قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3932|ئىنكاس: 11

نىياز دېھقان (نىياز پالۋان) توغرىسىدىكى يېڭى ئەھۋاللار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

1

دوست

1186

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   18.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26579
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 62
تۆھپە : 486
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-5 20:47:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىياز دېھقان (نىياز پالۋان) توغرىسىدىكى يېڭى ئەھۋاللار

ئابلىمىت ئابدۇللا
           (ئاپتور: قومۇل تۆمۇريول ج خ باشقارمىسىدا)
     


     مەن ئىلگىرى «ئىز» رومانىدا تىلغا ئېلىنغان نىياز پالۋان (نىياز دېھقان) نىڭ ھاياتى-پائالىيەتلىرىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلىپ يازغان:«نىياز دېھقاننىڭ ھاياتى-پائالىيەتلىرى توغرىسىدا» ناملىق ماقالەمنى نىياز  دېھقاننىڭ  1940-يىللىرىدىكى ئەھۋالى  نامەلۇم  دەپ  ئاياقلاشتۇرغان  ئىدىم.  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەن يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا نىياز دېھقاننىڭ كېيىنكى ھاياتى ۋە تەقدىرى توغرىلىق ئىزدىنىپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق نىياز دېھقاننىڭ جاللات شېڭ شىسەي (1897-1970) تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئەھۋاللار توغرىلىق بىر قىسىم يېڭى ئۇچۇرلارغا ئېگە بولدۇم. مەن نىياز دېھقاننىڭ كېيىنكى ھاياتى ۋە تەقدىرى توغرىلىق بىۋاستە سۆھبەتلەشكەن كىشىلەرنىڭ بايانلىرىنى ئۆز ئاغزى بايان قىلدىم:

     گومىنداڭ دەۋرىدىكى قومۇلنىڭ ۋالىسى يولۋاس (1889-1971) نىڭ نەۋرىسى، قومۇل شەھرى تۆۋەن ئاقيەردە ئولتۇرۇشلۇق ناسىربەگ (يولۋاسنىڭ چوڭ ئوغلى نىياز بەگ ‹1906-1960› نىڭ ئوغلى، 2004-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى 77 يېشىدا قومۇل شەھرىدە ۋاپات بولغان) مۇنداق ئەسلەيدۇ:«1937-يىلى 4-ئايدا بوۋام يولۋاس جاللات شېڭ شىسەينىڭ قانلىق قېلىچىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ئىچكىرىگە قاچقاندا ئۇ بالىلىرى بىلەن مېنىمۇ ئېلىپ ماڭغان ئىدى.بىز خوتۇنتامدىكى ئەڭلەر غولىغا بارغاندا، نىياز دېھقان بوۋام بىلەن ئۇچراشتى. سالامدىن كېيىن، بوۋام نىياز دېھقانغا:‹دېھقان ئاكا (بوۋام نىياز دېھقاندىن كىچىك بولغاچقا نىياز ئۇنى ئاكا دەيتتى) تەييارلانسىلا بىرگە ئىچكىرىسىگە كېتەيلى، قومۇلنىڭ ئىشى تۈگىدى، ئەمدى قاچمىساق بولمىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى ستالىن (1879-1953) جاللات شېڭ شىسەينى قوللاپ شىنجاڭنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋاتىدۇ› دىگەندە؛ نىياز دېھقان:‹بىگىم ئۆزلىرى مېڭىۋەرسىلا، مەن بالىلىرىمنى تاشلاپ كېتەلمەيمەن. ۋاقتى كەلگەندە بېشىمغا كەلگەننى كۆرەرمەن› دېگەندە، بوۋام:‹ھەي دېھقان ئاكا يامان قىلدىلا سەگەك بولسىلا ئامان بولساق كۆرۈشەرمىز، مېنىڭ دېگەنلىرىمنىڭ راس ياكى يالغان ئىكەنلىكىنى ئۈچ كۈندىن كېيىن بىلىپ قالىلا› دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىز كېتىپ قالدۇق. 1946-يىلى 2-ئايدا بىز سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ چىڭدۇ شەھرى (四川省成都市) دىن قومۇلغا قايتىپ چىقساق نىياز دېھقاننىڭ 1938-يىلى 10-ئايدا خائىنلارنىڭ ساتقىنلىقى بىلەن جاللات شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىدۇق. شۇ ۋاقىتتا بوۋام ھەسرەتلەنگەن ھالدا:‹ھەي نىياز دېھقان، بىز بىلەن بىللە كەتكەن بولسىلا ياخشى بولار ئىدى، بالىلارنىڭ كۈنىمۇ ئۆتەردىغۇ؟ ھەي تەقدىر ئامال يوق› دېگەنىدى».
   دۆربەجىن جىگدە بۇلاقلىق شاۋانبەگ موللام (1894-1977) نىڭ قىزى گۈلسۈمخان(خېنىم دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ يىل 80 ياش) مۇنداق ئەسلەيدۇ:«1937-يىلى10-ئاي مەزگىلى ئىدى، نىياز دېھقان چوڭ دادام① جاللات شېڭ شىسەينىڭ جاللاتلىرىدىن ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ بىزنىڭ دۆربەجىن چوڭ تۇردىكى ئۆيىمىزنىڭ شەرق تەرىپىدىكى ئىگىز بولۇق ئۆسكەن چېغىرتماقلىققا يوشۇرۇنىۋالغان ئىدى. بىز ھەر كۈنى چوڭ دادامغا تاماق ئەپىرىپ بېرەتتۇق. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ھاشىم ھاجى②، ھوشۇر مۇسا③، شاۋاز④ لارنىڭ دۆربەجىندىكى پايلاقچىسى XX چوڭ دادامنىڭ دۆربەجىندە يوشۇرۇنغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ XX⑤ قومۇل ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىگە ئاخبارات بەرگەن ئىكەن، چوڭ دادام سەزگۈر ئادەم بولغاچقا بۇ ئىشتىن ئالدىن خەۋەر تېپىپ بىزنىڭ ئۆيدىن خېچىرىغا مىنىپ راھاتباغ چوڭتۇردىكى بىزنىڭ ئاتا جەمەت تۇققانلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قوناقلىققا يوشۇرۇنىدۇ. مەن بىر قېتىم راھاتباغقا تۇققانلارنىڭ ئۆيىگە بارغىنىمدا قوناقلىققا چوڭ دادامغا پىشىن نامىزى ئۈچۈن تەرەت سۈيىنى كۆتۈرۈپ قوناقلىققا بېرىپ چوڭ دادامنى تاپالماي تۇرسام، بىر ۋاقىتتا چوڭ دادام ھۆتۈلۈپ شەپە بېرىۋىدى ئاندىن چوڭ دادامنى تاپقان ئىدىم. ئۈچ كۈندىن كېيىن چوڭ دادام قومۇل شەھرىنىڭ غەربىدىكى ئاقار ئارقىلىق قالىغايتىغا چىقىپ كەتتى».
  مەرھۇم دادام ئابدۇللا ئاخۇن⑦ مۇنداق ئەسلەيدۇ:«1937-يىلى 10-ئاي كۈنلەر ئىدى، بىر كۈنى كەچ بىز غولئېرىق مەسچىتتىكى جامائەتلەر ئەمدىلا خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇشقا باشلىغان ئىدىق. شۇ ئارىدا بىر ماشىنا كىلىپ مەسچىتنىڭ ئالدىدا توختىدى (ئۇ ۋاقىتتا مەسچىتنىڭ چوڭ دەرۋازىسى جەنۇپقا قارايتتى) ۋە ئون نەچچە ئەسكەر مەسچىتكە باستۇرۇپ كىرىپ سەپلەرنى ئارىلاپ نىياز دېھقان چوڭ دادام⑧ نى ئىزدەپ جامائەتنىڭ نامىزىنى بۇزۇپ تاشلىدى. ئەسكەرلەر چوڭ دادامنى تاپالماي چىقىپ كەتكەندىن كېيىن بىز نامازنى قايتىدىن ئوقۇدۇق. كىيىن ئۇقۇشساق مەسچىتكە ئەسكەرلەرنى باشلاپ كىرگەنلەر ھوشۇر موسا بىلەن شاۋازلار ئىكەن».
  مەرھۇم ئانام زىلىخە ئاپپاق⑨ مۇنداق ئەسلەيدۇ:«بازاردىن چوڭ دادامنى تۇتقىلى ماشىنا چىقىپتۇ دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ ئۆيدىن يۈگرەپ سىرتقا چىقسام، مەسچىتنىڭ ئالدىدا (ئۆيىمىز مەسچىتكە يېقىن ئىدى) بىر ماشىنا تۇرۇپتۇ، ماشىنىنىڭ ئۈستىدە قوللىرى كەينىگە قايرىپ باغلانغان ئۈچ ئادەم بار ئىكەن، باشلىرىغا كۆك خالتا كەيگۈزۈپ قويۇپتۇ. ئەسكەرلەر چوڭ دادامنى تاپالمىغاندىن كېيىن ماشىنىنى ھەيدەپ كېتىپ قالدى. كېيىن ئاڭلىساق بۇ ئۈچ كىشى يۇقىرى ئاقيەرلىك ئەزىز دورغا (1885-1948)، تۇرسۇن دورغا (1880-1953) ۋە بارات باي (1884-1977) لار ئىكەن⑩. مەرھۇم ئانام يەنە مۇنداق دېگەنىدى:‹شېڭ شىسەي تۈمىسىدىن قايتىپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئانچە ئۇزۇن ياشىيالمىدى، چۈنكى شېڭ شىسەينىڭ جاللاتلىرى ئۇلارنى دەھشەتلىك قىيىنىغاچقا بەدەنلىرىدە قان ئۇيۇپ خۇددى قوينىڭ جىگىرىدەك بولۇپ كېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ بەدەنلىرىنى كۆرگەن ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئىچى ئۆرتىنىپ كۆزىگە ياش كىلىدۇ›. چوڭ دادام دۆربەجىندىن راھاتباغ  تۆۋەنتۇرغا قېچىپ بېرىپ، ئۇ يەردىن ئاقار ئارقىلىق قالىغايتىغا چىقىپ چوڭ ئوغلى تۇرسۇن ئاخۇن⑾ نىڭ ھەمرالىقىدا ئىككى ئاتقا خېلى ۋاقىت يەتكىدەك يىمەك-ئىچمەكنى ئارتىپ قالىغايتى بىلەن قۇرۇلۇق ئوتتۇرىسىدىكى ئادەم ئاسانلىقچە بايقىيالمايدىغان تاغ ئۆڭكۈرىگە يوشۇرۇنىدۇ.ھوشۇر موسا بىلەن شاۋاز ئەسكەرلەرنى باشلاپ ئىز بېسىپ قوغلاپ قالىغايتىغا چىقىپ چوڭ دادامنى ئىزدەپ تاپالمىغاندىن كېيىن قومۇلغا قايتىپ كىلىپ ھاشىم ھاجىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار چوڭ دادامنى:‹تاشقى موڭغۇلىيىگە چىقىپ كەتكەن بولسا كېرەك› دېگەن خۇلاسىگە كىلىپ ئىزدەشنى توختىتىدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە چوڭ داداملارنىڭ يىمەكلىكى تۈگەپ قېلىپ تۇرسۇن ئاخۇن كېچىدە قالىغايتىدىكى ئۆيىگە كېلىپ ئىككى ئاتقا يىمەكلىكنى ئارتىپ تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى مەھەللىدىن چىقىپ كېتىۋاتقاندا شۇ مەھەللىدىكى يامان نىيەتلىك بىر ئايال تۇرسۇن ئاخۇننى كۆرۈپ قالىدۇ ۋە ئەتىسى ئىشەكنى مىنىپ قۇرۇلۇقتىكى XX قا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىدۇ. XX دەرھال ئېتىنى چاپتۇرغىنىچە قومۇلغا كېلىپ ھاشىم ھاجى ۋە ھوشۇر موسالارغا:‹خۇش-خەۋەر، خۇش-خەۋەر نىياز دېھقان يېقىن ئەتراپتا بار ئىكەن›-دەپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھوشۇر موسا بىلەن شاۋاز ئىككىنچى قېتىم بىر ماشىنا چېرىكنى باشلاپ قالىغايتىغا چىقىپ نىياز دېھقان چوڭ دادامنىڭ ئۆيىنى ماكان تۇتۇپ چوڭ دادامنى ئىزدەشكە باشلايدۇ. ئۇلار ھەرقانچە ئىزدەپمۇ چوڭ دادامنىڭ يوشۇرۇنغان جايىنى تاپالمىغاندىن كېيىن ئابدۇللا ئاخۇن كىچىك دادام (1889-1965) بىلەن ئابدۇگۈلى ئاخۇن كىچىك دادام (كېيىنكى كۈنلەردىكى مەشھۇر سۇنۇقچى، 1891-1974) لارنى ۋە ئابدۇرېشىت ئاخۇن (1870-1948) چوڭ دادامنىڭ چوڭ ئوغلى مامۇت ئاخۇن (1896-1994)، 2-ئوغلى ئىمىن ئاخۇن (1894-1989)، 3-ئوغلى گاھىت ئاخۇن (1899-1985) بىلەن تاھىر ھاجى چوڭ دادام (1879-1936) نىڭ چوڭ ئوغلى ئىبراھىم ئاخۇن (بازار ئاخۇن دەپمۇ ئاتىلىدۇ، 1906-1946)، 2-ئوغلى ئىسمائىل ئىمام (1910-1993)، 3-ئوغلى ئىساق موللام (1913-1989) قاتارلىقلارنى:‹نىياز دېھقاننى تېپىڭلار› دەپ ئۇرۇپ-ساۋاپ قىيىن-قىستاققا ئالىدۇ. ئۇلار:‹نىياز دېھاننىڭ نەدىلىكىنى بىلمەيمىز› دەپ سىر بەرمەيدۇ⑿. چوڭ دادام ئۆڭكۈردە يوشۇرۇنۇپ تۇرغان كۈنلەردە قومۇل شەھرى پالۋانتۇر يېزا غولئېرىق كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق 2-ئايالى خوشنارىخاندىن تۇغۇلغان چوڭ ئوغلى ھامۇت ئاخۇن (ئاخۇنقارى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، 1914-1990) دادىسىنى (چوڭ دادامنى) يوقلاپ قالىغايتىغا چىقىپ ئاكىسى تۇرسۇن ئاخۇننىڭ يول باشلىشى بىلەن ئۆڭكۈرگە بارىدۇ. سالامدىن كېيىن:‹دادا: ئايالىم ھەجەرخان (1923-1985) ئوغۇل تۇغدى، ئاچام سارىخان (ئايتۈرۈك ئايلا دەپمۇ ئاتىلىدۇ‹1917-1954›) مۇ ئوغۇل تۇغدى، ئايلىرىپام (ئاپتورنىڭ ئاپىسى) قىز تۇغدى› دېگەندە، چوڭ دادام كۆزىگە ياش ئېلىپ ‹خۇدا ئاشۇ بالىلارنى كۆرۈشكە نىسىپ بولارمۇ؟ قومۇلدىكى تۇققانلارغا سالام ئېيت! ئايلاغا (ئاپتورنىڭ ئاپىسى) مەندىن ئالاھىدە سالام ئېيت، چۈنكى ئايلانىڭ دادىسى يوق (قاسىم پالۋاننىڭ قۇربان بولۇپ كەتكەنلىكىنى دىمەكچى)...› دەيدۇ. ھامۇت ئاخۇن چوڭ دادام بىلەن خوشلۇشۇپ قومۇلغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئالاھىدە مېنى يوقلاپ ئۆيگە كېلىپ، چوڭ دادامنىڭ سالىمىنى ۋە ئەھۋالىنى يەتكۈزگەندە مەنمۇ ئۈن سېلىپ يىغلاپ خۇدادىن چوڭ دادامغا ئامانلىق تىلىگەنىدىم. ھوشۇر موسا بىلەن شاۋاز چوڭ دادامنى تاپالمىغاندىن كېيىن قومۇلغا قايتىپ كېلىپ ھاشىم ھاجىغا ئەھۋالنى دوكلات قىلىدۇ. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا KGB (سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت خەۋىپسىزلىك مىنىستىرلىكى) نىڭ تەربىيەسىنى ئالغان ھىلىگەر، رەڭۋاز ھاشىم ھاجى باشقا ئامال تاپالمىغاندىن كېيىن  ئابدۇرېشىت ئاخۇن چوڭ دادامنىڭ ئوغلى مامۇت ئاخۇن بىلەن تاھىر ھاجى چوڭ دادامنىڭ ئوغلى ئىبراھىم (بازار) ئاخۇننى قومۇلغا ئەكىلىپ سولاپ قويىدۇ ۋە قالىغايتىدىكى تۇققانلارغا:‹ئەگەر نىياز دېھقان كەلمەيدىغان بولسا، مۇشۇ ئىككى بالىنى ئۇنىڭ ئورنىغا تۇتۇپ قالىمىز› دەپ خەۋەر چىقىرىدۇ. بۇ خەۋەر چوڭ دادامنىڭ قۇلىقىغا يەتكەندىن كېيىن تەڭلىكتە قالىدۇ ۋە چوڭقۇر ئويلانغاندىن كېيىن:‹مەن بىر ئادەمنى دەپ قېرىنداشلىرىم، بالىلىرىم  ۋە تۇققانلار رىيازەت چېكىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى بالا مېنىڭ كاساپىتىمدىن سالاقتا يېتىۋاتىدۇ، مېنىڭ يېشىم 56 غا كەلدى، بۇ ئىشلار مەن بىلەنلا تۈگەيدىغان بولسا ئۆزۈمنى مەلۇم قىلاي›-دېگەن قارارغا كېلىدۇ، لېكىن تۇرسۇن ئاخۇن چوڭ دادامنىڭ پىكرىگە قوشۇلمايدۇ:‹دادا بىز قاراپ تۇرۇپ سىزنى تۇتۇپ بېرەمدۇق؟ ئەگەر سىز قوشۇلسىڭىز بىز ئىشنى باشقىدىن باشلايلى، بىز ئوتتۇرىغا چىقساق بىزنى ئەگەشمەيدىغان كىم بار. بىز ئادەم باشلاپ بېرىپ قالىغايتىدىكى چېرىكلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇجۇقتۇرىۋېتەيلى،«يېتىپ قالغىچە ئېتىپ قال» دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ؟›- دېگەندە، چوڭ دادام تۇرسۇن ئاخۇنغا:‹بالام شۇنداق قىلساقمۇ بولاتتى، بىراق بەك كۆپ قان كۆكۈلۈپ كېتىدۇ، ئەڭ ياخشىسى بۇ ئىشلار مەن بىلەنلا تۈگۈسۇن›-دەپ تۇرسۇن ئاخۇننىڭ توسىغىنىغا ئۇنىماي 1938-يىلى 10-ئاينىڭ بىر كۈنى كېچىدە قالىغايتىدىكى ئۆيىگە كېلىدۇ.چوڭ دادام ئۆيىگە كەلسە ئۆيدە چېرىكلەر ئۇخلاپ ياتقان ئىكەن، چوڭ دادام كەينىگە بۇرۇلۇپ قەبرىستانلىققا بېرىپ، مومام بۈنىيازخان ھاجى⒀ نىڭ تۇپراق بېشىغا بېرىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ، تاڭ يورىغاندىن كېيىن يەنە ئۆيىگە قايتىپ كېلىدۇ. چوڭ دادامنىڭ ئۆز ئايىغى بىلەن كەلگەنلىكىنى كۆرگەن چېرىكلەر ھەيران بولغان ھالدا چوڭ دادامغا قاراپ تۇرۇپلا قالىدۇ. چوڭ دادام ھوشۇر موسا بىلەن شاۋازغا:‹مېنىڭ ئۈچ تۈرلۈك تەلىپىم بار:
1-، مەن يۇرتقا نەزىر بېرىمەن؛
2-،  يۇرتتىكى بارلىق جامائەت، ئۇرۇق-تۇققانلىرىم بىلەن خوشلىشىۋالىمەن؛
3-، قومۇلدا سولاقتا ياتقان ئىككى بالىنى دەرھال قويۇپ بېرىسىلەر، ئەگەر مېنىڭ يۇقىرىقى شەرتلىرىمگە قوشۇلمىساڭلار، بۇ يەردىن قېچىپ كېتىمەن›-دەيدۇ. ھوشۇر موسا بىلەن شاۋاز چوڭ دادامنىڭ شەرتلىرىگە دەرھال قوشۇلىدۇ.چوڭ دادام يۇقىرىقى ئىشلارنى ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن، ئۇرۇق-تۇققانلار بىلەن خوشلۇشىۇپ ئۆزىنىڭ قېچىرىغا مىنىپ چېرىكلەر بىلەن بىللە قومۇلغا كېلىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن بىز چوڭ دادامنى كۆرمىدۇق».
  قومۇل ۋىلايەتلىك سۈپەت-تېخنىكا نازارىتى ئىدارىسىدىن پېنسىيەگە چىققان ھاجى كادىرى ياقۇپ ئىسمائىل (بۇ يىل 81 ياش) مۇنداق ئەسلەيدۇ:«نىياز دېھقان چوڭ دادام⒁ بازارغا كەلسىلا بىزنىڭ ئۆيگە كېلەتتى نىمە سەۋەبتىكىن بىلمىدىم چوڭ دادام يول يۈرگەندە بىر پۇتىنى ئازراق سۆرەپ ماڭاتتى، شۇڭا چوڭ دادام بىرەر يەرگە بارماقچى بولسا كۆپ ھاللادا ئۇلاقلىق باراتتى، 1938-يىلى 10-ئاي كۈنلەر ئىدى، بىر كۈنى مەن دادام بىلەن بىللە بازارغا چىققان ئىدىم.شۇ ئارىدا شىمال تەرەپتىن چېرىكلەر بىلەن ساقچىلار ساقاللىق بىر ئادمنى ئېلىپ كىلىۋاتىدۇ. يېقىن كەلگەندە قارىسام نىياز دېھقان چوڭ دادام ئىكەن. چوڭ دادام بىزگە قاراپ باش لىڭشىتتى، داداممۇ چوڭ دادامغا قاراپ بېشىنى لىڭشىتتى. شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار نىياز دېھقان چوڭ دادامنى قومۇل ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسى⒂ گە ئەكىرىپ كەتتى.بىز ئۆيگە قايتىپ كىرگەندىن كېيىن دادام:‹دېھقان ئاكام  نىمە دەپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىدۇ؟ مۇشۇنداق ۋاقىتتىمۇ مەرتلىك قىلغان بارمۇ؟ دېھقان ئاكام كەلمىگەن بولسا سولاقتىكى بالىلارنى ھېچنەرسە قىلالمايتتى، ھەي دېھقان ئاكام يامان قىپتۇ!›-دەپ قاخشاپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن بىز نىياز دېھقان چوڭ دادامنى كۆرمىدۇق».
  مەرھۇم دادام ئابدۇللا ئاخۇننىڭ يېقىن دوستى تۇرپان شەھرى ئاستانە يېزىلىق ئابدۇللا موللام⒃ مۇنداق ئەسلەيدۇ:«شېڭ شىسەي دەۋرى (1933-4- 12ــــــ 1944 -9-11) دە قومۇلدا تۇرۇشلۇق سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 8-پولكى قومۇلدىكى چوڭ كازارما (دايىڭفاڭ-大营房) قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بارغاندا قومۇلدىكى قۇرۇلۇش ئۇستىلىرى يىتىشمەي تۇرپان، گۇچىڭلاردىن ياغاچچى، تۆمۈرچى، تامچى...لارنى قومۇلغا ئەكىلىپ چوڭ گازارما قۇرۇلۇشىغا قاتناشتۇرغاندا مەنمۇ شۇ قاتاردا قومۇلغا بېرىپ چوڭ گازارمىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ ياغاچچىلىق قىلغان ئىدىم. بىز 1937- ۋە 1938-يىلى ئىككى يىل قومۇلدا ئىشلىدۇق. تۇرپان ۋە گۇچىڭدىن كەلگەن ئۇستىلارنى رۇسلار ھەر يىلى ئەتىياز 4-ئايدا ماشىنا بىلەن قومۇلغا ئەكىلىپ كۈزدە 10-ئايدا يەنە ماشىنىلىق يۇرتىمىزغا ئەپىرىپ قوياتتى. 1938-يىلى 10-ئايدا بىز قومۇلدىن قايتقاندا، بىز ئولتۇرغان ماشىنىنىڭ ئوتتۇرىسىغا، قومۇلدا جاللات شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان نىياز دېھقان باشلىق بەش ئادمنى سېلىپ، ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا بىز تۇرپاندىن كەلگەنلەرنى ئولتۇرغۇزدى. نىياز دېھقانلارنىڭ قولىغا كويزا، پۇتىغا كىشەن سېلىنغان ئىكەن، ماشىنىنىڭ تۆت بۇلۇڭىدا بىردىن رۇس ئەسكەر قولىدا ئاپتومات تۇتقان ھالدا نىياز دېھقانلارنى يالاپ ئۈرۈمچىگە ئېلىپ ماڭدى. ماشىنىلار سىڭگىم ئېغىزىغا بارغاندا بىز چۈشۈپ قالدۇق نىياز دېھقانلارنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كەتتى».
مەرھۇم ئانام زىلىخە ئاپپاق يەنە بىزگە مۇنداق دېگەنىدى:«جاللات شېڭ شىسەي تەرىپىدىن نىياز دېھقان چوڭ داداملار بىلەن بىر قاتاردا قولغا ئېلىنغان ئاراتۈرۈك نېرىنكىرلىق سادىق قورمال⒄  شېڭ شىسەي تۈرمىسىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن چوڭ دادامنىڭ پەرزەنتلىرى دادىسىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن سادىق قورمالنى ئىزدەپ بارغاندا مۇنداق دېگەن ئىكەن:‹بىز مەھپۇزلارنى سولىغان تۈرمە كامىرلىنىڭ ئارا تېمىدا كىچىك بىر كۆزنەك بار بولۇپ، كامىر ئىچى  قاراڭغۇ بولغاچقا ئارا تامدىكى مەھپۇزنى كۆرگىلى بولمايتتى، بىراق ئاۋازىدىن كىملىكىنى بىلگىلى بولاتتى. بىر كۈنى مەن ياتقان كامىرغا خوشنا كامىردىكى بىر مەھپۇز بەك قىينىلىپ ۋايسىپ كەتتى. مەن ئۇ كىشىدىن:‹سىز كىم؟›-دەپ سورىۋىدىم.‹مەن نىياز دېھقان، ئۈرۈمچىگە چىققىلى ئۈچ كۈن بولدى. بوينۇمغا قوۋۇق سېلىۋەتتى. پاتاڭىم (شىرلام) دا تەمىرەتكە بار ئىدى، قوۋۇق پاتاڭىمنى غاجاپ سۆڭەككە يىتىپ كەتتى، بەك ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ چىدىيالمايۋاتىمەن› دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلىدىم، شۇنىڭدىن كېيىن نىياز دېھقاننى كۆرمۈدۈم›-دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. شۇنىڭدىن كېىين چوڭ دادامنىڭ بالىلىرى:‹جاللات شېڭ شىسەي دادامنى ئۆلتۈرىۋەتكەن بولسا كېرەك›-دېگەن خۇلاسىگە كېلىپ چوڭ دادامغا ئاتاپ نەزىر-چىراق ئۆتكۈزۈپ بەردى».
دۆربەجىن غولئېرىقلىق بۈۋەدىخان تۆمۈر⒅ مۇنداق ئەسلەيدۇ:«1940-يىلى يازدا ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن شىنجاڭغا چىققان مۇساپىرلارنى قارا چوققا (شىڭشىڭشيا-星星峡) دىن ئۈرۈمچىگە توشۇش ئۈچۈن ھۆكۈمەت تەرەپ قومۇلنىڭ ھەرقايسى يېزىلىرىدىن ھارۋىلارنى تەشكىللىگەندە 3-ئاكام ھامۇت تۆمۈر⒆ مۇ ھارۋا ھەيدەپ ئارايۇلتۇزدىن مۇساپىرلارنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ چىقىپ، ئىش تۈگەندىن كېيىن مەخسۇس 2-تۈمىگە نىياز دېھقان چوڭ دادام⒇ نى يوقلاپ بېرىپ چوڭ دادام بىلەن كۆرۈشۈپتۇ. ئاكام چوڭ دادام بىلەن ئەھۋاللىشىپ خوشلىشىدىغان چاغدا:‹چوڭ دادا بۈگۈن مەن ئۆزلىرىنى كۆرۈشكە ئالدىراپ كېتىپ قۇرۇق قول كىلىپ قاپتىمەن، ئۆزلىرىگە نىمە لازىم؟ ئەتە ئەكىلىپ بېرەي›-دېگەنىكەن. چوڭ دادام:‹بالام شېڭ شىسەينىڭ جاللاتلىرى بىر قېتىم مېنى قىيىن-قىستاققا ئالغاندا دوپپام يوقاپ كەتتى، ماڭا بىر دوپپا ئەكىلىپ بەرگەن بولسىلا، ھازىر بىشىم يالاڭباش قالدى›-دېگەنىكەن، ئاكام ئاتىسى بازاردىن بىر دانە دوپپا سېتىۋېلىپ يەنە تۈرمىگە بارغانىكەن، گۇندىپايلار دوپپىنى ئېلىپتۇ بىراق:‹سەن چوڭ داداڭ بىلەن تۆنۆگۈنلا كۆرۈشتۈڭ، بۈگۈن كۆرۈشۈشكە بولمايدۇ، بىز دوپپىنى نىياز دېھقانغا بىرىپ قويايلى›-دەپ ئاكامنى كۆرۈشتۈرگىلى ئۇنىماپتۇ. شۇ كۈنى چوڭ داداملار سىرتتا ئەمگەك قىلىۋاتقان ئىكەن، ئاكام چوڭ دادامنى يىراقتىن كۆرۈپتۇ. ئاكاملار ئۈرۈمچىدە 10-15 كۈندەك تۇرغاندىن كېيىن قايتماقچى بولۇپ، كىيىم-كېچەك ۋە تۇرمۇش بويۇملىرى ئېلىپ چوڭ دادام بىلەن خوشلاشقىلى بارغان ئىكەن، بىراق گۇندىپايلار ئاكامنى چوڭ دادام بىلەن كۆرۈشتۈرگىلى ئۇنىماپتۇ. ئاكام كۆڭلى غەش بولغان ھالدا گۇندىپايدىن:‹چوڭ دادام بارمۇ ياكى يوقمۇ؟›-دەپ سورىغان ئىكەن. گۇندىپاي (ئۇيغۇر) قوپاللىق بىلەن ‹بىلمەيمەن›-دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاكام كۆڭلى بۇزۇلغان ھالدا كۆزىگە ياش ئېلىپ قومۇلغا قايتىپتۇ».
1934-يىلى 8-ئايدا خوجىنىياز ھاجى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەش ئۈچۈن جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئۈرۈمچىگە كىلىۋېتىپ سەپەر ئۈستىدە تۇرپانغا كەلگەندە، قومۇلدىكى  سەدەنشا ئاخۇنۇم (1853-1947)، يۈسۈپ تەيجى (1864-1940)، يولۋاس...قاتارلىق كىشىلەرنىڭ خوجىنىياز ھاجى (189-1942) غا يازغان خېتىنى تۇرپانغا ئېلىپ چىققان خەتتات، شائىر ئەزىز نىيازى(21) مۇنداق ئەسلەيدۇ:«مەن قومۇلدا تۇرغان ۋاقتىمدىلا نىياز دېھقان بىلەن تونۇشاتتىم. 1936-يىلى 4-ئايدا مەن، پولات ھاجى ئوغلى توختاخۇن (يولۋاسنىڭ ئۇزۇن يىللىق كاتىپى بولۇپ ئىشلىگەن)، ھەسەن بالا ھاجى ئوغلى باۋۇدۇن (تىجارەت بىلەن چەت ئەللەرگىمۇ بارغان) ئۈچىمىز قومۇلدا جاللات شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ ئۈرۈمچى تۈرمىسىگە قامالدۇق(22). 1940-يىلى كۈزدە مەن تۈرمىدە ياتقان كۈنلەردە مەھپۇسلاردىن:‹نىياز دېھقان مەھپۇزلار ئەمگەك قىلىۋاتقان ئىش ئورنىدىن قېچىپ كىتىپتۇ›-دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىغانىدىم».
قومۇل شەھرى شەھەر ئىچى يېزىسى كادىرلار مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق سەئىدىخان ئىسمائىل(23)  مۇنداق دەپ ئەسلەيدۇ:«1944-يىلى ئەر-ئايال ئىككىمىز ئۈرۈمچىدە ئىدۇق، شۇ يىلى 9-ئايدا جاللات شېڭ شىسەي شىنجاڭدىن كېتىپ ئۇنىڭ ئورنىغا ۋۇ جۇڭشىن(吴忠信، 1884-1959) شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى بولۇپ كەلگەندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۈرۈمچىگە كېلىپ، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە جاللات شېڭ شىسەي ئۈستىدىن ئەرز-شىكايەت قىلىپ، شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ كەتكەن ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى قويۇپ بېرىشنى، ئەگەر ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن بولسا ئۆلۈكىنى تېپىپ بىرىشنى تەلەپ قىلىپ ئەرز قىلغاندا. شۇ ۋاقىتتا شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس دىلو تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىپ شېڭ شىسەي تەرىپىدىن:‹سىياسىي جىنايىتى بار دەپ قولغا ئېلىنغان› كىشىلەرنى ئېنىقلاپ تۈرمىدىن قويۇپ بىرىشكە باشلىدى. تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئۆلۈكلىرىنى ئارخىپقا قاراپ كۆمۈلگەن ئورۇنلارنى كۆرسۈتۈپ بېرىۋىدى، ئىگىلىرى جەسەتلەرنى تېپىپ يۇرتلىرىغا ئېلىپ كېتىشتى. مەنمۇ ئىسمىمنى نىياز دېھقان چوڭ دادام(24) نىڭ قىزى سارىخان (ئايتۈرۈك ئايلا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1917-1955) نىڭ ئىسمىغا ئۆزگەرتىپ:‹دادام نىياز دېھقاننى شېڭ شىسەي تۇتۇپ كەتكەن ئىدى، دادامنى قويۇپ بەرسەڭلەر، ئەگەر ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولسا ئۆلۈكىنى تېپىپ بېرىڭلار›-دەپ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت  دىلو تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا ئەرز قىلغان ئىدىم. دىلو تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى مېنىڭ ئەرزىمنى قوبۇل قىلىپ ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى ئاختۇرۇپ، پەقەت چوڭ دادامنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى توغرىسىدىكى ماتېرىيالىنى تاپتى، بىراق ھايات ياكى ئۆلتۈرۈلگەنلىك توغرىسىدىكى ماتېرىيالىنى تاپالمىدى. شۇنىڭ بىلەن دىلو گۇرۇپپىسى چوڭ دادام توغرىلىق ماڭا ئېنىق جاۋاب بېرەلمىدى».
دۆربەجىن غولئېرىقلىق ئوسمان سادىق(25) مۇنداق ئەسلەيدۇ:«1950-يىلى ئەتىياز كۈنلەر ئىدى. بىر كۈنى بىز بىر قانچە ئادەم كوچىدا پاراڭلىشىپ تۇرغان ئىدۇق. شۇ ئارىدا بىر خەنزۇ بىزنىڭ يېنىمىزغا كىلىپ:‹بۇ غولئېرىق مەھەللىمۇ؟›-دەپ سورىدى. بىز؛‹شۇ›-دەپ جاۋاب بەردۇق. خەنزۇ:‹مەن لەنجودىن سودا ئىشى بىلەن قومۇلغا چىققان ئىدىم، نىياز دېھقاننىڭ بالىلىرىنى ئىزدەيمەن، ئۇلار بىلەن كۆرۈشىدىغان مۇھىم ئىشىم بار ئىدى، نىياز دېھقاننىڭ چوڭ ئايالى بالىلىرى بىلەن يۇقىرىقى قورۇق (جۇاڭزى-庄子) تا، كىچىك ئايالى بالىلىرى بىلەن تۆۋەنكى قورۇقتا ئولتۇرىدىكەن(26)، بىزنىڭ يۇرتتا پۇتىنى سۆرەپ ماڭىدىغان ساقاللىق بىر ئۇيغۇر بوۋاي بار›- دېدى. بىز خەنزۇغا:«نىياز دېھقاننىڭ بالىلىرى مۇشۇ مەھەللىدە ئولتۇرىدۇ» دېدۇق. بىراق ئىلگىرى نىياز دېھقان ئائىلىسىنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈنلەر كىلىپ، بالىلىرى بەك قورقۇپ يۈرەكزادە بولۇپ كەتكەچكە، يەنە ئۇ كۈنلەردە نىياز دېھقاننىڭ چوڭ ئوغلى تۇرسۇن ئاخۇن قالىغايتىدا بولۇپ، 2-ئوغلى توقسۇن ئاخۇن (كىچىك ئاخۇن دەپمۇ ئاتىلىدۇ 1907-1955) مۇ مۇھىم ئىش بىلەن قالىغايتىغا چىقىپ كەتكەچكە، ئۇنىڭ غولئېرىقتىكى پەرزەنتلىرى خەنزۇنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتىنى بىلمىگەچكە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە پېتىنالمىدى. شۇنىڭ بىلەن سودېگەر خەنزۇ كىتىپ قالدى...».
يۇقىرىقى كىشىلەرنىڭ بايانلىرى نىياز دېھقاننىڭ جاللات شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئەھۋاللار بولۇپ، بۇ بايانلاردىن تۆۋەندىكىدەك خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدۇ:
   1. نىياز دېھقان 1938-يىلى 10-ئايدا خائىنلارنىڭ ساتقىنلىقى بىلەن ئامالسىز ئۆزىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن ھوشۇر موسا ۋە شاۋازلار تەرىپىدىن قالىغايتىدا قولغا ئېلىنىپ، دەسلەپ قومۇل، كېيىن ئۈرۈمچى تۈرمىسىگە قامالغان. 1940-يىلى يازدا ھامۇت تۆمۈر (ھامۇتباي) مۇساپىرلارنى توشۇش ئىشى بىلەن ئۈرۈمچىگە چىققاندا نىياز دېھقاننى ئالاھىدە 2-تۈرمىگە يوقلاپ بارغانلىقى 1940-يىلى 10-ئايدىن ئىلگىرى نىياز دېھقاننىڭ ئۈرۈمچىدە جاللات شېڭ شىسەي تۈرمىسىدە ھايات ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
2. شائىر ئەزىز نيازى شېڭ شىسەي تۈرمىسىدە ياتقان كۈنلەردە مەھپۇسلاردىن نىياز دېھقاننىڭ تۈرمىدىن قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان.
3.سەئىدىخان ئىسمائىل نىياز دېھقاننى تېپىپ بېرىش توغرىلىق شىنجاڭ ئۆلكۈلىك ھۆكۈمەت دىلو تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا ئەرز قىلغاندا، دىلو تەكشۈرۈش گۇرەپپىسى، سەئىدىخان ئىسمائىلغا نىياز دېھقاننىڭ ھايات ياكى ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىلىق ئېنىق جاۋاب بېرەلمىگەنلىكى، نىياز دېھقاننىڭ تۈرمىدىن قېچىپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئەگەر قېچىپ كەتمىگەن بولسا قويۇپ بەرگەن، ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولسا جەسىدىنى تېپىپ بەرگەن بولاتتى.
4. ھاجى ياقۇپ ئىسمائىلنىڭ:«نىياز دېھقان چوڭ دادام بىر پۇتىنى ئازراق سۆرەپ ماڭاتتى»- دېگەن گۇۋاھلىق سۆزى بىلەن لەنجودىن دۆربەجىن غولئېرىق مەھەللىگە نىياز دېھقاننىڭ بالىلىرىنى ئىزدەپ چىققان سودىگەر خەنزۇنىڭ:«بىزنىڭ لەنجودا بىر پۇتىنى ئازراق سۆرەپ ماڭىدىغان ئۇيغۇر بوۋاي بار» دېگەن سۆزى ھەر ئىككىلىسى بىر ئادەمنى كۆرسىتىدۇ.
ئاخىرىدا شۇنداق ھۆكۈم قىلىشقا بولۇدىكى لەنجودىكى پۇتىنى ئازراق سۆرەپ ماڭىدىغان ئۇيغۇر بوۋاي دەل نىياز دېھقان! ئەگەر لەنجودىكى پۇتىنى سۆرەپ ماڭىدىغان بوۋاينى نىياز دېھقان ئەمەس دېسەك، نىياز دېھقاننىڭ دۆربەجىن غولئېرىقتا بالىلىرىنىڭ بارلىقىنى، ئۇنىڭ ئىككى ئايالى بار بولۇپ، چوڭ ئايالى بالىلىرى بىلەن يۇقىرىقى قورۇقتا، ئىككىنچى ئايالى بالىلىرى بىلەن تۆۋەنكى قورۇقتا ئولتۇرىدىغانلىقىنى قومۇلدىكى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمىگەن ئەھۋالدا، قومۇلدىن بىر-ئىككى مىڭ كىلومېتىر يىراقتىكى لەنجودىن چىققان ناتونۇش خەنزۇ سودىگەر قانداق بىلسۇن؟ ئۇ لەنجودىن يولغا چىقىش ئالدىدا نىياز دېھقاننىڭ بالىلىرىنىڭ تۇرار جايى توغرىلىق ئېنىق ئۇچۇرغا ئىگە بولمىسا قانداقسىغا نىياز دېھقاننىڭ دۆربەجىن غولئېرىقتا ئىككى ئايالى بارلىقىنى، چوڭ ئايالى بالىلىرى بىلەن يۇقىرىقى قورۇقتا، ئىككىنچى ئايالى بالىلىرى بىلەن تۆۋەنكى قورۇقتا ئولتۇرىدىغانلىقىنى قانداق بىلىدۇ؟ چۈنكى نىياز دېھقان جاللات شېڭ شىسەي تۈرمىسىدىن قېچىپ چىقىپ لەنجوغا بارغاندىن كېيىن سودىگەر خەنزۇ بىلەن تونۇشۇپ قالغاچقا، سودىگەر خەنزۇ سودا ئىشى بىلەن قومۇلغا چىقماقچى بولغاندا نىياز دېھقان ئۇنىڭغا قومۇلدىكى بالىلىرىنىڭ تەپسىلى ئادرېسىنى ئېيتىپ بەرگەن، شۇڭا سودىگەر خەنزۇ نىياز دېھقان ئېيتىپ بەرگەن ئاددىرېس بويىچە دۆربەجىن غولئېرىققا چىقىپ نىياز دېھقاننىڭ بالىلىرىنى ئىزدىگەن. ئۇنداق بولمىغاندا ياقا يۇرت لەنجودىن چىققان خەنزۇ سودىگەر قانداق قىلىپ دۆربەجىن غولئېرىققا چىقىپ نىياز دېھقاننىڭ بالىلرىنى ئىزدەيدۇ؟
ئىزاھاتلەر:
① نىياز دېھقاننىڭ 2-ئايالى خوشنارىخان خاكىر (1890-1962) شاۋانبەگ موللامنىڭ ئاچىسى بولغاچقا گۈلسۈمخان نىياز دېھقاننى چوڭ دادا دەپ ئاتايتتى.
② ھاشىم ھاجى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ پولكوۋنىك دەرىجىلىك ئەمەلدارى بولۇپ، شۇ ۋاقىتتىكى قومۇل ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى شېڭ شىسەيگە ياردەملىشىشكە ئەۋەتكەن قان ئىچەر ئۈچ ھاجى (ھاشىم ھاجى، قادىر ھاجى ۋە سېيىت ھاجى) نىڭ بىرى. كېيىن دۆلىتىگە قايتىپ كېتىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرى لەقۋا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، مىڭىسىدىن ئادىشىپ، ئۆزىنىڭ پوقىنى ئۆزى يەپ، 1972-يىلى 77 يېشىدا ئالمۇتادا ئۆلگەن. شېرىپ نىياز خۇشتار يازغان:«شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن شەخسلەر» ناملىق كىتابنىڭ 141-بېتىدە ھاشىم ھاجىنىڭ ئىسمى ھەسەن دىيىلگەن.
③ ھوشۇر مۇسا شىخولۇق بولۇپ، قومۇل ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسى 2-بۆلۈم-رازۋېت بۆلۈمنىڭ باشلىقى، 1984-يىلى 69 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ئۆلگەن.
④ شاۋاز قەشقەر مارالبېشىلىق بولۇپ، قومۇل ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسى 2-بۆلۈم-رازۋېت بۆلۈمنىڭ رازۋېتچىكى، 1951-يىلى 34 يېشىدا قەشقەردە قىساسچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن.
⑤  XX نىياز دېھقاننىڭ پەقەت دۆربەجىنگە يوشۇرۇنغانلىقىنىلا بىلگەن، بىراق قەيەرگە يوشۇرۇنغانلىقىنى بىلەلمىگەن.
⑦ ئابدۇللا ئاخۇن (ئابدۇللا مېھرى) 1978-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى 72 يېشىدا دۆربەجىن غولئېرىقتا ۋاپات بولغان.
⑧ نىياز دېھقان دادام ئابدۇللا مېھرىنىڭ قېينى ئاتىسى قاسىم پالۋاننىڭ ئاكىسى بولغاچقا نىياز دېھقاننى «چوڭ دادا» دەپ ئاتايتتى.
⑨ زىلىخە ئاپپاق (قاسىم پالۋاننىڭ قىزى، ئاپتورنىڭ ئانىسى)، 1987-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى 75 يېشىدا دۆربەجىن غولئېرقتا ۋاپات بولغان.
⑩ كېيىن بۇ كىشىلەر شېڭ شىسەي تۈمىسىدىن سالامەت قايتىپ كېلىپ، ئۆز ئەجىلى بىلەن ۋاپات بولۇپ كەتكەن.
⑾ نىياز دېھقاننىڭ قالىغايتىدىمۇ ئۆيلىرى بار بولۇپ تۇرسۇن ئاخۇن قالىغايتىدا ئولتۇراتتىى، ئۇ 1952-يىلى 4-ئايدا 49 يېشىدا قۇرۇلۇقتا بىگۇناھ ئېتىلىپ كەتكەن.
⑿ نىياز دېھقان يوشۇرۇنغان ئۆڭكۈرنى ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى تۇرسۇن ئاخۇندىن باشقا كىشى بىلمەيتتى.
⒀ سېيىت ھاجى (1850-1904)، بۈنىيازخان ھاجى‹1856-1930› ۋە تاھىر ھاجىلار 1903-يىلى سەئۇدىي ئەرەنىستانىغا ھەج-تاۋاپ قىلغىلى بېرىپ، قايتشىدا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەستۇرە شەھرىگە كەلگەندە سېيىت ھاجى كېسەل سەۋەبىي بىلەن ۋاپات بولغان.
⒁ نىياز دېھقان ھاجى ياقۇپ ئىسمائىلنىڭ ئاپىسى مەرىيەمخان مەمەتنىياز (1934-يىلى 37 يېشىدا شەھەر ئىچى يېزىسىدا ۋاپات بولغان) چوڭ ئايالى توختىخان مەمەتنىيازنىڭ سىڭلىسى بولغاچقا نىياز دېھقاننى «چوڭ دادام» دەپ ئاتايتتى.
⒂  شېڭ شىسەي شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان يىللار (1933-1944) دا قومۇل ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ئورنى ھازىرقى قومۇل شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئورنىدا ئىدى.
⒃ ئابدۇللا موللام (ئابدۇللا مۇجاڭ دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، 1992-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى 86 يېشىدا كېسەل سەۋەبى بىلەن تۇرپان شەھرىنىڭ ئاستانە يېزىسىدا ۋاپات بولغان.
⒄ سادىق قورمال 1947-يىلى 12-يدا كېسەل سەۋەبىي بىلەن  60 يېشىدا قومۇل شەھرىدە ۋاپات بولغان.
⒅ بۈۋەدىخان تۆمۈر (ئاقايلا دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، 2003-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 83 يېشىدا دۆربەجىن غولئېرىقتا ۋاپات بولغان.
⒆ ھامۇت تۆمۈر (ھامۇتباي دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، 1992-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى 76 يېشىدا دۆربەجىن غولئېرىقتا ۋاپات بولغان.
⒇ بۈۋەدىخاننىڭ ئاپىسى نىيازخان مەمەتنىياز (1891-1965) نىياز دېھقاننىڭ چوڭ ئايالى توختىخان مەمەتنىيازنىڭ سىڭلىسى بولغاچقا ئۇ نىياز دېھقاننى «چوڭ دادام» دەپ ئاتايتى.
(21) ئەزىز نىيازى 1996-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن  91 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان.
(22) ئەزىز نىيازى 1942-يىلى 7-ئايدا تۈرمىدىن بوشاپ چىققان، توختاخۇن بىلەن باۋۇدۇن ئاخۇن شېڭ شىسەي تۈرمىسىدە نابۇت بولۇپ كەتكەن.
(22) سەئىدىخان ئىسمائىل (ئايخېنىم دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، 2009-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى 93 يېشىدا شەھەر ئىچى يېزىسىدا ۋاپات بولغان. ئۇ داڭلىق خەتنىچى ھەم تىككۈچى ئىمىن قارى (1994-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى 94 يېشىدا قومۇل شەھەر ئىچى يېزىسىدا ۋاپات بولغان) نىڭ ئايالى.
(24) سەئىدىخان ئىسمائىلنىڭ ئاپىسى قەمەرخان (ئاپپاقخان دەپمۇ ئاتىلىدۇ، 1938-يىلى 50 يېشىدا قومۇل شەھەر ئىچى يېزىسىدا ۋاپات بولغان) نىياز دېھقاننىڭ سىڭلىسى بولغاچقا نىياز دېھقاننى «چوڭ دادام» دەپ ئاتايتتى.
(25) ئوسمان سادىق 1996-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى 76 يېشىدا دۆربەجىن غولئېرىقتا ۋاپات بولغان.
(26) نىياز دېھقاننىڭ ئۈچ ئايالى بار بولۇپ، چوڭ ئايالى توختىخان بالىلىرى بىلەن يۇقىرىقى قورۇقتا، 2-ئايالى خوشنارىخان تۆۋەنكى قورۇقتا، 3-ئايالى ئوغۇلنىساخان قالىغايتىدا ئولتۇراتتى-ئا.
  2010-يىل 10-ئاي

0

تېما

0

دوست

4286

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   76.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22142
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1362
توردىكى ۋاقتى: 499
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-5 21:19:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    جاللاتلارنىڭ   خەلىقىمىزگە   سالغان   زىينى    ھەددى-ھىساپسىز   ،    ئۇللۇغ   ئاللا     شۇ   شىھىتلارنىڭ   ياتقان   يىرىنى   جەننەتتە   قىلسۇن   .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

1832

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   83.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26396
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 576
توردىكى ۋاقتى: 192
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-5 22:16:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
jim-jit يوللىغان ۋاقتى  2014-4-5 21:19
جاللاتلارنىڭ   خەلىقىمىزگە   سالغان   زىينى    ھەددى-ھى ...

جەننەتنى ھورلىكنى روھقىلا ئەمەس ئەۋلاتلارغا تىلەيلى بۇ بىزنىڭ قەرزىمىز بۇرچىمىز

3

تېما

0

دوست

1028

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   2.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3384
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 219
تۆھپە : 174
توردىكى ۋاقتى: 234
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-6 11:39:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1993 -يىل  ئۈرۈمچىگە مېڭىش سەپىرىمدە ئابلىمىت ئابدۇللا ئاكىمىز پويىزدا يولۇچىلارنىڭ يۇك تاقلىرىنى تەكشۈرۋاتقاندا، مېنىڭ قېشىمغا كېلىپ، ئۇكام ئۆزلە قومۇلدىن پويىزغا چىقلامۇ؟ كىمنىڭ بالىسى بولىلا؟ دەپ ناھايىتى سىپايىلىك بىلەن سورىغان ئىدى،  ھەئە، مەن قومۇلدىن پويىزغا چىقتىم، پالانچىنىڭ بالىسى بولىمەن دىسەم،  ئولتۇرۇپ تۇرسىلا، ھازىر ئىشىم تۈگەيدۇ دەپ بىردەمدىلا قايتىپ كېلىپ  بۇۋام توغرىسىدا مەنمۇ بىلمەيدىغان تارىخلارنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.  

قۇرۇق گەپتىن كاچ

4

تېما

1

دوست

2809

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   26.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1543
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 191
تۆھپە : 781
توردىكى ۋاقتى: 240
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-6 14:11:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-6 14:13  

   مېنىڭ بىلىشىمچە ، تېما ئىگىسى بولغان ئابلىمىت ئابدۇللا ئاكام  ئۆزىنىڭ جەمەت نەسەپنامىسى ۋە ئاجدادلىرىمىزنىڭ پالۋانلىق يولىدىكى نۇرانە ئىش-ئىزلىرىنى جۇلالاندۇرۇش شۇنداقلا كېيىنكى ئەۋلاتلىرىمىزغا ئۈلگە قىلىش ئۈچۈن1990-يىللاردىن باشلاپلا ئىزدىنىشكە باشلىغان. ئۇنىڭ بىرنەچچە يىللىق جاپالىق ئىزدىنىشلىرىنىڭ مېۋىسى بولغان  يەتتە ئەۋلات ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئىسىم- شەرپلىرى (جەمئىي 1123نەپەر ئادەم)نى ئۆز ئىچىگە ئالغان «نەسەپنامە» 1993-يىلى قەغەز يۈزىگەشاخسىمان شەكىلدە لايىھەلىنىپ روياپقا چىققان. بۇ نەسەپنامە تاھازىرغىچە يىراق يېقىندىكى نۇرغۇنلىغان ئۇرۇق تۇغقانلىرىمىزنىڭ ئويلىرىدە چىرايلىق رامكىلارغا ئېلىنىپ ئۆيلىرىمىزنىڭ تاملىرىدا ئەتىۋارلىنىپ ساقلانماقتا.

2

تېما

0

دوست

3753

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   58.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22599
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 1132
توردىكى ۋاقتى: 154
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-6 15:42:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  رەھمەت ئابلىمىت ئابدۇللا،ناھايىتى ياىشى بىر تارىخنى ئىسىمىزگە سالدىلا،بۇ يولدىكى ئەجىرلىرى ئۆچمەيدىغان مەشئەلدەك بارلىق كىشىلەرنىڭ دىلىنى يورۇتقۇسى.

1

تېما

2

دوست

5297

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   5.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13005
يازما سانى: 348
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 306
تۆھپە : 1450
توردىكى ۋاقتى: 392
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-6 16:45:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم. يەنە بىر قىممەتلىك يازما بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگە رەھمەت. ئىزدىنىشلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي.
بەرگەن ئۇچۇرلىرىڭىزدىن قارىغاندا نىياز دېھقان لەنجۇدە ئۆز ئەجىلى بىلەن ۋاپات بولغان دېگەننى بىلىۋالغىلى بولىدىكەن. بىراق ئېنىق ۋاپات بولغان ۋاقتىنى پەرەز قىلغاندا، 1945-يىللىرى ئەتراپىدا بولامدىكىن دەيمەن. ئۇنىڭدىن بۇرۇن بولسا شېڭ شىسەي شىنجاڭدا بولغانلىقى ئۈچۈن كەلمىدى دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.

30

تېما

6

دوست

7375

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   47.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14
يازما سانى: 285
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1679
تۆھپە : 1103
توردىكى ۋاقتى: 337
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-7 11:28:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم،ئابلىمىت  ئاكا،ئالدى  بىلەن ئۆزلىرىنىڭ  ئىزدىنىش  روھلىرىغا  بارلىق  تور  ئەھلى نامىدىن  تەشەككۈر.
نىياز  دېھقاننىڭ  ئەينى چاغدىكى   ھايات -پائالىيەتلىرى  ھەقىقەتەن بىزنى  ئويلاندۇرىدۇ،ئاخىرقى يەكۈندىكى  لەنجودىن كەلگەن  يولداشنىڭ  ئۇچۇرى  قىممەتلىك ئۇچۇركەن،ئەپسۇس،يىلاندىن  قورققان  ئارغامچىدىنمۇ  قورقۇپتۇ  دېگەندەك  شۇ  ئۇچۇرنى  ئالغان نىياز  دېھقانغا  مۇناسىۋەتلىك  تارىخى  شەخسلەر  نىياز  دېھقاننى ئىزدەشكە  پېتىنالماپتۇ،مەرھۇمنىڭ قەبرىسى  يات  شەھەردە  قانداق تۇرىۋاتقاندۇ؟ئۆزلىرى  دېگەندەك  مۈمكىن بولسا  چوقۇم ئىزدەپ  بېقىش  كېرەككەن،بەلكىم  يەنىمۇ  بىر  قىسىم ئۇچۇرلار  ساقلىنىپ  قالغان بولىشى  مۈمكىن...
تارىخ ئۆزىنىڭ  قىممىتىنى رېئال،ئەھمىيەتلىك   ئىشلار  بىلەن يارىتىدۇ،شىنجاڭدىكى بەش  جاللاتنىڭ  بىرى بولمىش  شىڭ شىسەي  ئۇيغۇرۇمنىڭ  كۆزىنى ئويىۋېتىش  بىلەن ئىككى قولى خەلقنىڭ  قىپ-قىزىل  قېنى بىلەن  بويالدى،نىياز  پالۋان  نەق شۇ جاللاتنىڭ كاساپىتى  بىلەن جىسمى ۋە  روھى  سەرسان  بولدى،ئۇلۇغ  ئاللا  ئىگەم  مەرھۇمنىڭ  ياتقان  يېرىنى  جەننەت گۈلشەنى  قىلسۇن...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )