قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 612|ئىنكاس: 4

ياركەندىي تەخەللۇسلۇق كىلاسسىكلىرىمىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

0

دوست

2086

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   2.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7212
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 104
تۆھپە : 584
توردىكى ۋاقتى: 114
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-29 23:28:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ياركەندىي تەخەللۇسلۇق كىلاسسىكلىرىمىز



ئەھمەد ئىمىن ئەلنەزەر


      جوڭگۇدىكى داڭلىق « مۇقام يۇرتى »، «بادام ماكانى »- يەكەن قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ جايدا كۆزنى قاماشتۇرغىدەك ماددىي ۋە مەنىۋىي مەدەنىيەت مەئىشەتلىرى بارلىققا كەلگەن. بۇ يۇرتتا ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان كۆپلىگەن مەشھۇرلىرىمىز ئۆتكەن.  ئەنە شۇ مەشھۇرلىرىمىز ئىچىدىكى بىر قىسىم كىلاسسىكلىرىمىز كىندىك قېنى تۆكۈلگەن يەكەندىن ئىبارەت مۇشۇ گۆھەر زېمىندىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىدا، ئوتلۇق مۇھەببىتى بىلەن ئانا يۇرتىغا باغلىنىپ تۇرۇشنى ئىستەپ، يەكەننىڭ تارىختىكى نامى «ياركەند»نى ئۆزىگە تەخەللۇس قىلغان. تۆۋەندە بىر قىسىم ماتېرىياللار ئاساسىدا ياركەندىي تەخەللۇسلۇق كىلاسسىكلىرىمىزنى قىسقىچە تونۇشتۇرىمىز:     
   1.قىدىرخان ياركەندىي: يەركەن خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن  مەشھۇر مۇزىكانت.   موللا ئىسمىتۇللا  مۆجىزى «تارىخىي مۇسقىييۇن» دا قىدىرخان ياركەندىنى ئۆز دەۋرىدىكى كاتتا ئالىملار بىلەن بىر قاتارغا قويۇپ قەيت قىلىشىچە، قىدىرخان ياركەندى مەشھۇر مۇزىكا ئالىمى، تەڭداشسىز ناخشىچى، شائىر بولۇپ، راۋاپ ۋە ھەشتارنى كەشپ قىلغان. «ۋىسال» ناملىق مۇقامنى ئىجاد قىلغان ھەم مۇزىكا ئىلمى توغرىسىدا كۆپلىگەن مېغىزلىق ماقالىلەرنى ۋە «دىۋانى قىدىر» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى يازغان. يەركەن خانلىقنىڭ مەرىپەتپەرۋەر خانى  ئابدۇرېشىتخاننىڭ ئايرىلماس يېقىنى بولغان. ئىران، ئىراق، تەبرىز، خارەزىم، سەمەرقەنت، ئەنجان، ئىستامبول، كەشمىر، بەلىخ، شىراز قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن شاگىرتلارغا  مۇزىكا ئىلمىدىن دەرس بەرگەن.   
    2. دوست ياركەندىي: يەركەن خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن مۇزىكانت. مەشھۇر مۇزىكا ئالىمى دەرۋىش ئەلى 1572-يىلى يازغان «رىسالەئى مۇسقى»  ناملىق كىتابىدا، ئەزىز دوستى، پەيۋەندىسى  بولغان دوست يەركەندىنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالغان.
    3.مىرخالىدىن كوچەك ياركەندىي: تارىخچى، تولۇق ئىسمى مىرخالىدىن كاتىپ قازى شاھ كوچەك ياركەندى بولۇپ، 1729-، 1730-يىللار ئەتراپىدا  ئاق تاغلىقلار بىلەن قارا تاغلىقلار كۈرىشى بايان قىلىنغان «ھىدايەتنامە» ناملىق تارىخىي ئەسەرنى پارىسچە يېزىپ چىققان. بۇ ئەسەرنىڭ ئېلىمىزدە ساقلىنىۋاتقان پارىسچە نۇسخىسىدىن باشقا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمەيىسى شەرق تەتقىقات ئورنى ۋە ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمەيىسى  شەرق تەتقىقات ئورنىنىڭ قوليازمىلار بۆلۈمىدىمۇ  ساقلىنىۋاتقان نۇسخىسى بار.
    4.موللا خامۇش ياركەندىي: تەرجىمان. 1780-، 1797-يىللىرىدا،  ئوبۇلقاسىم پىردەۋىسنىڭ «شاھنامە»نى نەسرىي ئۇسلۇبتا قايتا تەرجىمە قىلىپ، ئۇنىڭغا «شاھنامەئىي تۈركىي » دەپ نام قويغان. بۇنىڭدىن قارىغاندا موللا خامۇش يەركەندىينىڭ پارس تىلىغا پىششىق تەرجىمان ئىكەنلىكى بىلىنىدۇ.
   5.ئۆمەر باقى ياركەندىي: مەشھۇر ئەدىب ئۆمەر باقى ياركەندىي 1792-يىلى نەۋائىينىڭ «خەمىسە»سى ئىچىدىن «پەرھات –شېرىن »،  «لەيلى–مەجنۇن» داستانلىرىنى تاللىۋېلىپ ئاممىباپ، چۈشىنىشلىك تىلدا نەسرىي ئۇسۇل بويىچە قايتا ئىشلەپ  چىققان. بۇ ئەسەرنى ئابدۇقەييۇم خوجا، مۇھەممەتتۇرسۇن باۋۇدۇن  ئەپەندىلەر نەشرگە تەييارلاپ «بۇلاق» مەجمۇئەسىدە   ئېلان قىلدى.
    6.پازۇخ ھاشىم ياركەندىي: 1796-يىلى، ئوتتۇرا ئاسىيا غەزنە خانلىقىنىڭ خانى مۇھەممەد دەۋرىدىكى پارس شائىرى فىرخىتىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى «شاھنامە»نى پارىسچىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان.  ئەرەب تارىخچىسى تەبەرىينىڭ ئەسىرى «تارىخىي تەبەرىي»نىڭ پارىسچىغا تەرجىمە قىلىنغان  نۇسخىسدىن پايدىلىنىپ بۇ ئەسەرنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان.
     7. موللا يۇنۇس ياركەندىي: شائىر موللا يۇنۇس ياركەندىي ئابدۇراخمان جامىينىڭ « يۈسۈپ-زۈلەيخا» داستانىنى مەنبە قىلغان ھالدا، 1807-يىلى ئۇيغۇر تىلىدا يېڭى بىر داستان يېزىپ «مۇھەببەتنامە» دەپ نام بەرگەن.
   8.موللا سىدىق ياركەندىي: مەشھۇر ئەدىب موللا سىدىق ياركەندىي 1813 –يىلى نەۋائىينىڭ «خەمىسە»سى ئىچىدىكى بىرىنچى داستان «ھەيرەتۇل ئەبرار»نىڭ ئورنىغا «لىسانۇت تەيىر»نى ئالماشتۇرۇپ، باشقا تۆت داستان بىلەن بىرگە  تولۇق نەسرىيلەشتۈرۈپ، «نەسرىي مۇھەممەد ھۆسەيىنبەگ» دەپ نام قويغان. بۇ نۇسخىسى مۇھەممەتتۇردى مىرزائەخمەت، بارات رەجەپ ئەپەندىلەرنىڭ نەشىرگە تەييارلىشى بىلەن «بۇلاق» مەجمۇئەسىدە ئېلان قىلىندى. بۇ ئەسەرلەر شىنجاڭ تەۋەسىدىلا ئەمەس بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيادىمۇ ئالقىشقا ئېرىشىپ، «نەۋائىي» ئەسەرلىرىنىڭ خەلق ئارسىغا تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
   9. ئەھمەد ياركەندىي: خەتتات ئەھمەد ياركەندىي 1831-يىللىرى ئەتراپىدا  موللا تۆمۈر كاشغەرىي  1717-يىلى پارسچىدىن  ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان « كەلىلە دېمىنە»نى كۆچۈرۈپ چىققان 386بەتلىك بۇ ئەسەر ھازىر قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىدا ساقلىنىۋاتىدۇ.
    10. خوجا ياقۇپ ياركەندىي: تەرجىمان خوجا ياقۇپ يەركەندىي 1840-يىلى خۇسراۋ دېھلىۋىنىڭ  پارىسچە «چاھار دەرۋىش» ناملىق ئەسىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان.
   11. موللا مۇھەممەد نىياز ئاخۇن ياركەندىي: ئىمام قۇندۇزى (1785-1858)نىڭ «تارىخىي مەنزۇمە» ناملىق ئەسىرىدە موللا مۇھەممەد نىياز ئاخۇن ياركەندىينىڭ ياركەندلىك ئىكەنلىكى، خوتەندە تۇرۇپ قالغانلىقى قەيت قىلىنغان. موللا مۇھەممەد نىياز ئاخۇن ياركەندىي 1845-، 1846-يىللىرى مىرزا ھەيدەر كوراگاننىڭ «تارىخىي رەشىدىي»نى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان، يەنە بىر مۇنچە ئېسىل شېئىرلارنى يازغان.
12.ئابدۇغاپپار ياركەندىي: داڭلىق شائىر، 1858-يىللىرى ئەتراپىدا   تۇرپان ئىنانچىخانى ئىمىن  ئەۋلاتلىرىدىن 6-ئەۋلات ئىنانچىخان ئەفرىدۇننىڭ يەركەندە ھاكىمبەگ بولۇپ تۇرغان مەزگلىدە (1852-1862) ئەفرىدۇننىڭ دەۋىتى بىلەن ئەفرىدۇننىڭ نەسەبى ۋە ئىش پائالىيەتلىرىنى بايان قىلىپ   «زەپەرنامە شاھ باھادىرخان » ناملىق داستاننى يازغان. ئالىم مۇھەممەد زەئىدى تەرىپىدىن «ئۆزبېك ئىنىسكىلوپىدىيەسى»دە تونۇشتۇرۇلغان.
13. مۇھەممەد سالىھ ياركەندىي: ئۆز دەۋرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن شائىرلىرىدىن بولۇپ، 1864-، 1865-يىللىرى يېزىلغان «ئەششار دەرنىئەت ھەزرەتخان غوجامشاھ» ناملىق ئەرەبچە، پارىسچە، ئۇيغۇرچە  شېئىرلاردىن تۈزۈلگەن توپلامدىكى ئۇيغۇرچە شېئىرلار مۇھەممەد سالىھ ياركەندىي قەلىمىگە تەۋە.
14.خۇجا مۇھەممەت  شەرىف ياركەندىي:  تارىخچى خۇجا مۇھەممەت  شەرىف ياركەندىي « نەسەپنامەئي سۇلتان ساتۇق بۇغراخان غازى» ناملىق تارىخىي ئەسەرنى يازغان. بۇ ئەسەرنىڭ 1768-يىللىرى ئەتراپىدا باشقىلار تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگەن.
       تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن نۇرغۇنلىغان كىلاسسىكلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرى دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كېلەلمىدى. شۇنسى ئېنىقكى، «ياركەندىي» تەخەللۇسلۇق كىلاسسىكلىرىمىز يۇقۇرىدا نامى تىلغا ئېلىنغانلار بىلەنلا  چەكلىنىپ قالمايدۇ، مۇھىمى  بۇندىن كېيىن «ياركەندىي» تەخەللۇسلۇق كىلاسسىكلىرىمىز توغرىسىدا  تېخىمۇ ئەتراپلىق، سېستىمىلىق ئىزدىنىش، ئەسەرلىرىنى كەڭ خەلق ئاممىسىغا تەقدىم قىلىش، ئۇلارنىڭ ھاياتىي پائالىيەتلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ ئەۋلادلىرىمىزنى تەربىيەلەش-بىزنىڭ باش تارتىپ بولماس مەجبۇرىيىتىمىزدۇر.      
      پايدىلانمىلار:
   1. موللا  ئىسمەتۇللا  بىننى موللا نېئمەتۇللا مۆجىزى: «تارىخىي مۇسقىييۇن»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1982-يىل نەشرى.
   2. ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن: «يادىكارلىقلاردىن مەدەنىيىتىمىزگە نەزەر»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2005 -يىل 8-ئاي نەشرى
   3. غەيرەتجان ئوسمان: «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ مەدەنىيىتىگە دائىر مۇلاھىزە»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،2003-يىل 7-ئاي نەشرى.
   4. ھاجى نۇر ھاجى، چىن گۇگۇڭ: « شىنجاڭ ئىسلام تارىخى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1995-يىل 11-ئاي نەشرى.
 5.غەيرەتجان ئوسمان: « قەدىمكى تارىم مەدەنىيىتى»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى نەشرىياتى، 2007-يىل 5-ئاي نەشرى.
  6. لى جىنشىن: «شىنجاڭدا ئۆتكەن ئىسلام خانلىقلىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى                              
7.ھاجى ئابدۇراخمان باقى: « ئۇيغۇر قەدىمكى كىتاب مەدەنىيىتى»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2011-يىل نەشرى.
8. ماھمۇد زەئىدى، قاسىم خوجا: « تىلشۇناس ۋە ئالىم مۇھەممەد زەئىدى ھەققىدە سۆھبەت»، سۆھبەت خاتىرىسى، «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» ژۇرنىلى، 2013-يىل 2-سان.
    

4

تېما

2

دوست

2155

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25851
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 690
توردىكى ۋاقتى: 261
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-30 14:06:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   syawush تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-30 14:23  

بىلىۋېلىش زۆزۈر بىلىملەر ئىكەن، رەھمەت. توردا ئۇزۇن تېما يازغاندا ئىملا خاتالىقىدىن خالىي بولۇش تەس بولسىمۇ، لېكىن كىشى ئىسىملىرى ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ نامىنى يازغاندا ئىملادا ناھايىتى ئەستايىدىل بولۇڭ.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

281

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   93.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26643
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 84
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-30 21:14:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تىما ئىكەن
ئۆزۈم ياركەندىلىك تۇرۇپ بىلمەيدىكەنمەن بۇياركەندى تەخەللۇسلۇق مەشھۇر شەخىسلەرنى

1

تېما

2

دوست

3275

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   42.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27382
يازما سانى: 371
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 968
توردىكى ۋاقتى: 102
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-30 21:49:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تىما يوللاپسىز ،سىزگە رەھمەت.

1

تېما

8

دوست

3458

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   48.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24872
يازما سانى: 249
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1054
توردىكى ۋاقتى: 152
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-30 22:18:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمىشقا كۆپىنچە ئەسەرلەرنىڭ چاپ نۇسخىسىنى كۆرەلمەيمىز؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )