سېرىق فىلىم كۆردىغان ‹ئەخلاقلىق› بالا ئالىمجان
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم . تۆۋەندىكى بايان ھەقىقى بولغان ۋەقە ، ئىبرەت ئۈچۈن يوللاندى .
مېنىڭ بىر تۇنۇشۇم بار . بەك ئاقكۆڭۈل مېھماندوس ۋە تىرىشچان ، ئۇنىڭ بالىسىغا بولغان تەربىيەسىگە گەپ كەتمەيدۇ . بالىسىنى كىچىكىدىن باشلاپ چوڭلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان ، دىنى ئىسلامدا چىڭ قىلىپ تەربىلىگەندەك قىلغان ئىدى ، لېكىن ئۇلارنىڭ تەربىيەسىدىكى بىر خاتالىق ئاتىسى تەربىيە قىلغاندا ئانىسى ئارلىشىۋالاتتى ، دائىم شۇنداق بۇلاتتى . شۇڭا بۇ بالىدا كىچىكىدىن ئازراق تومۇرچى بولۇپ چوڭ بولدى . لېكىن بۇ بالا يەنىلا نۇرغۇن بالىلارغا ئۆلگە بولالايدىغان خىسلەتلەرنى يىتىلدۈرۈپ بولغان ئىدى . ئىشقىلىپ بۇ بالنىڭ تاشقى قىياپىتىدىن مەن شۇنداق دەپ قارىغان ئىدىم . لېكىن بۇ بالا بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا سادىر بولغان بىر قېتىملىق ۋەقە مېنى بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇردى ، بەكمۇ چوڭقۇر ئوف دىگۈزۋەتتى ...
ئۇلارنىڭ ئۆيىگە دائىم بېرىپ تۇراتتىم . ئۇ مېنى ئۆز ئاكىسى ئورنىدا كۆرەتتى ، دادىسى بىلەن پاراڭلىرىمىز بەكمۇ بىر يەردىن چىقاتتى ، بەزىدە خېلى ئۇزۇنغىچە پاراڭ قىلساقمۇ پاراڭلىرىمىز تۈگىمەيتتى . بىر كۈنى ئادىتىم بويىچە ئۇلارنىڭ ئۆيىگە باردىم ، ئۇنىڭ ئاتىسى ئۆيدە يوق بولۇپ چىقتى ، ناماز شام ۋاقتى بولغاچقا ناماز شامنى ئوقىۋىلىپ ئاتىسىنى ئازراق ساقلىماق بولدۇم ، قارىسام بۇ بالا تور ئويىنى ئويناۋاتقان ئىدى . مەن باغداش تورىغا چىقىپ ئازراق تېما يوللاش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن كومپىيۇتورنى ئالدىم . ئۇ ماڭا كومپىيۇتورنى بىرىپ دەرس تەكرار قىلغىلى چىقىپ كەتتى . مەن ئادرىس رامكىسىدا باغداش تورى بار بولسا بىۋاستە بېسىپلا كىرەي دەپ ، ئادرىس رامكىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى تۆۋەنگە قارىغان سىتىرىلكىنى باستىم . شۇ ھامان يېقىندا زىيارەت قىلىنغان ئونغا يېقىن تور بىكەت ئادرىسلىرى چىقتى ، مەن بۇ ئادرىسلارغا قاراپ داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم ، نىمنى كۆردۈم دىمەمسىز ، بۇ ئادرىسلارنىڭ ئىچىدە ئېنگىلىزچە تەرجىمىدە سېرىق كارتون فىلىم مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغاندەك ئۈچ دانە ئادرىس تۇراتتى .مەن بۇنى كۆرۈپ دەلىللەپ بېقىش ئۈچۈن بۇ ئادرىسلارنى بېسىپ كىرىپ باقتىم . ئاھ خۇدا كۆزگە ئالغۇسىز سېرىق فىلىملەرنىڭ توپى ئىكەن . بەت ئاستىدا راس پىرسۇناژلار رول ئالىدىغان سېرىق فىلىم تور بىكەتلەرنىڭ رەسىملىك ئۇلىنىشى تۇراتتى . مەن بۇلارنى كۆرۈپ قاتتىق غەزەپلەندىم ، قوللىرىم تىترەپ كېتىۋاتاتتى ، مەن كومپىيۇتورنىڭ ۋاقىتلىق سالىغۇچىنى ئېچىپ باقتىم ، تەكشۈرۈپ باقسام بۇ تور بىكەتلەردىن كۆرگەن فىلىملەر مانا مەن دەپ تۇراتتى . مەن ئىسپات ئۈچۈن بۇ فىلىملەرنى كۆچۈرۈپ چىقىپ كومپىيۇتورنىڭ بىر دېسكا رايونىغا ھۆججەت ساقلىغۇچ تەسىس قىلىپ ، ئىسپات ئۈچۈن ساقلاپ قويدۇم . كۆزلىرىم غەزەپتىن قىزىرىپ كېتىۋاتقالىقىنى بىر ئۆزەم سىزىمەن . كومپىيۇتورنىڭ زەربىسىگە ئېغىرراق ئۇچىرىغان سول كۆزۈمدىن ياش ئۆزلىكىدىن ئىقىپ كەتتى .
ئۇنىڭ ماڭا ۋە باشقىلارغا شۇ قەدەر ئەخلاقلىق مۇئامىلىسى ، ياسىن تابارەكلەرنى يات ئوقىشى ۋە قۇرئاننىڭ خالىغان جايلىرىدىن تۈرتەلمەي ئوقۇشلىرى بىلەن ماۋۇ ئەھۋال مۇناسىپ كەلمىدى . مەن ئۇنى يىنىمغا چاقىردىم . ھەمدە بۇ ئەھۋالنى سورىدىم . ئۇ بۇ ئادرىسلارنى بىر ساۋاقدىشى «چ چ » توپىدا ئەۋەتىپ بەرگەنىلىكىنى ئۆزىنىڭ پەقەت بىرلا قېتىم چىكىپ بېقىپ قايتا ئاچمىغانلىقىنى دىدى . مەن ئۇنىڭ قاراپ تۇرۇپ يالغان سۆزلەۋاتقىنىنى كۆرۈپ غەزىپىم تېخىمۇ تېشىپ كەتتى . مەن ئۇنىڭغا مېنىڭ ئاللىقاچان ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىنى تەكشۈرۈپ بولغانلىقىمنى يالغان سۆزلىمەسلىكىنى دەپ تۇرىۋالدىم . ئۇ ئاخىرى راس گەپ قىلدى . ئۇ بۇ ئادرىسلارنى سىنىپىنىڭ «چ چ » توپى ئارقىلىق بىلگەندىن كىيىن ، دائىم مۇشۇ ئادرىسلاردىن سېرىق فىلىم كۆردىكەن ، بوپمۇ مۇشۇ تەتىلدە ئاتا-ئانىسى يوق چاغلاردا ئوغۇرلۇقچە كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى . بۇ ئەھۋالنىڭ سىنىپىدا بەكمۇ ئومۇميۈزلۈك ئىكەنلىكىنى دىدى . بۇنى ئاڭلاپ ، مەن بەكمۇ ئۈمۈدسىزلەندىم . مەكمۇ ھەيران بولدۇم . بۇلارنىڭ پەقەت بىر چۈش ئىكەنلىكىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم . مەن ئاسانلىقچە يىغلىمايتتىم ، لېكىن ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بولغۇچە ئىككى كۆزىمدىن ياشلار قانداق ئاققانلىقىنى بىلمەيمەن . ئۇ مۇ ماڭا قاراپ ئۈنسېلىپ يىغلاپ كەتتى . ئۇنىڭ شەيتاننىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى پەملىدىم ، ئۇ سېرىق فىلىم كۆرۈشكە خۇمار بولۇپ قالغانلىقى مانا مەن دەپ چىقىپلا تۇراتتى .
مەن سەل ئۆزۈمنى بېسىۋىلىپ ، ئۇنىڭغا ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ ئەشەددىي ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكىنى ، شەرىئەت قانونىدا قاتتىق جازا بىرىلدىغانلىقىنى ، ئەڭ مۇھىمى ، تەۋبە قىلالماي ئۆلۈپ كېتىپ قالسا ئۇ دۇنيادا قاقشاتقۇچ جازاغا ئۇچىرايدىغانلىقىنى . بۇ قىلمىشىنىڭ ئۆزىنى زىنا يولىغا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ، زىناخورغا ئەگەر توي قىلغان بولسا چالما كىسەك قىلىنىپ ئۆلتۈرۈش جازاسى ، ئەگەر توي قىلمىغان بولسا 100 دەررا يەنى خۇددى < خۇەنجۇ گې گې > فىلىمىدىكى يوغان سەككىز قىرلىق تاياقتەك دەررە بىلەن ئۇرۇش جازاسى بىرىلىدىغانلىقىنى ، قەۋرە دۇنياسىدا ۋە دوزاىتا بەكمۇ قاتتىق جازاغا ئۇچىرايدىغانلىقىنى دىدىم . ھەمدە ئۇنىڭغا ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى تەسىرىدىن قىزلار بىلەن زىنا قىلىپ قالسا ، مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئانىلىرىنى بۇلغايدىغانلىقىنى ، ھەمدە مۇناپىق سۈپەتكە كېلىپ ، مىللى مۇناپىق ۋە دىنى مۇناپىق سانىلىدىغانلىقىنى دىدىم . ئۇ سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ھۆكۈرەپ يىغلاپ كەتتى . ئاھ ، ئەمدىگىنە 15 ياشقا كىرگەن بالا ھە ؟ بىز 15 ياش ۋاقىتلاردا تاسادىبى قوللىرىمىز قىزلارنىڭ قوللىرىغا تىگىپ كەتسە يۈزىمىز قىزىرىپ كىتەتتى . ھازىرقى بالىلاردىكى بۇزۇلۇش نىمىدىگەن دەھشەت ھە !!!؟؟؟
ئۇ ماڭا بۇنداق ئىشلارنىڭ مەكتىپىدە بەكمۇ ئومۇميۈزلۈك ئىكەنلىكىنى ، تېخى بەزى ئاز ساندا قىزلارنىڭمۇ كۆرىدىغانلىقىنى دىدى . ئۇ دائىم ساۋاقداشلار يىغىلىشلىرىغا بارمىسا ئۇنى مازاق قىلىپ « ئۆي ئەركىكى » دىگەن ئاتاققا قېلىۋاتقالىقىنى ، ھەتتا سېرىق فىلىملەرنى قول تېلفۇنلارغا كۆچۈرۈپ مەكتەپكە ئاپىرىپ كۆرىدىغانلارنىڭ بار ئىكەنلىكىنى دىدى . ھەمدە ساۋاقداشلار «چ چ » توپلىرىدا بۇنداق ئادرىسلارنىڭ دائىم ئەۋەتىلىپ تۇرىلىدىغانلىقىنى دىدى . ھەمدە كومپىيۇتورىدىكى بۇ تور ئادرىسلارنى بىر ساۋاقدىشى ئەۋەتىپ بەرگەنلىكىنى ئۆزىنىڭ ھەرگىز توردىن ئىزدەپ تاپمىغانلىقىنى دىدى .
ئۇنىڭ بۇ ئىقرارلىرىدىن مەسىلىنىڭ مەكمۇ ئېغىر ، ھەتتا ۋەھشى ئېغىرلىقىنى ھىس قىلدىم . ئائىلىرىمىزدە ئاتا-ئانىلارنىڭ قىز ئوغۇللىرىمىزغا زىنا تەربىيەسىنىڭ بەكمۇ سۇس ياكى يوق ئىكەنلىكىنى پەملىدىم . بۇ ئىشلاردىن شۇنى ھىس قىلدىمكى ئۆزىمىز ئۆيدە يوق چاغلاردا باللىرىمىزغا ھەرگىز كومپىيۇتورنى ئىچىپ بەرمىسەك ، ئۇلارنىڭ توردىكى ئىش-ھەرىكىتىنى كۈزۈتۈپ تۇرساق دىگەن ئويغا كەلدىم . بۇ سەبى باللىرىمىز بۇ سېرىق تور بىكەتلەرنى ئۆزلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدەپ يۈرمەيدۇ ،بەلكى باشقا يامان يولغا كىرىپ قالغان ئاز ساندىكى بالىلار « چ چ » لار ياكى باشقا ئالاقىلىشىش ۋاستىلىرى ئارقىلىق تارقىتىدۇ ...
شەيتاننىڭ قۇرالى نىمىدىگەن يامان ھە ئاتا-ئانىلار ؟ زامان ئاخىرىغا يىقىنلاشقاندا زىنالار ئاشكەرە بۇلىدۇ دىگەن مۇشۇمۇ ؟ ئاھ سەبى باللىرىمىز كەلگۈسىمىزنىڭ ئۈمۈدلىرى مۇشۇنداقلا شەيتانغا ئەل بولۇپ كىتەرمۇ ؟؟؟؟
ئۇ ماڭا يىغلاپ تۇرۇپ يالۋۇرۇپ بۇ ئىشلارنى ھەرگىزمۇ ئاتىسىغا دىمەسلىكىمنى بولمىسا بەك ئۇرىۋىتىدىغانلىقىنى دەپ تۇرىۋالدى . مەن ئۇنىڭغا ئالدى بىلەن ھازىرنىڭ ئۆزىدە غۇسلى تاھارەت ئېلىپ ، ئىككى رەككەت تەۋبە نامىزى ئوقۇپ ، چىن نىيىتىدىن تەۋبە قىلىشى كىرەكلىكىنى ھەمدە ھازىردىن باشلاپ نامىزىنى قايتا باشلاپ ، ئەتىدىن باشلاپ ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشى كىرەكلىكىنى ، بۇ ئۈچ كۈننى تائادەت ئىبادەتتە ، قاتتىق تۆۋبە ئۆتكۈزىشى كىرەكلىكىنى دىدىم .
مەن ئەسلى بۇ ئىشلارنى ئۇنىڭ دادىسىغا دىمەسلىك قارارىغىمۇ كىلىپ باققان ئىدىم . لېكىن ئاساسلىق زىنا تەربىيىسى قىلغۇچى يەنىلا ئۇنىڭ ئاتىسى ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلىقىم ئۈچۈن ، ئۆيدىن سىرتقا چىقىپ ئۇنىڭ ئاتىسىغا تېلفۇننى باستىم . ئاتىسى ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ، ئۇمۇ قاتتىق ھەيران بولدى ۋە دەر غەزەپكە كەلدى . ھەمدە ماڭا رەخمەت ئېيتىپ ، بۇ ئىشنى ۋاقتىدا خەۋەر قىلغانلىقىنىڭ بەكمۇ ياخشى بولغانلىقىنى ، بولمىسا ئۆزىنىڭ تولدۇرۋالغۇسىز ئازاپتا قالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ، دەرھال ئۆيگە بېرىپ تەربىيە قىلىدىغانلىقىنى ئېتتى .
ئەي ئاتىلار !!! ئاي ئانىلار بىزدە سىلكىنىش بولغاي !!!! بىزدە ئويغىنىش بولغاي !!! ئادەمدەك ياشايدىغان بىر ئەۋلات تەربىلەشكە تىرىشايلى !!!!
تەكلىبىم :
مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمگە ئىشەنمىسىڭىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 9-10-11- سىنىپتا ئوقۇۋاتقان ئۇكىلىرىڭىز ياكى بالىڭىز بولسا بۇ ئەھۋاللارنى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭ
بۇئىشلار ئويدۇرما ياكى قۇتراتقۇلۇق قىلغان ئىشلار ئەمەس ئەمەلىيەت ؛
|