پۇتىن نىمىشقا قېرىمنى ئېلىشقا بەل باغلايدۇ ؟
ئوغلانى ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلدى
قېرىمنىڭ تەجىربىسى ۋە ساۋاقلىرى
ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغاندەك قېرىمنىڭ روسىيەگە نىسبەتەن تارىخى ۋەجۇغراپىيەلىك ئەھمىيتى بار . بۇ يېرىم ئارال قارا دېڭزغا يۈزلىنىپ تۇرىدۇ ، سېۋاستوپول پورتى بولسا روسىيەنىڭ قارا دېڭىزدىكى كىمە ئەتىرتىنىڭ ئاساسلىق بازىسى ، روسىينىڭ قولدىن بېرىشكە بولمايدىغان موھىم يېرى . بەلكىم تېخىمۇ موھىم بولغىنى تارىخى ئەھمىيتى بولسا كىرەك . 1856-يىلى ، ناپالىئوننى مەغلۇپ قىلىپ ياۋرۇپاسەھنىسىدە باش كۆتۈرگەن روسىيە قېرىم جېڭىدە ئەنگىلىيە –فىرنسىيە قولىدا مەغلۇپ بولغان بولۇپ ، مۇشۇنىڭدىن باشلاپ ئاجىزلاشقا باشلىغان ئىدى .پۇتىن قېرىمنى ئېلىشنى باشلاشنى قارار قىلغاندا ، ئۇ بۇ تارىخنى بىلمەسلىكى مومكىن ئەمەس ، شۇنداقلا ئۇ يەنە مەغلۇبىيەتچى بولۇشنى قەتئىي خالىمايدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگەقېرىم تارىختا روسىيەنىڭ بىر قىسمى ئىدى . سوۋىت ئىتتىپاقى ۋاقتىدا قېرىم سوۋىت ئىتتىپاقىغا تەۋە ئىدى . 1954-يىلى ، ئوكرائىنا ۋە روسىيەنىڭ ئىتتىپاقداش بولغانلىقىنىڭ 300يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن ، ئەينى چاغدىكى سوۋىت ئىتتىپاقى رەھبىرى خىروشوف قېرىم يېرىم ئارىلىنى «مەڭگۈلۈك دوستلۇق» سۈپىتىدە ئوكرائىناغا سوۋغا قىلغان ئىدى . سوۋىت پارچىلانغاندىن كىيىن ، قېرىملىقلار كۆپ قېتىم ئاممىۋى نارازىلىق ئۆتكۈزۈپ ،كۆپ قىسىم كىشىلەر مۇستەقىل بولۇشنى قوللىغان ئىدى . لىكىن ئوكرائىنانىڭ بېسىشىغائۇچىرىغان ، لىكىن ئەينى ۋاقىتتا روسىيە ئوكرائىنا بىلەن روسىيە مۇناسىۋىتىنى ئويلاپ ،بۇنى ئۇلارنىڭ ئىچكى سىياسىتى دىگەن ئىدى . ھازىر روسىيە بىلەن ئوكرائىنانىڭ مۇناسىۋىتى مۇشۇنداق ناچار ، بۇ ئىشلارنى ھازىر قېرىمدىكى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدىكىنى قىلىپ بەردى دىسىمۇ بولدۇ . ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن تېلفۇندا سۆزلەشكەندە ، بىر تەرەپتىن قېرىمنىڭ ئاممىۋى نارازىلىقىنى قانۇنسىز دىسە ، يەنە بىر تەرەپتىن روسىيەنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ دىپلۇماتىيە كىرزىسى يولىنىڭ يەنىلا مەۋجۇتلۇقىنى دەپ ئۆتكەن . يەنى ، قېرىم ئاممىۋىي نارازىلىقنى ئۆتكۈزۈپ نەتىجىسى جاكارلانغان ئەھۋالدا ، ئاستىرىتتىن پۇتىننىڭ بۇئىشىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە چىمپۈتكەن ، بۇنىڭدىن سىرت ، روسىيە ئوكرائىنانىڭ ئىقتىسادىي تەقدىرىنى كونترول قىلىۋاتىدۇ ، بۇ ئىنىرگىيە يەتكۈزۈش سوۋىت ئىتتىپاقىدىن قېلىپ قالغان بولۇپ ، يەنە ئىككى دۆلەتنىڭ ئۈزۈلۈشكە بولمايدىغان ئىقتىسادىي سودا مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . مەيلى تەبئىي گاز يەتكۈزۈشنى توختىتىش بولسۇن ، ياكى سودىنى چەكلەش بولسۇن ، ھەممىسى روسىيە تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ ، ئوكرائىنا قارشى تەدبىر قوللىنىشتىن بەكمۇ ئەنسىرەيدۇ . ئاخىرىدا ۋەزىيەت ئوكرائىنانىڭ قېيىن تەقدىرىنى بەلگىلىدى. قېرىم ۋەزىيتىگە نىسبەتەن ،غەرىپتە قارشى تۇرۇش چوڭ شۇئارىنى توۋلىغان بىلەن بىرۋاقىتتا ، ئوكرائىنا قارشى تەدبىر قوللىنىشتا چوقۇم تېخىمۇ ئىھتىيات قىلىشى كىرەك . ئەمەليەتتە ، ئوكرائىنانىڭ يەنە قېرىمدىن باشقا شەھەرلىرىدىمۇ(خاركوۋ قاتارلىق) روسپەرەسلەر ئوكرائىناغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن ، مۇشۇنىڭدىن بىلىشكەبولىدۇكى ، ئوكرائىنا ئەگەر روسلار بىلەن راستىنلا ئاخىرىغىچە جەڭ قىلىپ قالسا ، ئۇنىڭ قولدىن بېرىۋېتىدىغىنى پەقەتلا قېرىملا بولماي قالىدۇ . ئۇنداقتا ئوكرائىنا قانداق قىلىدۇ ؟ غەرىبكە تېخىمۇتايىنامدۇ ؟ ياكى غەرىپكە تايانغانلىقىنىڭ ئېغىر ئاقىۋىتىدىن ساقلىنامدۇ ؟ بۇلار ئوكرائىناسوغۇققانلىق بىلەن ئويلاشمىسا بولمايدىغان مەسىلىدۇر .
|