‹‹ئۇيغۇرساخاۋەتچىلىكى››گە مۇھەببەت ۋە تەنقىد تاھىر ئىمىن
ئۇيغۇرلار تاشقى ۋە ئىچكى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن تۈرلۈك قىينچىلىقلار ئىچىدە تۇرىۋاتىدۇ.بۇقىينچىلىقلار ئەزەلدىن ياردەمسۆيەر خەلقىمىزنىڭ ياردەم بېرىش،ھەل قىلىش ئوبىكتىبولۇپ كەلگەن.نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ئۇيۇشۇش ئارقىلىق ياردەم قىلىشنىخالايدىغان كىشلەر توپىدىن نۇرغۇن گۇرۇپپىلارنى قۇرۇپ،ساخاۋەتچىلىك ئشلىرىنىئىلگىرى سۈرۈپ،مىھرى-مۇھەببەت يەتكۇزۋاتىدۇ.كەڭ دائىرىدىكى ئۇيغۇر ئنسانپەرۋەرلىكئشىلىرى تەرەققىياتى ئۈچۈن تىرىشۋاتىدۇ.بۇنىڭ نۇرغۇن ئەھمىيتى بار، جۈملىدىن 1- كونكىرىت قىينچىلىقىنى ھەل قىلىش(داۋالىنىش ياردىمى،ئوقۇش پۇلى ياردىمى،ئسسسنىش ياردىمى،قاتناش مەسىلىسى،تۇرمۇشچىقىمىنى ھەل قىلىش ...دېگەندەك ) 2-ئۆز-ئارا مىھرى-مۇھەببەت ۋە ئۆملۈكنى كۈچەيتىش .شۇڭادوستلارنىڭ بۇ ساھەدىكى تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىش،مۇھەببەت كۆرسىتىشى بىلەنبىرگە،ئۆزۈم يەككە ھالەتتىكى ئاددى ئىھسانچى ، ئۈچتىن ئارتۇق ساخاۋەتكوللىكتىۋىنىڭ ئاكتىپ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن كۆزەتكەنلىرىمنى ئوتتۇرىغاقويماقچى. بۇ ساھەدە ساقلانغان بىر قسم مەسللەرنى ۋاقتىدا تۇزەتمىسەك،ئشنىڭتەرەققىياتىغا توسالغۇ بولۇشى مۇمكىن.مەيلى قانداق شەكىلدە قىلسۇن، ساخاۋەتچىدوسلىرىمىزنىڭ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئۇمىد قىلىمەن. 1-ساخاۋەتچىلىكتىكى مەقسەت- مۇددىئا ۋە نىيەت مەسىلىسى. ھەقىقى ساخاۋەتچىلىك- قەلبى پاكىز كىشلەرنىڭ قولىدىنلا كىلىدىغانئىش. ھىچكىممۇبىراۋنىڭ نىيەت-ئىقبالىغا كەسكىن ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس.ئەمما بىزنىڭئش قىلىش ئۇسۇلىمىز –كۆڭلىمىزنىڭ ئەينىكى.ساخاۋەت ئارقىلىق باي بولغىلى بولمايدۇ.ساخاۋەتئارقىلىق مەشھۇر بولۇش ئارزۇسىمۇ بەك ئەگرى –توقاي يولدۇر. ساخاۋەت ئارقىلىق كۆڭۈلئېچىش بولسا-تولىمۇ زىددىيەتلىك تەتۈر يولدۇر. يۇقىرىدىكىناتوغرا ئۈچ خىل نىيەت-باشقىلارنىڭ ئازابىنى مەركەز قىلىپ ئۆزىنى خۇشال قىلىشمەقسىدىنى مەركەز قىلغان.شۇڭا بۇ ساھەدىكى تەۋسيە: ساخاۋەت-ياراتقۇچىنىڭرازىلىقىنى ئىزدەپ ياكى ئاشۇ تۈرلۈك ياردەمگە مۇھتاجلارنىڭ قىينچىلىقى ۋە دەرد ھەسرىتىگەچىدىمايدىغان ،باغرى يۇمشاق،سەمىمىيلىكنىڭ مەھسۇلى بولۇشى مۇۋاپىقتۇر.خەلقىمىزنىڭئازاپلىرى نام چىقىرىدىغان،پۇل تاپىدىغان ياكى كۆڭۈل ئاچىدىغان ،ياكى رەسمگە خاتىرە قالدۇرۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغان سورۇنغائايلىنىپ قالمىسۇن. 2- باشقۇرۇشئۇسۇلىدىكى ئىلمىيلىك ۋە توغرىلىق مەسىلىسى: ساخاۋەتچىلەرتوپى بىر ئىجتىمائى كوللىكتىپ بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ ئالاقە ئىشلىرى،تەشۋىقات ئىشلىرى،مالىيەئىشلىرى،ئادەم كۈچى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىبولىدۇ.بۇلارنى كەسپى تەلەپ بويىچە ئىلىپ بارمىغاندا ئۇنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىكتەرەققىياتى كاپالەتكە ئىگە بولمايدۇ. 3-ساخاۋەتچىلەردەئۆملۈك مەسىلىسى: ساخاۋەتچىلىكنىڭئۆزىلا بىر خەيىرلىك،ساۋاپلىق ئش .ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئالدىرىشمىز،كۆپلەپقىلىشقا تىرىشىشمىز كىرەك.ئەمما ئۆزىمىزگە ئوخشاش خەيرلىك ئش قىلىۋاتقانلارنى،ئۇلارنىڭ ئشلىرىنى چەتكە قاقساق،پەقەت ئۆزىمىزنىڭ قىلغانلىرىلا ئەھميەتلىكھسابلانسا،باشقا گۇرۇپپىلار بىلەن ئەپ ئۆتمىسەك ،بىزنىڭ ساخاۋەتچىلىكىمىزنىڭ نېمەئەھمىيتى؟ ساخاۋەتچىلىك چىتىلىدىغان ساھەلەر،ئىھتىياجلىق كىشلەر ۋە ئىھتىياجلىقكىشلەر تۇرىدىغان رايون،ئورۇنلار ئىنتايىن كۆپ،بىر كوللىكتىپ ھەممىنى قىلىپ بولۇشىناتايىن،شۇڭا تەڭ كۇچ چىقىرش،ھەمكارلىشش ياردىمىمىزگە مۇھتاج كىشلەر ئۈچۈن تېخىمۇئەھمىيەتلىكتۇر. 4-ساخاۋەتقىلىنغۇچىلارنىڭ غورۇرى مەسلىسى: قىلغانئشىمىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشلەرگە ئىلھام بىرىپ،كۈچنى زورايتىپ،ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئۈچۈنتەشۋىقاتقا مۇھتاجمىز،ئەمما تەشۋىقاتىمىز باشقىلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئنسانى ھوقۇقىبولغان غورۇرى،ئىززەت-نەپسىگە تەگمەسلىكى كىرەك.ئاجىزلار ۋە بالىلارنىڭ كۆڭلىئازار يەپ تۇرۇپ ياردەم قوبۇل قىلسا،بۇ ئۇلارنىڭ كىينكى تەرەققىياتى،ساغلامپسخىكىسى ئۈچۈن ئۆتەيدىغان رولى ئەكسى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن. 5-ساخاۋەتچىلىكنىڭمالىيە ئشلىرى ئوچۇق-ئاشكارا ۋە توغرا بولۇش مەسىلىسى توپلانغانمەنبەلەر ۋە ئىقتسادلار كىشلەرنىڭ قان-تەر ئەجرى بەدىلىگە كەلگەن،ئاللا رىزاسىنىئىزدىگەنلىكى ،ئاجىزلارغا ھىسداشلىق قىلالايدىغان قەلبى بولغانلىقى ئۈچۈن ياردەمقىلىدۇ،شۇڭا ئۇلارنىڭ ئەجرىگە چۇشلۇق ھالدا باشقۇرغۇچىلار ۋە تەشكىللىگۈچىلەر مەخسۇسمۇشۇ ئش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلارغا مەلۇم مۇئاش تەيىنلىگەن ۋە زۆرۈر ئشلارغا پۇلخەجلىگەندىن باشقا ئشلاردا ئسراپخورلۇقتىن،ئورۇنسز يەرلەرگە خەجلەشتىن ساقلىنىشى لازىمدۇر. 6-ساخاۋەتچىلىكنىڭئەقىدە ۋە قانۇنغا ئۇيغۇن بولۇش مەسىلىسى ساخاۋەتچىلىكنىمەركەز قىلىپ نۇرغۇن ئېسل ئىشلار روياپقا چىقتى.ئۇنىڭ داۋام قىلىشى ئۈچۈن ،ئشلارنىڭ تەرتىپلىك بولۇشى ئۈچۈنپائالىيەتلەرگە ئىجازەت ئېلىشنى ئۇنۇتمىساق،ھەم پائالىيەتلەردە دىنىمىز ۋە مىللىئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنىڭ ئەڭ ئاساسى تەلەپلىرىگە رىئايە قىلىنىپ،كەڭ جامائەتچىلىكقوبۇل قىلالمايدىغان زىيادە ئويۇن-تاماششا قىلىش مەركەز بولۇپ قالمىسا. ساخاۋەتچىباشلىرى يالغۇز قالماسلىقى ئۈچۈن جامائەتچىلىك بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاشقاتىرىشىلسا. 7-كۆپلەپئۆگىنىش،تەجرىبە ،ھەمكارلىشش ئالماشتۇرۇش مەسىلىسى، باشقاگۇرۇپپىلار،باشقا مىللەتلەر،باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۇسۇلىدىن ئۆرنەك ئېلىش.نۆۋەتتەجەمىيتىمىزدە ياردەمگە مۇھتاج كىشلەر ناھايتى كۆپ بولماقتا،بۇلارغا پەقەت ئۆزكۈچىمىزگە تايىنىپلا ياردەم قىلىمىز دېسەك،كۈچىمىز يتىشمەسلىكى مۇمكىن.شۇڭا خەلقئۈچۈن ياردەم بىرىمىز دەپ قۇرۇلغان نۇرغۇن ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ياردەم تۈرلىرىنىقولغا كەلتۈرۈش،باشقا مىللەت ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشش،فوندىجەمىيەتلەر بىلەن ئالاقىلىشش قاتارلىق ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىش. 8-ساخاۋەتچىلىكساھەلىرىنىڭ تۈرى مەسىلىسى خەير-ساخاۋەت –پەقەتپۇل ياكى ماددى ياردەم بېرىش دېگەنلىك ئەمەس.ئۇنىڭ ،ياخشى سۆز،قانۇنىياردەم،بالىلارنى قۇتقۇزۇش.يىمەك-ئىچمەك،كىيم-كىچەك ياردىمى،ئشقا ئورۇنلاشتۇرۇش.ئاياللارغاياردەم ساھەلىرىنى ئېچىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش. 3-ئاينىڭ20-كۈنى ‹‹بىلىپ›› ئۈمىد ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كوللىكتىۋى ساھىبخانلىقىدىكى2-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مىھرى-شەپقەت چىيى يىغىلىشىدا سۆزلىگەن سۆز ئاساسداتەييارلاندى. ئاپتور: شىنجاڭئۆزتۈرك خەلقئارا سودا چەكلىك شركىتى ئىجرائىيە دىرىكتورى. ‹ئۇيغۇر ئىلىم مۇنبىرى› ئاساسچىسى،ئاسپرانت قىزلار ‹‹ئۆز تۈرك مۇكاپاتى›› باش پىلانلىغۇچىسى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت بايرىمى (دوپپامەدەنىيەت بايرىمى..)ئاساسچىسى،
|