ئەخمەتجان قاسىمى تەۋەللۇتىنىڭ 100يىللىق خاتىرە كۈنى
(ئەسلىمە)
بۈگۈن خەلقىمىزنىڭ سۈيۈملۈك ئوغلانى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100يىللىق خاتىرە كۈنى .مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن كەڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا مەرھۇمنىڭ قىسقىچە تەرجىمەھالىنى يوللىدىم . ئەخمەتجان قاسىمى 1914–يىلى 4–ئاينىڭ 14–كۈنى غۇلجا شەھىرى دۆڭكۈۋرۈك مەھەللىسىدە قول–ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئائىلە تەربىيىسىدىن كېيىن 1922–يىلى قورغاستىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان ئىدى. كېيىن تاغىسى ئۆمەر قاسىمنىڭ ھىمايىسىدە ئانىسى بىلەن بىللە يەركەتكە كۆچۈپ بارىدۇ ۋە يەركەتتىكى دارىلئىتام مەكتىپىدە 7–سىنىپقىچە ئوقۇپ، كېيىن ئالمۇتىدىكى بىر تېخنىكۇمغا ئوقۇشقا كىرىپ، 1932–يىلى يۇقىرى نەتىجە بىلەن تېخنىكۇمنى پۈتتۈردى. بىراق ئۇ ئالىي مەكتەپكە كىرىش پۇرسىتىگە ئىگە بولمىغانلىقتىن ئىككى يىلدەك ئىشلەمچىلىك قىلدى.
1934-يىلىنىڭ ئالدى–ئاخىرىدا ئۇ لېنىن ئۇنىۋېرسال ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، دەسلەپ تىل–ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا، كېيىن ئىقتىسادىي فاكۇلتېتىدا ئوقۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا تىل–ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولدى.
1936-يىلى ئەخمەتجان قاسىمى موسكۋا شەرق سوتسىيالىستىك ئەمگەك ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، ئۇ يەردە ماركسىزم–لېنىنىزمدىن تەلىم ئالدى.
1942-يىلى ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن تارباغاتاي چېگرىسى ئارقىلىق غۇلجىغا كېلىپ ئورۇنلىشىپ، بىر مەزگىل ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللاندى. مۇشۇ جەرياندا، خەلق ئاممىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ شىنجاڭ زېمىنىدا، جۈملىدىن ئىلى رايونىدا بولۇۋاتقان زۇلۇم–زورلۇق ۋە خەلقنىڭ گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ھاكىمىيىتىنىڭ چىرىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى غەزەپ–نەپرەتلىرىنى چۈشەندى، ھەم ئاكتىپ ھالدا سوۋېت ئىتتىپاقى ھەققىدە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، مىللىي ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈشتەك ئىلغار پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى.
ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ تۈرلۈك ئىنقىلابىي پائالىيەتلىرى تېزلا ئەكسىيەتچى ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تەقىپ قىلىندى ۋە 1943–يىلى 12–ئايدا غۇلجىدا قولغا ئېلىنىپ بىر مەزگىل غۇلجا تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېلىنىپ ئىككىنچى تۈرمىگە قامالدى. كېيىن ئۇ ئىككىنچى تۈرمىدىن ئۈرۈمچى سوپۇن زاۋۇتى (شېڭ شىسەينىڭ ھازىرقى بوغدا يولى مۇنچا ئورنىغا سالغان تۈرمىسى)غا يۆتكەپ كېلىنىپ ئەمگەككە سېلىندى. 1944–يىلىنىڭ ئاخىرى ئۇ تۈرمىدىن بوشىتىلىپ غۇلجىغا قايتىپ كەتتى.
1944-يىلى 9–ئايدا ئىلىنىڭ نىلقا ناھىيىسىدە گومىنداڭغا قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ پارتلىدى. بۇ كۈنلەردە غۇلجا شەھىرىدىكى «ئازادلىق تەشكىلاتى»نىڭ پائالىيىتى جانلىنىپ ئۇرۇش باشلىنىپ كەتتى. ئەخمەتجان قاسىمى غۇلجىغا بارغاندىن كېيىن پارتىزانلارغا قوشۇلۇپ، ھەرەمباغ ئۇرۇشىغا قاتناشتى. كېيىن گېزىتخانىدا ئىشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن كۆزگە كۆرۈنۈپ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي بۆلۈم باشلىقى بولۇپ ئىشلىدى. ئىنقىلاب غەلبىسىگە ئەگىشىپ، ئۇ ئالدى–ئاخىرى بولۇپ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزاسى، بىتىم ۋەكىللەر ئەزاسى، شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۈچ ۋىلايەت شىنجاڭ تىنچلىقنى قوغداش خەلقچىل ئىتتىپاقى مەركىزى كومىتېتىنىڭ رەئىسى قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى.
ئەخمەتجان قاسىمى 1949–يىلى 8–ئاينىڭ 27–كۈنى رەئىس ماۋزېدۇڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىغا كېتىۋېتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى بايقال كۆلى رايونىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا بارغاندا ئايروپىلان ۋەقەسى بىلەن بەختكە قارشى قازا تاپتى.
ئەخمەتجان قاسىمى بىر ئۆمۈر ھاياتىنى ئىنقىلابقا بېغىشلىغان، ۋەتەنگە، خەلققە، ئىنقىلابقا بولغان چەكسىز سادىقلىقى ۋە يۈكسەك پەزىلىتى بىلەن خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان، ھەرمىللەت خەلقىنىڭ قەلبىدىن ئۆچمەس ئورۇن ئالغان ئىستېداتلىق خەلق رەھبىرى ئىدى. |