جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ساپاسى ئەزەلدىن يوقىرى بولۇپ باقمىغان جاڭ شيەنلىياڭ
مېنىڭچە ،جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ساپاسى ئەزەلدىن يوقىرى بولۇپ باقمىغان ! بۈگۈن جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ ئالاقىسى بارغانسىرى قويۇقلىشىۋاتىدۇكى ،يەرشارىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى«يەرشارى كەنتى دەۋرىگە كىرىدى .جۇڭگولۇقلار چەت ئەللىكلەر بىلەن بىلەن باردى كەلدى قىلىش جەريانىدا بولۇپمۇ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر بىلەن باردى ـ كەلدى قىلىش جەريانىدا ، بىر مۇنچە دۆلەتتىكى پۇقرالارنىڭ ساپاسىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ ئۆزىمىزدە مەسىلىنىڭ خېلىلا ئېغىرلىقىنى ھېس قىلىمىز ،ئەمما نەزىرىمىزنى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرگە تاشلاپ ،تىرناق ئاستىدىن يەنە كىر ئىزدىسەك ،،بىرمۇنچە دۆلەتتىكى پۇقرالارنىڭ ساپاسىنىڭ بىزنىڭ بۇ كاتتا دۆلەتنىڭكىدىنمۇ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى بايقايمىز .ھالبۇكى،ئۇلار پۇقرالار ساپاسىنىڭ ناچار بولىشى گۈزەللىككە ئانچە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ ،دىگەندەك قىلىپ ھەرجەھەتتىن يەنىلا داۋاملىق تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ .ھەر قانچە تەرەققىي قىلغان قىلغان دۆلەت بولغان تەقدىردىمۇ پۇقرالىرىنىڭ ئىچىدە ھەرخىل ئادەملىرى بار ،ياخشىلىرى بىلەن يامانلىرى ئارلىشىپ كەتكەن ،ياخشىلىرى بەك ياخشى ،ئوساللىرى جۇڭگولۇق ئەسكىلەردىنمۇ رەزىل ۋە ۋەھشىي ،يەنە ساختىپەزلىرىمۇ ئاز ئەمەس ،ئىلمىي ئۆلچەشلەرگە قارىغاندا ،غەرىپلىكلەرنىڭ پىسخىكا بەرداشلىق بىرىش كۈچى شەرىقنىڭكىدىن ئومومى يۈزلۈك ئاجىز ئىكەن .بۇ،غەرىپلىكلەرنىڭ ساپاسىدىكى تۇغما كەمتۈكلۈك بولۇپ ئۇنى ئوڭشىغىلىمۇ بولمايدىكەن .ئەلۋەتتە ،بۇنداق دىيىشىم ھەرگىز جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ساپاسىدە مەسىلە بار دىگەن ھۆكۈمگە قوشۇلمايدىغانلىقىمدىن دېرەك بەرمەيدۇ. 1920-يىلى لۈشۈن ئەپەندىم «ئاQنىڭ ھەقىقىي تەرجىمىھالى »ئەسەردە بەدىئىي تىل بىلەن جۇڭگولۇقلارنىڭ مىللىي خارەكتىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ ،جۇڭگولۇقلاردىن قىلغان «ئەندىشە»سىنى ئىپادىلىگەنىدى .كىيىن بۇئەندىشە ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قاينىمىغا غەرىق بولۇپ كەتتى.گەرچە بۇ ئەسەرلەر ئالىملار تەرپىدىن ئەتىۋارلىنىپ تەتقىق قىلىنغان بولسىمۇ ،تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلام مىللىي خاراكتىر مەسىلىسى يەنىلا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالمىدى .چۈنكى ئەينى چاغدا بارلىق جوڭگولۇقلار بىر مەقسەت ، بىر نىيەتتە جەڭ مارشىنى توۋلاپ ،ياپونغا قارشى كۆرەشكە ئاتلانغانىدى .بۇنداق پەيىتتە كىممۇ «جۇڭگولۇقلاردا ئاQ روھى بار»دەپ قاپ يۈرەكلىك بىلەن ئېغىز ئاچالىسۇن ؟لېكىن جۇڭگودا بىكىنمە ھالەت بۇزۇپ تاشلانغان 1980-يىللارغا كەلگەندە تىنىچلىق ۋە كەڭرىچىك مۇھىتتا مىللىي خاراكتىر مەسىلىسنى مۇھاكىمە قىلىش ئىمكانىيتىنى تۇغۇلدى .ئالدى بىلەن ،بوياڭنىڭ «بەتبەشىرە جۇڭگولۇقلار»دىگەن كىتابى تارالغان چاغدا ئەدىبلەر ،ئالىملار ئارقا-ئارقىدىن بۇ مۇھاكىمىگە ئاۋاز قوشتى .بەزىلەر ھەتتا جۇڭگولۇقلارنى ئاقلىدى.ئىككى تەرەپنىڭ تىل ئۇرىشى بىر-بىرىگە يول بىرىشمەي خېلى داۋاملاشتى .كۆزۈم بىلەن كۆرگەن بىر ئىشنى تىلغا ئالسام ،1988-يىلى ليۇشىنۋۇ پارىژدا نۇتۇق سۆزلىگەندە ،سۆزىنىڭ بىشىدىلا جۇڭگو پۇقرالىرى ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكىدە توختىلىپ ،شۇ يەردىلا،فىرانسىيەدە تۇرىۋاتقان جۇڭگولۇقلارنىڭ ئېتىرازىنى قوزغاپ ،بىر قەپەس بوران چاپقۇن پەيدا قىلغانلىقىنى كۆرگەنىدىم .. بىريازغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە مەنمۇ خېلى بۇرۇنلا ئويلانغانىدىم .جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ساپاسغا كەلسەك ،دەرۋەقە ،قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە جۇڭگولۇقلاردا ھېچقانداق ئىلگىرلەش بولمىغاندەك بىر ھالەت ئادەمنى ئەندىشىگە سالماي قالمايدۇ ،بۈگۈنكى كۈنلۈكتە «غىزا مەدەنىيىتى » «ھاراق شاراپ مەدەنىيىتى »«جىنسىي ئالاقە مەدەنىيىتى » دەپ ئاتىۋالغان نەرسىلەر تولىسى ،ئېيتايلۇق ،غازنىڭ تاپىنىنى ،مايمۇننىڭ مىڭىسىنى تىرىك تۇرغۇزۇپ يىيىش ،راكنى تىرىكلا يۇتۇش قاتارلىقلاردىن تارتىپ يولۋاس،،ئالتۇن يايلىلىق مايمۇن ،تاغتېشەر ،تىرنىقىبەدەن ،مۇشۇك ئېيىق ،ئالا يۈزلۈك ۋىۋېررادەك كەم ئۇچرايدىغان ئەتىۋارلىق ھايۋانلارنى يىيىش ،يەنە مىسالەن ،مۇئەننەس ئارقىلىق مۇزەككەرنى كۈچلەندۈرۈش ،دورا يەپ بىر كېچىدىلا 12 ئايالغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق تولىسى ئادەم چىداپ تۇرغىلى بولمايدىغان ۋەھشىيلىكلەردۇر .مەسىلە شۇ يەردىكى ،بۇ خل قىلىقلارنى كونىلار قىلىپ قالماي ھازىرقىلارمۇ رەسمىي يوسۇندا «مەدەنىيەت »دىگەن نام بىلەن داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقىنىمىزدا .مانا بۇنىڭ ئۆزىلا بۈگۈنكى جۇڭگولۇقلار بىلەن قەدىمكى جۇڭگولۇقلار ئوتتۇرسىدىكى قىلچە پەرىق يوقلۇقىنى ،ھەتتا خېلى بەك چېكىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ . مەن خەن شاۋگۇنىڭ بىر نەسىرىنى ئوقۇغانىدىم .ئۇنىڭدا ياپۇن تاجاۋۇزچىلىرى خۇنەنگە بېسىپ كىرگەندە سەپتىن چۈشۈپ قالغان بىر يارىدار ياپۇن ئەسكىرىنىڭ دىڭگوسلاپ بىر كەنىتكە كىرىپ كەلگەنلىكى ،بۇ كەنىتتىكى نەچچە يۈز دېھقان بۇنى كۆرۈپ قورققىنىدىن تاغ ئىچىگە كىرۋالغانلىقى ،بىرەرسىمۇ ئادەمدىن نەچچىنى باشلاپ كېلىپ بۇقاراقچىنى بويسۇندۇرۇشنى ئويلاپمۇ باقمىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئاھ ئۇرۇلغانىدى .دەل شۇ ئىش يۈزبەرگەن خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ مەلۇم ناھىيەسىدە ياردار ياپۇن ئەسكىرىدىن قورقۇپ تاغقا قېچىپ كەتكەن دېھقانلارنىڭ 20 نەچچە يىلدىن كېيىنكى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا » «قارا بەش خىل» «قارا سەككىز خىل»غا تەۋە كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى قاتتىق «قىر-چاپ »قىلىپ ،بىر كېچىدىلا ئۆز جۇڭگولۇقىدىن مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ ،ئۆزلىرىنىڭ باتۇرلۇق ھەۋىسىنى قاندۇرغان .بۇ قىىرغىنچىلىق «سىياسىي ھەركەت » كە ئوخشاش ئىنتايىن تېز ئەۋج ئېلىپ ،دەرھال يېقىن ئۆپچۆرىدىكى يېزا ،ناھىيە دېھقانلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن .ئۇلار دەرھال يەڭلىرىنى شىمايلاپ ،ئاشۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ كاللىسىنى ئىلىشنى سىناپ بېقىشقا بىتاقەت بولۇشقان.پاھ، نېمىدىگەن باتۇرلۇق ـ ھە،بۇ! جۇڭگولۇقلار ھەرخىل ھايۋاننى يىيىشكە ئۇستا ،ئۇ قانچە قىممەت ،ئەتىۋارلىق ھايۋان بولسا ،شۇنچە يىگۈسى كېلىدۇ ،شۇ سەۋەپتىن «پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ گۈلتاجىسى » بولغان ئادەمنى يېيىشكىچە بېرىپ يەتكەن.جۇڭگو تارىخ نامىلىرىدا ئادەم يېيىش توغرىسىدا ئاللىبۇرۇنلا خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان.«كېيىنكى خەننامە » دىن تارتىپ«چىڭ سۇلالىسى تارىخى»غىچە ،ھەرقېتىم ئۇرۇش – يېغىلىق بولغاندا ئادەم گۆشى ئادەملەرنىڭ يېمەكلىكلىرىدىن بىرى بولغان .ھەتتا ئۇنىڭغا ئاڭلىماققا چىرايلىق تۇردىغان «ئىككى پۇتلۇق قوي» دىگەن ناممۇ بېرىلگەن «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا »جەريانىدا گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ بىر ناھىيەسىدە ئادەم گۆشى يىگۈچىلەر چىقىپ ،«قىچقارسا ئېتى .تۇتسا سېپى بار »ئادەمدىن بىرەر يۈزچىنى يىگەن .ئۇلار يىمەكچى بولغان ئادەمنى ئادەم دىمەي« جىن –شەيتانلار» دەپ ئاتىغان .بىر ئايال «ئىنقىلاپچى »ئۆزىنىڭ ئۈزۈل -كېسىل ئىنقىلاپچى ئىكەنلىكىنى كۆرسۈتۈپ قويۇش ئۈچۈن تېخى ئەركەك«جىن-شەيتان»لارنىڭ زەكىرىنى كېسىۋېلىپ يەپ ،ئىنقىلابىي تارىخى ۋە ئاياللار ھەركىتى تارىخىدا ئالاھىدە «مۆجىزە»ياراتقان . بۇ ئىككى ئىش ئەينى ۋاقىتتىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتىتنى ھەيران قالدۇرغان .پارتىيە مەركىزىي كومىتىت ھۆججەت چۈشۈرۈپ ۋە خىزمەت گۇرپىسى ئىۋەرتىپ بۇ تەتۈر شامالنى ئاران توسىغان ،بولمىسا «مانا ئۆلتۈردى دىگەن »،«يىيىشىڭنى بىل»بولۇپ كېتەتتىكەن . شۇ سەۋەپلەرگە كۆرە مەنمۇ ئاشۇرۋەتكەن ھالدا :«مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىي» قانچىلىك جۇڭگولۇقنى نابۇت قىلدى دەيمىزۇ،لېكىن جۇڭگولۇقلارغىمۇ بۇ تاراتقۇلار ئاز ،دەپ ئويلىغان ۋە«مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىي »ۋاقىتتىكى مۇستەبىتلىك تۈزۈلمە ۋە «رەقەملەشتۈرۈلگەن مەۋجۇتلۇق » يامان ،ئۇنى ئىسلاھ قىلىش كېرەك ،دەيمىزۇ،زادى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆزۈمۇ ئاشۇنداق «راقەملەشتۈرۈلگەن مەھجۇتلۇقنى »تېتىپ بېقىشقا لايىق جۇمۇ ،دەپ قارىغانىدىم .نىمىشقا جۇڭگودا«مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»يۈز بېرىدۇ ؟ بۇ ئىشتا ئۇنى قوزغىغان يولداش ماۋزۇدۇڭ ئەلۋەتتە خاتالىقى بار ،شۇنداقلا جۇڭگو پۇقرالىرى ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكىنڭمۇ تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى بار .ناۋادا مۇشۇ ئىككى ئامىلنىڭ بىرى كەم بولغان بولسا ،بۇ بىر قەپەس«مالىمانچىلىق »يۈز بەرمىگەن بولاتتى .
نۇرمۇھەممەت دۆلىتى تەرجىمىسى. شىنجاڭ ياشلىرى تەپەككۇر ئېلىندى !
باغداش تورىغىلا خاس ،رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ! |