بىسىمنى يىنىكلىتىشنىڭ تەدبىرلىرى
ئىسىڭىزدە بولسۇن، بىسىم سىزنىڭھاياتىڭىزدا نىمە ئىشلار يۈز بىرىۋاتقانلىقىنىڭ ئۇچۇرى.بىرە ئىشنى قىلىشنىئويلىشىشتىن بورۇن سىزدە ئۈزىڭىزنىڭ بىسىم ئەھۋالىڭىىز ۋە ئۇنىڭ سىزگە كۈرسىتىدىغان تەسىرىگە نىسپەتەن ئىنىق چۈشەنچە بولسائىشلارنى پىلانلىق ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ كۈڭۈلدىكىدەك نەتىجە چىقىرىشىڭىزغازور ياردىمى بۇلىدۇ.
ئۈچ قورۇلما ھاياتنى تەڭپۇك،كۈڭۈلدىكىدەكئۈتكۈزىشنىڭ ئاساسى. ھىستۈيغۇ،تاللاش،ئىنىرگىيە.
تۈۋەندىكى كونكىرت ھەل قىلىش ئۇسۇلى
ھىس تۈيغۇ:
بىسىمىنى يىنىكلىتىشنىڭ بىرىنجى قەدىمىھەربىر كۈنىڭىزدىكى گۈزەل ھىس تۈيغۇلىرىڭىزنىڭ كۈپىيشى بىلەن باشلىنىدۇ. سىزنىڭھاياتقا بولغان قىزغىنلىقىڭىز،مۇھەببىتىڭىز،ئىنىرگىيڭىزنى،سىزنى ئالغائىنتىلدۈردىغان، سىزگە ئىلھام ئاتا قىلىدىغان،سىزنى خوشال قىلىدىغان،سىزگە مەنىلىكتۈيىلىدىغان ئىشلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ.ئۇلار كۈڭۈلدىكىدەك ھاياتتا،ياكىبىسىم،خاپىلىق ئىچىدە ياشىشىڭىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىللىرى.
ھەركەت: بىر ۋاراق قەغەز ئىلىپ قەغەرنىڭ ئوتتۇرىدىن يۈقىدىن تۈۋەنگە بىر سىزىق سىزىڭ.سىزىقنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئاكتپ پوزىسسىيە(خوشاللىقلار)ئۈچۈن +بەلگىسى سول تەرىپىگە پاسىپ پوزىسسيە(خاپىلىقلار)ئۈچۈن -بەلگىسى قويۇڭ.
قەغەزنىڭ +بەلگىسى بار تەرەپكە زادى نىمەھاياتىمغا خوشاللىق،ئىنىرگىيە،ھەقىقى مەنا ئىلىپ كىلەلەيدۇ؟ دەپ سوئال قويوڭ.
ئۈزىڭىز خالىغان بەش ئىشنى يىزىڭ. ئۇلارنىڭسىزگە قانچىلىك خوشاللىق ئىلىپ كەلگەنلىكىنى،قانچىلىك ئەھمىيەتلىكلىكىنى ئويلىنىڭئاندىن ئۇلارنى دەرجىگە ئايرىڭ. 1=ئادەتتىكىچە،2=ئوتتۇرھال،3=ئالاھىدە قىلىپبىكىتىڭ.
سانلارنى قوشۇڭ. ئەگەر ئوندىن تۈۋەن بولسا ھاياتىڭىز توغرىسىدائەستايىدىل ئويلىنىڭ.ئىسىڭىزدە بولسۇن سىز ياخشى كۈرىدىغان،سىزنى خوشال قىلىدىغان بەش ئىشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ.
- بەلگىسىنىڭ ئاستىغا ھاياتىمدىكى مىنى بىئارام قىلىۋاتقان، خوشال ياشىغىلى قويماي ماڭا بىسىم ئىلىپ كىلىۋاتقان زادى نىمە؟ دەپ سوئال قويۇڭ.
سىزنى بىئارام قىلىدىغان، ئىنىرگىيىڭىزنىخورىتىدىغان، سىزنىڭ خوشال ياشىشىڭىزغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان بەش ئىشنى يىزىپچىقىڭ. بۇ ئىقدىسادى بىسىم ، خىزمەت،كىشلىك مۇناسىۋەت،قاتارلىقلارنى ئۈز ئىچىگەئالسۇن. بۇنىمۇ يۇقىرقىغا ئوخشاش دەرىجىگە ئايرىڭ. ئىرىشكەن نۇمۇرلىرىڭىزنى قوشۇڭ.ئەگەر سىزنىڭ ئومۇمى نۇمىرىڭىز 10-15غىچە بولسا، سىز ئىنتايىن بىسىم ، خاپىلىقئىچىدە بولغان بۇلىسىز. سىز چوقۇم پىسخىكىلىق مەسلىھەت يىتەكلەشكە ئىھتىياجلىقبۇلىسىز.
تاللاش
سىزئاساسلىق بىسىم،خاپىلىقلارنى ئىنىقلاپ بولدىڭىز. تاللاش سىزنىڭ بىسىمىڭىزنىتۈۋەنلىتىپ، خاپىلىقلىرىڭىزنى ئازايتالايدۇ.
سىزنىڭ ھازىرقى ھاياتىڭىز سىزنىڭتاللىغانلىرىڭىزنىڭ نەتىجىسى. سىز بەلكىم ئەتراپىڭىزدىكى نۇرغۇن ئىشلارنى كونتىرولقىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن، لىكىن سىز خاپىلىق، بىسىمغا نىسپەتەن پوزىسسيەرىڭىزنى،قارىشىڭىزنى پۈتۈنلەي تاللاش ئىمكانىيتىغا ئىگە.
ھەركەت:سىز 3 دەپ دەرىجىگە ئايرىغان خاپىلىق ئىشتىن بىرنى تاللاڭ.بۇنى ھەل قىلىش،پوزىسسىيەرىڭىزنى ئۈزگەرتىش،ياكى باشقىچە يوللار بىلەن ئۇنى بىتەرەپ قىلىش،سىزگەبولغان سەلبى تەسىرىنى ئازايتىش ،پاسىپ پوزىسسيەنى ئاكتىپ پوزىسسيەگە ئايلاندۇرۇشتوغرىسىدا تەپسىلى پىلان ، ئىستىراتىگىيە تۈزۈپ چىقىڭ.
ئاكتىپ ئىشلار تەرەپتىكى بىر ئىشنى يىزىپ چىقىڭ. سىز دائىمقىلالايدىغان، چەكلىمىسى بوشراق، قىلىش ئىمكانىيتى كۈپرەك،سىزگە پايدىسى كۈپرەكتىگىدىغان، ئەھمىيەتلىك ئىشتىن بىرنىتاللاڭ. ئۇنى دائىم قىلىدىغان،سىزنىڭ كەيپىياتىڭىز، تۇرمۇشىڭىزنىڭ تەڭپۇڭلىقىنىساقلايدىغان ھالەتتە پىلان تۈزۈپ چىقىڭ. بۇنى ئىشلارنى كۈپرەك قىلىپ بىرىڭ.
ئىنىرگىيە
گۈزەل ھىس تۈيغۇلىرىڭىز، تاللاشلىرىڭىز ھاياتىڭىزغا يىڭىچەئىنىرگىيە ،ساغلام روھى ھالەت، ئۈنۈم، خوشاللىقلارنى ئىلىپ كىلىدۇ.
ئاكتىپ پوزىسسىيە بىلەنھاياتقا كۈلۈپ بىقىپ، ئىشلارغا كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ كۈڭۈلدىكىدەكھاياتتا ياشاشنى قارار قىلغىنىڭىزدا ئىنىرگىيڭىز ئىشىپ تۇرمۇشتىكى بىسىملارنىڭ ھەلقىلىش ئمكانىيتى بارلىقىغا ئىشىنىدىغان بۇلىسىز.
مۇۋاپىق بىسىم ياخشى ئىش، ئىشىپ كەتكىنى تەندىكىكىسەلدەك ھاياتىڭىزغا ئىكەگ سىلىپ سىزنى روھى جەھەتتنى تۈگەشتۈرۈپلا قالمايجىسمانى جەھەتتىنمۇ سىزگە زور تەسىر كۈرسىتىدۇ. شۇڭا ئۈزىمىزنىڭ روھى ھالىتىگە دىققەت قىلىپ، ئۈزىمىزنىڭ روھى بىسىمىنىڭ ،خاپىلىقلارنىڭ سەۋەبىنى ، مەنبەسىنى تىپىپ چىقىپ ئۇنى ئىلمى، سىستىمىىلىق ،پىلانلىق ھەل قىلىش ئىنتايىن مۇھىم.
توردىن ماتىريال كۈرۈپ رەتلەپ يىزىلدى.
|