قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1446|ئىنكاس: 11

ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى ۋە ئۇنىڭ يەشمىسى (1)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

0

دوست

2725

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   24.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28099
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 838
توردىكى ۋاقتى: 185
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 16:08:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
          ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار ھەممىمىز باغداشتىن ئىبارەت بۇ مۇنازىرە مۇنبىرىدە، بىر بىرىمىزنىڭ تىما-ئىنكاسلىرىمىز ئۈستىدە مۇنازىرە ئىلىپ بىرىۋاتىمىز.ئەلۋەتتە، بۇ مۇنازىرە سۇپىسى بولغىنى ئۈچۈن، مۇنازىرە جەريانىدا ئاتا بوۋىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن، قىممەتلىك، مەنىسى چوڭقۇرماقالە-تەمسىللەرنى دەلىل كەلتۈرۈشتىن ئۆزىمىزنى قاچۇرالمايمىز، بەزىلىرىمىز ئۆزىمىز دەلىل كەلتۈرگەن شۇ ئاتىلار ھىكىمىتىنىڭمەنىسىنىمۇ ئىيتىپ بىرەلمەسلىكىمىز مۇمكىن، شۇڭا مەن بۈگۈن، ئۆزۈم ياقتۇرۇپ ئوقۇپ كىلىۋاتقان،<ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرىۋە ئۇنىڭ مەنىسى> دىگەن، شۇ ئاتىلار سۆزىنىڭ مەنىسى چۈشەندۈرۈلگەن كىتاپتىن، ئازراق ئۈزۈندىلەر تەييارلىغانىدىم، ياقتۇرغايسىلەر.

بىرىنجى بۆلەك

<ۋەتەن، ئەل-يۇرىت ھەققىدە>


(1)ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگىرويىڭ سامان بولماس.
مەنىسى: بۇ، ۋەتەندە تىنىچ-ئىتىپاقلىق مۇھىتى بولغاندىلا كىشىلەر شاد-خۇرام، بەخىتلىك تۇرمۇش شارائىتىغا ئىرىشەلەيدۇ، دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

(2)ئەل بار يەردە ئەر بار
مەنىسى: بۇ، خەلىق ئارىسىدىن نى-نى ئالىيجاناپ، پەزىلەتلىك، قەيسەر، باتۇر ئادەملەر چىقىدۇ، دىگەن مەنىنى بىلدۈردۇ.

(3)ئەل بىلەن ئۆلۈم بەجايىكى توي
مەنىسى: بۇ، ھەر ۋاقىت ھەممە ئىشتا ئاممىدىن ئايرىلماي، جاپادىمۇ، راھەتتىمۇ جامائەت بىلەن بىللە بولۇش لازىم، دىگەن مەنىنى بىلدۈردۇ.

(4)ئەل قوزغالسا تەخىت قوزغىلار
مەنىسى: بۇ، قەيەردە زۇلۇم كۆپەيسە، شۇ يەردە قارشىلىق كۈچىيدۇ، خەلىق ئىتىپاقلىشىپ، بىر نىيەتكە كىلىپ كۆرەش قىلسا، مۇقەرەر ھالدا غەلبە قىلىدۇ، دىگەن مەنىنىبىلدۈردۇ.

(5)ئەلگە باققان خار بولماس
مەنىسى: بۇ، ھەر كىم يۇرتىنى، خەلىقىنى سۆيۈپ، بارلىقىنى خەلىقىگە بىغىشلاپ، ئىتىپاقلىقنى قوغدىغاندىلا ئىززەت-ھۆرمەتكە ئىرىشىپ، قەدىر-قىممىتى بىلەن ياشايدۇ، دىگەن مەنىنى بىلدۈردۇ.

(6)ئەل ئىچى ئالتۇن بۆشۈك
مەنىسى: بۇ، خەلىقنىڭ ھىممىتى، مىھرى-شەپقىتى زور بايلىق، خەلىق دوستقا، سەمىمى، ئاقكۆڭۈل ئادەمگە قوينىنى كەڭ ئىچىپ، ئىللىقلىق ئاتا قىلىدۇ، غەمخورلۇقنى ئايىمايدۇ، دىگەن مەنىنى بىلدۈردۇ.

(7)ئەل رەھمىتى خۇدا رەھمىتى
مەنىسى: بۇ، ھەر قاچان خەلىقنىڭ، جامائەتنىڭ ئارزۇ-ئۈمۈدى، رازىلىقى بىلەن قىلغان ئىش ئاللانىڭ رازىلىقى، رەھمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ، دىگەن مەنىنى بىلدۈردۇ.

(8)ئەل سۆيمىگەن ئەر- مىۋىسىز دەرەخ
مەنىسى: بۇ، خەلىقتىن يۈز ئۆرىگەن، زىيان سالغان ئىنسانى قەدىر-قىممىتىدىن مەھرۇم قىلىپ، خۇددى مىۋىسى يوق قۇرۇپ قالغان دەرەختەك ئاقىۋەتكە قالىدۇ، دىگەنمەنىنى بىلدۈرىدۇ.

(9)ئەل قايان، سەن شۇيان
مەنىسى: بۇ،ھەر قانداق كلىشى تۇرمۇشتا جاپادىمۇ، راھەتتىمۇ ئامما بىلەن بىرگە بولۇپ، ئاممىنىڭ رايى بويىچە ئىش قىلىپ، ئاممىدىن ئايرىلماسلىق دىگەن مەنىنى بىلدۈردۇ

(10)ئەل ھىممىتى دەريا
مەنىسى: بۇ، خەلىقنىڭ دوستقا ۋە ئاق كۆڭۈل، سەمىمى كىشىلەرگە نىسبەتەن قوينى كەڭ، مىھرى-شەپقىتى چەكسىز، مەرھىمىتى، ياخشىلىقى، ياردىمى ھىساپسىز ئىكەنلىكىنى، بىلدۈردۇ.

(11)پادىشاھلىق ئەل بىلەن، تۆمۈرچىلىك يەل بىلەن
مەنىسى: بۇ، ھەر قانداق باشلىق، رەھبەر ئاممىغا تايىنىش، ئاممىغا كۆيىنىش بىلەن قۇدرەت تاپىدۇ، ھۈنەرۋەن ھۈنىرىگە تايىنپ داڭ چىقىرىدۇ، دىگەن مەنىنى بىلدۈردۇ.

(12)تۇغۇلغان يەرنىڭ تىشى گۆھەر، سۈيى كەۋسەر
مەنىسى: بۇ، ھەر كىمنىڭ قەدىر- قىممىتى، ئىززەت-ئابرۇيى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتىدا، ئۆز ۋەتىنىدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردۇ.

(13)كىشىنىڭ يۇرتىدا سۇلتان بولغۇچە، ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتان بول
مەنىسى: بۇ، ھەر كىم ئۈچۈن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرت-ۋەتىنى ھەممىدىن ئەزىز، مۇقەددەس، ئىكەنلىكىنى بىلدۈردۇ.

(14)خەلىقنى ئالدايمەن دىگىنىڭ، ئۆزۈڭنى ئالدىغىنىڭ
مەنىسى: بۇ، تۇرمۇشتا ساختىپەزلىك قىلماي، سەمىمى، ئاق كۆڭۈل بولۇش، سودا- سىتىقتا ئادىل، گەپ-سۆزدە راستچىل بولۇش كىرەكلىكىنى بىلدۈردۇ.

(15)خەلىق ئىيتماس، ئىيتسا خاتا ئىيتماس
مەنىسى: بۇ، توغرا ئىش ياكى سۆز-ھەركەتكە ئامما قارشى چىقمايدۇ، ناتوغرا ئىشلارغا قارشى تۇرۇپ، نارازىلىقىنى ئىپادىلىسە خاتا بولمايدۇ، دىگەن مەنىنى بىلدۈردۇ.

(16)خەلىق ياقتۇرغان چىراغنى پۈۋلىگەننڭ ساقىلى كۆيەر
مەنىسى: بۇ، خەلىق رايىغا قارشى ئىش تۇتقانلار ئاخىرى ھالاكەتكە يۈز تۇتۇپ ئۆز بىشىنى يەييدۇ، دىگەن مەنىنى بىلدۈردۇ.

(17)دەريادىكى بىلىقنىڭ باھاسى يوق
مەنىسى: بۇ، ھەر ئادەم ياكى نەرسىنىڭ قەدىر-قىممىتى ئۆزى ۋۇجۇتقا كەلگەن ۋە ياشىغان يۇت-ماكاندا ۋە ۋەتىنىدە ئىپادىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردۇ.

(18)دىلى ئوچۇقنىڭ قولى ئوچۇق، ئەل سۆيگەننىڭ يولى <ئوچۇق>
مەنىسى: بۇ، كۆڭلى يۇمشاق، رەھىمدىل ئادەم باشقىلاردىن ھىچنىمىسىنى ئايىمايدىغان، مەرد-سىخى بولىدىغانلىقىنى، يۇرتىنى، خەلىقىنى قەدىرلەيدىغان، ئىسىل پەزىلەتلىك
ئادەمنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق يۈرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر خەلىق ماقال تەمسىللىرى ۋە ئۇنىڭ يەشمىسى دىگەن كىتاپتىن ئالدىم.

0

تېما

0

دوست

246

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15521
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 62
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-20 16:09:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   amiridin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-20 16:11  

-رەخمەت، داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

123

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   41%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28060
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 40
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-20 16:33:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ج

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Sabirjan111 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-20 21:46  


ج

9

تېما

5

دوست

6372

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   27.44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9922
يازما سانى: 483
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 613
تۆھپە : 1531
توردىكى ۋاقتى: 183
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-20 23:19:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   يېقىندا سەلبى ماقال تەمسىلللەر دەپ بىر مۇنچە ماقال تەمسىللىرىمىزگە قارا سۇۋايدىغان ئىش پەيدا بولدى . ئەمەليەتتە ماقال تەمسىللەردە ئىشلىتىلگەن تىلنىڭ ئەسلى مەنىدىن ھالقىپ باشقا مەنىلەرنىمۇ ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان كىشىلەر نۇرغۇن ئىكەن .

0

تېما

4

دوست

1170

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27890
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 334
توردىكى ۋاقتى: 28
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-20 23:24:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ،يولىغان تىمىڭزدىن نۇرغۇن بىلىمگە ئگە بولدۇم .

0

تېما

10

دوست

291

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24155
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 80
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 00:02:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما قال ته مسل له ر

0

تېما

10

دوست

291

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24155
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 80
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 00:14:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Amina3 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-21 00:02
ما قال ته مسل له ر

ره خمه ت

0

تېما

36

دوست

2910

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24884
يازما سانى: 328
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -5
تۆھپە : 844
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 00:30:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زىھنىڭىز تىخىمۇ ئوچۇق بولسۇن ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )