قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1835|ئىنكاس: 28

مايمۇن ۋە ئۇسسۇل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

3

دوست

2223

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19310
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 684
توردىكى ۋاقتى: 190
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-19 14:25:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مايمۇن ۋە ئۇسسۇل
(ساتىرىك ھېكايە)  
مۇھەممەتتۇرسۇن . ئابلېكىم  ( بەگ ئالىپ)



     


           مۇئەللىم دەل نۇرۇز كۇنى ماڭا بىر قاملاشمىغان تاپشۇرۇق بېرىپ قويدى ؛ مېنى سەھنىدە ئۇسسۇل ئويناۋاتقان قىزنى تەسۋىرلەپ بىر تەسۋىر ياز دەيدۇ، بۇ تاپشۇرۇق خوش ياقمىغاندەك قىلدىيۇ يەنىلا چاندۇرمۇدۇم، چۇنكى قىلدىن قىيىق كەتسەڭ مەۋسۇم ئاخىردا 59 نۇمۇر بىلەن ئىنتاھاندىن  قالىدىغان ئىش چىقىدۇ، شۇڭىمۇ قايسىدۇر بىر تەتۇر پېشانە <<ئالىي مەكتەپتە ئاتاڭنى قاقشاتساڭ قاقشات ،مۇئەللىمنى قاقشاتما >> دەيدىغان ئبرەتنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئىكەن .شۇنداق قىلىپ باشقىلار تېلفۇنلىرغا توكنى تاشقۇدەك قاچىلاپ  سۈرەتكە چۈشۈش جېڭىگە تەييار بولۇشتى ،مەن بولسام بىچارىلەرچە قەلەم بىلەن ئارگىنال قەغىزىنى قولتۇقۇمغا قىستۇرۇپ زالغا بالدۇرلا يول ئالدىم ، ئەسلىدە بالدۇراق بېرىپ ئالدىدا ئولتۇرۇپ ۋەزىپەمنى ئوبدانراق ئورۇنلاي دېگەن ئىدىم ، لېكىن ئالدىنقى رەت ئاللا بۇرۇن توشۇپ بولغان ئىكەن ، تېخى ساپلا دەرىس دېسە بېشى ئاغرىپ ئەڭ كەينىدە ئولتۇرىۋالىدىغان گۇيلار بۇ قېتىم ئالدىنقى رەتتە گىدىيىپ ئولتۇرىشىپتۇ . شۇنداق قىلىپ ئاران دېگەندە ئوتتىرىدىن ئۇرۇن تاپالىدىم ، لېكىن بۇ ئۇرۇنمۇ كۆڭىلدىكىدەك ئەمەس ئىدى ؛ مەن ئولتۇرىدىغان ئورۇننىڭ يېنىدا مەندىن توغرىسىغا ئىككى كېلىدىغان بىر قىز ئولتىراتتى ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئورننى پۈتۈن ئېگەللەپلا قالماي مېنىڭ ئورنىمنىىڭ يېرىمىنى ئىگەللىۋالغان ئىدى ، شۇنداق بولسىمۇ ئۈزۈمنىڭ پۈتۈن ئېغىرىمنى سېلىپ ئورۇنغا ئۆزىمنى تاشلىدىم ، ئەسلى مۇشۇنداق قىلسام ئۆزىمنىڭ ئورنىنى قايتۇرىۋالالايمەن دەپ ئويلىغانىدىم، بىراق ئۇنىڭ ماسسىسى مەندىن  خېلىلا چوڭ بولغاچقا ئۇنى ماڭا تەئەللۇق ئورۇندىن سىقىپ چىقىرالماي يان تەرەپكە تېيىپ كېتىپ يەنە بىر يېنىمدا ئولتۇرغان بىرىنىڭ ئورنىنىڭ يېرىمىنى ئىگەللىگەن پېتى ئولتۇرۇپ  قالدىم ، ياخشى يېرى ئۇ مۇشۇ يىل كەلگەن يېڭى كەلدى ئاخۇن بولغاچقا ئارتۇق بىر نەسە دىيەلمىدى .  ئۇيۇنمۇ باشلىنىپ قالدى ؛ مەندىن باشقا ھەممە ئادەم دېيىشىۋالغاندەكلا تېلفۇنلىرىنى چىقىرىشتى ، ئاندىن سەھنىگە ئەمدىلا چىققان رىياسەتچىلەرنى خۇددى مەملىكەت خەۋەرلىرىدە دۆلەت باشلىقلىرىنى سۈرەتكە تارتقاندەك تاراسلاپ سۇرەتكە تارتىشىپ كەتتى ،دەل مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ قالايمىقانچىلىق باشلاندى ؛ ئالدىدىكىلەر كەينىدىكىلەرنى توسۇۋالدى شۇنداق قىلىپ كەينىدىكىلەر سەھنىنى سۈرەتكە تارتىمەن دەپ ئالدىدىكىلەرنىڭ قوللىرى بىلەن تىلفۇنلىرىنى تارتىپ سالدى،  ھوي سېرىق چاچ ! : سەن قۇلۇڭنى پەس قىل ،مەن كۆرەلمەي قالدىم ! ...، شۇ چاغدا يېنىمدا ئولتۇرغان گۆش تاغىرى چىچاڭشىغىنىچە ئورنىدىن قوزغالدىدە ئورۇندۇققنىڭ ئۈستىگە چىقىپ تۇرۇپ سۈرەتكە تارتىشقا باشلىدى ، دەل شۇ چاغدا قاراس قىلغان ئاۋاز بىلەن ئۇرۇندۇق سىنىپ كېتىپ ئۇ ئالدىمغىلا چۈشتى، بەكلا قورقۇپ كەتتىم ؛ئەگەر ئۈستىمگە يىقىلغان بولسا مەن يۈك ماششىنىسى بېسۋەتكەندەك ماكچىيپلا كەتكەن بۇلاتتىم ھېلىمۇ ياخشى ،مەكتەپ مۇدىرىنىڭ گۈلدۈرمامىدەك ئاۋازى زالنى بىردەمدىلا چىۋىن ئۇچسا ئاڭلانغۇدەك ھالەتكە ئەكەلدى .
         نۇمۇر كۆرسىتىش رەسمىي باشلاندى ؛ قىزىل ئەتلەستىن كاستىيۇم كىيىۋالغان بىر بالا(مەن ئۇنىڭ ئوغۇل ياكى قىزلىقىنى ئايرىيالمىدىم)  مەن چۈشەنمەيدىغان بىر تىلدا بىر نەرسىلەرنى توۋلاپ سەھنىنىڭ ئوتتىرىسىدا  تاقلاپ سەكرەشكە باشلىدى ،لېكىن پەستە ئولتۇرغانلارنىڭ بىرىمۇ ئۇنىڭ كۆرسەتكەن نۇمۇرىىغا دىققەت قىلمىدى ،ئەتراپىمغا قارىسام ھەممە ئادەم تىلفۇنلىغا قاراپ بىر ئىشلانى قىلىپ ئولتۇراتتى ، يېنىمدىكى گۆش تاغىرىمۇ تىلفۇنىنى چىقاردىدە ،تېلفۇن  كامىراسىنى  ئۆزىگە توغرىلاپ تۇرۇپ ،ئېغىزىنى ئۇچلاپ ،كۆزىنى يىرتىلىپ كەتكۈدەك چوڭ ئېچىپ چاسسىدە بىرپارچە سۈرەتكە چۈشتى ، مەن ئۇنىڭ يوغانلا بەستەگە قاراپ كامىراغا پاتقانمۇدۇ دەپ قىزىقىپ قارىسام  ئېكرانغا لىقلا كەپتۇ ، ئۇ قايسىدۇر بىر سۈرەت ئۆزگەرتىدىغان دېتالنى ئېچىپ ئېكراننى شۇنداقلا چېكىپ قۇيۇۋىدى ،ئۇنىڭ قارا كۆسەيگە ئوخشايدىغان چىرايى ئاقىرىپ،سۈتتەك ئاپئاق ھالەتكە كەلدى ،ئاندىن ئېكراننى يەنە بىر چېكىۋېدى ئېكرانغا توشۇپلا كەتكەن  گەۋدىسى مودىللاردەك ئورۇقلىدى ، شۇ چاغدا كۆزەينىكىمنى ئوڭشاپ سۈرەتكە يەنە بىر قارىدىم ؛ ۋوي ! ماۋۇ سۈرەتتىكىسى مەن ئۆتكەن ھەپتە ئۈندىداردا تۇنۇشۇپ قالغان قىز شۇ ئەمەسمۇ ،تېخى  دادام تۇرمۇش پۇلۇمنى ئەۋەتكەن ھامان ئۇنى تاماققا تەكلىپ قىلماقچى ئەمەسمىدىم ، لېكىن سۈرەتتىكى قىز بىلەن ئۇنى ئەسلا سېلىشتۇرغىلى بولمايتتى  ، شۇڭا ئىشەنگىم كەلمەي ئۇنڭدىن ئاستا سورىدۇم : سۈرەتتىكىسى سىز شۇما ؟ :ئۇ ماڭا يەۋەتكۈدەك بىر قارىدى ئاندىن، ھۇي بالا ...شۇ مەن بولماي كىم بۇلاتتى ،؟!  كۆزەينىكىڭىزنى  چاپىنىڭىزنىڭ پېشىگە سۈرتىۋېتىپ قاراڭە ،ئاندىن تۇنىيالايسىز  . توۋا مەن بۇ مەكتەپتىكى ئاسپىرانتلاردىن تارتىپ كەلگىنىگە تېخى يېرىم يىل بولغان قىزلارغىچە تۇنۇمايدىغىنىم يوق ئىدى، ماۋۇ گۆش تاغىرىنى نېمىشغا تۇنۇيالماي قالدىمكىن دېسەم ئەسلى سۈرىتىگە ھۆسۈن تۈزەش ئېلىپ بېرىپ بولۇپ ئاندىن ماڭا يولاپ بېرىپتىكەن ئەمەسمۇ !  ئۇف ، ھەرنىمە بولسا دادام تۇرمۇش پۇلۇمنى ئەۋەتمەي تۇرۇپتىكەن ،بولمىسا قاراپ تۇرۇپلا قۇيۇلۇپ كېتەركەنمەن ، ھېلى ياتاققا كىرىپلا مانى دەرھال ئۈنددىدارىمدىن يۇقاتمىسام بولماپتۇ . شۇ چاغدا غەلىتە ئىشتىن يەنە بىرنى بايقاپ نمە قالدىم ، سەھنىدە سەكىرەپ تاقالاپ يۈرگەن بالا ، پەستە ئولتۇرغانلارنىڭ ئۆزىگە دىققەت قىلمىغىنىدىن پايدىلنىپ ، تىلفۇننىنى شاققىدە چىقاردىدە گىدىيىپ تۇرۇپ ئۈندىداردا گەپ قايتۇرىۋالدى  ، ئۇنىڭغا قاراپ تىلفۇنىمنى نېمىشقىمۇ ئېچقمىغاندىمەن دەپ جىلە بولۇپ كەتتىم .
    بىردەمدىن كېيىن رىياسەتچى يەنە سەھنىدە پەيدا بولدى ، شۇ ئارىدا ئالدىنىقى رەتتە ئولتۇرغانلار گۈرىدە سەھنىگە يۇگۈرۈشتى ،ئاندىن رىياسەتچى بىلەن باشلىرىنى يېقىن ئەكىلىشىپ چاراسلىتىپ رەسىمگە چۈشۈشتى ، شۇ چاغدا مېنىڭمۇ رىياسەتچى بولغۇم  كېلىپ كەتتى، چۈنكى مەن پۈتۈن ئۆمرىمدىمۇ  مۇنۇ رىياسەتچى مۇشۇ بەش مىنۇت ئىچىدە بىللە سۈرەتكە چۈشكەن  قىزلارنىڭ يېرىمى بىلەنمۇ سۈرەتكە چۈشەلمەسلىكىم مۇمكىندە . ئاخىرى  مەن كۈتكەن مىنۇتلارمۇ يېتىپ كېلىپ يالغۇز كىشلىك ئۇسسۇل ئوينايدىغان قىز سەھنىگە چىقتى ،مەن شارتلا ئالدى رەتكە ئۆتىۋالدىم ، ئاندىن باشقىلار تېلفۇن كامىرالىرىنى تەييارلىشى بىلەن تەڭلا مەنمۇ   قەغەز-قەلەمنى تەق قىلىپ تۇردۇم ،ئەمدى يېزىشنى باشلاي دەپ تۇرسام ، پەستىن يەنە بىر توپ ئادەم كېلىپ ئۇسسۇلچى قىز بىلەن باشلىرىنى چاپلىشىپ سۈرەتكە چۈشۈشكە باشلىدى ،بۇ چاغدا مەكتەپ مۇدىرىمۇ سەھنىدە پەيدا بولدى ،مەن  سەھنىگە چىقىۋالغان ئاڭسىزلارنى تازا سۈر توقاي قىلىدىغان بولدى دەپ تۇرسام ، ئۇمۇ ئۆزىنىڭ كېسەكتەك چوڭلىقتىكى يوغانلا تېلفۇنىنى چىقىرىپ ئۇسۇلچى قىز بىلەن شاققىدە بىر پارچە سۈرەتكە چۈشۈۋېلىپ سەھنىدىن چۈشۈپ كەتتى . ئون نەچچە مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن  سۈرەتكە چۈشىدىغانلار ئاساسەن تۈگەپ ، بېشىنى ئىچىگە تىققىنىچە جمىپ قېلىشتى (ئۇلار بەلكىم بايام چۈشكەن سۈرەتلىرىنى ھېلىقى سۈرەتنى ئۇرۇقلىتىپ، ئاقارتىدىغان دېتالدا لاھيەلەپ ئۈندىدارغا چىقىرىش بىلەن ئاۋارە بولسا كېرەك ) .
         مەن شۇ چاغدىلا قەلەمنى قۇلۇمغا ئېلىپ سەھنىدە ئۇسسۇل ئويناۋاتقان قىزنى تەسۋىرلەشكە باشلىدىم ، ئەمەلىيتتە ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ تەسۋىر يېزىش كەتمەيتتى ، كونا ئەنئەنە بويىچە ئۇسسۇل ئويناۋاتقان قىزنى گۈللۈكتە ئۇچۇپ يۈرىۋاتقان كېپىنىككە ئوخشىتىپ تەسۋىرلىسەملا بۇلاتتى ،لېكىن بۇ  تەسۋىر مۇنۇ قىزغا پەقەتلا ياراشمايدىغاندەك قىلاتتى:  ئۇنىڭ كىيىۋالغان كىيىملىرگە قارىدىم؛ گەرچە كىيمنىڭ رەختى ئەتلەستىن بولسىمۇ شەكلى  كانايدەك تار،ھەممە يېرىگە جىنكەشنىڭ دېپىغا ئوخشاش ئالا بۇلىماچ رەخت پارچىىلىرى بىلەن قوڭغاراقلار ئېسىلغان ئىدى ، بېشدىكى دوپپىسى بولسا بەكلا كىچىك بولۇپ قەدىمكى زامانلاردىكى پادىشاھلارنىڭ تاجىدەك بېشىنىڭ ئۇچچىغىلا كېلىپ قالغان ئىدى  ،ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈزىگە بىر قۇتا پارقىرتىش مېيىنىڭ ھەممىنى سۈرۈۋالغاچقا يۈزى ئېتىز يۈزىگە تارتىپ قۇيۇلغان يالتىراقتەك پارقىراپ تۇراتتى، ھەتتا كۆزىنىمۇ بوش قويماي، قېشىدىن تارتىپ ئاستى قاپىقىغىچە كۆپكۆك بۇياپ كىچىك ۋاقىتلىرىمدا بىر قېتىم كۆرۈپ قالسام سىرتقا چىقالمايدىغان كۆك ئەرۋاھ دېگەن فىلىمدىكى كۆك ئەرۋاھقا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشىۋالغان ئىدى  . شۇنداق قىلىپ مەن ئۇنىڭ قىياپەت تەسۋىرىنى يېزىشقا ئامالسىز قالدىم ،بىراق قۇرۇق قول قايتقىلى بولمايتتى ؛ئاخىرى قىياپەت تەسۋىرىنى قۇيۇپ ئۇنىڭ ھەركەت تەسۋىرىنى يازماقچى بولدۇم ، لېكىن ئۇنىڭ ئۇسسۇل ئويناۋاتقان ھالىتىگە قاراپ يەنە قەلەم تەۋرىتىشكە ئامالسىز قالدىم؛ باشتا قارىسام ئويناۋاتقان ئۇسسلىرى بىزنىڭكىگە ئاز تولا ئوخشىغاندەك قىلدىيۇ لېكىن قول ھەركەتلىرى كورىيەنىڭ ماشىنا ئادەمنى دوراپ ئوينايدىغان ھەركەتلىرى بىلەن ئارلىشىپ قالدى ،كېيىن قارىسام ھېچنىمىگە ئوخشىمىدى ؛بىردەم شارۇلخاننىڭ كىنولردىكىگە ئوخشىتىپ ئوينىسا ،يەنە بىردەم ۋولىۋوتنىڭ كىنولىرىدىكىگە ئوخشاش   ئۆزىدە ئۆچى باردەك پۈتۈن بەدەننى سىلكىىپ تۇرۇپ ئوينايتتى،بىردەمدىن كېيىن  ئۇسسۇل ئويناۋاتقان قىزچاقنىڭ  پەستە ئولتۇرغانلارنىڭ ئۆزى بىلەن كارى بولمىغىنىغا ئىچى پۇشتىمۇ  تېلفۇننىنى چىقىرىپ تازا پوچى شەكىل چىقىرىپ نەچچە پارچە سۈرەتكە چۈشتى ،  شۇنداق قىلىپ يازغانلىرمنىڭ ئالدى كەينى پەقەت قۇلاشمىدى ،ئاچچىقىمدا ھەممنى ئۆچۈرۋەتتىم ، ئاندىن يەنە بىر ۋاراقنى ئۆرۈپ مۇئەللىمگە تاپشۇرىدىغان نەرسىنى يېزىشقا باشلىدىم،  :  مايمۇن قىزچاق ئورمانلىقتىكى بارلىق ھايۋاناتلارغا مايمۇنلار  قەۋىمىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىگە خاس بولغان بىر نۇمۇر ئورۇنلاپ بەردى  .                                                                                                                                                                                          
         يازىدىغان نەرسەمنى يېزىپ بۇلۇپلا بۇ يەردىن چوڭ قەدەملەر بىلەن چىقىپ كەتتىم ، باشقىلارنىڭ دىققىتىنى بۇراپ سېلىشىمدىنمۇ ئەنسىرمىدىم ،چۈنكى سەھنىدىكىلەردىن تارتىپ پەستە ئولتۇرغانلارغىچە ،مەكتەپ مۇدىرىدىن تارتىپ ئوقۇغۇچىلارغىچە تېلفۇن بىلەن بەنىد بۇلۇپ ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسىمۇ سەزمەيدىغاندەك ھالەتتە ئىدى .

9

تېما

3

دوست

2223

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19310
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 684
توردىكى ۋاقتى: 190
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-19 14:27:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەرنى يازغۇچىلار مۇنبىرىدە ئېلان قىلغان ئىدىم، ئىنكاسلار خېلى ياخشى بولدى، باغداشتىكى قېرىنداشلارنىڭمۇ ھۇزۇرىغا سۇنۇش ئۈچۈن بۇ مۇنبەرگە يوللۇدۇم
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

3

دوست

1009

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   0.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21860
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 290
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-19 22:30:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ئاللا بەك كەپتۇ جۇمۇ مايمۇن قىز ئورماندىكى بارلىق ھايۋانلارغا مايمۇنچە ئۇسۇل ئويناپ بەردى دىگەن يەرلىرى

2

تېما

4

دوست

1023

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   2.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28028
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 318
توردىكى ۋاقتى: 58
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-19 22:49:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەليار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-19 22:59  

ياخشى يېزىلغان ھېكايىكەن.ئىچكىرى تولۇقتا ئۇقۇۋاتقان چېغىمىزدا ئاز بىر قىسىم قىزلىرىمىز يات خەقنىڭ ئالدىدا سىز دېگەندەك مايمۇن ئۇسۇلىنى ئويناپ بىزنى نۇمۇستىن ئۆلتەگىلى تاسلا قالاتتى. ئازراق نارازىلىق بىلدۈرۈپ قويساق بىر نەچچە دوستىنى باشلاپ كىلىپ تۇلا ۋالاقشىپ ئادەمنى«بولدى ،بۇنداقلارغا ئېغىزنى ئۇپراتقان بىكاركەن »  
دىگەن يەرگە كەلتۈرۈپ قۇياتتى.ئەمدى ئالىي مەكتەپتە بولسا سىز ئېيتقان گۆش تاغارلىرى(قىلمىشلىرى ئوخشاش) بىر قەدەر كۆپ.«ماۋۇ كىمكەن تېپىپ بېقىڭە؟» دەپ ئەركىلەپ تەھرىرلىگەن سۈرەتلىرىنى كۆرسىتىپ كىتىشلىرى بار تېخى،ئادەمنىڭ كۆڭلى ئېلىشىپ يۈزىگە بىرنى تۈكىرەي دەۋاتقاندا.ئەلۋەتتە ھەممىمىز ھۆرمەتلەيدىغان  ئەخلاقلىق،ئىتقادلىق،پەرىدەك ئېسىل قىزلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس.