ئوقوتقۇچى كومپيۇتېردا بېسىپ چىقارغان دەرىس تەييارلىقى نېمە ئۈچۈن ئىتراپقا ئېلىنمايدۇ؟
ھازىرقى ئۇچۇر دەۋرىدە يېزىقچە ماتىرىياللارنىڭ ھەممىسى كومپيۇتېرنىڭ ياردىمىدە كۆپ قولايلىقلارغا ئىرىشۋاتىدۇ. بۇرۇنقى سالام خەت يېزىپ پوچتىدىن ئبەرتىدىغان ئىشلار كەلمەسكە كەتتى. ھازىر ئۇنداق ئىشنى قىلىدىغانلارنى كۆرسە بەلىكىم ھەممە ھەيرانلىقتا مەسخىرە قىلىشار. يىراقتىكىنى دىمەيلا قوياي. مەكتىۋىمىزنىڭ خىزمەت پىلانى، خۇلاسىسى، دەرىس جەدىۋىلى، قائىدە تۈزۈملىرى، دىجۈرنىيلىك جەدىۋىلى،مەكتەپكە كىرىپ چىقىشنى تىزىملاش جەدىۋىلى، ئوقوغوچىلارنىڭ تاماق جەدىۋىلى،مەكتەپنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن ساقچىلىق قىلىش جەدىۋىلى، رۇخسەت سوراش جەدىۋىلى، ئىلمى بۆلۈمنىڭ ئوقوتوشنى يولغا قويۇش ، ئوقو-ئوقوتوش پىلانى، ئوقوتقوچىلارغا قىلىنغان دەرىس تەخسىماتى، مائاش تارقىتىش جەدىۋىلى، ئوقوغوچىلارنىڭ يوقلىما تىزىملىكى،يۇقۇرىغا يوللىنىغان نەتىجە تىزىملىكى.... قاتارلىقلارنىڭ قايسى بىرى كومپيۇتېرنىڭ ياردىمىسز ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ؟ ئەگەر يۇقارقى ماتىرىيالنىڭ قولدا يېزىلغانلىقىنى كۆرسە بەلىكىم تەكشۈرۈشكە كەلگەنلەرمۇ بىر قىسىم قارىشى مۇمكىن. خوش.ئەمىسە ھازىر چوقوم قولدا يېزىش تەلەپ قىلىنۋاتقىنى نېمە؟ئۇ بولىسمۇ: بىچارە ئوقوتقوچىنىڭ دەرس تەييارلىقى. ھەتتا ئوقوتقوچى ئۆزى كومپيۇتېر، پىرىنتىر ۋە كۈچ چىقىرىپ تەييارلىغان دەرس تەييارلىقىنى بىر قسىم «ئالىي رەھبەر»لەر نېمە ئۈچۈن ئىتراپقا ئالمايدۇ؟ نېمەئۈچۈن ئوقوتقۇچىنىڭ بۇ ئىلغار قورالدىن پايدىلىنىشى چەكلىنىدۇ؟ ھازىردۆلەت مەبلەغ سېلىپ مەكتەپكە، ھەتتا سىنىپلارغا كومپيۇتېر ئورونلاشتۇرۋاتىدۇ؟دۆلەتنىڭ پىلانى مەكتەپتىكى ئوقوتقوچى، ئوقوغوچىلارغا مۇشۇلارنى كۆرسىتىشمۇ؟قارايدىغان بولساق شۇنچە ئىلغار سەپلەنگەن كۆپ ۋاستىلىق ئوقوتوش ئۆيلىرىمىزدىكى كومپيۇتېرلار توپا بېسىپ كەتكەنلىكتىن ئىشلەتمەي تۇرۇپلا بىراك قىلىنۋاقتىدۇ. يەنەئۇنىڭ ئورنىغا يېڭىنى سەپلەۋاتىدۇ؟ مائارىپ ئىدارىسى، ھۆكۈمەت مەبلەغ چىقىرىپ ئوقوتقوچىلارنى كومپيۇتېر ساۋادى بويىچە تەربىيلەۋاتىدۇ. ھەتتا كومپيۇتېر ئىمتىھانىدالاياقەتلىك بولمىغانلارغا ئونۋان باھالاشتا چەكلىمە قويوش پىلانى يولغا قويولىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەكتەپلەرمۇ ئوقوتقوچىلارنى كومپيۇتېر بىلىملىرى بويىچە تەربىيلەشكە رىغبەتلەندۈرۋاتىدۇ، تەربىيلەۋاتىدۇ. بۇ زادى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ دۆلەتنىڭ مەبلەغ سېلىشى، ئاپتۇنۇم رايوننىڭ، ۋىلايەتنىڭ، ناھىيەنىڭ ئادەم، ۋاقىت، مەبلەغ ئاجىرىتىپ ئوقوتقوچىلارنى تەربىيەلىشى، پەقەت مەكتەپلەردەكومپيۇتېر باشقۇرغۇچى دىگەن نامىدىكى ئادەمنى پەيدا قىلىش ئۈچۈنمۇ؟ ئىشخانا،سىنىپلارغا كومپيۇتېر سەپلىشى_ يۇقۇردىن كەلگەن رەھبەرلەرنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈنمۇ؟ ياكى دىھقان ئاتا-ئانىلارنى «پەرزەنتىڭىزنى مۇشۇنداق زامانىۋى قورالدىن پايدىلىنىپ تەربىيلەيمىز، مۇشۇلارنى ئۈگىتىمىز...» دەپ ئالداش ئۈچۈنمۇ؟ ۋە ياكى يۇقۇردىن تۈر مەبلىغى چۈشۈرۈپ بىر قىسىم «رەھبەر»لەرنىڭ يېنىنى توملاش ئۈچۈنمۇ؟ ئوقوتقوچىلارنى ھەر يىلى ھەر تەتىلدە يىغىپ تەربىيلىشى ئوقوتقوچىلارنى ئارام ئالدۇرماسلىق، ئۇنىڭ ئازغىنە پۇلىنى سۇغۇرۋېلىش ئۈچۈنمۇ؟ مەكتەپلەردە 3-يىللىقتىن يۇقۇرى يىللىق ئوقوغوچلارغا كومپيۇتېر دەرىسىنى تەسىس قىلىش زادى نېمە ئۈچۈن؟ قاراپ باقساق مەكتەپتىكى ئوقوغوچلارنىڭ تىزىملىكى، نەتىجىسى، ئارخپى... نى ئوقوتقوچى كومپيۇتېردا ئۇرۇپ تەييارلىشى كىرەك. ئوقوتوش پىلانى، خۇلاسىسى...نى ئوقوتقوچى كومپيۇتېردا ئۇرۇپ تەييارلىشى كىرەك. مەكتەپ ئىلمىي نەتىجە، پىلان، خۇلاسە،دوكلاتلارنى، قارار، ئىلتىماسلارنى، ئىشلەپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان ئارخىپلارنى كومپيۇتېردا ئۇرۇپ يوللىشى كىرەك. ھەتتا بەزىلىرىنىڭ قەغەزگە بېسىلىشى ھاجەتىسىز. مەكتەپ رەھبەرلىكى ۋە مائارىپ ئىدارىسى ماتىرىيالنى «كومپيۇتېردا ئۇرۇپ تەييارلىمىسا بولمايدۇ» دەيدىغان ھالەتتە. ئاپتۇنوم رايونلۇق مائارىپ باشقارمىسى مۇھىم ئۇقتۇرۇشلارنى توردايوللايدىغان بولدى. يۇقۇرقىلارنىڭ ھەممىسى نېمە ئۈچۈن؟ ئەلۋەتتە ئۆزىگە ۋە ئۆزگىگە قۇلايلىق يارتىش ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟ ئەمما بۇنىڭ دەل ئەكسىچە ئوقوتقوچى دەرىس تەييارلىقىنى كومپيۇتېردا ئۇرۇپ تەييارلىسا ئىتراپقا ئېلىنمايدۇ. يەنە بۇ نېمەئۈچۈن؟ زادى نېمە ئۈچۈن؟ ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق دېھقانلارمۇ بانكا قەرىز ئىلتىماسى، ئۆز-ئارا ئېلىم- سېتىمتوختامسى، ئەرىز نامىلەرنى كومپيۇتېردا بېسىپ ئىشلىتىىشىدۇ. قولىدا يازىدىغانلار ناھايىتى ئاز. بۇنى سوت مەھكىمىسىمۇ، قانون ئورونلىرىمۇ ئىتراپ قىلىدۇ. ھازىر قەيەردىكى،قايسى بىر ئوروندا «كومپيۇتىردا بېسىپ چىقىرلغان ماتىرىيال ئىنۋەتسىز! قولدايېزىلىشى كىرەك» دەيغان تۈزۈم بار؟ جەمئىيەتتە قايسى بىر كىشى كومپيۇتېرنىڭ ياردىمىدىن مۇستەسنا؟ قايسى بىر ئورون «كومپيۇتېرنى ئىشلەتمەي قولدا ئىشلەش كىرەك»دەيغان تەتۈر تەرەققىياتقا يۈز تۇتۋاتىدۇ؟ ئۇ بولسىمۇ مەكتەپ. ئوقوتقوچىنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنىڭ ئىچىدە پەقەت ۋە پەقەت دەرىس تەييارلىقىلا قولدا يېزىلىشى شەرىت. لىكىن باشقا ماتىرىياللار كومپيۇتېردا تەييارلانسا بولىدۇ ياكى كومپيۇتېردا تەييارلىنىشى شەرىت. بىر قانچە قېتىم مائارىپ ئىدارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرگە ئىلتىماس قىلدىم. جاۋابى«بولمايدۇ. ھەممە ئادەم كومپيۇتېردىن كۆچۈرۈپلا ئىشلىتىدىغان بولۇپ كىتىدۇ. ھەتتا كومپيۇتېردىن ھېچنىمە بىلمەيدىغانلارمۇ شۇنداق قىلۋالدىكەن» دىگەن بولدى. ئۇنداق بولسا ئوقوتقوچىنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلالايدىغان بىر قاتاررەھبەرلەر نېمشىقا بۇنى ئېنىق ئايرىيالمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئايرىپ بىر تەرەپقىلالمايدۇ؟ مەن ئۆزەمنىڭ كومپيۇتېردا ئىشلەش ئىقتىدارىم بارلىقىنى، نەخ مەيدانداسىناپ كۆرسە بولىدىغانلقىنى ئېيىتسام ماڭا كومپيۇتېر ئىشلىتىش گۇۋاھنامەم بولسا بولىدىغانلىقنى ئېيىتتى. مەندە دەل شۇنداق كىنىشكە بار ئىدى، ئەكىلىپ كۆرسەتسەم «بۇكىنىشكىنى ئالى مەكتەپلەر ھازىر ئوقوش پۈتتۈرگەنلەرگە ئالمايمەن دىسىمۇ زورلاپ بىرىدۇ. بۇ كىنىشكە ئىناۋەتسىز. سىزدە كومپيۇتېر دەرىجە گۇۋاھنامىسى بارمۇ؟» دىدى. بۇ ئالى مەكتەپلەرگە قىلغان ھاقارەتمۇ؟ ياكى مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىغا ئىشەنمەسلىكمۇ؟ياكى ئۆزىنىڭ ساپاسىنى يۈشۈرغانلىقمۇ؟ ۋە ياكى مىنىڭ ھەر قانچە قىلساممۇ بۇ ئىشقاتەستىق ئالالمايدىغانلىقىممۇ؟ ئەمىسە مەن تەربىيلەشكە قاتنىشىپ، ئىمتىھانغا قاتنىشىپ بۇ كىنىشكىنى ساندۇق تولدۇرۇش ئۈچۈن ئالدىممۇ؟ ئىمتىھان ئورونلىرى شۇنچە قەدىرسىز كىنىشكىنى نېمە ئۈچۈن شۇنچە قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتكۈزۈپ ئاندىن بىرىدۇ؟ مەن«ئۇنداق بولسا سىزدە مۇشۇنداق كىنىشكە بارمۇ؟ مەن كۆرۈپ باقاي. ئوقوتقوچى كومپيۇتېردا تەييارلىق قىلسا بولمايدۇ دەيدىغانغا نېمە ئاساسىڭىز بار؟ شۇنچە كۆپ خىزمەتلەرنى كومپيۇتېردا قىلسا بولىدىكەنيۇ، نېمە ئۈچۈن دەرس تەييارلىقىنى قىلسابولمايدۇ؟ ...» دىگىم كەلدى. لىكىن چۈشەندۈرۈش كار قىلمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ،ئاچچىق يۈتۈپ قايتىپ چىقتىم. ئۆيگەكىلىپ يەنە شۇ ئىشلار خىيالىمدىن كەتمىدى. نېمە ئۈچۈن ئوقوتقوچىغا بۇ تەڭسىز تەلەپ قويولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئوقوتقوچى چوقوم جاپالىق ئىشقا مەجبۇرلىنىدۇ. توغرا،ئوقوتقوچى كومپيۇتېردا تەييارلىق قىلسا تەكرار ئۇچۇرلارنى كۆچۈرۈپ كىلەلەيدۇ.كىيىنكى يىللاردا يەنە تەكرار ئىشلىتەلەيدۇ. ھەتتا باشقا ئوقوتقوچىلارمۇ تەڭ پايدىلىنالايدۇ. خاتا دەپ قارىلۋاتقىنى دەل ئوقوتقوچىلارنىڭ باشقىلارنىڭ تەييارلىقىدىن پايدىلىنىۋېلىش. يەنى ئوخشاشتەييارلىقنى كۆپ ئادەم ئىشلىتىش. لىكىن بۇ مەسىلىنى ھەممە ئادەمنىڭ كومپيۇتېرداتەييارلىق قىلىشىغا بولمايدۇ دەپلا بىر تەرەپ قىلسا بولمايدۇ دە. مەكتەپنىڭ ئىلمىي مۇدىرى، مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئوقوتوش تەتقىقات ئىشخانىسىدىكى خادىملار نېمە ئىشقىلىدۇ؟ شۇلار تەكشۈرسە، تۈزەتسە بولىدىغۇ؟ ھېچ بولمىغاندا كومپيۇتېر ئىشلىتىش ئىقتىدارى بارلار بىلەن ئىقتىدارى يوقلارنى ئايرىشى كىرەكقۇ. يەنە كىلىپ بىرىنىڭ تەييارلىقنى يەنە بىر ئادەم پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ بىلىمى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، كەمچىللىكنى تۈزتىپ، ئارتوقچىلىقىنى قوشوپ ئىشلىتىشى ياخشى ئەمەسمۇ؟ چوقوم كىتاپتىن دەپتەرگە، كونا تەييارلىقتىن يېڭى تەييارلىققا قولدا كۆچۈرۈش كىرەكمۇ؟ مۇنداق قىلىۋىرىش ئاخىرى نېمە نەتىجە ئېلىپ كىلىدۇ؟ بىرتۈركۈم كۆچۈرگۈچىلەر يىتىشىپ چىقىدۇ. چۈنكى ئۆزى ئويىلىنىپ دەرس تەييارلاشنى كىممۇرىغبەتلەندۈرۈپ باقتى؟ كىممۇ شارائىت يارتىپ باقتى؟ ئەكىسىچە مەكتەپ ئىلمي مۇدىرلىرى قەغەزگە يېزىلغان خەتنىڭ ئاز كۆپلۈكىگە قاراپ باھا بىرىدۇ . ھازىر بىر قىسىم باشقۇرغۇچى ئورونلاردىكىلەرنىڭ كومپيۇتېر سەۋىيەسى تۆۋەن بولۇش سەۋەبىدىن ئوقوتقوچىلارنىمۇ تۆۋەن كۆرۋاتىدۇ ياكى ئىشەنمەيۋاتىدۇ. لىكىن مەكتەپلەردە بولسا كومپيۇتېر ئىشلىتەلەيدىغانلار ئىشنىڭ كۆپلىكىدىن ئارام تاپالمايۋاتىدۇ. كومپيۇتېر ئىشلىتەلەيدىغانلارغا مەكتەپنىڭ بارلىق ئىشلىرى يۈكلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئوقوتقوچىنى تەربىيلەشكە ئىبەرتسە بارمايدىغان، تەربىيلەشنىڭ ئۈنۈمى بولمايدىغان، ئۈگەنگەن تەقدىردىمۇ ئىش ئورنىدا ئىشلەتمەيدىغان ھالەت شەكىللەندى.چۈنكى ئىشلىتىشنى بىلمىسە ۋەزىپە ئازراق يۈكلىنىدۇئەمەسمۇ؟ ئەكىسىچە بىلىدىغانلار بولسا ھەم قولدا يازىدىغان تەييارلىقنى باشقىلار بىلەن ئوخشاش تەييارلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەكتەپنىڭ ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشى بۇنىڭغا قوشۇپ كومپيۇتېردىمۇ تەييارلاپ يۇقۇرى ئۈنۈملۈك دەرس ئۆتىشى كىرەك. لىكىن كىممۇ بۇ قوش تەييارلىقنى ئىشلەشنى خالىسۇن. كىمنىڭمۇ مۇنداق كۆپ ۋاقتى بار؟ بۇنىڭسىزمۇ ئوقوتقۇچىنىڭ يازىدىغان ماتىرىياللىرى ئازمۇ؟ شۇڭا ئەڭ ياخشى ئامال بىلمەسلىك. چۈنكى مائارىپ ئىدارىسى بىلمەسلەر بىلەن بىر تەرەپتە. ھەي رەھبەرلەر! ھەي مەكتەپ مۇدىرلىرى! ھەي ئىلمىي مۇدىرلار! سىلەرنىڭ بۇ قىلغىنىڭلار ئوقوتقوچىنى قەستەن قىينىغانلىق ئەمەسمۇ؟ ئوقوتقوچى ئازراق بولسىمۇ دەم ئالسا،ئازراق بولسىمۇ دەرىسنى ياخشى ئىگەللىتىش ئۈچۈن ئىزدەنسە، ئازراق بولسىمۇ ئۈنۈملۈك تاپشۇرۇق لاھيىلىسە، ئازراق بولسىمۇ ئوقوغوچىلار بىلەن بىللە بولسا، ئازراق بولسىمۇ ئۇخلىۋالسا، ئازراق بولسىمۇ ئائىلسى، باللىرى بىلەن جەم بولسا نېمەبولىدۇ؟ ئوقوتقوچىمۇ ئاتا- ئائىلىسىنىڭمۇ مەسئولى ئەمەسمۇ؟ ئۇمۇ ئانا- باللىرىنىڭ ھىماتچىسى ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭمۇ ئاتا- ئانىسى، ئائىلىسى بارغۇ؟ ئۇمۇ ئۆيىگە بارغاندا تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش، دەرىس تەييارلاش بىلەن ئەمەس ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن خۇشال خۇرام جەم بولسۇن. لىكىن مەن ئوقوتقوچى كومپيۇتېردىن كۆچۈرۈپلا ئارام ئېلىشى كىرەك دىمەكچى ئەمەس. ئوقوتقوچى مۇشۇ ئارقىلىق يىتەكلەنسە، ئوقوتقوچى ئوقوتوشقا كومپيۇتېر بىلىمىنى بىرلەشتۈرسە، كەلگۈسىدە ئوقوغوچىلىرى ھۆكۈمەت خىزمەتلىرىگە،كارخانا، سودا، يېزا ئېگىلىك ئىشلىرىغا كومپيۇتېرنى بىرلەشتۈرمەسمۇ؟ ئوقوتقوچى پەقەت دەرىس تەييارلاش، دەرىس ئۆتۈش، تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش، قوشومچە خىزمەتلەر بىلەنلا مەشغۇل بولسا، ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا نەدىمۇ ۋاقتى بولسۇن. بۇنداق بىلگۈچىلەرنى بىلمەسلەرنىڭ قامچىسىدا قامچىلايدىغان تۈزۈمدە كىممۇ ئالغا ئىلگىرلەشنى خالىسۇن؟ ئۈگىنىشنى خالىمايدىغان ئوقوتقوچىنىڭ تەربىيلىگەن ئوقوغوچىلىرى قانچىلىك بولۇپ چىقار؟نېمە ئۈچۈن مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ئوقوتقوچىنىڭ يۈكنى يەڭگىللىتىشنى ئويلاشمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئوقوتوش ئۇسۇلىنى، ئوقوتوش ئەندىسىزىنى ئىسلاھ قىلىشنى خالىمايدۇ؟ ئوقوتقوچىلىق جاپالىق كەسىپ بولغانلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ جاپالىق ئىشلىشى كىرەكمۇ؟ ياق، ئۇنداق قىلماڭلار! ئوقوتقوچىنىڭ قەلبى ئوقوغوچى ئۈچۈن يېنىپ ئۆچمەس شام، ئىچىپ قانماس بۇلاق. لىكىن جاپالىق خىزمەت ئۇنىڭ نۇرىنى خىرەلەشتۈرۈپ قويمىسۇن! بور توزانلىرى ئۇنى بۇلغاپ قويمىسۇن! ئوقوتقوچى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىمۇ بولسا ئۇنى ئاسراپ قويوڭلار،ئۇنىڭ تېخىمۇ نۇر چېچىشى ئۈچۈن قوللاپ قويوڭلار، تېخىمۇ شىرىن شەربەتلەر بىلەن ئەۋلاتلارنى سۇغۇرشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا مىھرىڭلار بىلەن كۆڭۈل بۆلۈپ قويوڭلار. چۈنكى مائارىپنىڭ سۈپىتى جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتغا زىچ مۇناسىۋەتلىك. كەلگۈسىدە سىزمۇ،مەنمۇ مائارىپنىڭ مىۋىسىدىن بەھىر ئالىمىز. بۇ يازمامنى مۇناسىۋەتلىك رھبەرلەرگە يوللىغان بولساممۇيىتىپ بارمىدىمۇ؟ كۆرمىدىمۇ؟ ياكى جاۋاب بىرەلمەمدۇ؟ بىلمىدىم جاۋاپسىز قالدى.مۇمكىن بولسا تورداشلارنىڭ چۈشەنچە بىرىشىنى، ئەگەر تەكلىۋىم مۇۋاپىق بولسا مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى خەۋەر تاپقۇدەك ئورونغا يوللاپ ھەل قىلىنىشغا ياردەم قىلىشنى ئۈمۈت قىلىمەن. |