بۇزۇقلارنىڭ جاجىسىنى بەرمەيمىزمۇ؟
قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم ، ھەممىمىز قىزلار بۇزۇلۇپ كەتتى دەپ قاھشىدۇق . بۇلارنىڭ سەۋەبىنىمۇ ھەرخىل تەھلىل قىلدۇق . لېكىن ئاشۇنداقلارنى كۆرگەن ۋاقتىمىزدا ئۇلارنى توساپ باقتۇقمۇ ؟
تۈنۆگۈن دەم ئالغان ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ بانكىدا بىجىرىدىغان ئىشىمنى قىلىۋالاي دەپ قىزىمنى ئەگەشتۈرۈپ ناھىيىمىزدىكى يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ ئالدىغا كەلدىم . بۇ چاغدا سائەت 8 دىن ئاشقان ئىدى . بانكا 8 يېرىمدا ئېچىلىدىكەن . شۇنىڭ بىلەن بانكىنىڭ ئالدىدىكى بىر ئورۇندا ئولتۇرۇپ ساقلىدىم . بىر چاغدا قارا دىگەندەك قارىسام ، مەندىن 5 مىتىر نېرىدىكى بىر جايدا بىر جۈپ قىز يىگىت قوللىرىنى تۇتۇشۇپ ، ئەگرى بۈگرى بۇلۇشۇپ كىتىپتۇ . ئەمدىلا 3 ياشقا كىرگەن قىزىمنى كۆرۈپ قالمىغىيدى دەپ ئەنسىرەپ كەتتىم . سىنچىلاپ قارىسام قىز يىگىت بىزنىڭ مىللەتكە ئوخشىمىغاندەك قىلدى . قىزىمنى باشقا تەرەپكە قارىتىپ ئولتۇرۇشۇمغىلا ، ۋاقىت توشۇپ بانكىنىڭ چوڭ ئىشىكى ئېچىلدى . سىرتتىكىلەر يۈگۈرۈشۈپ رەت تىزىلىپ كىرىشكە باشلىدى . رەتكە تىزىلغاندا قارىسام ، ئۇ بىرجۈپ ياش ئالدىمدىلا تۇرۇپتۇ . گەپلىرىگە دىققەت قىلسام ئۇيغۇرچە گەپلەشتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالىغا قاراپ : « ئۇكام ، سىز ئەسلى ئۇيغۇركەنسىز ھە ! باياتىن كۇچىدا باشقىچىلا قىلىقلارنى قىلىشىپ كەتتىڭلار ، شۇنىڭغا قاراپ سىلەرنى يات مىللەت ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ گەپ قىلمىغان ئىدىم . سىلەر ئۇيغۇر تۇرۇپ ئىزا تارتىشنى بىلمەمسىلەرما ؟ باياتىن ھېلىمۇ سىلەرنى تۇنۇماپتىمەن . بولمىسا سىلەرنى تېلېفۇندا رەسىمگە تارتىپ ، ئۈندىدارغا يوللىۋىتەركەنمەن . ئىزا تارتىڭلار !!!ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزىنى تۆكمەڭلار!!!» دىدىم .
گىپىمنى ئۇ بالىمۇ ، قىزمۇ ئاڭلىدى . لېكىن ئىزا تارتتىمۇ قانداق ماڭا گەپ قىلالمىدى ھەم بېششىنى پەس قىلىپ جىم تۇرۇۋالدى . بانكىنىڭ ئىچىگە كىرگەندە مەن قەستەن ئاشۇلارنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇۋالدىم . مەقسىتىم ، ئۇلارنى بۇلمىغۇر قىلىقلارنى قىلىپ قالسا شۇنىڭغا قارىتا تەدبىر قوللىنىش ئىدى . لېكىن ئۇلار يۇۋاشلىق بىلەن جىم ئولتۇرۇشتى .
يۇقارقى گەپلىرىمنى ئاڭلاپ مىنى نېرۋىسىدىن ئادىشىپ قالغان ئاداشمۇ نىمە بۇ ؟ دەپ ئويلاپ قالماڭلار قېرىنداشلار ! مىنىڭچە مۇشۇنداق پەيتلەردە بۇنداقلارغا تەربىيە قىلساق ، توسساق ، ئۇلار 2 - قېتىم مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىشتىن ئىزا تارتىدىغان بۇلىدۇ. ئەگەر بۇنداقلار ئەسكىلەردىن بولسا ، يا بولمىسا تىللىشىپ كىتەرمىز ياكى بولمىسا بىرەر مۇشت يەپ قالارمىز . ھەممىمىز مۇشۇنداقلار بىلەن كارىمىز بولمىسا ، كىيىن جەمئىيىتىمىز نىمە بۇلۇپ كىتەر ؟ مىنىڭچە بۇنداقلارنىڭ كۇچىلاردا كۆپىيىپ كىتىشىنىڭ سەۋەبىمۇ بىزنىڭ كارىمىز بولماسلىقىمىزدىن ياكى ئالدىراشلىقىمىزدىن بۇلۇشى مۇمكىن . لېكىن بۇنداق ھاياسىزلارنى كۆرىدىغىنى بىزنىڭ سەبىي بالىلىرىمىز . ئۇلار بۇنداق كۆرۈنۈشلەرنى كۆرسە ھەم چوڭلارنىڭ توسمايۋاتقانلىقىنى كۆرسە ، بۇنداق ئەخلاقسىز ئىشلارنى نورمال ئىشلاركەن دەپ ئويلاپ قالىدىغان ھەم بالدۇر يىتىلىپ كىتىدىغان ئەھۋاللار كىلىپ چىقىشى تۇرغانلا گەپ . شۇڭلاشقا مۇشۇ تىمامنى كۆرگەن ھەرقانداق بىر قېرىندىشىمنىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىشىپ كۆرۈشىنى سەمىمى تەۋسىيە قىلىمەن .
مەنبە : ئۆزەمنىڭ ئويلىغانلىرى
|