قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 7646|ئىنكاس: 28

مەن كۆرگەن گېرمانىيە (رەسىملەر) ( 1 )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

6

دوست

2617

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   20.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28166
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 810
توردىكى ۋاقتى: 144
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-28 15:06:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


مەن كۆرگەن گېرمانىيە ( 1 )

تۇرسۇن ياسىن


       2012-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى، بۇ بىزنىڭ گېرمانىيەدىكى تۇغقان يوقلاش ساياھىتىمىزنىڭ تۇنجى پەردىسى ئېچىلغان كۈن ئىدى. بىز ئايرۇپورتتىن چىقىپ، بۆك-باراقسان ئورمان، ياپيېشىل چىمەنزارلىق ئىچىدە گېرمانىيەنىڭ 3-چوڭ شەھىرى-ميۇنخېن شەھەر رايونىغا قاراپ يول ئالدۇق.
       يېشىللىق قاپلىغان بۇ شەھەرنىڭ مۇھىتى تولىمۇ گۈزەل ئىكەن، قەيەرگىلا قارىسا بۆك-باراقسان ئورمانلار، ياپيېشىل چىمەنزارلىقلار، رەڭگارەڭ گۈل-چىچەكلەرگە ئورالغان چىرايلىق ھويلا-ئاراملار كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىكەن. شەھەر رايونىدا ئەتراپىنى ئورمانلار ئوراپ تۇرغان تەبىئىي كۆل ۋە سۇنئىي كۆللەر خېلى كۆپ بۇلۇپ، ئاققۇ، غاز، ئۆردەك قاتارلىق تۈرلۈك-تۈمەن سۇ قۇشلىرى بۇ كۆللەردە بەھۇزۇر، خاتىرجەم ياشايدىكەن. ياۋروپادىكى مەشھۇر دوناي دەرياسىنىڭ ميۇنخېن شەھرىنى كىسىپ ئۆتىدىغان تارماق ئېقىنى بولغان ئېسار دەرياسى قويۇق تەبىئىي ئورمانلار بىلەن ئورالغان ئىكەن. تەبىئىي ئورمانلار مەيلى شەھەر ئىچىدە ياكى شەھەر ئەتراپىدا بولسۇن، ھىچقانداق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماي ئەسلى ھالىتى بۇيىچە ساقلىنىپ قاپتۇ. بۇ ئورمانلار كىشىلەرنىڭ سەيلە قىلىش، ئارام ئېلىش، تەبىئەت گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى ھاۋانى ساپلاشتۇرۇپ، كىشىلەرگە ساغلاملىق ئاتا قىلىدىكەن. بىز بۇنىڭدىن گېرمانىيەلىكلەردىكى تەبىئەتنى سۆيۈش، تەبىئەتنى قوغداش، تەبىئەت بىلەن ئىناق ئۆتۈش كەيپىياتىنىڭ ناھايتى قويۇقلىقىنى ھېس قىلدۇق. بۇ شەھەرنىڭ ئورمانلاشقان، باغچىلاشقان، ساپ ھاۋالىق گۈزەل مۇھىتى ئادەمگە بەكمۇ يېقىشلىق ئىكەن.
      تۆۋەندە  مەن ئەشۇ چاغدا تارتىۋالغان بىر قىسىم سۈرەتلىرىمنى تورداشلارنىڭ ھۇزۇرلىنىشىغا سۇندۇم.

DSCF0068.jpg
DSCF0069.jpg
DSCF0070.jpg
DSCF0089.jpg
DSCF0098.jpg
DSCF0103.jpg
DSCF0104.JPG
DSCF0105.JPG
DSCF0106.JPG
DSCF0142.JPG
DSCF0145.JPG
DSCF0148.JPG
DSCF0162.JPG
DSCF0171.JPG
DSCF0173.JPG
DSCF0248.JPG
DSCF0254.JPG
DSCF0256.JPG
DSCF0258.JPG
DSCF0282.JPG
DSCF0283.JPG
DSCF0284.JPG
DSCF0289.JPG
DSCF0290.JPG
DSCF0294.JPG
DSCF0316.JPG
DSCF0319.JPG
DSCF0322.JPG
DSCF0329.JPG
DSCF0607.JPG
DSCF0384.JPG
DSCF0385.JPG
DSCF0398.JPG
DSCF0371.JPG
DSCF0459.JPG
DSCF0465.JPG
DSCF0667.JPG
DSCF0630.JPG
IMG_20120815_181919.jpg
IMG_20120815_211256.jpg
DSCF0851.JPG
DSCF0623.JPG

تۈمەن ئۆركىشى

14

تېما

57

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   21.05%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4025
يازما سانى: 1591
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1636
تۆھپە : 4444
توردىكى ۋاقتى: 809
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-28 20:42:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەم 5-6 يىل موشۇنداقراق يەرلەردە ،ياشاپ باقسا ....
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

3

دوست

1037

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   3.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27329
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 292
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-28 20:52:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەم كۈندە بېرىپ ساياھەت قىلسىمۇ قانمىغۇدەك

0

تېما

3

دوست

1809

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   80.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22684
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 564
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-28 20:57:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گېرمانلار ھەققەتەن تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىشنى بىلىدىكەن. نىمىدىگەن گۈزەل!

0

تېما

8

دوست

5451

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   9.02%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10179
يازما سانى: 338
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 544
تۆھپە : 1321
توردىكى ۋاقتى: 306
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-28 21:03:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمە دېگەن گۈزەل، تەبئىي مەنزىرىلەر بۇ، نەگىلا قارىسا يېشىلچىلىق. بىزنىڭ بۇ يەرلەر ئەكسىچە، يېشىلچىلىق ئاز، تەبئىيلىكتىن سۆز ئېچىشقۇ ئەسلا، ئادەمنى بىزار قىلىدىغان چاڭ- توزان، تاش- شېغىل. زامانىۋىيلاشتۇق، رەتكە سالىمىز دەپ، ھە دېسىلا تەبئىي مۇھىتقا تەسىر يەتكۈزۋاتقان ئىشلارنى قەدەمدە بىر ئۇچرىتىپ، تۇرۋاتىمىز.
مەنمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ چەت بىر يېزىسىدا (ھازىرقى تۇرۇشلۇق جايىم) چوڭ بولغان، ئۇ زامانلاردا يوللار ھازىرقىدەك قاتۇرۇلمىغان، ھويلا- ئاراملار ھازىرقىدەك پىششىق خىشتىن سېلىنمىغان بولسىمۇ بىراق ئەتراپ شۇنچە تەبئىي، ھاۋالىق ئىدى، ئېتىز- ئېرىقلىرىمىز بۈك- باراقسانلىق، يېشىلچىلىق ئىدى، مەھەللىگە ئانچە يىراق بولمىغان جايدا يۇلغۇن، سۆكسۆك، قومۇش قاتارلىق قىممەتلىك يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر، قوچاق يەتكۈسىز ھەيۋەتتىكى كونا قارا ياغاچ، تېرەكلىك بار ئىدى، قىشتىن باشقا پەسىلدە شۇنداق يېقىملىق ئىدىكى، شۇ توپىلىق يولدا تايچاقتەك چېپىپ ئويناپ چوڭ بولغان ئىدىم، كىشىلەر كونا بولسىمۇ ھويلا- ئاراملىرىغا گۈل- گىياھلارنى تېرىپ ئۆستۈرۈپ، خۇددى باغچىدەك ياساندۇرۋىتەتتى، ئىشىك ئالدىدىكى كىچىك ئېرىقتا (بىز ئۆستەڭ دەپ ئاتايتۇق)، ئاساسەن دېگۈدەك سۇ ئۆكسىمەي شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇراتتى.... قىسقىسى مەن دىيارىمىزنىڭ ھازىرقى بىرقىسىم چەكتىن ئاشقان تەرەققىيات ئەندىزىسىدىن تولىمۇ بىزار، ھە دېسىلا ئۇنى- بۇنى باھانە قىلىپ دەرەخلەرنى كېسىپ تۈزلىۋىتىپ بارغان، ئارام ئالىدىغان يېشىلچىلىق دېگەنلەردىن قىلچە ئەسەر يوق. يېشىلچىلىق، گۈل- گىياھ دېسە شۇ ھويلىمىزغا- دەرىزە تەكچىلىرىمىزگە قويىۋالغان بىرنەچچە تەشتەك گۈلگە قاراپ ھوزۇرلىنىدىغان، شەھەرلەرگە بېرىپ قالساق، تەبئىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتى بۇلغانغان، يانچۇقىمىزدىكى ئاقچىغا قاراشلىق ئاتالمىش باغچىلاردىن ئانچە- مۇنچە ھوزۇر ئالىمىز (ئەلۋەتتە بۇ ھوزۇر يەنە شۇ ھېلىقى ئاقچىغا باغلىق)، ئۇنىڭدىن باشقا تېلېۋىزور- تورلاردىكى مانا مۇشۇنداق سۈرەتلەرگە قاراپ ئېغىزىمىزنى تامچىتىپ قاراپ تۇرىمىز.
قىسقىسى، ئەشۇ سۈرەتتىكى زېمىندا ياشاۋاتقانلارمۇ، مۇشۇ زېمىندا ياشاۋاتقان بىزلەرمۇ ئوخشاشلا ئىنسان، ھەجەبا ئوخشاش بىر ئىنسان، ئوخشاش بىر پىلانتتا ياشاپ تۇرۇپ، ھىچ بولمىغاندا تەبىئەتنىڭ ئەشۇ نىمەتلىرىدىنمۇ بەھوزۇر پايدىلىنالمايۋاتىمىز، مەنپەئەت ئۈچۈن تەبىئەتتىن ئىبارەت بۇ ئانا تۇپراقنى ئۆز قولىمىز بىلەن بۇلغاۋاتىمىز، ۋەيران قىلىۋاتىمىز، ئاخىرىدا بېرىپ، مانا بىزلەر مۇشۇنداق بىچارە ھالغا چۈشۈپ، باشقىلارنىڭ ھوزۇرلۇق تۇرمۇشىغا ئېغىز تامشىتىپ تۇرۋاتىمىز.
بىزمۇ قاچان ئۆز دىيارىمىزنى مانا مۇشۇنداق باغچىغا ئايلاندۇرالارمىز، دانا ھۆكۈمىتىمىز قاچانمۇ ئۈنۈملۈك، كەسكىن تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق ئانا تۇپراقنى- بىزنى كۆتۈرۈپ تۇرۋاتقان مۇشۇ زېمىننى ھەقىقىي تۈردە قوغداپ ۋە ئاسىراپ، يېشىلزارلىق، ساپ مۇھىت ئارقىلىق بىزگە كۆتۈرەڭگۈ روھ، ساغلام تەن بىلەن ياشايدىغان پۇرسەتنى بېرەر؟!

0

تېما

0

دوست

269

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   89.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23734
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 70
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-28 22:13:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېزنىڭ مەكتەپكە ئوخشايدىكەن،گېرمانىيە!ھاھا..

0

تېما

0

دوست

301

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   0.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27849
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 78
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-28 23:11:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         ھەي، ئالىمكا، تۇرپانمۇ سەن دېگەندەك ناچار جاي ئەمەس جۇمۇ!! باغۇ-بوستانلىق، تەھلىك-ئورمانلىق، سۈپ-سۈزۈك كارىز سۇلىرى، باغ-ۋارانلىق قەدىمىي ساياھەتچىلىك، بۇلارنىڭ ھەممىسى سېنىڭ يۇرتۇڭدا، خۇددى جەننەتنىڭ ئۆزىغۇ؟! يۇرتۇڭدىن ئۇنچىۋالا كۆڭۈلسىز بولۇپ كەتمە جۇمۇ!! پىچاندىكى خەلق ناخشىچىسى غۇنچەم ئايلامنىڭ «تۇرپانغا كەل» دېگەن ناخشىسىنى تۈنۈگۈنلا ئاڭلىدىم مەن دۆڭكۆرۈك رېستۇرانىدا، سەن مۇنداق دەپ يۈرسەڭ قاملاشمايدۇ ئالىمكا!!

15

تېما

1

دوست

4552

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   85.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 1378
توردىكى ۋاقتى: 334
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-29 10:19:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم تۇرسۇن ئاكا
سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنى بېشىدا مىسرانىم مۇنبىرىدە ئوقۇغان ئىدىم.
سىزنىڭ نەچچە بالىڭىز چەتئەلدە نىمە ئىشلارىن قىلىۋاتىدۇ،بولوسا پەرزەنت تەربىيلەش جەھەتتىكى يازمىلىرىڭىزنى ئوقۇپ باقساق؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )