بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kuhun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-13 14:20
10يىلغا سوزۇلغان 2000سوم دەۋاسى
2003- يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى قەشقەر ۋىلايىتى پەيزىۋات، مارالبېشى ناھىيخلىرىدە 6.8بال قاتتىق يەر تەۋرىدى. ئاپەت يۇز بەرگەندىن كىيىن پارتىيە-ھوكۇمەت ،گوۋۇيۇن يۇكسەك دەرىجىدە كۇڭۇل بۇلۇپ ئاپەتتىن كىيىن قايتا قۇرۇش ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى .
پەيزاۋات ناھىيە قىزىلسۇ يىزا ئاياغ ئويتاغ كەنىت ئاھالىسى ئابلىمىت ياسىننىڭ ئۆيىمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى يەر تەۋرەشتە ئۆرۇلۇپ چۇشكەن. ھۆكۇمەت ئابلىمىت ياسىن ئائىلىسىگىمۇ بىر يۇرۇش ئۆي ئۈچۇن 2000سوم ئاجراتقان ئىدى. ئەمما بۇ پۇل ئەينى ۋاقىتتا ئابلىمىت ياسىننىڭ قولىغا تەگمەي ئۆي سېلىقسز قالدى. بۇ پۇلنى كەنىتنىڭ ئابلىمىت قۇۋان ئىسىملىك كەنىت كادىرى ئىمزا قۇيۇپ ئىلىۋالغان ئىدى. شۇ سەۋەبلىك ئابلىمىت ياسىن ئائىلىسى ئۆي سالالمىدى. ئابلىمىت قۇۋان پۇلنى ئىلىپ بولغاندىن كىيىن ئابلىمىت ياسىنغا پۇلىنى ئالغانلىقىنى دىگەن. ئابلىمىت ياسىن ئۇنىڭغا پۇلىنى بىرىش توغرۇلۇق گەپ قىلغاندا : كىيىن يۇقىرى سوممۇلۇق ئۆي چىقىدۇ، مەن شۇنى ھەل قىلىپ بىرەي ياكى بولمىسا پۇلۇڭنى بىرەي دىگەن. ئابلىمىت ياسىن ئۇنىڭ يالغان ياۋداق گەپلىرىگە ئىشىنىپ گولللىنىپ يۇرگەن. ئەمەلىيەتتە كومپىيۇتىرغا بىر قىتىم ئۆي سالدى دەپ كىرگۈزۇلگەندىن كىيىن ، كىيىن ئۆي سىلىشقا ئىلتىماس قىلغىلى بولمايدىكەن . ئابلىمىت ياسىن بۇ ئەھۋاللارنى بىلمىگەچكە ئالدىنىپ يۈرىۋەگەن. ئابلىمىت ياسىن نامىغا ھەل قىلالمىسا ئايالىڭنىڭ بالاڭنىڭ نامىدا ھەل قىلىپ بىرەي دەپ ئالدىغان، شۇ تەرىقىدە 6-7يىل ئۆتۇپ كەتكەن ،ئابلىمىت ياسىن ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى بىلىپ يېزىلىق ھوكۈمەتكە ئەرىز قىلغان . شۇنداق ئىنىق پاكىت بولغاچقا :قايىتقاچ تۇر پۇلۇڭنى ئىلىپ بىرىمىز دەپ يولغا سىلىپ قويغان . ئابلىمىت ياسىننىڭ ئۆيلىرى كونىراپ ئولتۇرغۇسىز دەرىجىدە بۇلۇپ قالغان بولسىمۇ ئۆي بىرىلمىگەن ياكى ھەل قىلىپ بىرىلمىگەن. شۇ سەۋەبلىك يېزىلىق ئەرزىيەت ئىشخانىسىغا ئەرىز قىلىپ بارغان ھەمدە دەردىنى تۆككىچە يىغلاپ كەتكەن، ئۇلار بۇ ئەھۋالنى كۆرۇپ ئەتىلا ھەل قىلىپ بىرىش تۇغرۇلۇق ۋەدە بىرىپ ئالداپ يولغا سىلىپ قويغان. مانا ئەمدىلىكتە بۇ ئىشقا 10يىل بۇلۇپ قالدى. ئابلىمىت ياسىنغا ئۆيمۇ بىرىلمىدى ياكى پۇلىمۇ قايتۇرۇپ بىرىلمىدى. مانا بۇگۇنگە كەلگەندە ئۇنىڭ ئۆيلىرى ئۆرۇلۇپ چۇشتى. ئۇنىڭ ھالىغا يىتىدىغان ئادەممۇ چىقمىدى .
پارتىيە مەركىزى كومتىتىنىڭ ئاممىۋى لۇشىيەن تەربىيە پائالىيىتىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۇش تەلىم -تەربىيە خىزمىتىنىڭ تەسىرى ئاستىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئابتونۇم رايۇنىمىزدا ئەل رايىنى بىلىش ئەلگە نەپ يەتكۈزۇش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلماقتا ، بۇ پائالىيەتتنىڭ ئاشۇ بىچارە دېھقىنىمىزغا ئازتولا پايدىسى بۇلىشىنى ئۇمۇد قىلىمىز . بولسا پەيزىۋات ناھىلىك ئىنتىزام تەكشۇرۇش كومتىتىنىڭ بۇ ئىشنى ئىنىقلاپ ، پۇلنى يەۋالغان كادىرنى ھەم دەۋە قىلىپ بارسا ھەل قىلىپ بەرمىگەن كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۇرۇشتە قىلىشىنى ئۇمۇد قىلىمىز.
بۇلتۇر ئۆينىڭ تىمى ئۆرۈلۇپ چۇشكەن ، بۇ يىل قوتاننىڭ تىمى ئۆرۇلۇپ چۇشۇپتۇ . بۇ ئۆي ئەمدىلىكتە ئىككى ئۈچ بال يەر تەۋرشكىمۇ بەرداشلىق بىرەلمىگۈدەك بوپ قالدى . بۇ ئۆيدىكىلەر كۆپرەك يامغۇر ياغماسلىقنى ، ئىككى ئۈچ بال يەر تەۋرەپ قالماسلىقنى خۇدادىن تىلەپ ئولتۇرماقتا .
|