يىغىن ئېچىش (فىليەتون) موپىجى مەن ئىدارىدا كىچىككىنە بىر ئىش بېشى،كۆپچىلىك مېنى باشلىق دىيىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە مېنىڭ ھېچقانداق ئەمىلىم يوق،پەقەت ئون نەچچە ئادەمنى باشقۇرىمەن شۇ.مەن ئىش بېشى بولغاندىن كېيىن نېمىشقىدۇر بارغانىسىرى يېغىن ئېچىشقا ئامراق بولۇپ قالدىم،ھەتتا ئەپيۇنغا خۇمار بولۇپ قالغان ئادەمدەك يىغىن ئېچىشقا مەپتۇن بولۇپ قالدىم دېسەممۇ بولىدۇ،بىر كۈن يىغىن ئاچمىسام،خۇددى بىر نېمەم كەمدەك تولىمۇ بىئارام بولىمەن،مەن يىغىندىن چەكسىز شادلىققا ئېرىشىمەن.مەن دائىم « بۇ دۇنيادا ئادەمنىڭ ئەس-ھوشىنى يۇقىتىدىغان مۇشۇنداق بىر ئىشنىڭ بولغىنى ھەقىقەتەنمۇ زور بەخىت »دەپ ئويلايمەن.بەزىلەر مېنى «يىغىن پارازىتى» دىيىشىپتۇ، مېنىڭچە بۇ قاراش دېگەندەك توغرا ئەمەس. راسىت ،مەن دائىم يىغىن ئاچىمەن،بۇ دېگەن خىزمەتنىڭ ئىھتىياجى. ئويلاپ باقمامسىز،قايسى ئىدارە يىغىن ئېچىش ئارقىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمايدۇ،ئەمەلى مەسىلىنى ھەل قىلمايدۇ؟ئەسلىدە مەن گەپ قىلسام كىكەچلەيتتىم،ئالدىنقى جۈملە بىلەن كېيىنكى جۈملىنى باغلىيالمايتتىم.ئانامنىڭ دېيىشىچە تىلىم توم ئىكەن،دادامنىڭ دېيىشىچە كاللام دېگەندەك ئىشلىمەيدىكەن،قىسقىسى ئۇلار مېنى تۇغما كەمتۈك، سۆز قابىلىيىتىڭ ناچار دەيتتى.مەن ئىدارىمىزدا ئىش بېشى بولغاندىن كېيىن كىكەچلىمەيدىغان بولدۇم، ئېغىزىمدىن گەپ بۇلاقتىن سۇ ئېتىلىپ چىققاندەك چىقىدىغان بولۇپ كەتتى.ئېغىزىم ئېچىلدىمۇ بولدى،تولا گەپ قىلىپ ئېغىزىمنىڭ بىر قات تىرىسى چۈشۈپ كەتمىگىچە توختىمايمەن، مەن شۇندىلا مەنسەپ تۇتقانلار چوقۇم نوتۇق قابىليىتىنى ئۆستۈرمىسە بولمايدىكەن دېگەن قاراشقا كەلدىم.نېمىشقىكىن گەپنى قىسقا قىلسام پۇخادىن چىقمايمەن،گەپ قىلىپ پۇخادىن چىقمىسام بۇ تولىمۇ ئېغىر ئازاپ،بۇ خۇددى سىيىپ يېرىملاشقاندا تۇيۇقسىز توختىتىۋالسىڭىز قاتتىق ئازاپلانغاندەكلا بىر ئىش.مەن گەپنى باشلىسام ئاز دېگەندە بىر سائەت ئەتراپىدا سۆزلەيمەن. ئارىدا ئازراق تىنىۋىلىپ يەنە ئىككى سائەت سۆزلەيمەن.يەنە بىردەم تۇرىۋالغاندىن كېيىن ئۈچ سائەت سۆزلەيمەن، شۇنداقتىمۇ گېپىم چالا قالغاندەك ھىس قىلىمەن،ئاخىرىدا يەنە« ۋاقىت ئىتىبارى بىلەن بۆگۈن مۇشۇنچىلىك سۆزلەي،قالغان ئىشلار ھۆججەتتە ئېنىق يېزىلدى»دەيمەن.گېپىم ھەرقاچان باشقىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ.بۇ مەن ئۈچۈن ئەڭ چوڭ مەدەت. مەن ئۆزۈمنىڭ بىر ناتىق بولۇپ قالىدىغانلىقىمنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.ھازىر «نوتۇق» دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئىلىم بار،مەندە نۇتۇققا ئاجايىپ چوڭقۇر تەسىرات بار،شۇنداقلا ئۇتۇق قازىنىش تۇيغۇسىمۇ بار،ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ،مەندە ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچ ھەسسىلەپ ئاشتى،مېنىڭچە مەن ئەسلىدىنلا بىر ناتىق، پەقەت ئۆزۈمنى نامايەند قىلىدىغانغا پۇرسەت بولمىغان،ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق بۇ نوقتىنى تولۇق ئىسپاتلاپ چىقتىم.بىر قېتىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار بىر ئانكىت جەدىۋىلى تارقىتىپ« ئۆزىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىڭىزنى يېزىڭ » دەپتۇ، مەن قىلچە ئويلانمايلا«گەپ قىلىش» دەپلا يازدىم.بىراق،جەدىۋەل توشقۇزۇشقا مەسئۇل كىشى «گەپ قىلىشنى ئارتۇقچىلىق دېگىلى بولمايدۇ، ئارتۇقچىلىق دېگەندە چەتئەل تىلى،يېزىقچىلىق،سەنئەت قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ» دېدى.مەن شۇندىلا ئۆزۈمنى گەپ قىلىشنىڭ ئازگىلىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىمنى بايقدىم. ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن يىغىن ئاچمىسام چىدىيالمايدىغان بولۇپ قالدىم، مەسىلەن:قوش ئارام ئېلىش كۈنلىرى ئىككى كۈن يىغىن ئاچمىسام ئىچىم تىتىلداپ تولىمۇ بىئارام بولىمەن،بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، قوش ئارام ئېلىش كۈنى كەلسە قىزىمغا يىغىن ئاچىدىغان بولدۇم،ئادەتتە قىزىمغا بىر سائەت چامىسىدا يىغىن ئاچىمەن،ناۋادا قىزىم سەۋىرچانلىق بىلەن ئاڭلىسا،ئىككى سائەت يىغىن ئاچىمەن.گەرچە يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ سانى ئاز بولسىمۇ خۇمارىم بېىسلىدۇ.مەن قىزىمغا ئادەم بولۇشنىڭ قائىدىلىرىدىن چۈشۈپ،ئىككى مەدەنىيىلىك قۇرۇلۇشى، دەرسلىك كىتاپتىكى بىلىملەرنى قانداق ئۆگىنىش،ئائىلىنى قانداق باشقۇرۇشتىن دۆلەتنى قانداق ئىدارە قىلىشقىچە ئېرىنمەي ئېزىپ ئىچۈرىمەن.ئايالىم:« سىز قىزىمىزغا بەكلا مەسئۇلىيەتچان ، جاھاندا سىزدەك ياخشى دادىدىن يەنە بىرنى تاپقىلى بولمايدۇ جۇمۇ » دەيدۇ. قانداقلىكى يىغىن ئېچىلىدىكەن،بېرىپلا قالسام ئىككى ئېغىز گەپ قىلمىسام كۆڭلۈم ئۇنىمايدۇ، مەن بۇنىڭغا كۆنۈپ قالدىم.ئىككى ئېغىز گەپ قىلمىسام ئىچىم سىقىلىدۇ،ئەگەر مەن ئاساسلىق سۆزلىگۈچى بولمىسام، گەپ قىستۇرغۇچى بولۇپ ئىككى ئېغىز قوشۇمچە قىلساممۇ بولىدۇ.مەن بەكلا جاھىل بولغانلىقىمدىن ئاممىۋى سورۇنلارغا بېرىپ قالسام،ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلغۇم كىلىدۇ.بىر قېتىم مەن بىر دوستۇمنىڭ تويىغا قاتنىشىپ قالدىم،توي رىياسەتچىسى يىگىت بىلەن قىزنى كۆڭۈل ئىزھار قىلىشقا تەكلىپ قىلغاندا،مەن تۇيۇقسىز ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ «مەن ئىككى ئېغىز گەپ قىستۇراي» دېدىم ۋە :«يۇقىرىدا رىياسەتچى تولىمۇ مۇپەسسەل ھەم چوڭقۇر مەنىلىك گەپ قىلدى،مەن تامامەن قوشۇلىمەن، بۇنىڭ بۇ بىر جۈپ ياشنىڭ مۇندىن كېيىنلىك تۇرمۇشىغا ۋە كەسپىگە يىتەكچىلىك قىلىشتا مۇھىم رولى بار، مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەن،بۇ بىر جۈپ ياش رىياسەتچىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن مۇندىن كېيىنلىك تۇرمۇش يولىدا ئەستايدىل ئۆگىنىپ،تېرىشىپ ئىشلەپ،شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىدۇ،بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينى تېخىمۇ ياخشى ئېچىش ئۈچۈن مەن ئۈچ نوقتىنى ئالاھىدە تەكىتلەيمەن،مۇۋاپىق بولمىغان تەرەپلىرى بولسا كۆپچىلىكنىڭ تەنقىد بېرىشىنى، تۈزىتىپ ئاڭلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن»دېدىم.مەن پۈتۈن ئىشتىياقىم بىلەن گىپىمنىڭ داۋامىنى قىلماقچى بولغان چېغىمدا كۆپچىلىكنىڭ ماڭا غەيرى نەزەردە قاراۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالدىم،شۇندىلا ئېسىمگە كىلىپ قارىسام مۇراسىم رىياسەتچىسىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالمايلا ئۆز بېشىمچىلا سۆزلەپ كېتىپتىمەن.مۇنداق قىلسام باشقىلارنىڭ چوڭ ئىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان بولمامدىمەن؟مەن مۈشكۈل ئەھۋالدا قالغان چاغدا تۇيۇقسىز رىياسەتچىنىڭ مۇنداق دېگىنىنى ئاڭلىدىم:« بۇ ئەزىز مېھماننى داۋاملىق سۆزلەشكە تەكلىپ قىلايلى، بىز بۇنى كۆپچىلىك ئۈچۈن ئالاھىيىتەن ئورۇنلاشتۇرغان».ئىچىمدە «تەڭرىمگە رەھمەت،ھېلىمۇ ياخشى بۇ رىياسەتچى ئەھۋالغا قاراپ ئىش قىلىشنى بىلىدىغان ئەقىللىق ئادەمكەن، بولمىسا قانداق ئاقىۋەتكە قالار بولغىيتتىم» دەپ ئويلىدىم.مەن ئارقىدىن يەنە سىپايىلىك بىلەن بىر نەچچە ئېغىز تەكەللۇپ سۆزلىرىنى قىلىپ مۈشكۈل ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇم، ئۆيگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن قارسام يۈرۈكۈم يەنىلا «دۈك،دۈك» سوقىۋىتىپتۇ. بىر رەسمىي يىغىن سورۇنلىرىدا مەن يەنىلا ئىختىيارسىز يىغىندا گەپ قىلغان تەلەپپۇزدا گەپ قىلىمەن.مېنىڭ بۇ قىلىقىم ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ،بىرەر ئىش بولسا مېنى ئىزدىمەيدىغان بولۇشتى. ئۇلار مەندىن بىزار بولغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.بىراق،بەزى پائالىيەتلەرگە مېنى چاقىرماي ئۇلارنىڭمۇ ئامالى يوق،مەسىلەن:يېقىندا قېيىنئاتامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغاندا ئۇلار مېنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە تەكلىپ قىلىشتى،ئاقساقال تۇغۇلغان كۈنىدە بارىلىق كۈيئوغۇللارنى چاقىراتتى، مەن ئۇنىڭ كۈيئوغلى بولغاندىكىن باشقىلار بىزار بولسىمۇ ئامال يوقتە؟بۇ قېتىمقى تۇغۇلغان كۈن زىياپىتىدە باشتا ئەمەلدارلىق تەلەپپۇزىدا گەپ قىلىپ كۆپچىلىكىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ گەپ قىلماي ئۆزۈمنى بېسىپ ئولتۇردۇم ،بىراق، ھېلىقى ھاراق دېگەن نەرسىگە ئېغىزىم تىگىىشى بىلەنلا ھەممىنى ئۇنۇتتۇم، مەن قەدەھنى ئېگىز كۆتىرىپ : «يولداشلار،دوستلار،مېھمانلار، بۆگۈن جانابىي قېيىنئاتامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى،بۇ تۇغۇلغان كۈن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ،بۇ يىلقى تۇنجى شۇنداقلا ئاخىرقى تۇغۇلغان كۈن.بۇنىڭ ئەھمىيىتى زور،تەسىرى چوڭقۇر، بىز چوقۇم بۇ قېتىمقى تۇغۇلغان كۈننىڭ زور ئەھمىيتىنى تونۇپ يىتىشىمىز،ئۇنى ئىستىراتىگىيەلىك يۈكسەكلىككە كۆتىرىپ تونۇشىمىز لازىم.مەن بۇ قېتىمقى تۇغۇلغان كۈن زىياپىتىنى ئىسلاھات ئېچىۋىتىش زىياپىتى، يول ئېچىپ ئالغا بېسىش زىياپىتى،غەلبىسىرى ئالغا ئىلگىرلەش زىياپىتى قىلىپ ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدىم،مەن داۋاملىق سۆزلىمەكچى بولىۋاتقىنىمدا تۇيۇقسىز كاسامنى بىرسىنىڭ قاتتىق چىمدىغانلىقىنى سەزدىم،شۇندىلا ئايالىمنىڭ خاپا بولغانلىقىنى بىلدىم - دە دەرھال ئاغزىمنى يۇمدۇم. مەنبە:خەنزۇچە«ئوقۇرمەنلەر»ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىلى 18-سانىدىن ،مامۇتجان نۇرمۇھەممەد(ئاققاش)تەرجىمىسى ئادرىس:قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسى 地址:喀什疏附县旅游局 马木提.努尔麦麦提 653121197606073814
|