- تىزىملاتقان
- 2014-2-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3551
- نادىر
- 0
- يازما
- 282
ئۆسۈش
51.7%
|
دۇنيانىڭ خوجىدالىرى
1.تىراي گىۋ خالىۋدان لىي(Trygve Halvdan Lie ).تىراي گىۋ.(نورۋىگىيەلىك)1946-يىلى2-ئاينىڭ بىرىنچى كۇنىدىن،1952-يىلى11-ئاينىڭ10-كۇنىگىچە ب د ت نىڭ باش كاتىۋى بولغان.ئۇ ب د ت نىڭ باش كاتىۋى بولغان ۋاقىتتا ب د ت نىڭ بىناسىنىڭ سېلىنىشىغا يىتەكچىلىق قىلغان.ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت بولۇپ قۇرۇلىشى،1-قىتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى،چاۋشىيەن ئۇرۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلغان.ئۇ باش كاتىپ بولغان كۇندىن باشلاپلا ب د ت نىڭ ئامرىكا،سوۋىت قاتارلىق چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئويۇنچۇقى بولۇپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۇچۇن ،ياۋروپادىكى كىچىك دۆلەتلەرنىڭ خەلىقئارالىق مەسىلىلەردە ئۆز كۆز قارىشىنى ئۇتتۇرىغا قويىشىدا تۇرۇتكىلىك رول ئوينىغان.جۇڭگۇ ئىنقىلابىي غەلبە قىلغاندىن كېيىن،جۇڭگۇغا تەيۋەننىڭ ئەمەس،چوڭ قۇرۇقلىۇق ھۆكىمىتىنىڭ ۋەكىل بولىشى كىرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئامرىكىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.چاۋشيەن ئۇرىشى پارتىلىغاندىن كېيىن ،سوۋىت ئىتتىپاقى ئۇنىڭ چاۋشىيەگە ب د ت نىڭ قوشۇن چىقىرىشىغا قوشۇلغانلىقىغا نارازى بولۇپ،ئۇنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بىرىشىنى،بولمىسا ب د ت دىن چىكىنىپ چىقىپ ئايرىم بىر ب د ت قۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىنچى قىتىملىق ۋەزىپە ۋاقتى توشماي تۇرۇپ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن.
2.داگ ھاممار(Dag Hjalmar Agne Carl Hammarskj?ld )شىۋىتسىيەلىك بولۇپ،1953-يىلى 4-ئاينىڭ10-كۇنىدىن1961-يىلى9-ئاينىڭ18-كۇنىگىچە ب د ت نىڭ باش كاتىۋى بولغان.داگ ھاممار سياسىيغا ناھايتتى ماھىر بولۇپ،ئۇنىڭ سىياسيونلار ئىچىدىكى سىياسىيون دەپ نامى بار.ئۇ تۇنجى بولۇپ تىنىچلىق ساقلاش قىسمىنى قۇرغان،<ۋاكسىنا ھەركىتى>نى ئۇتتۇرىغا قويغان.ئۇ ئۇچىنچى دۇنيا ئەللىرىنى،ئىتتىپاق تۇزمەيدىغان دۆلەتلەرنى قوللىغان.ب د ت دەسلەپتە قۇرۇلغاندا 54دۆلەت بار بولۇپ ،ئۇ كاتىپ بولغان ۋاقىتتا دۆلەتنىڭ سانى90نەچچىگە يەتكەن.مىللىي مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۇرگەن دۆلەتلەرنى قوللىغانلىقى ئۇچۇن ئامرىكا،ئەنگىلىيە،فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ چېشىغا تىگىپ قويغان.1961-يىلى9-ئاينىڭ 18-كۇنى گانگودا ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ قايتىشىدا ئايروپىلان پارتىلاپ كېتىپ قازا قىلغان.(ئاز بولمىغان كىشىلەر بۇنى ئامرىكىنىڭ سۇيقەستى دەپ قارايدۇ،ب د ت قىسىملىرى نەق مەيدانغا بىرىشتىن بۇرۇن ،ئامرىكا ئارمىيەسى نەق مەيداننى تازلىۋەتكەچكە ب د ت بۇ ئىشنى تەكشۇرۇشكە ئامالسىز قالغان.ئامرىكا بۇ ئىشنى باھانە قىلىپ يەرلىك قوراللىق كۇچلەرنى قىرىۋەتكەن.)
3.ئۇ زەنىت(U Thant )بىرمادىن،1961-يىلىدىن1971-يىلىغىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن.ئۇمۇ ئوخشاشلا ئۇچىنچى دۇنيا ئەللىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىغان.ھەم ب دت ئۇنۋىرسىتىنى قۇرغان.
4.كۇرت ۋالدخىم(Kurt Waldheim )،ئاۋىستىرىيەدىن.ئۇ 1972-يىلىدىن1981-يىلىغىچە ب د ت نىڭ باش كاتىۋى بولغان.ئۇ باش كاتىپ بولغان مەزگىلدە جۇڭگۇنىڭ ب د ت دىكى ئورنى ئەسلىگە كەلگەن.1981-يىلى يەنە بىر قېتىم باش كاتىپ بولۇشنى تەلەپ قىلغان.جۇڭگۇ رەت قىلغان.(خەۋپسىزلىك كىڭىشىدىكى بەش دۆلەتنىڭلا باش كاتىپنى رەت قىلىش ھوقۇقى بار).كىتاپتا نىمە ئۇچۇن جۇڭگۇنىڭ رەت قىلغانلىقىنى دىمەپتۇ،پەرىزىمچە ئۇ جۇڭگۇ-ۋىتنام ئۇرىشىدا جۇڭگۇنى ئەيىپلىگەن بولسا كىرەك.
.<دۇنيانىڭ خوجىدارى>دىگەن كىتاپتىن ئىلىندى.(世界管家).داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ.
|
-
تىراي گىۋ خالىۋدان لىي
-
داگ ھاممار
-
ئۇ زەنىت
-
كۇرت ۋالدخىم
|