بەزى نەرسىلەر، ئۇنىڭدىن يىراقتا بولغۇنۇڭ ئۈچۈن سىرلىق ۋە چۈشىنىكسىز بولغان بولسا؛ بەزى نەرسىلەر، ئۇنىڭغا يېقىن ياكى يانمۇيان بولغۇنۇڭ ئۈچۈنلا سىرلىق بولسا كېرەك. شۇڭا ۋەتەندىكى چېغىمدا تۇغۇلغان ۋە جاۋابسىز قالغان بەزى سوئاللارغا تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن جاۋابىنى تاپتىم، تاپقاندىمۇ نەق قېلىپىغا چۈشۈرۈپ.
تـۈركىيەدە ھەر يىلى ھېيت كۈنى، ۋەتەندىكى چېغىمدا مېنى سۆيۈندۈرگەن، غورۇرلاندۇرغان ۋە ئويلاندۇرغان بىر ھېيت نامىزىنى ئەسلەيمەن. 17 -18 ياش مەزگىلىم، ئائىلىمىزدىكى بەش قېرىنداش دادام بىلەن بىرلىكتە ھېيت نامىزىغا قاراپ كېتىۋاتىمىز. دادام ھەر ئون نەچچە ياكى يۈز نەچچە قەدەمدە بىر توختاپ بار ئاۋازى بىلەن تەكبىر ئېيتىپ مېڭىۋاتىدۇ؛ يول بويى سېپىمىزگە كىشىلەر قېتىلىپ، ئاۋازىمىز ئۇلغۇيىۋاتىدۇ؛ پۈتۈن ناھىيەنى ئاۋازىمىز بىلەن تىترىتىۋاتىمىز. مەن مەسچىتكە ماڭغان بۇ يولنىڭ بىردەمدىلا تۈگەپ قالماسلىقىنى ئارزۇ قىلىۋاتىمەن؛ چۈنكى "ئاللاھۇ ئەكبەر" دەپ توۋلاۋاتقىنىمدا ئاللاھقا بولغان چەكسىز ئىتائىتىمدىن باشقا، يەنە كىملەرگىدۇر يىللاردىن بېرى يىغىلىپ قالغان قورساق كۆپۈكلىرىم، غەزەپ-نەپرەتلىرىممۇ ئىپادىلەنگەندەك بولۇپ ئۆزۈمنى راھەت ھېس قىلماقتىمەن. مەنلا ئەمەس، سېپىمىزدىكى دادىسىغا ئەگىشىپ مېڭىۋاتقان 7 ياشلىق بالىمۇ، ھېيت كۈنىدىن باشقا مەزگىلدە تالا-تۈزدە كۆرۈنمەيدىغان كېسەلچان بوۋايمۇ، ئويۇن-تاماشىدىن باشقىغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان مەھەللىمىزنىڭ ھاراقكىشىمۇ ئوخشاش تۇيغۇدا. دادام جامائەتنىڭ بۇ كەيپىياتىدىن بىر ئۈنسىز بۇيرۇق ياكى تەۋسىيەنى تاپشۇرۇپ ئالغاندەك بىزنى مەسچىتكە ئۇدۇل ۋە قىسقا يول بىلەن ئەمەس، ئۇزۇن ۋە ئايلانما يوللار بىلەن ئېلىپ ماڭدى. سەپنىڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان دادام ئوڭغا ماڭسا جامائەت ئوڭغا، سولغا ماڭسا جامائەت سولغا، قىيسىق ماڭسا جامائەت قىيسىققا تەمەييۇل. " مۇنداق ماڭايلى، بۇ يول قىسقا " دەيدىغان ئاتكاچىلار يوق، " ناماز ۋاقتى يېقىنلاشتى، ئۇدۇل يول بۇ" دەيدىغان دانالارمۇ يوق؛ ئەتراپىمدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆزىدە بىر خىل نۇر، تونىدا بىر خىل مەغرۇرلۇق، يۈزىدە بىر خىل ھاياتىي كۈچ. بۇ روھ نەدىن كېلىۋاتىدۇ؟ مۇنداق مەغرۇر مېڭىشنى، مۇنداق تەرتىپلىك توۋلاشنى، مۇنداق تەشكىللىك يۈرۈيۈشنى بۇلار كىمدىن ۋە نەلەردە ئۈگەنگەن؟
تۈركىيەدە 4 يىل ياشاپ، 8 ھېيتنى ئۆتكۈزۈپ، زامانىۋىي پايتەخت ئەنقەرەدىمۇ، قەدىمىي پايتەخت بۇرسادىمۇ، ئىستانبۇلنىڭ دىنىي كونسېرۋاتىپ كوچىسى فاتىختىكى مەسچىتتىمۇ، مېنىڭ مەھەللەمدىكى شۇ بىر قېتىملىق ھېيت ناماز سەپىرىدىكى دىنىي كەيپىياتنى كۆرمىدىم. تەكبىر ئېيتىپ مېڭىش ئۇياقتا تۇرسۇن، توپلۇشۇپ مېڭىشمۇ يوق؛ دەسلەپكى مەزگىللەردە، مەسچىتكە بىردىن -ئىككىدىن مىسىلداپ دەسسەپ كىرىپ كېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ كەيپىياتىدىكى مۆتىدىللىك ئىچىمنى سىقسا، مەسچىتتىن چىققاندا يېنىدىكىسى بىلەن سالاملىشىپ قويۇپلا تارقاپ كېتىشتەك پەرۋاسىزلىقى مېنى جىلە قىلاتتى. "ھەممە ئەركىنلىكى بولغان بىر مۇسۇلمان دۆلىتىدە بىر ھېيت كۈنىمۇ مۇشۇنداق سۇس كەيپىياتتا باشلىنامدۇ؟" دەيتتىم ئىچىمدە. كېيىن-كېيىن چۈشۈنۈپ قالدىم، بۇ يەردە مەسچىتكە بالا-چاقىلارنى ئېلىپ توپلۇشۇپ مېڭىشنىڭ ھاجىتى يوق، ، چۈنكى. بۇ يەردە ھېيت كۈنى تەكبىر ئېيتىپ ئەتراپقا سىگنال بېرىشنىڭ كېرىكى يوق، چۈنكى قايسى بىر ئەمەلدار زوراۋانلىق قىلىپ مېنىڭ دېگىنىم دېگەن، قىلغىنىم قىلغان، باسقىنىم باسقان دەپ قالسا، كىشىلەر " لا ئىلاھە ئىللەللا!" دەپ كوچىغا تۆكۈلۈپ زوراۋانلارغا ھەددى بىلدۈرەلەيدۇ. دېمەك، تۈركىيىدە ھېيت كۈنلىرى مەسچىتكە سىلىق-سىپايە مېڭىپ كىرىپ، ئۈن-تىنسىز تارقاپ كېتىۋاتقان بۇ جامائەت بىلەن ئۇ مېنىڭ مەھەللىمدىكى مەسچىتكە سەپ تارتىپ تەكبىر ئېيتىپ بېرىپ، نامازدىن كېيىن يەنە سەپ-سەپ بولۇپ بىر-بىرىنى باغرىغا بېسىپ خوشلىشىۋاتقان جامائەتنىڭ دىنغا بولغان باغلىنىشى ۋە چۈشۈشۈنىشلىرىدە چوڭ پەرق يوق؛ بايرامنىڭ قىممىتىنى بىلىشتىمۇ ھەم؛ پەرق بۇ بايرام كۈنگە بولغان ئېھتىياج ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتا. چۈشەندىمكى ، ؛ ئۇلار يالغۇز ياراتقۇچىغا ئىتائەت بىلدۈرگىنى ئەمەس، ئەنە شۇ دادىخاھتىكى ئېرىق ۋە مىللەت ئايرىمايدىغان، سىنىپ ۋە تەبىقە تونۇمايدىغان، مەنپەئەت كۈتمەيدىغان، قەستلىمەيدىغان ھۆكۈما-ئاللاھنىڭ ئالدىغا دەرت ئېيتقىنى كېتىۋاتقان گەپ.
ئەلۋەتتە مىللىي ۋە مۇسۇلمان دۆلەت بولغان تۈركىيە بىلەن كۆپ مىللەتلىك سوتسىيالىستىك دۆلەت بولغان جۇڭگونى بىر-بىرىگە سېلىشتۇرۇش، ئىككى دۆلەت پۇقرالىرىدا ئوخشاش ئىمكانلارنىڭ بولۇشىنى كۈتۈشمۇ توغرا ئەمەس. ئەمما ھەرقانداق بىر بەندىنىڭ ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاچچىقىنى چىقىرىدىغان ۋە خوشاللىقىنى ئىپادىلەيدىغان، ئۆزى تاللىۋالغان بىر يولى ۋە سەھنىسى بولۇشى كېرەك. بايقىشىمچە مېنىڭ مەھەللەمدە كېمى بۇ ئىكەن. يىلدا ئۈچ ئايدىن ئۈچ قېتىم قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنى، ئىككى قېتىم -ئۈچ كۈندىن 6 كۈن بايرام بولسا؛ پۈتۈن خوشاللىقلىرىنى ئىپادىلەش، پۈتۈن دەرت-ئەلەملىرىنى تۆكۈش يىلنىڭ بىر كۈنىگىلا، ھاياتنىڭ بىر سەھنىسىگىلائامانەت بولۇپ قالسا؛ مۇراسىملار تەبىئى ۋە ھەقلىق ھالدا رەڭگىنى ئۆزگەرتىدىكەن. شۇڭا شۇ كۈنكى ھېيت نامىزىغا كېتىۋاتقان سەپىرىمىزنى ئويلىسام ئېغىزىمدىن شۇ چىقىدۇ: بىزنىڭ پارات!
(چاتمىنىڭ كېيىنكى قىسمىدا يەنە شۇ كۈنىكى ھېيت نامىزىدا تۇغۇلغان يەنە باشقا سوئال ۋە ئۇنىڭغا تېپىلغان جاۋاپ ھەققىدە بولىدۇ. تېمىسى: خوجايىنلىق ئېڭى)
|