قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3037|ئىنكاس: 18

قەيسەر مىجىت: خاسكېي خاتىرىلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

95

تېما

36

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   6.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 57
مۇنبەر پۇلى: 915
تۆھپە : 4453
توردىكى ۋاقتى: 261
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2014-4-3 16:11:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

   ئېلاۋە: مەن ئۆزۈم ئىت يىللىق ئادەم، ئامىرىكىدىكى ماڭا ئوقۇش مۇكاپاتى بەرگەن ئالى مەكتەپكە كەلسەم بۇ مەكتەپنىڭ مەكتەپ سىمۋولى (مەسكوتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) -خاسكېي ئىكەن. ئامىرىكىدا مەكتەپلەر ئۆزلىرىنىڭ روھىغا  ياخشى ۋەكىللىك قىلالايدۇ دەپ قارىغان ھەم ياخشى كۆرگەن نەرسىلەرنى جۈملىدىن ھايۋانلارنى مەكتەپنىڭ سىمۋولى قىلىپ قويۇۋالىدىكەن.
خاسكېي  - سېبىرىيىدە ياشايدىغان بىر خىل ئىت بولۇپ ئۆزىنىڭ چىدامچانلىغى، ۋاپادارلىغى ۋە سەزگۈرلىگى بىلەن تونۇلغان ئىكەن..  .
مەن بۇ مەكتەپكە كىلىپ بىر ھازادىن كىيىنلا ئاندىن بۇ خاسكېي دىگەن گەپنىڭ نىمىلىگىنى چۈشەندىم.
       مىنىڭ بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىقىپ بولغىنىمغا ئۇزۇن بولدى. ئەمما خىزمىتىمگە بىرىش ئۈچۈن ھەر كۈنى بۇ مەكتەپتىن ئۆتىمەن. بۇ ماڭا مىنىڭ بوستونغا يىڭى كەلگەن چاغدىكى سەرگۈزەشتىلىرىمنى كىنو لىنتىسىدەك خىيال ئىكرانىمدا قويۇپ تۇرىدۇ. شۇنداق بولغانلىقتىن مەن قىسقىچە قىلىپ ھايات كارتېنىلىرىمنىڭ ئاشۇ قىسمىنى قەغەز يۈزىگە يىزىپ چىققان ئىدىم.
     ئۇ ئەسەر ئېنگىلىزچە بولۇپ- گېزىت ياكى جورنالدا ئىلان قىلىنىشىنى ئۈمىت قىلىپ تۇرۇپتىمەن. تۇيۇقسىز تۈنۈگۈن ئاشۇ ئەسىرىمنىڭ مۇقەددىمە قىسمىنى باغداش ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇش ئارزۇسى پەيدا بولدى-دە گاچچىدە تەرجىمە قىلىۋەتتىم .
دىمەك، مەن ھوزۇرۇڭلار ئۈچۈن ئۆزۈم يازغان ئېنگىلىزچە ئەسەرنىڭ كىچىككىنە بىر قىسمىنى تەرجىمە قىلىپ باقتىم. قالغان قىسمىنى ئەسەر مەتبۇئاتتا ئىلان قىلىنغاندىن كىيىنلا ئاندىن تەرجىمە قىلىمەن، ئاللاھ بۇيرىسا!


********************************************************************************************


خاسكېي خاتىرىلىرى


قەيسەر مىجىت


         2009 – يىلى ماي ئايلىرىنىڭ بىرى ئىدى. مەن بوستوندىن پلايمائۇس*(پلايمائوس-ياۋروپالىقلار بۇ زىمىنغا قەدەم باسقان تۇنجى زېمىن، ساياھەت رايۇنى) غىچە ماڭىدىغان پويىزدا ئولتۇرۇپ توماس فرەدمەننىڭ "دۇنيا تەكشىدۇر" دىگەن كىتاۋىنى بىرىلىپ ئوقۇۋاتاتتىم، تۇيۇقسىز "بېشىڭنى كۆتۈر" دىگەندەك شەپە بولدى، بىشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام مەن ئولتۇرغان ئورۇننىڭ ئۇدۇلىدا سالاپەتلىك كىيىنگەن نازاكەتلىك بىر ياش خانىم قىزىقىش  بىلەن ماڭا قاراپ گويا "سالام يىڭى كەلگەن ئادىماخۇن" دىگەندەك مەنادا كۈلۈمسىرەپ قاراپ ئولتۇرۇپتۇ.
        ۋاي بۇنداق تاتلىق سالامنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلمامدىغان؟ چۈنكىقىزىقىش ۋە ھەۋەس ئادەمنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىدۇ-دە! مەن ئۇنىڭ كۈلۈمسىرىشىنىڭ تېگىگە يەتمەكچى بولدۇم، سەۋەبى مەن ھەممە يولۇچىسى كۆك-كۆز، سېرىق چاچ بولغان بۇ پويىزدا چىراي شەكلىمنىڭ ئوخشىماسلىغى بىلەن پەرقلىنىپ تۇراتتىم.
        سۆھبىتىمىز تەبئىي باشلىنىپ خۇددى قازاندىكى مايغا ئوت كەتكەندەك، ئوت كەتتى.
كۈتكىنىمدەك، سۆھبەت باشلا –باشلىنالمايلا ئۇ مەندىن سورىدى:
-قەيەردىن كەلدىڭىز ئەپەندىم؟
بوستوندىكى ئۇزۇن يىللىق ھاياتىمدا بۇ سوئاللارنى نۇرغۇن قىتىم ئاڭلىغاندىمەن، بۇ سۇئالغا شۇ قەدەر كۆنۈك بوپ قالدىمكى گويا بەزىدە كىشىلەرگە پۇل بىرىپ سوراتقۇدەك.
       ئەلۋەتتە، مىنىڭمۇ بۇ سۇئالغا جاۋاپ بىرىش جەريانىدا تىپىۋالغان بىرلا ئۆلچەملىك ئۇسۇلۇم بار، يەنى سۇئال سورىغۇچىدىكى چىراي ئىپادىسىگە قاراپ، ئەگەر ئۇنىڭدىن دوستانىلىق چىقسا ئۇنىڭغا قىزىقىش ۋە كۈلكە بىغىشلايمەن، ئەگەر سوغۇقلۇق ۋە چەتكە قىقىش چىقسا، ئۇنى تىرىكتۈرىمەن (ئامىرىكىدا كۆچمەنلەرنى ياقتۇرمايدىغان ئېرقچى ئاق-تەنلىكلەرمۇ بار، مەنمۇ ئۇچرىغان ئۇلارنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە). ھەر كىم ئۆز نىيىتىگە چۇشلۇق نىسىۋىسىنى ئىلىشى كىرەك، شۇنداققۇ؟
مەن ئۆزۇمچە كىتىپ كىتىپ تۇرمۇشۇمدا رىۋايەتلەردىكى ئەپەندىمنى دوراپ قويىمەن  بوپمۇ مۇشۇنداق سوئال سورالغاندا ئەپەندىمگە ئوخشاش سۇئال سورىغۇچىغا سۇئال بىلەن جاۋاپ بىرىمەن.
-        قىنى قىياس قىلىپ بىقىڭە مەن نەدىن كەلگەندىمەن؟
-        جەنۇبى ئامېرىكىدىن؟
-        نو،  سىنيورىتا!
(ئۇنداق ئەمەس خانىم دىدىم ئىسپانچە، بۇ خانىمنىڭ مىنى ئىسپانلارغا ئوخشاتقىنىدىن  ھەيران قالمىدىم، چۈنكى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايى جەنۇبى ئامىرىكا قىتئەسىدىكى بەزى دۆلەتلەردە ياشايدىغان ئىسپانلارغا ئوخشاپ كىتىدۇ، بوستوندا ئىسپانلارنىڭ مىنى "ئىسپان" دەپ مۇئامىلە قىلىپ تۇرۇشلىرى دائىم بوپ تۇرىدۇ، بۇنداق چاغدا، "سى سىنيورىتا" دەپلا قۇتۇلىمەن.
چۈنكى، "ھەئە" گە سوت يوق.
مەن بوستونغا كەلگەندە تەنھا ئۇيغۇر ئىدىم، ئۇ چاغدا ياش  ھەم شاش ئىدىم. ئۆزۈمنى-ئۆزۈمنى خوش قىلىپ كۆڭلۈمنى كۆتۈرمىسەم مۇساپىرچىلىق مىنى يەپ كىتەتتى. شۇڭا ئەتراپقا بەكلا زەڭ سالاتتىم. جۈملىدىن  مىنىڭمۇ كۆزۈمگە ئىسپانلارنىڭ ئۇيغۇرنىڭ ساھىپجاماللىرىغا ئوخشايدىغان قىزلىرى ئۇچرىغاندا "ئۇيغۇرمىدۇ" دىگەن گۇمان بىلەن بىر نەچچە قىتىم قارشى تەرەپ ئىسپانچە سۆزلىمىگىچە بولدى قىلماي ئەگىشىپ كىتىپ قالغان چاغلىرىم بولغان ئىدى. "يىڭى تۇغۇلغان موزاي يولۋاستىن قورقماپتۇ" دىگەن شۇ-دە. ئۇ قىزلاردىن بىرى ماۋۇ ئىسپان كەينىمگە كىرىۋالدى دەپ ئەرز قىلىپ سالغان بولسا خارۋاردتقا  ئوقۇشقا ئەمەس، قارا ئۆيگە سولىنىپ خالا تازىلايدىغان كۈنگە قالىدىغان گەپكەن ئەمەسمۇ؟  شۇ يېڭىياچىلىقتا كۆزۈمگە گۈزەل كۆرۇنگەن ئسپان قىزلارنى ئۇيغۇرنىڭ قىزلىرىغا ئوخشىتىپ ،كۆرۈمسىزلىرىنى باشقىلىرىغا ئوخشىتىپ خىيال قىلغانلىرىمنى ھازىر ئويلىسام كۈلگۈم كىلىدۇ، خىجىل بولغۇدەك .ئىش يوق-ھە؟ بۇنى دەپ قوياي.
  شۇ كەچمىشلەرنىڭ تەسىرىدىن


سۆيگۈنۈمنى ئەسلىتىدۇ بەك،

ساھىپجامال ئىسپان قىزلىرى


دىگەن مىسرالار بىلەن شىئېر يىزىپ 1998-يىلى ئۈرۈمچىدە بىر گىزىتتە ئىلان قىلغان يەرلىرىممۇ بولغان ئىدى.)
سۆھبىتىمىز داۋاملىشىۋاتىدۇ. خانىم يەنە سورىدى:
-روسىيەدىنمۇ؟
-نىيەت دىدىم  بىشىمنى چايقاپ.
-        ئەمىسە ياپوندىن؟
-        ئى، ئىيە
-        
بۇ خانىم ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۇۋاتامدۇ ياكى مەلۇم كۈزۈتۈشكە ئاساسەن شۇنداق دەۋاتامدۇ، بۇنىسى ماڭا نامەلۇم.
ئۇ ھەيرانلىققا چۆكتى ۋە مەندىن مىنىڭ كىملىگىمنى ئىيتىپ بىرىشىمنى ئۆتۈندى.
بۇ يول 70 مىنۇتلۇق يول-دە.
ئەمدى جىننى بوتۇلكىدىن چىقىرىپ قويدىڭىز، ئالدىراپ سولىيالمايسىز، خانىم " دەپ ئويلاپ كۇلۇپ قويدۇم ئۇنىڭغا قاراپ ئىچىمدە ۋە دىدىم چاقچاق ئارىلاش:
-يەنە بىر سىناپ بىقىڭ، سىناپ باققانغا باج ئالمايدۇ بۇ بىزنىڭ تاكساچۇسېتتا، ھوي كەچۈرۈڭ ماساچۇسىتتا (ئىشتاتنىڭ ئىسمى ماسساچۇسىت بولۇپ، ئۇنى تاكساچۇسىتت دەپ ئەتەي شۇنداق تەلەپپۇز قىلدىم، چۈنكى ماسساچۇسىتتا باج ئىغىرراق بولۇپ تاكساچۇسىت دىگەن سۆز باجلار ماكانى دىگەن مەنىنى بىرەتتى).
-        بولدى شەھرىمنى بەردىم سىزگە دىدى ئۇ.
-        قاراڭ خانىم دىدىم مەن ئۇنىڭغا، مەن تىپىك بىر ئىنسان، ماكانىم يەر شارىدۇر. ئىككى كۆزۈم بار، ئىككى قۇلىغىم بار. ئەگەر ئۈچ كۆزۈم بوپ قالغان بولسا نىمە دەپ ئويلايتتىڭىز؟ ياخشى ئويلىسىڭىز مىنى تاشقى پىلانىتتىن كەلگەن دەيتتىڭىز، يامان ئويلىغان بولسىڭىز ئالۋاستى دەپ ئويلايتتىڭىز. قاراڭ، سىزگە قويۇپ بەرسەم سىز مېنى يەر شارىدىكى ھەر قانداق بىر دۆلەتتىن كەلگەن ئادەم قىلىۋەتكۈدەكسىز . ئەمدى مەن سىزگە راست ھەقىقەتنى ئىيتىپ بىرەي -ھە.
ئۇنىڭ قۇلىغى تىك تۇردى.
مەن ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىنىڭ پۇشتى.
-        ھا ھا ھا، كۈلۈپ كەتتى ئۇ.
-        راستىنى دەۋىتىڭە؟
  بۇقىغا چاپلاشقان كانىدەك چاپلاشقانلىقتەك بۇ.
بۇدۇشقاق بىلەن كانا تۇتۇشۇپ قالدى دىگەن مۇشۇ. دەرۋىشتەك چۆگىلەيمەنلا دىسەڭ، مەن ساڭا ناخشامنى ئىيتىپ بىرىلىۋىرىمەن.
قارىسام ئۇ بۇ ئۇزۇن يولنى مەن بىلەن پاراڭلىشىپ تۈگۈتۈۋىتىش نىيىتىگە كەلگەندەك تۇراتتى.
-        مەن 25% ئايرىش (ئىرلاندىيە پۇشتىدىن بولغانلارنى ئايرىش دەپ قويىدۇ، ئامېرىكىنىڭ 1960 يىللىرىدا قەستكە ئۇچرىغان مەشھۇر پرەزىدېنتى جون ف. كەنندىيمۇ ئايرىش ئىدى)
-        نىمەئەئەئەئە؟ ئۇنىڭ قىپ قىزىل سۇرۇق سۈرۈۋالغان لەۋلىرى نازۇك مىدىرلاپ ئىغىزلىرى يوغان ئىچىلدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن بۇ گىپىمگە بولغان ئىشەنمەسلىك چىقىپ تۇراتتى. ئەلۋەتتە ئۇ ھەيران قالىدۇ - دە بۇ جاۋابىمغا ياكى مىنىڭ كۆزۈم كۆك ئەمەس، ياكى چىچىم سېرىق)
---قارا، مەن ئامىرىكىغا كەلگەندە تۇنجى بولۇپ بوستونغا، تەد كەننىدينىڭ زىمىنىغا چۈشتۈم (بوستوندا ئايرىشلارنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولۇپ تەد كەننېدي - پرەزىدىنت جون ف. كەننېدينىڭ ئىنىسى بولۇپ يۇقۇرى پالاتا ئەزاسى ئىدى، نەچچە يىل ئىلگىرى ئالەمدىن ئۆتتى). ئاسپىراتۇرلۇقتا ئوقۇش ئۇچۇن ئاۋال شەرقى شىمال ئۇنىۋەرسىتىتىغا كىيىن خاااۋىدقا  (بوستونلۇقلارنىڭ تەلەپپۇزى ئۆزگىچە بولۇپ مەن قەستەن شۇ تەلەپپۇزدا ياخشى دىيەلەيدىغان  گەپلىرىمنى قوشۇپ سۆزلىدىم( باردىم. شوپۇرلۇق كىنىشكەمنى ئالغاندىن كىيىن ماشىنامنى ئىيەپوتقا (ئايرودۇرۇمغا) توختاتتىم ئاندىن كىشىلەر بىلەن دوستلاشتىم. مىنىڭ يىقىن دوستۇم ئايرىش خىزمەتداشلىرىممۇ قوشنىلىرىممۇ ئايرىش ھەتتە مىنىڭ ئوغلۇمنىڭ دوستلىرىمۇ ئايرىش. ھەپتە ئاخىرلىرى ئىچىدىغىنىم گېننىىس (ئېرلاندىيە ئىچىملىكى) ، پەقەت مەن قىلمىغان بىر ئىش، مەن ئوغلۇمنىڭ ئوتتۇردىكى ئىسمىنى ئو'’كوننېر دەپ قويمىدىم. (ئو' كوننېر تىپىك ئايرىشچە ئىسىم بولۇپ، بۇ ئىسىمنى قويغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئايرىش ئەۋلاتلىرىدۇ
.)
---Ha ha ha، سەن راستىنلا قىزىقچىكەنسەن، كۇلۇپ كەتتى ئۇ،  ھەتتا مەنمۇ يىرىم ئايرىش
---مانا دىمىدىممۇ مەن بۇ پويىزدىمۇ تومۇرىدا ئېرلاندىيەلكنىڭ قىنى ئىقىۋاتقان ئامېركىلىق خانىم بىلەن پاراڭلىشىۋىتىپتىمەن.
بۇ گەپ بىلەن ھەر ئىككىمىز ھوزۇرلىنىپ كۈلۈپ كىتىشتۇق. مەن ئەمدى چاقچاقلارنى قىلىپ بولدۇم، ئەمدى بۇ خانىمغا راست گەپنى ئىيتىپ بىرىشىم كىرەك بولدى.  ئۇنىڭغا ھىكايەمنى سۆزلەپ بىرىۋاتقان دەل شۇ مىنۇتلاردا مەن بوستوندا ئۆتكەن ھاياتىمدىن بىر خىل رازىمەنلىك ھىس قىلغاندەك تۇيغۇدا بولدۇم.
دەل مۇشۇ تۇيغۇ مىنىڭ خىيالىرىمنى ئۆتمۈشكە ئىلىپ كەتتى......


......





ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

ئانا تىلىم _ جان

13

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   23.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  59
يازما سانى: 856
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 4044
تۆھپە : 3270
توردىكى ۋاقتى: 2435
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-3 23:19:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  
   ئەڭ قىززىق يېرىگە كەلگەندە ................  شۇنداق قىلىپ يىرىم ئايرىش قىز نەلىكلىگىڭىزنى بىلگەندە قانداق بولۇپ قالغاندۇ ؟؟؟؟؟

2

تېما

0

دوست

3853

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   61.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11648
يازما سانى: 173
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 418
تۆھپە : 930
توردىكى ۋاقتى: 297
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-3 23:19:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپلا داۋامىنى قاچان ئۇقارمىز ئەمدى؟

0

تېما

5

دوست

870

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16795
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 268
توردىكى ۋاقتى: 93
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-3 23:43:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىلى قىزىقارلىق  چىقىپتۇ داۋامىنى قاچان ئوقارمىز

0

تېما

8

دوست

1599

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   59.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23688
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 506
توردىكى ۋاقتى: 104
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-3 23:50:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي-ۋۇي،قەيسەركا....راسلا سەۋرى-تاقەتلىك قىزكەن جۇما-ئۇ،مەن ئۇقىۋىتىپمۇ قەيسەركام زادى نەلىك بولغىيتى دەپ قالدىم...
لىكىن راسلا قىززىق چىقىپتۇ...يېڭى،يېڭى تىمىلار سەرخىل بۇلۇپ كېتۋاتىدۇ دىسە،كەينى قاچان چىقار ئەمدى؟ياش ۋە شاش ۋاقىتلىرىڭىزنى بىلپ باقساق بولىتى،ئىسپانلىق قىزلارنىڭ گىپىنى دىگەندەك،ھەجەب كەينىنى چىقارماپسىز دەيمەن،يامان يېرىدە توختاپ قاپتۇ.

0

تېما

0

دوست

728

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   45.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17539
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 236
توردىكى ۋاقتى: 64
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-3 23:57:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېنى ئاخىرى؟

0

تېما

3

دوست

1821

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   82.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22684
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 568
توردىكى ۋاقتى: 131
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-4 11:08:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەيسەركا، ئادەمنى تەقەزا قىلماي داۋامىنى تىزراق يوللاڭە.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )