قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1583|ئىنكاس: 13

بۇ مەكتەپتە ئاخىرقى باھار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

3

دوست

2223

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19310
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 684
توردىكى ۋاقتى: 190
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-27 11:52:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەكتەپتە  ئاخىرقى باھار


( ھېكايە )

مۇھەممەتتۇرسۇن.ئابلېكىم (بەگئالىپ )


         مەن بۇ مەكتەپكە كەلگىلى ئۈچ يىل بولۇپ قالغان بولسىمۇ  ئىسمىمنى  ھېچكىم ئۇخمايتتى، بەلكىم ئۆزۈممۇ ئۇنتۇپ قالغان بۇلۇشۇم مۇمكىن ئىدى، چۈنكى مېنى  ھېچكىم چاقىرىپ باقمايتتى ھەم چاقىرىشقا ئېھتىياجىمۇ چۈشمەييتى. ئۈچ يىلدىن بۇيان بىزگە ئىزچىل دەرىس بېرىپ كېلىۋاتقان مۇئەللىم  مەندىن ھەر سائەتتە دېگۈدەك  سۇئال سۇرايتتى  ،ھەر قېتىم سورىغاندا بۇ ئوقۇغۇچىنى بۇرۇن ئەجەپ كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن،  يېڭىدىن يۆتكىلىپ كەلدىمۇ ؟ -  دەپ  قۇياتتى .بۇ سۇئال ساۋاقدشلىرىمنىڭ تالاش تارتىشىغا سەۋەپ بۇلاتتى:                                      
     - شۇنداق بولۇشى مۇمكىن ،مەنمۇ تېخى بۈگۈنلا كۆردۈم.                       
دەيتتى ياتاقدىشىم،.
    -ياق ،مەن ئۇنى ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا مەكتەپكە تۇنجى كەلگەن كۈنى ئۇنىڭ گەپ قىلغىنىنى كۆرگەندەك قىلغان  دەيتتى ئالدىمدا ئولتۇرغان قىز.
- ئەمسە بىزگە ئۈچ يىلدىن بۇيان سىنىپ مۇدىرى بولۇپ كېلىۋاتقان مۇئەللىمدىن سۇراپ باقايلى دەيتتى ، ئۆزىنى سىنىپ باشلىقىدەپ ئاتىۋالغان بىرى . لېكىن سىنىپ مۇدىرىمۇ بۇ مەسىلىگە ئېنىق جاۋاپ بېرەلمەيتتى.
        بىر كۈنى ئاشخانىغا كارتامنى ئېلىپ چىقىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، ماڭا ئۈچ يىلدىن بۇيان ئىزچىل تاماق سېتىپ بېرىۋاتقان ئاشپەزگە كارتىنى كەچتە سۈرۈۋەتسەم بۇلامدۇ دېدىم، لېكىن ئۇ مېنىڭ ناتۇنۇشلىقىمنى بانە قىلىپ قۇشۇلماي قويدى .
مەن بۇ مەكتەپتە ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىمنى تۇنۇمايتتىم .  ھەم تۇنۇشقىمۇ ھەركەت قىلمايتتىم. چۈشلۈرۈممۇ شۇنداق ئىدى ، ھېچكىمنى چۈشەپ قالمايتتىم . ھەر كۈنى ئورنىمدىن تۇرغىنىمدا يات بىر كىشىلەر بىلەن  بىر ياتاقتا تۇرغىنىمنى ، ۋە ھېچقاچان كۆرۈپ باقمىغا بالىلار بىلەن  بىر سىنىپتا ئولتۇرغىنىمنى كۈرەتتىم . لېكىن سىنىپتىكى بالىلارنىڭ تىزىملىكى ئۈچ يىلدىن بۇيانبىر قېتىممۇ  ئۆزگۈرۈپ باقمىغان ئىدى.  
     بۇ مەكتەپتە  مەن ۋە ئۇنىڭدىن بۆلەك جۈپسىز يۈرىيدىغانلار يوق ئىدى . سىنىپتىمۇ ھەمىىسى بىر جۈپ بولۇپ ئولتۇراتتى . پەقەت مەنلا سىنىپنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى ئورۇندا يالغۇز ئولتۇراتتىم.  سىنىپتىمۇ ھەمىىسى بىر جۈپ بولۇپ ئولتۇراتتى.يولدىمۇ ئىككىمىزدىن بۆلەك يالغۇز ماڭىدىغانلار يوق ئىدى .ئاشخانىدىمۇ ئەھۋال ئوخشاش ئىدى ؛ پەقەت مېنىڭ  بىلەن  ئۇنىڭلا  قارشى تەرىپىمىزدىكى  ئورۇن بوش ئىدى ،  ئۇنىڭ مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشىنى  بەكلا ئۈمۈد قىلاتتىم. لېكىن ئۇ مېنىڭ قېشىمغا كەلمەستىن ،ئۆزىنىڭ دائىم يالغۇز ئولتۇرىدىغان ئورۇنغا كېتەتتى .  بىر قېتىم مەن قەستەن ئۇنىڭ تاماق يەيدىغان جايىغا كېلىپ ئولتۇرىۋالدىم، ئۇنىڭ قارشى تەرىپىمدە ئولتۇرىۇپ تاماق يېيىشىنى كۈتكەنىدىم،  بىراق ئۇ ئۇنداق قىلمىدى : ئورنىغا لاپپىدە قارىدىيۇ كەينىگە يېنىپ مېنىڭ بوش تۇرغان ئورنۇمغا كېلىپ ئولتۇردى .
       مەندە ئېسىل بىر تىلفۇن بار ئىدى ، بىراق تېلفۇنۇمدا ھېچكىمنىڭ نۇمۇرى يوق ئىدى  ؛ ھېچكىمگە تىېلفۇن  ئۇرماتتىم ھەم ھېچكىمدىن تىلفۇن كەلمەيتتى.
     مەن كۈندە كەچ ئۇ دائىم ئۆتىدىغان يولنىڭ بويىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ  تېلفۇندا ئۇنىڭ بىلەن ئۇزاق مۇڭدىشاتتىم. ئالدىمدىن جۈپ - جۈپ قىز يىگىتلەر ئۆتىشەتتى. دەل شۇ چاغدا  ئۇ   يالغۇز ھالدا تېلفۇننىڭ يۇقۇرى ئاۋازىنى ئېچىۋېتىپ بىر ئادەم بىلەن پاراڭلشقان پېتى ئالدىمدىن ئۈتەتتى،  لېكىن تېلفۇندا ئۇنىڭ بىلەن  پاراڭلىشىۋاتقىنى مەن ئەمەس  باشقا بىر ئەركىشى  ئىدى. ئۇ تىلفۇندا سۆزلىشىۋاتقاندا چىرايلىق كۆزلىرى دائىم كۈلۈپ تۇراتتى، بۇ چاغدا ئۇنىڭ كۈلكىسى مەن بىلەن قىلچە ئالاقىسى بولسىمۇ  ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىختىيارسىز كۈلۈپ قۇياتتىم.
         مەن مەكتەپكە كېلىپ ئىككى يىل بولغاندا ئۇنى يېڭى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا تۇنجى قېتىم كۆرگەن ئىدىم.  بەلكىم ئۇ  مەن مەكتەپكە كېلىپ تۇنجى دىققەت قىلغان ئادەم بۇلۇشى مۇمكىن ئىدى. ئۇنىڭ كەينىدىن ئەرۋاھتەك ئەگىشىپلا يۈرەتتىم .  قاچان ،قايسى سىنىپتا دەرەس ئوقۇيدىغىنى،  قايسى يولدىن ماڭىدىغىنى ماڭا بەش قولدەك ئايان ئىدى . پەقەت كۈندۈز بولسىلا  مەن ئۇنى قىلچە كۈچىمەيلا تېپىۋالالايتىم .
     كېيىن مەن ئۇنىڭ سىنىپىغا كىرىپ دەرىس ئۇقۇيدىغان بولدۇم ،  ئۇ گەرچە مەندىن ئىككى يىل تۆۋەن ئۇقۇسۇمۇ پەرۋاسىز ھالدا ئۇنىڭ سىنىپىغا كىردىم، چۈنكى مەن قايسى سىنىپتا ئوقۇسام بەرىبىر ئىدى ، بۇرۇنمۇ ئاغرىپ قېلىپ نەچچە ھەپتە  سىنىپقا چىقالمىساممۇ ھېچكىم ئىزدىرىكىمنى قىلىپ قويمايتتى. شۇكۈنى ئۇنىڭ سىنىپىغا كىردىم. مېنىڭ  كىرگىنىمگە ھېچكىم ھەيران قالمىدى، مېنىڭ بۇرۇنقى سىنىپ مۇدىرىم بۇ سىنىىپقىمۇ دەرىس بېرەتتى، لېكىن سەزمىدى . ئۇ سىنىپنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئورۇندا  ئۆزى يالغۇز ئولتۇراتتى. مەن بولسام سول تەرەپتە ئۇنىڭ ئۇدۇل تەرىپىدە ئولتۇراتتىم . مېنىڭ بۇ سىنىپقا كىرىۋاتقىلى بىر ئايدىن ئاشقان بولسىمۇ ، ئۇ باشقىلارغا ئوخشاشلا ماڭا دىققەت قىلمىغاندەك قىلاتتى.بىر كۈنى مۇئەللىم يوقلىما قىلىۋاتقاندا مەن تۇنجى قېتىم باشقا بىراۋنىڭ ئىسمىغا دىققەت قىلدىم ؛ مۇئەللىم دىلرەبا بارمۇ دېۋىدى ئۇ بار،  دېدى ، دېمەك ئۇنىڭ ئىسمى دىلرەبا ئىدى  ، مەن بۇ ئىسىمنى نەۋائىينىڭ غەزەللىرىنى ئوقۇغان ۋاقتىمدا كۆپ قېتىم ئۇچراتقان ئىدىم. ئەلۋەتتە،  خۇددى نەۋائىينىڭ غەزەللىرىدە تەسۋىرلەنگەندەك ئۇنىڭ ئىسمىمۇ ،ھۆسنىمۇ ، ئاۋازىمۇ چىرايلىق ئىدى.
     ئۇ قېتىم مەن ئۇنىڭ ئولتۇرىدىغان پارتىسىنى ئوغرىلىقچە باشقا سىنىپقا يۆتكىۋەتتىم. ئەمدى ئۇنىڭغا مېنىڭ يېنىمدىكى بوش ئورۇندا ئولتۇرۇپ دەرىس ئاڭلاشتىن باشقا يول يوق ئىدى ، لېكىن ئۇ يېنىمغا كەلمىدى ؛ ئۇ   يېنىمدا تۇرغان بوش ئورۇنغا لاپپىدە قارىدىيۇ، سىنىپنىڭ بىر بۈرجىكىدە تۇرغان يۈلەنچۈكىمۇ يوق كىچىك ئورۇندۇقنى ئېلىپ ئۆزىنىڭ دائىم ئولتۇرىدىغان جايىغا كېلىپ ئولتۇردى.
              دەرۋازىۋەن بەكلا ئاكتىپ ئىدى ، مەن بۇ ئۈچ يىلدىن بۇيان كۈندە ئوننەچچە قېتىم دەرۋازىدىن كىرىپ چىقمىساممۇ، دائىم دېگۈدەك ئالدىمنى توسۇپ كىنىشكەمنى تەكشۈرۈپ ئاندىن ئۆتكۈزەتتى. تېخى ناھايىتى ئەستايىدىل ئىدى،  بىردە ئىسمىمغا بىردە سۈرىتىمگە قاراپ مېنى ئېسىدە تۇتۇۋالماقچى بۇلاتتى، لېكىن كېيىن قېتىم دەرۋازىدىن كىرگىنىمدە ناتۇنۇشلىقىمنى باھانە قىلىپ  يەنە قايتا تەكشۈرەتتى. بۈگۈنمۇ شۇنداق قىلدى ، ئالدىمدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان تېخى مۇشۇ يىللا  كەلگەن بولۇشى مۇمكىن بولغان ئوقۇغۇچىنى تەكشۈرمەيلا ئۆتكۈزىۋېتىپ مېنىڭ ئالدىمنى توستى، دەل شۇ چاغدا ماڭا بۇ مەكتەپتە بىردىن بىر تۇنۇش بولغان .ئاشۇ سىما  كۆز ئالدىمدا پەيدا بولدى ، مەن ئۇنىڭغا يالتىىدە قارىدىم ، كۆزلىرىمىز ئۇچرىشىپ قالدى ، ئۇ  ماڭا قاراپ چىرايلىققىنە كۈلۈپ قويدى،  لېكىن نېمىشقىدۇر مېنىڭ كۆزۈم ئىپادىسىزلا ئىدى ، ئۇنىڭ بۇ كۈلكىسى ناھايىتى ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان   قېلىن قارلار ئاستىدا  كۆمۈلۈپ ياتقان ئەرۋاھلارمۇ يوق تىمتاس قەبرىستانلىققا ئوخشايدىغان يۈرىكىمگە باھارنى باشلاپ كەلدى. دەل مۇشۇ ئۆزگۈرۈشلەر يۈز بېرىۋاتقان ۋاقىتتا  ئۈستەل ئۈستىدىكى جەدىۋەلگە بىر نەرسە يېزىۋاتقان يىگىت بېشىنى كۆتۈردى دە ئۇنىڭ قولىنى كاپپىدە تۇتۇپ ئۇنى ۋە ئەمدىلا كەلگەن باھارىمنى ئېلىپ  كېتىپ قالدى .(ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ  كېتىۋاتقان يىگىتنىڭ كۆزى ۋە قېشى ماڭا بەكلا ئوخشايتتيۇ، لېكىن بوي- بەستى ئوخشىمايتتى).
        مەن تۇرغان جايىمدا لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالدىم، يۈرۈكۈمدە باياملا ئېچىلغان  گۈللەر تۇيۇقسىزلا توزۇپ ، ئۇنىڭ ئورنىنى قېلىن قار، قاپقاراڭغۇ ھاڭ  ۋە ئادەم يەيدىغان تىمتاسلىق  قايتىدىن ئېگەللىدى.
ئۇنىڭ ئاشۇ كۆزلىرىمگە تىكىلىپ تۇرۇپ سوۋغا قىلغان كۈلكىسى مېنىڭ قەلبىمگە تۇنجى ۋە ئاخىرقى باھارنى ئېلىپ كەلدى ،
      بۇ يەردە ئەمدى مەڭگۈ باھار بولمايتتى......
      ھەئە، بۇ مۇشۇ مەكتەپتىكى ئەڭ  ئاخىرقى باھا
ر ئىدى .

2

تېما

4

دوست

1023

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   2.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28028
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 318
توردىكى ۋاقتى: 58
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-27 15:52:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆيگۈ ئۇچقۇنى يانغان يۈرەكتە،
ھايات باھارى بولماي قالامدۇ؟
بورانلار چىقىپ ئۆچكەندە يانغىن،
قايغۇ ۋە ئازاپ جاننى ئالمامدۇ؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

2

دوست

511

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   2.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27402
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 162
توردىكى ۋاقتى: 34
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-27 17:39:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلپتۇ  

0

تېما

0

دوست

1577

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   57.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26873
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 472
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-27 20:13:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

1

تېما

4

دوست

2367

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21550
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 722
توردىكى ۋاقتى: 97
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-27 20:21:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەسەۋۇرى ئۆزگىچە ئىكەن. بارىكاللا

1

تېما

8

دوست

1919

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   91.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12457
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 240
تۆھپە : 442
توردىكى ۋاقتى: 174
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-27 20:35:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىز ھارمىغاي،

1

تېما

1

دوست

1546

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   54.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21777
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 462
توردىكى ۋاقتى: 96
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-27 20:41:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ خىل تۇيغۇنى  ئۇنتۇپ  قالاي  دەپتىكەنمەن ، 20  ياش ۋاقىتلىرىمىنى ئەسلىتىپ  قويدى  . ياخشىى يېزىپسىز .

2

تېما

2

دوست

4207

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   73.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9612
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 507
تۆھپە : 964
توردىكى ۋاقتى: 162
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-27 22:24:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشلىق مەزگىللەردە سەۋدالىققا مۇپتىلا بولغان مىنۇتلاردا مۇشۇنداق ھىسياتلار بوپ قالىدىغان ئادەمدە...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )