قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4369|ئىنكاس: 62

تاشپولات: دوكتور تۇرسۇنجان نۇرمەمەت ئۇكامدىن خوش خەۋەر!

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

206

تېما

67

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21538
يازما سانى: 364
نادىر تېمىسى: 23
مۇنبەر پۇلى: 512
تۆھپە : 3826
توردىكى ۋاقتى: 264
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-7 14:40:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

دوكتور تۇرسۇنجان نۇرمەمەت ئۇكامدىن خوش خەۋەر!


تاشپولات روزى




     ئەسسالام ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، مەن 3-ئاينىڭ 12-كۈنى  ھەممىڭلارغا تونۇشلۇق بولغان بىزنىڭ ياش ئالىمىمىز دوكتور تۇرسۇنجان نۇرمەمەت ئۇكام توغۇرۇلۇق خوش خەۋەرنى فېيسبۇك (بۇ چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا بولىدىغان ئالاقىلىشىش قورالى) تا ئېلان قىلغان ئىدىم. بۇ كاتتا خوش خەۋەرنى ۋەتەندىكى قېرىنداشلارغىمۇ يەتكۈزۈش ئۈچۈن تۇرسۇنجان ئۇكامنىڭ يېڭى تەتقىقات ئورنىغا چىقىشىنى كۈتۈپ بۇ خەۋەرنى ھازىرغىچە ساقلىغان ئىدىم. ئۇ يېڭى خىزمەت ئورنىغا 4-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي ئىشقا چۈشتى. مانا بۈگۈن بۇ كاتتا خوش خەۋەرنى ھەممىڭلارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن بۇ خەتنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن چۈنكى بۇ خەۋەر ھەممىمىزگە بولۇپمۇ كەسپىدە كېچە كۈندۈز ھارماي تىرىشىۋاتقان ياشلىرىمىزغا ئىشەنچ ھەم كۈچ بېغىشلايدۇ.

      تۇرسۇنجان ئۇكام 3-ئاينىڭ 11-كۈنى دۇنياغا داڭلىق تېكساس بىئومىدىتسىنا تەتقىقات ئىنىستىتۇتى (Texas Biomedical Research Institut) نىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دوكتور گرېگورى پەتتىرسون (Dr. Gregory Patterson) دىن پەقەت يىلدا بىرلا ئادەمگە بېرىلىدىغان پوستدوكتورلۇق تەتقىقات مۇكاپاتى (postdoctoral fellowship)نىڭ بېرىلگەنلىك خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. ئۇ ھەم مۇشۇ تەتقىقات مەركىزىنىڭ گېنتىكا فاكۇلتېتىنىڭ تەكلىپلىك خىزمەتچىسىمۇ بولىدىكەن. بۇ مۇكاپاتنىڭ سوممىسى ھەر يىلىغا 66،914 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئۇدا ئىككى يىل ئالىدىكەن. مۇشۇنداق پەقەت بىرلا ئادەمگە بېرىلىدىغان مۇكاپاتنىڭ ئۇيغۇر ئالىمىغا بېرىلىشى ئادەمنى بەكمۇ تەسىرلەندۈرىدۇ. مۇبارەك بولسۇن! سىزنىڭ كەسپىڭىزدە تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭىزنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن!

      بۇ تەتقىقات تۈرىگە ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن 50 تىن ئارتۇق تەتقىقاتچىلار ئىلتىماس سۇنغان بولۇپ، سۇنۇلغان تەتقىقات پىلانلىرى ئىچىدىن ئەڭ يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشكەن بىرىلا تاللاپ چىقىلىدىكەن. تۇرسۇنجان يازغان تەتقىقات پلانىنىڭ نامى «ئىت باش مايمۇن ئالدى مېڭىسىنىڭ تۆرەلمە مەزگىلىدىكى ئۆسۈشىنىڭ توسقۇنلۇقى ئۇچراپ مەڭگۈلۈك پروگراممىلىنىشىنىڭ  ئېپىگېنتىكىلىق مېخانىزملىرى»
(Epigenetic Mechanisms of Fetal Programming of the IUGR Baboon Brain Prefrontal Cortex) بولۇپ، تۆرەلمە مېڭىسى تەتقىقاتىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغانلىقى ۋە سۇنۇلغان بارلىق تەتقىقات پىلانلىرى ئىچىدە ئەڭ ياخشى يېزىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇ بۇ شەرەپكە نائىل بولغان.


تۇرسۇنجان (ئوڭدىن 3-كىشى) تېكساس بىئومىدىتسىنا ئىنىستىتۇتىدىكى خىزمەتداشلرى بىلەن بىللە


يۇقىرىدىكى نەتىجە ئەلۋەتتە تۇرسۇنجان ئۇكامنىڭ كەسپىدە كېچە كۈندۈز تىرىشقانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئۇ يەنە كەسپىدىلا ئەمەس، يەنە ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ئۇيغۇر ئانا تىلىدا قىممىتى يۇقىرى بىر تۈركۈم ماقالىلەرنى يېزىپ ۋەتەندىكى تور بەتلەردە ئېلان قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ يازغان ماقاللىرى ۋەتەندە بەكمۇ چوڭ غۇلغۇلا پەيدا قىلدى ھەم ئۇيغۇر ياشلىرىغا زور ئىلھاملارنى ئېلىپ كەلدى. سىز بىرەر نەتىجىگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز ئېنىق نىشان بىلەن كېچە كۈندۈز تىرىشىڭ ھەرگىزمۇ يولدا توختاپ قالماڭ! سىز ئاشۇلارنى قىلالىسىڭىز دۇنيادا پەقەت بىر ئادەملا ئالىدىغان يەرلەرگە كىرىپ، دۇنيادىكى داڭلىق ئالىم بولالايسىز. مەن ئامېرىكىغا 2000-يىلى كەلگىنىمدە ۋەتەنداشلارغا ئوقۇتقۇچى بولۇش ئارزۇيۇمنىڭ بارلىقىنى دېگەن ئىدىم. بەزىلەر بۇ ئارزۇيۇمنىڭ ئامېرىكادا ئەمەلگە ئېشىشى تەس ئىكەنلىكىنى بىر ئوقۇتقۇچ ئورۇنغا كىرىش ئۈچۈن نەچچە يۈزلىگەن ئادەمنىڭ ئىلتىماس قىلىدىغانلىقىنى ھەم مېنىڭ ياپونىيەدە ئوقۇغانلىقىمنى دېگەن ئىدى. بىراق ئاشۇ بىر ئادەمنىلا ئالىدىغان ئورۇنغىمۇ ئاخىرى كىرىپتىمەن. مېنىڭ بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم باشقىلارنىڭ نېمە دېيىشىدىن قەتئىي نەزەر ئۆز نىشانىڭىز ئۈچۈن توختىماي تىرىشسىڭىز غەلىبە سىزگە مەنسۇپ بولىدۇ!

ئاخىرىدا مەن تۇرسۇنجان ئۇكامنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ دۇنياغا تونۇلغان شۆھرەت مۇتەللىپتەك كاتتا ئۇيغۇر ئالىمى بۆلىشىنى يەنە بىر قېتىم چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن! مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن سىزنى ھەر تەرەپلەردىن قوللاپ ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان رەپىقىمىزگە رەھمەت ئېيتىمەن چۈنكى بىر مۇۋەپقىيەت قازانغان ئەرنىڭ يېنىدا بىر ئەقىللىق ئايال باردۇر!



بۇ تۇرسۇنجان ئۆتكەن يىلى دۇنياغا داڭلىق ئۇنىۋېرستېت كولومبىيە ئۇنىۋېرستېتىغا پوستدوكتورلۇق خىزمىتىگە يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا بارغاندا نىيۇ يورك شەھرىدە چۈشكەن سۈرىتى. (تۇرسۇنجان كولۇمبىيە ئۇنىۋېرستېتىنىڭ خىزمەت تەكلىپىنى رەت قىلغان تۇنجى ئۇيغۇر بولۇشى مۇمكىن)



تۇرسۇنجان لوس ئانجىلىستىكى داڭلىق ئۇنىۋېرستېت جەنۇبىي كالىفورنىيە ئۇنىۋېرستېتىغا يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا بارغاندا ھوللىۋدتا چۈشكەن سۈرەت


      مەن بۈگۈن ئۇيغۇر ئېلىكتېر ئىلىمى ئالىمى، ئىنژىنر، ئامېرىكا تەتقىقات ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى مەڭگۈلۈككە تەكلىپ قىلىش سىستېمىسى (tenure track) بويىچە خىزمەتكە تەكلىپ قىلىنغان تەبىئىي پەن ساھەسىدىكى تۇنجى ئۇيغۇر دوتسېنت ، دوكتور رەيھان بەكتۇر سىڭلىمدىن تۇرسۇنجان ئۇكىمىزنى تەبرىكلەپ يازغان تۆۋەندىكى خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. بۇنىڭ ئۈچۈن رەيھان سىڭلىمغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن!
رەيھان سېڭلىمنىڭ سۆزى تۆۋەندىكىچە:

       مەن يېقىندا دوكتور تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگەنىڭ بىر پوستدوكتورلۇق تەتقىقاتى تۈرىگە غەلبىلىك ئېرىشكەنلىكىنى ئاڭلاپ تولىمۇ ھاياجانلاندىم. مەن ئۇنىڭدىن ناھايىتى پەخىرلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ تىپتىكى تەتقىقات ئىلتىماسلىرىنىڭ قانداق ئۇسۇلدا كەسىپداش تەتقىقاتچىلارنىڭ باھالىشىدىن ئۆتىدىغانلىقىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى سۆزلەپ بەرگۈم كەپ قالدى. بۇنى تونۇشتۇرۇشۇمنىڭ بىزنىڭ تۇرسۇنجاننىڭ قولغان كەلتۈرگەن نەتىجىسىنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردىمى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

       بۇ جەريان ئۈستىدە سۆزلەشتىن بۇرۇن، مەن ئاۋۋال سىلەرگە مېنىڭ تەتقىقات تۈرلىرىنى باھالاش تەجىرىبىلىرىم ئۈستىدە ئۆزۈمنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئازراق سۆزلەپ ئۆتەي. مەن ئىلگىرى نۇرغۇن قېتىم «ئامېرىكا دۆلەتلىك تەبئىي پەن فوندى»غا مەبلەغگە ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن سۇنۇلغان تەتقىقات پىلانلىرىنى باھالاشقا قاتناشقان ۋە مۇشۇ خىل باھالاش ئارقىلىق قايسى پىروفىسورلارنىڭ تەتقىقات ئىلتىماسىنىڭ مەبلەغگە ئېرىشىشى كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، مەن يەنە ، «ئېلىكتېر ۋە ئېلېكتىرون ئېنژىنىرلىقى ئىنىستىتۇتى ئانتىننا ۋە تارقىتىش جەمئىيىتى، IEEE-AP-S» نىڭ دوكتورلۇق تەتقىقات مۇكاپاتلىرىنى بېكىتىش كومىتېتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر نەچچە خىل ئوخشىمايدىغان باھالاش كومېتىتلىرىنىڭ باھالاش ئىشلىرىغا قاتناشقان. گەرچە تۇرسۇنجان ئېرىشكەن مۇكاپات مېنىڭ تەتقىقات ساھەيىمدىن ناھايىتى يېراق بولسىمۇ، تەكشۈرۈپ بېكىتىش ۋە باھا بېرىش جەريانىنىڭ ماھىيىتى ئوخشاش ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن.

       ئادەتتە تەتقىقات تۈرى ئىلتىماسلىرى قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، باھالاش كومېتىتى باشلىقى تۆۋەندىكىلەرنى قىلىدۇ:

       (1) تەتقىقاتچىلار (پىروفىسورلار ۋە ھۆكۈمەت تەجىرىبخانىلىرىدىكى ئالىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نى تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. بۇ خىل تەكلىپ بىلەن، كومىتېت باشلىقى ئىلتىماسلارنى باھالاشقا خالىس مۇلازىمەت قىلىدىغان شۇ ساھەدىكى بىر تۈركۈم نەتىجە قازانغان مۇتەخەسىسلەرگە ئىگە بولىدۇ.
       (2) ئىلتىماسلارنى ئېھتىياج بويىچە بىر نەچچە كاتاگورىيىگە ئايرىيدۇ.
       (3) ئىلتىماسنىڭ تېمىسى ۋە مۇتەخەسىسلەرنىڭ تەتقىقات ساھەسىگە ئاساسەن كۆرۈپ چىقىدىغان ئىلتىماسلارنى تەقسىملەيدۇ. نورمال ئەھۋالدا، ھەر بىر تەتقىقات ئىلتىماسى ئۈچ نەپەر مۇتەخەسىس تەرىپىدىن كۆرۈپ چىقىلىدۇ. بەزىدە ئىلتىماسنىڭ خاراكتېرى ۋە مۇتەخەسىسلەرنىڭ ۋاقتى يېتىش-يەتمەسلىكىگە قاراپ ھەر بىر تەتقىقات دوكلاتىنى كۆرۈپ چىقىشقا ئىككى نەپەر مۇتەخەسىس ئورۇنلاشتۇرۇلىشىمۇ مۇمكىن.
       (4) مۇتەخەسىسلەرنىڭ دەسلەپكى كۆرۈپ چىقىشىدا قويغان نومۇرغا ئاساسەن، مۇنداق ئىككى خىل ئۇسۇل قوللىنىلىدۇ: 1. شۇ قېتىملىق تەتقىقات ئىلتىماسلىرىنى باھالاشقا قاتناشقان بارلىق مۇتەخەسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، ھەممەيلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ باھالىغان مەلۇم پىرسەنتتىن يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشكەن بارلىق تەتقىقات پىلانلىرىنى بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىدۇ، شۇنداق بولغاندا ھەر بىر تۈر ئادىل باھاغا ئېرىشەلەيدۇ. بەزىدە مۇزاكىرە جەريانىدا ئەسلىدە قويۇلغان نومۇر تەڭشىلىشى مۇمكىن. ئاخىرىدا، تەتقىقات پىلانلىرى ئېرىشكەن نومۇرىغا ئاساسەن دەرىجىگە تېزىلىدۇ. 2. كۆرۈپ چىققۇچىلارنى قايتا مۇزاكىرىگە چاقىرماي، دەسلەپكى نومۇرغا ئاساسەن بىۋاستە دەرىجىگە تېزىدۇ.
       (5) بارلىق تەتقىقات پىلانلىرى دەرىجىگە تىزىلغان كىيىن، ئەڭ يۇقىرى N پارچە ئىلتىماسنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشكە تاللايدۇ. بۇ يەردىكى N نىڭ ئاز-كۆپلۈكى شۇ پىروگرامما ۋە تەتقىقات مەبلىغىگە باغلىق. ئەمما كۆپىنچە ئەھۋاللاردا، ئەڭ يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشكەن 5% دىن 20% كىچە بولغان تەتقىقات پىلانلىرى مەبلەغگە ئېرىشەلەيدۇ.

       ئەمدى، بىرسى مۇنداق سوئال سورىشى مۇمكىن: «مەن تەتقىقات پىلانىنى قانداق يازسام ئاندىن يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشىپ مەبلەغگە ئېرىشەلەيمەن؟». ئادەتتە، يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن تەتقىقات پىلانىدا كەمىدە تۆۋەندىكى ئېلىمىنتىلار بولۇشى كېرەك:

      (1) ئوتتۇرىغا قويۇلغان تېمىنىڭ ئەھمىيىتى زور بولۇشى، ئىلىم-پەن ساھەسى ۋە جەمئىيەتكە ناھايىتى زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان بولۇشى زۆرۈر.
      (2) ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەتقىقات نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى تەتقىقات مىتودلىرى چوقۇم توغرا ۋە قايىل قىلارلىق بولۇشى كېرەك.
      (3) تەتقىقات پىلانىنى ئوتتورىغا قويغۇچى (يېزىپ تاپشۇرغۇچى) نىڭ مۇناسىۋەتلىك دەسلەپكى تەتقىقاتلارنى ئورۇنداپ بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرەلەيدىغان كۈچلۈك ئارقا كۆرۈنۈش سانلىق-مەلۇماتلىرى بولۇشى ۋە ئوتتۇرىغا قويغان تەتقىقات ۋەزىپىسىنى تامامەن غەلبىلىك ھالدا ئورۇندىيالايدىغانلىقىغا باھالىغۇچىلارنى ئىشەندۈرەلىشى كېرەك.
      (4) تەتقىقات پىلانى توغرا فورماتتا يېزىلىشى ۋە بارلىق لازىملىق ماتىرىيال-ھۆججەتلەرنى تەمىن ئەتكەن بولۇشى كېرەك.

تۆۋەندىكى ئىككى نۇقتا گەرچە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىمىسىمۇ، ئەمما ناھايىتى مۇھىم ھېسابلىنىدۇ:
      (1) تەتقىقات پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى تەتقىقات ئاساسى كۈچلۈك بولغان تەتقىقات ئورگىنىدىن بولغان بولۇشى.
      (2) تەتقىقات پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى كۈچلۈك قوللاشقا ئىگە بولغان بولۇشى (مەسىلەن داڭدار پىروفىسورلاردىن)

      كەسىپداشلارنىڭ باھالاش جەريانىدىكى بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى قالدۇرۇپ قويغان بولۇشۇم چوقۇمكى ئېنىق، ئەمما مەن بۇ جەرياندىكى ئەڭ ئاساسلىق تەرەپلەرنىڭ ھەممىنى يورۇتۇپ بەردىم دەپ قارايمەن.

       مەن دوكتور تۇرسۇنجان بىلگەنىڭ ئېرىشكەن نەتىجىلىرىدىن بەكمۇ پەخىرلىنىدىغانلىقىمنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمەن ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسىدە كەسپىدە تېخىمۇ زور مۇۋاپىقىيەتلەرگە ئېرىشىشىنى تىلەيمەن.

رەيھان بەكتۇر، PhD (دوكتور)
يۇتاھ شىتاتلىق ئۇنىۋېرستېتى
ئېلىكتېر ۋە كومپىيۇتېر ئېنژىنىرلىقى فاكۇلتېتى
ئورۇنباسار پىروفىسور
ئاسپىرانتلار كومىتېتى رەئىسى

ئامېرىكا دۆلەتلىك كومىتېت- خەلىقئارا رادىئو ئىلىمى بىرلەشمىسى B كومىتېتى سىكىرىتارى (U.S. National Committee for (USNC) International Union for Radio Science (URSI) Commission B Secretary)




تۇرسۇنجان ئوماق قىزى تۇمارىس بىلەن سېرىق تاش دۆلەتلىك باغچىسىدا

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5411
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13480
توردىكى ۋاقتى: 6633
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-7 15:28:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن.تۇرسۇنجاننىڭ تېخىمۇ زور مۇۋەپىقيەتلەرنى قولغا كەلتۆرىشىگە تىلەكداشمەن!.
تېما ئىگىسىگە رەھمەت.ھەقىقى ئىنسان باشقىلارنىڭ مۇۋەپىقىيەتلىرىدىن ئازاپلانمايدۇ،بەلكى شاتلىنىدۇ.سىزنىڭ تۇنۇشتۇرۇش خارەكتىرلىك يازمىلىرىڭىزدا بۇ نۇقتا رۇشەن ئەكىس ئەتكەن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

1

دوست

1746

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   74.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15536
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 556
توردىكى ۋاقتى: 81
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-7 15:42:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     مۇبارەك بولسۇن ! تۇرسۇنجاننىڭ تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قازىنىشىغا تىلەكداشمەن. ئاللاھىم ھەممىڭلارنى ئامان-ئىسەن قىلسۇن، ھەممىڭلارغا رەھمەت ئاتا قىلسۇن!

بار ئىكەنمىز يادىڭدا دۇنيا

2

تېما

11

دوست

2528

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   17.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11320
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 200
تۆھپە : 679
توردىكى ۋاقتى: 381
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-7 15:52:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شوھرەت مۇتەللىپ ، تاشپۇلات رۇزى ۋە تۇرسۇنجان قاتارلىق ئۇچ ئالىمىمىزنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئۇڭۇشلۇق بۇلىشنى چىن كوڭلۇمدىن تىلەيمەن . بۇ ئۇچچەيلەنىڭ  بىر - بىرىسىنى قوللاپ تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن ۋاقتىدا بىزنى خەۋەر قىلشى بىزنى چەكسىز خوشاللىققا ۋە تەگسىز مىللىي ئىپتخارغا ئىگە قىلدى . ئۇلارنىڭ ھەمكارلىشىش روھىي ۋە بىر - بىرىنى قوللايدىغان روھىي پۇتكۇل ئۇيغۇر تور دۇنياسنى تەسىرلەندۇردى . بۇ ھەم پۇتكۇل ئۇيغۇر ياشلىرىغا روھىي مەددەت بۇلۇپ قالغۇسى .  مۇشۇنداق كىشلىرىمىزنىڭ كوپلەپ چىقىشنى ھەمدە بۇ ئۇچەيلەننىڭ شەكللەندۇرگەن گارمۇنىك مۇناسۋىتىنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇپ ، ئۇيغۇر جەمىيىتنىڭ يۇكسلىشگە توھپە قۇشۇشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۇمۇت قىلىمىز.

0

تېما

0

دوست

4268

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   75.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22142
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1356
توردىكى ۋاقتى: 497
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-7 15:59:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئالىملىرىمىزنىڭ    دۇنيا   ئېلىم  -  پەن   تۆرىدىن    ئورۇن   ئالغانلىقىغا    مۇبارەك   بولسۇن   ،     ئاللا   ئىشلىرىنى    ئاسان    قىلسۇن    .

9

تېما

0

دوست

2305

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3368
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 254
تۆھپە : 594
توردىكى ۋاقتى: 180
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-7 16:02:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇتلار بولسۇن!
ئۆز قەۋىمدىن چىققان مۇنەۋۋەر ئۈلگىلەر ئادەمگە بەك تۈرتكە بولىدۇ.
ساقلىق،كۈچ- قۇۋۋەت ۋە بەخت تىلەيمەن.

1

تېما

2

دوست

5347

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   6.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16107
يازما سانى: 522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 1588
توردىكى ۋاقتى: 312
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-7 16:04:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ،بۇ  گەرچە ئىنىمىز ،قېرىندىشىمىز تۇرسۇنجاننىڭلا خوش خەۋىرى بولسىمۇ  ، لىكىن  بارىلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن كاتتا خوش خەۋەر بولۇپ ھېساپلىنىدۇ . بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ھەر بىر ئۇيغۇر پەخرلەنمەي تۇرالمايدۇ ،ئالىملىرىمىزغا تېخىمۇ زور ئۇتۇقلار يار بولسۇن . ئاللا سىلەرگە ھەر ۋاقىت ھەمرا .

1

تېما

2

دوست

3563

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   52.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26478
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1078
توردىكى ۋاقتى: 285
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-7 16:05:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككى ئۇچ يىلدىن بىرى مەيلى دۆلەت ئىچىدىكى بولسۇن،مەيلى دۆلەت سىرتىدىكى بولسۇن ئالىملىرىمىزدىن ئۈزلىكسىز خۇشخەۋەرلەر كىلىۋاتىدۇ.ئالىملىرىمىزنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.قارىغاندا بىلگەجان تىخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كېتىدىغان ئوخشايدۇ،شۇنداقتىمۇ تور دۇنياسىدىن يوقاپ كەتمىگەي.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )