‹ئۇلار (يەنى ئاللاھغا ئىشەنگۈچىلەر) غەيىپكە ئىشىنىدۇ›
قۇرئان كەرىمدىن.
ئادەم بالىسى شۇنداق بىر خەلقكى، كائىناتنىڭ قوياش سىستىمىسى ئىچىدىكى كىچىككىنە بىر پلانېت : يەرشارىنى كۆز ئالدىمىزدا چوڭايتىۋتىمىز ۋە تالىشىدىغان دۇنياغا ئايلاندۇرۇپ قويىمىز. كىيىن قەبىرنىڭ ئىچىگە كىرگەندە دۇنيامۇ لازىم بولمايدۇ يەرشارىمۇ لازىم بولمايدۇ، ھاۋامۇ قوياشمۇ لازىم بولمايدۇ.دۇنيادا جان ساقلاپ قېلىش باھانىسىدا بىرى قولىدىكى ھوقوقنى سۈيئىستىمال قىلىپ ئاددىي پۇقرانى دەپسەندە قىلسا،بىرى مال ئابرويىنى كۆز كۆز قىلىپ ئاجىز كىشىلەرنى ‹ئىزىدۇ›.ئاددى كىشىلەر بولسا يەنىلا‹ جان›غىمىدە بەزىسى مال ئابروي ئۈچۈن باشقىلارنىڭ مەنىۋى ماددى ھەققىنى ئۆزى ئۈچۈن قۇربان قىلىۋەتسە بەزىسى ھوقوق ئۈچۈن ھەم باشقىلارنىڭ ھەم ئۆزىنىڭ ئادىمىيلىكىنى قۇربان قىلىۋتىدۇ. ساتقۇن، خائىن، نەپسانىيەتچى،ئاشقۇن جاھىل،باشقىلارنىڭ قانداق ئازاپلىنىۋاتقانلىقى بىلەن كارى بولمايدىغان،باشقىلارغا كىچىككىنە ياخشىلىقنى قىلىشقا كىبىرى يول قويمايدىغان ھەرقايسى تەبىقىدىكى بۇ ئادەملەر كىم بولىشىدىن قەتئى نەزەر كۈندە ئۈچ ۋاق بەلگىلىك مىقتاردا تاماق يىيەلەيدۇ.ئۇنىڭدىن كۆپنى يىيەلمەيدۇ.خاھىش سىغىمچانلىقى تويۇنۇش سىغىمچانلىقىدىن ئىشىپ كەتكەن دۇنيا مىنىڭ دىگەن ئادەملەرمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.ھەممىسى ئەسلىدە ناھايىتى ئادەتتىكى ئادەملەر.
ئادىمىيلىكنى قۇربان قىلىشنىڭ قانداق بولدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
قېدىم قېدىمدىن ئىنسانلار ياراتقۇچى ئىلاھىنى ئىزدەپلا كەلگەن. ئۆزىنىڭ بىر ئىلاھ تەرپىدىن يارتىلغانلىقىغا ئىشەنگەن. (خۇددى ھازىر ياپۇنيەدە ئىجات قىلىنغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەمنىڭ(ASIMO ئىسىملىك ماشىنا ئادەمنى كۆرۈڭ) ئۆزىنىڭ‹ياراتقۇچى›ئىنژىنىرى بولغاندەك ،ئەلۋەتتە ئادەمدەك يۇقۇرى ئەقىل سەۋىيەسىگە ئىگە مەخلۇقنى ياراتقۇچى ئىلاھ ياراتمىسا ئۆزلىكىدىن پەيدا بولۇپ قالمايدۇ. ) ئادەملەرنىڭ ئازغۇن ئىكەنلىكىدىن ياراتقۇچى ئۆزىنىڭ يولباشچى ئەلچىلىرىنى ئەۋەتكەن. دۇنيا تارىخىدا ئۆتكەن پەيغەمبەرلەر بەزىسى كىتاپ بىلەن بەزىسى نوتۇق بىلەن ئادەملەرگە ئاللاھغا ئىشىنىشنىڭ يولىنى كۆرسەتكەن.ئۇنىڭدىن كىيىنچۇ؟
ئەسلى پاجىئە دەل مانا مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ.
يەنى پەيغەمبەرلەر دۇنيادىن ئۆتكەندىن كىيىن ئادەملەر ئىتقاد يولىدا يەنە ئىزىشقا ئۇچىرايدۇ.
ماددىغا چوقۇنۇش، شۇ ماددىنىڭ ئۆز كۆڭلىدىكى بىر پارچە پوترىتىغا چوقۇنۇش دىمەكتۇر. بۇ پوترىتتىكى رەسىم بەزىدە بىر پەيغەمبەرنىڭ كرىستقا ئىسىلغان رەسىمى بولسا بەزىدە ساكيامونىنىڭ بەدەشقان قۇرۇپ ئولتۇرغان رەسىمى بولۇپ شەكلى رېئال دۇنيادىكى ئىتقادچىلار تەرپىدىن ماددىلاشتۇرۇلغان. ۋە ھەرخىل ئىبادەتخانىلار قۇرۇلۇپ چوقۇنغۇچى مۇرتلىرى شەكىللەنگەن. پوترېتنىڭ ئىسلام ئالەمىدىكى شەكلى بولسا ئاللىقانداقتۇر ئەۋلىيايى ئەزەم،پىر ئەۋلىيا،سوپى ئىشان، ھەزىرتى ئەلى، ۋاھابى، ھىزبۇللاھ، قاتارلىق ھەرخىل ئىسىملار بىلەن ئوتتۇرغا چىقىپ، ئەسلىدە بۇرۇن بار بولغان شەخىسلەرگە بار بولمىغان ئەۋلىيالىق ئالاھىدىلىكى بىلەن سۈپەتلەندۇرۇلۇپ ئۇلارنى قانداقتۇر تەبىئەتنىڭ سىرتىدىكى ئادەم دەپ ئۆزىنى ئىشەندۈرۈپ ،يىڭى سىياسى ئىدولوگىيە ئويدۇرۇپ چىقىپ بۇنى ھەرخىل ئېقىم، ھەرخىل مەزھەپكە ئايلاندۇرۇپ بىرىنىڭ پىكىرىنى بىرى قوللىمايدىغان،بىرىنى يەنە بىرى ياخشى كۆرمەيدىغان :ۋاھابى، ھىزبۇتتاھىر،سوپى ئىشان سۈلۈكلىرى،ئالېۋى(شىيەلەر،ھەزىرتى ئەلى چوقۇنغۇچىلىرى) قاتارلىق بۆلۈنمىچىلىك، ئۆز جامائىتىنىڭ ئىچىدىكى پىكىر ئىختىلاپ نەتىجىسى يەنە شۇ بۆلۈنمىچىلىك.ئۆز ئىشەنگەن ئىلاھى ئىبادىتى بىلەنلا بولماي باشقىلارنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرۇپ مىڭە يۇيۇش نەتىجىسىدە ئاددىي كىشىلەرنىمۇ ئۆز ئىتقادىغا سۆرەپ كىرىشى، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا تىنچلىقىغا جۇملىدىن مۇسۇلمانلار تىنچلىقىغا ئىغىر تەھدىت بولۋاتقان بۆلۈنمە ئاڭ، ئۆزى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئۆزگە ئىتقادتىكى كىشىلەرگە ئاشكارا قارشى چىقىپ، ئۆزىگە بوي سۇنمىسا تىغ كۆتۈرۈش دەرجىسىگە بىرىپ يەتتى. يۇقۇردا تىلغا ئىلىنغان ‹ماددىغا چوقۇنۇش›نىڭ ئالدنقى باسقۇچىدىكى ‹ئۆز كۆڭلىدىكى بىر پارچە پوترىت›قا چوقۇنۇشى بۇنىڭ تىپىك ئىسپاتىدۇ.ۋە بۆلۈنمە ئاڭنىڭ ئەسلى مەنبەسىدۇر.
ئىلاھلاشتۇرۇلغان كىشىلەرنىڭ ،چوقۇنغۇچىلار تەرپىدىن‹ماددىغا›ئايلىنىش باسقۇچى. ھەزىرتى ئەلىنىڭ‹رەسىمى› چوقۇنغىچىلىرى تەرپىدىن چوقۇنۇش ئوبىكتى قىلىنىپ بولغان.
بىر ئىغىز گەپ بىلەن ئىيتقاندا كۆڭلىدىكى ئادەمنى ئىلاھلاشتۇرۇش دىمەكتۇر.
شەكلى ئۆزگەرگەن تەرىقەتنىڭ ئىشتىراكچىلىرى كۆڭلىدىكى ئىلاھلاشتۇرغان شەخسكە چوقۇنۇش ئوبىكتى قىلغان مازار ماشايىقلىرى ماددىدىن تەركىپ تاپقان .
سەنئەتچىنىڭ مەستانىسى بولۇش ئەلۋەتتە نورمال ئەھۋال.ئەمما مەستانىلىق ئاشقۇنلۇق دەرجىسىگە ئىلىپ بىرىشى ئۆز كۆڭلىدىكى شۇ سەنەتچىنىڭ‹پوترىتى› غا چوقۇنۇشنىڭ دەسلەپكى قەدەملىرى دىمەكتۇر.
ئىلاھلاشتۇرۇلغان كىشىلەرنىڭ يۇقۇرى پەللىسى مانا شۇنداق بولسا ئۇنىڭ تۆۋەن چېكى بىر سەنەتكارغا چوقۇنۇشتىن بىر ھوقوقدارغا چوقۇنۇشقىچە بولۇدۇ. خوشامەتچىلىك ھوقوقدارغا چوقۇنۇشنىڭ تىپىك بىر مىسالىدۇر.ئۆز مەنپەتى ئۈچۈن باشقىلارنى قۇربان قىلىۋتىش،شەخسىيەتچىلىك،ئاشقۇن جاھىللىق بولسا ئۆزىگە چوقۇنۇشنىڭ بىر ئىسپاتىدۇر.خائىنلىق ، باشقىلارنىڭ ئازاپلىنشى بىلەن كارى بولماسلىق بولسا پۇل ئابرويغا چوقۇنۇشنىڭ بىر ئىسپاتىدۇر.
.ئۆتمۈش شۇنى ئىسپاتلىدىكى: ماددىنى ئىلاھلاشتۇرۋالغان كىشىلەردىن ساپلا خائىن، ساتقۇن،خوشامەتچى،شەخسىيەتچى، جاھىل ئاشقۇن،قارا نىيەت ھەسەتخور كىشىلەر كۆپ چىقىدۇ!
بۇنداق ئادىمىيلىكنىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرجىسى يۇقۇرىدا تىلغا ئىلىنغان ئۆزىنىڭ ئادىمىيلىكنى قۇربان قىلىش دىگەن دەل شۇ.
غەيىپ دىگەن نىمىدۇ؟ دەپ ئويلاپ قىلىشىڭىز مۇمكىن.
مەن ئاددىي بىر مىسال ئىلىپ بىرەي: بىز نەپەس ئىلىۋاتقان ھاۋا بىر غەيىپ (كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان نەرسە)
ھاۋانىڭ كۆز بىلەن كۆرىنمىگەنلىكى ئۇنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتەمدۇ؟
ئاللاھ غەيىپتۇر. كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدۇ. ئەقىل كۆزى بىلەن كۆرگىلى بولۇدۇ.بىزنىڭ بۇ ئاجىز كۆزىمىز يالاڭ قوياشنىمۇ كۆرۈشكە ئاجىزلىق قىلىدۇ. ئەمما ئەقىل كۆزىمىزدە قوياشنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز.بىلەلەيمىز.
|