- تىزىملاتقان
- 2014-1-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5840
- نادىر
- 0
- يازما
- 427
ئۆسۈش
16.8%
|
شىڭ شىسەي ئەسلى شىنجاڭنى ئۆزى بەگ-ئۆزى خان بولۇپ دۆلەتتىن ئايرىپ چىقماقچى بولغان بۆلگۈنچى ئۇنسۇر ئىدى،2-دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلاپ گىتلىر سوۋىت ئىتپاقىغا ھۇجۇم قىلىپ،موسكىۋا بوسۇغۇسىغا بۆسۈپ كىرگىننى كۆرگەندىن كىيىن سىتالىن ئاكىسىدىن يۈز ئۆرۈپ جىياڭ جىيشىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان،سوۋىت ئىتپاقى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ گىتلىرنى چىكىندۈرگەندىن كىيىن شىڭ شسەي جىياڭ جىيشىدىن يۈز ئۆرۈپ سىتالىنغا تۆۋىنامە يىزىپ ئۆزىگە ئاتىدارچىلىق قىلىشنى تىلىگەن لىكىن سىتالىن شىڭ شىسەينىڭ ‹‹خامىليون ››چە تەبئىتىنى كۆرۈپ يىتىپ شىڭ شىسەينىڭ تۆۋىنامىسىنى جىياڭ جىيشىغا ئەۋەتىپ بەرگەن،بۇ ۋاقىتتاجىياڭ جىيشىنىڭ زور بىر قىسىم قوشۇنلىرى شىنجاڭغا كىرىپ بولغان ۋاقتى ئىدى جىياجىيشى شىڭ شىسەينى تىزگىنلىيەلەيتى شۇڭا شىڭ شىسەينى دۆلەتلىك دىھقانچىلىق مىنىستىرى قىلىپ تەيىنلىگەن ئەمليەتتە ئۇنى تەختتىن چۈشۈرۈپ،شىنجاڭدىن ئايرىپ قۇرۇق جازا قىلىپ قويغان ھەمدە ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان بولسىمۇ،شىڭ شىسەي شىنجاڭدىن ئىلىپ چىققان40 ماشىنا ئالتۇندىن جىياڭ جىيشىغا سۈڭگۈتۈپ يۈرۈپ ۋە جىياڭ جىيشىنىڭ ئايالى يەنى شىڭ شىسەينىڭ ئاشنىسى ئارىغا كىرىپ يۈرۈپ شىڭ شىسەينى قۇتقۇزۋالغان،شىڭ شىسەيمۇ ‹‹ئالاھىدە كىشلەر››قاتارىدا جىياڭ جىيشى بىلەن تەيۋەنگە قاچقان ۋەئۆز ئەجىلى بىلەن79 يىشدا تەيۋەندە ئۆلگەن،ئۇنى ھىچكىم سوتلىمىغان ۋە جازالىمىغان،ئەركىن يايراپ يۈرىۋەرگەن،ئۇنىڭ كۆرسەتكەن خىزمىتى نەچچە يۈزمىڭلاپ ئۇيغۇر پەرزەنىتلىرىن ئەڭ ئاقىل،باشلامچى،مەرىپەتۋەر مىللەت سۆيەرلىرىمىزنى ۋە پۇلى باربايلىرىمىزنى(ھازىرقىبايلىرىمىزمۇ كىم بىلىدۇ بايلىقىىنى كىملەر ئۈچۈن يىغىپ كىم ئۈچۈن ئۆلىدۇ بىر ئاللا ئۆزى بىلىدۇ)مەن ئۈچۈن پۇل يىغىپ قويۇپسەن دەپ ئۆلۈم مۇكاپاتىنى بىرىپ نەچچە يۈزمىڭ(700-800) ئەتراپىدا ئۇيغۇرلارنى ۋە ھەرمىللەت زىيالىلرىنى ئۆلتۈرگەن،شۇ ئارقىلىق شىنجاڭنى ماجۇڭيىڭغاۋە خوجىنىياز ھاجىمغا،ياكى سوۋىت ئىتپاقىغىغا تارتقۇزۇپ قويماي جىياڭ جىيشىغاۋەشۇ ئارقىلىق رەئس ماۋزىدۇڭغا ‹‹سوۋغات›› قىلغان،ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر مىللىتىمىز شىڭ شىسەيدىن ئۆچىنى ئالالمغان بولسىمۇ شىڭ شىسەينىڭ ئائىلسى يەنى شۇ ۋاقىتتىكى شىنجاڭ ‹‹خان جەمەتى››ئىچكىرى ئۆلكىگە چىكىنىش جەريانىداگەنسۇدانامالەم قىساسچىلار تەرىپىدىن قىرىلىپ شىڭ شىسەي ۋە قەيىن ئاتىسى چىيۇ زۇڭجۈن ئۇرۇقىدىن بىرسىلا ساق قالغان،باشقىلىرى قىرىۋىتىلگەن لىكىن شىڭ شىسەي ئۆز ئەجىلدە ئۆلگەن. |
|