يىڭى ئىدىيۇم(توسالغۇسىز تەپەككۇر نەتىجىسى(3)
ئۆزىنىڭ ئىسمىنى كۆتۈرەلمەيدىغان <نوچى>لار
ئەڭ يىڭى پىسخولوگيەلىك تەتقىقات نەتىجىسىدەمەلۇم بولشچە،كىشىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ھاياتىدا ئاتالغان ئىسمىدىكى ئۇقۇم مەناسىنىڭ ئۇنىڭ قانداق تۈردىكى كىشى بولۇپ ھايات كەچۈردىغانلىقىغا نوقتۇلۇق دەرجىدە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى، ئىسىم تەگلىكى (يادروسى) نىڭ كىشىنىڭ چۇڭقۇر تەپەككۇرىغا كۆرسەتكەن تەسىرى نەتىجىسىدە ھايات يۆلنىشى دۇنيا كۆز قاراشى،ۋە ئىش ھەركەتلىرىدە ئوخشاشمىغان ئىسىمداشلىرى ئارىسىدىمۇ پەرق ھاسىل قىلدىغانلىقى ، بىز ئانچە دىققەت قىلماي ئۆتكۈزىۋتىدىغان موھىم مەسىلىنىڭ بىرى بولۇپ ھىساپلىندۇ. ئەنئەنىۋى كۆز قاراش بويۇنچە ئىيتقاندا<پالانچى ئىسمى جىسمىغا لايىق كىشى>دىگەن مەزمۇندىكى شەخسنىڭ ئىسمى جىسمىغا لايىق بولۇشى ئاۋال شەخسنىڭ ئىسمىنىڭ ئۆزىگە لايىق بولۇشىدىن بۇرۇن شۇ ئىسىمىغاباشتا ئۆزى لايىق بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. چۇنكى شەخس ئىسمىدىن بۇرۇن تۇغۇلغان بولسىمۇ ئەقلىگە كەلگەن ۋاقتى ئاتالغان ئىسمى بىلەن باشلىنىدۇ. دىمەك بۇيەردە ئادەم ئىسىمنى ئەمەس،ئىسىم ئادەمنى كۆتۈرۈپ ماڭىدۇ. لىكىن ئۆزىنىڭ ئىسمىنى كۆتىرەلەيدىغانلار قانچىلىك؟
خەلقىمىزنىڭ ئۆتمۇشتىن بىرى يول قويىۋاتقان كىچىككىنە كۆرۈنگەن چوڭ خاتالىقى ئۆزىنىڭ ئىسمىنىڭ مەناسىنى بىلمەسلىك بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىۋتىپ ئىسىمدىكى تەگلىك ئۇقۇمنى چۈشۈنىكسىز بىرنەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشتۇر. ئاللاھنىڭ مۇبارەك ئىسىم سۈپەتلىرىنى ئۆزىگە ئىسىم قىلىپ قويغان بىلەن ئەسلى تەجۋىتتىكى مەنانى توغرا ئاتىماي بۇزۇپ تەلەپپۇز قىلىنىشى ساپاسىزلىقتىنمۇ بەكرەك گۇناھقا قاراپ ماڭغانلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئۇيغۇرچە ئىسىملار ئۇيغۇرچە ئۇقۇم مەناسىنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ كىشىنىڭ ئىسمى بىلەن ئۇنىڭ ئوبرازىنى شەكىللەندۈرۈبش پۈتۈنلەي مۇمكىن.
ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى قۇرغۇچىسى قۇتلۇق كۈل بىلگە قاغاننىڭ ھەقىقەتەنمۇ بىلىملىك جاسارەتلىك قۇرقۇمسىز ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭ ئۆتمۈشى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.ئۇزاق ئەجدادىمىز ساك قەبىلىسىنىڭ ھۆكۈمدارى ئالپەرتۇڭا (باتۇر ئەر ھۆكۈمدار) قاراخانىلار قۇرغۇچىسى كۈل بىلگە قادىرخان (بىلىملىك قورقۇمسىز خان) ئۆز زامانىسىدا ئۆزىنىڭ ئىسمىنىڭ ئۇقۇم مەناسىنى بىلگەن ۋە شۇ بويۇنچە نام قالدۇرغان مەشھۇر شەخسلەر ئىكەنلىكىدە شەك يوق.ھازىرمۇ ئۇيغۇرچە ە ئىسىملارنى توغرا تەلەپپۇز قىلىدۇ، ئۇيغۇرچە ئىسىمدىكى كىشىلەرنىڭ كىشىلىك خاراكتېرىنى ئىسمى بىلەن ماسلاشقانلىقىنى كۆرۋالالايسىز. ئەمما ئۇيغۇر جەمىيتىدە كۆپ سانلقنى ئىگەنلەيدىغان ئىسلامىيەتتىن كىيىنكى قوللانغان ئىسملاردىن ئاللاھنىڭ ئىسىم سۈپتىدىكى < ئابدۇلرەھىم>(رەھىم قىلغۇچىنىڭ قۇلى)نى ھابدىريىمغا،<ئابدۇلھاكىم>(ھەقىقىي ھۆكۈمدارنىڭ قۇلى)نى ھابلىكىمغا ،<ئابدۇلئەزىز>(ئەڭ ئۇلۇغ ئەزىز زاتنىڭ قۇلى)نى ئابلىزغا، پەيغەمبەرلەر ئىسمىدىن <ئىبراھىم >نى ئۇرايىمغا <مۇھەممەت>نى مەمەتكە،<فاتىمە> نى پاتەمگە، ئۆزگەرتىپ قوللۇنىشى،ئۆز ئىسمىنىڭ مەناسىنى بىلمىگەن سەۋەپلىك ئەسلى كىتابىي تەجۋىتتىكى مەنانىڭ ئۆزگۈرۈپ ئۇقۇمسىز بىر ئاتالغۇغا ئايلىنىپ قىلىشىنىڭ، باشقىلارنىڭ بىلمىگەنلىكى سەۋەپلىك ئىسىمنى ئاتاپ تۇرۇپ بىلىپ بىلمەي ھاقارەت قىلىپ سىلىشىنىڭ،بۇ ئىسىملارنى كۆتۈرۈپ يۇرگۇچىنىڭ بەزىلىرى ئۆز ئىسمىغا مۇخالىپ ھالدا دەلدەڭشىپ يۈرشىنىڭ قانچىلىك چوڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟
مەلۇم بولۇشچە شىرك ئالامىتى بولغان، ئەسلى كىتابىي مەنبەسى بولمىغان يىڭى ئىسىملار بارلىققا كەپتۇ: ئابدۇبەھرام(بەھرامنىڭ قۇلى)ئابدۇكامال(كامالنىڭ قۇلى) مەنىسى بىلىنمىگەن پارىسچە كىشى ئىسىملىرنىڭ بىشىغا <ئابدۇ>نى قوشقاندا ئاللاھقا شىرىك كەلتۇردىغان مەزمۇن چىقىپ قالىدۇ. بۇلار بىز ئادەتتە ئانچە ئىرەن قىلمايدىغان ئەمىليەتتە ھەركۈنى ھەرسائەت گۇناھ ئىچىدە ياشىتىدىغان ئاچچىق رېئاللىق. <شەكىلۋاز دىندار>لىقتىن كېلىپ چىققان ئىللەتكە ئىلىپ باردىغان ساپاسىزلىق. ھىچقانداق كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ مۇبارەك ئىسىم سۈپەتلىرىنى ئۆزگەرتىۋتىشكە ھەققى يوق ئەلۋەتتە.ئەمما بىلمەي ئۆزگەرتىپ تەلەپپۇز قىلىشمۇ گۇناھ ئىچىدە ياشاشقا يىتەرلىك سەۋەپ بولالايدۇ.چۇنكى بىلمىگەنلىك ئەيىپى ئەمەس،ئۈگەنمىگەنلىكى ئەيىپ.ئۆزىدىكى <مۇسۇلمان>ئۇنۋانىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈش، بىر مۇسۇلماننىڭ قانداق بولشى كىرەكلىكىنى ئۈگىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ.كۆپۈنچە كىشىلەردىن سورالغاندا ئۆز ئىسمىنىڭ مەناسىنى بىلمەيدۇ.مەيلى ئەرەپچە ئىسىم بولسۇن مەيلى پارىسچە ئىسىم بولسۇن مەناسىنى بىلمىگەنلىكى تولىمۇ كۈلكىلىك ھەم ئىچىنىشلىق.
ئىسىم مەناسىدىكى ئۇقۇمنى بىلىدىغان،باشقىلارغىمۇ توغرا تەلەپپۇز قىلىپ چۈشەندۈرەلەيدىغان كىشىلەر، بىلمەيدىغان كىشىلەردىن پەرقلىق بولۇدۇ. ئۆز ئىسمىنىڭ مەناسىدىكى ئوبرازى ئۆزىنىڭ كىشىلىك خاراكتىرىدە نامايان بولۇدۇ.بۇ، ئىسىمنىڭ ئىنسان ھاياتىدا زور دەرجىدە رول ئوينايدىغان موھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۆزگەرتىلگەن مۇبارەك ئىسىم سۇپەتنى بۇزۇپ قوللانغاندىن كۆرە كىشىلەر ھاقارەتلىسىمۇ گۇناھ بولمىغىدەك ئۇيغۇرچە ئىسىم قوللانغان تۈزۈك.
مۇبارەك ئىسىمنى قويۇپ،ئۆزىنىڭ ئىسمىنىمۇ كۆتىرەلمەي ئويۇن مەئىشەتتە،قىمار چىكىملىكتە،گۇناھ ئازغۇنلۇقتا،يالغان سۈخەندە،ئىسىمغا تىل ھاقارەتتە بىپەرۋالىقتا،ياشىشى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلىشىنى ياكى باشقىلارغا زۇلۇم قىلىشىنى، زۇلۇمغا ئۇچىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ.
<ئەسىر بىلەن قەسەمكى، سىلەر (ئىنسانلار) گۇمراھلىق ئىچىدە سىلەر> ئەسىر سۈرىسى.
ئىدىيۇم:
يا ئىسىمغا لايىق ئادەم بولۇڭ.
ياكى ئۆزڭىزگە لايىق ئىسىم قويۇڭ.
يا مۇبارەك ئىسىمدا مەۋجۇت بولۇڭ
ياكى بۇزىۋەتمەي يوقۇلۇڭ.
|