ئەرقال كارخانىچىلار كۇلۇب ئەزالىرىنىڭ 4-ئايلىق يىغىلىشى 26-چىسىلادىن 30-چىسىلاغىچ ەبولغان بەش كۈن ئىچىدە مۇتەخەسىسلەر لىكسىيەسى، «ئادەم كۈچى بايلىقى ئىستىراتېگىيىسى» توغرىسىدىكى مۇھاكىمە، ئىختىساسلىق خادىم تەكلىپ قىلىش يىغىلىشى ۋە لىدىرلارنىڭ نەق مەيداندىكى يۈز تۇرانە ئىمتىھانى قاتارلىق مول مەزمۇنلار بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى. ئەرقال كارخانىچىلار كۇلۇبى 4- ئايلىق يىغىلىشىغا تەكلىىپ قىلىنغان مۇتەخەسىسلەر ۋە لىكسىيە مەزمۇنلىرى: 2008.1يىلى خارۋارد ئۇنۋېرسىتېتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مەبلەغ سېلىش بانكىلىرىنىڭ بىرى بولغان Morgan Stanleyدا ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇتەخەسىس Colin Kelly بۇقېتىملىق پائالىيەتتە Netflix» ئەندىزىسى بويىچە خىزمەت ئورنىدا يېڭىلىق يارىتىش» دىگەن تېمىدا مەخسۇس دوكلات بەردى.
Mutuel Fund .2 ،Morgan Stanleyقاتارلىق ئورگانلاردا ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇتەخەسىس»Tyler Brandford Godoff ئادەم كۈچى بايلىقى خىزمىتىنىڭ يادروسى -خادىم قوبۇل قىلىش» دىگەن تېمىدا مەخسۇس دوكلات بەردى.
HAVAS .3،BURNING MANقاتارلىق دۇنياغا داڭلىق تاراتقۇ شىركەتلىرىدە تۈر باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسنى ئۆتىگەن مۇتەخەسىس »Daniel Thomas Furth JR ئادەمكۈچى بايلىقى ساھەسىدە جۇڭگو ۋە ئامېرىكىدىكى ئەنئەنىۋىي ئۇسۇللار ۋە يېڭىلىقلار»دىگەن تېمىدا مەخسۇس دوكلات بەردى.
4.كارنېگ فوندى خەلقئارالىق مۇناسىۋەت مەركىزىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسىنىتۈزۈش ۋە ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن مۇتەخەسىس»James Sylverster Lechleitner ئادەم كۈچى كاپىتالى- خادىملار قوشۇنىڭىزغامەبلەغ سېلىڭ» دىگەن تېمىدا مەخسۇس دوكلات بەردى.
5. ئەرقال كاپىتالىنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى، لىدىرى، مۇدىرىيەت باشلىقى قۇدرەت ياقۇپ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى(Harvard University) نىڭ ئىقتىسادشۇناشلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن،ئامېرىكىدىكى داڭلىق پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىدا ئىشلىگەن، ئامېرىكىنىڭ كىرىمىنى جىلغىسىدا ئىگىلىك تىكلىگەن، مەبلەغ سېلىش ۋە كارخانا باشقۇرۇش ساھەسىدىكى تەجرىبىلىك ياش.
6. ئەرقال كاپىتالىنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى، مۇئاۋىن لىدىرى،مۇدىرىيەت ئەزاسى. شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى كارخانا ئىستىراتېگىيەكافىدىراسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تۇرسۇن ئەلى ئەپەندىم «ئادەم كۈچى بايلىقى باشقۇرۇش» توغرىسىدا مەخسۇس دوكلات بەردى.
4-ئاينىڭ26-كۈنى ئەرقال كارخانىچىلار كۇلۇبى ئورۇنلاشتۇرغان كەچلىك غىزادىن كېيىن، ئەزالارمۇتەخەسىسلەر بىلەن بىرلىكتە «ئادەم كۈچى بايلىقى ئىستىراتېگىيىسى» توغرىسىدامۇھاكىمە ئېلىپ باردى ھەمدە -26چىسلاغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىختىساسلىق خادىم تەكلىپ قىلىش يىغىلىشى توغرىسىدا پىكىرلەشتى.
4-ئاينىڭ26-كۈنى سائەت 08:30 دىن 16:00 گىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇتەخەسىسلەر لىكسىيەسىدىن كېيىن، ئەرقال كارخانىچىلار كۇلۇبىغا ئەزا كارخانىلار ۋە ئەرقال كاپىتالى مەبلەغ سالغان كارخانىلاردىن بولۇپ 35 كارخانىدىكى 272 ئورۇنغا ئىختىساسلىق خادىم تەكلىپ قىلىش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى!
ئىختىساسلىق خادىم تەكلىپ قىلىدىغان كارخانىلارنىڭ لىدىرلىرى ئۆز كارخانىلىرى، ئىختىساسلىق خادىم تەكلىپ قىلىدىغان خىزمەت ئورنى ۋە ئىختىساسلىقلارغا قويۇلىدىغان تەلەپلەرتوغرىسىدا نەق مەيداندا قىسقىچە چۈشەنچە بەردى!
ئىختىساسلىق خادىم تەكلىپ قىلىدىغان كارخانىلارنىڭ لىدىرلىرى ئۆز كارخانىلىرى، ئىختىساسلىق خادىم تەكلىپ قىلىدىغان خىزمەت ئورنى ۋە ئىختىساسلىقلارغا قويۇلىدىغان تەلەپلەرتوغرىسىدا نەق مەيداندا قىسقىچە چۈشەنچە بەردى!
ئەرقال كارخانىچىلار كۇلۇبىدىن 10 ساھە، 35 كارخانا قۇرغۇچىلىرى ۋە لىدىرلىرى ئىختىساسلىق خادىملار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى ۋە تەرجىمىھالىنى تاپشۇرىۋالدى.
-5 ئايلىق پائالىيىتىمىز 5-ئاينىڭ 24، -25كۈنلىرى ئۆتكۈزىلىدۇ.
سوداساھەسىدىكى زاتلارنىڭ ئەرقال كارخانىچىلار كۇلۇبىغا قاتنىشىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
ئەرقال كارخانىچىلار كۇلۇبى 4-ئايلىق يىغىلىشىدىن كۆرۈنۈشلەر
|