قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 380|ئىنكاس: 0

يىڭى ئىدىيۇم(توسالغۇسىز تەپەككۇر نەتىجىسى1)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

25

دوست

5048

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   0.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20919
يازما سانى: 487
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 1500
توردىكى ۋاقتى: 346
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-17 03:31:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tengrikut تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-21 01:11  

      ئۆتمىشتىكى ھەم ھازىرقى كۈچلۈك ئۆزگىرىشلەرنىڭ مەنبەسى يىڭى ئىدىئولوگىيەگە بىرىپ توختايدۇ.ئىدىئولوگىيە ئەڭ باشتا ئادەملەرنىڭ چۇڭقۇر تەپەككۇرىدا <ئىدىيۇم>ھالتىدە پەيدا بولۇپ ئاندىن <ئىدىيە> ئاخردا ئىدولوگىيە بولۇپ شەكىللىندۇ.ۋە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى بەرپا قىلىدۇ.
ئىدىيۇم:
      تەغدىر نىمە؟ دەپ باشلىغاندا كۆپۈنچە كىشىلەر ئاللاھنىڭ تەغدىرى دەپ جاۋاپ بىردۇ ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ تەغدىرى ئىكەنلىكىنى ھىچكىم ئىنكار قىلمايدۇ.ئەمما زادى بۇ تەغدىر قانداق نەرسە؟ نىمىلەردىن ئىبارەت دىگەنگە كۆپۈنچە كىشىلەر جاۋاپ بىرەلمەيدۇ. يەنە كۆپۈنچە كىشىلەر تەغدىرنى ئۆلۈم بىلەن سۈپەتلەشكە ئۇرۇنۇدۇ.ئەمما ئۆلۈم <تەغدىر>ئاتىلىشتىن بۇرۇن ئۇ بىر ئىرادىدۇر.ياراتقۇچىنىڭ ئىرادىسى.  ياشاشتىكى <تەغدىر> ئۆزگەرمەس ئەمەس. ئۇنى ئادەملەر ئۆزگەرتىدۇ. ئۆزگەرتكىنى پىشانىگە پۈتۈلگىنى شۇدۇر.  كۆپۈنچە كىشىلەر ئاچچىق نەتىجىلەرنى خاتىمىلەپ ئۆزىگە تەسەللىي ئىزدەش ئۈچۈن<تەغدىر شۇكەن> دەپ تولا قاقشايدۇ.
      بۇ ئۇنىڭ ئىنتايىن ئاجىز تەپەككۇرىنىڭ نەتىجىسى.مىنىڭ تەغدىر قارىشىم:ئادەملەر تەغدىرى مۇقىملاشقۇچە قولىدىن كەلگىننى قىلىدۇ. قولىدىن كەلگىننى قىلمىغان ئادەملەرگە تەغدىر قولىدىن كەلگىننى قىلىدۇ.

     كۆپۈنچە ئادەملەر قىزغىن ھىسيات ئىچىدە بولغاچقا كۆپۈنچە ئەھۋاللاردا ھىسياتىنى ئەقلىنىڭ ئالدىغا قويۇۋالىدۇ. بۇ كىچىككىنە خاتالىق چوڭ بالايى قازاغا يول ئىچىشى مۇمكىن.كىچىكرەكى يولدا دوقۇرشۇپ قالغانلار ھىسيات ئىچىدە ئۇرۇشۇپ قالىدۇ.چوڭراقى قان ۋەقەسى چىقىدۇ. ھىسيات ئەقىلنىڭ ئورنىنى ئىگەلىگەندە،بۇرۇن ۋاي قېرىندىشىم دىيىشىپ يۇرگەنلەرمۇ بىردەمدە يۈز ئۆرىشىدۇ
   بۇ ھىسياتنىڭ ھەقىقى بىر يالغان تۇيغۇ ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتىدۇ.ئەگەر ئەقىل بىلەن مۇئامىلە قىلسا:
   تۇيۇقسىز خاتالىق ئەيىپ ئەمەس.
    ئەيىپ تۇيۇقسىز خاتالىق ئەمەس.     بۇنى پەرىقلەندۇرگەن بولاتتى.
پۇلى كۆپ كىشىلەر، بۇزۇپ چىچىۋاتقانلار، قىمارۋازلار،ئەمەلدارلار،پۇلى بىلەن كۆرەڭلەيدىغانلار ۋە تولا پۇلنىڭ گىپىنى قىلىدىغانلار ،پۇل ئۈچۈن ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويدىغانلار
  تۆۋەندىكى باھاسى چۈشكەن ماللارنى سىتىۋالسۇن:
                                            ئاشىقنىڭ              مۇھەببىتىنى
                                            دوسلۇقنىڭ            ھەقىقىتىنى
                                            ۋىجداننىڭ             قايىللىقىنى
                                           بەختنىڭ               سائادىتىنى
                                            ئابروينىڭ            ئىناۋىتىنى
                                            ئاپەتنىڭ              ئالدىنى
                                            ئىشەنچنىڭ           ئۆزىنى
                                            ساغلاملىقنىڭ        كاپالىتىنى
                                            قىرىماسلىقنىڭ      دورىسىنى
                                            ئۆلۈمنىڭ             چارىسىنى                      سىتىۋالسۇن.
   ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە ئۆلچەم تۇتمىغان مىللەت  بىر بىرى بىلەن تولا ئارازلىشىدۇ.ۋە ھەرگىز بىرلىككە كىلەلمەيدۇ.ئۆلچەم تۇتمىغان كىشى تولا كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچۇرايدۇ.توغرىراقى كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچىرىشى ئۆلچەم تۇتمىغانلىقىدندۇر.ئۇيغۇرلاردا تۇنجى خىتاپ<ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم>دىن باشلىنىدۇ. كىشىنىڭ باش ئايغىغا سەپ سىلىشى ئاچلىقنىڭ ئىسپاتى.ئاچ ئادەم ئۆزىنىڭ ئىتقادىنىمۇ يەۋىتىدۇ.قولىنى سىقىپ كۆرۈشمەي ئالقىنىنى تۇتقۇزۇپ قويىشى كىبىرلىكنىڭ ئىسپاتىدۇر. كىبىرلىك ئادەم ئۆزىدىن كۈچلۈكنى كۆرگەندە قۇيرۇق شىپپاڭشىتىدۇ.ئىچى تار ئادەم ھەرگىزمۇ بەخىتنى ھىس قىلالمايدۇ.يالغانچى باشتا ئۆزىنى ئالدايدۇ.ئادالەت تۇيغۇسى بولمىغان ئادەمدىن ھىچقاچان داھى چىقمايدۇ. داھىسىز مىللەت،ئاجىز مىللەت.

بىلىملىك بولۇش داۋاملىق توختىماي ئوقۇش بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ.ئۆزىىدىكى كىبىرانە تۇيغۇنى  يىڭىش بىلەن ئۆلچىنىدۇ.
كىبىرانە تۇيغۇنى يىڭىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى ئىجتىمائى مۇناسىۋەتتە ئۆلچەم تۇتۇشتۇر.
  ئەگەر بىرسى سىزنى كۆزگە ئىلمىغاندەك مۇئامىلە قىلسا بۇ سىزنىڭ <كىچىك>لىكىڭىزدىن ئەمەس، ئۇنىڭ ئىچىنىڭ<چىرىك>لىكىدىندۇر.
شەيتان پۈتۈن يامانلىقنىڭ باشلامچىسى،كىشىلەر شەيتاندىن قاقشايدۇ،ئەمما شەيتان سەۋەپچىسى ئەمەس ئادەم سەۋەپچىسى.
  ئاللاھ: شەيتاننى سۆيمەيدىغان كىشىنى سۆيىدۇ. قورقۇنچاق ئادەملەر بىرلا نەرسىدىن بەك قورقىدۇ: دۈشمىنىنىڭ ئىچىدىكى ئۈمىتتىن.
    نىمىشقا قورقىدىغىننى بىلەمسىز؟ چۈنكى دۈشمىنىنىڭ ئىچىدىكى كۈچلۈك ئۇمىت ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈمىتنى يوقىتىدۇ.
يىىڭىلگەنلىك ئۇنىڭ باش ئەگكەنلىكىنى ئىسپاتلىمايدۇ.ئەمما باش ئەگكەنلىك ئۇنىڭ يىڭىلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بىردۇ.

  مۇستەقىل ئىزدەنگۇچى: تەڭرىقۇت

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )