قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 727|ئىنكاس: 1

يامغۇر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

16

تېما

9

دوست

4787

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   92.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7463
يازما سانى: 453
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 45
تۆھپە : 1410
توردىكى ۋاقتى: 180
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-23 16:00:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

      مەن ئۇنچە بەك چىرايلىقمۇ ئەمەس ،بىراق نىمىشقىكىن ئەينەكتە ئۆزۈمنى شۇنچە چىرايلىق ھىس قىلىمەن .سىنىپتىكىلەرمۇ مىنى شۇنداق چىرايلىق دىيىشىدۇ،لىكىن بەزىدە ئۇلار پەقەت مىنىڭ كۆڭلۈمنى ئاياپلا شۇنداق دەپ قويامدىكىن  ،مەيلى نىمىلا بولمىسۇن مەن سەت ئەمەس..                     
      دىلنۇر ئاجايىپ قىز ،ئۆزىنىڭ يىگىتى بار تۇرۇپ ،يەنە كۈندە باشقا يىگتلەر بىلەن يۇشۇرۇنچە ئۇچرىشىشلار  بىلەن ئالدىراش.ئاخشام كىچىچە يەنە ياتاققا كىرمىدى ،ئەلۋەتتە ياتاقتىكىلەر ئۈچۈن بۇ بىر ئادەتتتىكچە ئىش .لىكىن مەن كىچىچە ئۇخلىيالمىدىم.شۇنداق بىر ئۇزۇن ھەم قورقۇنۇشلۇق چۈش كۆرۈپتىمەن..      
       بەزىدە دەرسىكچە چىقىش شۇنداق خوش ياقمايدۇكى ،ئۆزۈمنى شۇنچە بەزلەپمۇ ،قايسى بىر كىتاپتىن يادلىۋالغان،دەبدەبىلىك سۆزلەرنى ئىسىمگە ئالساممۇ،ئىرادەم ئۆزۈمنى قايىل قىلغىچە بۇخاراغا كىتىمەن...
       ئالدىمدا  تار ھەم ئۇزۇن چىغىر يول،ئۆزۈم يالغۇز كىتىۋاتىمەن .قولۇمدا قاچاندۇر ئۈزۈۋالغان يوپۇرماق ئۇنىڭ رەڭگىمۇ ،ئالدىمدىكى مەنزىردەك خىرە ھەم تۇتۇق.ئىگىز تاملار بىلەن قورشالغان باغدا كىملەردۇر پىچىرلاشماقتا،شۇنچە ئاڭلاشقا ئۇرۇنساممۇ،ھىچ نەرسىنى ئىلغا قىلالمىدىم.ئەتراپىمدا سارغايغان يوپۇرماق،ئالدىمدا  يىقىلىپ چۈشكەن دەرەخ،يەنە....تۇيۇقسىز تاراق-تۇرۇقتىن چۆچۈپ ئويغۇنۇپ كەتتىم ،ياتاقتىكىلەر يىغا-زار قىلىپ ياتاقنى بىر ئالماقتا ،يەنە نۇرغۇن مەن -تونۇيدىغان تونۇمايدىغان كىشىلەر بىزدىن توغرىراقى مەندىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى سورايتتى مەن بۇنى پەقەت چۈشۈممىكىن دەيمەن .
       پات-پات دىلنۇرنىڭ رەسىمىگە قاراپ ،ئۇنى ئەسلەپ قالىمەن. ئەگەر ئاشۇ كۇنى تالادا قونمىغان بولسا،بەلكىم ھىلىقى داۋاملىق ئالغىلى كىلدىغان ،لىكىن مىنىڭ پەقەتلا كۆزۈمگە سىغمايدىغان قارامتۇل يىگىت بىلەن كۆرۈشمىگەن بولسا،ياق ئەزەلدىن  تونۇشمىغان بولسا،بەلكىم بۈگۈن ئارىمىزدا بولغان ،كۈلۈپلا تۇردىغان كۆزلىرى، تاتلىق ئاۋازى بىلەن مەكتەپ ھاياتىمىزنىڭ گۈلى بولۇپ قالاتتى
       -دىلمۇراتنى سىلەر چۈشەنمەيسىلەر ،ئالدىنقى كۈنى ماشىنا ئالدىغانلىقىنى ،ئۇرۇمچىدىكى نەۋرە ئاكىسى بىلەن بىرلىشىپ پاسپورت بىجىرىپ ، ئىككىمىز پات ئارىدا چەتئەلگە چىكەتمەكچى .ئۇ مۇشۇ سۆزلەرنى ،دىلمۇراتقا مۇناسىۋەتلىك بارلىق گۈزەل ئارزۇلىرىنى ئەنە شۇنداق بەختىيارلىق تۇيغىسىدا سۆزلەيتتى ،بۈگۈن ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ،  مەكتەپتىىكى بارلىق قىزلاردا مودا بولۇشقا باشلىغان ھىلىقى چىرايلىق ئاق كۆڭلەكنى ئۇ  بۈگۈن يەنە كەيدى. بىزدەك ھالى تۆۋەنلەر ئەزەلدىن ھەۋەس قىلدىغان ،بىراق كۈرۈشكىلا بولدىغان بۈنداق ئىسىل كۆڭلەك ،ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا شۇنداق ياراشقان ئىدى .قىزىقىش ھەم ھەسەت ئارلىشىپ كەتكەن ئۆزىمىزمۇ بىلىپ بولمايدىغان ھىسياتتا،ئۇنىڭ گۈزەل كۆڭلىكىگە ،خۇش-پىچىم بەدىنىگە ،ئانچە چىرايلىق بولمىسىمۇ(مەن ئەزەلدىن ئەزەلدىن ئۆزۈمنى ئۇنىڭدىن چىرايلىق دەپ ئويلايمەن )سۈزۈك چىرايىغا،ئانچە بەك ئىرەن سالمىغان ،بىراق ئىچىمىزدە ھەربىر ھەركەتلىرىگە،گەپ-سۆزلىرىنىڭ پەش-چىكىتلىرىگە ھۆكۈم قىلىۋاتقىنىمىزدا،ياتاقنىڭ ئىشكى شۇنچە تىز ئىچىلىپ ،يەنە يىپىلدى .لىكىن دىلمۇرات توغرىسىدىكى ھەر خىل پەرەز ،قىزىقارلىق ئوخشىتىشلار،ھەزىل كۈلكىلەر بىر كۈنمۇ بىزنىڭ ياتاققا يات ئەمەس.نىمىلا بولمىسۇن،مىنىڭ دىلمۇرات بىلەن ئۇنىڭ ئاشۇ غايىۋانە ئەپسانىلەرگە تولغان  پەقەت قىزلارنىلا ئالداشقا ئۇستا سۆزلىرىگە ،ئاچ يىشىل كۆزلىرىدىكى ئاللا نىمىلەرگە ئەزەلدىن قىزىقمايمەن ،ھەم خوشۇممۇ يوق.ئەپسۇس ،نەچچە قىتىم دىلمۇراتنى چۈشەپ قالغىنىمدا ئۆزۈمنى گۇناھكاردەك ھىس قىلغىنىم،كىيىنچە يەنە نىمىلەرنى دەپ ئۆزۈمنى ئاقلىغىنىم ھىلىمۇ ئىسىمدە....ئالىي مەكتەپ ھاياتى ھەر خىل كەسىپتىكىلەرنىڭ پىچىقىدا ھەر خىل كىسىلىدۇ.ئاجايىپ-غارايىپ سۆزلەر بىلەن قۇراشتۇرلۇپ كىتاپقا چىققىنىدا بولسا ، بۇ گۇزەل ھاياتقا تەلپۈنىدىغانلار ساماندەك .لىكىن شۇ بايقۇشلار،مىنىڭ نەزىرىمدىكى بۇ ئالىي مەكتەپ ھاياتىنىڭ ،ئىمتاھانسىز ئۆتسە نەقەدەر ،گۈزەل بولدىغانلىقىنى بۈلسە نىمە دەركىن؟بىچچارە سومكىلىرمىزنىڭ تولا ھاپاش بولۇپ ھىرىپ كەتكەن قوللىرى ،چاي قۇتىمىزنىڭ ئۇپراپ كەتكەن ئىغىزلىرىغا قاراپ ،ئالىي مەكتەپ ھاياتىغا  ئىچىمدە كۈلۈپ قويىمەن.پارەكتىكا مەزگىللىرىدە ،ئوقۇغۇچىلىرىمغا ئالى مەكتەپ ھاياتى توغرىسىدا نۇرغۇن سۆزلىدىم .ئۆزۈممۇ ھەيران،گەرچە ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى ،مۇشۇ ئاق -قارا ئاجايىپ ئۇستىلىق بىلەن ئارلاشقان ،كۆرۈنۈشتە گۈزەل ئەمما سۈنئىي مائارىپنى بۈلۈپ تۇرۇپ .مەن يەنە  يالغان سۆزلىدىم....
        بەخىت دىگەن نىمە ؟ مەن بەخىتلىكمۇ ؟ بۈگۈنمۇ دەرىس خوش ياقمىدى.مانا مۇشۇنداق سۇئاللارغا  جاۋاپ تىپىش ،ھايات توغرىسىدا تەپەككۇر قىلىش مەن ئۈچۈن زۆرۈر ئوقۇشلۇق .قاچانكى كۆل بويىدىكى ئاشىق-مەشۇقلارغا،ئەمدىلا توي قىلغان سىڭلىمگە ،تىلۋۇزۇردىكى ھىلىقى بەخىتلىك چولپانلارغا قاراپ ،بەخىت توغرىسىدا شۇنداق جىق نەرسىلەنى ئويلاپ كىتىمەنكى ،ئۆزۇمنىڭ كاتتا يازغۇچى بولالىشىمغا ئىشەنچىم كامىل .لىكىن ئاشۇلارنى ،بۇرۇنقى ۋە كىيىنكىلەرنى ئويلىغىنىمدا،ئۇلارنى راستىنلا بەخىتلىكمىدۇ ؟غەم-قايغۇ دەرتلىرى يوقمىدۇ دەپ ئويلاپ كىتىمەن .بىشىمدىكى نۇرغۇن غەملەرگە قاراپ ،ئۆزۈمنى بىر خىل بىچچارە ھىس قىلىمەن .مەيلى نىمىلا بولمىسۇن،مەن ئۇلارنىڭ ھەقىقى بەخىتلىكلىكىدىن گۇمانلىنىمەن .
       بۈگۈن يەكشەمبە ،چارچىغان مىڭىمىزنى ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن گۈلسۈم ئىككىمىز بازارغا ماڭدۇق .بازار دىگەن ئاجايىپ دۇنيا ،ھەرخىل يۈزلەر ،كۆزلەر ،ھەرخىل پاسوندىكى كىيىملەر ،ئاقساق -چولاق ، ئىگىز- پاكار ،رەسىمدىكى رىئاللىقتىكى ھەممە ئادەملەر بازاردا قاينايدۇ .سۆلەتلىك يىگىتلەر ،نازاكەتلەر گۈزەللەرنىڭ كۈلكىسى بەزىلەرنىڭ كۆزلىرىدە ئاۋۋال قىزىقىش ،ئاندىن ھەۋەس ،ئاخىردا ھەسەتكە، قاپىقى يامانراق بەندىلەرنىڭ ھومىيىشىغا ئايلىنىدۇ .نىمىشقىكىن بازارغا چىقسام ئەزەلدىن كىيىم-كىچەككە ،يىمەك ئىچمەككە ئانچە ئىرەن سالمايتتىم.تولىراقى يول بويىدىكى باققال بوۋايغا ،ئۇنىڭ يانپىشىغا ئىسىۋالغان ئۇزۇن پىچىقىغا ،ئوسما كۆتۈرۈشۈپ يۈرگەن قىزلارنىڭ چىرايلىق كۆزلىرىگە ،ناۋاي ئۇستامنىڭ ئاناردەك قىزىل يۈزلىرى ئارسىدىكى چىرايلىق بۇرتىغا تويماي قاراتتىم.گۈلسۈممۇ قىتىققا شۇنداق ئامراق ،ئەلۋەتتە قىتىق-ئەڭ ياخشى كۆردىغان تامىقىم ،ئالدىنقى قىتىم ئاينۇر ئىككىمىز ئاتايىن سوراپ يەرلىك قىتىقنى تاپالماي يىرىم كۈن ئاۋارە بولغىنىمىز،مىڭ تەستە تىپىپ تويغىچە ئىچكىنىمىز،ئۇنىڭ ياڭراق كۈلكىسى ،كۈلۈپلا تۇردىغان كۆزلىرى ،ئەڭ چىرايلىق نىمىلەرنى كۆرسە ماڭا ئىلىپ بىرەي دەپلا تۇردىغان مەرتلىكى ئىسىمگە كىلىپ كۆڭلۈم بۇزۇلدى...ئەتراپىمغا سوغۇق نەزەر  بىلەن قارىدىم.كۆزلىرىمدىكى ئۈمۈدسىزلىك ،تاشايلا  دەپ قالغان كۆز ياشلىرىمغا ،قىتىقچى ئايال چىنەمگە بىر چۆمۈچ قتىقنى ئارتۇق قوشۇپ قويغاچ ،ماڭا قاراپ كۈلۈپ قويدى....
        دوستلۇرۇمنىڭ ھەممىسى ئولتۇرۇشقا كەتتى ،بۈگۈن قايسى بىر چولپان ئويۇن قويىمىش .چولپان بىلەن ئەسلا خوشۇم يوق .ياتاقتا ئۆزى يالغۇز قىلىشمۇ بىر خىل بەخىت ،بولۇپمۇ مەن ئۈچۈن شۇنداق .خالىغانچە ئولتۇپ قوپۇش،  جىمجىت مۇھىتتا قانغۇدەك ئۇخلاش.ئۆزۈم ياخشى كۆردىغان ،بىراق باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئەسلا كىيىشكە  بولمايدىغان بارلىق كىيىملىرىمنى كىيىپ ،ئەينەك ئالدىدا ئۇياقتىن بۇياققا مىڭىش مەن ئۈچۈن ئالەمچە ھۇزۇر.ئايشەم ئەزەلدىن مىنى ياراتمايدۇ.گەرچە ئۇنىڭدەك چىرايلىق بولمىساممۇ ، ھەۋەس قىلغۇدەك ئىسىل كىيىملىرىم بولمىسىمۇ ،لىكىن ئەينەكتىكى كۈلۈپ تۇرغان ،كىيىملىرى چىپپىدە ياراشقان ،بىر جۈپ يوغان كۆزلىرىدىن ياشلىق نۇرلىرى چاقناپ تۇرغان ئوماق قىز مىنىڭ نەزىرىمدە ئەڭ گۈزەل .لىكىن قامتۇل تىرىلىرىم سەل ئاقراق بولغان بولسا،كىيىملىرىممۇ ئاينۇرنىڭ كىيمىدەك ،ياق ئۇنىڭكىدىنمۇ ئىسىل بولغان بولسا ،پەقەت بىر كۈنلا كىيىۋالغان بولسام ...كىچىككىنە سومكامنى كۆتۈرۈپ دوستلىرىم بىلەن بازار ئايلانسام ،كۆل بويىدا ،باشقا قىزلاردەك چىرايلىق رەسىملەرگە چۈشسەم ،ئايشەمنىڭ ياتىقىغا نەچچە ئون رەت چىقىپ كۆزىدىن ئوت چىقىرىرىۋىتىپ چۈشسەممۇ ھارماستىم. نىمە ئامال ھازىر دىگەن شۇنداق دەۋىر ،يىنىڭىزدىكى كىشلىرىڭىز ئاۋۋال بىشىڭىزغا ،ئاندىن پۇتىڭىزغا ،چولىسى تەگسە سومكىڭىزدىكى كىتىپىڭىزغا قارايدۇ .كىيىملىرىمنىڭ ھەممىسى كۆزۈمگە شۇنچە كونا ،كۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرممۇ،بارا-بارا نۇرىنى  يوقاتتى  .سومكامنى قولۇمغا ئىلىپلا ،سىنىپقا ماڭدىم.ئىشىكتىن چىقاشىمدا ئەينەككە قارىغان كۆزلىرىم ياشلاندى...
        ئانامنى تولا چۈشەيمەن ،ئۇنىڭ ئەڭ بۇرۇن ھولىرى ئۆزرلەپ تۇرغان تاماقنى ئالدىمغا قويۇپ كۈلۈپ تۇرۇشلىرىنى تولىمۇ سىغىندىم ،بىچچارە ئانام .نىمىلا تاپسا ئەڭ ياخىسىنى ،ئەڭ  چىرايلىقىنى ماڭا ئاتايتتى .چوڭ ئانام يىڭىدىن ئىلىپ بەرگەن قىممەت باھالىق كۆينەكنىمۇ بىر قىتىم كەيگەنچە يەنە ئۇچىسىغا ئالمىدى .مەن ئانام ئەتكەن لەغمەنگە تولىمۇ ئامراق ،بىراق ماۋۇ لەشتەك مەكتەپ تامىقى ،بىر تال گۆش ئەمەس،چامغۇر جىنىدا ئادەمنى يەكلەيدۇ.لىكىن يىمەي ئامال يوق،قورساق يەنىلا ئۈچ ۋاقىت توغرىلاغلىق ..
        يۇرۇتداش دىگەن يەنىلا شۇنداق مىھرى ئىسسىق بولدىكەن ،چۈشلۈك تاماقتىن كىيىن ئادىلە بىلەن پاراڭلىشىپ كۆڭلۈم شۇنداق كۆتۈرلۈپ قالدى .قەدەملىرىم شۇنداق يەڭگىل ،مىڭىشلىرىم بىر خىل سالقىن .ئالدىمدىكى نەچچە يىگىتلەرنى كۆرۈپ دەرھال ئۆزۈمنى چەتكە ئالدىم .بىشىمنى يەردىن كۆتۈرمەي شۇنداق تىز ماڭدىمكىن.ئۇلارنىڭ ئىچىدە كۈلۈشكەن ،ئارقىسىدىن قاقاھلاپ كۈلگىنىنى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن قۇلۇقۇمنى ئىتىۋىلىپ ،ياندىكى يولغا ئۆزۈمنى ئاتتىم .ئىچىمدە مىڭنى تىللىدىم ،ئۆزۈمگىمۇ ئاز،بۇنچە كەچتە  ئۆزۈم يالغۇز،يەنە كىلىپ ئوغۇللار ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىدا..لىكىن ئۇنىڭمۇ ئۇلارنىڭ ئارسىدا بولغىنى ئۈچۈن ،ئاشۇ كۈنى ماڭا دىگەن گەپلىرى ئۈچۈن ،يەنە ئايشەم بىلەن يىقىن بولۇپ كىتىشلىرى ئوغامنى قاينىتاتتى...ئاسىي قەلبىم ،ھەر ۋاقىت كىملەرگىدۇر تەلپۈنىدىغان يۈرۈگۈم ،ئارقىسىغا بىرقىتىم قاراپ بىقىشقا نىمىلەرنىدۇر ئىزدىگەن بولۇپ  ،بايامقى يولدا يەنە بىر مىڭىشقا ئۈندەيتتى ...ھاياتىمدا مۇشۇ بىر قىتىم قىلغان ھۆكۈمۈمگە چىن دىلىمدىن رازىمەن .ئاشۇ كۈنى ئۇنىڭ بىلەن مۇڭداشقىنىم .ئۇنىڭ چىرايلىق كۆزلىرىگە ،قاپقارا قاشلىرىغا ،كۈلۈپلا تۇردىغان لەۋلىرىنى ،يەنە نۇرغۇن-نۇرغۇن سۆزلىرىنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايمەن....كىيىن تالاي قىتىم  مۇشۇ يولدا ماڭدىم،ئاسماندا يەنە شۇ چىرايلىق ئاي ،لىكىن ئۇ يوق...
        كىچىچە توختىماي يامغۇر ياغدى ،ئاخشام  دەرياغا چۈشۈپ كىتىپ چۈشەپتىمەن .چۈش دىگەن بەرىبىر چۈش.كۈنلۈكۈمدىن ئىقىۋاتقان يامغۇر تامچىلىرىغا،دەرەخلەرنىڭ ئاچاللىرىغا قونۋىلىشقان قۇشقاچلارغا،بىر-بىرىدىن ئىتتىك ئۆتۈپ كىتىۋاتقان بەكمۇ تونۇش ئەمما تولىمۇ  ناتۇنۇش  چىرايلارغا قاراپ كىتىپ بارىمەن .ئارقامدىن بىرسى كىلىدىغاندەك ،ياندىكى كوچىلاردىن بىرسى چىقىپ قالدىغاندەك پات-پات ئارقامغا قاراپ قويىمەن .ئاسمان شۇنچە تۇتۇق.ئەزەلدىن يامغۇرغا  ئامراقتىم .لىكىن بۇنچە جىق يامغۇرنىڭ قەيەردىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى ئىزدەش ئۈچۈن ئاسمانغا قارىدىم ،نىمىدىگەن ھۇزۇر ،مۇزدەك يامغۇر تامچىلىرى يۈزلىرىمنى سۆيۈپ،قىززىق بەدىنىمنى غىدىقلايتتى..كۈنلۈكۈم بىر ياققا تاشلاندى.كىيىملىرىم لايغا بۇلانغان ھالدا ،قاتتىق ئاغرىۋاتقان ،لىكىن زادى قەيىرىمنىڭ ئاغرىۋاتقىنى بۈلەلمەي،قوپۇشقا تەمشەلدىميۇ،يەنە بىر ئاغرىق بىلەن كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشتى...
         يەنە شۇ كۈلكە ،سىھىرلىك ئاۋاز ،ھىچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان،ھەم ئوخشىتالمايدىغان ،بىراق مەن ئەڭ ئۆچ ،يالغۇز قالغىنىمدا ئەڭ سىغىنىدىغان كۈلكە ئاۋازى.ئازادە كىسەلخانىدا ساۋاقداشلىرىم،دوستلۇرۇم كۈلكە-چاقچاق بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى.ئىچىمدە نىمىش بولغىنىنى ئويلىدىمدە ،پۇتۇمنىڭ تاشتەك قىتىپ كەتكىنىدىن ھەممىنى چۈشەندىم .دۆتلىكىمدىن ،گالۋاڭلىقىمدىن مۇشۇ كەمگىچە ئوغۇللار ماڭا ئۇچرىماي ،يولۇققانلىرى  ماڭا يارىماي ئۆتۈپ كىتىۋاتاتتى.يەنە كۈلكە -چاقچاق ،ئايشەمنىڭ نازلىنىپ گەپ قىلىشلىرى ،ماڭىلا تەۋە كۆزلەرىگە كۈلۈپ قاراشلىرىنى خىيالىمغا كەلتۈرۈپ ،ئىچىمنى بىر نەرسە كۆيدۈرگەندەك بولۇپ،كۆزۈمنى شاپپىدە ئاچتىميۇ ،قاتتىق يۆتىلىپ كەتتىم .سىستىرالار ئۇنى بۇنى سوراپ چىكەتتى .خۇداغا شۈكرى ئۇلارنىڭ نەغمە-ناۋالىرىمۇ ئاخىرى ئاخىرلاشتى .ھەممىنىڭ كۆزى مەندە ،كۆزلىرىم ئۇنىڭ كۆزلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا،شۇنداق سەت ھومۇيۇپ ،يەنە كۆزلىرىمنى يۇمىۋالدىم .لىكىن مۇشۇ كۈلكەمنىزە ،بۈلمۈدۈم قانچىلىك ئوسال بولغىنىمنى ،چاندۇرماسلىق ئۈچۈن  يالغاندىن ئاغرىقنى دوراپ ئانچە-مۇنچە ۋايساپ قويدۇم .مىنىڭ ياخشى ئارام ئىلىشىم ئۈچۈن ،ئۇلار كىتىپ قىلىشتى .يەنە شۇ جىمجىتلىق،يالغۇزلۇق .لىكىن بۈگۈن ئۆزۈمنى شۇنداق غىرىپ ھىس قىلدىمكى ،دىرىزە سىرتىدىكى ئاسمان ،ياتاق ئۆي ،تازلىق ئۆيىدىكى سۇنىڭ شىلدىرلىشلىرىدىن باشقا ئىشىپ قالغىنى مىنىڭ خورسۇنۇشلىرىم ئىدى..ئايشەمنىڭ ماڭار چاغدىكى ھاكاۋۇر كۈلكىسى ،ئۇنىڭ كۈلۈپلا تۇردىغان كۆزلىرى،سىھىرلىك ئاۋازى خىيالىمنى بۆلۈپ ئۇزاققىچە ئۇخلىيالمىدىم...
        شۇنچە چوڭ ياتاقتا ئۈزۈم يالغۇز تورۇسقا قاراپ ياتاتتىم.دىرىزە پەنجىرلىرىدىن كىرىۋاتقان سوغۇق شامال ،پەردىلەرنى لەپىلدىتەتتى.شۇنچە ئۇسساپ كەتكەندىمەن .ئاستا يەرگە چۈشتۈم .قەلبىنۇرغا چاپىنىمنى يىپىنچاقلاپ قويغاچ . ئۇنىڭ مەسۇم يۈزلىرىگە ،ساددا ۋە مۇلايىملىق چىقىپ تۇردىغان ئوماق تۇرقىغا قاراپ ،چىن دىلىمدىن سۆيۈندۈم .دۇنيادا ئادەمنىڭ ھەر خىل دوستلىرى بولىدۇ ،سىرداشلىرى بىرنەچىىلا .بەلكىم ئوخشاش قىسمەت ئوخشىمىغان كىشىلەرنى بىر يەرگە يىغسا كىرەك،قەلبىنۇر ئىككىمىز ئوخشاش قىسمەتداشلاردىن ئىدۇق ،دىرىزە ئالدىدا ئۆزۈمنى سوغۇق شامالغا تۇتۇپ ئۇزاق تۇردۇم.شۇ گۈزەل ئايغا ،جىمىرلاۋاتقان بەكمۇ كىچىك ئەمما شۇنچە چىرايلىق يۇلتۇزلارغا قاراپ نىمىلەرنى ئويلىدىمكىن ،ئۆپكەم ئۆرىلىپ كۆزلىرىم ياشلاندى.جاپاكەش دادام،مەندىن ۋايىم يەپلا تۇردىغان ئانام ،بەخىتسىز دوستۇم ئامىنە ،ئاينۇر ،گۈلسۈم ،ئايشەملەر بىر بىرلەپ ماڭا قاراپ ئۆتۈپ كەتتى .پەقەت بىر سىمالا كۆز ئالدىمدا،ئاشۇ گۈزەل ئايدا ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇرىدۇ،يەنە شۇ مىھىرلىك كۆزلەر ،گۈزەل كۈلكە ئاۋازى...
مەكتەپكە قايتىپ كەلگىنىمدە ، بىز ئۈچۈن ئەڭ سۆيۈملۈك يەرنىڭ يەنىلا مەكتەپ ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم .نۇرغۇن مەن تونۇيدىغان تونۇمايدىغان تونۇش-ناتۇنۇشلارنىڭ ھەممىسى مەندىن ئەھۋالىمنىڭ قانداقلىقىنى ،دوختۇرخانىغا بارالمىغانلىقىنى،ئاللا قانداقتۇر ئىمتىھانلار بىلەن يوقلىيالمىغانلىقىنى ئىيتىشىپ ئۆزرە سورۇشۇپ كىتىدۇ.تىخى ئەركىلتىش كىتىشلىرنى دىمەيلا قوياي .ئاشۇ بىغۇبار كۆزلەرگە ،تەبەسسۇم يىغىم تۇرغان يۈزلەرگە قاراپ بۇ توقۇلمىلارغا ئىشەنگۈڭ كەلمىسىمۇ ئامال يوق(چۈنكى بۇ ماۋسۇم ئوتتۇرلىرى ئىدى).ھازىرقى دەۋىرنىڭ ياشلىرى ،بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرنى بوش چاغلىغىلى بولمايدۇ.ئۇلار مەكتەپ ھاياتىدىلا پىشىپ يىتىلىپ ،جەمىيەتكە چىققاندا قانداق ئادەملەرگە،قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىشىدىن ئۆتكۈزۈپ بولىشىدۇ...ئالدىنقى قىتىم يىقىلىپ چۈشكەن پەشتاقنى تازا تىللاپتىمەن ،بىشىنى يەيدىغان شۇنچە كۈنلەر كارۋاتتىن چۈشمەي مۇردىدەك يىتىپ ، يەنە بىرمۇنچە زىيان...
        مەيلى خۇشال شادىمان چاغلار بولسۇن،ياكى يالغۇز پىنھانلاردا ئاچچىق ياش تۆكۈشلەر بولسۇن ،ۋاقىتنىڭ ئىنسانغا بىرىدىغىنى پەقەت ئەسلىمىدىنلا ئىبارەت خالاس.بىر چاغلاردا ئايرىلماي يۈرگەن بەخىتلىك بىر جۈپلەرنى كۆرگىنىڭدە ،ھىچ ئىككىلەنمەي ئۇلارغا بەخىتتىن تون پىچىسەنۇ ،يىراق ئۆتمۈشتىن كىيىن ئۇلارغا قاراپ ئۆز بەختىڭگە قاراپ شۇكرى ئىيتىسەن .يىڭىلا تۈرمىدىن چىققان ،ھىچقانداق گۇناھسىز دەپ قويىۋەتكەن دىلمۇراتقا ،ۋە ئۇنىڭ كاتباش دادىسىغا ھەيران قالغىنىڭدا ،كوچا بىشىدىكى بىچچارە تىلەمچىلەرنىڭ كۆرىۋاتقان كۈنلىرىدىن ھەيران قالمىساڭمۇ بولىدۇ .ۋاقىت ئەنە شۇنداق ئۇچقۇر نەرسە ،ئۇ ئىنسان ھاياتىدىكى ھەممە-ھەممىنىڭ ئەڭ ئادىل گۇۋاھچىسى ئادىل سودىيەسىدۇر.كۈز ئايلىرىنىڭ باشلىرىدىلا  مەكتەپتىكى دەرەخلەرمۇ بارا-بارا سارغىيىشقا ،غازاڭ يوپۇرماقلارمۇ تۆكۈلۈشكە باشلىدى ،كۈز شامىلى دولىنى قورۇيتتى ،چاپىنىمنىڭ ياقىسى ئۆردىگەچ ،چىچىمنى ئارقىمغا تاشلىدىم.قەدەملىرىمنى تىزلىتىپ مەن ئەڭ ئامراق ئورۇنغا قاراپ ماڭدىم .مەكتەپ ئۇنچە بەك چوڭ ئەمەس بولسىمۇ شۇنچە يىشىلچىلىق ،قەيەرگە قارىساڭ دەل-دەرەخ،يىشىل چىملىقلار.قولۇمدىكى كىتابىمنى ئوقۇشقا باشلىدىم .«..تۈنۈگۈنكى بۈگۈننىڭ ئەتىسى بولمىغاندەك ،بۈگۈنكى تۈنۈگۈننىڭمۇ ئەتىسى بولمايدۇ..»قانچە قىتىم قايتا-قايتىلاپ ئوقۇپ ئاران چۈشەندىم.كاللام قۇپقۇرۇق يەنە شۇ كۈلكە ئاۋازى ،يىنىمدا پەرۋانە بولۇپ يۈردىغان يىقىن دوستلۇرۇم ،يەنە شۇ گۈزەل سىما .ئۇنى شۇنچە ئۇنتۇشقا تىرىشساممۇ ئەس -يادىم پەقەت شۇنىڭدىلا ،شۇنداق بىر قۇدىرىتىم بولسا ،ئۇنى يىراق -يىراقلارغا تاشلىۋەتسەم ،ئىككىنجى كۆرمىسەم دەپ ئويلايمەن. مەن ئۆزۈمنى ئەيىپلىمەيمەن ،ھەم گۇناھكار ئەمەسمەن ،لىكىن...
        ياتاقداشلىرىم ئاللا بۇرۇن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ،پەقەت بىر نەچچىمىزلا يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش ئۈچۈن قىپقالدۇق.يىڭى ياتاقداشلىرىممۇ يامان ئەمەس.لىكىن نىمىشقىكىن ئۇلارنىڭ شۇنچە قىزغىن مۇئامىلسىگە ،سوغۇق كۈلكەم ،تاققا-تۇققا بەرگەن جاۋابىلىرىم ئۇلارنىمۇ زىرىكتۈرگەن بولسا كىرەك ،ئوشۇق گەپ قىلمايدۇ..خىياللىرىم ھەر ۋاقىت دوستلۇرۇم بىلەن ،ئاينۇرنىڭ چىرايلىق كۈلكىسى ،مىھرىباننىڭ ئاچچىق ئەمما-دانا نەسىھەتلىرى،گۈلسۈمنىڭ گۆدەك قىلىقلىرى ،سىنپىمىزدىكى شوخ يىگىتلەر ،يەنە مەن ئەڭ ئامراق ،بىراق مەڭگۈ ئىتراپ قىلمايدىغان ئۇ ۋە ئۇنىڭ كۈلكىسى ماڭا ھەمراھ.توي باغىقىنى قولۇمغا ئالغىنىمدا ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ كەينىدىكى ئايشەم دىگەن خەتكە  ئۇزاق قاراپ تۇردۇم .ئاندىن پۇرلاپ -پۇرلاپ يەرگە ئاتتىم .ئاغرىپ قالغاننى باھانى قىلىپ يۇرتۇمغا  كىتىپ ئۆيدە بىكار تۇرغىچە تاللا بازىرىدا ئىشلىدىم ...كۈنلىرىم پەقەت ئانچىكى  ئىشلار  بىلەنلا ئۆتەتتى ،ئۇنىڭدىن باشقا ھىچنىمىنى ئويلىمايتتىم...ھارغان پۇتلىرىمنى تەستە يۆتكەپ ئۆيگە كىتىپ بارىمەن ،باھارنىڭ ئىزغىرىن شامىلى چاچلىرىمنى چۇۋۇپ ،كۆڭلىكىمنى كۆپتىرەتتى .ياندىكى كوچىغا بۇرۇلغىنىمدا كەينىمدىن بىرسىنىڭ ئىز بىسىپ كىلۋاتقىنىنى كۆرۈپ قالدىم..
     -ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم
      25 ياشلار چامىسىدا بىر ئويچان يىگىت كۈلۈپ تۇراتتى
     -ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،ئەندىكتىم
     -سىز مىنى تونىمايسىز ،لىكىن مەن سىزنى تونۇيمەن ،خالىسىڭىز ئىككىمىز تونۇشۇپ قالساق؟
     خىلى بىر يەرلەرگىچە ئارقىمدىن ئەگىشىپ ماڭدى .
     -قارىسام شۇنداق ئىسسق كۆرۈندىڭىز ،بىردەم مۇڭدىشىپ كەلسەك قانداق دەيسىز ؟
     -كەچۈرۈڭ ،مىنىڭ تونۇشقۇم يوق ،ھەم بىرسىنىمۇ كۆڭلۈم خالىمايدۇ..يالغان ئىيتىۋاتقانلىقمنى بۈلۈپ تۇرساممۇ ،يەنە زورىغا كۈلۈپ قويدۇم .
يىگىت بىردەم ماڭا قاراپ تۇرغاندىن كىيىن ،ئاستا بۇرۇلۇپ كەتتى ،نىمىشقىكىن ئۇنىڭ قارىسى يۈتكىچە قاراپ تۇردۇم .تۇرۇپلا يىغلىم كەلدى ، نىمىشقا ئادەملەر بۇنچە بەخىتسىزدۇر؟ نىمە ئۈچۈن ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشىلىرى  بىلەن بىر ئۆمۈر بىللە بولالمايدىغاندۇر...؟كوچا بىشىدىكى چىراغمۇ ماڭا ئوخشاش شۇنچە بەخىتسىزمىدۇ ؟ ئۇمۇ بىراۋلارنى سىغىنامدىغاندۇر....ئاشۇ كۈنلەرنى قانداق ئۆتكۈزگىنىمگە ،ھىلىمۇ ھازىر ھايات تۇرغىنىمغا ئەقلىم يەتمەيدۇ.ئادەم بەك كۆتىرەشلىك كىلىدىكەن ،ئۆزۈمنى شۇنچە قەيسەر ھىس قىلاتتىميۇ ،لىكىن ھەر كۈنى كەچلەردە ئۇزۇنغىچە يىغلاپ چىقاتتىم.
ئوخشاش ئىسىملىك دوستلىرىمىنىڭ نەچچە  باغىقى قولۇمدا.بىراق كۆزلىرىم ھەرۋاقىت يەنە شۇ ئىسىمنى ئىزدەيدۇ.مەن يىغلىمايمەن .شۇنچىلىك قەيسەر بولۇپ كەتتىممىكىن ياكى كۆز ياشلىرىم قۇرۇپ تۈگىدىمىكىن يىغلاپ باقمىدىم..يىقىندا ئايشەمنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىدىم ،ئىچىمدە ئۈنسىز دۇئا قىلدىم ،بىر كۈن كەچكىچە خارامۇش يۈرگەن بولساممۇ ،ئەتىسى تىزلا ئۇنتۇپ كەتتىم.
        ئاتا -ئانامنىڭ شۇنچە يالۋۇرۇشلىرىغا ئاخىرى ماقۇل بولدۇم .بىز بىر ئاددىيلا تاماقخانىدا كۆرۈشتۇق .ئۇ مىنىڭ نىمىش قىلدىغىنىمنى،نىمىگە قىزىقىدىغانلىقىمنى ئۇنچە-مۇنچە سوراپ قويۇپ ئۆزىنىڭ گىپىگە چۈشۈپ كەتتى .ئۆيدىكىلەر جاۋابىمنى ئاڭلاپ شۇنچە خۇشال بولۇشتى.كىچىكىمىزدە دائىم بىللە ئوينايدىغان بىر بۇلاق بولۇپ بىز ئۇنى قۇم بۇلاق دەيتۇق،شۇنچە بۈك -باراقسان دەل-دەرەخلەر ئىچىدىن بىر كىچىككىنە دەرەخكە شۇنچە ئامراقتىمىتىمكىن كىچىككىنە چىلىكىمنى كۆتۈرۈپ كۈندە سۇ قۇيۇپ چىقاتتىم ،مەھەللىدىكىلەر مىنىڭ ئىشچان ،پاكىزلىقىمدىن سۆيۈنەتتى.ناشتىلىقىمنى قىلىپلا بۇلاق بىشىغا ماڭدىم .شۇنچە ئىزدەپ تاپالمىغىنىمغا،ئەتراپتىكى كەڭرى كەتكەن ئاسفالىت يول،قاتار-قاتار سىلىنغان يىڭى ئۆيلەرگە ،جىغان بىلەن چىتلاپ يىڭىلا قويۇلغان كۆتمەك ئارچا ۋە قىيان دەرەخلىرىگە قاراپ ئىشەنگىم كەلمەيتتى.خۇداغا شۈكرى،نىيتىمگە يارىشا مىنىڭ دەرىخىم ،بىردىنبىر سىردىشىم بولغان ھىلىقى دەرەخ تىخىچە ئۆز ئورنىداباركەن .گەرچە بۇرۇنقىدەك ياپيىشىل ھەم بىجىرىم بولمىسىمۇ، لىكىن يەنىلا بۇ ئاقچىلىقتا كۆكىرىپ تۇراتتى .قوللىرىمدا ئۇنىڭ يىرىك غوللىرىنى ،ياپراقلىرىنى سىلىدىم.يىقىندا ئۇنىڭىدىن تاپشۇرۋالغان خەتنى ،كونۋىرت ئىچىدىكى ئۇنىڭ ۋە قىزىنىڭ سۈرىتىگە  كۆزۈم تالغۇچە قاراپ تۇردۇم . ئۇ دىگەندەك بەلكىم ئۆز بەختىمنى بۇنداقلا دوغا تىكمەسلىكىم ،پۈتۈنلەي ناتونۇش بولغان مەندىن خىلىلا  چوڭ بولغان بىرسىگە ياتلىق بولماسلىقىم كىرەكتۇ.خەتنىڭ ئاخىردا مۈمكىن بولسا قىزىغا ئانا  بولىشىمنى ئۈمۈد قىلدىغانلىقىنى  ،يەنە مەندىن ئاشۇ كۈندىكى ئىشلارنى دەپ ۋاز كەچكىنىدىن  كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى ،چوقۇم جاۋاپ خەت يىزىشىمنى ،خىتىمنى ساقلايدىغانلىقىنى يىزىپتۇ ..ئاددىيلا يىزىلغان  3  بەت خەتنى  قايتا قايتا ئوقۇدۇم .ئايشەمنى ۋە ئۇنىڭ مەن ئۈچۈن قىلغان بارلىق ئىشلىرىنى كەچۈردۈم.ئىچىمدە ئۆزۈمگە شۇنچىلىك ئۆچ بولدۇمكى ،قولۇمدىكى خەتنى ئەمەس ،ئۆزۈمنى پارچە-پارچە يىرتىپ يىراق -يىراقلارغا ئاتقىم كىلەتتى .ئىچ-ئىچىمدىن چىقىۋاتقان پىغاننى،بارلىق ئازاپلىرىمنى ئۇنىڭغا تۆكتۈم .خىلىلا يىنىكلەپ  قالغىنىمدا ،ھاياتىمدىكى نۇرغۇن سۇئاللىرىمغا جاۋاپ تاپقاندەك بولدۇم ...
ئەتە توي ،ئاپام-داداملار شۇنچە خۇشال .ئەينەكتىكى ئۆزۈمگە قاراپ ئىغىر خورسۇنۇپ قويدۇم.بىر چاغلاردىكى سۈزۈك چىراي ،كۈلۈپ تۇرغان كۆزلەر ...بۈگۈن يىغلىدىم،ئاناممۇ ماڭا قوشۇلۇپ يىغلىدى.ئۆزىنىڭ بۇ توينى زورلاپ قويغىنىدىن ،مىنىڭ توي قىلغىم يوقلىقىنى بۈلۈپ مەندىن ئەنسىرگىنىنى،دادام بىلەن سوقۇشقىنىنى يەنە نۇرغۇن -نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلەكلەرنى ئىيتىپ ياش تۆكتى .ئەگەر پەقەتلا خالىمىسام ،بۇ توينىمۇ قىلمايدىغىنىمىزنى ،دادامغا ئارا تۇرۇپ ،بارچە بالانى ئۆزى كۆتىردىغىنىنى ئىيتتى.ئانا دىگەن شۇنداق ئۇلۇغ ئىنسان ،ھەر ۋاقىت بالىىلىرى ئۈچۈن ئۆزىدىن ھىچنىمىنى ئايىمايدۇ..ئىسىمنى بۈلگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە ،دادام بىلەن ئانامنىڭ بىرەر قىتىم چىرايلىقچە ئولتۇرۇپ ،كۈلۈشۈپ پاراڭلاشقىنىنى ئۇقمايمەن .ئانام بىلەن داداممۇ بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يىمەيتتى .ھەم ئەزەلدىن دادامنىڭ يامان گىپىنى قىلمايتتى ،يىللاپ يىللاپ يىڭى كىيىممۇ كىيمەيتتى ...دادام -ئاناملا رازى بولسا ،مەن نىمە بولسام مەيلى دەپ پىچىرلىدىم .
       ئانام ئەزەلدىن مىنى چىرايلىق دەيدۇ ،مەھەللىدىكىلەرمۇ قىزلىرىنى ماڭا ئوخشاش چوڭ بولسا دەپ ئويلىشىدۇ،ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مەن مەڭگۈ گۈزەل مەلىكە ،مەڭگۈ بەخىتلىك قىز...
       كىچىچە چىققان شامال،بورانغا ئۆزگەردى،ئارقىدىن شارقىراپ يامغۇر ياغدى.خوشنىمىز تۇرسۇنگۈل يىگىت قىژماق يەپ قالغان چىغى دەپ بىر چاغقىچە كۈلدى ،مەنمۇ كۈلۈپ قويدۇم.ئۆزۈم يالغۇز دىرىزە سىرتىدىكى ھەربىر تامچە يامغۇرغا،ئۇنىڭ ئاشۇ مەڭگۈۈلۈك گۈزەل ئاۋازىغا مۇڭلىنىپ ئولتۇردۇم.كۆزلىرىمدە يەنە ياش ،ئاسىي كۆزۈم ،مەن ئۈچۈن ئەڭ ئۆچ كۆزلۈرۈم ،مەن چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرگەن ،پۈتكۈل ھاياتىمدىكى بىردىنبىر قەلىب خانەمگە كىرەلىگەن ،ۋۇجۇدۇمنى ئىشىق پىراقىدا كۆيدۈرۈپ كۈل قىلغان، پەقەت ئۇنىڭ ئۈچۈنلا ياش تۆككەن كۆزلىرىم يەنە ياشلاندى .يەڭگىلىرىم دوستلۇرۇم  ئۆيدىكىلەرگە چىدىماي يىغلاۋاتىدۇ دەپ پىچىرلاپ قىلىشتى .
       مەن ئاۋۋال ئانامغا ،ئاندىن قولۇمدىكى ئاددىيغىنە ئۈزۈككە،دىرىزە سىرتىدىكى يامغۇرغا قارىدىم .ئانام يەنە يىغلىدى ،مەن كۆزلىرىمنى يۇمىۋالدىم.....
بۇنىڭدىن  ئامرىكا مائارىپى بىلەن جۇڭگو مائارىپىنىڭ پەرقىنى ئاز بولسىمۇ ھېس قىلغانسىز ؟

[audio]http://play.baidu.com/?__m=mboxCtrl.playSong&__a=56253055&__o=/search||songListIcon&fr=ps||www.baidu.com#loaded[/audio]
پىنھان
18-ئاپرىل
شەھرى دالىيەن
باغداشقا خاس رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ!

باش

4

تېما

1

دوست

1475

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   47.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16349
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 434
توردىكى ۋاقتى: 146
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-24 03:06:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز ئۆزىڭىزنى سۆيسىڭىز ، ئۆزىڭىزگە ئىشەنسىڭىزلا دۇنيادا سىزدەك چىرايلىق ئادەم يوق.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )