- تىزىملاتقان
- 2011-5-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-10-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 240
- نادىر
- 1
- يازما
- 35
ئۆسۈش
80%
|
سائىتىڭىز نەچچە بولدى؟
-سائىتىڭىز نەچچە بولدى؟
-ئالتە بوپتۇ.
- ھە،سەككىز بوپتۇدە؟!
- ياق،ئالتە بولدى دەۋاتىمەن.
- مەن بىيجىڭ ۋاقتى سەككىز بوپتۇ دەۋاتىمەن،
-بۇ قانداق گەپ،سىز نىمىشقا ئۈرۈمچى ۋاقتىنى ئىشلەتمەيسىز؟
-بىزنىڭ ئىدارىدا بىيجىڭ ۋاقتىنى قوللانغاندىكىن مۇشۇ ۋاقىتنى ئىشلىتىپ كۆنۈپ قاپتىمەن،ئۈرۈمچى ۋاقتىنى دېسەك ئادەم ئېلىشىپ قالىدىكەن.
ئۇنىڭ بىلەن مۇشۇ ۋاقىت توغرۇلۇق دېيىشىپ پەقەت قايىل قىلالمىدىم،ئۇ ئۆزىنىڭ سۆزىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنىۋاتاتتى، مەن بۇ ئىش توغرىسىدا ئويلىنىپ قالدىم،بولۇپمۇ ئۈرۈمچى ۋاقتىنى دېسەم بىيجىڭ ۋاقتىنىڭ قانچە بولغانلىقىنى بىلەلىگەن ئادەم ئۈرۈمچى ۋاقتىنى قوللانسا ئېلىشىپ كىتىدىكەن،ئەجەبا ئۇ ئالتە بولدى دېسە سەككىز بوپتۇ دېيەلىگەن ئادەم سەككىزنىڭ يەتتە ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرالماي ئېلىشىپ كەتسە ھە............
ئۈرۈمچىدە بىر كەسىپدىشىم بار،ئۇ ئون يىللار ئىلگىرى ئالتە ياشلىق ئوغلى بىلەن ئۈچ ياشلىق قىزىنى ئېلىپ قومۇلغا توغقان يوقلاشقا كەپتۇ،شۇكۈنى بالا چۈشلۈك تاماقنى يەپ بولۇپ تۇغقانلارنىڭ باللىرى بىلەن باغلاردا مەھەللىلەردە ئويناپ كۈننى كەچ قىلىپ كۈن ئولتۇرغاندا ئۆيگە كىرىپ كەپتۇ-دە،تامدىكى سائەتكە قاراپ ۋاقىراپ تاشلاپتۇ.
-ماۋۇ سائەت خاتاكەن!!!
- قانداق خاتاكەن بالام؟-دەپتۇ دادىسى بالىسىنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن.
-قاراپ باق،بۇ سائەت كۈن ئولتۇرماي تۇرۇپلا ئون بوپ كىتىپتۇغۇ.
-توغرا تاپتىڭ بالام،ئەقلىڭگە بارىكاللا،كۈن ئولتۇرمايلا ئون بولىدىغان ئىش يوق،قارىغاندا بۇ سائەت ئىككى سائەت ئالدىغا سەكرەپ كەتكەندەك تۇرىدۇ،مەن ئوڭشاپ قوياي،-ئۇ بالىنىڭ دادىسى بۇنىڭغا ئارتۇق چۈشەنچە بەرمەيلا سائەتنى ئۈرۈمچى ۋاقتىغا توغرىلاپ قويۇپتۇ،شۇندىلا بۇ بالا خاتىرجەم ھالدا بالىلار بىلەن ئوينىغىلى چىقىپ كىتىپتۇ،ئاڭلىسام ئەشۇ بالا خاتاكەن دەپ ئۆزگەرتكەن بۇ تام سائىتى ھازىرغىچە ئۈرۈمچى ۋاقتى بويىچە مېڭىۋېتىپتۇ.
ئالىي مەكتەپتە بىللە ئوقىغان بىر ساۋاقدىشىم بار،ئۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ تەلىيىگە يۇرتىمىزغا قايتىپ كەلدى-دە،ئامىتى ئوڭدىن كىلىپ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مەلۇم بىر باشقارمىسىغا خىزمەتكە چۈشتى،ئۇ ئۈرۈمچى ۋاقتىنى قوللانسا ئېلىشىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئىزچىل بىيجىڭ ۋاقتىنى قوللىنىپ كەلگەچكە شىنجاڭدا ئۈرۈمچى ۋاقتى دېگەن بىر ۋاقىتنىڭ بارلىقىنىمۇ ئونتۇپ قالدى،ئون نەچچە يىللىق جىددى خىزمەت ئۇنى ئاخىرى بۈلۈم دەرىجىلىك كادىر قىلىپ يىتىشتۈردى،ئۇ ھەتتا يېىزىدىكى ئاتا-ئانىسىغىمۇ نەسىھەت قىلىپ بىيجىڭ ۋاقتىنى قوللۇنۇشقا دەۋەت قىلىدىغان ھالەتكە يەتتى،تاسادىپان ئۇنىڭغا بىيجىڭدە ئۆتكۈزىلىدىغان يەتتە كۈنلۈك ئۆگۈنۈش پۈرسىتى كەپ قالدى،ئۇ خىزمەتداشلىرى ۋە دوستلىرى بىلەن خوشلىشىپ بىيجىڭگە ماڭدى،تۇنجى قېتىم ئىچكىرىگە قىلغان سەپەر بولغاچقىمىكىن ئۇ بەك ھاياجانلانغانىدى،لېكىن تەلىيى كاج كىلىپ قېلىپ پويىزنىڭ ۋاقتى سەل كىچىككەچكە ئۇ بىيجخڭ ۋاقتى كەچ سائەت ئون بىردىن ئاشقاندا ئاران ئۆزى ئۆگۈنۈش قىلىدىغان ئورۇنغا يىتىپ كىلىپ باش مۇلازىمەت ئورنىدىن ياتاق كارتىسىنى ئېلىپ ياتىقىنى تاپقاندا سائەت ئون ئىككى بولغانىدى،نىمە ئۈچۈندۇ ياتاقتا ئىككى كارۋات بولسىمۇ لېكىن بۇ ياتاققا باشقا ئادەم ئورۇنلاشقاندەك قىلمايتتى.ئۇ تالاغا چىقسىمۇ مۇسۇلمانچە تاماق تاپقىلى بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپ ئۆزى قايناقسۇ قاينىتىپ تەييار چۆپنى دۈملەپ،ئايالى قورۇپ بەرگەن گۆشنى سېلىپ بۇژ-بۇژ تەرلەپ ئولتۇرۇپ تېلىۋىزۇر كۆرگەچ قۇرسىقىنى توقلىۋاپتۇ،بۇ چاغدا تېلىۋىزۇردا چەتئەلنىڭ بىر قىزىقارلىق فىلىمى قويۇلىۋاتاتتى،ئۇسائەتكە قارىدى،سائەت بىر بولغانىدى،يۇرتتا بولسا مۇندىنمۇ كەچ ئولتۇرۇپ كىتىمىزغۇ،بىردەم تېلىۋىزۇر كۆرۈپ ئاندىن ياتمايمەنمۇ،ئۇ تېلىۋىزۇر كۆرۈپ يېتىپ سائەت ئىككىلەردە ئۇخلىدى،سەپەر ھاردۇقى يەتتىمىكىن ياكى ئۇنىڭ بىئولوگىيىلىك سائىتى ئۇنى شۇ چاغقىچە ئوخلاتتىمىكىن ئىشقىلىپ ئۇ سائەت سەككىزدە ئۇيغاندى.
-قومۇلدىمۇ مۇشۇ چاغدا تۇرۇپ تۇققۇزدا ئىشقا چۈشىمىز ئەمەسمۇ،دەل ۋاقتىدا تۇرۇپتىمەن جۇمۇ،-دەپ پىچىرلىدى ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ.
ئۇ چىشلىرىنى چوتكىلاپ،يۈز كۆزىنى يۇيۇپ،ساقال بۇرۇتلىرىنى پاكىزە ئېلىپ ياتاقتىن چىققىنىدا سائەت سەككىز يېرىم بولغانىدى، ئۇ ئاخشام باش مۇلازىمەت ئورنىدىكى خانىمنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىدىن بۇ مىھمانخانىدا مۇسۇلمانچە تاماق ئىتىلىدىغانلىقىنى بىلىۋالغاچقا ئاشخانىغا كىرىپ كەلدى،نىمە ئۈچۈندۈر بۇ ئاشخانىدا تاماق يەيدىغان بىرمۇ ئادەم كۆرۈنمەيتتى،مەن بۇرۇن كىرىۋالغان ئوخشىمامدىمەن،دېگەنلەرنى ئويلىغاندىن كىيىن بىردەم ساقلىماقچى بولۇپ ئىشىك يېنىدىكى ئۈستەلگە كىلىپ ئولتۇردى.
- بىرەر ئىشىڭىز بارمىتى ئەپەندىم،-ئۇ بېشىنى كۈتۈرۈپ يېنىدىلا بىر كۈتكۈچى قىزنىڭ ئۆزىگە مۇلايىملىق بىلەن قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆردى.
-مەن تاماققا كىرىۋىدىم،-دېدى ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ.
-چۈشلۈك تاماق يەنە ئىككى يېرىم سائەتتىن كىيىن تارتىلىدۇ ئەپەندىم،-دەپتۇ ئۇ مۇلازىم بۇ كىشىنى چۈشلۈك تاماققا كىرگەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ.
- مەن ئەتىگەنلىك تاماققا كىرىۋىدىم دېدى ئۇ گاڭگىرىغان ھالدا.
-ئەتىگەنلىك تاماق ۋاقتى سائەت بەش يېرىمدىن ئالتە يېرىمغىچە بولىدۇ ئەپەندىم،سىز ئىككى سائەت كىچىكىپ قاپسىز.
-مەن يىغىنغا كەلگەن،ئۇنداق بولسا يىغىن نەچچىدە باشلىنىدۇ؟
- ھە،يىغىن ۋاقتى ئادەتتە سائەت يەتتە ياكى يەتتە يېرىملاردا باشلىنىدۇ،سىز يىغىنغىمۇ كىچىكىپ قاپسىز.
ئۇ بۇ ۋاقىتلارنى تازا ئەقلىگە سىغدۇرالمىدى،چۈنكى تاماق ۋاقتىنى بەش يېرىمدىن ئالتە يېرىمغىچە دېگىنىنى تازا چۈشۈنۈپ كىتەلمىدى،چۈنكى بىيجىڭ ۋاقتى بەش يېرىم دېگەندە ھەممە ئادەم تاتلىق ئۇيقۇدا ياتىدىغان تۇرسا بۇ يەردە ئەجەپ بۇرۇن ئىشقا چىقىدىكىنا.
ئۇ بىيجىڭدىكى ئۆگۈنۈش جەريانىدا بىيجىڭ ۋاقتىغا كۆنەلمىدى،شۇڭا ئۇ ئەتراپلىق كۈزۈتۈش ئارقىلىق بىيجىڭ ۋاقتى دېگەننىڭ ئۆز يۇرتىدىن ئىككى سائەت بۇرۇن ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدى-دە بىر ئەقىل تاپتى،بۇ يەرنىڭ ۋاقتى بىزنىڭ ۋاقىتتىن ئىككى سائەت بۇرۇن بولغاندىكىن سائىتىمنى ئىككى سائەت ئالدىغا سۈرسەملا بولمىدىمۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ سائىتىنى يەنە ئىككى سائەت ئالدىغا سۈردى،مانا ئەقىل بالىسى دېگەن،ئۇ قىلچە ئېلىشىپ قالماي ئەتىسى سائەت يەتتە يېرىمدە تاماققا چىقتى،يېغىنغىمۇ ۋاقتىدا قاتناشتى، ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئۆزى تاپقان بۇ ئەقىلنى دوستلىرىغا يەتكۈزۈپ بۇندىن كىيىن ئىچكىرىگە بارسا مۇشۇنداق ئەقىل ئىشلىتىش كىرەكلىكىنى تاپىلىدى......
بىرەيلەنگە بىيجىڭ ۋاقتى بىلەن ئۈرۈمچى ۋاقتىنى چۈشەندۈرسەم ئۇ كايىپ كەتتى.
--ئۇ ئۈرۈمچى ۋاقتى دېگىنىڭىزنى بۇ يەردە دېھقانلار ئىشلىتىدۇ،بىزدەك كادىر،ئىشچى خىزمەتچىلەر بىيجىڭ ۋاقتىنى قوللىنىمىز.
ۋاھ،كادىر بىلەن دېھقاننى ئايرىيدىغان نەرسىگە ئايلانغان ۋاقىتقا قاراڭلار.مۇشۇ باغداش مۇنبىرىدە دېھقانچىلىك ئەقلى يوق ھاكىم دېگەن بىر تىمىنى ئوقۇغانىدىم،بۇ سۆزنى ئاڭلاپ ئەشۇ ئۈرۈمچى ۋاقتىنى ئىشلىتىۋاتقان دېھقانلارغا بارىكاللا ئېيتقۇم كەلدى، دېمىسىمۇ دېھقانلار پەسىللەرنى،ياز بىلەن قىشنىڭ پەرقىنى ئەڭ مۇھىمى قوياشنىڭ نەچچىدە پېتىپ نەچچىدە چىقىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ،شۇڭا ئۇلار تەبىئەتنىڭ ئۆزلىرىگە ئاتا قىلغان يورۇقلۇقى بىلەن قاراڭغۇلىقىنىڭ سائەت نەچچىلەردە بولىدىغانلىقى ئۇلارغا بەكرەك ئايان،شۇڭا ئۇلار ئېلىشىپ قالماي ئۈرۈمچى ۋاقتىنى يەنى مۇشۇ زىمىنىمىزغا خاس بولغان ۋاقىتنى ئىشلىتىدۇ......
-سائىتىڭىز نەچچە بولدى ئەپەندىم؟
-سائەت............. |
|