھەر بىرى مانا بۇ ئۆي بىلەن ئۆي بىساتلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ كۆپىرەك ھەققى بارلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ، زۈبۈر تاغىنى قانداق ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى  كۆرسەتمەكچى بولاتتى . ئائىلىدە زۈبۈر تاغىنى كىم ھەممىدىن كۆپرەك ياخشى كۆرسە ، ئۆي بىلەن بىساتلار ئۇنىڭغا قالىدىغاندەك بىر كەيپىيات بار ئىدى .
جەمىلە خانىم ئۆزىنى ئۇرۇپ نال قىلغان ھالدا :
__ بىزنى تاشلاپ نەگە كىتىسەن ؟ __دەپ يىغلايتتى .
زۈبۈر تاغا خوتۇنىنىڭ بۇ سۇئالىغا جاۋاب بېرەلمەي ، تۆۋەنكى ئۆيدە ئاق يوپۇقنىڭ ئاستىدا پىغان بىلەن ياتاتتى .
       جەمىلە خانىمنىڭ باشقا ئەردىن بولغان قىزى چاچلىرىنى يۇلۇپ ئۆزىنى تاملارغا ئۇرۇپ شۇقەدەر يىغلايتتىكى ، ماڭا قويۇپ بەرسە زۈبۈر تاغىدىن قالغان ھەممە مىراسنى ، ئۇنى بۇنچە ياخشى كۆرىدىغان بۇ  قىزغا  بۇيرۇپ بېرەتتىم .  بەشىلىسى ئوخشاشلا:
__ بىزنى تاشلاپ نەگە كەتتىڭ ؟ __ دەپ ئۈن سېلىپ يىغلىشاتتى . زۈبۈر تاغا بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى ئاڭلىمايتتى -دە ...
     مانا بۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋال ئايلىنىپ كىلىپ بىر نەرسىگە ___ دەپنە مۇراسىمىغا كىتىدىغان پۇلغا مەركەلەشتى .
    دەپنە مۇراسىمىنى چىرايلىق ئۆتكۈزۈش ئۈچۈنمۇ  بىر مۇسابىقە باشلاندى . جەمىلە خانىم مىيىتنىڭ ھازىر ئۇزىتىلشىغا قوشۇلمايتتى . ھېچ بولمىغاندا ئۆيدە بىر كىچە  قوندۇرغىسى بار ئىدى . ئوغۇز ئۆگەي ئانىنىڭ  بۇ تەكلپىگە ناھايتى خاپا بولدى . ئۇنىڭچە  ،بىر كىچە ئەمەس ، مەرھۇم ئاتىسىنى ئۆز كارۋىتىدا ئىككى كىچە ياتقۇزۇۋالغۇسى بار ئىدى . ئاينۇر ئىككى كىچىنىمۇ ئاز كۆردى. ئۇنىڭ ئۆگەي دادىسىنى ئۈچ كىچە قوندۇرغۇسى بار ئىدى . مەرھۇمنى دەپنە قىلماسىلىق مومكىن بولمىغاچقا ، باشقا بىر تەكلىپ بىلەن كەينىگە سۈرەلمىدى .
        ئۇنىڭدىن كىيىن ، مەرھۇمنىڭ بېشىدا تۇرىدىغان مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ سانى ئۈستىدە يېڭى بىر تالاش-تارتىش باشلاندى . مەتىن بىر مۇھاپىزەتچىنى ئاز كۆردى . ئۇنىڭ قارىشىچە ، ئۆگەي ئانىسى ئۆزلىرىگە يوغان بىر ئۆينى قالدۇرۇپ كەتكەن ئاتسىغا پىقسىقلىق قىلىۋاتاتتى . جنازا ئېلىپ مېڭىلغىچە دادىسىنىڭ بېشىسدا ئىككى مۇھاپىزەتچى تۇرۇشى كىرەك ئىدى . ئاينۇر ئىككى مۇھاپىزەتچىنىمۇ ئاز كۆردى ، بىرسېن مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ سانىنى بەش بولسۇن دېدى .ئۇنىڭچە بەش مۇھاپىزەتچى ئۇنىڭ بېشىدا تۇرۇشى كىرەك ئىدى .
      زۈبۈر تاغىنىڭ دەپنە مۇراسىمىنىڭ بىر يوقسۇلنىڭ دەپنە مۇراسىمىدەك ئۆتكۈزۈلشىنى ھېچقايسىسى خالىمايتتى . ھەممەيلەن بىر - بىرىنىڭ دىگىنىنى ئاز كۆرەتتى .
        يېقىن تۇغقان بولغانلىقىمدىن ، بۇ ئەھۋالدا ئۇلارنى تاشلاپ كىتەلمەيتتىم  . زۈبۈر تاغامغا كەم ئۇچىرايدىغان كاتتا دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى . جىنازا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەشەمەتلىك مېيىت ماشىنىسىغا سېلىنغاندىن باشقا ، يىگىرمە ماشىنا كىرا قىلىندى . ئوتتۇزچە قارىي تۇپراق بېشىدا يېرىم كۈن قۇرئان ئوقۇدى . ئائىلىدىكىلەرنىڭ ھەر بىرى قىممەت باھالىق گۈل چەمبىرەك ياستىشتىمۇ بىر-بىرىدىن كىيىن قالمىدى .
       بۇلارنىڭ ھەممىدى قەرىزگە قىلىنغانلىقتىن  ، ئەمدى گەپ قەرىزلەرنى تۆلەشكە كەلدى .ئۆي سېتىلىپ ئالدى بىلەن قەرىزنى تۆلەپ ،قالغان پۇل تەقسىم قىلىنغان بولدى . ئىككى قەۋەتلىك ئۈچ ھۇجىرلىق كونا ،كىچىك ئۆي ئون مىڭ لىرا باھالاندى . بۇ ئۆي سودىسى بولۇۋاتقاندا يەنە بىر ئش يۈز بەردى . زۈبۈر تاغىنى دەپنە قىلىشتا ھۆكۈمەت دوختۇرىدىن "دەپنە ئىجازىتى " ئېلىنمغان ئىكەن . تۆمۈر يول دوختۇرىنىڭ مەلۇماتى شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە ئۆتمەيدىكەن . بۇ ئەھۋالدا زۈبۈر تاغىنى قەبرىدىن چىقىرىپ شەھەرلىك ھۆكۈمەت دوختۇرىغا تەكشۈرتۈشكە توغرا كىلەتتى .
   زۈبۈر تاغىنىڭ قەبرىدىن چىقىرىلىپ  ئۆيگە ئېلىپ كىلىنىشى يېڭى بىر "ياخشى كۆرۈش" ئويۇنىغا سەۋەب بولدى . زۈبۈر تاغا ئىككىنجى قېتىم ئۆلگەندەك ، يېڭىۋاشتىن يىغلاش -قاقشاش باشلاندى . جەمىلە خانىم قەبرىدىن چىقىرىلغان زۈبۈر تاغىنى دوختۇرنىڭ چوقۇم ئۆيدە تەكشۈرشىنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالدى ، مېيىت دەپنە قىلىنىپ تۆت كۈندىن كىيىن  شەھەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن بىللە قەبرىستانلىققا باردۇق . زۈبۈر تاغىنىڭ جەسىتىنى قەبرىدىن چىقىرىپ ئۆيگە ئەكىلىپ ياتاق ھۇجىرسىغا قويدۇق .

     مەنبە : ئەدەبىي تەرجىمىلەر
     تەرجىمان : توختى تىللا  


داۋامى بار  

0

تېما

3

دوست

3655

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   55.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16842
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1110
توردىكى ۋاقتى: 146
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 16:34:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2- قىسىمنى تېزرەك يوللاپ قويسىلىيا...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

69

دوست

6671

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   33.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24182
يازما سانى: 610
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 2004
توردىكى ۋاقتى: 437
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 18:26:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنلا ياخشى ئەسەركەن ،مەنىسى تولىمۇ تىتىملىق.

1

تېما

1

دوست

410

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   55%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26604
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 132
توردىكى ۋاقتى: 21
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 21:00:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

yaxnar

1

تېما

4

دوست

5892

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   17.84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9895
يازما سانى: 438
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 468
تۆھپە : 1486
توردىكى ۋاقتى: 233
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 21:57:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنلا ياخشى ئەسەركەن

0

تېما

0

دوست

965

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25830
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 280
توردىكى ۋاقتى: 62
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 00:08:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىز نەسىننىڭ ئەسەرلىرىنى مەن بەك ياقتۇرىمەن.
تۈركىيەدە دەپنە مۇراسىمىغا گۈل چەمبىرەك ياسايدىغان ئادەت بارما؟

http://www.xjsahra.com

13

تېما

10

دوست

7481

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   49.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4249
يازما سانى: 406
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 100
تۆھپە : 2285
توردىكى ۋاقتى: 277
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 11:51:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە كۆپ رەھمەت. ئەزىز نەسىننىڭ ئەسەرلىرىنى كۆپرەك يوللاپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ ئەسەرنىمۇ شۇنچە ئىشتىياق بىلەن ئوقۇپ چىقتىم. رەسمىيەتچىلىك، قەغەز ئىشى رېئال ئىشتىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇلغان...

0

تېما

0

دوست

163

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   54.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26846
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 52
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 17:58:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىز نەسىن،مەڭگۈ ئۆلمەس تېمىدا ئەسەر يازىدىغان گىگانت يازغۇچى!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )