قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 6911|ئىنكاس: 119

قاسىم سىدىق: "تەڭ ئۈنۈم پىرىنسىپى"ئۈستىدە قايتا ئويلۇنۇش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13186
توردىكى ۋاقتى: 6521
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 10:56:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-2 10:58  

"تەڭ ئۈنۈم پىرىنسىپى"ئۈستىدە قايتا ئويلۇنۇش

قاسىم سىدىق


ئېينىشتېيىن نىسبىلىك نەزەريىسى "يورۇقلۇق تىزلىكىنىڭ ئۆزگەرمەسلىك پىرىنسىپى"،"نىسبىلىك پىرىنسىپى"،"تەڭ ئۈنۈم پىرىنسىپى"قاتارلىق ئۈچ پىرىنسىپنى بىر پۈتۈن نەزەريە سېستىمىسىسىنىڭ ئاساسى قىلىدۇ."لورىنتىس ئالماشتۇرۇشى"بولسا ئېينىشتېيىن نىسبىلىك نەزەريىسىنىڭ ئاساسلىق ماتىماتىكىلىق قورالى.مۇبادا يۇقۇرقى ئۈچ پىرىنسىپنىڭ بىرەرسىدىن چاتاق چىقسا بۇ نەزەريە چوڭ خىرىسقا يولۇقىدۇ.مۇبادا ئىككى ياكى ئۈچ پىرىنسىپنىڭ ھەممىسىدىن چاتاق چىقسا ئېينىشتېيىن ئۇزىمۇ ئىتراپ قىلغىنىدەك بۇ نەزەريە سېستىمىلىق توغرا نەزەريە بولۇپ تۇرالمايدۇدە ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىدۇ.

ئېينىشتېيىن نىسبىلىك نەزەريىسى مەيدانغا كەلگەن بىر ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان  بۇ نەزەريىگە بولغان گۇمانى خىتاپلار بىركۈنمۇ توختاپ قالغىنى يوق.مىنىڭچە دۇنيادا ھېچقانداق بىر فىزىكا نەزەريىسى ئېينىشتېيىن نىسبىلىك نەزەريىسىدەك مۇنازىرە-دەتالاشلارغا ئۇچراپ باققان ئەمەس.

مەن تەشەببۇس قىلغان شەكىل نەزەريىسى گەرچە ئۇزنىڭ ئانا ئۇقۇمى بولغان"فىزىكىلىق شەكىل"ئۇقۇمىنى تۇرغۇزۇشتا ئېينىشتېيىننىڭ چەكلىك چىگرىسىز،شارسىمان ئالەم مۇدىلىدىن مۇئەييەن ئىلھام ئېلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ،لىكىن شەكىل بىلەن ئارقا كۇرۇنۈشنىڭ مۇناسىۋىتىگە كەلگەندە مەن ئېينىشتېيىندىن گۇمانلىنىشقا باشلىدىم.باشقىچە ئىتقاندا، مەن تاكى 1990-يىلىغا كەلگىچە ئېينىشتېيىننىڭ ھەۋەسكارى، يارامسىز بولساممۇ ،ئىدىيىۋى جەھەتتە شاگىرتى ئىدىم .قاچانىكى "ئاق قەغەز مودىلى"نى تەپەككۆر قىلىپ بېكىتتىم،شۇنىڭدىن كىيىن ئېينىشتېيىنگە ئاسېلىق قىلىشقا باشلىدىم.دىمەك مىنىڭ ئېينىشتېيىنگە ئاسېلىق قىلىش تارىخىم 1990-يىلىدىن باشلىنىدۇ.

ئالبېرىت.ئېينىشتېيىن ئىنسانىيەت تەپەككۈر تارىخىدىكى گېگانىت زاتلارنىڭ بىرى.ئۇ ئىنسانىيەت مېڭىپ كۇرۇشكە تېگىشلىك بولغان بىر تەپەككۇر مۇساپىسىنى تاماملىدى.بۇ يولدا ئېينىشتېيىن ماڭمىغان تەقدىردىمۇ جەزمەن يەنە بىرسى ماڭاتتى ۋە مېڭىپ كۇرۇشكە تېگىشلىك ئىدى.ئېينىشتېيىننىڭ ئۇز سۇزى بۇيىچە ئېيىتقاندىمۇ ،مەغلۇپ بولۇش بەدىلىگە بىرەر ئىشنىڭ مۆمكىن بولمايدىغانلىغىنى ئىسپاتلاشمۇ ئىنسانىيەتكە قوشۇلغان چوڭ تۆھپە ھېساپلىناتتى.چۈنكى بۇ ھالدا مەغلوپ بولغۇچى بۇ يولدا مېڭىشقا بولمايدىغانلىغىنى ئىنسانلارغا ئىسپاتلاپ بەرگەن بولاتتى.بىر خىللا تەپەككۆر ئەندىزىسى ئارقىلىق تەبىئەت دۇنياسىنى تولۇق ۋە توغرا بىلىپ كەتكىلى بولسا قەدىمقى گىرىكلار بارلىق پەنلەرنى تاماملىۋەتكەن بولاتتى.دۇنيادا بۇنداق ئاسان ئىش يوق.ئىلىم -پەننىڭ تەرەققىيات تارىخى كۈچ ئۇلاپ يۆگرەشكە ئوخشايدۇ.ئىلىم -پەن تاماملانمايدىكەن،يېڭى ھادىسە يېڭى مەسىلىلەر ھەل بولمايدىكەن ،بۇ كۈچ ئولاپ يۆگرەش مۇسابىقىسىمۇ تاماملانمايدۇ.

بىز ھەممىمىز ئۇز ئىقتىدارىمىز ۋە قىزىقىشىمىزنىڭ دائىرىسىدە بۇ كۈچ ئۇلاپ يۆگرەش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ باقساق بولىدۇ.ئىلىم -پەن مۇنۇپول ساھە ئەمەس.مەن گەرچە ئۇزەم ناقابىل بولساممۇ شەكىل نەزەريىسىدىن ئىبارەت بىر پەلسەپە -لوگىكىلىق ئىدىيىۋى رامكا دائىرىسىدە بۇ كۈچ ئۇلاپ يۆگرەشكە قاتنىشىشنى ئىختىيار قىلدىم.ھەمكارلاشقۇچىلارغا ئىنتىزارمەن.ھەمكارلاشقۇچىلار چىقمىسا شۇ ئىدىيىۋى رامكا ھالىتىدە قالىۋىرىدۇ.خاتالىقلار بولسا كۇرسۈتۈپ بېرىلىشى لىكىن مەسخرە قىلىنماسلىغى،ئارتۇقچىلىقلار بولسا ئىتراپ قىلىنىشى لىكىن كۇپتۆرۆلمەسلىكى كىرەك،مانا _ بۇ مەن ئۈمىت قىلىدىغان پوزىتسىيە!.
بۇ تېمىدا "تەڭ ئۈنۈم پىرىنسىپى"ۋە بۇ "پىرىنسىپ"قا بولغان مۇلاھىزە ،قاراشلار بايان قىلىنىدۇ.

تەڭ ئۈنۈم پىرىنسىپى

تەڭ ئۈنۈم پىرىنسىپى ئاجىز تەڭ ئۆنۆم پىرىنسىپى ۋە كۈچلۈك تەڭ ئۈنۈم پىرىنسىپى قاتارلىقلارنى ئۇزئىچىگە ئالىدۇ.


"تەڭ ئۈنۈم پىرىنسىپى"نى دەسلەپتە ئوتتۇرىغا قويغان كىشى،ھازىرقى زامان فىزىكىسىنىڭ ئاتىسى گالىلېئو گالىلې

ئاجىز تەڭ ئۆنۆم پىرىنسىپى:
كۆزەتكۈچى جۆزئى(يېپىق) دائىرە ئىچىدە تىزلىنىشتىن شەكىللەنگەن ئىنىرىتسىيىلىك كۈچنى ۋە جىسىمدىن شەكىللەنگەن تارتىش كۈچىنى پەرىقلەندۆرەلمەيدۇ.

بۇ تارتىش كۈچى ماسسىسى بىلەن ئىنىرىتسىيىلىك ماسسىنىڭ ئوڭ تاناسىپلىغىدىن كەلتۆرۈپ چىقىرىلغان يەكۈن بولۇپ،بۇ يەكۆننى گالىلى،نىيوتۇنلار بىر قاتار تەجىربىلەردىن يەكۈنلىگەن.بۇ تەجىربىلەر گالىلى يانتۇ تەكشىلىك تەجىربىسى،ماياتنىك تەجىربىسى،نىيوتۇن ئىشلىگەن ئوخشىمىغان مىتال،غەيرى مىتال ماياتنىكلار ئارقىلىق ئېلىپ بىرىلغان ماياتنىك تەجىربىسى قاتارلىقلار.

كۈچلۈك تەڭ ئۈنۆم پىرىنسىپى:
زامان -ماكاننىڭ بىرنۇقتىسىدىكى تارتىش كۈچى مەيدانىنى ،مۇناسىپ دائىرىلىك ئىنىرىتسىيىلىك سېستىما ئارقىلىق تەسۋىرلەپ بەرگىنى بولىدۇ،تارمەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسى بۇ دائىرىلىك ئىنىرىتسىيىلىك سېستىمىدا پۈتۈنلەي قۇرۇلىدۇ.


ئالاقىدار تەجىربىلەردىن تەرمە



پىسا قېيسىق مۇنارى تەجىربىسى


1590-يىلى ياش گالىلى ئېغىرلىغى بىر -بىرىدىن پەرىقلىنىدىغان چوڭ-كىچىك ئىككى شارنى پىسا قىيسىق مۇنارىسىدىن بىرلا ۋاقتتا ئەركىن تاشلىغان.نەتىجىدە بۇ ماسسىسى پەرىقلىق بولغان ئىككى شار يەرگە بىر ۋاقىتتا چۈشكەن.بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئارىستوتىلنىڭ "ئېغىر جىسىملار يەڭگىل جىسىملارغا قارىغاندا يەرگە بۇرۇن چۈشىدۇ"دەيدىغان ئىدىيىسى ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەن.گالىلى تەجىربىسى ھازىرقى زامان فىزىكىسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى سۈپىتىدە 2000يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان تەبىئى پەن ۋە پەلسەپەدە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەن ئارستوتىل ئىدىيىسىگە خاتىمە بەردى دەپ قارىلىدۇ.

1971-يىلى ئاپوللۇ 15تە ئايغا قونۇش ۋەزىپىسىنى ئۆستىگە ئالغان ئالەم ئۇچقۇچىسى داۋىد راندولپ سكوت(David Randolph Scott)نىڭ بولقا بىلەن پەينى ئاي شارى يۆزىدە بىرلا ۋاقىتتا تاشلاپ،ئۇلارنىڭ ئاي شارى يۆزىگە تەڭ چۈشكەنلىكىنى كۈزىتىشى....قاتارلىقلار.



David Randolph Scott
ئاي شارىدا بىردانە بولقا بىلەن بىرتال پەينى بىرلا ۋاقىتتا تەڭلا تاشلاپ ئىككىسىنىڭ ئاي يۆزىگە بىرلا ۋاقىتتا چۈشكەنلىگىنى كۆزەتكەن دىيىلگەن ئالەم ئۇچقۇچىسى  داۋىد راندولپ سكوت
ئەسكەرتىش:
ئىلگىرى ئاي شارىدا ئاتمۇسفىرا قاتلىمى يوق،دەپ قارىلىپ كەلگەن.يېقىندا ئاي شارىدىمۇ ئاتمۇسفىرا قەۋىتى بارلىغى ھەقىقىدىكى خەۋەرلەر ئېلان قىلىندى.بۇ ھالدا داۋىد راندولپ سكوت تەجىربىسىنى قايتا ئويلۇشۇشقا توغرا كېلىدۇ.بىر تال پەي يوقنىڭ ئورنىدىكى ئاتمۇسفىرا شارائىتى ئاستىدىلا ئاندىن بىردانە بولقا بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا ئاي يۆزىگە چۈشۈشى مۆمكىن.شۈبھىدىن خالاس بولۇش ئۈچۈن ئاي شارى ئاتمۇسفىراسىغا ئالاقىدار بارلىق ئۇچۇرلارنى يىغىشقا توغرا كىلىدۇ.

شەكىل نەزەريىسىنىڭ 29-تىئورمىسى ۋە"تەڭ ئۈنۈم پىرىنسىپى"


ھازىرغىچە 29-تىئورمىنىڭ توغرا - خاتالىغىنى دەلىللەش مەقسىتىدە رەسمى دوكىلات بىلەن تەمىنلەشكە بولىدىغان تەجىربە ئىككى قېتىم ئىشلەندى.ھەر ئىككى تەجىربىدە 29-تىئورمىچە ئېغىش كۆرۈلدى.ئالدىنقى قېتىم ئىشلەنگەن تەجىربە  2011-يىلى 4-ئايدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ،بۇ تەجىربىنى ۋاكىئوم تەجىربىسى ئۈنۈمىگە ئىگە دەپ قاراشقا بولىدۇ.
ئىككىنجى قېتىملىق تەجىربە 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 15 كۆنى ئىشلەندى.ھازىر بىز ۋاكىئوم تەجىربىسى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن جىددى تەييارلىق قىلىۋاتىمىز.

ئەسكەرتىش:
ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق تەجىربىدە بىز  ھەرخىل قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن پەقەت ئېغىشنىلا كۈزۆتۈپ،ئايلاندۇرۇلۇپ ۋە ئايلاندۇرۇلماي تاشلانغان شارلارنىڭ يەرگە چۈشكەندىكى ۋاقىت پەرقىنى كۈزۆتۈش تەييارلىغىنى قىلمىغان ئىدۇق.بۇ قېتىم ئىشلىنىدىغان تەجىربىدە ۋاقىت پەرقىنمۇ بىرگە كۆزىتىشكە تەييارلىق قىلىۋاتىمىز.ۋاقىت پەرقى ناھايتى كىچىك بىر مىقدار بولىشى ئېھتىمالغا يېقىن بولغانلىغى ئۈچۈن بىز تەييارلىغان سىنزۇرلارنىڭ بۇنداق كىچىك پەرىقنى سېزىش-سېزەلمەسلىكىگە ھازىرچە بىر نىمە دىيەلمەيمىز.
لىكىن ،بىر نۇقتا ئىنىق،ئوقىدا ئايلاندۇرۇلغان شار ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئاغقان ئىكەن.جەزمەن ئۇ ،ئايلاندۇرۇلمىغان شارغا قارىغاندا يەرگە كېچىكىپ چۈشىدۇ!.
جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ ئاكادىمىكى لۇجۆن(罗俊)ئوخشىمىغان تىزلىكتە ئايلاندۇرۇلۇپ تاشلانغان ئىككى جىسىمنىڭ يەرگە چۈشكەندىكى ۋاقىت پەرقىنى تەجىربىدە كۆزەتكەن ئىكەن.ئۇنىڭ كۇنكىرىت تەجىربە جەريانى ۋە تەجىربە قۇرۇلمىلىرىغا ئالاقىدار تەپسىلى ئۇچۇرلارنى تاپالمىدىم.


"تەڭ ئۈنۈم پىرىنسىپى"نىڭ شەكىل نەزەريىسى خارەكتىرلىك بايانى


ئېينىشتېيىن كىلاسسىك تەڭ ئۈنۈم پىرىنسىپى ئۈستىدە توختۇلۇپ "تارتىش كۈچى مەيدانىدىكى بارلىق جىسىملارئوخشاش تىزلىنىشچان ھەركەت قىلىدۇ.بۇ قانۇن ئۇزنۇۋىتىدە يەنە ئىنىرىتسىيىلىك ماسسا بىلەن تارتىش كۈچى ماسسىسىنىڭ تەڭ ئىكەنلىگىنى ئىپادىلەيدۇ."،دەپ يازغاندىن كىيىن شۇنداق دەيدۇ«ئىنىرتسىيىلىك ماسسا بىلەن تارتىش كۈچى ماسسىسىنىڭ تەڭ ئۈنۈملۆكىنى ھازىر ناھايتى رۇشەن ھالدا تۆۋەندىكىچە بايان قىلىشقا بولىدۇ:تەكشى تارتىش كۈچى مەيدانىدابارلىق ھەركەتلەر خۇددى تارتىش كۈچى بولمىغان تەكشى تىزلىنىشچان كوئوردىنات سېستىمىسىدىكىدەك بولىدۇ»
_ ئالبىرىت.ئېينىشتېيىن "كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىنىڭ مەنبەسى"،"ئېينىشتېيىن ئەسەرلىرى"،شاڭۋۇ كىتاپچىلىغى،1977-يىلى نەشىرى،1-توم،320-321-بەتلەرگە قاراڭ.



ئالبېرىت.ئېينىشتېيىن


ئېينىشتېيىن «تارتىش كۈچىنىڭ يورۇقلۇقنىڭ تارقىلىشىغا بولغان تەسىرى»سەرلەۋھەلىك ماقالسىدا(2-توم 213-بەت)شۇنداق يازىدۇ«ئېغىرلىق كۈچ مەيدانىدا بارلىق جىسىملارتۇۋەنگە ئوخشاش چۈشىدۇ،بۇ تەجىربە بىزنىڭ تەبىئەتنى كۈزۆتۈشىمىزدىن قولغا كەلتۆرگەن ئەڭ ئومۇمىلاشقان بىر تەجىربە؛دەرۋەقە شۇنداق ئىكەن،بىزنىڭ فىزىكا دۇنيارىمىزنىڭ كارتىنا ئاساسلىرى ئىچىدە بۇ قانۇن پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغان ھېچقانداق ئورۇن يوق»

يۇقۇرقىلاردىن كۇرۇۋىلىشقا بولىدۇكى،ئېينىشتېيىن«تەڭ ئۈنۈم پىرىنسىپى» گالىلى -نىيوتۇن تەڭ ئۈنۈم پىرىنسىپنى ئىنكار قىلمىدى بەلكى ئۇنى غەيرى ئىنىرىتسىيىلىك سېستىمىغا كېڭەيتتى.دىمەك ،گالىلى- نىيوتۇن تەڭ ئۈنۈم پىرىنسىپىدىن چاتاق چىقسا،ئېينىشتېيىن نىسبىلىك پىرىنسىپىدىنمۇ ئوخشاشلا چاتاق چىقىدۇ.


مەن ئېينىشتېيىننىڭ يۇقۇرقى سۇزىنى خاتا چۈشىنىۋالمىغانلا بولسام ،ھازىرقى ھالىتىدە تەڭ ئۈنۈم پىرىنسىپىنى تولۇق قوغداپ قالغىلى بولمىغىدەك،لىكىن ھەجىملىك تىزلىكنى ئېلىپ كىرسە تولۇق قوغداپ قالغىلى بولىدىغاندەكمۇ قىلىدۇ.شۇنداقتىمۇ بەزى ئۆزگەرتىشلەر ئېلىپ بېرىلمىسا شۇ ھالىتىدە قوغداپ قالغىلى بولمايدۇ.چۈنكى"تارتىش كۈچى مەيدانىدىكى بارلىق جىسىملارئوخشاش تىزلىنىشچان ھەركەت قىلىدۇ."دىگەن بۇ گەپ پاكىتلار تەرىپىدىن رەت قىلىنىدۇ.29-تىئۇرما تەجىربىسىدىن بىز "تارتىش كۈچى مەيدانىدىكى بارلىق جىسىملار"نىڭ ئوخشاش تىزلىنىشچان ھەركەت قىلمايدىغانلىغىنى،تەڭ ئۈنۈم پىرىنسىپى پەقەت ئوخشاش ئىنىرىتسىيىلىك ھالەتكە ئىگە جىسىملارغا نىسبەتەنلا ئورۇنلۇق بولىدىغانلىغىنى كۇرۇپ يەتتۇق.
.تەڭ ئۈنۈم پىرىنسىپىغا ئالاقىدار تەجىربىلەر ھازىرغىچە ئىنىرىتسىيىلىك ھالىتى ئوخشاش بولغان جىسىملار ئارقىلىقلا ئېلىپ بېرىلغان،ئىنىرىتسىيىلىك ھالىتى ئوخشاش بولمىغان جىسىملاردا تەڭ ئۈنۈم پىرىنسىپى قۇرۇلمايدۇ.شۇڭا تەڭ ئۈنۈم پىرىنسىپىنىڭ بايانىنى تۆۋەندىكىچە بايان قىلىش كىرەك:

پەقەت، جىسىملار نىڭ ئىنىرتسىيىلىك ھالىتى  ئوخشاش بولۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا تارتىش كۈچى ماسسىسى بىلەن ئىنىرىتسىيىلىك ماسسا تەڭ بولىدۇ.ئىنىرىتسىيىلىك ھالىتى ئوخشاش بولمىغان جىسىملارنىڭ تارتىش كۈچى ماسسىسى بىلەن ئىنىرىتسىيىلىك ماسسىسى تەڭ ئەمەس.

قۇشۇمچە ئەسكەرتىش:

"ئىنىرىتسىيىلىك ھالەت"نىڭ قىسقىچە چۈشەندۆرىلىشى:
زەرىچە ياكى  جىسىمنىڭ نىسبى جىملىغى ھەركەت يۆنۆلۈشى ،تىزلىكى،شەكلى قاتارلىق ئومۇمى ھالەتلىرى.نىيوتۇن ئىنىرىتسىيەنى چۈشەندۇرگەندە ماسسىنى ئالدىنقى شەرىتلەر قاتارىغا تىزمىغان.

2013.11.4

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13186
توردىكى ۋاقتى: 6521
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 11:55:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-2 12:01  

بۇ تېما ئالدىنقى يىلى يېزىلغان تېما بولۇپ،بىز تۈنۈگۈن،يەنى 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى ۋاكىئومدا 29-تىئورمىچە ئېغىشنىڭ ئۈزۈل-كېسىل ئىسپاتىغا ئىرىشتۇق.ئەمدى تاكى قارشى ئىسپات تېپىلمىغىچە كىلاسسىك تەڭ ئۆنۈم پىرىنسىپىدىن  گۇمانلىنىشقا تېخىمۇ ھەقلىقمىز!.

يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13186
توردىكى ۋاقتى: 6521
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 15:29:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېينىشتېيىننىڭ زامان - ماكانى
Einstein's Spacetime
爱因斯坦的时空


................................

ئېينىشتېيىننىڭ بەخىتلىك ئىدىيىسى_1907-يىل:
سولدىكى رەسىم _«كۈزەتكۈچى ئەركىن چۈشىۋاتقان بىر ئۆينىڭ تورۇسىداتۇرغاندا،تارتىش كۈچى مەۋجۈت ئەمەس»
ئوڭدىكى رەسىم ئەكسىچە __ كۈزەتكۈچى بىر يېپىق سېستىمىدا،مەسىلەن لىفىت ياكى ئالەم كېمىسىدە تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئېغىرلىغىنىڭ تارتىش  كۈچى ياكى تىزلىنىشچان ھەركەتتىن كېلىپ چىققانلىغىنى ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ.

..................
ئېينىشتېيىن تونۇپ يەتتىكى،بىرەيلەن تىزلىنىشچان ھەركەت قىلىۋاتقان شار بىلەن تەڭ تۆۋەنگە چۈشىۋاتقان ئەھۋالدا ئېغىرلىق كۈچىنىڭ ئۆزلىرىگە قانداق تەسىر قىلىۋاتقانلىغىنى بىلىشكە ئامالسىز.
بىر كۈزەتكۈچى ئېغىرلىق كۈچىنى ئەڭ كەم دىگەندىمۇ ئۆزىگە يېقىن ئورۇندا ئۇزگەرتەلەيدۇ.بۇ كۈزەتكۈچى پەقەت بۇ تىزلىنىشچان پايدىلىنىش سېسستىمىسىغا  ھەرقانداق ئوبىكىتتىن ۋاز كەچكەن ھالدا يۆتكىلىشكىلا ئېھتىياجلىق ،"بۇ ئورۇن"دا تارتىش كۈچى تىزلىنىشچان ھەركەت بىلەن تەڭ ئۈنۈملۆك بولىدۇ.مانا بۇ تەڭ ئۈنۈم پىرىنسىپىدۇر.

............................


تولۇقى بۇ يەردە:


0

تېما

0

دوست

2231

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28208
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 696
توردىكى ۋاقتى: 154
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 19:37:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇلۇق  چۈشەنمىسەممۇ  خىلى  ئاساسى  باردەك  ھىس قىلدىم

بىزنىڭ دىھقانلا

1

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   3.39%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12296
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 54
تۆھپە : 3736
توردىكى ۋاقتى: 171
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 20:26:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ تىرىشچانلىق روھىڭىزغا ئاپىرىن.،.مەندۇ سىزچىلىك چىدام غەيرەت بولسىچۇ،.،ياشلىقىڭىزدىمۇ ئۈلگە ئىدىڭىز ،ياشانغاندىمۇ بىزگە ئۈلگە تىكلەپ بىېرىۋاتىسىز..

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13186
توردىكى ۋاقتى: 6521
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 21:03:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئېينىشتېيىننىڭ نىسبىلىك نەزەريىسىنى،گالىلىنىڭ تەكشى تىزلىك بىلەن ئۆزۆۋاتقان بىر كېمە ئىچىدەمىخانىكا تەجىربىلىرىنى ئىشلىگەن چاغدا ئوتتۇرىغا قويغان ھېلىقى تەجىربە -ئىسپاتلىرىنىڭ پارلاق چوققىسى دەپ قاراش مۇمكىن.بۇ نەزەريىنى تەكشى بولمىغان ھەركەتكە كېڭەيىتكەندە ئادەتتە ئۇ كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسى دېيىلىدۇ.ئەمما ئۇنى نىسبىلىك نەزەريىسى خارەكتىرىدىكى تارتىش كۈچى نەزەريىسى دەپ ئاتاش كېرەك.ئۇنىڭ ئېغىر - يېنىك جىسىملارنى پىسا قىيپاش مۇنارىسىدىن تاشلاشتىن ئىبارەت گاللى تەجىرىلىرىدىمۇ يىلتىزى بار.

   ___ گېئورگى گاموف _"فىزىكىنىڭ قىسقىچە تارىخى"،337-بەت.

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13186
توردىكى ۋاقتى: 6521
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 21:13:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qumjan يوللىغان ۋاقتى  2014-5-2 20:26
سىزنىڭ تىرىشچانلىق روھىڭىزغا ئاپىرىن.،.مەندۇ سىزچىلىك ...

رەھمەت.بۇ بىر ياشاش شەكلى.ئادەتلىنىپ كەتسىڭىز ھۇزۇرى ئۇزى بىلەن بىللە!.

5

تېما

10

دوست

3663

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   55.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15798
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 1154
توردىكى ۋاقتى: 471
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-2 22:28:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ziya يوللىغان ۋاقتى  2014-5-2 21:03
ئېينىشتېيىننىڭ نىسبىلىك نەزەريىسىنى،گالىلىنىڭ تەكشى ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.خاپا بولماي كەڭ مەندىكى نىسپىيلىك نەزەريەسى ۋە تار مەندىكى نىسپىيلىك نەزەريىسى دېگەن زادى نېمە ،ئەڭ ئاددى،چۇشنىشلىك قىلىپ سۆزلەپ بىرەلەمسىز؟
مەنغۇ ھازىر فىزىكىنى كۆرسەم بىشىم ئاغرىيدۇ.لىكىن مۇشۇ ئىككى نەزەريەنىڭ ئاساسلىق مەزمۇننى ۋە قانداق جىسىملارغا بۇ نەزەريە ماس كلىلدىغانلىقىنى بەك بىلگىم بار.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )