- تىزىملاتقان
- 2011-5-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-9-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1605
- نادىر
- 0
- يازما
- 52
ئۆسۈش
60.5%
|
جيۇلۇڭشۇ① توغۇرسىدا رىۋايەت ( 1)
ئەل شۇنداق رىۋايەت قىلدۇلەركى ،چىڭ سۇلالىسى جياچىڭ خان دەۋرىدە پايتەخت بېيجىڭ شەھرىدەبىر قودۇق بولۇپ ، بۇ قودۇقتىن بىر يىلنىڭ تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئاپئاق تۈتەك ھاۋاغا ئۆرلەپ تۇرىدىكەن .بۇ تۈتەكنىڭ ھاۋاغا ئۆرلىشى ئادەتتىكى بولماستىن خۇددى يىلاندەك تۇلغۇنىدىكەن،كېيىن بۇ تۈتەك ئاستا -ئاستا ئازلاپ ،ئاخىرى يوقاپ كېتىپتۇ .بۇ خەۋەر خانغا يەتكەندىن كېيىن ،خان مۇنەججىملارنى يىغىپ بۇ ئىشقا مەنا ئېيتىشنى بۇيرۇپتۇ مۇنەججىملەر :②
- ئەسلى بۇ قودۇقتا خانلىقنىڭ تاجى ـ تەختىنى قۇغداۋاتقان بىر ئەجدىھا بولۇپ ،ھازىر ئۇ غەربى دىيارغا يۆتكىلىپتۇ .غەربى دىياردىكى ۋاڭ ئوردىسىنىڭ شەرقىدە بىر بۇلاق بار ئىكەن،بۇلاقنىڭ يېنىدا بىر يىلتىزدىن چىققان ئەجدىھاسىمان توققۇز تال بولۇپ ،ئۇلارنىڭ ئۇچلىرى بۇلاق سۈيىگە تەگسە ،ئۇلار ھەققىقى توققۇز ئەجدىھاغا ئايلىنىدىكەن .ۋاڭ ئوردىسىنىڭ ئالدىدىكى دەرەختە بىر جۈپ قۇش ئۇۋا ياسايدىكەن .قۇش بالىسىنىڭ ياتاقتىن چىققان كۈنى ۋاڭنىڭ ئايالىنىڭ كۆزى يورۇيدىكەن .قۇش بالىسى ئۇچارما بۇلغاندا ،تۇغۇلغان بالا بالاغەتكە يېتىدىكەن .ئەگەر توققۇز ئەجدىھا تال ھەقىقىي ئەجدىھاغا ئايلىنىپ بالىنى قوغدىسا ،ئۇ چاغدا بۇ دۇنيادا ھەر قانداق كىشى ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەيدىكەن ،خانلىق شۇ بالىنىڭ قولىغا ئۆتىدىكەن ،ـدەپ مەنا ئېيتىپتۇ ، خان بۇنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كېتىپ:
ـ ئەمدى بۇنىڭغا قانداق ئامال بار ؟ ـدەپ سوراپتۇ . مونەججىملەر:
ـ تالنى دەرھال كېسىپ ،يۇخۇمنى چېقىپ تاشلاپ ،بالاھى - ئاپەتنى بۆشىگىدە تۇنجۇقتۇرۇپ ،خانلىقنى ساخلاپ قېلىش كېرەك ،ـ تەكلىپ بېرىپتۇ .خان دەرھال 300 چېرىكنى غەربى دىيارغا ماڭدۇرۇپتۇ .
شۇ چاغدا مۇھەممەت بىشىرۋاڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان بۇلۇپ ،ئۇنىڭ ئايالى ھامىلدار ئىكەن ۋاڭ ئوردىسىنىڭ شەرقى جەنوبىدا بىر تۈپ چوڭ كۆك دەرەخ بولۇپ ،بىر جۈپ غاز بۇ دەرەخنىڭ بېششىغا ئۇۋا ياساشقا باشلاپتۇ .(غاز ئەسلىدە سۇ بويلىرىدە ياشاپ ،شۇجايلاردا ئۇۋا ياساپ ،بالا چىقىرىدىغان قۇش بولغانلىقتىن كىشىلەر بۇلارنىڭ دەرەخ بېششىدا ئۇۋا ياسىغانلقىغا ھەيران بولۇشۇپتۇ ) .بۇ بىر جۈپ غاز پەقەت بىرلا تۇخۇم تۇغۇپتۇ .بۇلاق بېشىدىكى توققۇز ئەجدىھا سىمان تال ئىنتايىن ئاينىپ باراقسان بولۇپ كېتىپتۇ .خانلىقتىن ئەۋەتىلگەن 300 لەشكەر ئالتى ئاي يول يۈرۈپ قۇمۇلغا يېتىپ كېلىپ ،ئاۋال دەرەخ بېشىغا يامىشىپ چىقىپ ھېلىقى غاز توخۇمىنى چېقىۋېتىپتۇ .ئاندىن بۇلاق بېشىغا بېرىپ توققۇز تالنى بىر ـ بىرلەپ كېسىپتۇ .تاللارنى كەسكەندە ئۇلاردىن قان سىرغىپ چىقىپتۇ . دەل شۇ كۈنلەردە مۇھەممەت بىشىر ۋاڭنىڭ ئايالىنىڭ كۆزى يورۇپ بىر ئوغۇل تۇغۇپتۇ بۇ بالا تەندۇرۇس تۇغۇلماستىن مېيىپ تۇغۇلوپتۇ . بۇ بالا غولامىدىن چىڭۋاڭ بولۇپ ،ئۇيغۇرلار‹‹ ئاقخان ۋاڭ ›› دەپ ئاتاپتۇ ، خەنزۇلار ‹‹ تەنۋاڭ ›› ③ دەپ ئاتاپتۇ .شۇنىڭدىن ئېتىبارەن قۇمۇلدىكى توققۇز ئەجدىھا تال تۇغۇرسىدىكى رىۋايەت پۈتۈن مەملىكەتكە تارقىلىپ ئىچكىردىن قۇمۇلغا مېھمان چىقسا ،توققۇز ئەجدىھا تال مەھەللىسىنى زىيارەت قىلماي كەتمەيدىكەن.
① جيۇلۇڭشۇ ـــــــ خەنزۇچە سۆز ، توققۇز ئەجدىھا تال دىگەن مەنىدە
② مۇنەججىم ــــــــ يۇلتۇزغا قاراپ تەغدىرگە باھا بەرگۈچى ،يۇلتۇزشۇناس
③ تەنۋاڭ ـــــــــ مېيىپ ۋاڭ دىگەن مەنىدە .
|
|