قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2022|ئىنكاس: 17

ئويغىنىش يولىدىكى ئۆلۈك ۋە ئۆلتۈرگۈچى پىكىرلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

2

دوست

809

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   61.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28113
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 260
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-11 00:50:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويغىنىش يولىدىكى ئۆلۈك ۋە ئۆلتۈرگۈچى پىكىرلەر


*ئۆلۈك پىكىرلەر ئىجتىمائىي مىراسىمىزنىڭ نەتىجىسى بولۇپ مەھكۇملۇقنى قوبۇل قىلىش قابىلىيىتىنى پەيدا قىلىدۇ.

*ئۆلتۈرگۈچى پىكىرلەر ياتلاردىن قوبۇل قىلىنغان بولۇپ مەھكۇملۇقنى تۇغىدۇ.


(1)
     «ئۆلۈك پىكىرلەر»: ئالى ئۆرنىكىدىن بۇرۇلۇپ كېتىپ ئەسلىنى يوقاتقان پىكرىدۇر.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلۈك پىكىرنىڭ مەدەنىيەت جەۋھىرىدە يىلتىزى مەۋجۇت بولمايدۇ.
«ئۆلتۈرگۈچى پىكىرلەر»:-يىلتىزىنى يوقاتقاندىن كېيىن- سالاھىيىتى ۋە مەدەنىيەت قىممىتىنى يوقاتقان پىكرىدۇر.
«ئۆلۈك پىكىرلەر» تارىخىمىزدا سەلبىي رول ئوينىدى، ھازىرغا قەدەر ئويغىنىشىمىزدا سەلبىي رولنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ئۆلۈك پىكىرلەر مەۋجۇت. دېمەك، بۇ پىكىرلەر ھايات كەچۈرۈشنى خالايدىغان جەمئىيەتتە ئۆلۈشتىنئىلگىرى تىرىكلەر جەمئىيىتىدە ئۆلتۈرگۈچى پىكىرلەر ئىدى. بۇ ئۆلۈك پىكىرلەر ئۆز يۇرتىمىزدا پەيدا بولغان. ھەر بىر جەمئىيەت ئۆزىنى ئۆلتۈرىدىغان پىكىرلەرنى ياساپ چىقىدۇ، كېيىن ئىجتىمائىي مىراسىدا«ئۆلۈك پىكىر» بولۇپ ساقلىنىپ قالىدۇ. ئۆلۈك پىكىر«ئۆلتۈرگۈچى پىكىر»دىن خەتەرلىك كېلىدۇ. چۈنكى ئۆلۈك پىكىر شۇ جەمئىيەتنىڭ ئادەتلىرى بىلەن ماسلاشقان بولۇپ، جەمئىيەتتە تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ، ئىچكى قاتلامنى سېسىتىپ تاشلايدۇ. ئەگەر ئۆلۈپ پىكىرلەرگە قارىشى تازىلاش ئوپېراتسىيىسى ئېلىپ بېرىلمىسا، ئىسلام جەمئىيەتلىرىنى ئىچكى جەھەتتىن قىرىپ تاشلايدىغان قىرغۇچ خاراكتېرلىك خەتەرلىك مىكروبلارغا ئايلىنىدۇ.
     بىز ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەسلى مەدەنىيەت بوتسىىدا يىلتىزى بولمىغان ئۆلۈك پىكىرلەرنى داۋالايلى دەپ ھەرىكەت قىلغىنىمىزدا، مەدەنىيەت دۇنياسىدا يىلتىزىنى تاشلاپ بولغانباشقا يەردىن كېلىپ قالغان ئۆلۈك پىكىرلەرگە دۈچ كېلىمىز.
   بەزىدە  كىشىلەر بۇ مۈشكۈلىنىڭ ئىككى كۆرۈنۈشى بولغان«ئۆلۈك پىكىر» بىلەن «ئۆلتۈرگۈچى پىكىر»نى مۇجەسسەملەشتۈرۋالىدۇ. چۈنكى ئۇ ئادەملەرنىڭ ۋۇجۇدىدا مىكروبلۇق مىراس تېپىلىدۇ. يەنى كىشىلەردىكى «ئۆلۈك پىكىر» ياتلاردىن كېلىۋاتقان «ئۆلتۈرگۈچى پىكىرلەر»نى چاقىرىدۇ.
   بۇ خىل تۈردىكى قوش كۆرۈنۈش مۇئەييەن سۈرەتتىكى بەلگىلىك خاس تۈردىكى يەنى: جەمئىيتىمىزدىكى زىيالىي تەبىقىسى نېمە ئۈچۈن ئۆلتۈرگۈچى ئامىللارنى قوبۇل قىلىۋالىدۇ؟ دېگەنمۈشكۈلىنى قوزغاپ چىقىدۇ.
   ئەمەلىيەتتە زىيالىيلار غەرب مەدەنىيىتىدىن بىزگە مۇناسىپ پايدىلىق نەرسىلەرنى تاللاپ ۋە سۈزۈپ ئالغان بولسا ياخشى بولاتتى، لېكىن ئۇلارنىڭ بىر قىسمىغەرب مەدەنىيىتىنىڭ مەنىۋى ۋە ماددى كۆز قاراشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئايرىماي قوبۇل قىلىشتى.
   دېمەك،غەرب مەدەنىيىتىدىكى بىزگە مۇناسىپ كەلمەيدىغان كۆز قاراشلار«ئۆلتۈرگۈچى پىكىرلەر» ھېسابلىنىدۇ. غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ھەممىسى ئۆلۈك پىكىرلەر ئەمەس، ئۇ مەدەنىيەتتە ھەزارەتكە جان كىرگۈزىدىغان ئامىللار مەۋجۇت. لېكىن بىز قوبۇل قىلىۋاتقان «ئۆلتۈرگۈچى ئامىللار» ئۇ مەدەنىيەتنىڭ تاشلاندۇق ۋە ئۆلۈك پارچىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. نېمە ئۈچۈن ئۆلتۈرگۈچى ئامىللىرىغا مايىل بولىمىز؟ چۈنكى بىزنىڭ مەدەنىيەت ئېڭىمىز ئىدىيە ياكى ئىجتىمائىي جەھەتتىن توغرا ئەمەس.
    سىرتتىن كەلگەن پىكىر ئەسلى مۇھىتىدا«ئۆلۈك پىكىر» بولۇپ قالسا، بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزدىمۇ شۇ ئۆلۈك پىكىرنىڭ رولىنى ئوينايدۇ ۋە ئىجتىمائىي ساھەدە بۇزۇقچىلىقتىن ئىبارەت شۇ نەتىجىنىڭ ئۆزىنى بېرىدۇ.
     مىسال ئالساق، پاكىستانلىق ئىسلام پەيلاسوپى مۇھەممەد ئىقبال(1877-1938)غەرب ئەللىرىدە بىلىم ئېلىۋاتقان چاغلىرىدائۆزىدىكى ئۆلۈك پىكىرلەرنى تازىلىيالىغان ۋەمەدەنىيەت كۆز قارىشى ئۆزگەرگەن. ئۇ غەرب مەدەنىيىتىدىن«ئۆلتۈرگۈچى پىكىرلەر»نى سۈمۈرۈۋالمىغان، بەلكى پايدىلىق ئامىللىرى ۋەجانلىق كۆز قاراشلىرىنى سۈزۈپ ئالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىت ئىدىيىسىنى يېڭىلاشقا كۆڭۈل بۆلۈپ «ئىسلام ئىدىيىسىنى يېڭىلاش لازىم» ناملىق قىممەتلىك ئەسىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن.
    ئارقىدا قالغان تۈركىيە ۋە مىسىردىن ئىبارەت ئىككى ئىسلام جەمئىيىتى بىلەن تەرەققى قىلغان ياپۇن جەمئىيىتىنى مىسالغا ئالايلى. ھەر ئىككى جەمئىيەت تەخمىنەن بىر ۋاقىتتا يەنى 1860-يىلى غەرب ھەزارەتمەكتىپىگە قەدەم ئالغان، لېكىن نەتىجە ئوخشىمايدۇ. بىر ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىن ياپۇنىيە پەن-تېخنىكا، سانائەت ۋە ئىقتىساد ساھەسىدە مۆجىزە ياراتتى، غەرب مەدەنىيىتىدىكى ئۆلۈك پىكىرلەر ياپونىيىنىڭيولىنى توسۇپ قالالمىدى. ياپۇنىيە ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادىتى ۋە ئۆتمۈشىگە ۋاپاسىزلىق قىلمىدى. ئۆتمۈشى، ئېتىقادى ۋە ئۆرپ-ئادىتىگە كۆز يۇممىدى ياكى يوقىتىپ قويمىدى.
    ئىسلام جەمئىيىتىگە قارىساق ئويغىنىشتا كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە كۈچ چىقارغان بولسىمۇ، مىراس قېلىپ قالغان«ئۆلۈك پىكىرلەر» بۇ جەمئىيەتنى پالەچھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغان.
   ياپونىيىنىڭ غەرب مەدەنىيىتىدىنپايدىلىنىپ مۆجىزە يارىتالىغانلىقى ئۇنىڭ«شوغۇن سۇلالىسى» دەۋرىدىن مىراس قالغان ئۆلۈك پىكىرلەردىن قۇتۇلغانلىقىدا كۆرۈنىدۇ. ئەلۋەتتە غەرب دۇنياسى ياپۇنىيەگە ياراتقۇچ ۋە ئۈنۈملۈك پىكىرلەرنى بېرىپ، مۇسۇلمان زىيالىلارغا ئۆلۈك پىكىرلەرنى بەرگەن دەپ ئىزاھلاش مۇمكىن ئەمەس.
دېمەك، مەسىلە غەرب مەدەنىيىتىنىڭ تەبىئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ ئۇ مەدەنىيەت بىلەن بولغان خاس ئىجتىمائىي ئالاقىمىزغا مۇناسىۋەتلىك.

(2)
     «ئۆلۈك پىكىرلەر» ۋە «ئۆلتۈرگۈچى پىكىرلەر» نىڭ ھەر ئىككىلىسى پاسسىپ ۋە زىيانلىق پىكىرىدىن ئىبارەت. بۇ ئۆلۈك ۋە ئۆلتۈرگۈچى پىكىرلەر ھەر قانداق جەمئىيەتتە ئىجتىمائىي پسىخولوگ ئامىللارنىڭ نەتىجىسى بولۇپ توسالغۇلارنى پەيدا قىلىدۇ. جەمئىيىتىمىزگە شۇنداق ئامىللارنىڭ سۇغۇرلۇپ كىرمەسلىكى ئۈچۈن ئېھتىيات قىلىش لازىم بولىدۇ. بۇ ئەھۋال سوقراتنى پىكىر يېگۈچىلەر(ئىدىيە ئىستېمالچىلار) (ideophages)گە تەنقىد بېرىشكە ئىتتەرگەن.
لېكىن تارىخ سوقراتنىڭ ھېكمىتىگە: ئۆلۈك پىكىرلەر يارىماس پىكىرلەر بولۇپ مەخپى ئىنتىقام ئالىدۇ، دېگەن ھېكمەتنى قوشقان.
بۇ يەردە ئىجتىمائىي يۇقۇملۇق كېسەلنى يۆتكەيدىغان ئامىل قايسى؟ دېگەن سوئال تۇغۇلىدۇ. بىز بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن مېدىتسىنا ئۇسۇلىغا تايىنىشىمىز لازىم. جەمئىيەت ۋە دۆلەت قۇرۇلمىلىرىغا تېگىدىغان ئىجتىمائىي كېسەللەرنى داۋالاش ئۈچۈن مەخسۇس قىسىم ئاجرىتىش كېرەك. چۈنكى ئىدىيەتايانچىسى  يوق ئورگانلار زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ.
سوراپ باقايلى، جەمئىيەت ۋە  مىللەتقۇرۇلمىلىرىغا ھۇجۇم قىلىۋاتقان مىكروب بىۋاستە جەمئىيەت قۇرۇلمىسىدا پەيدا بولدىمۇ ياكى يۇقۇملىنىش ئارقىلىق يۆتكەلدىمۇ؟كېسەلنىڭ سەۋەبلىرىنى يىغىنچاقلىغاندا ئاندىن توغرا ھەل قىلىش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويغىلى بولىدۇ.
قۇرئان كىرىم رەئدە سۈرىسى 11 ۋە 13ئايىتىدە:«ھەر بىر مىللەت ئۆزىنى ئۆزى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنى ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ»دەپ، پسىخىك ئامىلىنىڭ ئىجتىمائىي ئامىلدىن ئىلگىرى تۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ،بىزگە كېسەلدىن قانداق قۇتۇلۇش يولىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
   باشقىلارنى ئىستىلدا دوراش«پىكىر»ئارقىلىق يول ئالىدۇ. ئەمما كېسەللىك تەرىپى بولسا ئىجتىمائىي يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ بىر ئەۋلادتىن يەنە بىر ئەۋلادقا ئۆزىنىڭ ئەسلى مەدەنىيەت نەمۇنىسىدىن ئايرىلغان ۋاقتىدا پىكىرلەرنى سۈمۈرۈش ئارقىلىق يۆتكىلىدۇ. بۇ پىكىرلەر شۇ ۋاقتىدا ئىجتىمائىي كېسەللەرنى يۆتكەيدىغان مىكروبلارغا ئايلىنىدۇ.
   مۇشۇنداق ئۆلۈك پىكىرلەرنى كۆتۈرۈپ كەلگەن پىكىر داۋاملىق ئەسلى مەدەنىيىتىگە خىيانەت قىلىدىغان پىكىر بولىدۇ. بۇ كېسەل جەمئىيەتكىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇ چاغداجەمئىيەت مەدەنىيەت دۇنياسىغا يۇققان ھەر بىر ئۆلۈك  پىكىرلەرنىڭ سەلبىي نەتىجىسىنى باش ئۈستىگە ئالىدۇ.
    بۈگۈنكى كۈنىمىزدە جەمئىيىتىمىزنىڭ چۈشكۈنلىشىپ كېتىشى پايدا-زىياننى ئايرىماي قوبۇل قىلىۋەرگەن يات پىكىرلەر ۋە ئۆزىمىزدىكى ئۆلۈك پىكىرلەرنىڭ سەۋەبىدىن بولغان.
    ئۆرنەك خاراكتېرلىك نەمۇنىسىگە تېنىۋېلىش ۋە ياسالمىلىق قىلىش جەمئىيەتتە خەتەرلىك نەتىجىلەرنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئىسلام جەمئىيىتىگە قارىساق بىر تەرەپتىن ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت دۇنياسىدىكى ئۆرنەك خاراكتېرلىك نەمۇنىلەرنىڭ ئىنتىقام ئېلىشقا ئۇچراۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن غەربتىن تاللىماي ۋە ئۆزىگە خاس ئىجتىمائىي قىممەت قارىشىنى قوغدايدىغان شەرتلەرگە رېئايە قىلماي ئارىيەت ئېلىۋاتقان ئىدىيىلەرنىڭ قورقۇنچلۇق ئىنتىقامىغا يولۇقماقتا. نەتىجىدە مىراس قېلىپ قالغان پىكىرلەرنىڭ قىممىتىدە ۋە سىرتتىن كىرگەن پىكىرلەرنىڭ قىممىتىدە چۈشكۈنلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئەخلاق ۋە ماددى جەھەتتىن تەرەققى قىلىشىغا ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كەلمەكتە.


دېمەك، 1000 يىلدىن بۇيان ئىسلام ھەزارىتىنى قۇرۇپ چىقىشتا پائالىيەتچانلىقىنى ئىسپاتلىغان پىكىرلەر بۈگۈن جانسىز كۆرۈنمەكتە. چۈنكى رېئاللىق بىلەن بولغان زىچ ئالاقىسىنى يوقاتقان.


يەنە بىر تەرەپكە قارىساق، بىز غەرب ھەزارىتى دەپ ئاتاۋاتقان تۈزۈلمىنى قۇرۇپ چىققان ياۋرۇپا پىكىرلىرى ئىسلام جەمئىيەتلىرىدە پائالىيەتچانلىقىنى يوقاتقان.


دېمەك، بىزنىڭ بۈگۈنكى ئىستىلىمىز قوش ياسالمىلىققا باغلانغان. مەسىلەن، مۇسۇلمان ئىنساننىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت دۇنياسىدىكى ئۆرنەك خاراكتېرلىك نەمۇنىلار بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن. ئۇ ياپونىيىگە ئوخشاش ياۋروپاغا خاس مەدەنىيەت دۇنياسى بىلەن ھەقىقى ئالاقە ئورناتمىغان.


شۇنىڭ ئۈچۈن بىز قوش بىسلىق چۈشكۈنلىشىشنىڭ دەردىنى تارتىۋاتىمىز. ئۆلۈك ۋە ئۆلتۈرگۈچى پىكىرلەر ئىنتىقام ئالماقتا.





(3)


ئەمدى بىز مېدىتسىنا ئاتالغۇسى بويىچە ئۆزىمىزگە مۇلاھىزە ۋە نەزەر تاشلاپ باقايلى:


بىزدە ئازغۇن ئاپپاق غوجا دەۋرىدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۆلۈك پىكىرلەر مەۋجۇت، بۇ ئۆلۈك پىكىرلەر زاماننىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ تۈرلۈك تۈسلەرنى پەيدا قىلدى...ئېتىقاد سۇسلۇقى، توغرا ئېتىقاد كۆز قارىشى كرىزىسى، مەدەنىيەت يۆلىنىشى، مەرىپەت يۈزلىنىش مۈشكىلىسى...شۇنداقلا ئىستىل كرىزىسى، قالاقلىق، ساۋاتسىزلىق...


بۈگۈنكى ئويغىنىش دەۋرىدە يۇقىرىقى پاسسىپ ئىللەتلەرنىڭ ئۈستىگە يەنە پاسسىپلىق قوشۇلدى، بۇ قېتىمقى پاسسىپلىق پرىنسىپالمەسىلىلەردە ئۆلۈك ۋە ئۆلتۈرگۈچى كېسەللەرنى پەيدا قىلدى.


پرىنسىپال مەسىلىلەر دېگىنىمىز:توغرا ئېتىقاد كۆز قارىشىنىڭ بولماسلىقى، ئاتېئىزملىق كېسىلى، گۈزەل ئەخلاقنىڭ بۇزۇلۇپ ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ قالايمىقانلىشىشى سەۋەبلىك چەمبەرچەس باغلانغان ئائىلىنىڭ پارچىلىنىش ئەھۋالى...


بۇ مەسىلە ئىچكىرىدىكى تۈرلۈك ئۇنۋېرسىتېتلاردا بىلىم ئېلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزدا بەكرەك تېپىلىدۇ. 60-يىللار بولسا كېرەك ئۇيغۇر مەدەنىيىتىمىزنىڭ سىماسى بولغان مىللىيچە كىيىملىرىمىزنى تاشلاپ 4يانچۇقلۇق چاپان ۋە قەبىھلىكنىڭ سىمۋولى بولغان شەپكە كىيگەن ۋاقتىمىزدا ئويلانماستىن باشقا مەدەنىيەت ياكى تۇرمۇش ئۇسۇلىنى كىيىمىدىن تارتىپ قوبۇل قىلغان ئىدۇق.


شۇنىڭ داۋامىدا ئىچكىرىدە بىلىم ئاشۇرۇۋاتقان بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز بۈگۈنگە قەدەر ئېتىقادسىزلىق، ئەخلاقسىزلىق ۋە ھاراقكەشلىك...تىن ئىبارەت ئۆلتۈرگۈچى كېسەللەرنى كۆتۈرۈپ چىقىپ جەمئىيىتىمىزدەئىدىيە ئەيدىز كېسىلىنىڭ رولىنى ئوينىماقتا.


قايسى بىر نەرسە بىزگە يات بولىدىكەن ئۇنى ئويلاپ بېقىپ، تارازىغا سېلىپ بېقىپ ۋە ئەقىل تارازىسىدا ئۆلچەپ بېقىپ قوبۇل قىلساق ياخشى بولاتتى. لېكىن بىز ئۇنداق قىلىشنىڭ ئورنىغا مەنىۋى ۋە ماددى ئاچلىق بولسا كېرەك، باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى تەمتىرىمەستىن پۈتۈنلەي يۆتكەپ كىرىۋاتىمىز، نەتىجىدە ئۇيغۇرغا خاس مەدەنىيىتىمىز يوقۇلۇش ئالدىدا تۇرماقتا. ئاددىيسى چىمەن دوپپا، كانۋاي كۆڭلەك...دېگەندەك تارىخى مەدەنىيىتىمىزنىڭ بىر قىسمى بولغان كىيىم-كېچەكنى ياراتمايدىغان ھالەتكە كەلدۇق، مانا بۇ مەدەنىيەتكە تۇزكورلۇق قىلىش دېگەنلىكتىن باشقا نەرسە بولمىسا كېرەك.– كۈندىلىكئىستىلدا مۇجەسسەملەشمىگەن- يىلدا بىر قېتىم كىيىپ قويىدىغان دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى ياسالمىلىق قىلغانلىقتىن باشقا نەرسە بولمىسا كېرەك.


باشقىلاردىن بىر نەرسە قوبۇل قىلغاندا توننى ئۆزىمىزگە ئۆلچەپ پىچايلى، باشقىلارنىڭ شىلەپىسى ياكى كەپكىسى ياكى خالتا كۆينىكىبىزگە ماس كەلمەي قالىدۇ، چىرايىمىزنى بۇزۇۋېتىدۇ...


بىلىشىمچە مىلادىيە9-ئەسىردىن ئىلگىرى داۋاملىشىپ كەلگەن گرامماتىكا قائىدىلىرى تولۇق سىستېمىلىق بولۇپ ، نەچچە ئەسىر مەدەنىيىتىمىزنىڭ ۋاستىسى بولۇپ كەلگەن ئانا تىلىمىزدىن ۋاز كەچكىلى تۇرۇۋاتىمىز. ئەركەكلىك روھى بىلەن ئانا تىلنى قوغدىيالمىدۇق، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ياكى باشقا مەدەنىيەتكە تەۋە ئەمەس مىنكوخانلارنى يېتىشتۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلدۇق.


ئەجىبا بىز چۈشكۈنلىشىشمىزدىن ئىلگىرى مەدەنىيەت يارىتالىغان ۋە مەدەنىيەت يارىتىشقا يارىغان مۇكەممەل تىلىمىز بۈگۈنگە كەلگەندە نېمىشقا يارىمايدىكەن؟ باشقا تىللاردىن نېمە كەمچىللىكى بار ئىكەن؟


دېمەك، بىز ئانا تىلىمىزنىڭ تارىخى ۋە باشقا تىللاردىن ئارتۇقچىلىقىنىمۇ بىلمەيمىز! شۇنى بىلىش كېرەككى، ھەر قانداق بىر مەدەنىيەتنىڭ تىلى بولىدۇ، تىلى بولمىغان مىللەتنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى بولمايدۇ، بۇبىر تارىخى ھەقىقەت.


تىلشۇناس ۋە ئەدىبلىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق ھالقىلىق مەسىلىدە تىلىمىزنىڭ ئوبرازىنى كۆرسەتمەي سۇكۇت ھالەتتە تۇرغانلىقى نېمە ئۈچۈن؟ بىلمىدىم...(«ئانا تىلىمىز سەكراتتا»دېگەن ماقالىمىزگە قاراڭ).


ئېتىقادسىزلىق، ھەر قانداق بىر ساھەدە پرىنسىپال ئاساسلاردا چىڭ تۇرالماسلىق،مەرىپەتسىزلىك، مەدەنىيەتنىڭ تايانچ بازىسى بولغان گۈزەل ئەخلاقنىڭ يوقىلىشى، مەدەنىيەتساۋاتسىزلىقى، ھاراقكەشلىك، غەرب ۋە يىراق شەرقنىڭ مەدەنىيەتنىڭ ئۆلتۈرگۈچى كېسىلى بولغان تانسا، دېسكوخانا، پاھىشە ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرىنىڭ ئەۋج ئېلىشى مەدەنىيەت يولىمىزدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇلاردىن ئىبارەت.


ئىدىيىنى ئازات قىلىش بەك مۇھىم، لېكىن نېمىدىن ئازات قىلىمىز؟؟؟ ئىدىيەنى ئىسلام دىندىن ئازات قىلامدۇق؟ ياكى ئىسلام پرىنسىپىغا زىت سەلبىي ئىدىيىلەردىنمۇ؟


ئېتىقادىمىزدىكى ئۆلۈك پىكىرلەر توغرىسىدا بىر قانچە ئېغىز سۆز قىلىش مۇھىمدەك تۇرىدۇ. خېلى ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى ئېتىقادىمىزدىكى ئازغۇن ئەقىدىلەر لەيلەپ يۈرۈپتۇ. مۇشۇ ئازغۇن ئەقىدىلەرنىڭ بىزنى ئۆلۈك پىكىر قىلىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغانلىقىدا شەك يوق، چۈنكى بىزدىكى ئەقىدىنىڭ روھى ۋە ئىتتەرگۈچ كۈچى يوق...مەسىلەن:داخانغا ئىشىنىش، باخشىنىڭ قېشىغا بېرىش، رەمبالغا ئىشىنىش، مۇھەببەت كۈچىيىدۇ ياكى ياخشى كۆرسىتىدۇ دەپ سېھىر قىلىش ۋە سېھىر قىلدۇرۇش، زىياندىن ساقلايدۇ دەپ تۇمار ئېسىۋېلىش، جىنكەشلىك قىلىش ۋەمازارلارنى ئۇلۇغلاشتەك...خاتا ئىشلار ئەقىدىمىزنىڭ ئاساسى بىر قىسىمىنى ئىگىلەپ،ئەقلىمىزنى بوغۇپ، ئەقىدىمىزنى ئۆلۈك ۋە جانسىز ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويۇپتۇ. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئىسلام روھى ۋە ساپ ئىسلام  كۆرسەتمىلىرىگە زىت بولۇپ،بۇددىزمنىڭ قالدۇقلىرىدىن ئىبارەت. ئىسلام دىنى بۇ ئىشلارنى ھەرگىز قوللىمايدۇ. بۇ ئېتىقادىمىزدىكى ئەقلى خۇراپاتلار بولۇپ، ئۆلۈك ۋە ئۆلتۈرگۈچى پىكىرلەردىن ئىبارەت.





ئەمدى دەۋەتچىلەردىكى ئۆلۈك پىكىرلەرگە نەزەر تاشلاپ باقايلى، دەۋەتچى-مۇسۇلماننىڭ ھەممىسى دەۋەتچى، باشقىلارنى ئىسلامغا چاقىرىش مەجبۇرىيىتى بار-پەيغەمبەرلەرنىڭ مىراسخورلىرى، دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ خىزمەتنى ئۈستىگە ئالغۇچىلار، «ھەقىقى ئىنسان ياسىغۇچىلار» دېسەم خاتالاشقان بولمايمەن.


دەۋەتچىلەرنىڭ خىزمىتى شۇنداق ئۇلۇغ،شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار دەۋەتنى توغرا يوسۇندا ئېلىپ بېرىشى، ئۆلۈك پىكىرلەر ۋە ئۆلتۈرگۈچى پىكىرلەردىن ساقلىنىشى لازىم. دەۋەتچىلەردىكى ئۆلۈك پىكىرلەرنى مىسالغا ئالساق:


ئىسلامنىڭ مەقسەتلىرى ناھايىتى ئېنىق،قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ مەقسەتلىرىمۇ ئېنىق.ئۇنداقتا دەۋەتچىلەرنىڭ غايىسىمۇ دىننىڭ مەقسەتلىرىگە ئۇيغۇن ھالدا ئېنىق ۋە نىشانىمۇبىر بولىشى كېرەك. دەۋەتچى قايىسى ئەلدە، قايسى تىلدا ۋە قايسى جاھاندا خىزمەت قىلسۇن نىشانى بىر، لېكىن ئۇسۇلى ئوخشاشمايدۇ. چۈنكى خىزمەت ئۇسۇلىنى ھەر قايسى ئورۇننىڭ شارائىتى بەلگىلەپ بېرىدۇ. بىز ئالىملىرىمىز تۇتۇپ ماڭغان ۋە يۈرگۈزۈۋاتقان ئۇسۇللاردىن پايدىلانساق بولىدۇ، پۈتۈنلەي تەتبىقلىساق توغرا بولماي قالىدۇ. ئۇ ئۇسۇللار بىزگە تامامەن ماس كەلمەيدۇ، بەزىسى توغرا كېلىدۇ، بەزىسى توغرا كەلمەيدۇ. ئۇنداقتا بىز قايسى بىر ئالىم بولسۇن ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، ئىسلامنىڭ پرىنسىپ ۋە مەقسەتلىرىنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ، كىيىمنى ئۆزىمىزگە چەنلەپ پىچايلى، بولمىسا چوڭ ياكى كىچىك كېلىپ قالىدۇ ياكى پەقەتلا ماس كەلمەي قالىدۇ.


مەسىلەن، سىز ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرىدىنسەئىد نۇرىسى ياكى جامالىدىن ئافغانى ياكىئەرباكان ياكى مەۋدۇدى ياكى ھەسەن بەننا ياكى مۇھەممەد ئابدۇلۋاھاب ياكى سىنۇسى ياكى ئىبنى بادىس ياكى باشقىلار بولسۇن...بىر ئالىمنىڭ پىكىر ئېقىمىنى توغرا تاپقان بولسىڭىز،ئۇنىڭ پۈتۈن كۆز قاراشلىرىنى دىيارىمىزدا تامامەن تەتبىقلايمەن دەپ ئويلىسىڭىز خاتالاشقان بولىسىز. چۈنكى ھەر ئېقىم ئۆزىنىڭ شارائىتىغا قارىتا پەيدا بولىدۇ، ھەم شۇ يۇرت تەقەززا قىلىدىغان ئۇسۇل-چارىلىرى بولىدۇ، ھەر بىر يۇرت ۋە خەلقنىڭ كېسىلى ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن، تۈركىيەدىكى ئۇسۇل ئۈرۈمچىدە ئاقمايدۇ، چۈنكى تۈرك خەلقى سەۋىيە، ئىمكانىيەت ۋە شارائىتتا بىزگە ئوخشىمايدۇ. بىز شارائىت، ئىمكانىيەت ۋە سەۋىيە جەھەتتە باشقىلارغا ئوخشىمايمىز، بىزنىڭ ئۆزىمىزگە خاس شارائىتىمىز بار.


بىر ئېقىمدىن ئاڭلىغان ياكى كۆرگەن ياكى ئۆگەنگەن نەرسىلەرنى  پۈتۈنلەي دىيارىمىزدا ئەينەن تەتبىقلاش مۇمكىن ئەمەس، كىيىمنى ئۆزىمىزگە ماسلاشتۇرۇپ پىچىش لازىم بولىدۇ.پرىنسىپال مەسىلە بولمىسا ئەينەن تەتبىقلايمەن دېگەن كۆز قاراش ئۆلۈك ۋە ئۆلتۈرگۈچى پىكىردۇر...


شۇنى ئېنىق بىلىش كېرەككى، ئىسلام ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلار بىر باغنىڭ مىۋىلىرىگە ئوخشايدۇ. ھەممىسى بىر باغنىڭ مىۋىسى، غايىسى بىر، ئۇسۇلى ئوخشاشمايدۇ.قايسىنىڭدىن بىزگە لازىملىق بولغان تەجرىبىسىنى ئېلىپ پايدىلانساق بولىدۇ. ئەھل سۈننىگە تەۋە بىر ئېقىمنىڭ يەنە بىرسىنى-ئىسلامغا زىت ئېنىق خاتالىقى بولمىسا-ئەيىبلىشى توغرا بولمايدۇ.


بۇ ساھەدە «ئىسلامدىكى ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار» بىلەن «ئۆزگىرىشچان مەسىلىلەر رايونى»نى پەرق ئېتىشكە توغرا كېلىدۇ. مۇشۇ مەسىلە كاللىمىزدا ئېنىق بولسا، كۆپ مەسىلىلەر ئۆزلىكىدىن ھەل بولىدۇ.


(بۇ ماقالە 2005- يىلى يېزىلغان).


ئابدۇراخمان جامال كاشىغەرى


(دوكتۇر ئاسپرانتى)


قاھىرە شەھىرى، مىسىر.



0

تېما

0

دوست

342

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   21%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26140
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 94
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-11 12:31:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز ئېسىل تىمىڭىزغا رەھمەت !
   ئارقىدا قالغان تۈركىيە ۋە مىسىردىن ئىبارەت ئىككى ئىسلام جەمئىيىتى بىلەن تەرەققى قىلغان ياپۇن جەمئىيىتىنى مىسالغا ئالايلى. ھەرئىككى جەمئىيەت تەخمىنەن بىر ۋاقىتتا يەنى 1860-يىلى غەرب ھەزارەت مەكتىپىگە قەدەم ئالغان، لېكىن نەتىجە ئوخشىمايدۇ. بىر ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىن ياپۇنىيە پەن-تېخنىكا، سانائەت ۋەئىقتىساد ساھەسىدە مۆجىزە ياراتتى، غەرب مەدەنىيىتىدىكى ئۆلۈك پىكىرلەر ياپونىيىنىڭ يولىنى توسۇپ قالالمىدى. ياپۇنىيە ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادىتى ۋە ئۆتمۈشىگە ۋاپاسىزلىق قىلمىدى.ئۆتمۈشى، ئېتىقادى ۋە ئۆرپ-ئادىتىگە كۆز يۇممىدى ياكى يوقىتىپ قويمىدى.
     ئىسلام جەمئىيىتىگە قارىساق ئويغىنىشتا كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە كۈچ چىقارغان بولسىمۇ، مىراس قېلىپ قالغان«ئۆلۈك پىكىرلەر» بۇ جەمئىيەتنى پالەچ ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغان.
    تۈركىيەدىكى ئۇسۇل ئۈرۈمچىدە ئاقمايدۇ، چۈنكى تۈرك خەلقى سەۋىيە، ئىمكانىيەت ۋە شارائىتتا بىزگە ئوخشىمايدۇ. بىز شارائىت، ئىمكانىيەت ۋە سەۋىيە جەھەتتە باشقىلارغائوخشىمايمىز، بىزنىڭ ئۆزىمىزگە خاس شارائىتىمىز بار.
بىر ئېقىمدىن ئاڭلىغان ياكى كۆرگەن ياكى ئۆگەنگەن نەرسىلەرنى  پۈتۈنلەي دىيارىمىزدا ئەينەن تەتبىقلاش مۇمكىن ئەمەس، كىيىمنى ئۆزىمىزگە ماسلاشتۇرۇپ پىچىش لازىم بولىدۇ. پرىنسىپال مەسىلە بولمىسا ئەينەن تەتبىقلايمەن دېگەن كۆز قاراش ئۆلۈك ۋە ئۆلتۈرگۈچى پىكىردۇر...
شۇنى ئېنىق بىلىش كېرەككى،ئىسلام ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلار بىر باغنىڭ مىۋىلىرىگەئوخشايدۇ. ھەممىسىبىر باغنىڭ مىۋىسى، غايىسى بىر، ئۇسۇلى ئوخشاشمايدۇ. قايسىنىڭدىن بىزگە لازىملىق بولغان تەجرىبىسىنى ئېلىپ پايدىلانساق بولىدۇ. ئەھل سۈننىگە تەۋە بىر ئېقىمنىڭ يەنەبىرسىنى-ئىسلامغا زىت ئېنىق خاتالىقى بولمىسا-ئەيىبلىشى توغرا بولمايدۇ.
بۇ ساھەدە «ئىسلامدىكى ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار» بىلەن«ئۆزگىرىشچان مەسىلىلەر رايونى»نى پەرق ئېتىشكە توغرا كېلىدۇ. مۇشۇ مەسىلە كاللىمىزدا ئېنىق بولسا، كۆپ مەسىلىلەر ئۆزلىكىدىن ھەل بولىدۇ.  
    يۇقارقىلار  ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان قۇرلار . ھازىر بىزگە كىلىۋاتقان بالالار ،  كىيىمنى ئۆزىمىزگە ماسلاشتۇرۇپ كىسەلمىگەنلىكىمىزدىن بولىۋاتىدۇ .
    ئۇستازلارنىڭ  ھازىرقى جەمىيىتىمىزنى چىقىش نوختاقىلىپ ياخشى تىمىلارنى يوللاپ تۇرىشىنى ، چىندىلىمىزدىن ئۈمىت قىلىمىز .رەھمەت !!!
     ئۇستاز ھازىرقى  ئىسلامى ئويغىنىش ۋە ئىسلاھات ،ئەينى ۋاقىتتىكى مۇتتەئىزىلەرنىڭ  كۆقاراش ئىدىيىسىدىن پەرقلىنەمدۇ ياكى ئوخشاشمۇ ؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

12

دوست

4153

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22001
يازما سانى: 298
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1270
توردىكى ۋاقتى: 232
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-11 12:47:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز ئېسىل تىمىڭىزغا رەھمەت !قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ تۇرىشىڭىزغا تىلەكداشمىز!

نىجات ئەكبەر

4

تېما

6

دوست

2503

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   16.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12100
يازما سانى: 249
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 713
توردىكى ۋاقتى: 55
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-11 13:39:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«يىلدا بىر قېتىم كىيىپ قويىدىغان دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى ياسالمىلىق قىلغانلىقتىن باشقا نەرسە بولمىسا كېرەك.»بۇ ئىنتايىن توغرا ئېيتىلغان سۆزكەن. ئەگەشتىم.

2

تېما

69

دوست

6671

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   33.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24182
يازما سانى: 610
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 2004
توردىكى ۋاقتى: 437
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-11 17:18:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ئىگىسىگە چىن يۈرەكتىن ئاپىرىن

2

تېما

0

دوست

5335

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   6.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22933
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 1720
توردىكى ۋاقتى: 71
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-11 17:52:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ehrami يوللىغان ۋاقتى  2014-5-11 13:39
«يىلدا بىر قېتىم كىيىپ قويىدىغان دوپپا مەدەنىيەت باير ...
بىر قىسىم تالىپلارغا قويىۇپ بەرسە كەيسەڭ شاپاق دوپپا كەي، چۈنكى رەسۇلىللا بادام دوپپا كەيمىگەن دەپ دوپپىغىمۇ قارشى چىقىدۇ بىر كۈنى. مانا بۇ دىنى ئەسەبىلىك، دىنى ئاشقۇنلۇق دىگەن شۇ. خۇدا ئۇلارنىڭ چىرايىنىمۇ كۆرسەتمىسۇن بىزگە.
بۇنداق چېكىدىن ئاشقان ۋاھابىلىقنى ئاتا بوۋىلىرىمىز بىلمىگۈدەك دەرىجىدە ئەمەس، بەلكى ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ ئۇنى ئەمەس بەلكى مۆتىدىللىك تۇسىنى ئالغان ئۆزىگە خاس يولنى تاللىغان خالاس.
چۈنكى ئۇلار ئەۋلاتلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ قەۋرىلىرىنى چېقىپ، ئىختىلاپ قىلىىشىپ بىربىرىنى ئۆلتۈرىدىغان ، مەسچىتلىرىنى پارتلىتىپ مەزھەپچىلىك ئارقىلىق ئۆزىنى ھەممىدىن نوچى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەزرائىلنىڭ ھەتتا تەڭرىنىڭ ھوقۇقىغا چات كىرىيدىغان ئاتالمىش ھۈكۈم پىچقۇچىلارغا ئايلىنىپ ئەلنىڭ پاكىستانسىمان، ئىراق، سۈرىيە، ئافغانسىمان ۋەيرانلىق كوچىسىغا كىرىپ مالىمانچىلىق تۈگىمەي ئاخىر زامان بولۇپ كىتىشىنى خالىمىغان شۇ!

1

تېما

19

دوست

3669

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   55.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6506
يازما سانى: 195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 1131
توردىكى ۋاقتى: 494
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-11 20:19:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qaraturk يوللىغان ۋاقتى  2014-5-11 17:52
بىر قىسىم تالىپلارغا قويىۇپ بەرسە كەيسەڭ شاپاق دوپپا ك ...

       ئىنكاس يېزىش ۋەزىپىڭىز بارمۇ يە ئىچىڭىز پۇشامدۇ ؟ كىم شۇنداق دەپتۇ؟ ئىگىز قەبرىلەرنى چېقىشنى پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالام ) بۇيرۇغان . ھاراق ئىچكۈچىلەرنى جازالاش ئەزەلدىن بار ئىش ، ئۇلاردىن يىراق تۇرۇشمۇ ھەم . 4 خەلىفە ۋە كىيىنكى ئىسلام ھۆكۈمرانلىرىنىڭ دەۋىرىدىمۇ بولغان ، خەلىفە ئۆمەر زەىياللاھۇ ئەنھۇ ھەم شۇنداق قىلغان ، ئۇلارمۇ ئاللاھنىڭ ھوقۇقىغا چات كىرىۋالغان بولامدۇ؟  ھەركىم مىنىڭ ئۆزۈمنىڭ ئىختىيارى دەپ ئۆزى خالىغان ئىشنى قىلسا دىنغا كىرگەن بىلەن كىرمىگەننىڭ نىمە پەرقى ؟ ئەجىبا پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالام ) نىڭ شۈنچە يىل تىرىشىشىنىڭ مەقسىتى مۇشۇنداق مۇسۇلمانلارنى يىتىشتۈرۈش ئۈچۈنمۇ ؟  ئىككى مۈرىنىڭ ئۈستىدىكى قاپاق ئەمستۇ ؟

0

تېما

1

دوست

1478

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   47.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21659
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 468
توردىكى ۋاقتى: 157
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-11 20:45:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     بۇ تېما ماڭا «ئىسلام جەمىيەتشۇناسلىقى» دېگەن يېڭىچە بىر ئۇقۇمنى ئەسكەرتىۋاتقاندەك.....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )