قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 720|ئىنكاس: 3

تەرجىمە ھىكايە:ئېيىق بىلەن ئېلىشىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

0

دوست

475

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   87.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26988
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 132
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-15 12:03:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TOKKUZSAK تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-15 19:15  

ئىت ئېيىقى بىلەن ئېلىشىش
(ھىكايە)
شىنچى خوشى  [ياپونىيە]
مامۇتجان نۇرمۇھەممەد (ئاققاش)تەرجىمىسى                                                                  
  تاغ قاپتىلىدا بىر بار راۋاق بولۇپ،ئۇنىڭ ئەتراپىدا كىچىككىنە بىر مېھمانخانا بار ئىدى.بىر كۈنى مېھمانخانىنىڭ خۇجايىنى پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي ساياھەتچىلەرگە يەرلىك مەھسۇلاتلارنى ساتماقچى بولدى.
ــ ئەپەندى، بۇلارنى كۆرۈپ بېقىڭ، ماۋۇسى مۇشۇ يەردە ئىشلەنگەن ئاتكىرتكا،مونۇسى ياغاچ ھەيكەل ،بۇلاردىن سېتىۋىلىپ ساقلاپ قويمامسىز؟
ــ ھە،رەھمەت،لازىمى يوق،مېنىڭ يەرلىك مەھسۇلات،خاتىرە بويۇمى دېگەندەك نەرسىلەربىلەن خوشۇم يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر بازاردا مۇنداق نەرسىلەر بەكلا جىق بوپ كەتتى، پۇللا بولسا ھەرقانچە داڭلىق مەھسۇلات بولسىمۇ ھەرۋاقىت ئالغىلى بولىدۇ.
ــ شۇنداقمۇ؟سىز راستىنلا بىرەر نەرسە ئالمامسىز؟
ــ ياق،ياق،مەن پەقەت ئادەمگە گۈزەللىكنىڭ ھوزۇرىنى ئاتا قىلىدىغان بۇ مەنزىرىنى قانغىچە تاماشا قىلساملار بولدى،ــ دېدى ساياھەتچى جاھىللىق بىلەن.
ــشۇنداق،شۇنداق،دېگىنىڭىز توغرا،ئۇنداقتا سىز ئورمانلىققا بېرىپ ئايلىنىپ كەلمەمسىز!؟بۇنىڭدەك بۆك-باراقسان ئورماننى تاپماقمۇ ئاسان ئەمەس.
ــ شۇنداقمۇ؟كۆرسەتمە بەرگىنىڭىزگە رەھمەت!
ساياھەتچى راستىنلا ھېلىقى ئورمانلىققا باردى، ئورمانلىق دېگەندەك بەكلا جىمجىت،مەنزىرىسى ئاجايىپ چىرايلىق ئىدى.بىراق،ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇنىڭ بايىقى قىزغىن كەيپىياتىدىن ئەسەرمۇ قالمىدى، چۈنكى ئورمانلىقنىڭ ئىچىىدىن بىر ۋەھشى ئىت ئېيىق تۇيۇقسىز ئېتىلىپ چىقتى.
ساياھەتچى دەرھال قاچماقچى بولدى،بىراق، بەكلا ھودۇققان ھەم قورقۇپ كەتكەن بولغاچقا،يېرىم قەدەممۇ چامدىيالمىدى.ئىت ئېيىق ئەلپازىنى بۇزۇپ ئۇنىڭغا  ئېتىلىپ كەلگەندىلا ئاندىن ئۈ ھېچنىمىگە قارىماي جېنىنى تىكىپ ئىت ئېيىق بىلەن ئېلىشتى.ئاخىرىدا ئۇ ئىت ئېيىقنى يېڭىپ ئۇنىڭغا يەم بولۇشتىن ئامان قالدى.
ساياھەتچى سالپايغان ھالدا مېھمانخانىغا قايتىپ كىلىپ ھاسىرىغىنىچە:
ــ بايا بىر ئىت ئېيىققا ئۇچراپ قېلىپ جېنىمدىن ئايرىلغىلى تاسلا قالدىم،ــ دېدى.
بىراق،مېھمانخانا خۇجايىنىنىڭ گېپى ئويلىمىغان يەردىن چىقتى:
ــ ھە،بۇ قانچىلىك ئىش ئىدى؟مەن بايا سىزنىڭ ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان ئاشۇ قان كىچىپ جەڭ قىلغان كۆرۈنۈشىڭىزنى كىنو لىنتىسىغا ئېلىۋالدىم،ئۇنى سېتىۋالغۇڭىز بارمۇ؟قانچىلىك پۇل چىقىرالايسز؟
ــ نېمە؟بۇ ئەسلى بىر توزاق ئىكەندە؟ھېلىقى ئېيىق ئەسلى ئادەم ئىكەندە؟
ساياھەتچىنىڭ ئەرۋاھى قىرىق گەز ئۆرلىدى،بىراق شۇھامان ئۇنىڭغا كاللىسىدا باشقىچە بىر ئوي پەيدا بولدى:«بۇ كىنو لىنىتىسىنى قوشنىلارنىڭ بالىلىرىغا ۋە تونۇش قىزلارغا قويۇپ بەرسەم،بەكلا قىزىقارلىق بولمامدۇ؟بايىقى كۆرىنىش راستىنلا شۇنداق چىن تۇرسا كىممۇ ئۇنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ؟».
شۇنىڭ بىلەن ئۇ قايتىدىن قارار چىقاردى:ــ بولىدۇ،قىممەت بولسىمۇ ئۇنى سېتىۋالاي،سىز ھەقىقەتەنمۇ سودا قىلىشقا ئىپىڭىز بار  ئادەم ئىكەنسىز.
«ئالاھىدە كۈزىتىش»(特别关注)ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 2-سانىدىن:ئادرىس:قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسى
تېلېفون: 13899146980
喀什疏附县旅游局:马木提.努尔麦麦提        

0

تېما

0

دوست

1577

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   57.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26873
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 472
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-15 22:07:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقىقەتەن تولىمۇ ئۇستۇلۇق بىلەن پىلانلانغان سودا ئىكەن
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

382

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   41%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27195
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 98
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 14:16:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمىكەن.

0

تېما

0

دوست

962

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   92.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10336
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 54
تۆھپە : 267
توردىكى ۋاقتى: 103
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 16:43:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )