- تىزىملاتقان
- 2011-1-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 13531
- نادىر
- 1
- يازما
- 554
ئۆسۈش
8.83%
|
1.سېھىرلىك كۇبنىڭ تۈزەش ئۇسولىنى ئۆگىنىشتىن بۇرۇن ئاساسىي نۇقتىلارنى ياخشى ئىگەللىشىمىز كېرەك. يەنى يۈز، قۇر، بۇلۇڭ، بۇرجەك، مەركەز قاتارلىق.بۇلۇڭ، بۇرجەك، مەركەزنى رەسىمدىن كۆرۈڭ
يۈزــــ ھەربىر تەرەپتىكى توققۇز كىچىك كۇب بىر يۈز بولىدۇ، قۇرـــــ ھەربىر قاتار ئۈچ كۇب بىر قۇر بولىدۇ.
2.سېھىرلىك كۇب تۈزەش فورمىلىسىدىكى بەلگىلەر
F = front face ئالدى يۈز، B = back face كەينى يۈز، L = left face سول تەرەپ يۈز، R = right face ئوڭ تەرەپ يۈز، U = up face ئۈستى يۈز، D = down face ئاستى يۈز.
ھەربىر ھەرىپ يالغۇز كەلگەندە ۋەكىللىك قىلغان شۇ يۈزنى سائەت ئىستىرىلكىسى يۆنىلىشى بويىچە 90 گرادوس يەنى بىر قېتىم ئايلاندۇرىمىز؛ ھەرىپنىڭ كەينىدە سان بولسا يەنى F2 دىگەندەك، سائەت ئىستىرىلكىسى يۆنىلىشى بويىچە 180 گرادوس يەنى ئىككى قېتىم ئايلاندۇرىمىز؛ ھەرىپنىڭ ئوڭ ئۈستى تەرەپتە پەش بولسا يەنى `F سائەت ئىستىرىلكىسى قارشى يۆلىنىشتە ئايلاندۇرىمىز. بۇلار تۆۋەندە تونۇشتۇرماقچى بولغان ئاددىي ئۇسولدا ئىشلىندىغان بەلگىلەر، بۇلارنى بىلىۋالغاندىن كېيىن باشقا مۇرەككەپ (يوقۇرى دەرىجە) ئۇسوللىرىنىڭ ئازراق ئوخشىماسلىقلىرىنى ئاسانلا بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
ئۈچ ئۆگىلىك سېھىرلىك كۇبنى تۈزەش فورمىلىسى
ئاساسلىق ئۇسولنىڭ ئاددىي سېخىمىسى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:
1-باسقۇچ:1-قۇر بۇرجەكنى توغرىلاش(يەنى ئاستىنقى يۈزنى كىرست شەكلىگە كەلتۈرۈش، ئاستىنقى 1-قۇرنىڭ بۇرجەكلىرىنى توغرىلاش)
ئاستىنقى يۈزنى كىرستقا كەلتۈرۈشنى ئۆزىڭىز ئاستا-ئاستا ئۆگىنىۋالسىڭىز بولىدۇ، بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى 1-قۇرنىڭ بۇرجەكلىرىنى توغرىلىغاندا ئوڭ،سول،ئالدى،كەينىدىكى رەڭلەرنىڭ توغرا كېلىشىگە دىققەت قىلىش كېرەك.ئادەتتە ئۆلچەملىك سېھىرلىك كۇبنىڭ مۇقىم رەڭگى: قارمۇ-قارشى يۈزلەرنىڭ رەڭگى، ئاق ـــ سېرىق، كۆك ـــ يېشىل، قىزىل ـــ قىزغۇچ سېرىق بولىدۇ. ئادەتتە تۈزەش فورمىلىلىرى ئاق يۈزنى ئاستىنقى يۈز قىلىپ تۇرۇپ چۈشەندۈرۈلىدۇ. بۇنداق بولغاندا 1-باسقۇچتا ئاستىنقى ئاق يۈزنى كىرىست شەكلىگە كەلتۈرۈش بىلەن تەڭ ئەتىراپتىكى تۆت رەڭگىمۇ توغرىلىنىشى كېرەك.
2-باسقۇچ:1-قۇر بۇلۇڭنى توغرىلاش(1-قۇرنىڭ قالغان تۆت بۇلۇڭىدىكى رەڭنى توغرىلاش)
سېھىرلىك كۇبنىڭ ئاستىنقى تۆت بۇلۇڭى توغرىلانغاندىن كېيىن تەتۈر T شەكلىگە كېلىدۇ، رەسىمدىكىدەك. بىز ئالدى بىلەن 2-1،2-2 رەسىمگە قارايلى،ئالدى بىلەن نىشان قىلىنغان كۇبچىنىڭ ئالدىنقى يۈز ئۈستۈنكى قۇردىكى ئورنىنى مۇقىمدايمىز، ئاندىن ئاق رەڭنىڭ قايسى تەرەپكە قارايدىغانلىقىغا قارايمىز، شۇنىڭ بىلەن تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل شەكىلنى ئاسانلا ئەسلىگە كەلتۈرەلەيمىز.
3-باسقۇچ:ئوتتۇرا بۇرجەكنى توغرىلاش(2-قۇرنىڭ تۆت بۇرجىكىنى توغرىلاش)
ئوتتۇرىقى قۇردا بۇلۇڭ كۇبچىلىرى بولمايدۇ، شۇڭا ئەسلى 1-باسقۇچتا توغرىلىنىپ بولغان مەركەز كۇبچىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ تۆت بۇرجەكنى توغرىلىساقلا بولىدۇ.1-2،3-3 رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى دائىم ئوچرايدىغان شەكىللەر. بۇ يەردە تونۇشتۇرۇلدىغىنىمۇ ئاساسلىق موشۇ ئىككى خىل شەكىلنى تورغىلاش ئۇسولى. ئىككى فورمىلىدىكى ئوخشىماسلىقنى سېلىشتۇرساق قەدەم باسقۇچى كۆپ بولغان بىلەن ئەستە ساقلاش ناھايىتى ئاسان. 301-رەسىمدىكىدەك ئەھۋالغان يولۇققاندا 1-3ياكى2-3 -فورمىلىنى خالىغانچە بىر قېتىم ئورۇنلىساقلا نىشان كۇبچە ئۈستۈنكى قۇر بۇرجەككە چىقىدۇ، يەنى 301-رەسىمدىكى ئۈستۈنكى بۇرجەكتىكى خالىغان بىر كۇبچىنى 1-3 ياكى2-3 فورمۇلا ئارقىلىق ئوتتۇرا قۇر بۇرچەككە كەلتۈرىمىز دىگەن گەپ.
4-باسقۇچ:ئۈستۈنكى قۇر بۇرجەكنى توغرىلاش(ئۈستۈنكى يۈزنى كىرىست شەكلىگە كەلتۈرۈش)
ئاستىنقى ئىككى قۇر ئەسلىگە كېلىپ بولغاندىن كېيىن ئەڭ ئۈستۈنكى قۇردىكى بۇرجەكنى توغرىلايمىز. يەنى ئۇستۈنكى قۇر بۇرجەكتىكى كۇبچىنىڭ ئۇستۈنكى يۈزگە قارىغان رەڭگىنى ئۈستۈنكى يۈز مەركىزىي كۇب (سېرىق) رەڭگى بىلەن توغرىلايمىز(بۇرجەك كۇبچىنىڭ 3-قۇر تۆت تەرەپتىكى رەڭگىنى بۇ باسقۇچتا ئېتىبارغا ئالمايمىز، ئۈستۈنكى يۈز كىرىست شەكلىگە كەلسىلا بولىدۇ)، كىرىستقا كىلىپ بولغان بولسا بۇباسقۇچنى قالدۇرۋېتىمىز.
بۇ باسقۇچتا بىر فومۇلا ئارقىلىقلا ئۈستۈنكى يۈزنى كىرستقا كەلتۈرەلەيمىز،سىزنىڭ ھازىرقى شەكلىڭىز1-4 دە كۆرسىتىلگەن بولسا 4-فورمىلىنى بىر قېتىم ئىشلەش ئارقىلىقلا بۇ باسقۇچ ئورۇنلىندۇ.2-4 دىكى شەكىل بولسا4-فورمىلىنى ئىككى قېتىم ئىشلەيمىز،3-4 دىكى شەكىل بولسا 4-شەكىلنى ئۈچ قېتىم ئىشلەيمىز. فورمۇلىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن سېھىرلىك كۇبنىڭ قولىڭىزدىكى شەكلى چوقۇم رەسىمدىكىدەك ھالەتتە بولىشى كېرەك، يەنى 1-4رەسىمدىكى توغرىلىنىپ بولغان ئىككى بۇرجەك كۇبچە چوقۇم ئوڭ-سول تەرەپتە بولۇشى كېرەك، ئالدى-كەينى تەرەپتە بولسا فورمىلىنى ئىشلىسەكمۇ كىرىستقا كەلمەيدۇ.
5-باسقۇچ:ئۈستۈنكى قۇر بۇلۇڭنى توغرىلاش(3-قۇرنىڭ بۇلۇڭ كۇبچىلىرىنىڭ ئۈستۈنكى يۈز رەڭگىنى توغرىلاش)
ئۈستۈنكى يۇزنى كىرىست شەكلىگە كەلتۈرۈپ بولغاندىن كېين، ئۈستۈنكى قۇر بۇلۇڭ كۇبچىلىرىنىڭ ئۈستۈنكى يۈزىنى توغرىلايمىز.(بۇيەردە يەنىلا 3-قۇرنىڭ تۆت تەرەپ رەڭگىنى ئېتىبارغا ئالمايمىز.)ئالدى بىلەن سېھىرلىك كۇبنىڭ تۆت بۇلۇڭ كۇبچىسىنىڭ ئورنىنى كۆزىتىمىز.ئەگەر بىر بۇلۇڭ كۇبچىسى ئۈستۈنكى يۈزگە چىقىپ بولغان بولسا قالغان ئۈچ كۇبچىنىڭ 1-2،5-5 رەسىملەردىكى قايسى ھالەتتە ئىكەنلىكىنى كۆزىتىمىز.ئاندىن ئۈستۈنكى يۈزگە چىقىپ بولغان سېرىق كۇبنى ئالدىنقى ئوڭ تەرەپ بۇلۇڭغا ئەكىلىۋالغاندىن كېيىن فورمۇلا بويىچە مەشخۇلات قىلساق بولىدۇ.ئەگەر بۇ ئىككى خىل ھالەت بولمىسا ئۇنداقتا چوقۇم ئاستىدىكى ئۈچ خىل ھالەتتە بولىدۇ.رەسىمدىكى ھالەت بويىچە سېھىرلىك كۇبىڭىزنى توغرىلىۋالغاندىن كېيىن كۆرسەتمە بويىچە مەشخۇلات قىلسىڭىز بولىدۇ.يەنى بۇرەسىملەرنىڭ ئاستىدىكى 1-قۇرنىڭ ئاستىنقى يۈزى مەشخۇلات ۋاقتىدا ئۆزىڭىزگە قارايدىغان يۈزدىن ئىبارەت.
6-باسقۇچ:3-قۇر بۇلۇڭنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش.(ئۈستۈنكى يۈز رەڭگى توغرىلىنىپ بولغان بۇلۇڭ كۇبچىسىنىڭ قالغان ئىككى يۈز رەڭگىنى توغرا مەركىزىي رەڭ بىلەن توغرىلاش)
بۇ باسقۇچتا ئالدى بىلەن يان تەرەپ يۈز رەڭگىنىڭ ئوخشاش رەڭگە توغرىلىنىپ بولغان ئىككى كۇبچىنىڭ بار-يوقلۇقىنى كۆزىتمىز، رەسىم1-6دە كۆرسىتىلگەندەك. ئەگەر بار بولسا ئوخشاش رەڭگە كەلگەن يۈزنى ئۆزىمىزگە قارىتىمىز يەنى F يۈز، ئاندىن فورمۇلا 6ئارقىلىقلا بۇباسقۇچنى ئاخىرلاشتۇرغىلى بولىدۇ. ئەگەر ئوخشاش رەڭگە كەلگەن يۈز بولمىسا، فورمۇلا 6نى خالىغانچە بىر قېتىم ئىشلىسەك چوقۇم ئوخشاش رەڭ ھالىتىگە كېلىدۇ، ئاندىن فورمۇلا 6نى يەنە بىر قېتىم ئىشلەتسەكلا بولىدۇ.
7-باسقۇچ:3-قۇر بۇرجەكنى توغرىلاش(ئۈستۈنكى يۈزى توغرىلىنىپ بولغان بۇرجەك كۇبچىنىڭ يەنە بىر يۈزىنى قالغان تۆت يۈزنىڭ مەركىزىي كۇبچىسى بىلەن توغرىلاش)
سېھىرلىك كۇبنىڭ ئۈستۈنكى قۇر بۇلۇڭ كۇبچىلىرى ئەسلىگە كېلىپ بولغاندىن كېيىن بۇرجەك كۇبچىنىڭ ئورنىنى كۈزىتىمىز. نورمال ئەھۋالدا قولىڭىزدىكى سېھىرلىك كۇبنىڭ ھالىتى تۆۋەندىكى تۆت خىل ھالەتنىڭ بىرى بولىدۇ، ئەگەر1-7 رەسىمدىكى ھالەت بولسا فورمۇلا 7 نى بىر قېتىم ئىشلەتسەكلا تاماملىندۇ. ئەگەر قالغان ئۈچ خىل شەكىلدە بولسا رەسىمدىكى كۆرسەتمە بويىچە مەشخۇلات قىلسىڭىز بولىدۇ.
دىققەت: يوقۇرقى مەشخۇلاتلارنى ئىشلىگەندە چوقۇم F يۈزنى توغرا تاللاشقا ھەم ھەربىر باسقۇچتا باشتىن ئاخىر ئالمىشىپ كەتمەسلىككە دىققەت قىلىڭ!
مۇبارەك بولسۇن! سېھىرلىك كۇبنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسولىنى ئۆگىنىپ بولدىڭىز، تۇنجى قېتىم ئەسلىگە كەلتۈرگەندىكى ھاياجاندىن ھۇزۇرلىنىڭ.
بۇ سېھىرلىك كۇبنىڭ ئاددىي ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسولى بولۇپ ئىگەللەپ بولغاندىن كېيىن بىر مىنۇت ئىچىدە چوقۇم تۈزەپ بولالايسىز، سىناپ كۆرۈڭ.
|
|