قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: be42late

ئىسلام بانكىسى ھەققىدە قىسقىچە بايان

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

21

تېما

0

دوست

7805

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   56.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 1737
تۆھپە : 1229
توردىكى ۋاقتى: 1373
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 20:39:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋاملىق يوللىنىدۇ.. بۈگۈن ئازراق تەتقىقات بىلەن بوپ كېلىپ، ۋاقىت چىقىراماي قالدىم. توغرا چۈشىنىشىڭلارنى سورايمەن.

0

تېما

36

دوست

2910

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24884
يازما سانى: 328
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -5
تۆھپە : 844
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 21:43:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
be42late يوللىغان ۋاقتى  2014-3-24 20:39
داۋاملىق يوللىنىدۇ.. بۈگۈن ئازراق تەتقىقات بىلەن بوپ ك ...

ھازىر دىيارىمىزدىكى ئالتۇن -كومۇش ، پىرۋۇت سودىسى توغۇرلۇق قانداق پىكىرىڭىز بار ، بۇ توردىكى مەۋھۇم تىجارەت ئىسلام دىنىدا توغرىمۇ - خاتامۇ چۇشەنچە بەرسىڭىز .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

36

دوست

2910

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24884
يازما سانى: 328
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -5
تۆھپە : 844
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-26 19:39:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
surxon يوللىغان ۋاقتى  2014-3-24 23:31
قولىغا تەگمىگەن نەرسىنى ئېلىپ سېتىشمۇ توغرا بولمايدى ...

دىگىنىڭىز توغرا تىما ئىگىسى قىرىندىشىمىز بۇ ھەقتىمۇ بىزگە قايىل قىلارلىق جاۋاب بىرەلەيدۇ دەپ قارايمەن  .

0

تېما

0

دوست

1018

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   1.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25378
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 330
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-27 11:39:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bahitlik88 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-27 11:41  

دىيارىمىزدىمۇ ئىسلام بانكىسى قۇرۇلسا نىمىدىگەن ياخشى بولاتتى ھە !   رەھمەت سىزگە تىمىللىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن ...

2

تېما

0

دوست

5335

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   6.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22933
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 1720
توردىكى ۋاقتى: 71
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-27 12:43:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھابىيىزم ۋە ئۇيغۇرلاردىكى ئازغۇنلۇق

uyghurbiz

ھازىر ۋەتەندىكى بىر قىسىم كىشىلەر كۆز ئالدىدىكى ماددىي مەنپەئەت ۋە شۆھرەت ئۈچۈن مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتى دېگەن بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈۋېلىپ، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كۆرسىتىپ بەرگەن ھەقىقىي ئىسلام يولىغا ئاسىيلىق قىلىپ، ئوتتۇا شەرق ئىسلام دۇنياسىغا سېسىق نامى پۇر كەتكەن «ۋاھابىي ئېقىمى» ۋە كېيىن ئۆزىنى «ۋاھابىي» دىيىشتىن نۇمۇس قىلىپ «سەلەفىي ياكى تەۋھىتچى ياكى سۈننەتچى ئېقىمى» دەۋالغان ۋاھابىيلار ۋە ئۇنىڭ بىلەن مەلۇم دەرىجىدە مەسلەكداش بولغان «مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى»، «تەكفىر(باشقىلارنى كافىرغا چىقىرۋېتىش) ئېقىمى»، «ھېزبوت تەشكىلاتى»... قاتارلىقلارنىڭ تار دائىرىدىكى ئەرەب مىللەتچىلىكى ۋە مىللىي كېڭەيمىچىلىك ئىدىيىسى ئاساسىدا، ئۆز دۆلەت ئەھۋالى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىگە خاس ھالدا ئىزاھلاپ چۈشەندۈرگەن «قۇرئان كەرىم» تەپسىرلىرىنى ۋە ئۆز مەنپەئىتىگە ماسلاشتۇرۇپ بۇرمىلاپ چۈشەندۈرگەن «ھەدىس»لەردىكى مەزمونلارنى ھاياجان بىلەن كۈچەپ سۆزلەپ، ئەسلى نورمال كېتىۋاتقان ئىدىيىۋى قاراشلارنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى ئازغۇنلۇق ۋە كۇفۇرلۇق يولىغا باشلاۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن مىللىي مەدەنىيىتىنى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى بىدئەتكە چىقىرىپ ئىنكار قىلىۋاتىدۇ ۋە يۇقۇتىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ. بۇ خائىنلارنىڭ ئاسىي ئىدىيىسى كىشىلەرنىڭ قىممەت قارىشى، تۇرمۇش ئۇسلۇبى، ئىقتىسادىي تۇرمۇشى، نىكاھ-ئائىلە تۇرمۇشى، يىمەك-ئىچمەك، كېيىم-كېچەك، توي-تۈكۈن، نەزىر-چىراق...قاتارلىق ئادەت-قاراشلىرىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈپ، مىڭ يىللار بېرىسىغا ئىسلام دىنى بىلەن يۇغۇرۇلغان ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتىنى ئىنكار قىلىشقا يىتەكلىمەكتە.[1] بۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە پىكرىي ئىناقسىزلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مىللەتكە بۆلگۈنچىلىك ئۇرۇقىنى چېچىۋاتىدۇ ھەم كەلگۈسىدىكى مىسىر ۋە سۈرىيگە ئوخشاش مىللىي كىرزىس ۋە مىللەت ئىچىدىكى قىرغىنچىلىققا ئوت پىلتىسى ھازىرلاۋاتىدۇ.
«ۋاھابىي ئېقىمى» مۇھەممەد ئىبن ئابدۇۋاھابنىڭ خىرىستىيانلارنىڭ «دىنى ئەسلىيەتچىلىك» ئىدىيىسىنى قۇبۇل قىلىش ئاساسىدا بارلىققا كەلتۈرگەن ساختا «دىنى ئەسلىيەتچىلىك»نى تەشەببۇس قىلىدىغان ۋە  ئىسلامنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولغان مەدەنىيەت ئامىللىرىنى ئىنكار قىلىدىغان ۋە رەت قىلىدىغان، قەدىمكى مەدەنىيەتسىزلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ھەددىدىن زىيادە تەشەببۇس قىلىدىغان، ئۆزىدىن باشقا ئىسلام دىنىدىكى بارلىق سۈننىي مەزھەبلەرنى كۇفرىلىققا چىقىرىپ چەتكە قاقىدىغان ئىدىيىۋىي ئېقىمدۇر.[2]
مۇھەممەد ئىبن ئابدۇۋاھاب بۇ ئىدىيىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشتا، ئەرەپ-پارس تىللىرىغا پىشىق، قۇرئان ۋە ئىسلام ئەھكام-قائىدىلىرىنى تۇلۇق ئۆگەنگەن ئەنگىلىيە جاسوسى ھەم خىرىستىيان مۇرتى خەمفىر دىگەن كىشىنىڭ زور قوللىشىغا ئېرىشىدۇ. ئەنگىلىيە جاسوسى خەمفىرنىڭ تەۋسىيىسى ھەم «قۇرئان كەرىم»نى ۋە «ھەدىس»لەرنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىشى بىلەن بىر ناسارا قىزغا يۇشۇرۇن نىكاھلىنىدۇ(ئۇنىڭ ناسارا قىز بىلەن غەرق مەس بولغۇچە ھاراق ئىچكەنلىكى توغرىسىدىمۇ ئېنىق مەلۇمات بار).[3] چۈنكى، بۇ چاغدا ئەرەب دۇنياسى ئوسمان تۈرك ئىمپىرىسىنىڭ كونتىروللىقىدا بولۇپ ئۇزۇن يىللار ياشىغانلىقى ئۈچۈن، ئەرەبلەر تۈركلەرگە چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچ بولۇپ كەتكەنىدى. ئۇ چاغدىكى ئەرەبلەرنىڭ ئىدىيىسى «ئىسلام دىنى بىزنىڭ دىنىمىز تۇرسا، پەيغەمبەر بىزدىن چىققان تۇرسا، خەلىپىلىكنى بىز قۇرغان تۇرساق، تاغدا قوي بېقىپ يۈرگەن تۈركلەر كېلىپ، بىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلسا قانداق بولىدۇ؟ بىز چوقۇم ھاكىميەتنى تارتىۋېلىشىمىز ۋە ئەرەب خەلىپىلىكىنى قايتا قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك» دىگەندىن ئىبارەت ئىدى. ئەنگىلىيە جاسوسى خەمفىر ئەرەبلەرنىڭ مۇشۇ خىل ئىدىيىسى ۋە پىسخىكىسىدىن پايدىلنىپ، ئەنگىلىيە ۋە رىم ناسارالىرىدىن تەركىپ تاپقان ئەھلى سەلىپ ئارمىيىسى 700 يىلدىن ئارتۇق جەڭ قىلىپ يېڭەلمىگەن مەدەنىيەتلىك ۋە قۇدرەتلىك ئىسلام خەلىپىلىكى ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسىنى پاچاقلاش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، مۇھەممەد ئىبن ئابدۇۋاھابقا خىرستىيان دىنىنىڭ «دىننىي ئەسلىيەتچىلىك» ئىدىيىسىنى سىڭدۈرىدۇ ۋە ئىسلام دىنى بىلەن ماسلاشتۇرىدۇ. ئەنگىلىيە جاسوسى خەمفىر يەنە مۇھەممەد ئىبن ئابدۇۋاھابقا بۇ ئىدىيىنى قانداق تارقىتىش ۋە كېڭەيتىش توغرىسىدا بىر يۈرۈش سىتىراتىگىيىلىك پىلان تۈزۈپ بېرىدۇ. بۇ پىلان ئەرەب خان-جەمەتىدىن بولغان مۇھەممەد ئىبىن سەئۇدنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، پۈتكۈل ئەرەب يېرىم ئارىلىدا كېڭىيىشكە باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئەرەبلەرنىڭ پىكرى بىرلىككە كېلىپ، ئىسلام خەلىپىلىكىنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئوسمان تۈرك خەلىپىلىكىنى يىتىم قالدۇرۇپ، ئۇلارغا قارشى غازات تۇغىنى ئېگىز كۆتىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئوسمانىيە ئىسلام خەلىپىلىكى سىرتتىن ئەنگىلىيە قاتارلىق ياۋرۇپا خىرستىيانلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىسا، ئىچكى جەھەتتىن ئۆزى ئەڭ ئىشەنگەن ۋە ھۆرمەت قىلىدىغان ئەرەبلەرنىڭ خىرستىيانلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ئاسىيلىق قىلىشى بىلەن 1922-يىلى ۋەيران بولىدۇ.[4] دېمەك، مۇھەممەد ئىبن ئابدۇۋاھاب ئەنگىلىيە خىرىستىيانلىرىنىڭ ئوسمان تۈرك ئىسلام ئىمپىرىيىسىنى ۋەيران قىلىشىغا زور تۆھپە قوشقان شەخىس ئىدى. ۋاھابىزم بولسا، ئەنگىلىيىلىكلەر ئەرەبلەرگە ئىجاد قىلىپ بەرگەن يېڭىچە «ئەرەب ئىسلام دىنى» ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىدىيىلىرىدە نۇرغۇن خىرستىيانچە ئىدىيە ئارقا كۆرىنىشى بار. شۇڭىمۇ، ھازىرغىچە سەئۇدى ئەرەبىستانى ئامىرىكا ۋە ئەنگىلىيىنىڭ ھامىيلىقىدا بولۇپ كەلمەكتە.
بەلكىم، بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز بۇ تارىخى ئەھۋاللارنى بىلمىسە كېرەك. شۇڭا، ھەقىقىي ئىسلام يولىغا ۋە مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئاسىيلىق قىلىدىغان بۇ ئازغۇن يولغا مېڭىپ قالغان بولىشى مومكىن. ئەجدادلىرىمىز قانلىق قېلىچلىرىنى سۇغۇرۇپ جەڭ قىلىپ، مىڭ يىل ئىلگىرىلا بىزگە ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەڭ توغرا يول بولغان، ھەرقانداق ئىشتا چەكتىن ئاشۇرۋېتىشنى چەكلەيدىغان، ئوتتۇرا يول تۇتۇشنى تەرغىپ قىلىدىغان، موتىدىل مەزھەپ-ئىسلام دىنىنىڭ سۇنئىي مەزھىپى ھەنىفىيە ئېقىمىنى تاللاپ بەرگەنىدى. ئەقىل كۆزىمىز بىلەن قارىساق، مۇتەپەككۇر ئىسلام ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپ يازغان «قۇتادغۇبىلىك» ئۆز زامانىسىدىكى مەشھۇر جەمئىيەتشۇناسلىققا ئائىت ئىلمىي تەتقىقات كىتابى بولۇپ، پۈتكۈل تۈركى تىللىق مىللەتلەرنىڭ جەمئىيىتىنى تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، ئىسلام دىنى بىلەن ھاكىمىيەت، ئىقتىساد، ئۆرۈپ-ئادەت،  كىشىلىك تۇمۇش، مەدەنىيەت ۋە خەلق ئارىسىدىكى باشقا ئىدىيىۋىي ئېقىم ھەم ئىشەنچىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قانداق تەڭشەش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە ئەتراپلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، تۈركى تىللىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمدىن تارتىپ داۋاملاشتۈرۈپ كېلىۋاتقان مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى قانداق ساقلاپ قېلىش، تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە ئىسلامغا قانداق ماسلاشتۇرۇشنىڭ نۇرلۇق يولىنى كۆرسىتىپ بەرگەنىدى. شۇڭىمۇ، بىز مىڭ يىللاردىن بۇيان، مانا مۇشۇ يول بىلەن مېڭىپ كېلىۋاتىمىز. ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە، مانا بۇ مەدەنىيەت قاراشلىرىنى بىدئەت دەپ قارايدىغان كىشىلەرنىڭ يولىنى تۇتامدۇق؟ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «مەن ئەرەب، لېكىن ئەرەب مەن ئەمەس» دىگەنىكەن. بۇ دېمەك، گەرچە مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەرەبلەر ئىچىدىن چىققان بولسىمۇ، ئۇنىڭ روھى ۋە ئۇنىڭ دەۋەت قىلغان دىنى ئىنسانلارغا ئورتاق، ئەمما ھەممىلا ئەرەب مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدەك پەيغەمبەر سۈپەت ئەمەس. ھەقىقەتەن ئىسلام دىنى ئەرەبلەر ئارىسىدا پەيدا بولدى ۋە ئۇنى ئەرەبلەر كېڭەيتتى، تەرەققىي قىلدۇردى. بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان ئالىم-ئۆلىمالار يىتىشىپ چىقتى. شۇنىڭدەكلا يەنە ئاغزىدا ئۇ دۇنيانى تەرغىپ قىلىپ، ئەمەلىيەتتە بۇ دۇنيا مەئىشەتلىرىنى كۆزلەيدىغان، خىرىستىيانلارنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان مۇھەممەد ئىبن ئابدۇۋاھابتەك ئازغۇن مەدەنىيەتنى ئىنكار قىلىدىغانلارمۇ چىقتى.[5]

1930-يىللاردىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن نۇرغۇنلىغان دىن ۋە ئىلىمگە كامىل ئالىم-ئۆلىمالار ئۆتكەنىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مىسىر، ھىندىستان، كەشمىر قاتارلىق رايۇنلاردا ئىلىم تەھسىل قىلىپ، خەلىقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمىلەرگە قاتنىشىپ، ھەتتا بەزىلىرى مىسىر پادىشاھىنىڭ قۇبۇل قىلىشىغا ۋە «چىڭگىزخان داموللا» دىگەندەك بۈيۈك ناملارغا ئېرىشكەنىدى. ئۇلار قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆگەنگەن بىلىمىنى ئۆز يۇرتىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، ئەۋلاتمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن ھەقىقىي ئىسلام ئىدىيىسى بىلەن خەلقنى توغرا يولدا باشلاپ كەلگەنىدى. ئەمما، شۇنى ئېتراپ قىلماي بولمايدۇكى، 1930-يىللاردىن كېيىن شىنجاڭنىڭ دىنىي ئىشلىرى ۋە دىن ئىلمىي تەتقىقاتچىلىقى ئۆلۈك ھالەتتە تۇرۇپ قالدى، بۇزغۇنچۇلۇققا ئۇچرىسا ئۇچرىدىكى تەرەققىي قىلالمىدى. شۇڭا، خەلقىمىزنىڭ دىنغا ۋە دىنىي بىلىملەرگە بولغان تەشنالىقى قانمىدى. تارىختىن بۇيان، ئەۋلاتمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن توغرا ئىسلام ئىدىيىسى ۋە يەرلىك مەدەنىيەت بىلىملىرى 20-ئەسىردىكى تۈرلۈك ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت دولقۇنلىرىدا يىمىرىلىپ، ئەۋلاتلار ئوتتۇرىسىدا ئىدىيىۋي ئۈزۈكچىلىك پەيدا قىلدى. بۇ ئىدىيىۋىي ئۈزۈكچىلىكلەر مىللىي روھتا مەنىۋىي ھاڭلارنى پەيدا قىلىپ، مەركەزدىن قېچىش، پىكرىي ئىناقسىزلىق ۋە گوروھۋازلىق ھالىتىنى شەكىللەندۈردى. بۇ ھالەت 1940-يىللاردىن 1980-يىللارغىچە بېكىنمە ھالەتتە تۇرغان شىنجاڭ رايۇنىغا كىرەلمەي، بۇسۇغىدا ئۆزىنىڭ نامىنى «سەلەڧىيە ، تەۋھىدچى ياكى سۈننەتچى» دەپ ئۆزگەرتىپ پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغان «ۋاھابىي ئېقىمى»، ئەرەب دۇنياسىدا ئورۇن تاپالماي سەرسان بولۇپ يۈرۈپ «مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى» نامى بىلەن ئوتتۇرغا چىققان «ئېخۋان ئېقىمى»، ئىسلام دۇنياسىدا يەكلىنىپ غالجىرلىشىپ كەتكەن «تەكفىر(باشقىلارنى كافىرغا چىقىرۋېتىش) ئېقىمى»، ۋاھابىلار ۋەيران قىلىۋەتكەن «ئىسلام خەلىپىلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرىمىز» دېگەن نام بىلەن خەلىپىلىك تاماسىدا يۈرگەن «ھىزبوت تەشكىلاتى»...قاتارلىقلارغا زور پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي بىلىملىرىنىڭ كەمچىللىكى، خەلقئارالىق دىنىي ئىدىيە ۋە ھەرىكەتلەردىن بىخەۋەرلىكى، جەمئىيەتتىن ھەرخىل ئازار يىگەندە ئاللاھقا سېغىنىپ دۇئا قىلىدىغان پىسخىكىسىدىن پايدىلنىپ، ئۆزىنىڭ پادىشاھلىق، ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ساقلاش ۋە ئىسلام ئېتىقادچىلىرىنى «ئەرەبلەشتۈرۈش» ئىدىيىسى ۋە مەقسەت-مۇددىئالىرىنى «كىتاب-ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش»، «ئىنتىرنېت تورى» بىلەن تارقىتىش، مۇسۇلمان پەرزەنتلىرىنى شۇ ئىدىيەلەر بىلەن تەربىيلەيدىغان ھەقسىز مەكتەپلەرنى ئېچىش ۋە ئوقۇتۇش ھەم بىر قىسىم كىشىلەرگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىپ ئۇلارنى مۇشۇ ئىدىيە بىلەن تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق مىنۇت-سىكونت توختىماي خەلق ئارىسىغا تارقاتماقتا. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق يىتەكلەيدىغان ئوبىيكىتلىرى پەننىي ۋە دىننىي بىلىمى ئاجىز، جەمئىيەتتىن دىلى ئازار يىگەن ياش ۋە ئوتتۇرا ياش قىز-يىگىتلەر ۋە ئەر-ئاياللاردىن ئىبارەت. ئۇلار سۆزلىگەندە، بۇ دۇنيالىق ھاياتىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ، «ئۇ دۇنيالىق ھاياتقا يېتىشنىڭ بىردىنبىر يولى» ئۇلار دېگەنگە ئەگىشىشتىن ئىبارەت دېگەننى تەرغىپ قىلىپ، «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىنى ۋە «ھەدىس»لەرنى بورمىلاپ چۈشەندۈرۈپ، توغرا-خاتانى ئىلىم بىلەن ئايرىماي، ھېسىيات بىلەن سۆزلەپ، كىشىلەرنى ھاياجانلاندۇرۇپ ئۆزىگە جەلب قىلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ تەسىر كۆرسىتىش ئۇسۇلى توربەت، ئۈندىدار، كىتاپ ماتېرىيال تارقىتىش ۋە تەربىيلەش ئاقىلىق ئۆز مەنپەئىتىگە ماسلاشتۇرۇپ بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈلگەن «قۇرئان كەرىم» تەپسىرىلىرىنى ۋە «ھەدىس»لەرنى تارقىتىش، يۈرۈش-تۇرۇش، پوزىتسىيە، پىسخىك ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق روھى بېسىم پەيدا قىلىش ۋە جامائەت پىكىرى توپلاش قاتارلىقلاردۇر. [6]
مەسلەن, ئۇلار توربەت ۋە ئۈندىداردا تارقاتقان «كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشنى ئىنكار قىلغۇچىنىڭ ھۆكۈمى» دىگەن يازمىدا «قۇرئان كەرىم»دىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمونلارنى مۇنداق ئىزاھلىغان. ئاللاھ مۇنداق دېگەن «...ئۆزۈڭلار ياقتۇرىدىغان ئاياللاردىن ئىككىنى، ئۈچنى، تۆتنى ئېلىڭلار. ئەگەر(ئۇلارنىڭ ئارىسىدا) ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار بىر ئايال... بىلەن كۇپايىلەنسەڭلار بولىدۇ. بىر ئايال بىلەن كۇپايىلىنىش زۇلۇم قىلماسلىقىڭلارغا ئەڭ يېقىندۇر(نىسا سۈرىسىدىن(.سەئۇدى مۇفتىسى سۈننەتچى بىن باز مۇنداق پەتىۋا بەرگەن: ئسلى ئايەت ئەرەبچىسىدە: «ئېلىشىڭلارغا بولىدۇ»، ئەمەس، «ئېلىڭلار»، دەپ بار. كىمىكى كۆپ ئاياللىق بولۇشنى يامان كۆرۈپ كۆپ ئاياللىق بولغاندىن بىر ئاياللىق بولۇش ئەۋزەل دەپ بىلسە، ئۇ ئادەم دىنسىز، ئىسلامدىن يېنىۋالغان مۇرتەدتۇر. چۈنكى، ئۇ ئادەم ئاللاھنىڭ ھۆكۈمىنى ئىنكار قىلىپ، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى يامان كۆرگەن ھېسابلىنىدۇ.
مۇشۇ ئىدىيىنىڭ تەسىرىدە، بەزى بىر قىسىم ئاتالمىش قېرىنداش كىشىلەر، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «بىر مۇسۇلمان كىشى ئۆزى ياخشى كۆرگەننى قېرىنداشلىرىغا ياخشى كۆرمىگىچىلىك ئىمانى كامىل بولمايدۇ» دىگەن سۆزىنى بورمىلاپ شەرھىلەپ، «قېرىنداشلار ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئايالىنى قېرىنداشلىرىغا ياخشى كۆرمىگىچىلىك ئىمانى كامىل بولمايدۇ» دەپ چۈشەندۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن، قېرىنداشلار سەپەرگە چىقسا ئايالىنى تالاق قىلىپ، قېرىنداشلىرىدىن بىرىگە نىكاھلاپ قويۇپ، قايتىپ كەلگەندە، قېرىندىشى تالاق قىلىۋەتسە يەنە قايتىدىن ئۆزى نىكاھلىنىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلگەن.
قەشقەرنىڭ مەلۇم بىر ناھىيىسىنىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدا سىتاتېستىكا قىلىنىشىچە، 12-16 ياشقىچە ھامىلدار بولۇپ قالغان، ئەمما بالىنىڭ دادىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان نارىسىدە قىزدىن 80 نەچچىسى بايقالغان. سۈرۈشتە قىلىپ بىلدۇقكى، شۇ يېزىدىكى 40 نەچچە ياشلار چامىسىدىكى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ دىننىي بىلىمنىڭ تونىغا كىرىۋالغان بىر ئەر كىشى، كىشىلەرگە توختىماي تەبلىغ سۆزلەپ ۋە نۇرغۇن ياشلارغا ساۋاق بېرىپ تەربىيلەپ، مىڭىسىنى يۇيىۋەتكەنىكەن. بەزى نادان كىشىلەر ئۇنىڭ تەبلىغىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۆزى ياخشى كۆرگەن قىزىنى قۇلىدىن يىتىلەپ، ئۇنىڭغا ئاپىرىپ بېرىپ «كامىل مۇسۇلمان» بولغانىكەن. ئۇ بۇ قىزلارنى يۇشۇرۇن نىكاھىغا ئېلىپ، بىر ئىككى ئايدىن كېيىنلا تالاق قىلىپ، ئۇلارنى باشقا قېرىنداشلىرىغا ئۆتۈنۈپ بەرگەنىكەن. ئۇلارمۇ بۇ قىزلارنى يۇشۇرۇن نىكاھىغا ئېلىپ، بىر ئىككى ئايدىن كېيىنلا تالاق قىلىپ، باشقا قېرىنداشلىرىغا ئۆتۈنۈپ بېرىدىكەن. بۇ ئىش مۇشۇنداق داۋاملاشقىلى 3 يىلدىن ئېشىپتۇ. [7]
ئەجىبا بۇلار بىر كامىل مۇسۇلماننىڭ قىلىدىغان ئىشىمۇ؟ دېمەك، نۇرغۇنلىغان ياشلار ئۇلارنىڭ ئەسلى ماھىيىتى ۋە ئاسىي ئىدىيىسىنى چۈشەنمەستىن، قارغۇلارچە ئەگىشىپ كېتىۋاتىدۇ. ئۇلار تارقاتقان كىتاب-ماتېرىيال، تور مەزمونلىرىنىڭ ھەممىسى كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ ئازغۇنلۇققا باشلايدىغان ھەقىقىي بىدئەت نەرسىلەردۇر. قېرىنداشلار كاللىمىزنى سەگەك تۇتايلى، ھازىرقى ۋەزىيەتتە بىزدىن پايدىلنىشنى ئويلايدىغانلار بەك كۆپ، ئۇلارغا قۇربانلىق قوي بولۇپ بەرمەيلى! تارىختىن بۇيان، بىز ئۆزىمىزنىڭ مېھنەتكار، تىرىشچان، ئۆملۈك روھىمىز بىلەن مەدەنىيەت سەمەرىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بۇ زىمىندا ياشاپ كەلدۇق. بىز ئەسىرلەردىن بۇيان، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىككى دۇنيالىق تەشەببۇسىغا ئەمەل قىلىپ، دىنىمىزنى ئىلىمىي يول بىلەن يۈكسەلدۈرۈپ كەلگەنىدۇق. قاچانكى تەپرىقىچىلىك يوللىرى، ئاسىيلىق ئازغۇنلۇقلىرى، سوپى-ئىشان پەتىۋالىرى، قارىغۇلارچە ئەرەبلىشىش ياكى پارىسلىشىش تەرىقەتلىرى ۋە ئاتالمىش ئەسلىيەتچىلىك تەشەببۇسلىرى، ۋاھابىي تەرغىباتچىلىرىنىڭ قايمۇقتۇرىشىغا ئۇچرىغىنىمىزدا، بىزنىڭ مۇقەددەس ئىسلام يوللىرىمىز، پاكلىق ۋە تېنىچلىقنى تەشەببۇس قىلىپ، كىشى قەلبىنى ئېرىتىۋېتىدىغان بۈيۈك دىن يوللىرىمىز ئېتىلىدۇ. تەپرىقچىلىق، قىرغىنچىلىق كۆپىيىدۇ. بىز 16-ئەسىرلەردىن كېينكى 400 يىل ۋاقتىمىز مانا مۇشۇ ئازغۇنلۇق ئېقىم يوللىرىدا سورۇلۇپ كەتتى. ھازىرقى زامانددىمۇ مۇشۇ سورۇقچىلىقلارنى كۆتۈرۈپ يۈرسەك، پەيغەمبىرىمىزنىڭ دەۋەتلىرىگە، ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىزىغا، شېھىتلارنىڭ قېنىغا، ئالىملارنىڭ ئەجىرىگە، ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ ئۈمۈدىگە نىمە بىلەن ۋە نىمىمىز بىلەن جاۋاب بېرىمىز؟ قىيامەت قايىمدا نە يۇزىمىز بىلەن ئورنىمىزدىن قوپىمىز؟ ئەۋلاتلارنىڭ ئالدىدا نىمە دەپ جاۋاب بېرىمىز؟ دىن ئىلىم-پەن بىلەن ئەزەلدىن قارشى نەسە ئەمەس، بەلكى خۇراپاتلىق، جاھىللىق، مەينەتچىلىك، ئەخلاقسىزلىق، دىل ئازارلىق، خۇن ناھەقچىلىكىگە تۈپتىن قارشىدۇر.
ئەگەر ئەقىل ھېسىياتقا ھاكىم بولسا، كىشىنىڭ تەپەككۇرى تېخىمۇ ئۆتكۈر ۋە چوڭقۇر بولىدۇ. ئەگەر ھېسىيات ئەقىلگە ھاكىم بولسا، كىشىنىڭ تەپەككۇرى مازغاپ كەبى پارقىراق، ئەمما پۈچەك بولىدۇ. ئاقىل كىشىلەر ئېلىم-ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىدۇ، يىراقنى كۆرەلەيدۇ، ماڭغان يوللىرىمۇ راۋان ۋە نۇرلۇق بولىدۇ. دانا كىشىلەر باشقىلارنى ھېسىيات بىلەن ئەمەس، ئەقىل بىلەن توغرا يولغا باشلايدۇ، ھاياجانلاندۇرۇپ ئەمەس، ھەقىقىي ئىلىم بىلەن توغرا-خاتانى ۋە ئاق-قارىنى تۇنۇتۇپ ھېدايەتكە يىتەكلەيدۇ. ئەكسىچە، نادان كىشىلەر ئېلىم-ھېكمەت بىلەن ئەمەس، ھېسىياتىغا تايىنىپ ئىش قىلىدۇ. ھېسىيات كىشىنى شەخسىيەتچىلىككە باشلايدۇ، ئەقىلنى كېسىدۇ، يىراقنى كۆرەلمەس قىلىپ قويىدۇ. ھسىيات بىلەن ياشىغان تۇرمۇش يولى بارغانسېرى خۇنۈكلىشىپ، قاراڭغۇلىشىدۇ. تەجرىبىلەرگە ئاساسلانغاندا، كىشى 40 ياشقا تولغۇچە ھېسىياتنىڭ قۇلى بولۇپ ياشايدۇ. مۇھەممەت سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ 40 ياشقا تولغان يىلى ئاندىن ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ۋەھىي كەلگەن ئىدى. ئۇنداقتا سىز تۇرمۇشتا ئەقىل بىلەن ياشاۋاتامسىز ياكى ھېسىيات بىلەنمۇ؟ كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئەقىل بىلەن چۈشۈنۈپ، توغرا-خاتانى ئېنىق ئايرىپ ئىلمىي يۇسۇندا ئەگىشۋاتامسىز ياكى ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن ھاياجانلىنىپلا ئاق-قارىنى پەرىق ئەتمەي، قارىسىغا ئەگىشىپ كېتىۋاتامسىز؟ ئاللاھ ئىنسانغا ھاياتنى پەقەت بىرلا قېتىم بەرگەن، چوقۇم ئەقىل بىلەن توغرا يول تېپىپ، ھاياتنىڭ مېغىزىنى چېقىپ ياشاڭ، ئاندىن سىز بۇ دۇنيادىمۇ بەخىتلىك ياشايسىز، ئۇ دۇنيادىمۇ ساۋابلىق ئەمەللىرىڭىز بىلەن گۈزەل جەننەت تۇرمۇشىغا ئېرىشىسىز. بۇ جەھەتتە، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھاياتى سىز ۋە بىزگە ئۆرنەكتۇر. ھەر كۈننى ياخشىلىق ساۋابلىرى بىلەن ئۆتكۈزەيلى، ھازىرمۇ ئازغۇنلارنىڭ قىلتاقلىرىغا ئەسىر بولۇپ، ئىككىلا دۇنيادا خار بولۇپ يۈرمەيلى! ئاللاھ يولىدا دۇئا-تىلاۋەت قىلايلى. ئەمما، ھەق يولدىن ئاداشقانلارنىڭ يولىدا ئەمەس، توغرا يولدا ھەم ھەق يولدا دۇئاغا قول كۈتۈرەيلى!
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
[1]  ئۈرۈمچى، قەشقەر، قۇمۇل، تۇرپان، كۇچار قاتارلىق رايۇنلاردىن كەلگەن ماتېرىياللىرىدىن خۇلاسە.
[2]  ئەييۇب سابىرى پاشا: ۋاھابىزىمنىڭ پەيدا بولىشى ۋە تارقىلىشى،  http://www.surrenderingislam.com
[3]  خەمفىرنىڭ ئەسلىمىسى: «ئەنگىلىينىڭ ئوتتۇرا شەرق سۈيقەستى»، http://www.surrenderingislam.com
[4]  خەمفىرنىڭ ئەسلىمىسى: «ئەنگىلىينىڭ ئوتتۇرا شەرق سۈيقەستى»، http://www.surrenderingislam.com
[5]  خەمفىرنىڭ ئەسلىمىسى: «ئەنگىلىينىڭ ئوتتۇرا شەرق سۈيقەستى»، http://www.surrenderingislam.com
[6]  ئۈرۈمچى، قەشقەر، قۇمۇل، تۇرپان، كۇچار قاتارلىق رايۇنلاردىن كەلگەن ماتېرىياللىرىدىن خۇلاسە.
[7]  قەشقەر رايۇنىدىكى تەكشۈرۈش ماتېرىيالدىن ئۈزۈندە.
[8] بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئەرەب دۇنياسىدىكى ئىنگىلىزچە چىقىدىغان "مەدەنىي سۆھبەت" ژورنىلى 1621-سان، "يولدىن ئاداشقان پىرقىلەر"، "ئىسلام تەتقىقات تورى" قاتارلىقلار.

2

تېما

0

دوست

5335

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   6.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22933
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 1720
توردىكى ۋاقتى: 71
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-27 12:48:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

5

تېما

0

دوست

3052

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   35.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12441
يازما سانى: 308
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 261
تۆھپە : 727
توردىكى ۋاقتى: 45
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-27 13:27:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ھاياجانلىنىپ كەتمەڭلار، بۇ ئاتالمىش ئىسلام مالىيىسى دىگىنىمۇ شەكلى ئۆزگەرگەن جازانە. يېزىلىشىنى ئىسلامىي دەپ ئۆزگەرتىپلا مۇسۇلمانلارنى ئالدايدىغان نەرسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
بۇ تىمىنى يازغان ئاپتور ئەگەر بۇ ئاتالمىش بانكىچىلىقنى توغرا دەپ چۈشەندۈرگۈسى كەلسە، پەيغەمبىرىمىزنىڭ زامانىدا مۇشۇنداق 10 كويغا ئېلىپ 15 كويغا نىسىيغا ساتىدىغان ئىشلار بولغانمۇ؟ بۇلارغا يالغان گەپ قوشماي ھەقىقىي ساپ نىيىتى بىلەن جاۋاپ بىرىشى لازىم. بولمىسا بۇنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېغىر.
دىنىمىزدا مال تەڭ باراۋەردە ئالماشتۇرۇلىشى لازىم. 300 مىڭلىق ئۆي ياكى ماشىنىنى قاراپ تۇرۇپ سىزگە 400 مىڭغا ساتسا، بۇنىڭغا يەنە نىمە دەپ ئىسىم قويىمىز؟

21

تېما

0

دوست

7805

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   56.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 1737
تۆھپە : 1229
توردىكى ۋاقتى: 1373
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-27 21:53:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنەججىم ئەپەندىم: مەن ھالال ۋە ھارام توغرىسىدا فەتۋا بېرەلمەيمەن،، ھەتتا فەتۋا بېرىش سالاھىيىتىممۇ يوق. مەن شۇ ھازىرقى ئىسلام بانكىلىرنىڭ قانداق مەشغولات ئېلىپ بېرىلدىغانلىقى توغرىلىق چۈشەنچە بەردىم.

سىزدىن سوراپ باقاي: بىر مۇسۇلمان ئەمەس توخونى ھالال بولمىغان شەكىلدە ئۆلتۈرسۇن، بىر مۇسۇلمان ھالال يول بىلەن توخونى بوغۇزلىسۇن… بىز ئىشلىتىدىغان ماي، تۇز، ھەمدە بارلىق تەم تېتىقۇچىلار ئوخشاش بولسۇن.. رەڭ ئوخشاش، تەم ئوخشاش، پۇراق ئوخشاش……… سىز ئىككىسىنىڭ پارقى يوق دەپ ھارامنى تاللامسىز ؟ ئۇنداق قىلمايسىزغۇ دەيمەن ھە……..

ئالدىرماي تۇرۇڭ، نېسىغا قىممەترەك ساتسا بولىدىغانلىقى توغۇرلۇق بىر نەرسە يوللايمەن.. شۇ ۋاقىتتا بېلىۋالارسەن..

بوپتۇ، يەنە بىر مىسال ئېلىپ بېرەي:  مەن سىزدىن 30 يىل بۇرۇن 100 يۈەن قەرز ئالدىم.. ئۇ ۋاقىتتا بىر قوي كېلەتتى.. ھىچ بولمىسا 3-4 گىرام ئالتۇن كېلەتتى. ئەمدى 30 يىلدىن كېيىن سىزگە 100 يۈەننى شۇ پېتى قايتۇرۇپ بەرسەم ئادىللىق بولامدۇ ؟ ھازىر 100 يۈەنگە 2 كىلو گۆشمۇ كەلمەيدۇ،، ھەتتا 1 گىرام ئالتۇنمۇ كەلمەيدۇ… پۇلنىڭ   كەلگۈسى قىممىتى بولامدىكەن ؟

قۇرئاندا ھالال نەرسىلەرمۇ ئېنىق، ھارام نەرسىلەرمۇ ئېنىق… لېكىن ئۇنىڭ ھالال ھارام ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان نۇرغۇن نەرسىلەر بار.. ھالال ھاراملىقىنى ئايرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن قۇرئان ۋە سۈننەتتىن ئىزدەيمىز.. تاپالمىساق ئىككىلەنچى مەنبەلەردىن ئىزدەيمىز. خەلىق مەنپەئەتى، مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى، ئىجمائ، قىياس، ئۆرپ -ئادەت قاتارلىق…. پەقەت مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالىساقلا، ئىشىنىمىزكى ئاللاھ بىزنى كەچۈرىدۇ.. شۇڭا بەزى مەسىللەرگە كىچىك بالىلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلمايلى…… بىلەرمەنلىك قىلمايلى..

توغرىسىنى بىلگۈچى ئاللاھ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )