قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2363|ئىنكاس: 6

موسسولىننىڭ كۆيئوغلى كىئانو

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

1

دوست

617

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   23.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23463
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 180
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 21:56:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nadram تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-25 22:04  

بەلكىم ناھايتى كۆپ كىشىلەر 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئەڭ كونا فاشىسىت – ئىتالىيە فاشىزىمىنىڭ تىرىلدۈرگۈچىسى بېنتو موسسولىننى بېلىشى مۇمكىن، بىراق نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ كۆيئوغلى ، سابىق فاشىسىتىك ئىتالىيە دېپلوماتىيە ۋەزىرى گىراف گاليازو كىئانونى بىلمەسلىكى مۇمكىن.ھەممەيلەنگە مەلۇمكى -ھاكىميەت باشقۇرۇشتا دېپلۇماتىيە كەم بولسا بولمايدىغان بىر باشقۇرۇش چارىسى، موسسولىننىڭ گېتلىر بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشى،ياپونيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشى،ئوق مەركىزى دۆلەتلىرى قۇرۇلۇشى ۋە باشقادۆلەتلەر بىلەن سودا-ئالاقە،ھەربى ئالاقە،سىياسى ئالاقىلەرنىڭ ھەممىسىدە مانا مۇشۇمۇھىم شەخىس-كىيانو ئۇنىڭ مۇھىم پىچىكىلىق رولىنى ئوينىغان. ئۇنداقتا كۆپچىلىكىنىڭ دىققىتىنى ئاغدۇرۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
     گالىزو كىيانو(GaleazzoCiano) ، 1903-يىلى3-ئاينىڭ 18-كۈنى تۇغۇلۇپ ،1944-يىلى1-ئاينىڭ11-كۈنى ناتسېسىت فېئورېرىنىڭ بېسىمى بىلەن موسسولىننىڭ جازا ئەتىرتى ئونىڭغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن  .  ئۇنى ڭتۇغۇلغان ئائىلىسى ئاقسۆڭەك ئائىلىسى بۇلۇپ ، دادىسى گىراف ئىدى. ئۇنىڭغىمۇ گىرافلىق ئۇنۋانى بىرىلگەن. ئۇ ئىلگىرى فاشىسىتلار پارتىيسىنىڭ مۇدىريەت ئەزاسى،ئىتالىيە پادىشاھلىقنىڭ ئۇچۇر ۋە تەشۋىقات ۋەزىرى بولغان. ئۇنىڭ دادىسى موسسلىننىڭ يىقىن مۇرىتى بۇلۇپ، رىمغا قوشۇن كىرگۈزۈشكە قاتناشقان.كىيىن موسسولىننىڭ ئىزباسارىغا سايلىنىپ،قاتناش ۋەزىرى ۋە پارلامىنىت باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. بۇنداق كاتتا بايلىق ۋە ئالاھىدە يىقىن مۇناسىۋەت كىيانونىڭ ناھايتى تېزلىكتە ئۆسۈشىگە شوتا بولغان.1925-يىلى كىيانو رىم ئونۋېرسىتتىنىڭ قانۇن فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن،ئىشنى خەۋەردىن باشلىغان.شۇ يىلى يەنە ئىتالىيە دېپلۇماتىيە ۋازارتىگە ئىشقا چۈشكەن.1930-يىلغىچە قەدەر بېيپىڭ(ھازىرقى بېيجىڭ)قاتارلىق جايلاردىكى ئەلچىخانىلاردا ئىشلىگەن. جوڭگودىكى ۋاقىتتا كىيانونىڭ بېشىغا ئامەت قۇشى قۇنۇپ،موسسولىنننىڭ ئامراق قىزى ئېيدا بىلەن تۇنۇشۇپ،1930-يىلى توي قىلغان. شۇندىن باشلاپ ئۇنىڭ ئامىتى ئوڭدىن كىلىشنى باشلىغان. شۇندىن كىيىنلا شاڭخەيدىكى تۇرۇشلۇق ئىتالىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ئەلچىلىكىگە ،ئاندىن ئىتالىيەپادىشاھلىقىنىڭ جوڭگودىكى باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەنگەن.
     1934-يىلدىن باشلاپ كىيانو ئىتالىيە نەشىريات ئىدارسىنىڭ باشلىقلىقىغا،ئارقىدىن موسسولىننىڭ ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇدېرلىقىغا تەيىنلەنگەن .1935-يىلى فاشىسىتىك ئىتالىيەپادىشاھلىقنىڭ ئۇچۇر ۋە تەشۋىقات ۋەزىرى بولغان.1936-يىلى دېپلوماتىيە ۋەزىرى بولۇپ تەيىنلەنگەن. شۇندىن باشلاپ فاشىستىك ئىتالىيىنىڭ تاشقى ئىشلىرى، ئىچىكى ئىشلار ،پارتىيە خىزمىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممسىدە ئۇنىڭ سىماسى كۆرۈنۈشكە باشلاپ،مۇھىم شەخسكە ئايلانغان.ھەتتا ھەل قىلغۇچ قارارلارنى چىقارغان.ئۇنىڭ تەختكەچىققاندىن كىيىنكى بىرىنچى قىلغان كاتتا ئىشى ناتسېسىت گېرمانىيسى بىلەن ئىتتىپاقتۈزۈش بولغان.1936-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى كىيانو ناتسېسىت گېرمانىيسىنىڭ دېپلوماتىيەمىنىستىرى نېرانىت بىلەن كىلىشىم ئىمزالاپ،بېرلىن-رىم ئوق مەركىزنى قۇرغان.لىكىن كىيانو كۆڭلىدە ناتسېسىت گېرمانىيسىگە ئىشەنمەيتتى. ئۇ ناتسېسىت گېرمانىيسىگەبېقىنىشنىڭ ،ھايات-ماماتتا بىللە بۇلۇشنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق دەپ قارايتتى.شۇڭابۇ كىلشىمنى ئىمزالاشنى بىر يىلدىن ئارتۇق سۆرىگەن.بىراق موسسولىننىڭ قاتتىق تۇرۋېلىشى بىلەن 1939-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى رېبىنتۇرۇپ بىلەن تۆمۈر ئىتتىپاقداشلىق شەرتنامىسىنى ئىمزالىغان. ئۇ ھامان فاشىزىمنىڭ مەغلۇپ بولدىغانلىقىنى تۇنۇپ يەتكەچكە ،گېتلىر ئاۋېستىريىنى يۈتۋالغاندىن كىيىن،ئۇگېتلىرىنىڭ كېڭەيمىچىلىكىنىڭ ئىتالىيىگە ئەپ كېلىدىغان زىينىنى تونۇپ يېتىپ،  رېبىنتۇرۇپ بىلەن سۆھبەتتە ئۇرۇشنى تىلغائالمىغان. ئونىڭ قاتتىق تۇرۋېلىشى بىلەن موسسولىنى گېتلىر بىلەن قوشۇن چىقىرىپ بىللە ئۇرۇش قىلشنى خالىمىغان.كىيىن موسسولىن ئۇنى يۇقىرى قاتلام –ئىچكى كابىنىتقائەپكىرىپ ، زور بىر قىسىم ئەمەلدارلارنى ئونىڭ پىكىرى بويچە ئالماشتۇرغان. بۇنىڭ بىلەن ئىتالىيدە كىيانو دەۋرى بارلىققا كەلگەن.كىيىن موسسولىن گېتلىر بىلەن بىللەقوشۇن چىقىرىپ ئىتتىپاقداشلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.مانا مۇشۇ چاغدىن باشلاپ كېيانونىڭ ئىديىسىدە ئۆزگېرىش تېخمۇكۈچەيگەن.گېتلىر ۋە رېبىنتىروپنىڭ يالغانچىلىقى،گېرمانىيە ئارمىيسىنىڭ ئۆكتەم-ھاكاۋۇرلىقى،باشقىلارنى كۆزگە ئىلماسلىقى ئۇنىڭ تېخمۇ ئوغسىنى قايناتقان.يەنە كېلىپ ئىتالىيىدىكى پادىشاھ ، ئاقسۆڭەكلەر،دوكار بايلار ۋە فاشىسىت پارتىيسىنىڭ يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلىرى موسسولىننىڭ گېرمانىيگە  بېقىنىش سىياسىتىگە قارشى تۇرۇپ،ئەنگېلىيە-ئامىرىكا بىلەن يېقىنلىششقا باشلىغان.يەنە كىلىپ ئۇرۇش ۋەزيىتىنىڭ ناچارلىشىشىغا ئەگشىپ ئارمىينىڭ ئىچكى قىسىمىدىمۇ تەۋرىنىش كۆرۈلگەن.بۇلارنىڭ ھەممىسى ئونىڭغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن.بۇنىڭ بىلەن ئۇ بارا-بارا موسسولىندىن يىراقلىشىشقا باشلىغان. موسسولىن بۇنى سىېزىپ ئونىڭغا قاتتىق ۋاستە قوللىنىپ ،ئونى ۋەزىپىسدىن قالدۇرۇپ ،باش ئەلچىلىككە تەيىلىگەن.1943-يىلى 7-ئاينىڭ باشلىرىدائىتتىپاقداشلار ئارمىيسى سېتسېليە ۋە ناپلىسقا كىرگەندىن كىيىن ، فاشىستلارپارتىيسىدە ئۇچۇق ھالدا موسسولىنغا قارشى تۇرۇش شەكللەنگەن. 1943-يىلى 7-ئاينىڭ24-كۈنى فاشىستلار پارتىيسىدە جىددى يىغىن ئېچىلىپ ،يىغىندا مۇسسولىنىغا تۇشمۇ-تۇش ھۇجۇم قىلىپ، موسسولىنىدىن 1938-يىلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئاساسى قانۇننى ئەسلىگەكەلتۈرۈش،ھەربى ھوقوقنى پادىشاھقا قايتۇرۇپ بىرشنى تەلەپ قىلغان.ئەمەليەتتە بولساموسسولىندىن ھوقوقىنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. ئاندىن بىلەت تاشلاپ قارارقىلماقچى بولغان . كىيانو بىلەت تاشلاشتا موسسولىنغا قارشى بىلەت تاشلىغان.شۇنىڭ  بىلەن موسسولىننىڭ ھۆكۈمرانلىق دەۋرى ئاخىرلاشقان.ئارقىدىن ئىتالىيە پادىشاھى موسسولىننى قولغا ئېلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ،قولغا ئالغان . گېتلىر بۇنى ئاڭلاپ موسسولىننى قۇتقۇزۇپ ،كىيانودىن ھېساپ ئالماقچى بولغان . ئىتالىيە پادىشاھى فاشىسىتلارنىڭ ئەنزىسىنى تەكشۈرمەكچى بولغاندا ،گېتلىر ئۇنىڭغا ياردەم بىرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ، ئۇنى ئىسپانىيگە يولغاسېلىپ قويدىغانلىقىغا ئىشەندۈرگەن . كىيانو گېرمانىيگە كەلگەندىن كىيىن ئونى قولغائالغان . كىيىن گېتلىرنىڭ ياردىمى ئاستىدا قۇرۇلغان، موسسولىن قورچاق ھاكىميىتى ئۇنىغا گېتلىرنىڭ بېسىمى بىلەن <<ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش جىنايتى>>بىلەن ئۆلۈم جازاسى بەرگەن.
(دەپ ئۆتۈشكە تىگىشلىك ئىش شۇكى، موسسولىن ھاكىميەت بېشىغا چىققاندا ، ئىتالىيىدە پادىشاھلىق تۈزۈم بار بولۇپ،موسسولىن باش ۋەزىر ئىدى).

45

تېما

2

دوست

7817

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   56.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6560
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 721
تۆھپە : 2019
توردىكى ۋاقتى: 498
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-26 17:03:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ھە مەن بۇ ۋەقەلەرنى بۇرۇن ئاڭلىمىغان ئىكەنمەن. گىتلىرنىڭ مەغلۇبىيىتى 43- يىلىدىن باشلانغان. ئەمما بۇ ۋاقىتتا گىتلىرىنىڭ ئىتالىيەدىكى تەسىرى يەنىلا كۈچلۈك ئىكەن- دە.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭى

3

تېما

8

دوست

7589

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   51.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12516
يازما سانى: 649
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 609
تۆھپە : 1885
توردىكى ۋاقتى: 332
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-27 12:28:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت

0

تېما

0

دوست

200

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   66.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29089
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 58
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-28 04:37:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە مەن بۇ ۋەقەلەرنى بۇرۇن ئاڭلىمىغان ئىكەنمەن

0

تېما

0

دوست

1577

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   57.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26873
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 472
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-28 14:07:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقىقەتەن جىقىمىز بىلمەيدىغان ئىشلار   ئىكەن

0

تېما

36

دوست

2910

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24884
يازما سانى: 328
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -5
تۆھپە : 844
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-28 15:06:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاڭلىمىغان تارىخكەن بۇ ، ئىتالىيەمۇ شۇ زامانلاردا پادىشاھلىق تۇزۇمدىكەندە ، قانداقلا بولمىسۇن مۇسۇلىن پادىشاھقا يەنىلا سادىقكەن خۇددى ياپۇنلار پادىشاھىغا سادىق بولغانغا ئوخشاش ، لىكىن ياۋرۇپالىقلارغا ۋە شەرقى - جەنۇبى ئاسىيالىقلارغا قارىغاندا مۇسۇلمانلارنىڭ ۋە تۇركى قەۋىملەرنىڭ پادىشاھلىرىغا بولغان سادىقلىق يوق دىيەرلىككەن
شۇنىڭ ئۇچۇنمۇ ئۇلاردا باشلامچى يوق مەركەزلىك ئىتائەت قىلىش يوق بولغاچقا قاچانلا ، قەيەردە بولسۇن ئىختىلاپ ، مەزھەبچىلىك ، ئىتتىپاقسىزلىق مەۋجۇدكەن ، بەلكىم بۇلارنىڭ
بۇ پاجىئەسى ئوز پادىشاھلىرىنى مەجبۇرى تەخىتتىن چۇشۇرگەنلىكدىن ۋە ئولتۇرگەنلىكىدىن بولسا كىرەك .

0

تېما

0

دوست

199

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   66.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27502
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 46
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-30 18:13:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )