قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1311|ئىنكاس: 15

ئوغلانى : ساما سەكرىيەلمەيدىغان چىۋىن (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

23

تېما

15

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17880
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى: 241
تۆھپە : 3228
توردىكى ۋاقتى: 723
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-31 10:34:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ساما سەكرىيەلمەيدىغان چىۋىن
(ھېكايە)
مەمەتتۇرسۇن ئابدىريىم ئوغلانى


        دۆڭكۆرۈكنىڭ ئاۋات كوچىللىرى ئىدى ، بۇ كوچىنىڭ ئۇ قېتىدىن بۇ قېتىغىچە قايناق بولۇپ كەتكەچكە ،كىشى يانتۇ بولمىسا بەزى دۇكانلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتەلمەيتتى . مۇشۇنداق ئاۋات كوچىدا مەن ئاچ قېلىۋاتاتتىم ، بايا ئانام مېنى يولغا سالغاندا :« ئاشخانىدا تاماق يىمە ، گۆشكە ئىشەنگىنى بولمايدۇ ،توخۇ يىمە  ،توخۇ گۆشى گۇمانلىق ، پولۇ يىمە ، يېغى ئادەمنى راك قىلىدۇ ... » دىگەن سۆزلەر بىلەن «تەربىيە » قىلىپ يولغا سالغان ئىدى . مەن قانداق قىلىمەن ؟ ئانامنىڭ تامىقىنى دولامغا يۈدۈپ يۈرۈپ خىزمەت ئىزدىگىنى بولمايدۇ -دە . ئىچىم سىقىلدى ، پۇت -قولۇم مىنى تىللىغاندك : «خوپ بولدىمۇ ؟ ئۆيگە كەتمەي بازار چۆگىلەپ بىزنى ھاردۇرغاندىكىن ئاچ قېلىپ ئۆل» دىگەندەك قىلىۋاتاتتى . باشلىرىم بەكمۇ ئېغىر ، بىر نەچچە باش ئۈنۈپ چىقمىغاندۇ ؟ دەپ تۇتۇپ باقتىم ، بىر بېشىم باركەن . بۇرۇنلىرىمغا مىزلىك تاماقلارنىڭ ھىدى كىرىپ بېشىمنى قايدۇراتتى ، لېكىن پۇت قولۇم مىنى توساتتى . يولنىڭ بىر ئادەم ئاز يېرىنى تېپىپ ئولتۇرىۋالدىم .
   ــ ھەي لاۋزا ، سېنىڭ قانچىلىك كۈچۈڭ بار ؟ بۇ بولكىنى  ئۆزەم يەيمەن ،كۆزۈمگە سەت كۆرۈمەي نېرى ئولتۇرە ماڭ .
  چۆچۈپ كەتتىم ،« كىمدۇ ؟ » دىگەن گۇمان بىلەن ئەتراپقا قارىدىم ، ھەممىسى ئۆز ئىشى بىلەن . مۇشۇ كۈنلەردە ئاۋات كوچىدا ، كۈپكۈندۈزدە جىن كۆرۈش سەل قىززىق ئىشتەك تۇيۇلدى .
ــ ئىششىڭنى قىلە ، بۇنى مەن يەيمەن دېدىم مەن يەيمەن ، يوقال كۆزەمدىن ،ھېلى بىكار جېنىڭنى ئالىمەن .
  «توۋا» دېدىم ئىچىمدە ، ئەتراپنى كۈزىتىپ ئاخىرى بىر كىچىك بولكا پارچسىنىڭ ئۈستىدىكى ئىككى چىۋىننى كۆرۈپ قالدىم ، مەن قاراپ چۆچۈپ كەتتىم . كىنو كۆرمىگەندىمەن ؟
ئۆزۈمنى چىمدىسام چۈشۈم ئەمەسكەن  ،
ــ سىلەر گەپ قىلىۋاتامسىلەر ؟ ــ سورىدىم چىۋىنلەردىن .
چىۋىنلەر ئۇچۇپ كەتتى ، لېكىن  يەنە ئۇچۇپ كۆزۈمنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ ئىككىسى ماڭا قاراشتى .
ــ سەن كىم ؟ ــ سورىدى بىر چىۋىن .
ــ مىنىڭ ئسمىم ئادەم .
ــ ۋاي بىلدۇق ،سېنى ئىشەك دىمىدۇق ، بىز ئەجدادلار تارتىپ  ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا ياشىغىلى نۇرغۇن يىللار بولدى ، دۆت .
ــ ۋوي ئاناڭنى ...(ئەدەبسىز سۆزلەر قىسقارتىلدى) ، ئېغزىڭنى يۇمە ، سەن دىگەن مىنىڭ ئوغلۇم ، قىسىپ جىم تۇر  ؟ ــ دەپ ئاچچىقلىدى يەنە بىر چىۋىن .
ــ ساراڭ بىرنىمىكەنسەن ، ھۇ ئەقىلسىز  ئاناڭنى .... (ئېغىزنى بۇزۇشقا باشلىدى )
ئۇلار قاراپ تۇرسام شۇنچىلىك سەت گەپلەر بىلەن تىللىشىشقا باشلىدى .
  ــ بەس ،ــ دېدىم مەن سەل ئاچچىقىم كېلىپ .
  ــ بۈگۈن ئەجەپ غەلىتە ئىش بولدى ، بىر ئادەم بىزنىڭ گېپىمىزنى چۈشىنىپتۇ . ــ دېدى كىچىك چىۋىن ھەيرانلىق بىلەن .
ــ توغرا ، مەنمۇ ھەيران قالدىم .
ــ سىلەر بۇ يەردە ياشىغىلى نەچچە يىل بولدى ؟ ـ سورىدىم ئۇنىڭدىن .
ــ ھەي دۆت ، بىز يىللاپ ياشىمايمىز ، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 100كۈن ياشايمىز ، كاللاڭ يوغان بولغان بىلەن ئەقلىڭ يوق نىمىكەنسەن . ــ دېدى چوڭ چىۋىن .
  ئاچچىقىم يۈز گەز ئۆرلىدى ، پېشىمنى قېقىپ كىتەي دېدىم -يۇ، بۇ پۇرسەتتە ئارام ئالغاچ  چىۋىنلەر بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشاي دىگەن مەقسەتتە ئۆزۈمنى زورىغا بېسىپ قىزارغان ھالدا جىم تۇردۇم .
ــ سىلەر يەنە نىمىلەرنى بىلىسىلەر ؟ ــ دېدىم قىزىقىپ .
ــ ئاتا بوۋىمىزدىن بۇ يۇرتتا بولغاچ  تۇرمۇشنى خۇشال ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن  بۇ يەردىكى خەلقتىن ئەنئەنىۋى نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگەنگەنمىز ، مۇقام توۋلاش ، راۋاپ ،داپنىڭ ئاۋازىنى چىقىرىش ، قۇربان ھېيتلىق كاتتا تاماقلارنى يىيىش ... قاتارلىق .  
ــ نىمە ؟ سىلەرمۇ تاماق ئىتەمسىلەر ؟ ــ سورىدىم سۆزىنى بۆلۈپ  .
ــ ياق ، سىلەر يىگەن تاماقنى تۆككەن يەردىن يەيمىز ، يەنە....
ــ ھاجەتخانىدا جىق ، ــ دىدى كىچىك چىۋىن  ھاياجانلىنىپ.  
   كۆڭلۈم ئېلىشىپ بىزنى تۈكۈرۋەتتىم ،
ــ بىزنىڭ چالغۇمىزدىن بۆلەك يەنە نىمىنى بىلسىلەر ؟ ــ دېدىم تېخىمۇ قىزىقىپ .
ــ ساما ، ئۇسۇل ، ئىشقىلىپ ئۇيغۇرلار قىلىپ كەلگەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگەنگنمىز ، بىزنى بىكار يۈرىدۇ دىمە ، بىز بۇرۇندىن چىۋىنلەرنىڭ مەشرىپىنىمۇ ئۆتكۈزۈپ خۇشال ئۆتكەنمىز . ــ دېدى چوڭ چىۋىن .
ــ ھە ؟؟؟ ــ مەن تېخىمۇ ھەيران قالدىم.
  كىممۇ ئىشىنەر بۇنىڭغا ، چىۋىن مەشرەپ ئۆتكۈزۈپتىكەن دىسە خەقلەر ئېغزىنى قويۇپ كەينىدە كۈلەر .
ــ مەشرەپ ؟  ساما ؟ ــ سورىدى كىچىك چىۋىن .
ــ توغرا ، ــ گەپ باشلىدى چوڭ چىۋىن ، ــ بۇرۇندىن بىزمۇ ئەدەبلىك چىۋىنلەر ئىدۇق ، سەت گەپلەر بىلەنمۇ تىللاشمايتتۇق ، تاماقنى يەپ كۈنىمىزنى خۇشال ئۆتكۈزەتتۇق ، كۈنلەر ئۆتكەنسىرى نۇرۇغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئادەتتە سەت گەپ بىلەن تىللاشقىنىنى ئاڭلىدۇق ، بىزمۇ ئۇنى ئۈگەندۇق ، ھازىر ئۇيغۇرلار بېقىۋاتقان ھايۋانلاردىن  تارتىپ سەت گەپلەر بىلەن تىللىشىدۇ ، لېكىن ئۇلار بۇنى چۈشەنمەيدۇ ، يەنە مۇشۇنداق كىتىۋەرسە ئۇلارمۇ بىركۈنى چوڭ چىۋىن بولىدۇ جۇمۇ  ــ دېدى  چوڭ چىۋىن  ۋىژىلداپ كۈلۈپ  .
ــ بۇنى بىلىمەن ، ــ دېدىم مەن .
ــ سۇ !!!! ــ ۋارقىرىدى چوڭ چىۋىن .
مەن  بىر قۇتا ساپ سۇ سېتىۋېلىپ ئۇنىڭغا تۆكۈپ بەردىم . ئۇ سۇنى ئىچىپ چوڭقۇر نەپەس ئالغاندىن كېيىن يەنە سۆزلەشكە باشلىدى .

  ـــ بىزنىڭ بۇرۇنقى ئەجدادىمىزدىن ئىسىل كىشىلەرنى دورايتتۇق ، لېكىن ئاڭلىشىمچە ، يېقىنقى دەۋىرلەردىن بۇزۇلۇش كۆپ بولۇپ ، مەشرەپلەر تۈگەپتۇ ، ساما سېلىشنى ، ئۇسۇل ئويناشنى نۇمۇس دەپ بىلىدىغان ئىشلار كۆپىيىپتۇ ،مەخسۇس ئۇسۇل ئوينايدىغان سەنئەتچىلەردىن بۆلەكلەر بۇنى ئاستا-ئاستا ئۇنتۇپتۇ . شۇنىڭ بىلەن بىزگىمۇ ئەجدادلىرىمىز ئۈگەتمەپتۇ ، سامانىڭ ، ئۇسۇلنىڭ  ئىگىسى نۇمۇس قىلىۋاتقان ،باللىرىغا  نۇمۇستىن ئۈگەتمەيۋاتقان يەردە  ،بىز چىۋىنلەر يەنە ساما سېلىپ نىمە قىلىمىز ؟ ساراڭ ئەمەس بىز . بىز پەقەت مومىلىرىمىز دىگەن چۆچەكلەردىن مۇشۇنداق ئاڭلىغان ئىدۇق. ئەلۋەتتە ، بىزمۇ چەتئەلنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئويناپ كۆڭۈل ئاچىمىز شۇ . يەنە نۇرغۇن نەرسىلەردىن نۇمۇس قىلىمىش ، دوپپا ، كىيىم ... دىگەندەك ، بىلمىدىم ، بۇ  ساراڭ كىشىلەر نۇمۇس قىلىپ نەگە باراركىن ! نۇمۇس قىلىپ ئۆزىنى ئۇنتۇغاندا ، چىۋىنلەر كۈلۈپ « ئادەم چىۋىن » لەرنى زاڭلىق قىلىپ  كوچىنى بىر ئالىمىز تازا .
ــ توختا ، بىزمۇ ناخشا ئۇسۇل بىلەن بىر ئۆمۈرنى ئويناپ ئۆتكۈزسەك بولمايدۇ -دە . ـ دېدىم تىزلىكتە .
ــ ھەي دۆت !!! مەن شۇنداق دېدىممۇ ؟  خىزمەتتىن چارچىساڭ ، قېرىغاندا ھەركەت قىلماقچى بولساڭ ،ئىشتىن چارچىساڭ روھى ئوزۇق لازىم بولار ؟ !بۇنىڭغا باشقا يەردىن ئېلىپ كەلمەي ئۆزۈڭدە بار سەنئەتتىن ھوزۇرلانساڭ بولىدۇغۇ ؟ بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىزمۇ بىركۈن ئۇچۇپ ھارغاندا ھاردۇقىنى شۇنداق چىقىرىدىكەنتۇق .

  ــ ھەجەپ كۆپ نەرسىنى بىلىدىكەنسەن ؟؟؟ ــ دېدىم ھەيرانلىقتا .
ــ مەن كۆپ ئىشنى كۆردۈم ، مىنى چىۋىن سەپ كۆزگە ئىلمىغىنىڭ بىلەن ، نۇرغۇن  ئىشنى بىلىمەن .
  ئۇ شۇ گەپلەرنى دەپ بولۇپ يەنە سۇ ئىچىشكە يەرگە چۈشىتى .
    يەنە پاراڭلىشاي دىدىم - يۇ ، ئارتۇق گەپ قىلغۇم كەلمىدى ، يەنە نىمە دەي ؟ ئۇلارغا كىچىككىنە بولكا ئەكىلىپ بېرىپ ، خوشلاشتىم .ئۇدۇل بىر ئاشخانىغا كىردىم -دە ، «لەغمەن !» دېدىم .
     « گۇمان كۆڭۈلنى تىنىچ قويمايدۇ ،شۇ ئاشپەزلەرمۇ مۇسۇلمان بولغاندىكىن ئالدىسا ئۆزىنى ئالدايدۇ ، گۇماننىڭ ئورنىغا ئىشەنچنى قوياي ، ئىشەنمەسلىك ھامان ياتچىلىقنى ، ياتچىلىق يەنە نۇرغۇن ئالدامچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، ئۇنىڭدىن بىر -بىرىمىزگە ئشەنگەن تۈزۈك ئەمەسمۇ . » دىگەنلەرنى ئويلاپ كۆڭلۈمنى قايىل قىلدىم .
   كۆڭلۈمدە ھېلىقى ساما سەكرىيەلمەيدىغان چىۋىننى ئويلاۋاتاتتىم ، يەنە نەچچىمىز  ساما سەكرەش قاتارلىق ئۆز ئەنئەنىمىزدە  شۇ چىۋىندىن پەرقىمىز باردۇر ؟
  بىلمەيمەن .....

2014-05-31
تىيەنجىن



باغداشتا تېما ئاز بولسا بولسۇن، ساز  بولسۇن ، خەلق رازى بولسۇن !

1

تېما

2

دوست

1455

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   45.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21391
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 442
توردىكى ۋاقتى: 77
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-31 11:26:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىشىم ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ . ئۇمۇدۇم بۇ تىمىنى ئوقۇغان ھەر بىر كىشىگە
مەنپەتى بولسىكەن
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

583

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   16.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27905
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 186
توردىكى ۋاقتى: 44
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-31 11:46:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     بەلكىم ئاشۇ چېۋىنلەر ئاتا - بوۋىلىردىن ئۈگەنگىنىنى ئۇنتىماي ئەستە چېڭ ساقلاپ ، ئەۋلاتلىرىغا ، تېخىمۇ ئاددىلاشتۇرۇپ ، سىڭدۈرۈپ ، ماڭغان بولسا ، ئۆزلىرى بىلەن ئاسمان - زېمىن پەرىقلىندىغان ئادەملەردىن شەپقەت كۈتمەي ئەجىرسىز كەلگە تەييار تاماققا كۆنمەي ، ئۆز ئالدىغا تەكەپپۇر قىلىپ ، تىرىشقان ، تەييارتاپ بولۇپ كەتمىگەن بولسا ، ئادەملەردىنمۇ رەنجىمىگەن ھەم ئۆز قەۋىم - قېرىنداشلىرى بىلەن ئۇنداق تېللىشىپ ، تالىشىپ ھازىرقىدەك پەس كويغا ، چۆشۈپ قالمىغان بولاتتى .
      

0

تېما

0

دوست

6411

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   28.22%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8426
يازما سانى: 318
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 741
تۆھپە : 1500
توردىكى ۋاقتى: 322
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-31 13:36:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە كىشى ئوخشاش بولمىسا كىرەك بىزنىڭ ئۆيىمىزدە  ھىچكىم ئۇسۇل ساما ئويناشنى بىلمەيمىز ..لىكىن مەن بۇنىڭدىن نۇمۇس قىلمايمەن پەخىرلىنىمەن ...

2

تېما

12

دوست

4268

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   75.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25041
يازما سانى: 337
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1294
توردىكى ۋاقتى: 325
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-31 14:44:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ .

12

تېما

1

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   3.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2680
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2025
تۆھپە : 2143
توردىكى ۋاقتى: 473
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-31 15:35:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بىز ئىگەللەيدىغان ھۈنەرلەر شۇنچە كۆپ تۇرۇپتۇ ، مېنىڭچە ئاۋال ئۆزىمىزدە كام بىلىملەرنى ۋە ھۈنەرلەرنى تىرىشىپ ئۆگەنسەك ، ئۇنىڭغىچە ساما سېلىش ۋە ناخشا ئېيتىشلار باشقا يەرلەرگە قېچىپ كەتمەس دەيمەن .

0

تېما

36

دوست

2910

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24884
يازما سانى: 328
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -5
تۆھپە : 844
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-31 17:03:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشەنىچ ئەڭ موھىم بىر -بىرسىمىزگە ئىشەنمەي ھەر جەھەتتە گۇمانلىنىپ،  خۇدۇكسىرەپ يۇرۇىۋەرسەك، ئىتتىپاقلىق،  ئۇيغۇرلۇق ئىغىزدىكى قۇرۇق شۇئارغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
ياخشى ھىكايىكەن رەھمەت سىزگە.
8#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )