يېڭى دەۋردە بىز نېمگە مۇھتاج بولىمىز؟
ئاپتورى: پەرھات ئەمەت كۈچلەن
مىكرو مۇلاھىزە
تەرەققىياتنىڭ ئالتۇن پۇرسەتلىرىدە تۇرۋاتىمىز. دۆلەتنىڭ ئىقتسادى كۈچى ئاشقانسىرى خەلقنىڭ ئەھۋالىمۇ ماس ھالدا ياخشلانماقتا. ئا ۋاممۇ كېيىم پۈتۈن قورساق توق بولغاچقا ھەممە ئىشقا كۈچەپ تىرشىماقتا. يېڭلىقلار،ئۆزگىرىشلەرنى جوڭگونىڭ ھاياتى كۈچكە تولغان مەنزىرسىنى نەگىلا بارسىڭىز كۆرەلەيسىز. ئالدىنقلارغا كېينكلەر ۋارسلىق قىلىدىغان مەنىۋى يېتەكچى ئىدىيە ۋە جۇڭگوچە ئۇيۇشۇش كۈچى بىلەن ئىلغار تېخنكا ۋە يېڭلىق يارىتىش ئاساسىدىكى زامانىۋلىششنىڭ ھۇلنى قۇرۇشقا ھازىرلىق كۆرۇلمەكتە. پۈتۈنلەي يىڭلانغان ئاكتىپ تەرەققىيات يولىغا ماڭغان بىر دۆلەتنىڭ نەتىجلىرنى ھازىر كۆرىۋاتىمىز. بەزىلىرنى كەلگۈسىدە كۆرۇشكە ئېنتىلىمىز.جوڭگو ئۈمىدى دەل جوڭگولۇقلارنىڭ كەلگۈسگە بولغان ئىشەنچىسنى ئاشۇرۇپ دۆلەتنىڭ ساغلام تەرەققىيات ئۈچۈن بىر ياخشى نىشاننى كۆرستىپ بەردى. ئۈمىد بىزنىڭ ئالدىمىزدا ئەلۋەتتە.
قاراپ باقساق يېقىنقى زاماندىن ھازىرغىچە ئاساسەن قىلغان ئىشمىز ئىقتسادى تەرەققىياتتىكى زور نەتىجىلەر بولۇپتۇ.باش چۆكۈرۇپ ئىشلگەندە ئاندىن بەختلىك تۇرمۇشنى ياراتقىلى بولىدۇ.ئىشلگەنلەر چىشلەيدۇ دېگەن جانلىق يادورۇلۇق قاراشلار ھەرىكەتلەندۇرگۈچ كۈچكە ئايلنىپ پۈتۈن جوڭگودا ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ھەقىقى كۆرسەتتى.بۇ دەل ئىدىيمىزنىڭ ئازاد بولۇپ تار بېكنمە قاراشلاردىن قۇتۇلۇپ ساغلام توغرا ئىدىگە ئىگە بولغاندىلا بىر دۆلەتنىڭ ھەقىقى تەرەققى قىلدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئىلگىرى ئىدىيە جەھەتتىكى خاتا قاراشلار تۈپەيلى بەزىدە سەكرەپ ئىلگىرلىسەكمۇ يەنىلا جايمىزغا چۇشۇپ نەزەر دائىرىمىزنى تار دائىرىدە بوغۇپ ئىدىيە جەھەتتە قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالغان ئىدۇق. شۇڭلاشقا بىراۋ سۆزلىسىمۇ ئۇنىڭدىكى سىياسى پۇراق بارمۇ يوق دەپ تەھىلىل قىلدىغان،گۆش سېتىۋالسىمۇ داھىلارنى شىپى كەلتۇمىسە جىڭغا تارتىپ بەرمەيدىغان كىشلىك قەدىر قىممەت ۋە ئەقل ئەقىدە ھۆرلۈكى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغاچقا ئادەملەر ماشنىلاشقان. تەرەققىيات شەكىل جەھەتتكى نەرسىگەئايلنىپ ئۆز ئۆزىنى ئالداشتىەك يامان ۋازىيەت چىرماپ كەتكەن ئىدى. كېينچە بۇخىل خاتا ئىدىيلەر سۈپۈرلۇپ تاشلانغاندا ئاندىن دەۋر خاراكىتىرلىك ئۆزگىرىشلەرنى مەيدانغا كەلتۇرگىلى بولدىغانلىقىنى كۆرۇپ يەتتۇق. مۇشۇنداق چاغلاردا كەينمىزگە قاراپ ئۆتۈپ كەتكەن ئۆمىرگە ئېچنغان كىشدەك: ناۋادا شۇ خاتا ئىدىيلەر ھۆكۈم سۈرگەن ئون يىلىمىز بولمىغان بولسا بۇ چاغقىچە نەگەر بارار ئىدۇق ھە دەپ ئارمان قىلىمىز. دۆلەتنىنڭ تەقدىرى ئاۋامنىڭ تەقدىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. بىر دۆلەتنىڭ ماكرو جەھەتتىن باشقۇرغىنى خەلقى بولسىمۇ ھەرقانداق دۆلەتتە مەيلى قايسىى خىل تۈزۈلمە بولسۇن خەلق يەنىلا دۆلەتنىڭ خوجاينلىرىغا ئايلىنالايدۇ. يەنى دۆلەتنىڭ توغرا سىياسەت فاڭجىن ھەمدە توغرا رەھبەرلىكىلا خەلقنىڭ ئارزۇسى بىلەن بىردەك بولىدۇ.شۇڭلاشقا بىز يېڭى دەۋردىكى جوڭگو ئارزۇسى ماھىيەتتە خەلقنىڭ ئارزۇسى دەيمىز.
ئىقتساد يۈكسەلگەندە مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتغىمۇ چوقۇم تەڭ ئېتىبار بېرش كېرەك.
خەلقنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى يۇقىىر كۆتۈرگەندە ، جەمئىيەتتە مەدەنىيەتكە يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرگەندە يېڭى زمانغا خاس تەرققىيات ئۇلىنى قۇرۇپ چىقالايمىز.
پۇلغا ،ماددىغا چوقۇنۇش، مۇشۇ دەۋرنىڭ ئېھتىياجىنلا كۆزلگەندە خەلقنىڭ مەنىۋى دۇنياسى خۇددى ئۆتكەنكى دەۋرلەرگە ئوخشاش ياكى ئۇنىڭدىنمۇ خەتەرلىك بىر ھالغا دۇچار بولىدۇ.
جوڭگولۇقلارنىڭ ئۆزلىرىگە خاس مەدەنىيەت بايلىقىغا ئەھمىيەت بەرمىگەندە ئاسانلا غەربلىشىشنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كىلىدۇ. بىزنى قوغداپ تۇرىدغان نەرسە توپ زەمبىرەكلەر گە قارىغاندا بەكرەك مەيلى ئەنئەنۋى بولسۇن يېڭى زاماندا شەكىللەنگەن بولسۇن يەنىلا مەدەنىيەتتۇر.بۇ خىل مەدەنىيلىك د ۆلتىمىزدە بىر خىل خاس ۋە كەڭرىلىككە ئىگە .
جوڭگو كۆپ مىللەتلىك قەدىمى دۆلەت ،مۇشۇنىڭ ئۆزىلا دۆلەتنىڭ مەنىۋى بايلىقى بۇ بايلىقنى دەل ئاشۇ ھەرمىللەت جۇڭگولۇقلار بارلىققا كەلتۇرگەن. بۇلارنىڭ قىممىتنى يىڭى زاماندا تەكىتلەش،ئۇنى كەڭرى قوساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش ۋە ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش كېرەك.
يېڭى دەۋردە ئىقتسادى جەھەتتە باشقىلارنى قوغلاشساقمۇ لىكىن بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا كېرىكى ئامىرىكا ۋە غەبىچە ئەركىنلىك ئەمەس ئەبجەش مەدەنىيەت ئەمەس جوڭگولۇقلار ئۆزلىرنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاق قاراشلىرى ۋە مەدەنىيەت چۈشەنچلىرىدۇر. بىز دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ خاسلىقىنى ساقلىغاندا ئا ندىن يېڭى زاماندا ئالدىنىلارغا ۋارسلىق قىلالايمىز. دەل قەدىمى تارىخقا ئىگە بولغانلىقىمىز ئۈچۈن جۇڭگودىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرۇپ ئادەتلىرى ،(دىنى ئېتىقادمۇ)كەڭرلىك ئىچىدە قانۇنى تەرىپدىن قوغدالغاندا ھەمدە بىر خىل زامانىۋى ئەخلاق مەدەنىيەت ئىڭى بويىچە ئۇنىڭغا ئىلىمى مۇئامىلە قىلغان چېغىمىزدا ئاندىن بۇ مەدەنىيەت بايلىقلىرنىڭ دۆلەت ۋە خەلق ئۈچۈن غايەت زور پايدسىنى كۆرەلەيمىز. ھەمدە سىرتقا قارىتا دۆلتىمىزنىڭ ھەقىقى يېڭى ۋە زمانىۋى ،ھەم بەخىتلىك،ئىناق بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىر ئۇلۇغۋار دەۋرىدە تۇرىۋاتقانلىمىزنى كۆرستىپ بېرەلەيمىز.
2014.3.13
|